پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى

ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى

 ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئادەم دېگەن نېمە؟ ئۇ نەدىن كەلگەن، نەگە بارىدۇ؟ ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى نېمە؟ ئادەملەر ياشىغان جەمئىيەت قانداق بولىدۇ؟ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى نەدە ياكى ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئىنتىلىدىغىنى نېمە؟ ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ، نېمە ئۈچۈن باياشات، ھەشەمەتلىك ۋە قەدىر- قىممەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ؟ ئادەم مۇشۇنداق ياشاش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ . . .

پەرقلىق كىشىلەر يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۈستىدە پەرقلىق نۇقتىدىن پىكىر قىلىدۇ ۋە پەرقلىق نۇقتىدىن جاۋاب بېرىدۇ. پەرقلىق مۇھاكىمە نۇقتىسى ۋە جاۋابتىن پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلىمى، مائارىپ ئىلىمى قاتارلىق ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىگە تەۋە ئوخشىمىغان پەن ۋە ھەرخىل بىلىملەر شەكىللىنىدۇ.

كىشىلەر يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر قىلغاندا ياكى ئۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى دۇنياسىغا قەدەم قويغان بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۈستىدە قىلغان مۇلاھىزىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىزدىنىش دەرىجىسى ئۇلارنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىشىنىڭ يۈكسەكلىكىنى بىۋاستە نامايان قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش دېگەن زادى نېمە؟ كىشىلەر دائىم: «پالا- پالانى بەك تەربىيە كۆرگەن» دېيىشىدۇ. ئۇلار بۇنداق دېگەندە ھەرگىزمۇ گېپىنى قىلغان شۇ ئادەمنىڭ باي ياكى نامراتلىقى، ئەمەلدار ياكى پۇقرالىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ئۆزى نامرات بولسىمۇ، لېكىن غايىسىدىن ۋاز كەچمەسلىك تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى؛ ئەكسىچە بايلىق ئۈچۈن ئىنساپسىزلىق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ تەربىيە كۆرمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «تەربىيە كۆرگەنلىك» ئەمەلىيەتتە ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەربىيەلىنىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنداق تەربىيەنىڭ يېتىلىشى ھەرگىزمۇ ھوقۇقدار ئېسىلزادىلىك ۋە باياشاتلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇ پەقەت شۇنداق تەربىيەگە ئىنتىلگەن، شۇنداق تەربىيە ئۈستىدە ئىزدەنگەن كىشىگىلا تەئەللۇق بولىدۇ. بۇنداق تەربىيەگە ئىگە بولۇش كىشىدە ساغلام پىسىخىكا يېتىلدۈرۈشكە، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھاياتقا نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيە پەيدا قىلىشقا، توغرا ياشاش، توغرا كۈرەش قىلىشقا ۋە ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا پايدىلىق. كىشىلەر ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ كىشىلىك ھايات ھەققىدە پىكىر قىلغاندا ھەم شۇنداق پىكىردىن چىقىرىلغان يەكۈن بويىچە ياشىغاندا، ئاللىقاچان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىشنى باشلىغان بولىدۇ.

ئىنسانلار ياراتقان بىلىملەرنى ئومۇمىي نۇقتىدىن ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ۋە تەبىئىي پەنلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئادەمنىڭ ئىلمىي تەربىيەلىنىشىمۇ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە تەربىيەلىنىش (پەن- تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ؛ ھەر ئىككىلىسى گۆش بىلەن قاندەك بىر- بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆزىنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز ئەزەلدىن بېرى تەبىئىي پەنلەر بويىچە تەربىيەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىشكە سەل قاراپ كەلدۇق.

ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ـــ ئادىمىيەت پەنلىرى ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش ـــ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرى، مېتودلىرى ۋە ئۇنىڭ روھىنى تونۇش، چۈشىنىش، ئىگىلەش، ئۇنىڭدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ تاشقىي ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەمدە ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئاساسىي پەزىلەت ۋە ئاساسىي پوزىتسىيە، جۈملىدىن ئىجتىمائىي تەلەپ بويىچە ئۆز بىلەن ئۆزگە، شەخس بىلەن كوللېكتىپ، شەخس بىلەن جەمئىيەت، شەخس بىلەن دۆلەت ھەمدە شەخس بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تەربىيەلىنىش ئاساسلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشلەر ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ ۋە تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ نېگىزى ئاساسلىقى ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە كىشىلىك ھايات قارىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى، ئىنتىلىش، غايە، ئەقىدە، ئەخلاق، قىممەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىلىمنى كىشىنىڭ تۇرمۇش ۋە ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ كونكرېت ئىش- ھەرىكەتلەردە ئەكىس ئەتتۈرگەندىلا ئاندىن ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

شەخسنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە ياخشى تەربىيەلىنىشى شەخسنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى؛ جەمئىيەتنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە ياخشى تەربىيەلىنىشى بىر جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەجرىبە- ساۋاقلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ، مەدەنىيەت جۇغلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، «مەدەنىيەت نەتىجىلىرى» نىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى، شۇنداقلا «ئىجتىمائىي مەدەنىيەت» نى ئۆلچەشنىڭ مىزانى. پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى ۋە يۇقىرى كۆتۈردى؛ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى مەنزىلىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىشنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش كەمچىل بولسا شەخسلەرنىڭ، ھەتتا جەمئىيەتنىڭ، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتى مۇقەررەر چەكلىنىپ قالىدۇ. ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە ئەتراپلىق تەربىيەلىنىش كەمچىل بولسا، ھەدېسىلا باياشات ماددىي تۇرمۇشقا ئىنتىلسە، ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى مۇقەررەر قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا پەن- تېخنىكا ۋە ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ ئىككىلىسىنى تەڭ تولۇقلىغاندىلا ئاندىن سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئاۋامىي تونۇشقا مۇھتاج.

ئىنسانىيەت ئۇزۇن تارىخىي مۇساپە جەريانىدا تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى ئۈزۈكسىز ئۆزگەرتىپ، مول مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى جۇغلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرى بار. بۇ- ئالدىنقىلارنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى. كېيىنكىلەر ھەمىشە ئالدىنقىلار ياراتقان ۋە جۇغلىغان بىلىملەر ئاساسىدا يېڭى ئەمەلىيەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئىجاد قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ھەر بىر دەۋردىكى كىشىلەر ئالدىنقىلار ئىجاد قىلغان نەرسىلەرنى تەكرارلايدۇ. ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرى لىنىيەسىمان جۇغلىنىش ۋە كۆپىيىش جەريانى بولماسلىقى مۇمكىن. ئومۇملاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ ئومۇملاشتۇرۇش دېگىنىمىز – سىزنى بىر جۈپ قول بىلەن كۆتۈرۈپ، سىزنى ئۆز ئالدىڭىزغا يامىشىش، ئۆز ئالدىڭىزغا ئىزدىنىش جەريانىدىن خالاس قىلىپ، ئىنسانلار مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن بىۋاستە پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ – بىزنىڭ بىلىم بىلەن تەربىيەلىنىشىمىزنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئۇنداقتا، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا نېمىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش – ئەڭ ئاساسىي ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن ساۋاتلىرىنى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن مېتودلىرىنى، ئەڭ قوبۇل قىلىنىدىغان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن پوزىتسىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتۇر. مۇشۇ نەرسىلەرنى ئومۇملاشتۇرغاندىلا ئاندىن ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرىنى تونۇش دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بىز ئۇزۇندىن بېرى تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلدۇق. بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا تەبىئەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيمىز، تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىقلارنى يارىتالايمىز. لېكىن، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىزنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقىمىز ناھايىتى چوڭ. ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بويىچە تەربىيەلىنىش كىشىنىڭ تەربىيەلىنىشىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. بۇنداق ساپانى ھازىرلىمىساق بىزدە ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا نۇرغۇن خاتا تونۇش شەكىللىنىپ قالىدۇ، جەمئىيەتنى قانداق ئۇسۇل بىلەن تونۇشنى بىلەلمەي قالىمىز. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇنداق خاتا تونۇش بىزدە نۇرغۇن خاتا ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا، مۇقىملىقىغا ۋە ئىلگىرىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى تەشكىللىك يوسۇندا، زور كۆلەمدە، زور دائىرىدە قانات يايدۇرۇشىمىزغا، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخى شەكىللەندۈرگەن، نۆۋەتتە ئىجاد قىلىنغان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرىنى ئەڭ ئاز تەننەرخ، ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن خەلققە چۈشەندۈرۈشىمىزگە، تەرەققىي تاپقان دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ساپاسى بىلەن بولغان پەرقنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كىچىكلىتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەققانىي، ئادىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي ۋە قائىدە- تەرتىپلىك بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئاۋامىي تونۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەڭ ئامما قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مۇئەييەن تەشكىلىي شەكىل ۋە تارقىتىش يوللىرى ئارقىلىق ئاۋامغا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر توغرا دەپ ئېتىراپ قىلغان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەن بىلىملىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلمىي ئىدىيە ۋە ئىلمىي روھلارنى سىڭدۈرۈش، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى قوزغىتىش ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11407

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-12-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 1دانە
  1. مۇئەللىم

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: