پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ھالرەڭ كۆز يېشى

ھالرەڭ كۆز يېشى

تيەنجوڭ شىيادەي (ياپونىيە)

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

جىيانەي بىردىن ئۆزىنى يەنە مۈرىسىنى سىيلاۋاتقان ھالەتتە سەزدى.

نېمىشقىدۇر، ئۇ يالغۇز قالغان چاغلىرىدا سول قولى بىلەن ئوڭ مۈرىسىنى بوشقىنا سىيلاپ بېرەتتى، شۇندىلا كۆڭلى خېلى ئارام تېپىپ قالغاندەك بولاتتى. كىچىكىدىن مۇشۇنداق قىلىپ كۆنۈپ قالغاچقا، بۇ ئادىتىنى 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مۇشۇ چېغىدىمۇ تاشلىمىغانىدى.

بولۇپمۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىۋەتكەندىن كېيىن، بىكارچىلىق ئۇنىڭ جېنىغا پاتتى، ئولتۇرغان جايىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.

جىيانەي ھويلىدىكى يوپۇرماقلىرى قىزىرىشقا باشلىغان پاكار ئېرەن دەرىخىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى . ئۇ گويا ئىچىنى بۇرۇقتۇم قىلىۋاتقان تىت–تىتلىقنى چىقىرىپ تاشلىماق بولغاندەك، سوغۇق ھاۋادىن كۈچەپ نەپەس ئالدى. «ئۆيگە بېرىپ باقايمۇ-يە» دېگەن بىر خىيال ئۇنىڭ كاللسىدا چاقماق تېزلىكىدە پەيدا بولدىيۇ، يەنە شۇئان غايىپ بولدى. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايىتتى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىدىن پېنسىيىگە چىققىنىغا تېخى نەچچە يىل بولغان ئاپىسى ھەدېسىلا «يالغانچىلىق-ئوغرىلىقنىڭ مەنبەسى…» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيىتتى.

ئۇنىڭ يۇرتى شىمالدىكى كىچىك بىر بازاردا ئىدى، يېڭى لىنىيە پويىزىدا ئولتۇرۇپ باسىدىغان نەچچە سائەتلىك مۇساپە ئۇنىڭغا ئاجايىپ ئۇزۇن بىلىنەتتى.

ئۇ ئىشنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگىمۇ ئۈچ ھەپتە بولۇپ قالدى.

جىيانەي ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بىر ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتىدا 10يىلچە ئىشلىدى. تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا شىنسۇ تىجارەت پونكىتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. ئۇ مۇشۇ كەسىپتىن چىققان تۇنجى ئايال باشلىق بولغاچقا، شىركەتتە خېلى بىر مەھەلگىچە پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ بۇنىڭدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى، خىزمىتىنى باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشتىن باشقىغا زېھنىنى چاچمىدى.

ئۇ مال سېتىش ئۈچۈن كۈندە ماشىنىسىنى ھەيدەپ نەمۇنە باراتتى ، شىركەتكە قايتىپ كېلىپلا كۈندىلىك تىجارەت ئەھۋالىنى بىرمۇ-بىر خاتىرىلەيىتتى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقاتتى، خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، مال ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. گاھىدا بىر نۇسخىئالغۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېرىم كۈن ھەپىلىشەتتى. يەنە تېخى سېستىما ئىنژېنىرلىرى بىلەن يېڭى سېستىما ئىشلەش ھەققىدە سۆھبەتتە بولاتتى.

نىھايەت، ئۇنىڭ مۇشۇنداق جان–جەھلى بىلەن ئىشلىشى ئېتراپقا ئېرىشتى، خېرىدارلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى، خېرىدارلارنىڭ: «ۋاي، جىيانەينىڭ مەھسۇلاتى ئىكەن» دېگەن گېپىنى پات–پاتلا ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولدى. ئۇ«كىشىلىك ھايات خىزمەت ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ» دېگەن گەپكە ئانچە ئىشىنىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىدە خىزمىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ قاچان پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيىتتى .

بىر كۈنى ئەتىگەن، جىيانەي ئەمدى بىر ئىستاكان قەھۋە دەملەپ كىرەي دەپ تۇرۇۋېدى، قول ئاستىدىكى ئايال خىزمەتچى تۇساتتىن ئۇنى چاقىرىپ: «باشلىق، ماۋۇ سىزگە كەپتۇ. . .» دېدى ۋە قولىغا«شىنسۇ تىجارەت پونكىتىدىكى چىيۇبېن جىيانەي سېستىما ئېچىش بۆلۈمىدىكى شىنجىيەن ئەننەن بىلەن ناتوغرا مۇناسىۋەتتە بولغان» دېگەن مەزمۇندىكى بىر پارچە تېلېگراممىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.

جىيانەي تېلېگراممىنى ئوقۇپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.

ئايال خىزمەتچى بوش ئاۋازدا: «ئىشقا چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا بۇ تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالدىم ، ياخشىسى ئۇنى باشقىلارغا كۆرسەتمەڭ…» دەپ قوشۇپ قويۇشنى ئۇنتۇمىدى. جىيانەي زورىغا«رەھمەت» دەپ قويدى.

ئايال خىزمەتچى ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى. جىيانەي نەچچە رەت كەيپىياتىنى ئۇلۇغ كىچىك تىنىش ئارقىلىق تەڭشىمەكچى بولدىيۇ، قوللىرىنىڭ دىرىلداپ تىتىرىشى ھېچ بېسىلمىدى، ئاخىرى بولماي قولىدىكى رومكىنى چېقىپ تاشلىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ 25 يېشىدىن بېرى سۆيگۈ ئوتىدا پۇچۇلىنىپ كېلىۋاتقىنىنى ھېچكىمگە تىنمىغانىدى. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر–بىرىگە ئوتلۇق ۋەدىلەرنى بەرمەيدىغان، پەقەت بىر – بىرىگە ھەمدەم بولىدىغان مۇناسىۋەتلا مەۋجۇت ئىدى.

يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا شىنجىيەننىڭ ئايالى غەمكىنلىك كېسىلى زىيادە ئېغىرلىشىپ كېتىش سەۋەبلىك نەچچە رەت بالنېستا يېتىپ قالدى. ئۇ چاغدا جىيانەي بىلەن شىنجىيەن مۇنداقلا تونۇشاتتى، بىللە ئىشلىمەيىتتى. شىنجىيەن جىيانەيگە قاچانلا قارىسا ھارغىن بىر قىياپەتتە كۆرۈنەتتى. شىنجىيەن يامان ئادەمدەك كۆرۈنمسىمۇ، لېكىن 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان جىيانەينىڭ كۆڭلىگە پۈككەن كىشىسىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرغاچقا، ئەندىشىسىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.

جىيانەي بىر كۈنى كوچىدا دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە كېتىۋاتقان شىنجىيەن بىلەن  دوقۇرۇشۇپ قالدى. شىنجىيەننىڭ ئايالى يېتىۋاتقان دوختۇرخانا جىيانەينىڭ تۇرالغۇسىغا يېقىن ئىدى. ھاۋا بۆلەكچە سوغوق ئىدى، شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى، چىرايىنى ئېغىر غەم بۇلۇتلىرى باسقان شىنجىيەن كۈنلۈكمۇ ئالماي يامغۇردا كېتىپ باراتتى.

شىنجىيەننىڭ شۇ تۇرۇقىنى كۆرگەن جىيانەينىڭ كۆڭلىدىن ئىختىيارسىز:«ئۇنىڭغا بىرەر ياردەمدە بولۇشۇم كېرەكمۇ قانداق» دېگەن بىر خىيال كەچتى–دە، شىنجىيەننىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي كۈنلۈكىنى ئۇنىڭ بېشىغا تۇتتى، ئۆزىنىڭ يامغۇردا قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمىدى، جىيانەي شىنجىيەننىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، روھىنى گويا بىرى سۇغۇرۇپ چىقىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولدى، كاللىسىدىن شىنجىيەننىڭ يامغۇرغا چىلىنىپ كېتىۋاتقان ۋىجىك سىيماسى نېرى بولمىدى.

شۇ چاغدا، شىنجىيەننىڭ ئايالىدىن بولغان بەش ياشلىق بىر قىزى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى شۇ تەرىقىدە باشلانغاچقا، جىيانەي توي قىلايلى دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چىقارمىدى، شىنجىيەنمۇ ئېغىز ئاچمىدى.

ئۇ گاھىدا:«بۇ ئادەم گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋېلىپ قۇۋلۇق قىلىۋاتامدۇ نېمە»دەپ ئويلاپمۇ قالاتتى، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشكە جۈرئەت يوق ئىدى.

شىركەتتە جىيانەينى ئىشلەشنىمۇ، ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈشنىمۇ بىلىدىغان ئايال دەپ قارايدىغانلار جىق ئىدى. شۇغىنىسى، ئۇلار دەردۇ–ھالىنى، قورساق كۆپۈكلىرىنى پەقەت شىنجىيەنگىلا قورقماي تۆكەلەيىتتى.

ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاشكارا قىلغان تېلېگرامما شىركەتكىمۇ، شىنجيەننىڭ ئۆيىگىمۇ ئەۋەتىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئوغىسى قاينىغان شىنجىيەننىڭ ئايالى ئاچچىقىنى قىزىدىن چىقىرىپ، قىزىغا خېلى ئوبدانلا كايىدى. جىيانەينىڭ ئىستىلى توغرىسىدىكى ئىش تىجارەت ئورنى ۋە شىركەتكە پۇر كەتتى.

«زادى كىمنىڭ قىلغان ئىشىدۇ بۇ؟» دېگەن سۇئال جىيانەينىڭ ئوي–خىيالىنى چىرمىۋالدى، كېچە–كېچىلەپ كۆزىگە ئۇيقۇ بارمىدى.

ئۇنىڭ قولى ئىشتا بولغىنى بىلەن، ھېلىدىن-ھېلىغا ئۆزىگە:«سوغۇققان بول» دەپ جېكىلەيىتتى. ئۇ تۇرۇپلا تىجارەتخانىدىكى جىمى كىشىدىن گۇمانسىراشقا باشلىدى.

ئۇنىڭ كاللىسىنى ئولتۇرسا-قوپسا:«بۇ ئىشنى ماڭا تېلېگرامما ئەكىرىپ بەرگەن ھېلىقى خىزمەتچى قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ ياق، بىر بولسا مېنىڭ ئالدىمدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ھېلىقى باشلىق ، ياكى بولمىسا شىركەتكە مەن بىلەن تەڭ كىرگەنلەر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن خىياللار چىرمىۋالاتتى . بۇ ئاز كەلگەندەك ، تېز خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى تولا قوزغىلىپ ئارام بەرمىدى ، تۇرۇپلا نەپىسى تېزلىشىپ دەم ئالالمايلا قالاتتى . يالتىراق خالتا بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالسا سەل ياخشى بوپ قالاتتىيۇ، يەنە قوزغىلىپ قالارمۇ دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرگەن ھامان، نەپىسى يەنە تېزلىشىپ كېتەتتى.

خىزمەتداشلىرىنىڭ غەمخورلۇقلىرىمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە قورقۇنچلۇق بىلىنشكە باشلىدى ، ئۇلار ئەتەي ئاشۇنداق كۆيۈمچان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ، كەينىدىن غاجىلايدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. مۇشۇلارنى خىيالىغا كەلتۈرسىلا پۇتلىرى دىرىلداپ تىتىرەپ، ئۆرە تۇرۇشقا ماجالى قالمايىتتى.

دوختۇر ئۇنى خىزمىتىدىن ۋاقتىنچە ئىستېپا بېرىشكە دەۋەت قىلدى، بۇ گەپ ئۇنىڭغا ياغدەك خوشياقتى. چۈنكى تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ كۆڭۈلسىزلىك ئۇنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغانىدى. ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى ، 10 يىل پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەش جەريانىدا پەيدا بولغان خىزمىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىردىن توزغاقتەك غايىپ بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجىيەن ئۇنىڭغا نەچچە رەت تېلېفون ئۇردى، ئۇ شىنجىيەن بىلەن ئوتتەك كۆرۈشۈش ئىستىكىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، تېلېفوننى ئالمىدى، ئۇچۇر يوللىسا قايتۇرمىدى. كۆڭلىنى ئەمدى بىسەرەمخان قىلغۇسى كەلمىدى بولغاي، شىنجىيەننىڭ تېلېفون نومۇرى بىلەن ئېلخەت ئادرېسىنى يانفۇنىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.

جىيانەي ھوجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرگىنىدە،توساتتىن ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ قالدى. قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن جىيانەي ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى–دە، كۇنۇپكىنى باستى، ئېكراندا شۇئان ئۇنىڭغا تولىمۇ تونۇش، نىمكەش كاستىيۇم–بۇرۇلكا كىيىۋالغان بىر كىشىنىڭ سىيماسى كۆرۈندى. «دادا !» دەپ توۋلاپ تاشلىدى جىيانەي. دادىسى ئىلگىرىكىدەكلا سالماق بىر قىياپەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

– گەپ-سۆزسىزلا كېلىپ ئادەمنى خويمۇ چۆچۈتتىڭىز دادا. تۇرۇپلا مېنى كۆرگىلى كەپ قاپسىزغۇ؟-چاي دەملەۋاتقان جىيانەي دادىسىغا ئىختىيارسىز ئۆز يۇرتىنىڭ شىۋىسىدە سۆزلەپلا كەتتى.

– دەم ئېلىشقا رۇخسەت سورىغىنىڭنى ئاڭلاپ، ئاناڭ مېنى«نېمە ئىش بولدىكىن؟ ئۇقۇپ كەلسىلە» دەپ ئەۋەتتى،-دېدى دادىسى.

توغرا، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئانىسىدىن تېلېفون كەلگەندە، ئۇ ئىختىيارسىز دەپ تاشلىغانىدى.

-ئىشلەۋېرىپ سەل چارچاپ قاپتىمەن، دەم ئالاي دەپ رۇخسەت ئالدىم شۇ،-دېدى ئۇ ئۆزىنى ھېچئىش بولمىغاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشىپ. دادىسى نەچچە ھەپتىلىك ھاردۇقىنى ئاۋازىدىن بىلىندۈرمەكچى بولغاندەك، «ھىم» دەپ قويدى–دە، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ چاينى ئوتلاشقا باشلىدى.

شۇ ئىشتىن كېيىن ، جىيانەينىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۇرۇپلا يەتتە كىلو چۈشۈپ كەتتى . بۇنى ئۇ ئۆزى ئانچە ھېس قىلمىغىنى بىلەن، چىرايىغا مانا مەن دەپلا تېپىپ چىققانىدى . دادىسىنىڭ بۇنى سەزمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ سەزگەن بولسا، نېمىشقا بۇ ھەقتە گەپ قىلمايدۇ ؟

– ھېيىت – ئايەم كېلىپ قالدى ، ئۆيگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلگىن ، بولامدۇ ؟

– بارغۇمغۇ تازا بار ، شۇغىنىسى …..

– ئاناڭ ئىككىمىز ھوقۇشتەك يالغۇزلا ئولتۇرىمىز. سەن يوق، ئۆيدىن بوران ئۇچۇپلا تۇرىدۇ.

جىيانەي «قانداق قىلسام بولار ؟» دەپ ئويلاپ تازا بېشى قاتتى. لېكىن، كۆڭلى خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك بىر تۇيغۇدا بولدى. چۈنكى، ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ ھېچكىشى بىلەن باردى–كەلدى قىلمىسا، ئېنىقلا كاللىسىغا ھېلىقى ئىش كىرىۋېلىپ ئۇنى ئارام تاپقۇزمايىتتى.

ئۇنىڭ ئۆيگە بارمىغىنىغىمۇ ئىككى يىل بوپ قالغانىدى. تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى توي قىلىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇنىڭغا ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكىمۇ پۇرسەت يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، دادىسى ھەدېسىلا: «بالدۇرراق نەۋرە يۈزى كۆرسەتسەڭ بولاتتى» دەپ ئالدىرىتاتتى. ئاكىسى تېخى بالا يۈزى كۆرمىگەچكە، دادىسى ئۇنى كۆرسىلا شۇ گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيىتتى.

ئاپىسى «سەمىمىيلىك ھەممىدىن موھىم»دەيدىغان تۇرمۇش مىزانىغا بەكلا ئىتائەت قىلىدىغان ئايال ئىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە شۇنداق قورقۇنچىسى بولغاچقا، ئاپىسى بىلەن يالغۇز قېلىشتىن ئىختىيارسىز ئۆزىنى ئەپقاچاتتى.

شۇڭىمىكىن، يۇرتى تىلغا ئېلىنسىلا ئۇنىڭ قەلبىنى غەم تۇمانلىرى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئايرىلغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئۆيىگە قايىتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىراشلىق ئىلىكىدە تالجىققان، سىقىلغان كۆڭلى ئارام تېپىپ، ئوبدانلا خاتىرجەم بوپ قالدى.

ئىككى يىل كۆرمىگىنىگە ئاپىسىمۇ كۆزىگە كۆزەينەك تاقاپ ئۈلگۈرگەنىدى. ۋات-ۋات مىجەزى قىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەنىدى.

– ناشتىنى ياخشى قىلدىڭمۇ ؟ بالدۇر ئۇخلا . تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولمىساڭ ، سالامەتلىكىڭگە تەسىر يېتىدۇ،- ئاپىسى ئۇنى كۆردىمۇ بولدى، شۇ ھامان ئاغزى ئېچىلاتتى . جىيانەي گويا ئۆزىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. شۇنداقتىمۇ، دادىسى ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغىنىنى زىنھار سورىمىدى.

ئۆينىڭ قىياپىتىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغانىدى، لېكىن يىللار ئۆزىنىڭ يارقىن ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇمىغانىدى.

ئاپىسى ئەتكەن دۈملىمە قورۇمىسى بىلەن قىيام شورپىسى بۇرۇنقىدىن سەل تۇزلۇق بوپ قالغانىدى، پېنسىيىگە چىققان دادىسى يەنە بىر دوستى بىلەن رەستىلەردە ئەخلەت تېرىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا – ئانىسىنىڭ چاچلىرىنى ئاق ئارىلىغان، چېھرىگە يېڭى – يېڭى قورۇقلار ئىز سېلىشقا ئۈلگۈرگەنىدى.

جىيانەينىڭ ھوجرىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىكىدەكلا تۇراتتى . دەرىزىدىن تالادىكى مەنزىرىلەرگە كۆز تاشلاپ تۇرغان جىيانەي كۆڭلى تولىمۇ پاراكەندە بىر ھالدا ئاتا – ئانىسدا روي بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى خىيال قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقان ھوجرىسىدىن كۈزگى شەپەق نۇرى تەپتىدە قىزغۇچ تۈس ئالغان تاغ چوققىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. پات – يېقىندا دەل – دەرەخلەر يۇپۇرماق تاشلاپ بولسا، ئەزىم تاغلار شايىدەك ئاپئاق كىيىملەر بىلەن پۈركىنەتتى.

ئۇ : «يەنە 10 كۈندىن كېيىن يېڭى يىل كېلىدۇ، ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ يەنە توكيودا ئىشلەپ قالارمەنمۇ؟»دېگەنلەرنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى.

ئۇ ھوجرىسىنىڭ توكىنى ياندۇردى، سائەت سىتېرىلكىسى 12 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى.

بۇ ئۆيدە ھايات بىر خىللا رېتىمدا داۋام قىلاتتى. دادىسى بىلەن ئانىسى ئەتىگىنى سائەت 6 دىلا تاماق ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ بولاتتى، كەچتە سائەت 9 بولا–بولمايلا مېھمانخانىدا ئادەم قالمايىتتى.

دەسلىپىدە ئۆيدىكى بىر خىل يوسۇندا داۋام ئېتىدىغان تۇرمۇش رېتىمى ئۇنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەچكە، سەل گاڭگىراپ قالدى. ئىككى – ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدى. توكيودىكى سائەتنى 12 قىلماي ئۆيگە قايتمايدىغان تۇرمۇش ئادىتى ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەندەك بىر تۇيغۇدا بولدى. تۇرمۇشى تەرتىپكە چۈشكەچكىمىكىن، سالامەتلىكىمۇ ئوبدانلا ياخشى بوپ قالدى. ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ، ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس بوغۇلۇش كېسىلى زادىلا قوزغىلىپ باقمىدى.

شۇ كۈنى ئۇ سائەت 10 بولغان مەھەل بىلەن ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى، لېكىن ياخشى ئۇخلىيالمىدى، ئۇيقۇسى بىر ئېچىلىپ كەتكەنچە ھېلى ئۇياققا ، ھېلى بۇياققا ئۆرۈلۈپ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى .

بولدىلا ، ئۇخلىمايچۇ. ئۇنىڭ قوپۇپ ئىسسىق بىر نەرسە ئىچكۈسى كەلدى. شۇ تۇرۇقىدا يېتىۋەرسە، ھەررەڭ – سەررەڭ خىياللار ئۇنى ھېچ ئارامىدا قويمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئۇخلاش كىيىمىنىڭ ئۈستىگە قېلىن پوپايكىدىن بىرنى يېپىنچاقلىۋالدى – دە، بىرىنچى قەۋەتكە جايلاشقان ئاشخانا ئۆيگە كىردى. پەلەمپەيدىن تاراۋاتقان سوغۇق ئۇنىڭ پايپىقىدىن ئوبدانلا بىلىندى.

ئۇ بىردىن ، ئاشخانا ئۆي بىلەن بىر تام ئايرىلىپ تۇرىدىغان مېھمانخانىنىڭ چىرىغىنىڭ يېنىق تۇرغانلىقىنى بايقىدى . ئاپىسى ئاستىغا پار ئورنىتىلغان پول ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ھەدەپ يىڭنە ئىشى قىلىۋاتاتتى. ئاپىسىنىڭ كۆزەينىكىنى بۇرۇنىغا چۈشۈرۈۋېلىپ ئىش قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەن جىيانەينىڭ قەلبىنى ئىختىيارسىز ئاچچىق بىر سېزىم چۇلغىۋالدى.

– قەھۋە دەملەپ كىرەي ، ئىچەمسەن ؟

– ئىچەي ، رەھمەت سىزگە ئاپا !

ئاپىسى قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ ئاشخانا ئۆيگە كىردى. ئۇ ئۆيگە كەلگەندىن بېرى ئاپىسى بىلەن تۈزۈكرەك پاراڭلىشىپ باقمىغىنىنى ئېسىگە ئالدى . ئىلگىرى ئۇ كوت – كوت ئاپىسى بىلەن سۆزلەشسە گېپى زادىلا بىر يەردىن چىقمايىتتى . ھازىرمۇ ئانا – بالا ئىككىسىنىڭ گەپلىرى ھېچ قولاشمايۋاتاتتى.

– نېمە تىكىۋاتىسىز، ئاپا ؟

– سېنى بىرىنچى ئايدا كىيسۇن دەپ كىمنو تىكىۋاتىمەن.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان جىيانەي قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى، ئاپىسى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا بەكلا ئالدىراش ئىدى، جىيانەينى كىچىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىشقا كۆندۈرۈپ چوڭ قىلغانىدى. شۇڭا، ئاپىسىنىڭ ئەزەلدىن ئۆزقولى بىلەن كىيىم تىكىپ بەرگىنىنى ئەسلىيەلمەيىتتى ، ھەتتا ئۆزىگىمۇ شارپا ، پەلەي دېگەندەك نەرسىلەرنى توقۇپ باققىنىنى كۆرمىگەنىدى. بولمىسىغۇ ئۇ ئاپىسىنىڭ ياش ۋاقتىدا تىككۈچىلىكنى ئۆگەنگىنىنى ئاڭلىغان ، لېكىن كىيىم تىككىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.

ئۈستەلدە يېرىمى پۈتكەن كىمنو تۇراتتى. كىيىمنىڭ رەختى تولىمۇ كۆركەم بولۇپ، جىيانەينىڭ كۆزىگە بەكلا تونۇش كۆرۈندى. تېگى ھالرەڭ بۇ رەختكە قىزغۇچ ۋە ئاق رەڭ بىرلەشتۈرۈلگەن نورۇز گۈلىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىدى.

– ئاپا ! بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يەڭلىك كىمنورىمغۇ ؟①

– يادىڭدا باركەن ھە ؟ يېڭىنى ئازراق ئۆزگەرتسەم تازا لايىقىدا كىيىم بولغۇدەك .

بۇ كىمنونى ئۇ مۇراسىملارغا بارغاندا كىيەتتى. ئۇنىڭ توكيودا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى ، تەتىلدە ئۆيىگە قايىتقان چاغدا ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيىپ بىر مۇراسىمغا باردى. شۇكۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ توختىماي قار ياغقىنى ، دادىسىنىڭ ماشىنىسى بىلەن مۇراسىم زالىغا ئاپىرىپ قويغىنى ئۇنىڭ ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىدە . ئۇ كۈنى دادىسى بۆلەكچىلا خۇشال ئىدى ، دادىسى ئەزەلدىن بۇنداق خۇشال بوپ باقمىغانىدى . دادىسى ئۇنىڭ : «ئۆزۈم تاكسى توسۇپ كېتىمەن ، ئالغىلى كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ»دەپ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ ئۇنىماي ، «ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن»دەپ ئۇنى ئالغىلى كەلدى. ئۇ:«كۆرۈشمىگىنىمگە ئۇزۇن بولغان دوستلىرىم بىلەن قانغۇچە ئوينىيالمىدىم»دەپ دادىسىدىن ئوبدانلا رەنجىدى. كېيىن، ئۇزۇن يەڭلىك كىمنو كىيىپ بىللە رەسىمگە چۈشكەن دوستلىرى كەينى – كەينىدىن توي قىلىپ بالىلىق بولۇشتى. ئۇنىڭغا بالىلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئاتكىرىتكىلارنى ئەۋەتىدىغان دوستلىرىمۇ ئاۋۇشقا باشلىدى، ھەر قېتىم ئاشۇنداق ئاتكرىتكا تاپشۇرۇۋالغان چېغىدا ئۇنىڭ قەلبىنى مۇرەككەپ تۇيغۇلار چۇلغۇۋالاتتى .

«ھەجەپ قالتىس چاغلار ئىكەنتۇق – ھە!»دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزەتتى ئۇ . شۇ چاغلاردا ئالىي مەكتەپتىكى مەنىلىك كۈنلىرى ئۇياقتا تۇرسۇن ، يەنە تېخى تېزراق خىزمەتكە چىقىش خىيالى ئۇنىڭ كاللىسىدىن نېرى بولمايىتتى . لېكىن، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ كېلەرىنى ئۇ زىنھار خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى …..

جىيانەي ئارىدىكى بۇرۇقتۇرمىچىلىققا بەرھەم بېرىش ئۈچۈن چاقچاققا يۆلەپ دېدى :

– چىرايلىقلىقىغۇ چىرايلىقكەن ، لېكىن ھالرەڭ سەل قېرى چىراي كۆرۈنۈپ قالامدۇ نېمە ؟ بۇنى كىيسەم 30 تىن ئاشقان ئاياللارغا ئوخشاپ قالارمەن ؟

– بۇ ھالرەڭ ئەمەس ، ئاچ قىزىل رەڭ ، – دېدى ئاپىسى ئەستايىدىل قىياپەتتە.

ئاپىسى يەنە بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچى تەلەپپۇزىدا سۆزلەشكە باشلىدى، جىيانەي ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدى . ئاپىسىمۇ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ:«ئاسان تىكمىدىم بۇنى ، قېنى كىيىپ باقە»دېدى. جىيانەي پوپايكىسىنى سېلىپ كىمنونى ئۇچىسىغا كىيىۋالدى .

تېرىسى ئاپئاق كەلگەن جىيانەي ئاچ قىزىل رەڭدىكى كىمنونى كىيىۋېدى، لاپپىدە ئېچىلىپ كەتتى. ئاپىسىمۇ كەينىگە بىر قەدەم داجىپ قىزىنىڭ ئۈستىبېشىغا بىر قۇر نەزەر تاشلىۋېتىپ : «بەك ياراشتى» دېدى. ئاپىسىنىڭ بۇ گېپىدىن ئۇ ئۆزىنى 12 ياش ۋاقتىغا ، ياق ، ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك ۋاقتىغا قايتىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. ئاتا – ئانام مېنى شۇنچە كۆيۈنۈپ ، پەپىلەپ مۇشۇنچىلىك چوڭ قىپتۇ، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇلار پەخىرلەنگۈدەك بىر قىزبالا بولۇش خىيالىم باربولمىسا. ئەجىبا ، بىرەر يەردە كەتكۈزۈپ قويدۇممۇ نېمە ؟ كاللىسىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيدىغان يوشۇرۇن بىر ئۆكۈنۈش تۇيغۇسى چىرمىۋالغان جىيانەينىڭ بېشى ئىختىيارسىز چۈشۈپ كەتتى.

ئاپىسى قولىنى قىزىنىڭ مۈرىسىگە قويدى : «كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇۋاتامدۇ ؟ چارچاپمۇ قالغانسەن ھەقاچان ؟ بول ، ئوبدان بىر ئۇخلىۋالغىن !» دەپ تەسەللىي بەرگەچ قىزىنىڭ دولىسىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى. دەسلىپىدە ئاپىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيران بولدى، ئاپىسىنىڭ قولى تولىمۇ ئىللىق ، يۇمشاق ئىدى …..

– ئاپا، دادام ئىككىڭلار مەندىن ھېچ بىر گەپ سوراي دېمەيسىلەرغۇ ؟

– سېنى ئەيبلىگۈمىز كەلمىدى قىزىم . ئىشنىڭ كونكېرت ئەھۋالىدىن تازا خەۋىرىمىز يوق، لېكىن خەقلەر ھەجەپ ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ دەپ بىزنى كۆپ ئەيىبلىدى، سورىمىساقمۇ ھەممە ئىشنى بىلىمىز بالام .

ئاپىسىنىڭ مېھرىبانلارچە سىيلاپ – سىيپاشلىرىدىن تەسىرلەنگەن جىيانەينىڭ چاناقلىرىدىن يىغىلىپ قالغان نەچچە ئايلىق ، ياق ، نەچچە يىللىق كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

ئۇ توكيودا ئۆزى يالغۇز جان تىكىپ ئىشلەشنىڭ مۇشەققىتى، تەنھا، غېرىب تۇرمۇشنىڭ جانغا پېتىشى، شۇنچە تىرىشسىمۇ ئايىغى چىقمايدىغان مۇھەببەت، باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويۇشنىڭ پۇشايمىنى، يېقىندىن بۇيان تارتقان ئازابلىرى، قەلب جاراھىتىنى بىراقلا يۇيۇپ تاشلىماقچى بولغاندەك، ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى .

ئۇ ئاپىسىنىڭ دائىم مۇشۇنداق مېھرىبانلارچە سىيلاپ – سىيپاشلىرىغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئازابلانغان ، غېرىبسىنغان دەملىرىدە ئۆزىنىڭ دولىسىنى ئۆزى سىيلاپ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇشقا ئادەتلىنىپ قالغانىدى.

كىچىكىدە كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىغان چاغلىرىدا ئاپىسى ئۇنىڭ دولىسىنى تۇتۇپ قوياتتى . نېمىشقىكىن ، ئاپىسى مۇشۇنداق تۇتۇپ قويسىلا ئۇنىڭ كەيپى كۆتۈرۈلۈپ، يىغىدىن توختاپ قالاتتى . بۇرۇن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاپىسى كوتۇلداپلا يۈرىدىغان ، قىزىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان ئايال ئىدى، مانا ئەمدىلىكتە ئاپىسىنىڭ ئەسلىدە تولىمۇ مېھرىبان ، كىشىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ئېسىل ئايال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق موھىم ئىشىنى ئۇنتۇلۇپ كەتتى – ھە؟ ئۇ يىغىدىن ھېچ پەسىيىدىغاندەك قىلمايىتتى. ئاپىسىمۇ ئۈندىمەستىن ئۇنىڭ دولىسىنى بوشقىنا سىيلىماقتا ئىدى …..

قەھۋە ئاللىقاچان سوۋۇپ قالغانىدى . جىيانەي يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزىۋاتقان ئاپىسىنىڭ يېنىدا گېزىتكە قاراپ ئولتۇراتتى، شۇنچە ئوقۇسىمۇ گېزىتتىكى مەزمۇنلار كاللىسىغا كىرەي دېمەيىتتى. بەك ئۇزۇن يىغلىۋەتكەچكىمىكىن، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى .

– ئاپا …..

ئاپىسى قىلىۋاتقان يىڭنە ئىشىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپلا «ھە» دېدى جاۋابەن.

– مەن … مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئىش قىلىۋاتقان ھالىتىڭىزنى كۆرسەم، ئاپام بەك قالتىسكەن جۇمۇ، دەپ ئويلايىتتىم ، شۇڭا تا ھازىرغىچە خىزمەتنى ناھايىتى بېرىلىپ ئىشلىدىم. بېشىمغا نى – نى دەرد-ئەلەملەر كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن … – جىيانەي دەيمۇ – دېمەيمۇ دېگەندەك بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ ، گېپىنىڭ داۋامىنى يەنىلا دەۋېتىش قارارىغا كەلدى ، – مانا ھازىرغىچە سىلەرنى نەۋرىلىك بولۇش خوشلۇقىغا يەتكۈزمەپتىمەن ، سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن . دادامنىڭ نەۋرىلىك بولۇش ئىستىكى بەك كۈچلۈك ئىدى . لېكىن …..

ئاپىسى قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قىزىغا نەزەرىنى ئاغدۇردى . گويا قەلبىنى ئۇزۇندىن بۇيان بېسىپ تۇرغان غەم تۇمانلىرى تاراپ كەتكەندەك بولدى ۋە چېھرىگە يېقىملىق كۈلكە يۈگۈرتۈپ : «سەن بەختىڭنى تاپساڭلا ، بىز شۇنىڭ ئۈچۈن خۇش . داداڭمىچۇ، ئاغزىدا شۇنداق دەپ قويغىنى بىلەن، ئولتۇرسا- قوپسا<قىزىمىز توكيودا قالتىس ئىشلەۋاتىدۇ>دەپ ماختىنىدۇ»دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جىيانەينىڭ كۆز جىيەكلىرى يەنە قىزىرىشقا باشلىدى. چاقچاققا يۆلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمىگەن بولسا ، يەنە بايامقىدەك بىر قەپەس كۆز يېشى قىلىشى چوقۇم ئىدى. جىيانەي، ئاپام راست دەۋاتقانمىدۇ، دېگەن نەزەردە ئەتەي سورىدى :

– سىزگە ئوخشاش يەنە ئىشلەيمىكىن دەيمەن ، ئاپا.

– سېنىڭغۇ ئىقتىدارىڭ بار ، نەدىنلا بولمىسۇن خىزمەت تاپالايسەن .

جىيانەي دومسايغىنىچە، كىمنوسىغا ھەييارلىق بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .

ئۇ يېڭى يىل كۈنى مۇشۇ كىمنورىنى كىيىپ يېقىن ئەتراپتىكى بۇتخانىغا تاۋاپ قىلغىلى بېرىشنى، سوغۇقى جاندىن ئۆتىدىغان فېۋرال ئېيىدا ئېغىر بەل ئاغرىقى بار دادىسىنىڭ ئورنىدا قار تازىلاشنى كۆڭلىگە پۈكتى؛ دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاشۇ تاغلار مۇشۇ كىمنوسىنىڭ رەڭگىدەك تۈس ئالغۇچە، خىزمىتىممۇ ھەل بولۇپ قالار دېگەنلەرنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى . توكيودىكى تۇرمۇشى يادىغا كېلىۋېدى، بىردىن كۆڭلى پاراكەندە بولدى .

تۇرمۇشۇم يالغانچىلىق ئىچىدىلا ئۆتۈپتۇ، مېنى يەنە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىكىن ؟ ھەممىنى تامام ئۇنتۇپ، تۇرمۇشۇمنى يېڭىدىن باشلاشقا مۇمكىن بولارمۇ ؟

شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقان جىيانەي ئاپىسىدىن يەنە ئىختىيارسىز سورىدى :

– ئاپا ، سىز «يالغانچىلىق – ئوغرىلىقنىڭ مەنبەسى» دېگەن گەپنى ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەيىتتىڭىز . ھازىرمۇ شۇنداق قارامسىز ؟

– ئەلۋەتتە … مەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا ھەمىشە شۇنداق دەيىتتىم. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسان ئۈچۈن سەمىمىي، راستچىل بولۇش ھەممىدىن موھىم .

بۇ گەپلەرنى ئىشىتكەندىن كېيىن، جىيانەينىڭ قەلبىنى بېسىپ تۇرغان غەشلىك بىردىنلا تاراپ كەتكەندەك بولدى. نورۇز گۈلى زىمىستاننى قانچە جىق كۆرسە ، گۈلى شۇنچە چىرايلىق ئېچىلارمىش . كىشى ھەرقانداق ئىشقا سەمىمىيلىك بىلەن يۈزلەنسىلا ھەقىقىي ئۆزلۈكىگە قايتالايدۇ .

جىيانەي ئاچ قىزىل كىمنوسىغا يەنە بىر رەت قارىۋېدى، كۆزلىرىدىن بايامقىدىنمۇ نۇرلۇق ئۇچقۇنلار چاقناپ كەتتى .

___________

① ياپونىيە كىمنوسىنىڭ بىر خىلى، ھازىر كۆپىنچە توي قىلمىغان قىزلار رەسمىي سورۇنلاردا كىيىدىغان ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كۆرسىتىدۇ .

بۇ ھېكايە «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2010 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10878

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: پوۋېست- ھېكايە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: