پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

19- 20- ئەسىر ئەنگلىيە ئەدەبىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر قايسىلار؟

 

 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر قايسىلار؟

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

جورجى ئىللىيوت ئىجادىيەتتە رېئالىزملىق پروزىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان يازغۇچى. ئۇنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشى چىنلىق بىلەن قايتا نامايان قىلىنغان، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى ئائىلە تۇرمۇشى ۋە نىكاھ مەسىلىلىرى قاتتىق سۆكۈلگەن. «مىددىلمارچ» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.

جورج مېرېدىس ئەنگلىيەنىڭ يەنە بىر مەشھۇر يازغۇچىسى. «شەخسىيەتچى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ «رىچارد فوۋليېرنىڭ كۈلپىتى»، «كىشىنى چۆچۈتىدىغان نىكاھ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ ئەسەرلىرىدە پېرسۇناژلار پىسىخىك تەسۋىرىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋەقەلىك قوغلاشمايدۇ.

توماس خاردى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئەنگلىيەنىڭ مەشھۇر تەنقىدىي رېئالىزملىق يازغۇچىسى. «ۋېسسكس رومانلىرى» («ۋېسسكس رومانلىرى» خاردىنىڭ بىر يۈرۈش رومانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، جەمئىي 14 پارچە روماننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋېسسكس ـــ خاردىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ نامى، ئۇ يۇرتى ۋېسسكسنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئاشۇ بىر يۈرۈش رومانلىرىنى بىر گەۋدىگە ئىگە قىلغان) ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسىرىدۇر. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تېسسى خانقىز»، «نامسىز جۇدى»، «شەھەر باشلىقى كاستېر» قاتارلىقلار بار.

جورج بېرنارد شاۋمۇ ئەنگلىيەنىڭ مۇشۇ دەۋردە ياشىغان تەنقىدىي رېئالىزملىق دىرامماتورگى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئەنگلىيە دىرامماچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ۋاررېن خانىمنىڭ كەسپى»، «پولكوۋنىك باربارا»، «مۇقەددەس قىز جېننى» ۋە «ئالما پەيتۇنى» قاتارلىقلار بار.

جون گالسۋورسى ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئالمىشىش مەزگىلىدىكى مەشھۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئىككى تىرىلوگىيىسى بار. بىرى، «ئېسىلزادىلەر جەمەتى فورسيت» ناملىق تىرىلوگىيەسى بولۇپ، «مۈلۈكدار»، «يولۋاسقا مىنىۋېلىش»، «ئىجارە بېرىش» قاتارلىق ئۈچ پارچە رومانىدىن تەركىپ تاپقان. يەنە بىرى، «ھازىرقى زامان كومېدىيەسى» ناملىق تىرىلوگىيەسى بولۇپ، «ئاق مايمۇن»، «ئاچقۇچ»، «ئاققۇ كۈيى» دېگەن ئۈچ پارچە روماندىن تەركىپ تاپقان. بۇ رومانلاردا بىر جەمەتنىڭ تارىخى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، 19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە بولغان بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

بۇ مەزگىلدە يەنە ئەنگلىيە ئەدەبىياتىدا «چۈشكۈنلۈك ئەدەبىياتى» شېئىرىيىتىدە ۋەكىللىك يازغۇچىلاردىن رۇسكىن، روستتى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئىچىدە روستتىنىڭ «ھاياتلىق ئائىلىسى» ناملىق ئەسىرى ئۇنى ئەنگلىيە چۈشكۈنلۈك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىللىرىگە ئايلاندۇرغان.

ئەنگلىيە پروزىچىلىقىدىكى «يېڭى رومانتىزم» خاھىشى سىتۋېنسون ئىجادىيىتىنى بەلگە قىلغان. ئۇنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرىدە تەۋەككۇلچىلىك، ۋەھىمىلىك ۋەقەلىك ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. «گۆھەر ئارال» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.

ئوسكار ۋىلدى ئەنگلىيە ئىستېتىزمىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى. ئۇ 20 يىللىق ئىجادىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە شېئىر بىلەن بالىلار چۆچىكى يېزىشنى ئاساس قىلغان. كېيىن «دورىيان گرېينىڭ پورتىرىتى»، «ۋىندىمىر خانىمنىڭ يەلپۈگۈچى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ – 19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى ئىستېتىكا ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، شۇنداقلا 90- يىللاردىكى چۈشكۈنلۈك ئېقىمى ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى.

چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11206

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-15
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: چەتئەل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: