پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن 1- باب

تولغان بەدەن

مويەن

(2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان مۇھەممەت

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل نەشردىن چىقىدۇ. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (باش قىسىمى) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (ئاياغ قىسىمى) جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ. رومان ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىنىدۇ. بلوگىمىزدا روماننىڭ بېشىدىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. 

بىرىنچى باب

مالويا پوپ بىر قارا كوزىنى كۆتۈرۈپ چىركاۋنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ كوچىغا چىقتى- دە، تۆمۈرچى شاڭگۈن فولۇنىڭ خوتۇنى شاڭگۈەن لۈيىشىنىڭ كاڭنى سۈپۈرىدىغان سۈپۈرگى بىلەن چوڭ كوچىدىكى توپىلارنى سۈپۈرۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ جىددى سوقۇپ لەۋلىرى تىترەپ كەتتى.

-تەڭرىم، قادىر ئىگەم، پەرۋەردىگار…- دېدى ئۇ پەس ئاۋاز بىلەن.

ئۇ مەدەكتەك قېتىپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن كۆكرىكىگە كىرسىت سىزدى-دە، ئاستا تامنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ، گوروي، سېمىز كەلگەن شاڭگۇۋەن لۈيىشىنى سۈكۈت ئىلكىدە كۈزۈتۈشكە باشلىدى. شاڭگۇەن لۈيىشى ئاستاغىنە كۆڭۈل قويۇپ كېچە شەبنىمىدە ھۆل بولۇپ كەتكەن توپىلارنى سۈپۈرۇۋاتاتتى ۋە قالايمىقان نەرسىلەرنى تىرىپ ئېلىپ تاشلاۋاتاتتى. بۇ سېمىز ئايالنىڭ ھەرىكىتى قوپال بولسىمۇ، ئاجايىپ كۈچ-قۇدرەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ قولىدىكى ئالتۇندەك سېرىق تېرىق باشىقىدىن ياسالغان سۈپۈرگى ئويۇنچۇققا ئوخشايتتى. ئۇ توشقىچە توپا ئۇسسىغان شازىنى كۈچلۈك قوللىرى بىلەن باسقاندىن كېيىن شازىنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى.

   شاڭگۇەن لۈيىشى توپا ئۇسسىغان شازىنى ئېلىپ ئۆيىگە كىردىدىغان خالتا كوچىغا ئەمدى بۇرۇلۇپ تۇراتتى، ئارقا تەرپىدىن بىر ئەسىنا كۆتۈرۈلگەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايرىلىپ قارىۋىدى، بۇ بازاردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى باينىڭ-فۇ شېڭقاڭنىڭ قارا دەرۋازىسى ئېچىلىپ، دەرۋازىدىن بىر توپ ئايال ئائىلە تاۋاباتلىرى يۇپۇرۇلۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار دېگۈدەكلا ئۇچىسىغا چۇلۇقى چىقىپ كەتكەن كۆينەك كېيىۋالغان، چىرايلىرىغا قازاننىڭ كۇيىسىنى سۈرتىۋالغانىدى. ئادەتتە ئۇچىسىغا تاۋار-دوردۇن كىيىم كېيىپ يۇرۇيدىغان فۇ شېڭقاڭنىڭ ئاياللىرى قانداقچىسىگە بۈگۈن مۇشۇ سىياقتا ياسىنىۋېلىشقاندۇ؟ فۇ شېڭقاڭنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇل تەرپىدىكى ھويلىدىن « قېرى تاغ قۇشقىچى» دېگەن لەقىمى بار ھېلىقى ھارۋىكەش يېڭى، كۆك چىمىلداق تارتلىغان، رېزىنكە چاقلىق ھارۋىنى ھەيدەپ چىقتى. ھارۋا تېخى توختىماستىلا ھېلقى ئاياللار بەس-بەس بىلەن ھارۋىغا قىستىلىشىپ چىقىشتى. ھارۋىكەش شەبنەم بىلەن ھۆل بولۇپ كەتكەن تاش شىرنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ، سۈكۈت ئىلكىدە تاماكا چېكىۋاتاتتى. فۇ شېڭقاڭنىڭ خۇجايىنى سى ماتىڭ ئۇزۇن سىتولبىلىق بىر يەل مىلتقنى كۆتۈرگىنىچە دەرۋازىدىن يۇپۇرلۇپ چىقتى. ئۇ خۇددى يىگىتلەردەك چاققان، چەبدەس ئىدى. شۇ ئەسنادا ھارۋىكەش ھولۇققىنىچە ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، چوڭ غوجايىنغا قاراپ تۇردى. سى ماتىڭ ھارۋىكەشنىڭ قولىدىن مۇشتەكنى تارتىپ ئالدى- دە، كۈچەپ بىر قانچىنى ئوتلىغاندىن كېيىن تاڭ قىزىلىققا تولغان ئاسمان قەرىگە قاراپ ئەسنىدى.

-ھارۋىنى ھەيدە، مۇشۇيفې دەرياسى كۆۋرۈكى بېشىدا مېنى ىساقلاپ تۇر، مەن ئارقاڭدىن يېتىپ بارىمەن،-دېدى.

 ھارۋىكەش بىر قولىدا چۇلۋۇرنى تۇتىۋالغانىدى، يەنە بىر قولىدا قامچىنى پۇلاڭلىتىۋاتاتتى، ئۇ ئاتنىڭ نوقتىسىنى تارتىپ، ھارۋىنىڭ بېشىنى بۇرىدى. ئايال ئائىلە تاۋاباتلار قىستىلىشقىنىچە ھارۋىغا چىقىشتى، قۇشقاچتەك ۋىچىرلاشتى. ھارۋىكەش قامچىنى شۇنداق بىر تاراسلىتىشى بىلەنلا ئات يورغىلاپ ماڭدى.ئاتنىڭ بوينىدىكى مىس قوڭغىراقتىن سۈزۈك جىرىڭلىغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى. يول بويى ھارۋا چاقىدىن توپا-چاڭ كۆتۈرلەتتى.

    سى ماتىڭ كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېغىزىنى كالاچتەك ئاچقىنىچە سىيىۋاتاتتى، يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئات ھارۋىسىغا قاراپ ۋارقىرىدى، كېيىن يەل مىلتىقىنى ئېلىپ كوچىنىڭ بىر تەرپىدىكى كۈزۈتۈش مۇنارىغا ياماشتى. مۇنارنىڭ ئىگىزلىكى ئۈچ گەز كېلەتتى، كۈزۈتۈش مۇنارى توقسان توققۇز تال چوڭ يۇمىلاق ياغاچتىن ياسالغانىدى. مۇنارنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك پەشتاققا بىر قىزىل بايراق قاداپ قويۇلغانىدى. سەھەردە مەيىن شامال بولمىغاچقا نەملىشىپ كەتكەن بايراق مەيۇسانە ساڭگىلاپ تۇراتتى. شاڭگۇەن لۈيىشى سى ماتىڭنىڭ پەشتاقتا غەربى شىمال تەرەپكە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئۇزۇن بوينى، دورداي كالپۇكى خۇددى سۇ ئىچىۋاتقان ئۆردەككىلا ئوخشايتتى. ئاپئاق تۇمان يۇپۇرلۇپ كېلىپ سى ماتىڭنى يۇتۇۋېتىپ يەنە تۈكۈرۈۋېتەتتى. قىزىل تاڭ نۇرى سى ماتىڭنىڭ چىرايلىرىنى قىپقىزىل تۈسكە كىرگۈزۈۋەتكەنىدى. شاڭگۇەن لۈيىشى سى ماتڭنىڭ چىرايىغا بىر قەۋەت شېكەر شىرنىسى سۈرتۈپ قويغاندەك پارقىراق، يېپىشقاق، كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغاندەك سەزدى. ئۇ ئىككى قولى بىلەن مىلتىقنى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈۋالغانىدى، ئۇنىڭ چىرايلىرى خۇددى خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. شاڭگۇەن لۈيىشى ئاجىز بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئۇ مىلتىق تەپكىسىنىڭ مېشەككە ئۇرۇلغاندا چىققان ئاۋاز ئىدى. ئۇ مىلتىقنى كۆتۈرگىنىچە ھەيۋەت بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى، ئۇ ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا كۈتۈۋاتاتتى. شاڭگۇەن لۈيىشىمۇ ئېغىر يەرلىك شازا قوللىرىنى قېچىشتۇرۇپ قويغان، بوينىنى تولغاش ئىنتايىن قىيىن بولغان بولسىمۇ، يەنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. سى ماتىڭ مىلتىقنى قويۇپ، ئېغىزىنى دومسايتتى. ئۇ خۇددى بۇتناۋاتقان كىچىك بالىغىلا ئوخشايتتى. شاڭگۇەن لۈيىشى ئۇنىڭ: «ھەي كاساپەت، يەنە پىستان چاقتى-دە!»دەپ تىللاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. كېيىن ئۇ يەنە مىلتىقنى كۆتۈرۈپ، ئوق ئاتتى، پاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مىلتىق سىتولبىسنىڭ ئېغىزىدىن ئوق چىقتى. تاڭ نۇرى خىرەلەشكەچكە ئۇنىڭ قىزىل چىرايىنى يورۇتتى. قاتتىق بىر ئاۋاز مەھەللىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. شۇ زامان تاڭ نۇرى ئاسماننى بىر ئالدى، رەڭگارەڭ نۇر ھاسىل بولدى، خۇددى پەرىشتە بولۇت ئۈستىدە تورۇپ، رەڭدار گۈل بەرگىنى چېچىۋاتقاندەك قىلاتتى. شاڭگۇەن لۈيىشى ھاياجانلاندى، ئۇ تۆمۈرچىنىڭ خوتۇنى بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىش ھۈنىرى ئېرىنىڭكىدىن خوپ كۈچلۈك ئىدى، ئۇ تۆمۈر بىلەن ئوتنى كۆرۈشى بىلەنلا قانلىرى قىزىيتتى، قىزىق قانلار ئۆركەش ياساپ، قان تومۇرلاردا ئاقاتتى. ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى بۇرتۇپ چىققانىدى، تال-تال مۇسكۇللار خۇددى قامچىغىلا ئوخشايتتى، قارا تۆمۈر ئۇرۇش ئارقىلىق قىزىل تۆمۈرگە ئايلىناتتى، ئوت ئۇچقۇنلىرى ھەر تەرەپكە چاچرايتتى. ئاققان تەر كۆكسىنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئاقاتتى. تۆمۈردىن كېلىۋاتقان قان ھىدى ئاسمان –زېمىننى قاپلاۋاتاتتى. ئۇ سى ماتىڭنىڭ ئىگىز مۇنار پەشتىقىدىن سەكرىگەنلىكىنى كۆردى، سەھەرنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىدا ئىس-تۈتەك ۋە ئىس-تۈتەك ھىدى تارىلىۋاتاتتى. سى ماتىڭ سوزۇق ئاۋاز بىلەن پۈتكۈل گاۋمىينىڭ شەرقى شىمالىدىكى يېزىلارنى ئايلىنىپ ئاگاھلاندۇرۋاتاتتى:

يۇرتداشلار، ياپۇن ئالۋاستىلىرى كېلەي دەپ قالدى!

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11414

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-02-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 1دانە
  1. ئۇيغۇر بىلوگ تورى

    ئالامەت ئەسەركەن جۇمۇ :eek:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: