پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئورخان پامۇك: ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى

رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز نېمە ئىش قىلىدۇ

ئورخان پامۇك

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

پىروزىچىلىق مېنىڭ ئىككىنچى ھاياتىم. خۇددى فىرانسيەلىك شائىر گېرارد نېرۋال (Gerard de Nerval) ئېيتقان ھەر خىل چۈشلەرگە ئوخشاش، پىروزا تۇرمۇشىمىزنىڭ رەڭدارلىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى نامايان قىلىدۇ، رومان تونۇش كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا گىرىمسەن چۈش قوينىغا غەرق بولۇپ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز؛ بۇنىڭدىن كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراپ، ئۆزىمىزنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز؛ ئۆزىمىزنى بىز ھەدەپ تاماشا كۆرۈۋاتقان، ساختا ئىش- ۋەقە ۋە شەخسلەر ئارىسىدا تۇرۇۋاتىمەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز. دەل مۇشۇ پەيتتە بىز ئۆزىمىز يولۇققان ھەمدە قاتتىق مەپتۇن بولۇپ كەتكەن دۇنيانىڭ رېئال دۇنيادىنمۇ بەكرەك چىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. كىشىگە راستتەكلا تۇيۇلىدىغان بۇنداق تۇيغۇ ئادەتتە بىزنىڭ خىيالىي دۇنيا بىلەن رېئال تۇرمۇش ئارىسىدىكى پەرقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، بىز بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇدىن، گۆدەكلەرچە ئۇسۇلدىن ئەزەلدىن ئاغرىنمايمىز. ئەكسىچە ئوقۇۋاتقان رومانىمىزنىڭ چۈشلىرىمىزگە ئوخشاش توختىماي داۋاملىشىشىنى ئىستەيمىز، بۇ خىل ئىككىنچى ھاياتنىڭ توختىماي داۋاملىشىپ، رېئال تۇيغۇ ۋە چىن ھېسسىياتلىرىمىزنى غىدىقلىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىمىز. رومان ۋەقەلىكىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، روماندا چىن، رېئال تۇرمۇشقا بولغان خىيالىي ئارزۇلارنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىدىن بىئارام بولىمىز، تىت- تىت بولىمىز.
چۈش كۆرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا چۈشىمىزنى راست دەپ ئويلاپ قالىمىز. مانا بۇ چۈشكە بېرىلگەن تەبىر. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەرنى راست دەپ قالىمىز- يۇ، بۇ خىيالىمىزنىڭ بەكلا ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق تۇيۇپ تۇرىمىز. بۇ خىل پارادوكس روماننىڭ خاسلىقىدىن كەلگەن. بۇ يەردە بىز شۇنى تەكىتلەپ قويىمىزكى، پىروزا سەنئىتى بىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل زىددىيەتلىك ھالەتكە ئىشىنىشىمىزنى شەرت قىلىدۇ.
قىرىق يىلدىن بېرى ئىزچىل رومان ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ماڭا شۇنىسى ئايانكى، بىز رومانغا كۆپ خىل ھالەتتە يۈزلەنسەك بولىدۇ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ روھىمىز بىلەن ئېڭىمىزنى رومان ئىچىگە غەرق قىلساق بولىدۇ، ھەم ناھايىتى ئازادىلىك ئىلىكىدە رومانغا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتساقمۇ بولىدۇ. مەن دەل ئاشۇ شەكىلدە رومان ئوقۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلىنى بىۋاستە ھېس قىلدىم. رومان ئوقۇشنى بەزىدە لوگىكىلىق شەكىلگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، بەزىدە كۆزىمىزنى خەتلەرنىڭ ئۈستىدە يۈگۈرتۈپلا قويىمىز، بەزىدە تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىشقا سالىمىز، بەزىدە چالا- بۇلا چۈشىنىپلا بولدى قىلىمىز، بەزىدە ئۆزىمىز ئۈمىد قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئوقۇيمىز، بەزىدە رومان ئۈچۈن ئۆزىمىزگە تەلەپ قويىمىز، يەنە بەزىدە ۋۇجۇدىمىزدىكى تومۇرلىرىمىزنىڭ شىددەت بىلەن سوقۇشىغا مۇھتاج بولىمىز. ياش ۋاقتىمدا رومانغا بىر مەزگىل شۇ قەدەر مەپتۇن بولۇپ كەتكەن ئىدىمكى، بۇ مەپتۇنلۇقۇم سەۋدايىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنىدى. 18 يېشىمدىن 30 يېشىمغىچە (1970- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە) كاللامدا كۆڭۈل ئالىمىمدە روي بېرىۋاتقان ئىش- ۋەقەلەرنى يېزىپ چىقىش؛ رەسسام رەسىم سىزغان چاغدىدىكىدەك ئىنتايىن توغرا ۋە ئېنىق ھالەتتە مول، مۇرەككەپ، كىشىگە راستتەكلا تۇيۇلىدىغان مەنزىرىلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تاغلارنى، تۈزلەڭلىكلەرنى، تاشلارنى، ئورمانلىقلارنى ۋە دەريا- ئېقىنلارنى تەسۋىرلەش ئىستىكى تۇغۇلدى.
رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز ۋە قەلبىمىزدە زادى نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بۇ يوشۇرۇن تۇيغۇلىرىمىزنىڭ كىنو كۆرۈش، ماي بۇياق رەسىمدىن ھۇزۇرلىنىش، شېئىر دېكلاماتسىيەسىنى ئاڭلاش ياكى تارىخىي ئېپوسلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن نېمە پەرقى بار؟ بىيوگىرافىيە، كىنو، شېئىر، رەسىم سىزىش ياكى چۆچەك ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى رومان بىزگە ھەمىشە ئاتا قىلىپلا تۇرىدۇ. لېكىن، پىروزىدىن ئىبارەت بۇ خىل سەنئەت شەكلىنىڭ چىن ھەم ئۆزگىچە ئۈنۈمى ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانېرلىرى بىلەن، كىنو ۋە رەسىم سىزىش بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا تۈپ پەرققە ئىگە بولىدۇ. بەلكىم بۇ خىل پەرقنى ئاشكارىلىيالىشىممۇ مۇمكىن. بۇنىڭدىن بىز ياش ۋاقتىمدا رومان ئوقۇشقا مەپتۇن بولغان كەچۈرمىشىمنى ۋە قەلبىمنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا ئويغىنىۋاتقان خىلمۇ خىل مۇرەككەپ ئىماگلارنى ئۇقىمىز.
مۇزېينى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ئادەم تۇنجى بولۇپ ئۆزى كۆرگەن رەسىملەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىغا ھۇزۇر ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، مەن مەنزىرە- كۆرۈنۈشلەردىكى ھەرىكەت، توقۇنۇش ۋە مول تەسەۋۋۇردىن بەكرەك زوق ئالىمەن. مەن يەنە بىراۋنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى مەخپىي كۆزىتىشكە ئامراق، شۇنداقلا يەنە بىپايان مەنزىرىلەردىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنىمۇ خالايمەن. لېكىن، سىزگە «قەلبىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھەمىشە داۋالغۇپلا تۇرىدىكەن» دېگەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغۇم يوق. ياش ۋاقتىمدا رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بەزىدە قەلبىمدە تولىمۇ كەڭرى، تولىمۇ يىراق، تولىمۇ تىنچ مەنزىرىلەر زاھىر بولاتتى؛ بەزىدە نۇر بەكلا ئاجىزلاپ، ئاق بىلەن قارا بەكلا ئېنىقلىشىپ كېتەتتى ھەم بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھەر خىل قاراڭغۇ سايىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە پۇلاڭلاپ يۈرەتتى. بەزىدە پۈتكۈل دۇنيانى تامامەن ئوخشىمايدىغان نۇر- زىيا ئارىسىغا چۆمۈلگەندەك ھېس قىلاتتىم. بەزىدە ئاداققى نۇرلار جىمى نەرسىنى قوينىغا ئېلىپ، پۈتكۈل ئالەم كەيپىيات ۋە بىردىنبىر ئەۋرىشكىگىلا ئايلىناتتى. شۇنى ھېس قىلاتتىمكى، مەن مۇشۇ خىل تۇيغۇغا ئامراق بولۇپ قالغانىدىم، كىتابتىن ئىزدەيدىغىنىم دەل مۇشۇ خىل كەيپىيات ئىدى. مەن ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى ئۆيۈمدە رومان ئوقۇۋېتىپ، روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنياغا ئاستا- ئاستا مەپتۇن بولۇپ كەتكەن چېغىمدا كىتابنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى ئىش- ھەرىكەتلىرىم قالدۇرغان خىلمۇخىل كۆلەڭگىلەر ـــ ئىچكەن چايلىرىم، ئانام بىلەن قىلىشقان پاراڭلار، كاللامدا پەيدا بولغان تۈرلۈك ئوي- خىياللار، كۆڭلۈمدە قېپقالغان ئەرزىمەس ئاداۋەت- خۇسۇمەتلەر سۇسلىشىپ، ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇشقا باشلايتتى.
مەن ئولتۇرغان ئاپېلىسىن رەڭگىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق، يېنىمدىكى ئاچچىق تاماكا ھىدى پۇراپ تۇرغان كۈلدان، گىلەم سېلىنغان ئۆي، كوچىدا سۈرەن- چوقان سېلىشىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلار، يىراقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان پاراخوتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ئېڭىمدىن ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇپ، كۆز ئالدىمدا يېڭىچە بىر دۇنيانىڭ ئاستاغىنە زاھىر بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. روماننى بىر بەتتىن، بىر بەتتىن ئوقۇشقا باشلايتتىم. بۇ يېڭى دۇنيا بارغانسېرى كونكرېتلىشىشقا، بارغانسېرى سۈزۈكلىشىشكە باشلايتتى. خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەر، كۆلەڭگىلەر، ئىش- ۋەقەلەر، پېرسوناژلار دىققەت نۇقتىسىغا كىرىشكە باشلايتتى. يېڭى دۇنيا كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغان دەقىقىدە مېنى مەپتۇن قىلغان، پېرسوناژلارنى، ئىش- ۋەقەلەرنى ۋە نەرسىلەرنى ئەسلىشىمگە، خىيال قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىش- ۋەقەلەر مېنى بىزار قىلاتتى، ئازابلايتتى. بىر ھەقىقىي باش پېرسوناژنىڭ شىرەم تۇغقىنى (ئۇلارنىڭ قانداق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ)، بىر تال تاپانچا سېلىپ قويۇلغان، قەيەرگە قويۇلغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر تارتما ياكى قوش قاتلاملىق مەنىگە ئىگە، لېكىن يەنە بىر قاتلاملىق مەنىسىنى دەپ بەرگىلى بولمايدىغان سۆھبەتلەر ـــ مۇشۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنى قىيناپ ئارام بەرمەيتتى. كۆزلىرىم سۆز- جۈملىلەر ئارىسىدا جىددىي يۆتكەلگەن چاغدا قەلبىم تىت- تىتلىق بىلەن خۇشاللىقنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالاتتى، جىمى ئىشلارنىڭ دەرھال ئۆز ئورنىغا قايتىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىپ كېتەتتىم. بۇنداق پەيتلەردە ھېس- تۇيغۇلىرىمنىڭ جىمى دەرۋازىلىرى داغدام ئېچىلىپ، گويا بىر نەرسىلەردىن ئۈركۈپ ئارانلا تۇرىدىغان جانۋارلارغا ئوخشاش تامامەن ناتونۇش بىر مۇھىتقا دۇچ كېلەتتىم، ئېڭىم بارغانسېرى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايتتى، بۇ ھال ھولۇقۇپ ئەس- ھوشۇمنى يوقىتاي دېگەن چاغدىلا ئاندىن ئاخىرلىشاتتى. قولۇمدىكى رومان ۋەقەلىكىگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كىرىشىپ كېتەتتىم، ئۆزۈمنى گويا ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنيا بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم، ئۆز تەسەۋۋۇرۇمدا سۆز- جۈملىلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇشقا، كىتابتا تەسۋىرلەنگەن جىمى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى زاھىر قىلىشقا تىرىشاتتىم.
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ خىل جىددىي، كىشىنى چارچىتىپ ھالىنى قويمايدىغان تىرىشچانلىقلاردىن نەتىجە كۆرۈلۈشكە باشلايتتى. مەن كۆرۈشكە تەشنا بولۇۋاتقان پىپايان كۆرۈنۈش- مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى؛ ئىس- تۈتەكلەر تاراپ كەتكەندىن كېيىن زېمىن سۈزۈكلەشكەنگە ئوخشاش، كىشىگە تولىمۇ جانلىق تەسىر بېرىدىغان تەپسىلاتلار روي بېرىشكە باشلايتتى. ئارقىدىن ئۇلىشىپلا گويا بىر كىشىنىڭ دەرىزە تۈۋىدە مەمنۇنىيەت ئىلىكىدە تىككىدە تۇرۇپ تالادىكى مەنزىرىلەرگە نەزەر سېلىۋاتقىنىغا ئوخشاش روماندا تەسۋىرلەنگەن شەيئىلەرنى كۆرەتتىم. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا لېف تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» رومانىدىكى پىئېرنىڭ تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ بورودىنو جېڭىگە قانداق نەزەر سالغانلىقى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇش رومان ئوقۇشنىڭ ئۆرنىكى ئىدى. بىزگە روماندىكى خىلمۇخىل تەپسىلاتلار ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قوراشتۇرۇلغاندەك، ئۆز ئىختىيارىمىزغا تاپشۇرۇلغاندەك تۇيۇلىدۇ. بىز يەنە مۇشۇ تەپسىلاتلارنى ئەس- خاتىرىمىزگە جۇغلاش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. تەپسىلاتلارنى بۇنداق پۈتۈنلەي ئاشكارىلاش گويا بىر پارچە رەسىمگە يۈزلەنگەنگە ئوخشايدۇ، ئوقۇرمەن ئۆزىنى روماندىكى سۆز- ئىبارىلەرنى ئوقۇۋاتىمەن دەپ ئويلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىنى بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن دەپ ھېس قىلىدۇ. بۇ يەردە ئاپتورنىڭ رەسىمدىكى تەپسىلاتلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئوقۇرمەننىڭ كونكرېتلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۆز- ئىبارىلەرنى چوڭ تىپتىكى مەنزىرە رەسىمىگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى ھەممىدىن مۇھىم. بىزنىڭ رومان ئوقۇشىمىز ھەرگىزمۇ بىر كەڭ كەتكەن مەنزىرە، جەڭ مەيدانى ياكى تەبىئەت ئىچىدە قانات يايمايدۇ. بىز يەنە ئۆيدە يۈز بەرگەن ئىشلارغىمۇ نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىمىز. مەزمۇن ئۆي ئىچىدىكى بۇرۇقتۇرما كەيپىيات بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ ـــ كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى» دەل بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بىزنىڭ ھېكايە ئوقۇشىمىز بەئەينى مەنزىرە تاماشا قىلغانغا ئوخشايدۇ، قەلب كۆزىمىز ھېكايىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، ئۆزىمىزنى رەسىمدىكى كەيپىيات ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ ئۇنىڭدىن زوق ئالدۇرۇشقا ھەمدە ئۇنى توختىماي ئىزدىتىشكە تىرىشىدۇ.
يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي، تولستوي دەرىزىدىن تالاغا نەزەر تاشلاپ تۇرغان بىر ھالەتنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ، بىز رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا روماندىكى مەنزىرە ئىچىگە قانداق غەرق بولۇپ كەتكىنىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش ھەر قانداق دەۋردە ئەڭ بۈيۈك سانىلىدىغان رومان «ئاننا كارىنىنا» دىن ئېلىنغان. ئاننا موسكىۋادا فرونسكى بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ. كەچتە پويىزغا ئولتۇرۇپ سانكىت پىتىربۇرگدىكى ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا ئېيتقۇسىز بىر خۇشاللىق ئىلىكىگە چۆمۈلىدۇ. چۈنكى ئەتىسى ئەتىگەندە بالىلىرى ۋە ئېرى بىلەن كۆرۈشەتتى. تۆۋەندىكىسى روماندىكى شۇ ھەقتىكى كۆرۈنۈش:

ئاننا . . . قەغەز كېسىدىغان پىچاق بىلەن ئەنگلىيە يازغۇچىسىنىڭ رومانىنى قولىغا ئالدى. ئېيتقۇسىز بىسەرەمجانلىق ۋە شاۋقۇن- سۈرەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغۇۋالدى، بۇ ئاۋازلار پويىز قوزغالغاندا چاغدىمۇ ئۇنى ئارامىدا قويمىدى. كەينىدىن سول تەرەپتىكى دەرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان، دەرىزىگە چاپلىشىپ قېلىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى، دەرىزە تۈۋىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پويىز خادىمىنىڭ ئۈستى- بېشى قارغا چۈمكەلگىنىچە مەھكەم ئورىنىپ كېتىۋاتقان ھالىتى، سىرتتا دەھشەتلىك شىۋىرغان چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە بولۇنۇۋاتقان پاراڭلار ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى توختىماستىن تەكرارلىناتتى: ھە دېسىلا سىلكىنىش- تەۋرىنىش، ھۇشقۇيتقان ئاۋاز؛ ھەدېسىلا دەرىزىگە ئۇرۇلۇۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى، پارنىڭ گاھ ئىسسىپ، گاھ سوۋۇپ كېتىشى، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە گاھ پەيدا بولۇپ گاھ غايىپ بولۇشى، ھە دېسىلا ئاشۇ ئاۋازلار. لېكىن، ئاننا روماننى ئوقۇشقا ئاخىرى كىرىشتى، ئوقۇغاندىمۇ ناھايىتى چۈشىنىپ ئوقۇدى. ئانۇشكا مۈگدەشكە باشلىغانىدى، قىزىل سومكىسىنى تىزىغا قويۇۋالغانىدى، يىرتىق پەلەي كىيىۋالغان پەنجىسى كەڭ قوللىرى بىلەن ئۇنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان ئىدى. ئاننا ئاركادىيېفنا روماننى بېرىلىپ ئوقۇماقتا ئىدى، لېكىن كىتاب ئوقۇشنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىشنىڭ ئىنكاسى دېيىشكە بولاتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا رومان تولىمۇ مەززىسىز تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۇرمۇشتىن ئىزدەيدىغان ئىستەكلىرى بەكلا كۈچلۈك ئىدى. روماننى ئوقۇپ ئايال باش پېرسوناژنىڭ بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئۇنىڭ يېنىك قەدەملىرى بىلەن كېسەلخانا ئىچىدە مېڭىپ يۈرگۈسى كەلدى. پارلامېنت ئەزاسىنىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان يېرىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق نۇتۇق سۆزلىگۈسى كەلدى؛ مارى خانىقىزنىڭ ئات مىنىپ، ئوۋ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ شىكارغا چىققان، يەڭگىسىنىڭ چىشىغا تەگكەن، باتۇرلۇقى بىلەن كىشىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان يېرىگە كەلگەندە ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق بولغۇسى كەلدى. لېكىن، ئۇنىڭغا قىلغۇدەك ئىش يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ نازۇك قوللىرى بىلەن ھەدەپ سىيلىق قەغەز كېسىش پىچىقىنى ئوينايتتى، ئۆزىنى رومان ئوقۇشقا زورلايتتى.
ئاننا رومانغا زادىلا كىرىشەلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- خىيالى ۋرونسكىدا ئىدى، چۈنكى ئۇ ھاياتقا تەشنا ئىدى. ئەگەر ئۇ پىكىر- خىياللىرىنى رومانغا مەركەزلەشتۈرەلىسە مارى خانىقىزنىڭ ئات مىنگىنىچە بىر توپ ئوۋ ئىتىنىنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلالايتتى؛ ئاشۇ كۆرۈنۈشنى كونكرېتلاشتۇراتتى، دەرىزە سىرتىغا نەزەر تاشلايتتى؛ ئۆزىنى گويا سىرتىدىن كۆزىتىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىچىگە ئاستا- ئاستا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
زور كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار روماننى بىر نەچچە بەت ئوقۇپلا مەنزىرە رەسىمىدىن زوق ئېلىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولىدۇ. سىتېندالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» رومانىنى يېزىشقا قانداق كىرىشكەنلىكىنى ئەسلەپ باقايلى. ئاۋۋال كىچىك شەھەر ۋىرىيالغا يىراقتىن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا بۇ شەھەر جايلاشقان تاغ باغرىنى، قىزىل رەڭلىك ئۇچلۇق كاھىشلار بىلەن يېپىلغان ئاپئاق ئۆيلەرنى، بۈك- باراقسان ئۆسۈپ كەتكەن كاشتان دەرەخلىرىنى، شەھەر خارابىسىنى كۆرىمىز. دۇ دەرياسى قەلئە ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدۇ. ئارقىدىن ياغاچ ھەرىدەش زاۋۇتى بىلەن باسما گۈل ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنى كۆرىمىز.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەتلەردە بىز مەركىزىي پېرسوناژنىڭ بىرى بولمىش شەھەر باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ مىجەز- خاراكتېرىنى چۈشىنىمىز. رومان ئوقۇشنىڭ ھەقىقىي ھۇزۇرىنى تاشقىي دۇنيادىن ئەمەس، بەلكى رومان دۇنياسىدا ياشايدىغان باش پېرسوناژنىڭ نەزەرىدىكى دۇنيادىن بىۋاسىتە ئالىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا يىراققا ئاغدۇرۇلغان نەزەر دائىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئوتتۇرىسىدا پالاقشىپ يۈرىمىز، ئومۇمىي ئىدىيە بىلەن ئالاھىدە ئىش- ۋەقەلەر ئارىسىدا سەيىر ئېتىمىز. يىراقتىكى مەنزىرە رەسىمىگە نەزەر تاشلىغان چېغىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ رەسىمدىكى پېرسوناژنىڭ ئىدىيەۋى دۇنياسى ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىمىزنى ھېس قىلىمىز، پېرسوناژلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۇششاق ئۆزگىرىشلەرنى تۇيۇقسىز بايقايمىز. بۇ ـــ جۇڭگونىڭ تاغ- دەريالىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىمدىن ئالغان زوققا ئوخشاپ كېتىدۇ. رەسىمدە جۇغى كىچىكرەك بىر كىشى دەريا سۈيى بىلەن دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سۆيۈشۈپ تۇرغان ئورمانلىق ئىچىدىكى بىر قىيا تاشتا تىك تۇرغان بولىدۇ: بىز پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئۇنىڭغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىمىز، ئۇنىڭ كۆزى ئارقىلىق ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىمىز (جۇڭگوچە رەسىملەردىن مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھۇزۇرلىنىش كېرەك). شۇنىڭ بىلەن مەنزىرىنىڭ رەسىمدىكى پېرسوناژنىڭ ئىدىيەسى، كەيپىياتى ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، روماندىكى مەنزىرەنىڭ روماندىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىچكى روھىي ھالىتىنىڭ داۋامى ۋە تەركىبىي قىسىمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. قىلچە يوچۇقى بولمىغان بىر ئۆتكەل ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇ باش پېرسوناژلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىمىز. رومان ئوقۇش بارلىق تەپسىلاتلار ئەس- خاتىرىمىزگە ئورناشقان چاغدا ئۆزىمىزنىڭ ئاستا- ئاستا روماندىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىش- ھەرىكىتىگە ئەگىشىدىغانلىقىمىز ھەمدە ئومۇمىي مەنزىرىدىن بۇ ئىدىيە ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرگە مەنە ئاتا قىلىشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز شۇ تاپتا روماندىكى مەنزىرىگە غەرق بولىمىز. لېكىن بىز تېخى بايىلا سىرتتىن كۆزىتىۋاتقان ئىدۇق: بىز قەلب كۆزىمىز ئارقىلىق تاغ تىزمىلىرىنى كۆرگەندىن باشقا يەنە دەريا سۈيىنىڭ مۇزدەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، دەل- دەرەخلەرنىڭ ھىدىنى ھىدلايمىز، باش پېرسوناژ بىلەن مۇڭدىشىمىز، روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانىڭ تەكتىگە شۇڭغۇيمىز. روماننىڭ تىلى بىزنىڭ بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان، بىر- بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان ئامىللارنى ئۆزئارا يۇغۇرۇۋېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، بىزنى ئوخشاش بىر كۆرۈنۈش ئىچىدىكى باش پېرسوناژلارنىڭ چىرايى ۋە ئوي- خىياللىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
رومانغا غەرق بولغان چېغىمىزدا ئېڭىمىز جىددىي ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن بۇ ھال ھەرگىزمۇ ئاننانىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئاننا ئاپئاق قارغا چۈمكىلىپ شاۋقۇن- سۈرەن ئىچىدە پېتىربۇرگقا كېتىۋاتقان پويىزدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ- يۇ، قەلبىدە باشقا نەرسىلەرنى ئويلايدۇ. بىز مەنزىرىلەرنى، دەل- دەرەخلەرنى، پېرسوناژلارنى، پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئۇلار ئۇچراشقان نەرسىلەرنى كۆزىتىمىز؛ ئاشۇ نەرسىلەر قالدۇرغان ئەس- خاتىرىلەر، باشقا پېرسوناژلار ۋە ئادەتتىكى ئىدىيەلەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرىمىز. ئېڭىمىز بىلەن ھېس- تۇيغۇلىرىمىز جىدىي ئايلىنىشقا باشلايدۇ، پۈتۈن دىققىتىمىز بىر يەرگە يىغىلىدۇ، يەنە تېخى نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولىدۇ. لېكىن، نۇرغۇنلىرىمىز ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەسلا بىلمەيمىز. بۇ خۇددى شوپۇر ماشىنا ھەيدەۋاتقان چېغىدا خوت يۆتكىگىنىنى، ماشىنىنى تورمۇزلىغىنىنى، رولنى ئېھتىيات بىلەن بۇرىغىنىنى، شۇنداقلا نۇرغۇن قاتناش قائىدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى، ھەر خىل يول بەلگىلىرىنى كۆرۈپ ۋە چۈشىنىپ، قاتناش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلمىگەندەك بىر ئىش.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ قايسى ماھارەتنى قوللىنىۋاتقانقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇلار ئىستىخىيلىك ھالدا يېزىقچىلىق قىلىدۇ، گويا تامامەن تەبىئىي بىر ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك ھالەتتە تۇرىدۇ، كاللىسىدا ئىجرا بولۇۋاتقان تۈرلۈك مەشغۇلات ۋە مۆلچەرلەرنى بىلمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پىروزا سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھەر خىل چىشلىق چاقلىرى، تورمۇزى ۋە خوتىنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. بىز بۇنداق پىسىخىكىلىق ھالەتنى «گۆدەك» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەيمىز. بۇ خىلدىكى يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن يېزىقچىلىق بىلەن ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ سۈنئىي قاتلىمىغا ئەسلا دىققىتىنى ئاغدۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «قايتا ئويلىنىش» دېگەن سۆز ئارقىلىق شۇنىڭغا قارشى ھالدىكى پىسىخىك ھالەتنى سۈپەتلىسەك بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچى تېكىستنىڭ سۈنئىيلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، تېكىستنىڭ رېئاللىققا تەڭ ئەمەسلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن ئوخشاشلا تېكست ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار روماننىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ھەمدە رومان ئوقۇغان چاغدىكى ئاڭ پائالىيىتىنىڭ شەكلىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يازغۇچى بولغان ئىكەن، بىرلا ۋاقىتتا گۆدەك، ئويلىنىشچان سەنئەت شەكلىنى ئىگەللىشىگە توغرا كېلىدۇ.
باشقىچە ئېيتساق، ھەم گۆدەك، ھەم «ھەسرەتلىك» خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. فىرىدىرېخ شىللېر ئۆزىنىڭ «گۆدەك شېئىر ۋە ھەسرەتلىك شېئىر» (Uber naïve und sentimentalische, 1795- 1796 Dichtung) ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە بۇ ئىككى ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. شىللېرنىڭ شەرھىسىدە مىسكىن ۋە ئازاب ئېڭىغا ئىگە مودېرنىزم شائىرلىرى نېمىس تىلىدىكى «sentimentalische» دېگەن سۆز ئارقىلىق سۈپەتلەنگەن. بۇنداق شائىرلار بالىلارغا خاس بىغۇبارلىقى، گۆدەكلىكى ۋە مىجەز- خۇلقىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى «sentimental» سۆزنىڭ مەنىسى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ. لېكىن، بىز كونكرېت مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالساق بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىللېر لاۋرىنىس سىتېرىننىڭ «ھەسرەتلىك سەپەر» دېگەن ئەسىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئىنگلىز تىلىدىن سۆز قوبۇل قىلغان (شىللېر لاۋرىنىس سىتېرىنغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇنى گۆدەك، بالىلارچە تالانتلىقلار قاتارىغا قوشۇۋەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە دانتى، شىكىسپىر، سېرۋانتىس، گيۇتى، ھەتتا دۈرېرمۇ بار ئىدى). بىز شۇنى بىلىشكە ئىنتىزارمىزكى، شىللېر مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىپ ھېلىقىدەك تەبىئىيلىكتىن چەتنىگەن ئاددىي- ساددىلىق ۋە كۈچ- قۇدرەتنى ئىپادىلىگەن، ئۆزلۈك كەيپىياتى ئىدىيەنىڭ ئاڭ ھالىتىگە زىيادە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن. ياش ۋاقتىمدا شىللېرنىڭ بۇ ماقالىسىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدىم، شۇ تاپتا مەزكۇر ماقالىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ باققۇم، مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ پىروزا سەنئىتى ھەققىدىكى ئىدىيەلىرىمنى شەرھىلەپ باققۇم (مەن ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن) ھەمدە توغرا ئىپادىلەپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
توماس مان شىللېرنىڭ بۇ مەشھۇر ماقالىسىنى «نېمىس تىلىدا ئەڭ گۈزەل ھالەتتە يېزىلغان ماقالە» دەپ قارىغان. شىللېر شائىرلارنى گۆدەك ۋە ھەسرەتلىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ. گۆدەك شائىر تەبىئىيلىك بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەبىئىي ـــ تىنچ، رەھىمسىز ئەمما تولىمۇ دانا كېلىدۇ. ئۇلار شېئىرنى سەمىمىيلىك بىلەن يازىدۇ، ئېڭىدا ئەكس ئەتكەننى ئويلاپ تۇرمايلا ئەينەن يازىدۇ، شېئىرنىڭ تىلىغا ياكى ئېتىكىلىق نەتىجىسىگە ئۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ قانداق باھا بېرىشى بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆزى بىلەن دەۋرداش شائىرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلار شېئىرنى تەبىئىيلىك ئاتا قىلغان بىر ئورگانىك تەسىرات دەپ قارايدۇ، بۇ خىل تەسىرات ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئالىمىدىن ئەزەلدىن ئايرىلمايدۇ. گۆدەك شائىرلار تەبىئىيلىكنىڭ بىر قىسىمى؛ شېئىر تەبىئىيلىكتىن يارىتىلىدۇ ۋە سىتېخىيلىك ھالدا گۆدەك شائىرلانىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلىدۇ. شېئىر ھەرگىزمۇ شائىرنىڭ تەپەككۇرىدىن تۆكۈلمەيدۇ، ئۇ شائىرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىجاد قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، مەلۇم خىل بېكىتىلىپ قويۇلغان ۋەزىن- قاپىيەلەر ياردىمىدە ئىپادىلىنىشكە مۇھتاج بولمايدۇ، ھەم توختىماي ئۆزگەرتىش ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقىمۇ ئېھتىياجى يوق. شېئىر ھېچقانداق ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا قەلەم ئۇچىدىن تۆكۈلۈشى كېرەك. شېئىر ھەتتا تەبىئىيلىك ياكى باشقا مەلۇم خىل كۈچ- قۇدرەتنىڭ بىشارىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇنداق رومانتىزملىق كۆز قاراشنى تەرغىپ قىلىدىغانلاردىن يەنە ئەنگىلىيە شائىرى سامۇئېل تايلور كولېرىجمۇ بار. ئۇ ـــ گېرمانىيە رومانتىزمىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى. ئۇ 1816- يىلىدىكى «قۇبلايخان» ناملىق شېئىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە يۇقىرىقى ئىدىيەلەرنى ئېنىق ئىپادىلىگەن («قار» ناملىق رومانىمدىكى باش پېرسوناژ، شائىر كار دەل كولېرىج ۋە شىللېرنىڭ تەسىرىدە شېئىر يازىدۇ، شۇنداقلا گۆدەك شېئىر كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ). شىللېرنىڭ ماقالىسىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا چەكسىز قايىللىقىم قوزغىلىدۇ. ئۇ تىلغا ئالغان گۆدەك شائىر ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويغۇم كېلىدۇكى، گۆدەك شائىرلار ئۆز تىلى، سۆزلۈكى ۋە مىسرالىرىنىڭ ئاددىي مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمايدۇ، ئۇ يەنە تېخى ئاشۇنداق ئاددىي مەنزىرىلەرنى قايتا نامايان قىلالايدۇ، دۇنيانىڭ ئەھمىيىتىنى ناھايىتى جايىدا ۋە ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەكمۇ يىراقتىكى ئىش ئەمەس، ھەم ئۇنچە مەخپىي، يوشۇرۇن ئىشمۇ ئەمەس.
يەنە بىر جەھەتتىن، شىللېر «ھەسرەتلىك» (ھېسسىياتچان، شەيئىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىدىغان) شائىرلارنى بەزى جەھەتلەردە دەككە- دۈككە ئىچىدە ياشايدۇ دەپ قارايدۇ: بۇنداق شائىرلار ئۆزى ئىشلەتكەن تىلنىڭ ھەقىقەتكە تويۇنغان- تويۇنمىغانلىقىغا، ھەقىقەتكە يېتەلىگەن- يېتەلمىگەنلىكىگە جەزىم قىلالمايدۇ؛ بايان قىلغانلىرىنىڭ ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىنى يەتكۈزەلىگەن- يەتكۈزەلملىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇ خىلدىكى شائىرلار ئۆزى يازغان شېئىرغا زىيادە دىققەت قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ؛ شېئىرىدا ئىشلەتكەن مېتود، ماھارەت ۋە ئۆزى تىرىشىپ يۈرۈپ قوللانغان تاكتىكىلارغا قادىلىۋالىدۇ. گۆدەك شائىرلار ئۆزى ھېس قىلغان دۇنيا بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئۇنچە تەپسىلىي ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. لېكىن، ھەسرەتلىك، ئويلىنىشچان مودېرنىستىك شائىرلار ئۆزى ھېس قىلغان جىمى شەيئىلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ. ئۇ ئۆز ھېس- تۇيغۇلىرىنى شېئىر مىسرالىرىغا سىڭدۈرگەن چېغىدا نۇرغۇن تەربىيەۋى، ئىدراكىي، ئېتىكىلىق پىرىنسىپلار ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىدۇ.
تەپەككۇر سەنئىتى، ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىللېرنىڭ مېنىڭ نەزەرىمدە تولىمۇ قىزىقارلىق، مەشھۇر سانىلىدىغان بۇ ماقالىسىنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر چەشمە بۇلاق دېيىشكە بولىدۇ. ياش ۋاقتىمدا بۇ ماقالىنى يېنىش- يېنىشلاپ ئوقۇغان، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىش- ۋەقەلەر، باھالانغان شائىرلار ئۈستىدە ھەمدە ھېچقانداق تەپەككۇرسىز، ئۇدۇللا يېزىلغان، ئەقىل- ئىدراكنىڭ ياردىمىدە، ئۆزلۈك ئېڭى ئاساسىدا يېزىلغان شېئىرلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك پەرقلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان ئىدىم. بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ، يازغۇچى سالاھىيىتىدىكى ئۆزۈم ھەمدە رومان يازغان ۋاقتىمدا ھېس قىلغان ھەر خىل كەيپىياتىم ھەققىدىمۇ ئويلانغانىدىم. ئۆزۈمنىڭ رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇنقى رەسىم سىزغاندىكى ھېس- تۇيغۇلىرىمنى ئەسلىدىم. 17 ياش ۋاقتىمدىن 22 ياش ۋاقتىمغىچە رەسىم سىزدىم. بۇ مەزگىلدە بىر كۈنلەردە رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن، رەسىملىرىم ئەزەلدىن گۆدەكلىك تۈسىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. كېيىن رەسىم سىزىشتىن ۋاز كەچتىم، بەلكىم مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن شۇنداق قىلغاندىمەن. يەنە شۇ چاغلاردا شىللېرنىڭ سەنئەت بىلەن ئەدەبىياتنى نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئومۇمىي مەنىدىكى «شېئىر» دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئويلىناتتىم. مۇشۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەلىرىمدىمۇ يەنىلا ئوخشاش مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىمەن ۋە مۇشۇ ئارقىلىق نورتون لېكسىيەلىرىنىڭ روھى ۋە ئەنئەنىسىگە بويسۇنۇۋاتىمەن. شىللېرنىڭ مەزمۇنى مول، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۇ ماقالىسى مېنىڭ پىروزا سەنئىتى ھەققىدە ئويلىنىشىمغا ھەمراھ بولىدۇ، ياش ۋاقتىمدىكى ئىجادىيەت يولۇمنىڭ «گۆدەكلىك» بىلەن «ھەسرەت» ئارىسىدا قانداق ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەنلىكىنى ئېسىمگە سالىدۇ.
شىللېرنىڭ ماقالىسى يالغۇز شېئىر ياكى ئومۇمىي سەنئەت ۋە ياكى ئەدەبىيات ھەققىدىلا ئەمەس، بەزى جايلىرى ئەمەلىيەتتە كىشىلىك خاراكتېر تىپىدىكى پەلسەپىۋى تېكىستلەر ھەققىدىمۇ يېزىلغان. بۇ مەزمۇنلار بىۋاستە دىراما ۋە پەلسەپەنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەن سۆز- ئىبارىلەر ئارىسىدىكى شەخسىي ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى ئوقۇشقا تولىمۇ ئامراق. شىللېر: «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تۈرى بار» دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، گېرمان ئەدەبىيات تارىخىغا ئاساسلانغاندا «گۆدەك شائىرلار گىيۇتىغا، ھەسرەتلىك شائىرلار ماڭا ئوخشايدۇ!» دېگەنلىكتۇر. شىللېر گىيۇتىغا ھەسەت قىلاتتى. چۈنكى گىيۇتى شېئىرلىرىنى ئاجايىپ تالانت بىلەن يېزىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىگە زىيادە ئىشىنەتتى، سالماق ھەم سالاپەتلىك ئىدى؛ خېنىم مىجەزلىكتىن، سۈنئىي، ياسالمىلىقتىن خالىي ئىدى؛ ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سۈر- سەيۋىسى بار ئىدى. بۈيۈك، قالتىس ئىدىيەلەر ئاغزىدىن سۇدەك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىدى. ئاددىي- ساددا، كەمىتەر، كىچىك پېئىل، تالانتلىق ئىدى. يەنە تېخى ۋۇجۇدىدا مۇشۇنداق كۆپ ئارتۇقچىلىقنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەيتتى؛ بەئەينى بالىلاردەكلا ساددا، مەسۇم ئىدى. ئەكسىچە، شىللېر بولسا تەپەككۇرى كۈچلۈك، دانا، ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى تولىمۇ چىگىچ ۋە ئازابخۇمار كىشى ئىدى. ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات مېتودىنى ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن تونۇيتتى، مۇشۇ مېتودىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتاتتى ھەمدە مۇشۇ پوزىتسىيە ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى تېخىمۇ زامانىۋىدەك ھېس قىلاتتى.
30 يىلنىڭ ئالدىدا «گۆدەك شائىر ۋە ھەسرەتلىك شائىر» ناملىق بۇ ماقالىنى ئوقۇغان چېغىمدا مەنمۇ شىللېرغا ئوخشاش گيۇتىغا غەزىپىم كېلەتتى؛ تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلىرىنىڭ ساددا، گۆدەك ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلىرىدىن بىزارلىقىم قوزغىلاتتى. ئۇلار روماننى تولىمۇ ئەركىن ھالەتتە يازاتتى، ئەزەلدىن ئۇسلۇب ۋە ماھارەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايتتى. مەن ئۇلارنى «گۆدەك» دېگەن سۆز (ئەينى چاغدا مەن بۇ سۆزنى ئىنكار مەنىسىدە ئىشلىتىشكە مايىل ئىدىم) بىلەن سۈپەتلەيتتىم، شۇنداقلا 19- ئەسىردىكى پۈتۈن دۇنيادىكى بالزاكچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان بارلىق رومانلارنى ھەقىقىي ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ دەپ قارايتتىم، ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىلچە شۈبھىلەنمەي قوبۇل قىلاتتىم. مانا ئەمدىلىكتە 35 يىللىق پىروزا ئىجادىيىتى سەرگۈزەشتىسى بېشىمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، قەلبىمدىكى گۆدەك يازغۇچىلار بىلەن ھەسرەتلىك يازغۇچىلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ چىققانلىقىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە قايىل قىلىۋاتىمەن.
مەن ئالدىدا روماندا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانى مۇھاكىمە قىلغان چېغىمدا مەنزىرە مېتافوراسىنى ئىشلەتكەنىدىم. يەنە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىمەنكى، ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىكى ئاڭ پائالىيىتىنى بىلمەيدۇ. بۇ خۇددى شوپۇر ماشىنا ھەيدىگەندە ئىجرا قىلىۋاتقان مەشغۇلاتلارنى ھېس قىلمىغاندەك بىر ئىش. گۆدەك يازغۇچىلار بىلەن بىغۇبار ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ توپتىكى كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ماشىنىغا ئولتۇرۇپ زېمىننى كەزگەندە ماشىنا ئەينىكىنىڭ سىرتىدا كۆز ئالدىدا زاھىر بولۇۋاتقان يېزا- سەھرالار ۋە ئادەملەرنى چۈشەنگەنلىكىگە سەمىمىيلىك بىلەن ئىشىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ماشىنا دەرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ كۈچ- قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ- دە، ئۆزى كۆرگەن جىمى ئادەملەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلايدۇ. بۇ، ھەسرەتلىك ـــ ئويلىنىشچان تىپتىكى يازغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە ھەسەت پەيدا قىلىدۇ. ھەسرەتلىك ـــ ئويلىنىشچان تىپتىكى يازغۇچىلار دەرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ ماشىنا دەرىزىسىنىڭ كىشىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئەينەككە يەنە لاي- پاتقاق چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك بېككىتچە سۈكۈتكە چۆمىدۇ، ياكى بولمىسا ماڭا ۋە زامانىمىزدىكى نۇرغۇن يازغۇچىلارغا ئوخشاش ماشىنىنىڭ رولىنى، خوتىنى، لاي- پاتقاق چاپلىشىپ قالغان دەرىزىنى ھەمدە ماشىنىنىڭ نەچچىنچى خوتتا كېتىپ بارغانلىقىنى ئاشۇ مەنزىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ھامان روماننىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇلۇپ قالمايمىز.
ھۆكۈمىمىزنى سېلىشتۇرۇپ ئالدى- كەينىمىزگە دەسسەپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا شىللېرنىڭ ماقالىسىگە مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئەڭ مۇھىم ئاڭ پائالىيىتىمىزنى ئىنچىكە رەتلەپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. رومان ئوقۇش جەريانىدا ھېس- تۇيغۇلىرىمىز ھامان مۇشۇنداق تەپەككۇر مەشغۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، پەقەت ئاشۇ «ھەسرەتخۇمار» يازغۇچىلارلا بۇ مەشغۇلاتلارنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، بەش قولدەك بىلىپ تۇرىدۇ. بۇ قەدەر ئىنچىكە تەھلىل قىلىش بىزگە روماننىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنى بىزنىڭ چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىزنى، لېكىن ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. تۆۋەندىكىسى رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىز ئىجرا قىلىدىغان مەشغۇلاتلار:
1.ئومۇمىي مەنزىرەنى كۆزىتىمىز ھەمدە شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇرۇپ بايان قىلىمىز. ئىسپانىيەلىك مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپ جوس ئورتېگا گاسسېت (Jose Ortega Gasset) سېرۋانتىسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى شەرھىلىگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىز تەۋەككۇلچىلىك رومانلىرى، رېتسارلار رومانى ۋە ئاممىباب رومانلار (رازۋېدكا رومانى، رومانتىك رومانلار، جاسۇسلۇق رومانى قاتارلىقلارنى بەلكىم مۇشۇ تۈرگە مەنسۇپ قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن) ئوقۇيمىز، بۇنىڭدىكى مەقسەت ـــ كېيىنكى قەدەمدە قانداق ۋەقەلىك چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن. لېكىن، مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان رومانلار (ئۇنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى بىز ھازىر دەۋاتقان «ئەدەبىي رومانلار») نى ئوقۇشتىكى مەقسىتىمىز بولسا ئۇنىڭدىكى كەيپىياتتىن ھوزۇرلىنىش. گاسسېتنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، كەيپىيات تەسۋىرلەنگەن رومانلارنىڭ بەكرەك قىممىتى بولىدۇ، ئۇ گوياكى بىر پارچە «مەنزىرە رەسىمى» گە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا بايان تىپىدىكى مەزمۇنلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
بىز ھەمىشە ئوخشاش بولغان نېگىزلىك ئۇسۇلدا رومان ئوقۇيمىز؛ روماندا زور مىقداردىكى بايان تەسۋىرى بىلەن ھەرىكەت بارمۇ- يوق، بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشامدۇ- ئوخشىمامدۇ دېگەنلەر بىلەن ھېسابلاشماي ئوقۇشقا كىرىشىمىز، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بايان تۈسىدىكى مەزمۇنلار ئۇچرىمايدۇ. بىز ئادەتلەنگەن ئۇسۇلىمىز بويىچە بايان قوغلىشىپ ئوقۇيمىز، رومان ئوقۇۋېتىپ ئۇچرىغان شەيئىلەرنىڭ يوشۇرۇن مەنە ۋە ئاساسلىق مۇددىئادىن بىشارەت بېرىپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. بىر پارچە رومان بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش نۇرغۇن دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى بىر- بىرلەپ تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ، ئەمما ھېچقانداق بىر ئىشنى بايان قىلمايدۇ (ئالايلۇق، ئالان روب گرىللېت [Alain Robbe-Grillet] ياكى مىچىل بۇتور [Michel Butor] فىرانسىيە «يېڭىچە پىروزا» سىدا قوللىنىلغان ماھارەتلەرنى ئىجاد قىلغان). بىز يەنە بايان قىلغۇچى مۇشۇنداق شەكىل ئارقىلىق بىزگە بىرەر مەنىنى ئىپادىلەپ بەرمەكچى بولۇۋاتامدۇ نېمە؟ دەرەخلەرنىڭ بۇ يۇپۇرماقلىرى ئاخىرىدا قانداق ھېكايىلەرنى ھاسىل قىلار؟ دەپ ئويلىنىمىز. بىزنىڭ ئېڭىمىز توختىماستىن بىرەر غەرەز، كۆز قاراش، مەقسەت- مۇددىئا ھەمدە بىر سىرلىق مەركەزنىڭ تېگىگە يېتىشنى ئىستەيدۇ.
2. سۆز- ئىبارىلەرنى ئېڭىمىزدىكى ئىماگلارغا ئايلاندۇرىمىز. رومان بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ، لېكىن رومان يالغۇز بىر ھېكايىلا ئەمەس. ھېكايە نۇرغۇن نەرسىلەر، تەسۋىرلەر، تىۋىش- سادالار، سۆھبەتلەر، خىياللار، ئەسلىمىلەر، ئۇچۇر پارچىلىرى، ئىدىيەلەر، ئىش- ۋەقەلەر، كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋاقىتلار ئىچىدىلا ئاندىن ئاستا- ئاستا نامايان بولىدۇ. روماندىن زوق ئالىمەن دەيدىكەنمىز، سۆز- ئىبارىلەردىن نېرى تۇرۇشقا، ئاشۇ شەيئىلەرنى ئېڭىمىزدىكى ئىماگلارغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز سۆز- ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەنىنى تەسەۋۋۇرىمىزدىكى رەسىملەرگە ئايلاندۇرغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ھېكايىنى تاماملىغان بولىمىز. بۇ جەرياندا تەسەۋۇر كۈچىمىزنى رىغبەتلەندۈرىمىز؛ كىتابتا زادى نېمە دېيىلگەنلىكى، بايان قىلغۇچىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقى، نېمە مەنىنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ياكى ئۇنىڭ شۇ تاپتا نېمە دەۋەتقانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، روماننىڭ مەركىزىنى ئىزدەيمىز.
3. ئېڭىمىزنىڭ يەنە بىر قىسىمى يازغۇچى تەسۋىرلىگەن ھېكايىلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىش، يەنە قانچىلىكىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولىدۇ. بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنى، قايىللىقىمىزنى ۋە ھەيرانلىقىمىزنى قوزغاۋاتقان مەزمۇنلارغا قارىتا بىز مۇنداق بىر سوئالنى قويىمىز. رومان ئوقۇش ـــ توختىماي ئىزدىنىش دېمەكتۇر. بىز ئۇنىڭغا مەيلى قانچىلىك بېرىلىپ كەتمەيلى، مۇنۇ بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك: بۇلارنىڭ قانچىلىكى خىيال، قانچىلىكى چىنلىق؟ بىر جەھەتتىن، بىز روماندىن يوقىتىپ قويغان ئۆزلۈكىمىزنى ھېس قىلىمىز، روماندا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلارنى تولىمۇ ساددىلارچە راست دەپ ئويلاپ قالىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن، روماندىكى خىيال تەركىبلىرىگە ھەسرەتلىك پوزىتسىيە تۇتىمىز. بۇنى بىر لوگىكىلىق پارادوكىس دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، رومان سەنئىتىنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ- قۇدرىتى ۋە ھاياتىي كۈچى مۇشۇ ئۆزگىچە لوگىكىنى مەنبە قىلىدۇ، ئۇنىڭ مۇشۇ خىل لوگىكىلىق توقۇنۇشىشىنى مەنبە قىلىدۇ. رومان ئوقۇش غەيرىي دىكارتچە لوگىكىلىق چۈشەنچە دۇنياسىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، توختىماي داۋاملىشىدىغان، ئىلگىرىكىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئىقتىدار بولۇشى، شۇنداقلا ئۆز ئارا زىتلىشىدىغان كۆز قاراش بولۇشى كېرەك. قەلبىمىزدە ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ھەقىقىي سىياقتىكى ئۈچىنچى خىل ئۆلچەم ـــ رومان دۇنياسىغا بولغان مۇرەككەپ ئۆلچەم ئاستا- ئاستا پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئېلېمېنتلار ئۆز ئارا توقۇنۇشىدۇ، شۇنداقلا يەنە قوبۇل قىلالايدۇ، تەسۋىرلىيەلەيدۇ.
4. بىز يەنىلا: «رېئاللىق مۇشۇنداق بولامدۇ؟ روماندا بايان قىلىنغان ۋە تەسۋىرلەنگەن ئىش- ۋەقەلەر بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدا چۈشەنگەن ئىش- ۋەقەلەرگە ماس كېلەمدۇ- يوق؟» دەپ سوئال قويىمىز. ئالايلۇق، بىز ئۆزىمىزدىن: «1870- يىللىرى موسكىۋادىن سانكىت پېتىربۇرگقا قاراپ يولغا چىققان كېچىلىك پويىزدا بىر يولۇچى تولۇق رازىمەنلىك ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىلەن رومان ئوقۇۋاتامدۇ؟ ئاپتور بىزگە ئاننانىڭ ھەقىقىي بىر كىتاب مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق ۋاراڭ- چۇرۇڭ مۇھىتتا تۇرۇپمۇ كىتاب ئوقۇغۇسى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىۋاتامدۇ نېمە؟» دەپ سورايمىز. ئۈمىدۋارلىق روھى رومان يېزىش ماھارىتىنىڭ يادروسىدۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھېس قىلغان ۋە ئېرىشكەن بىلىملەرگە ئەگەر مۇۋاپىق شەكىل ئاتا قىلىنسا ھەقىقىي سىياقتىكى قىممەتلىك بىلىملەرگە ئايلىنىدۇ.
5. بۇ خىل ئۈمىدۋارلىق روھىنىڭ تەسىرىدە بىز ئىماگنىڭ توغرىلىقىغا، خىيال ۋە باياننىڭ كۈچ- قۇدرىتىگە، جۈملىلەرنىڭ قوراشتۇرۇلۇشىغا، نەسىر ئۆز ئىچىگە ئالغان يوشۇرۇن ئەمما ھەقىقىي، چىن بولغان شېئىرىي تۇيغۇ ۋە قاپىيەگە باھا بېرىمىز ھەم شۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپىمىز. ئۇسلۇبتىكى ماھارەت مەسىلىسى بىلەن ھۇزۇرلىنىش ئۈنۈمى گەرچە رومان سەنئىتىنىڭ يادروسى ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ يادروسىغا يېقىن كېلىدۇ. كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان بۇ تېمىنى مىليونلىغان ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.
6. باش پېرسوناژنىڭ تاللىشى ۋە ئىش- ھەرىكىتىگە ئەخلاقىي ھۆكۈم قىلىمىز، شۇنداقلا يەنە يازغۇچىنىڭ روماندىكى پېرسوناژلار ھەققىدىكى ئەخلاقىي ھۆكۈمىنى تەنقىد قىلىمىز. ئەخلاقىي ھۆكۈم رومان ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغان سازلىق، پاتقاقلىق. شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، پىروزا سەنئىتى پېرسوناژلارنى تەنقىد قىلماستىن، ئەكسىچە پېرسوناژلارنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن ئەڭ قالتىس نەتىجە يارىتالايدۇ. ئېڭىمىزدا ئەخلاقىي ھۆكۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئەخلاق ئەلۋەتتە پۈتكۈل مەنزىرىنىڭ بىر قىسىمى بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ قەلبىمىزدىن ئۆرلەپ چىقىپ روماندىكى پېرسوناژلار تەرەپكە يۈزلىنىۋالسا بولمايدۇ.
7. ئېڭىمىز بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرىدا دېيىلگەن مەشغۇلاتلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان پەيتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ بىلىمگە، چوڭقۇرلۇققا ۋە چۈشىنىشكە ئېرىشكەنلىكىمىزنى تەبرىكلەيمىز. بولۇپمۇ ھېلىقىدەك يۈكسەك دەرىجىدە ئەدەبىيلەشكەن رومانلارنى ئوقۇغاندا تېكست بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتىمىز شەخسىي مۇۋەپپەقىيىتىمىزگە ئايلىنىدۇ. قەلبىمىزدە روماننىڭ پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا يېزىپ چىقىلغاندەك بىر خىل تاتلىق خىيال ئاستا- ئاستا پەيدا بولىدۇ. يازغۇچى بىلەن ئارىمىزدا شەكىللەنگەن يېقىنلىق ۋە ئىشەنچ بىزنى كىتابنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان قىسىمىدىن زىيادە ئەندىشىگە چۈشۈشىمىزدىن ياكى بىز قارشى تۇرۇۋاتقان ۋە ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدىغان شەيئىلەردىن چەتلىتىدۇ ۋە ساقلاپ قالىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا بىز ھەمىشە مەلۇم دەرىجىدە يازغۇچى بىلەن شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئېڭىمىزنىڭ بىر قىسىمى بىزنىڭ مۇشۇ خىل شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزنى قوللىشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىجابىي خاسلىقنى يوشۇرۇش، ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، يارىتىش ۋە قۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ. چۈنكى بىز بايانغا ئىشەنگەچكە بايان قىلغۇچىغا ئىشەنگۈمىز بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. چۈنكى بىز تولىمۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن باياننى ئوقۇشقا ئىنتىزار، ھەتتا يازغۇچىنىڭ مەلۇم كۆز قاراشلىرىنى، مايىللىقىنى ۋە ھەۋەس- ئىشتىياقىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئايانمايمىز.
8. مۇشۇ ئاڭ پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان چاغدا ئەس- خاتىرىمىز بىر دەقىقىمۇ توختىماستىن جىددىي خىزمەتكە كىرىشىدۇ. ئاپتور بىزگە نامايان قىلىپ بەرگەن ئالەمدىن مەنە ۋە كىتاب ئوقۇش ھوزۇرىنى بايقاش ئۈچۈن بىز روماننىڭ يوشۇرۇن مەركىزىنى ئىزدەش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن، بىز روماندىكى ھەر بىر تەپسىلاتنى گويا دەرەخنىڭ ھەر بىر يۇپۇرمىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتقاندەك ئەس- خاتىرىمىز ئىچىگە تىندۇرۇۋېتىمىز. يازغۇچى ئانچە ئەستايىدىل ئەمەس ئوقۇرمەنلەرنى دەپ ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان دۇنيانى ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن ۋە سۇيۇلدۇرۇۋەتكەن بولسا ھەر بىر ئىشنى ئەستە تۇتۇش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ۋەزىپىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ مۈشكۈللۈك يەنە رومان شەكلىنىڭ چېگراسىنى بەلگىلەيدۇ. روماننىڭ ئۇزۇنلۇقى روماننى ئوقۇش جەريانىدا توپلىغان بارلىق تەپسىلاتلارنى ئەستە تۇتۇۋېلىشىمىزغا يول قويۇشى شەرت. چۈنكى بىز روماندا تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىلەردىن ئۆتكەن چاغدا بىز يولۇققان ھەر بىر ئىشنىڭ ئەھمىيىتى باشقا جىمى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. روماننى ئىخلاس بىلەن پۈتتۈرۈۋاتقان چاغدا جىمى ئىشلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇ پۈتكۈل مۇناسىۋەت روماننىڭ كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە يوشۇرۇن مەركىزىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
9. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن روماننىڭ يوشۇرۇن مەركىزىنى ئىزدەيمىز. بۇ ـــ رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىجرا بولىدىغان مەشغۇلاتتۇر. بىز بۇ ھەقتە ھېچنېمىنى بىلمىسەكمۇ يەنىلا بۇ نۇقتا ئۈستىدە ھەسرەت ئىلىكىدە ئويلىنىمىز. روماننىڭ باشقا ئەدەبىي بايان تىپىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىدە بىر يوشۇرۇن مەركەز بولىدۇ. توغرىراقى، رومان بىزنىڭ ئوقۇش داۋامىدا رومان ئىچىدىن توختىماي بىز مەركەز ئىزدەۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىزگە تايىنىدۇ.
روماندىكى مەركەز نېمىدىن تۈزۈلگەن؟ مەن شۇنداق جاۋاب بېرىمەنكى، رومان روماننى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن تۈزۈلگەن. لېكىن، بىز سەۋەبىنىمۇ بىلمەستىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز سۆزمۇ- سۆز، جۈملىمۇ- جۈملە ئىزدەۋاتقان مەركەز چوقۇمكى روماننىڭ تاشقىي كۆرۈنۈشىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتىكى مەلۇم بىر جايدا بار ئىكەنلىكىنى، بىۋاستە كۆرگىلى، تۇتقىلى، ئىز- دېرىكىنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تولىمۇ جانلىق، تېتىك دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. بىز تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن بۇ مەركىزىي كۆرسەتكۈچنى ھەممىلا جايغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان، بۇ مەركەز روماننىڭ جىمى تەپسىلاتلىرىغىچە باغلانغان دەپ قارايمىز. مەزكۇر يۈرۈشلۈك لېكسىيەدە مەن بۇ مەركەزنى تولىمۇ چىن ھەم خىيالىي يوسۇندا مۇھاكىمە قىلدىم.
چۈنكى بىز روماندا مەركەزنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز ياكى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا گويا ئوۋچى زېمىننى كەزگەندەك ھەر بىر تال يوپۇرماق، ھەر بىر تال سۇنۇق شاخ- شۇمبىلارنى مەلۇم بىر خىل ئالامەت، بىشارەت دەپ قاراپ، ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىمىز. ئالدىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز، روماندىكى ھەر بىر يېڭى سۆز، بۇيۇم، پېرسوناژ، باش پېرسوناژ، سۆھبەت- پاراڭ، تەسۋىر، تەپسىلات، تىل ۋە ژانېردىكى ھەر بىر خىل خاسلىق، باياننىڭ ھەر بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش ياسىشى شۇنچە يوشۇرۇن بولىدۇ ھەمدە بىۋاستە ئاشكارىلانمىغان مەلۇم نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى روماندا بىر مەركەز بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە قارىماققا قىلچە مۇھىم بولمىغان مەلۇم بىر تەپسىلاتنى تولىمۇ مۇھىم قارايمىز، روماندىكى ھەر بىر يۈزەكى ئىش- ۋەقەلەرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ باشقىچە بىر خىل سىياقتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. روماندىكى بايانلار خىلمۇ خىل ئۆكۈنۈش، پۇشايمان، جاھىللىق ۋە ئەندىشە قوزغايدۇ. بۇ كىتابتىكى بىزنى ئۈچ ئۆلچەملىك ئالەمگە مەپتۇن قىلىدىغان ئۇ خىل خىياللار مەيلى بۇ مەركەز چىن ياكى فانتازىيەلىك بولسۇن، مەركەزدىكى مەۋجۇتلۇقتىن كەلگەن بولىدۇ.
روماننى تارىخىي ئېپوستىن، ئوتتۇرا ئەسىر رىۋايىتىدىن ياكى ئەنئەنىۋى تەۋەككۇلچى بايانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك ـــ مەزكۇر مەركىزىي نۇقتىنەزەر. روماندىكى پېرسوناژلار تارىخىي ئېپوستىكى پېرسوناژلاردىن مۇرەككەپ ھەم كۆپ بولىدۇ. رومان كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ جىمى قاتلاملىرىغىچە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى مەلۇم جايدا بىر مەركەز بولغاچقا، رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا مۇشۇنداق ئۈمىدتە بولىدىغىنىمىز ئۈچۈن رومان ئاشۇنداق خاسلىق ۋە كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئەگەر رومان بىزگە ئۆرپ- ئادەتلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تەپسىلات ۋە ئۇششاق خىياللىرىمىزنى، كۈندىلىك ئادەت ۋە پىششىق بىلىدىغان بۇيۇملارنى نامايان قىلىپ بەرسە بىز تولىمۇ ئىشتىياق ئىلىكىدە ئاخىرىغىچە ئوقۇيمىز. ئەمەلىيەتتە قاتتىق ھەيرانلىققا چۆمىمىز. چۈنكى بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر چوڭقۇر مەنىنى، ئارقا كۆرۈنۈشتىكى مەلۇم بىر جايدىكى بىر مەقسەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئومۇمىي كۆرۈنۈشتىكى ھەر بىر ئالاھىدىلىك، ھەر بىر تال يوپۇرماق، ھەر بىر دەستە گۈل تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە مەنە يوشۇرۇنغان.
رومان سىتىرىئولۇق ساختىلىق بولغاچقا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ، ئەمەلىيەتتە جىمى ئىنسانلارنى ھاياجانغا سالالايدۇ. رومان يەككە ئادەمنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىنى، يەنى سەزگۈ ئورگانىزملىرىمىز ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئەڭ چوڭقۇر نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئاشۇ مەركەزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر بىلىم پارچىسىنى، بىۋاستە سېزىمنى، بىر يىپ ئۇچىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. تولىستوي بۇنى تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى دەپ ئاتىغان. بىز پەلسەپەنىڭ قىيىنلىقى ياكى دىننىڭ ئىجتىمائىي بېسىمىغا بەرداشلىق بەرمەي تۇرۇپمۇ دۇنيا ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قىممەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشەلەيمىز، شۇنداقلا بۇ نۇقتىنى ئۆز ھېس- تۇيغۇمىز، ئەقىل- ئىدراكىمىزغا تايىنىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز. بۇنداق ئارزۇ بىر خىل ناھايىتى باراۋەر، دېموكراتىك ئۈمىدتىن ئىبارەتتۇر.
30 ياش چاغلىرىمدا ئۇيقۇنى تەرك ئەيلەپ، يېمەك- ئىچمەكنى ئۇنتۇغان ھالدا مۇشۇ خىل ئالاھىدە ئارزۇدا رومان ئوقۇيتتىم. كۈچلۈك تەلپۈنۈش ئىلىكىدە ئىستانبولدىكى ئۆيۈمدە ئولتۇراتتىم، ئوقۇغان رومانلىرىمنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ماڭا ئالەملىك تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى. گويا بىرەر قامۇس ياكى مۇزېيدەك تۇرمۇشۇمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بېيىتاتتى، ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىمغا ئوخشاش ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇسىغا باي ئىدى، خىلمۇخىل تەشەببۇس، تەسەللىي ۋە ۋەدىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى. رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا چۈش قوينىغا چۆمۈلگەندەك تۇيغۇدا بولاتتىم، دۇنيا بىلىملىرىگە ئېرىشىش، ئۆز- ئۆزۈمنى، روھىمنى يارىتىش ئۈچۈن جىمى ئىشلارنى ئۇنتۇيتتىم.
ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روماننىڭ قىممىتى ئوقۇرمەننىڭ مەركەزنى ئىزدىشىدىكى كۈچ- قۇدرىتىنى ئۇرغۇتۇشتا ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، روماننىڭ قىممىتىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى مۇقەررەركى ئۇنىڭ ئوقۇرمەننىڭ ھېسسىي تۇرمۇشىنى ئۇرغۇتۇشتىكى كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى. رومان بىزنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى ئاساسىي كۆز قاراشلىرىمىزغا جاۋاب بېرىشى، روماننى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەندە مانا مۇشۇنداق ئىستەك پەيدا قىلىشى كېرەك.
چۈنكى ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى يوشۇرۇن مەنە ياكى يوقالغان قىممەتنى ئىزدەش ۋە بايقاشقا ماس كېلىدۇ. پىروزا سەنئىتىنىڭ روھى ۋە شەكلىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ژانېر گېرمانىيەلىكلەر ئېيتقان «چوڭ بولۇۋاتقان رومان» (Bildungsroman) دۇر. بۇنداق روماندا ياش باش پېرسوناژنىڭ دۇنيانى تونۇش جەريانىدا قوبۇل قىلغان تەربىيە، چوڭ بولۇش، پىشىپ- يېتىلىش قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ. ياش ۋاقتىمدا ئەنە ئاشۇنداق رومانلار (فلوبىرنىڭ «تۇيغۇ تەربىيەسى»، توماس ماننىڭ «ئالۋاستى تېغى») نى ئوقۇپ ئۆزۈمنى چېنىقتۇرغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ، ئاستا- ئاستا روماندا گەۋدىلەنگەن ئاساسىي بىلىملەرنى ـــ دۇنيانىڭ ھالىتى، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى بىلىملەرنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدىم. بۇنداق بىلىملەر يالغۇز روماننىڭ مەركىزىدىلا ئەمەس، يەنە روماننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ بەلكىم بىر مۇنەۋۋەر روماندىكى ھەر بىر جۈملىنىڭ قەلبىمىزدە چوڭقۇر ئەمما چىن تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ، بىزگە مەۋجۇتلۇقنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىز يەنە بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئەسلى خاسلىقىنىمۇ بىلىمىز. مەن يەنە شۇنى چۈشىنىپ يېتىمەنكى، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى سەپىرىمىز، بىزنىڭ شەھەرلەردە، كوچىلاردا، ئۆيلەردە، داچىلىرىمىزدا ۋە تەبىئەتتە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغىنى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ھەم مەۋجۇت بولىدىغان، ھەم مەۋجۇت بولمايدىغان بىر خىل يوشۇرۇن مەنىنى ئىزدەشتۇر.
بۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەدە بىز روماننىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. خۇددى ئوقۇرمەن رومان ئوقۇۋاتقان چېغىدا مەركەزنى ئىزدىگىنىگە ياكى روماندا ئۆسۈپ- يېتىلىۋاتقان ياش، گكدەك باش پېرسوناژنىڭ قىزىقسىنىش، سەمىمىيلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدىگىنىگە ئوخشاش، بىز روماننىڭ مەركىزىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز. بىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى كەڭ كەتكەن مەنزىرە- كۆرۈنۈشلەرنى كېزىپ، ئۆزىمىزنى يازغۇچىغا، روماندىكى توقۇلمىلارغا ۋە ساختا كۆز قاراشلارغا، پېرسوناژلارغا، بايان تەپسىلاتلىرىغا، ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە، نەرسىلەرگە، كۆزىتىشلەرگە، مۇزېيلارغا، بىز ئالدىن ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان جايلارغا ـــ ھەقىقىي پىر پارچە رومانغا يۈزلەندۈرىمىز.

ئورخان پامۇكنىڭ «ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى» ناملىق كىتاب (بۇ كىتاب مۇشۇ يىل گۈزەل- سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ) ىدىن تەرجىمە قىلىندى

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=12108

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2015-03-31
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: سۆھبەت ۋە مۇھاكىمە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: