پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

بالىلار رومانى: شاكىلات تەملىك يازلىق تەتىل (1)

 شاكىلات تەملىك يازلىق تەتىل

بالىلار رومانى

تەرجىمە قىلغۇچى: راھىلە بارات

مۇقەددىمە (ئوقۇرمەندىن كەلگەن خەت)

ئاپتاپ ھەدە:

ياخشىمۇسىز!

سىزگە بۇ خەتنى يازدىم، تېگىش- تەگمەسلىكىنى بىلمەيمەن. شۇ تاپتا ئىچىمدە بىر مۇنچە دەرتلىرىم بار، باشقىلارغا دېگۈم يوق، سىزگىلا دېسەم دەيمەن. مۇنداق ئىش: بىز پات ئارىدا ئوقۇش پۈتتۈرىمىز، سىنىپىمىزنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە زادىلا قىيالمايۋاتىمەن! كۆڭلۈم بەك يېرىم. ئاپتاپ ھەدە، بىلمىدىم، مېنى چۈشىنەمسىزكىن؟ ئەگەر سىنىپىمىزدىكى ھەممەيلەن مەڭگۈ بىللە بولالىغان بولساق، نەقەدەر پەيزى ئىش بولاتتى- ھە! ئەسلىدە ئايرىلىش ھەققىدىكى مىسرالارنى ناخشىلاردىلا ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپتىكەن، مانا ئەمدى چۈشەندىم . . . ھەي، زادىلا ئوقۇش پۈتتۈرگۈم يوق! نېمىشقىمۇ چوڭ بولغاندىمىز؟

                            بىر تال كىچىك مەرۋايىت: ۋۇ فېيدىن

ئاپتاپ ھەدىنىڭ جاۋاب خېتى

 قەدىرلىك ۋۇفېي:

ئايرىلىش ـــ دېمىسىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئىش. لېكىن، كىشىلىك ھاياتتا ئايرىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى تۇنجى قېتىملىق ئايرىلىش. شۇڭا كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ، كۆنەلمەيۋېتىپسىز. بۇنى مەن تامامەن چۈشىنىمەن. بىز ئۆتمۈشكە قىيالمايمىز، لېكىن ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالىسزمىز. ماڭا ئىشىنىڭ، كەلگۈسىدە توختىماستىن يېڭى دوستلۇق، يېڭى خۇشاللىقلارغا ئېرىشىسىز! سىزدىن ئەڭ خۇشال بولىدىغېنىم – سىز ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى بەك قەدىرلەيسىز. بۇ ھەقىقەتەن بىر گۈزەل تۇيغۇ. ئىشىنىمەن، كېيىن سىز مۇشۇ گۈزەل، پاك ئەسلىمىلىرىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى تولىمۇ بەختلىك ۋە ئامەتلىك ھېس قىلىسىز!

                                          -ئاپتاپ ھەدىڭىزدىن

PS: «ئوقۇش پۈتتۈرۈش» دېگەن بۇ سۆز ئايرىلىش، مەيۈسلىنىش ۋە كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. بۇ ھېكايىدە شياڭ شىنيىنىڭ سىلەرگە ئوخشاشلا كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بەلكىم بەزىلەر مەندىن: «سىز نېمىشقا بىر قىزبالا ھەققىدە ھېكايە يازماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. بەلكىم قىزلارنىڭ تۇيغۇسى ئوغۇللاردىن نازۇك، دوستلۇققا ئىنتىلىشى ئوغۇللارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان چېغىڭىزدا يالغۇز قايغۇنىلا ئەمەس، بەلكى چاقناپ تۇرغان ئۈمىد ۋە گۈزەل ئارزۇلارنىمۇ قوشۇپ ئوقۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 [ھېكايە باش پېرسۇناژىنىڭ ئارخىپى]

ئىسىمى: شياڭ شىنيى

يېشى: 12 ياش

جىنسى: ئاپىسى بىلەن ئوخشاش

لەقىمى: پەنجە يۈز چىشى زومىگەر

«تەشكىلات» لەقىمى: كۆرگەنلا ئادەم قاچىدىغان تۆت كىشىلىك قىزلار گورۇپپىسى

ئەڭ يېقىن كونا كونا دوستى: سەي يىشىن، تاۋ فېيرەن، خۇ جىڭجىڭ

ئەڭ يېقىن يېڭى دوستى: خۇاڭ شياۋيۆ

ئەڭ قايغۇرىدىغان ئىشى: يېقىن دوستلىرى بىلەن ئايرىلىپ كېتىش

ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشى: يېڭى دوست تۇتۇش

بىرىنچى باب

 

يازلىق تەتىلنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى تور تۇرمۇشى

 

مېنىڭ يېڭى ئوبرازىم

بۈگۈن يازلىق تەتىلنىڭ تۇنجى كۈنى، دادام بىر كۈن كومپيۇتېر ئوينىشىمغا ماقۇل بولدى. نېمىدېگەن پەيزى!

ئېچىپ باقمىغىنىمغا ئۇزۇن بولغان QQ رىمنى ئاچتىم، كىملەرنىڭ توردا بارلىقى بىلەن كارىم بولمايلا ئاۋۋال QQ سودا سارىيىنى ئايلىنىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. چۈنكى مەن QQ دىكى «ئۆزۈم» گە چىرايلىق بىر كۆينەك سېتىۋالمىسام بولمايتتى.

QQ بوشلۇقۇمدىكى ياز كىرسىمۇ پوفايكىسىنى سالمىغان مەن بەكلا ئىسسىپ كەتكەن ئىدى!

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالالماي قالمىسۇن دەپ، ئاپام ئۆتكەندە ئۆيىمىزنىڭ تورىنى ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. تورغا چىقالمىسام مەيلىتتى، لېكىن تور مەستانىسى بولغان داداممۇ مېنىڭ «كاساپىتىم» گە ئۇچرىغان ئىدى.

– مېنى كەچۈرۈڭ دادا،- ئاپامنىڭ تور سىمىنى تارتىۋېتىپ تارتمىغا سېلىپ قۇلۇپلىۋېتىشىگە قاراپ تۇرۇپ دادامدىن يالغانسىگە ئەپۇ سورىدىم.

– كېرەك يوق، تورغا ئىدارىدە چىقساممۇ بولۇۋېرىدۇ،- دېدى دادام پەرۋاسىزلىق بىلەن قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ.

ھەي، ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدىيا!

ئوھوي، QQ سودا سارىيىدىكى يازلىق كىيىملەر ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ. ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى تاللاپ كۆزلىرىم ئالىچەكمەن بولۇپ كەتكەنىدى. ماۋۇ دۆتلۈكۈمنى قارىمامدىغان، بۇ كىيىمنى كۆرۈپ نېمە قىلارمەن. ئاۋۇنى كۆرۈپ باقايچۇ، بەك چىرايلىق ئىكەن.

مەن بىردىنلا «جەلىپكار» سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى كۆرۈپ قالدىم. ھەي، ماۋۇ بولىدىكەن جۇمۇ!

QQ بوشلۇقۇمدىكى MM ماڭا ئوخشاش ئۇزۇن چاچ قويۇپ، قۇيۇق، قۇندۇزدەك قاپقارا چېچىغا يۇمۇلاق چېكىتلىرى بار ھال رەڭ لېنتا چىگىۋالاتتى. تېخىمۇ پەچەت يېرى، ئۇ زىيادە يوغان مودا پاقا قۇياش ئەينىكى تاقىۋالغان، ئۇچىسىغا قارا سۇ ئۈزۈش كىيىمى، سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ ئىچىگە يەنە كۆپكۆك جىلىتكە كىيىۋالغان ئىدى، بوينىدا يەنە قىزىل، سېرىق، كۆك ئۈچ خىل رەڭدىكى بېزەك ئېسىلغان مارجان بار ئىدى.

ئىشقىلىپ، بۇ رەڭلەر بەكلا ماسلاشقانىدى! ياز ھىدى دىمىقىمغا ئۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ مەندە «مۇشۇ كىيىمنىلا سېتىۋالايچۇ» دېگەن خىيال پەيدا بولدى.

قوشۇمچە قىلىپ قوياي، ئۈستۈمگىلا كىيىدىغان بولغاچقا بەدەنلىرىمنىڭ بەكلا ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ھى- ھى، سۇ ئۈزۈش كىيىمىم ئاسما شەكىللىك بولسا نېمە بوپتۇ. ئىشقىلىپ، كىندىكىم كۆرۈنۈپ قالمىسىلا بولمىدىمۇ!

شۇڭا، ئالىمادىس ئاسارە- ئەتىقىنى ئەسلىتىدىغان دادام كۆرۈپ قالسىمۇ مېنى تىللاپ كەتمەيتتى!

ۋاي- ۋۇي، باھاسى 11.8 QQ پۇلى ئىكەنغۇ!

ھېچۋەقەسى يوق، ئېلىۋېرەي!

ھا- ھا، مېنىڭ بۇرۇنقى قېلىن پوفايكا كىيىۋالغان، بىر قارىسا مەتۇ، بىر قارىسا ئۇماق كۆرۈنىدىغان QQ بوشلۇقۇم مودا، ئوماق بىر قىزچاققا ئايلانغانىدى!

شۇ ئەسنادا مەن QQ بوشلۇقۇمنىڭ كەينىدە ئەگمەچ ھەسەن- ھۈسەننى كۆرۈپ قالدىم. ھەسەن- ھۈسەننىڭ ئاستىدا زۇمرەتتەك كۆپكۆك دېڭىز مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى!

يېڭى تۇرمۇش، يېڭى باشلىنىش!

پاھ!

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11372

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-03-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 3دانە
  1. ھاھاھا تەرجىمان ھارمىغاي ، بۇ رومان كىشىنى خېلى جەلىب قىلىدىكەن ، چ چ كىيىمى ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن

    • راس دەيسىز ، بالىلارنىڭ تىلىدىن بايان قىلىنغاچقىمىكىن ، كىشىنى خېلى جەلىب قىلىدىكەن، بۇ بابنى ئوقۇپ چ چ نى تۇنجى ئىشلىتىشكە باشلىغان چاغلار ئىسىمگە كەچتى مېنىڭمۇ!! بېشىغا قىزىل چىكىتلىك ياغلىق چىگىۋالىدىغان بىر باش رەسمىنى ئىشلەتكەن مەن ئەڭ دەسلىۋىدە!!

  2. بۇلبۇلناز

    ۋۇي، بۇ كىتاب ئاخىر نەشىر قىلىنىپتۇ دە، تەرجىماننىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ بەك خوش بوپ كەتتىم، ھى ھى، خۇددى ئۆزۈم تەرجىمە قىلغاندەكلا ھېسىياتتا بوپ كىتىۋاتىمەن دېسە!!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: