پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئەزىز نەسىن:ئاھ بىز ئىشەكلەر

ئەزىز نەسىن 1958-يىلى يازغان ”ئاھ، بىز ئېشەكلەر“ ناملىق بۇ ھېكايىسىدە، ئۆتكۈر ھەجۋىي تىلى بىلەن تۈرك ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ”قېرى ئېشەك“ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ. كىرزىس تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئۆلگەن، كۆز ئالدىدىكى خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىمۇ ئويلىمايدىغان، ئۆزىنىڭ پۈتۈن تۇيغۇلىرىغا ئىشەنمەيلا قالماستىن، بارلىق كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىغا ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىپ يۈرگەن، ۋە پۈتۈن مۇشۇ خىل خاراكتېرى بىلەن ئادەمگە AQ نى ئەسلىتىدىغان بۇ ”قېرى ئېشەك“ ئوبرازى، بىر مەزگىل تۈركىيە جەمئىيتىدە (بولۇپمۇ ئەسەر يېزىلغان 1958-يىللىرى، تۈركىينىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چاغلار بولغان.) غۇلغۇلا قوزغىغان

ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ئەسەر بىر ئېشەكنىڭ تىلىدىن يېزىلغان بولۇپ، بىر زامانلاردا ئېشەكلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم تىللىرى بار بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ شۇ تىلىدا ئاجايىب گۈزەل ناخشىلارنى ئېيتقانلىقى، كېيىنچە بولسا ھاڭراشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى… نى بايان قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ئېشەك مىللىتىنىڭ سۆزلىيەلمەس بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ قورقۇنچ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قاتتىق قورقۇنچتىن تىلى تۇتۇلۇپ قالغان، ۋە بۇ تىلى تۇتۇلۇشنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ، ئېشەكلەرنىڭ سۆزلىيەلمەس بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان بىر ”قېرى ئېشەك“ نىڭ بۆرە بىلەن بولغان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

ھېكايىدە، بىزنىڭ ”قېرى ئېشەك“ىمىز ئوتلاقتا ئوتلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بۆرىنىڭ ھىدىنى پۇرايدۇ، ئەمما بۇ ھىدنىڭ بۆرىنىڭ ئەمەسلىكىگە ئۆزىنى ئىشىنىشكە زورلايدۇ؛ ئارقىدىن ھىد كۈچىيىدۇ، يەنە باھانە تېپىپ، ئۇنىڭ بۆرە ئەمەس، باشقا بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئۆزىنى ئىشەندۈرىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلىپ، بۆرىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەندە، بۆرىنىڭ ئاۋازلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغاندا، ئۆزىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بۆرە بىلەن ئارىلىقى نەچچە يۈز قەدەم قالغاندا، ھەتتا بۆرە يېنىغىلا كېلىپ قالغاندىمۇ، ئۇ ھەرخىل باھانىلەرنى تېپىپ چىقىپ ئۆزىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالدايدۇ: ”بۇ يەرلەردە بۆرە نېمە ئىش قىلسۇن؟“ دەيدۇ، تۇرۇپلا يەنە ”بۆرىنىڭ باشقا ئىشى يوقتەك، مەن بىلەن ئاۋارە بولامتى…“ دەپمۇ باقىدۇ، ئارقىدىنلا ”شۇنچە چوڭ دالادا بۆرە يالغۇز ماڭا ئۇچرامتى…“ دەپ ئۆزىنى ئالدايدۇ؛ئاقىۋەت، بۆرە كېلىپ چىشلىگەندە بولسا ئۇ يەنىلا ”بۈگۈن ھەممە نەرسە كۆزۈمگە بۆرە كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇغۇ“، ”بۇ بۆرە ئەمەس، بەلكى پىل، ياكى باشقا نەرسە، ۋە ياكى ھېچنېمە ئەمەس…“ دەيدۇ، كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ؛ بۆرە كېلىپ ئۆزىنى ھوزۇرلىنىپ يەۋاتقاندىمۇ ئۇ يەنىلا ”ئاھ، خۇدا، ئۇ ئەگەر بۆرە بولغان تەقدىردىمۇ بۆرە بولمىسۇن، نېمە بولىدۇ…“ دەپ يىغلايدۇ… ئەڭ ئاخىرى ئۆلىدۇ، ئەمما ئۆلۈۋېتىپ، ئېشەك مىللىتى ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ھاڭرىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئېشەكلەر گەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ، ھاڭرايدىغان بولۇپ كېتىدۇ…. ئەسەر مانا مۇشۇنداق تراگېدىيلىك بىر ھالەتتە ئاياقلىشىدۇ

ئاھ، بىز ئېشەكلەر. ئاھ، بىز ئېشەكلەر

kimseھېچكىم تەرجىمىسى

بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن سىلەر ئىنسانلارغا ئوخشاش سۆزلىيەلەيدىكەنمىز. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس بىر تىلىمىز باركەن. تىلىمىز مۇزىكىدەك گۈزەل، يېقىملىق، تاتلىق تىلكەن. شۇنچىلىك گۈزەل ناخشىلارنى ئېيتقانىكەنمىزكى… ئەلۋەتتە، بىز ئېشەك بولغىنىمىز ئۈچۈن سىلەر ئىنسانلاردەك ئەمەس، ئېشەكچە سۆزلەيدىكەنمىز. ئېشەكچە يۇمشاق، يەڭگىل، تاتلىق، باي بىر تىلكەن.

بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھاڭرىمايدىكەنمىز، ھاڭراش كېيىنكى مەزگىللەردە پەيدا بولغانىكەن.

ھازىر، بىلىسىلەر، پۈتۈن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى، بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى، مۇھەببەت-نەپرىتىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ۋە سىلەر ئىنسان خوجىلىرىمىزغا ھاڭراپ ئىپادىلەۋاتىمىز. ھاڭراش دېگەن نېمە؟ ھاڭراش دېگىنىمىز «ھاڭ-ھىھاڭ، ھاڭ…، ھى….»، مۇشۇ بىرى ئۇزۇن، بىرى قىسقا ئىككىلا تاۋۇش چىقىرىپ، كەينى-كەينىدىن توۋلاشتۇر… بىزنىڭ ھېلىقى باي تىلىمىزدىن ھازىر قىسقىراپ قىسقىراپ ئاخىرى مۇشۇ ئىككى ھەرپلىك يالغۇز بىرلا سۆز قالدى. بىر بەندە پۈتۈن تۇيغۇلىرىنى بىرلا سۆز بىلەن قانداق ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن!…

قانداق قىلىپ ھېلىقى باي تىل – ئېشەكچە تۈگەشكەن، ئۆلۈك بىر تىلغا ئايلىنىپ، بىز ھاڭرايدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇنى بىلگۈڭىز يوقمۇ؟ قىزىقسىڭىز سۆزلەپ بېرەي. قىسقىسى، بىزنىڭ تىلىمىز تۇتۇلۇپ قاپتۇ: قورقۇنچلۇق بىر ۋەقەدە كاللىمىزدىن كېتىپ، تىلىمىز تۇتۇلۇپ، ئېشەكچىنى تامامەن ئۇنتۇپتۇق. شۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پەقەت ھېلىقى ئىككى تاۋۇش بىلەن پۈتۈن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولۇپ كېلىۋېتىپتىمىز.

بۇ، بۇندىن ناھايتى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش.

شۇ ۋاقىتلاردا بىر قېرى ئېشەك بولغانىكەن. بىر كۈنى، ئۇ قېرى ئېشەك يالغۇز دالىدا ئوتلاشقا چىقىپتۇ. ئوتلاۋېتىپ، ئېشەكچە گۈزەل ناخشىلارنى ئوقۇپتۇ… تۇيۇقسىز بىر ھىد كەپتۇ بۇرنىغا، ئەمما ياخشى بىر ھىد ئەمەسمىش، بۆرىنىڭ ھىدى…

قېرى ئېشەك، بېشىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، چوڭقۇر-چوقۇر نەپەس ئېلىپ ھاۋانى پۇراپتۇ. ھاۋادىن، گۈپۈلدەپ بۆرە ھىدى كېلىۋاتقۇدەك.

قېرى ئېشەك:
– ياق، بۆرە ئەمەس بۇ… دەپ قويۇپ ئوتلاۋېرىپتۇ.

بۆرە ھىدى بارغانسېرى كۈچىيىپتۇ. دېمەك، بۆرە يېقىنلاۋاتىدۇ. بۆرە يېقىن دېگەنلىك، ئۆلۈم يېقىن دېگەنلىك…

قېرى ئېشەك:
– بۆرە ئەمەس، بۆرە ئەمەس… دەپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپتۇ.

ئەمما بۆرىنىڭ ھىدى دەھشەت كۈچىيىپتۇ. ئېشەك، بىر تەرەپتىن قورققاچ، بىر تەرەپتىن ئۇ يەرلىك ئەمەستەك ئۆز-ئۆزىگە:
– ئىنشائاللاھ بۆرە ئەمەستۇر. بۆرە بۇيەرگە قانداق كېلەلىسۇن، مېنى قانداق تاپالىسۇن؟… دەپتۇ.

مۇشۇنداق دەپ كۆڭلىنى ياساپ تۇرسا، ئەمدى ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. ياخشى ئاۋازلار ئەمەسمىش يەنە، بۆرىنىڭ ئاۋازى…
قېرى ئېشەك ئۇزۇن قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشاپتۇ: ئېنىقلا بۆرىنىڭ ئاۋازى!…
كۆڭلىدە بۆرىنىڭ كېلىشىگە رازى بولمىغاندەك:
– ياق، ياق… بۇ بۆرىنىڭ ئاۋازى ئەمەس، ماڭا شۇنداق ئاڭلىنىپ قالغان گەپ… دەپ ئوتلاۋېرىپتۇ يەنە. ئەمما ئاۋازمۇ يېقىنلاۋەرگۈدەك. ئېشەك يەنە ئۈمىدلىنىپتۇ:
– بۆرە ئەمەس. ياق، بۇ ئاۋاز بۆرىنىڭ ئاۋازى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!

ئۇ ۋەھىمىلىك ئاۋاز پۈتۈنلەي يېقىنلىشىپتۇ. ئېشەك يەنە ئۆز-ئۆزىگە دەپتۇ:
– مۇمكىن ئەمەس… بۆرە بولمىسۇن ئىلاھىم… بۆرىنىڭ باشقا ئىشى يوقمىكەن بۇ يەرگە كېلىپ…

كۆڭلىدە قورقۇپ تۇرغاچقا، كۆزى ھەر تەرەپتىكەن ئېشەك بىچارىنىڭ. ئاخىرى قورققان ئىشى بېشىغا كەپتۇ: ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ چوققىسىدا تۇمان ئارىسىدا بىر بۆرە…

– ئاھا، – دەپتۇ ئېشەك، – مەن كۆرگەن بۇ نەرسە بۆرە ئەمەس، باشقا بىر نەرسە.
بېشىنى دەرھاللا ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا ئاپتۇ.

– ماڭا شۇنداق كۆرۈندى بەلكىم، خىيال بۇ. توغرا، توغرا، خىيالىم بۇ…

بىر ئاز ئۆتۈپلا، ئۆزىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بۆرىنى كۆرۈپ قورقۇنچى ئېشىپتۇ. ئەمما بۆرىنىڭ كېلىشىنى قەتئىي خالىمىغانلىقتىن، يەنە ئۆزىنى ئالداشقا باشلاپتۇ:
– بۆرە ئەمەس، ئىنشائاللاھ ئەمەس. بۆرىگە باشقا يەر يوقتەك بۇ يەرگە كېلىپ يۈرەمتى؟ كۆزۈم بۇ يېقىندىن ياخشى كۆرمەيۋاتىدۇچۇ شۇڭا…دەرەخلەرنىڭ سايىسىنى بۆرە دەپ قېلىۋاتىمەن…

بۆرە يېقىنلاپ قاپتۇ. ئارىسىدا ئېشەك قەدىمىدە ئۈچ-تۆت يۈز قەدەملا قاپتۇ.

قېرى ئېشەك:
– ۋاي خۇدايىم! بۇ كېلىۋاتقان راستلا بۆرىمىدۇ يا؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس، بۆرە بولماسلىقى كېرەك. ئاھ… ياق، ياق، بۆرە ئەمەس… دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.

بۆرە بىلەن ئارىلىقى 50 قەدەم قاپتۇ. ئېشەك يەنە كۆڭلىنى ياساپتۇ:
– ئۇدۇلۇمدا كۆرۈنگەن ئاۋۇ ھايۋان، خۇدايىم بۇيرۇسا بۆرە ئەمەس. توغرىدە، نېمىشقا بۆرە بولسۇن؟… بەلكى تۆگىدۇ، ياكى پىلدۇ، ياكى باشقا بىر نەرسىدۇ… بەلكىم ھېچنېمە ئەمەستۇ. مەنمۇزە، ھەممە نەرسە بۆرە كۆرۈنىدىغان بولۇپ قاپتۇ كۆزۈمگە.

بۆرە جان-جەھلى بىلەن ئېتىلىپ-ئېتىلىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئارىلىق بىر نەچچە قەدەملا قالغاندا، قېرى ئېشەك:
– بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، بۇ كېلىۋاتقان بۆرە ئەمەس، شۇنداق، بۆرە ئەمەس، ئەمما مەن بۇ يەردىن ئازراق يىراقلاشسام زىيىنى يوق… دەپتۇ. مېڭىشقا باشلاپتۇ. بېشىنى بۇراپ قارىسا، بۆرە شۆلگىيىنى ئېقىتىپ، توپتوغرا ئۆزىگە ئېتىلىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئېشەك بىچارە يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ:
– ئۇلۇغ تەڭرىم، بۇ كېلىۋاتقان نەرسە بۆرە بولغان تەقدىردىمۇ بۆرە بولمىسۇن… بۆرە ئەمەس بۇ، قەتئىي بۆرە ئەمەس، مەن بىكارلا قورقۇۋاتىمەن…

شۇنداق دېگەچ قەدەملىرىنى تېزلىتىپتۇ، كەينىدىنلا كېلىۋاتقان بۆرىنى كۆرۈپ ئاخىرى يۈگۈرۈپتۇ. بۆرىمۇ تاپ بېسىپلا كېلىۋاتقۇدەك. قېرى ئېشەك:
– ھەي، مەن نېمانداق ئەخمەق، -دەپتۇ. – ياۋا مۈشۈكنى بۆرە دەپ قېچىۋاتىمەنا… ياق، بۆرە ئەمەس، ياۋا مۈشۈك…

ئېشەك بىچارە بار كۈچى بىلەن قېچىشقا باشلاپتۇ. قېچىۋېتىپ، كۆڭلىدە شۇنداق دەپتۇ:
– بۆرە بولسىمۇ بۆرە ئەمەس… خۇدايىم بۇيرىسا ئەمەس. ياق، نېمىشقا بۆرە بولسۇن…

ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ بۆرىنىڭ ياۋۇزلارچە چاقناپ تۇرغان قىپقىزىل كۆزلىرىنى كۆرۈپ سەككىز پۇتلاپ قېچىشقا باشلىغان ئېشەك يەنە:
– ئىللا بىللا بۆرە ئەمەس، ئەزبىرايى بۆرە ئەمەس، خۇدا ھەققى… دېگۈدەك.
قېچىپتۇ، قېچىپتۇ… قۇيرۇقىنىڭ ئاستىدا بۆرىنىڭ ئىتتىك-ئىتتىك نەپىسىنى ھېس قىلغان قېرى ئېشەك ئۆز-ئۆزىگە:
باغلىشىمەنكى مەن قۇيرۇقۇمنىڭ ئاستىدا نەپىسىنى تۇيغان بۇ ھايۋاننىڭ بۆرە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس… دەپتۇ.

بۆرىنىڭ ھۆل تۇمشۇقى ساغرىسىغا تەگكەندە، قېرى ئېشەك ھوشىنى يوقاتقۇدەك بولۇپتۇ. كەينىگە بۇرۇلۇپتۇ: بۆرە ئۆزىگە تاشلانغان… بىر قەدەم ئالغۇدەك كۈچى قالمىغان ئېشەك، بۆرىنىڭ دەھشەتلىك كۆزلىرىدىن مىدىرلىيالماس بوپتۇ. بۆرىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ:
– بۆرە ئەمەس، كارىڭ بولمىسۇن… ئىنشائاللاھ ئەمەس. قانداقىسىگە بۆرە بولسۇن؟… دەپ كېكەشلەپتۇ.

بۆرە ئېشەكنىڭ ساغرىسىغا چاڭگال ساپتۇ. يىقىلىپ چۈشكەن ئېشەك:
– بىلىمەن، بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن بۆرە ئەمەسسەن. مېنىڭ بىلەن ئويناشما. چاقچاق بىلەن خوشۇم يوق مېنىڭ… دەپتۇ.

ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرە ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن بىر دەمدىلا يوغان بىر پارچە گۆش يۇلۇۋاپتۇ ئېشەكنىڭ يوتىسىدىن. جان ئاچچىقىدا ئېشەكنىڭ تىلى تۇتۇلۇپتۇ. شۇنچىلىك قورقۇپتۇكى، بىلىدىغان ئېشەكچىسىنى ئۇنتۇپتۇ. بۆرە ئۆزىنىڭ بوينىغا، قورسىقىغا ھۇجۇم قىلىپتۇ. پۈتۈن بەدىنىدىن قانلار دەريادەك ئېقىشقا باشلاپتۇ. ئېشەك شۇ دەقىقىدىلا:
– ھاڭ…… بۆرىكەن…. ھاڭ…….ئۇكەن!…. دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.

بۆرە ئۇنى پارچە-پارچە قىلىۋاتقاندا، تىلى تۇتۇلغان ئېشەك پەقەت:
– ھاڭ…. ئۇ….. ھاڭ….. ھۇ…. دەپ ۋارقىراشقا، ياق، ھاڭراشقا باشلاپتۇ.

بۆرىنىڭ چىشلىرىدا پارچىلىنىۋاتقان ئېشەكنىڭ تاغۇ-تاشلارنى تىترەتكۈدەك نالە-زارىنى پۈتۈن ئېشەك مىللىتى ئاڭلاپتۇ:
– ھاڭ…. ھىھاڭ…. ھاڭ…
شۇ كۈندىن باشلاپ بىز ئېشەك مىللىتى گەپ قىلىشنى، سۆزلەشنى ئۇنتۇپ، ھەربىر ھېس-تۇيغۇ، ئوي-پىكرىمىزنى ھاڭراپ ئىپادىلەشكە باشلاپتۇق. ئۇ قېرى ئېشەك، ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ، كۆڭلىنى ياساپ يۈرمىگەن بولسىدى، بىزمۇ سۆزلەشنى ئۇنتۇپ كەتمىگەن بولاتتۇق…

ئاھ، بىز ئېشەكلەر، ئاھ، بىز ئېشەك مىللىتى، ئاھ، ھاڭ…. ھاڭ…..

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10470

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-16
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: