پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى(رومان): 4- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

رومان

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

تۆتىنچى باب

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى . كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەھەل بىلەن دورىيان گرېي لورد ھېنرىنىڭ ماي فايىرغا جايلاشقان ئۆينىڭ چاققانغىنا كۈتۈپخانىسىدا يۆلەنچۈكلۈك راھەت ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى . كۈتۈپخانا تولىمۇ چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تامغا تورۇسقىچە تاقاشقان دۇب ياغىچى چاپلىنىپ ، ئۈستىگە ھالرەڭ جىيەك تۇتۇلغان ؛ تورۇسقا قاپارتما گۈللۈك نەقىش چىقىرىلغان؛ يەرگە كۈلرەڭ پالاز، پالاز ئۈستىگە ناھايىتى ياراشتۇرۇلۇپ ئۇزۇن پۆپۈكلۈك ئەپچىلگىنە پارس گىلىمى سېلىنغان؛ لىپا ياغىچىدىن ياسالغان چاي ئۈستىلىگە كلودىيوننىڭ① بىر كىچىك ھەيكىلى تىزىلىپ، يېنىغا مۇقاۋىسىغا ئالتۇن ھەل بىلەن چىرايلىق دەستار گۈلىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن «100 پارچە ھېكايە» دەپ نام قويۇلغان قوليازمىسى قويۇلغان ؛ بۇنى كلوۋس ئىۋن② مارگات ۋالويىس③ ئۈچۈن ئالاھىدە تۈپلەپ چىققانىدى . تام مەشنىڭ جاھازىسىدىكى بىر نەچچە ساپال لوڭقىغا سۈنئىي كۈركۈم گۈلى سېلىنغانىدى ، لوندون ئاسمىنىنى يۇرۇتۇپ تۇرغان گىلرەڭ قوياشنىڭ تال- تال نۇرلىرى دەرىزە ئەينىكىدىن ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ تۇراتتى.

      لورد ھېنرى تېخىچە قايتىپ كەلمىدى. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئۇنىڭ نەزەرىدە ۋاقىتنى ئوغۇرلىغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى . شۇڭا بىر يەرگە دائىم كېچىكىپ باراتتى. شۇ تاپتا ئوزايىدىن زېرىكىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرغان دورىيان چىرايلىق قىستۇرما رەسىملەر بېرىلگەن «مانون لېسكاۋت»④ ناملىق كىتابنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ۋاراقلاپ ئولتۇراتتى. لۇيىس ⅪⅤدەۋرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ياسالغان تام سائىتىدىن بىر خىللا رەرىشتە چىقىۋاتقان چىكىلدىغان ئاۋاز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقاتتى . ئۇ نەچچە رەت مېڭىشقا تەمشىلىپ بولۇپ يەنە ئولتۇرۇپ قالدى.

     نىھايەت ، سىرىتتا ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپ ، ئىشىك ئېچىلدى.

     _ بەك ساقلىتىۋەتتىڭىز، ھاررى!_دېدى ئۇ ئاغرىنىش تەلەپپۇزىدا .

      _ ئوبدانراق قارىڭە گرېي ئەپەندى ، كىم ھاررىكەن،_ دېدى بىرى چىرقىراق ئاۋازدا.

     ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىدى . قارىدىيۇ، لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

   _ كەچۈرۈڭ. مەن تېخى….

   _ ئېرىمنى كەپتۇ دەپ قاپسىز-دە، مەن ئۇنىڭ ئايالى بولىمەن . ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي . مەن سىزنىڭ نۇرغۇن رەسمىڭىزنى كۆرگەن ، شۇڭا سىزنى ئوبدان تونۇيمەن . ئېرىمدە سىزنىڭ رەسمىڭىزدىن 17 پارچىسى بار.

     _ 17 پارچە ئەمەستۇ، ھېن رى خانىم؟

     _ ئەمسە 18 پارچە ئوخشايدۇ . ھېلىقى كۈنى كەچتە سىزنى تىياتىرخانىدا ئېرىم بىلەن بىللە تۇرغاندا كۆرگەن ئىدىم ،_ ئۇ گەپ قىلغاچ ساراڭلارچە كۈلەتتى، خۇمارلىق كۆزلىرى بىلەن مېنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ دېگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇ تولىمۇ غەلىتە ئايال ئىدى، ھەمىشى بوران- چاپقۇندا كىيىشكە ماس كېلىدىغان ھەررەڭ- سەررەڭ كىيىملەرنى كېيىۋالاتتى. تۇرۇپلا كىمدۇر بىر كىملەرنى ياخشى كۆرۈپ قالاتتى، ئەمما بۇ ھېسىياتلىرىنى بىلىندۈرمەيتتى، خىياللىرىنى ھېچكىمگە تىنمايتتى. ئۆزىنى جەلىپكار قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى – يۇ ، كىشىلەرگە ئۇچىغا چىققان شاللاق تەسىر بېرىپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ۋېكتۇرىيە بولۇپ، چېركاۋغا بېرش ئۇنىڭ بىردىنبىر خۇمارىنى باسىدىغان ئىش ئىدى.

     _«لوھېنگرىن»⑤ نى ئورۇنلاۋاتقان چاغنى دەيسىزغۇ، ھىنىرى خانىم .

     _شۇنداق، شۇ چاغدا كۆرگەن. ۋاگنېرنىڭ مۇزىكىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ ئاۋاز تېمبىرى بەك يۇقىرى، قانچىلىك گەپلەشسىڭىزمۇ ئەتراپىڭىزدىكىلەر ئاڭلىيالمايدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى بىر ئارتۇقچىلىق . قانداق دېدىم گرېي ئەپەندىم؟

      ئۇ نېپىز لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ساراڭلارچە كۈلۈپ كەتتى، قولىدىكى كارتىنا قېپىدىن ياسالغان ئۇزۇن ساپلىق قەغەز كېسىدىغان پىچاقنى ھەدەپ ئوينايتتى .

      دورىيان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى:

       _ بۇ گېپىڭىزگە قوشۇلالمايمەن ھېنرى خانىم . مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان چېغىمدا قەتئىي گەپ قىلمايمەن ، ھېچبولمىغاندىمۇ ئېسىل مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان چاغدا شۇنداق قىلىمەن . قۇلاققا ياقمىغان مۇزىكىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغاندىن،  ئۆزىمىزنىڭ پاراڭلىرىنى سېلىشىپ ئولتۇرغىنىمىز ئەۋزەل.

      _ ئوھوي، ھېنىرىمۇ شۇنداق ئويلايدۇ، شۇنداقمۇ گرىېي ئەپەندىم؟ ھېنىرىنىڭ قاراشلىرىنى ھەمىشە دوسىتلىرىدىن ئاڭلايمەن ، بۇمۇ ئۇنىڭ مېنى چۈشىنىشىمدىكى بىردىنبىر ئۇسۇلۇم . بۇنداق دېسەم ، مېنى ئېسىل مۇزىكىلارنى ياقتۇرمايدىكەن دەپ قالماڭ . ئېسىل مۇزىكىلارغا قەۋەتلا ئامراقمەن، لېكىن ، ئاڭلاشتىن قورقىمەن ، ئۇنداق مۇزىكىلارنى ئاڭلىسام، زىيادە رومانتىكلىشپ كېتىدىكەنمەن. ھاررى ماڭا:«مەن رويالچىلارغا چوقۇنىمەن، بەزىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىشىگە چوقۇنىمەن»دېگەنتى. ئۇلاردا نېمە سېھىر باركىنتاڭ، ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ. بەلكىم ئۇلار چەتئەللىك بولغاچقا شۇنداقمىكىن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى چەتئەللىكما؟ ئاشۇ رويالچىلار ئەنگىلىيدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن چەتئەللىك بولىۋالىدىكەن، شۇنداقمۇ؟ ئۇلارمۇ تازا ئەقىللىقكەن، مۇشۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ سەنئىتى تېخىمۇ ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ، دۇنياۋى سەنئەتكە ئايلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟ سىز مەن ئۇيۇشتۇرغان زىياپەتكە قاتنىشىپ باقمىدىڭىزغۇ دەيمەن گرىېي ئەپەندىم؟ چۇقۇم بىر كېلىڭ . گۈل ئالالمىغىنىم بىلەن، چەتئەللىكلەرگە پۇل خەجلەشتە مەندىن سېخى ئادەم يوق. زالدا ئۇلار بولسا بەك قالتىس بولىدۇ. ئوھۇي ، ھاررى كەلدى ! ھاررى، سىزنى بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كېلىۋىدىم ، نېمە ئىش بولغىيتتى ، ھەجەپ ئۇنتۇپ قالدىميا . كەلسەم گرىېي ئەپەندىم ئولتۇرۇپتىكەن، مۇزىكا توغرىسىدا تازا كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپتۇق. گېپىمىز بىر يەردىن چىقتى. ياق، مەن دېمەكچى، كۆز قاراشلىرىمىز پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. لېكىن ، ئۇ ئادەمنى خۇش قىلىشقا بەك ئۇستىكەن . ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ بەك خۇش بولدۇم.

     -ياخشى بوپتۇ قەدىرلىكىم، ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،_ لورد ھېنرى ھىلال ئايدەك ئېگىلىپ چۈشكەن قاپقارا قاشلىرىنى ھىمىرىپ قۇيۇپ ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دېدى،_ كەچۈرۈڭ ، ئۇزۇن ساقلىتىپ قويدۇم. ۋاردور كوچىسىغا كونا كىمخاپ تاللىغىلى بېرىپ، ساتارمەن بىلەن نەچچە سائەت باھا تالىشىپ تۇرۇپ قالدىم. ھازىر كىشىلەر نەرسىنىڭ باھاسىنى بىلگەن بىلەن، قىممىتىنى بىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ.

      _ مەن ماڭايمىكىن،_ ئەنسىز ۋارقىرىدى ھېنىرى خانىم. ئۇنىڭ گالۋاڭلارچە كۈلكىسى ئارىنى قاپلىغان ئېغىر سۈكۈناتنى بۇزدى،_ گراف خانىم بىلەن پەيتۇندا شامالداپ كېلىشكە دېيىشىپ قويغان ئىدىم . خەير-خوش، گرىېي ئەپەندىم. خەير- خوش، ھاررى . بىلسەم- بىلمىسەم، تاماقنى سىرىتتا يەيسىلەرغۇ دەيمەن، مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن . سىلەر بىلەن دورنبارىي خانىمنىڭ ئۆيىدە ئۇچىرىشپ قالامدۇق تېخى.

     ئۇ گويا كېچىچە يامغۇردا قالغان قەقىنۇستەك ، ئۆيدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى، شۇئان ئۆي ئىچىنى ئۇنىڭدىن تارقالغان قۇيۇق ئەتىر ھىدى بىر ئالدى.

     _ شۇنداق دېيەلەيمەنكى ، قەدىرلىكىم،_ لورد ھېنرى شۇنداق دېگەچ ئايالىنىڭ كەينىدىن ئىشىكنى ياپتى – دە، بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىنى سافاغا تاشلىدى،_ سېرىق چاچ ئاياللار بىلەن ھەرگىز توي قىلماڭ.

     _ نېمىشقا ئەمدى، ھاررى؟

     _ چۈنكى ئۇلار بەك ھېسىياتچان كېلىدۇ.

      _ مەن دەل شۇنداق ھېسىياتچان ئاياللارغا ئامراق.

     _ ئۇنداق ئاياللارغا ھەرگىز يېقىن يولىماڭ، دورىيان. ئەرلەر ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن توي قىلىدۇ. ئاياللار بولسا قىزىقىش ئۈچۈن توي قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە ھەر ئىككىيلەن پۇشايماندا قالىدۇ.

      _ توي قىلىپمۇ كەتمەسمەن ھاررى . ھازىر بىر قىز بىلەن يۈرىۋاتىمەن . سىز ئېيىتقان بۇ ھېكمەتنى ئەمەلىيتىمدە بىر سىناق قىلىپ باقاي دەيمىنا.

      _ كىم بىلەن يۈرىۋاتىسىز؟_ سورىدى لورد ھېنرى بىر پەس جىمىپ كىتىپ.

      _ بىر ئارتىسىت بىلەن،- دېدى دورىيان گرېي قىزارغان ھالدا.

      لورد ھېنىرى مۈرىسىنى چىقىرىپ قويدى:

        _ تۇنجى مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولىدۇ.

        _ ئۇنى كۆرسىڭىز بۇنداق دېمەيسىز، ھاررى.

       _ كىم ئۇ؟

       _ ئۇنىڭ ئىسمى سىېلبىي ۋېيىن.

       _ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن .

       _ ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان . لېكىن كىشىلەر ھامىنى بىر كۈنى ئۇنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ بىر تالانت ئىگىسى.

       _قەدىرلىك ئىنىم، ئاياللاردىن تالانت ئىگىسى چىقمايدۇ. ئاياللار دېگەن ياسىنىش ئۈچۈنلا يارالغان خەق . ئۇلار نازلىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. ئەرلەر روھنىڭ ئەخلاقتىن ھالقىشىغا ۋەكىللىك قىلغىنىغا ئوخشاش، ئاياللارمۇ ماددىنىڭ روھتىن ھالقىپ كېتىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

      _ نېمىشقا بۇنداق دەيسىز ، ھاررى؟

      _ قەدىرلىك دورىيان ، دېگەنلىرىم قۇرۇق گەپ ئەمەس . مەن ھازىر ئاياللارنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن، شۇڭا بۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن. بۇ تېما مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق سىرلىق نەرسە ئەمەس. بايقىشىمچە ، ئاياللار مۇنداق ئىككى خىللا بولىدىكەن : بىرخىلى ئاددىي- ساددا ئاياللار، يەنە بىر خىلى ياسانچۇق ئاياللار. ئاددىي- ساددا ئادەملەردىن ئادەمگە نەپ تېگىدۇ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولاي دېسىڭىز، ئۇلارنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلسىڭىزلا كۇپايە . يەنە بىر خىلدىكى ئاياللار تولىمۇ جەلىپكار كېلىدۇ، ئەمما بىرلا خاتالىقنى سادىر قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، يەنى ئۆزىنى ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرناقلىرىغا لاك سۈرىۋالىدۇ. مومىلىرىمىز بولسا قىلغان گەپلىرىنىڭ پاساھەتلىك، قايىل قىلارلىق چىقىشى ئۈچۈن تىرناقلىرىغا لاك سۈرىۋالاتتى. ئۇپا- ئەڭلىك بىلەن چېچەنلىك تەڭ ماسلاشسا گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك ئىش بولىدۇ . ئەمما ، ھازىر ئۇنداق ئىشلار قالمىدى . ھازىرقى ئاياللار ئۆز قىزىدىنمۇ 10 ياش ياش كۆرۈنەلىسە ، كۆڭلى قانائەت تاپىدۇ، مۇراد- مەقسىتىگە يېتىدۇ. پاراڭلىشىش توغرا كەلسە، لوندۇندا بەشلا ئايال پاراڭلىشىشقا مۇناسىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ ئېتراپىغا ئېرىشەلمەيدۇ. بولدىلا ، ماڭا ئاشۇ تالانتلىق مەشۇقىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭا . ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟

      _ ھەي ھاررى، گەپلىرىڭىزدىن سەل چۆچۈپ قالدىم .

      _ ئۇ گەپنى قويۇپ تۇرۇپ دەڭە ، ئۇ قىز بىلەن تونۇشقىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟

     _ ئۈچ ھەپتىچە بولدىغۇ دەيمەن.

     _ قەيەردە تونۇشتىڭىز؟

     _ سىزگە ھەممىنى ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىمەن ھاررى . لېكىن كۆڭلۈمگە سوغۇق سۇ سەپسىڭىز بولمايدۇ! ئىشقىلىپ ، سىز بىلەن تونۇشمىغان بولسام، بۇ ئىش ھەرگىز يۈز بەرمىگەن بولاتتى. سىز مېنىڭ تۇرمۇشنى تەلۋىلەرچە چۈشىنىپ بېقىشىمغا سەۋەپچى بولدىڭىز. سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، قانداقتۇر بىر غايىبانە نەرسە تومۇرلىرىمدا توختاۋسىز كۈۋەجىدى . باغچىلاردا ئايلانغانلىرىمدا ياكى پىكادىللىي كوچىسىدا ماڭغانلىرىمدا ، يېنىمدىن ئۆتكەنلەرنى كۆزىتىدىغان، تەلۋىلەرچە قىزىقىش بىلەن ئۇلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . گاھىلىرى مېنى مەپتۇن قىلىۋالسا، گاھىلىرى قورقۇنچقا سالاتتى. نېمىشقىكىن ، يېڭى – يېڭى غەلىتە تۇيغۇلارنى ئارزۇلايدىغان بوپ قېلىۋاتاتتىم . بىر كۈنى كەچقۇرۇن، سائەت 7 لەر بولغان چاغقۇ دەيمەن ، چىقىپ يېڭى تۇيغۇلارنى ئىزدەپ بېقىش خىيالىغا كەلدىم . كۈلرەڭ تۈس ئالغان بۇ غەلىتە شەھرىمىز لوندون_ سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە ئېيىتقاندا، ئادەملەر تىقما- تىقماق بولۇپ كەتكەن، رەزىللىك، ئىپلاسلىق ئەۋج ئالغان ، جىنايەتنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان بۇ شەھەر ماڭا بىر نەرسىلەرنى ئاتا قىلىدىغاندەكلا ئىدى . خىياللىرىم قاناتلىنىپ ، ۋەھىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۇيغۇ مېنى ھاياجانغا سالاتتى . ئىككىمىز تۇنجى قېتىم بىللە تاماق يېگەن ھىلىقى گۈزەل ئاخشام ھېلىھەم ئېسىمدە ، شۇ چاغدا سىز ماڭا ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەخپىيتىنىڭ گۈزەللىك ئىزدەشتە ئىكەنلىكىنى ئېيىتقانىدىڭىز . ئۆزۈمنىڭ زادى نېمىگە تەشنا بولۇۋاتقىنىمنى ئەسلا بىلمەيتتىم . شۇنداقتىمۇ ئىشىكتىن چىقىپ ، شەرقىي رايۇن تامان ئىلدام يۈرۈپ كەتتىم ، بىردەم ماڭا- ماڭمايلا ئەگرى- بۈگرى كەتكەن، پاسكىنا كوچا، گىياھ ئۈنمەيدىغان قاپقاراڭغۇ بىر مەيداندا يولدىن ئادىشىپ قالدىم . ئالاھەزەل سائەت 8:30 بولغان چاغ، تولىمۇ ۋەيرانە بىر كىچىك تىياتىرخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گاز لامپىلىق چىراغ لاۋۇلداپ نۇر چېچىپ ، ئېلان تاختىسىنى رەڭگارەڭ يورۇتۇپ تۇراتتى . ئۇچىسىغا مەن تۇغۇلۇپ كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ غەلىتە جىلىتكە كىيىۋالغان ، تولىمۇ بەدبەشرە بىر يەھۇدىي سۈپىتى ناچار سىگارت شورىغىنىچە تىياتىرخانا ئىشىكىدە تۇراتتى. چاچلىرى مايلىشىپ غۇژمەكلىشىپ كەتكەن ، قاسماقلىشىپ كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن كۆينىكىنىڭ كۆكرىكىگە قادىۋالغان بىرتال يوغان ئالماس ۋال- ۋۇل پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇراتتى . «ئايرىمخانىغا كىرمەملا، جانابلىرى» دېدى ئۇ مېنى كۆرۈپ، بېشىدىكى شەپكىسىنى پۇرلاپ ئېلىۋېتىپ . ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قانداقتۇر بىر نەرسە كۈلكەمنى قىستايتتى. ئۇنىڭ تۇرۇقى كىشىگە گويا ئاجايىپ بىر مەخلۇقنى ئەسلىتەتتى . بىلىمەن ، مېنى چۇقۇم مازاق قىلىسىز. نىھايەت ، تىياتىرخانىغا كىردىم، بىر گۇينا (ئەنگىلىينىڭ قەدىمكى پۇلىنىڭ نامى، بىر گۇينا 21 شىللىڭغا تەڭ)غا سەھنىگە يېقىن ئايرىمخانىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالدىم . شۇ چاغدا نېمىشقا ئاشۇنداق قىلغىنىمغا ھازىرغىچە ئەقلىم ھەيران. ئەگەر شۇ يەرگە كىرمىگەن بولسام ، ھاياتىمدىكى ئەڭ بۈيۈك سۆيگۈ- مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولاتتىمكەن . مانا، مانا، مازاق قىلغىلى تۇردىڭىز، بەك ئەسكىكەنسىز!

       _ مازاق قىلمىدىم دورىيان، باشقا ئىشقا كۈلىۋاتىمەن . ھاياتىمدىكى ئەڭ بۆيۈك سۆيگۈ- مۇھەببەت دەپمۇ كەتمەڭ ، ئۇنى ھاياتىمدىكى تۇنجى مۇھەببەت دېسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ. سىز مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سۆيۈشىگە نائىل بولىسىز، سۆيگۈ- مۇھەببەتكە نائىل بولىسىز. ھېسياتچانلىق دېگەن بىكار تەلەت كىشىلەرگە يارىشىدۇ، ئۇ بىر دۆلەتتىكى بىكارچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ پاتنېتى. قورقماڭ، قالتىس ئىشلار تېخى ئالدىڭىزدا ، بۇ تېخى باشلىنشى.

      _ مېنى شۇنچە شاللاق چاغلاپ قالدىڭىزما؟- غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى دورىيان گرىېي.

     _ ئۇنداق ئەمەس، مېنىڭ نەزىرىمدە سىز ئۆزىنى تۇتۇۋالغان يىگىت .

     _ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

     _ قەدىرلىك ئىنىم، ھاياتىدا بىرلا قېتىم مۇھەببەتلەشكەنلەرنى مانا ھەقىقىي شاللاق دېسەك بولىدۇ . ئۇلاردىكى ئاتالمىش ۋاپادارلىق بىلەن پاكلىق مېنىڭ نەزىرىمدە گالۋاڭلىق، ئەقلى كەمتۈكلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ۋاپادارلىق بىلەن پاكلىق ھېسىياتچان تۇرمۇشتىكى گوياكى بىر خىل ئۆزگەرمەس ئىدراكىي قانۇنىيەت ، يەنى مەغلۇبىيەتكە تەن بەرگەن بىلەن باراۋەر . كەلگۈسىدە ۋاپادارلىقنىمۇ بىر تەتقىق قىلىپ بېقىش ئويۇم بار . ۋاپادارلىق بىرخىل ئوتلۇق ھېسىياتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان . باشقىلارنىڭ تېرىۋېلىشىدىن قورۇقمايدىغان بولساق ، نۇرغۇن نەرسىلەر قولىمىزدىن كېتىدۇ. گېپىڭىزنى بۆلۈۋەتتىم – ھە، قېنى سۆزىڭىزنى داۋام قىلىڭ.

_ ھىم، قارىسام، كاتاكتەك بىر ۋەيرانە ئايرىمخانىدا ئولتۇرىمەن، بېشىمنى كۆتۈرسەم ، جۇلجۇل بولۇپ كەتكەن بىر پەردە كۆز ئالدىمدا تارتىقلىق تۇرۇپتۇ. پەردىنىڭ ئارىسىدىن نەزىرىمنى سىرىتقا ئاغدۇرۇپ ، تىياتىرخانا ئىچىنى كۆزەتتىم . زالنىڭ ئىچى مۇھەببەت ئىلاھى چۇبىدىسنىڭ رەسمى ۋە قوي مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بېزەكلەر بىلەن تولغان ، بەئەينى باھاسى چۈشۈرۈلگەن تورتنىڭ ئۆزىلا ئىدى . زالنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى بىلەن بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئورۇنلارنىڭ كەينى تەرىپى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان ، ئالدىنقى ئىككى رەتتە تاماشىبىنلار تولىمۇ شالاڭ ئىدى . ئاپلىسىن ، خام پىۋا ساتىدىغان تەنزىكەشلەر ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، زال ئىچىنى مېۋە شۈپىكىنى ئاقلىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز بىر ئالغان ئىدى .

– ئەمىسە ، تىياتىرخانا ئەنگلىيە دىراممىلىرىنى ئەۋج ئالغان دەۋردىكىدەك بېزىلىپتۇ – دە .

   _ مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم . زال ئىچىدىكى كەيپىيات ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقاتتى . دەسلەپتە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدىم . شۇ ئەسنادا نومۇر تىزىملىكىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . تېپىپ بېقىڭە ، قايسى دراما ئوينالدى، ھاررى؟

  _ چۇقۇم« ئەخمەق بالا ياكى گۇناھسىز گاچا» دېگەن درامىغۇ دەيمەن . ئىشىنىمەنكى، ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇنداق درامىلارنى ياخشى كۆكرەتتى. دورىيان، يېشىم چوڭايغانسىرى ، شۇنى كۈچلۈك ھېس قىلىپ يەتتىم ، ئەجدادلىرىمىز ياخشى كۆرگەنلىكى نەرسىلەر بىزدە قانائەت ھاسىل قىلالمايدىكەن . ئەجدادلىرىمىز سەنئەت جەھەتتە سىياسىيونلارغا ئوخشاشلا خاتالىققا يول قويۇپتىكەن.

    _ ئۇ دراممىلار بىزگىمۇ يارايدىغۇ ھاررى . سەھنىدە«رومىئو بىلەن جۇلىتتا» دېگەن درامما ئوينالدى . شۇ تاپتا شىكىسپىر ئەسەرلىرىنىڭ مۇشۇنداق ۋەيرانە تىياتىرخانىدا ئوينالغىنىغا ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى، شۇنداقتىمۇ مەندە بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى . بىرىنچى پەردىنى بولسىمۇ كۆرۈپ بېقىش نىيتىگە كەلدىم . ئوركىستىر چېلىۋاتقان مۇزىكا تولىمۇ قالايمىقان ئىدى . دېرىژور بىر ياش يەھۇدىي بالا ئىدى ، ئۇ چېلىۋاتقان پىيانىنونىڭ ئاۋازى تۇرۇپ- تۇرۇپلا قاياتتى ، تاس قالدىم زالدىن قېچىپ چىكەتكىلى . نىھايەت ، پەردە ئېچىلىپ ، ئۇيۇن باشلاندى . رومىئونىڭ رولىنى ئالغىنى قاشلىرىنى دەمدەك قىلىپ بويۇۋالغان ، ئاۋازى يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدە مۇڭلۇق چىقىدىغان ، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان، يارمىغان كۆتەكتەك تەمبەل بىر نېمە ئىدى. مېركىيونىڭ رولىغىمۇ ئۇنىڭدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان ، كۆرۈمسىز بىر كومىدىيە ئارتىسى چىقتى . ئۇ ھەدېسىلا قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ ، كەينى رەتتىكى تاماشىبىنلارنى ئۆرە- تۆپە قىلاتتى . ئىككىلىسى تىياتىرخانىنىڭ ۋەيرانە ئەپتىگە ئوخشاشلا كۆزگە سىغمايتتى، قارىماققا بەئەينى ھېلىلا سەھرادىن كەپ قالغان سەنئەتچىلەرنىڭ ئۆزى ئىدى . جۇلىتتانىڭ رولىنى كىم ئالدى ، دېمەمسىز ھاررى! چېھرى بەئەينى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگىلا ئوخشايدىغان ، قوڭۇر چاچلىرىنى گرىتسىيە پاسونىدا بۈدرە قىلىپ ئۆرۈۋالغان ، ھېسياتقا باي زەڭگەر كۆزلىرى گويا بۇلدۇقلاپ تۇرغان بولاقنى ، لەۋلىرى گويا يېڭىلا ئېچىلغان ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرىنى ئەسلىتىدىغان ، تېخى 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالمىغان چىرايلىق بىر قىز ئالدى . ئۇ ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ ئۇماق قىز ئىدى . سىز ئىلگىرى ماڭا : «ئوتلۇق ھېسىياتلارغا تولىمۇ بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز. لېكىن، گۈزەللىك ئالدىدا چاناقلىرىڭىزغا ياش ئالماي تۇرالمايسىز» دېگەنىدىڭىز. سىزگە دېسەم، ھاررى، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ ، ھېلىقى قىزنى كۆرەلمەيلا قالدىم . ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازى_ مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئۇ بۇلبۇلدەك ئاۋاز دەسلەپتە يەر تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك تولىمۇ ئاجىز چىقتى ، شۇ تاپتا بۇ ئاۋاز گويا ماڭىلا ئاڭلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم . كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى بارا- بارا كۈچىيىپ ، يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان نەي ياكى گارمۇن كۈيىدەك تۈس ئالدى . ئۇنىڭ ئەسەبىيلەرچە بىرخىل خوشاللىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان تىترەڭگۈ ئاۋازىنى كىشىلەر پەقەت پارىژنىڭ تاڭ ئېتىش ئالدىدا خەندان ئۇرۇپ سايرايدىغان بۇلبۇل ئاۋازىدىنلا ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالايتتى . ھايال ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن گويا ئىسكىرىپكىدىن چىقىدىغان بىر خىل ئوتلۇق ھېسىيات ئۇرغۇشقا باشلىدى . ئاۋازمۇ كىشىنى شۇنچە ھاياجانغا سالالايدىكەن دېسە . سىزنىڭ ئاۋازىڭىز بىلەن سېلبىي ۋېيىننىڭ ئاۋازى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان ئاۋازلاردۇر. كۆزۈمنى يۇمساملا ئىككىڭلارنىڭ ئاۋازى قولاق تۈۋۈمدە زاھىر بولىدۇ. گېپىڭلارنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ، لېكىن قايسىڭلارنىڭكىنى ئاڭلاشنى بىلمەيلا قالىمەن . ئۇنى قانداقمۇ ياخشى كۆرمەي تۇرالايمەن ھاررى؟ مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ مېنىڭ ھاياتىم . ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرگىلى بارمايدىغان كۈنۈم يوق . ئۇ بىر كۈنى  روسالىندنىڭ ⑥  رولىنى ئالسا ، يەنە بىر كۈنى ئىموگىننىڭ ⑦ رولىنى ئالاتتى . ھېلى مەشۇقىنىڭ ئاغزىدىن زەھەرنى شۈمۈرۈپ ئىچىۋېلىپ ،  مۇدھش قاراڭغۇلۇق قاپلىغان  ئىتالىيە قەبرىستانلىقىدا ئۆلۈپ قالسا، ھېلى كۆز ئالدىمدا چىرايلىق ئوغۇلبالىدەك ياسىنىپ ، ئاستىغا سىقىپ تۇرىدىغان تار ئىشتان ، بېشىغا تولىمۇ نەپىس تىكىلگەن بۆك كىيگەن ھالدا ئاردىن ئورمانلىقىدا⑧ سەيلە قىلىپ يۈرگەن سىياقتا زاھىر بولاتتى . گاھ نېرۋىسىدىن ئادىشىپ گۇناھكار پادىشاھنىڭ ھوزورىغا كىلىپ، ئۇنىڭغا سۇزاپ گۈلى تاقاپ، ئاچچىقئوت⑨ يېگۈزسە، گاھ ھەسەت ئوتى ئەقلىدىن ئازدۇرغان قارا قول تەرىپىدىن ھېقىقتەك بوينىنى⑩ھېچ گۇناھسىزلا قۇمۇش كەبى ئۈزۈپ تاشلىناتتى. يەنە گاھىدا ھەرخىل كىيىملەرنى كىيىپ ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى كىشىلەرنىڭ رولىنى ئالاتتى. ئادەتتىكى ئاياللار ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىتالمايدۇ . ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋر بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ ، ھەر قانچە جەلىپكار بولسىمۇ ، ئۆزىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى گويا بېشىغا كىيىۋالغان بۆكىگە ئوخشاشلا ئاپئاشكارىكى ، كىشىلەر ھامان ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولىدۇ. ھېچقايسىسى كىشىگە سىرلىق تۈس بەرمەيدۇ. ئەتىگەندە باغچىلاردا ھاۋا يېيىشسە ، چۈشتىن كېيىن چاي زىياپىتىدە قۇرۇق گەپ ساتىدۇ. جىلۋە قىلىشلىرىمۇ بىر خىل ، ئىش- ھەرىكىتىمۇ قېلىپقا چۈشكەن . ئۇلارغا بىر قاراپلا قانداقلىقىنى بەش قولدەك بىلگىلى بولىدۇ . ئەمما ئايال ئارتىستلار ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ ھاررى! نېمىشقا ماڭا دۇنيادا ئايال ئارتىسنىڭلا بىردىنبىر سۆيۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى دېمىگەن بولغىيتتىڭىز؟

     _ مەن ياخشى كۆرگەن ئايال ئارتىستلار ساماندەك تولا، دورىيان.

     _ ھە توغرا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چاچلىرىنى ھەررەڭ – سەررەڭ بويۇۋالغان ، يۈزلىرىگە بولۇشىغا ئۇپا- ئەڭلىك سۈرتۈۋالغان رەسۋا ئاياللار دەڭە !

     _ چېچىنى بويىغان ، ئۇپا –  ئەڭلىك سۈرتۈۋالغان ئاياللارنى چىشلەپ تارتماڭ . بەزىدە ئۇلارمۇ ئاجايىپ جەلىپكار بولۇپ كېتىدۇ ، – دېدى لورى ھېنرى.

    _ بايا سىزگە سېلبىي ۋېيىن ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەپتىمەن .

    _ ماڭا قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىڭ ، دورىيان . ھاياتىڭىزدا نېمىلا ئىش يۈز بەرسۇن ، مەندىن يۇشۇرماڭ.

    _ بولىدۇ . مېنىڭچە ، سىز توغرا دېدىڭىز. نېمىشقىكىن ، ھەممە ئىشلىرىمنى سىزگە دېگۈملا كېلىپ تۇرىدۇ. كىيىن بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويغان تەقدىردىمۇ سىزدىن يوشۇرمايمەن . سىز مېنى چۈشىنىسىز.

    _ سىزگە ئوخشاش بۇنداق ئەركە چوڭ بولغان خۇشخۇي يىگىتلەر يامان ئىش قىلىدۇ دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن ، دورىيان . مېنى ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت . ئەمدى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ _ سەرەڭگىنى ئېلىۋىتىڭە ، رەھمەت _ سېلبىي ۋېيىن بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار زادى قانداقراق؟

   _ دورىيان گرېي ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى، يۈزلىرى ئوت ئېلىپ، كۆزلىرى غەزەپتىن ياندى :

   _ ھاررى! سېلبىي ۋيېن تولىمۇ پاك ، بىغۇبار قىز.

   _ پاك ، بىغۇبار نەرسىلەرلا تۇتۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دورىيان ،- دېدى لورد ھېنىرى ھېسداشلىق ئارىلاشقان بىر خىل غەيرىي تەلەپپۇزدا ،- نېمانچە تېرىكىسىز؟ مېنىڭچە ، ئۇ ھامىنى بىر كۈنى سىزگە تەئەللۇق بولىدۇ. مۇھەببەت ھامان ئۆزىنى ئالداشتىن باشلىنىپ، ئۆزگىلەرنى ئالداش بىلەن تاماملىنىدۇ. مانا بۇ – كىشىلەر دەۋاتقان ئاتالمىش مۇھەببەت . مېنىڭچە ، سىز ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇنى چۈشەنگەنسىز؟

    _ ئەلۋەتتە چۈشەندىم . تىياتىرخانىغا بارغان تۇنجى كۈنى ھېلىقى بەدبەشرە يەھۇدىي ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن ، مېنى سەھنىنىڭ كەينىگە باشلاپ چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولدى . ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا :«جۇلىتتانىڭ ئۆلگىنىگە نەچچە يۈز يىل بولدى، ئۇنىڭ جەسىتى ھازىر ۋېرونادىكى مەرمەرتاشتىن ياسالغان قەبرىدە ياتىدۇ» دەپتىمەن. بۇ گەپلىرىمدىن ئۇ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى . ئوزايىدىن مېنى ھاراقنى كۆپ ئىچىۋاپتۇ، دېگەندەك بىر مەنە چىقىپ تۇراتتى.

   _ ھېچقانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسكەنغۇ بۇ.

   _ ئۇ مەندىن گېزىتكە ماقالە يازىدىغان- يازمايدىغانلىقىمنى سورىدى ، مەن ئۇنىڭغا ئەزەلدىن گېزىت ئوقۇمايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم . ئۇ بۇ گېپىمدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى بولغاي ، درامما تەنقىدچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۇل بېرىپ سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .

   _ بەلكىم ، ئۇنىڭ دېگەنلىرى راستتۇر. مۇنداقچە ئېيىتسام ، درامما تەنقىدچىلىرىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىدىن ھۆكۈم قىلغاندا ، كۆپىنچىسىنىڭ سالاھىيتى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس.

   _ لېكىن ، ئۇ قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن ئامال قىلالماي قالغان ئوخشايدۇ،- كۈلۈپ قويدى دورىيان ، – شۇ ئەسنادا، تىياتىرخانىنىڭ چىراغلىرى ئۆچتى ، مەنمۇ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم . ئەتىسى كەچتە ، تىيتاتىرخانىغا يەرگە يەنە باردىم . ھېلىقى يەھۇدىي مېنى كۆرۈپ ئىگىلىپ تازىم قىلدى ، مېنى، سەنئەتنى قوللايدىغان تولىمۇ مەرد ئادەمكەنسىز، دەپ ماختاپ كەتتى . ئۇ كىشىنى بىزار قىلغىنى بىلەن ، شىكىسپىرگە ھۆرمىتى چەكسىزكەن . بىر قېتىم ئۇ تېخى ماڭا «ئاشۇ شائىر»نى دەپ بەش قېتىم ۋەيران بولغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى . ئۇ شىكىسپىرنى شۇنداق ئاتاش ئارقىلىق شەرەپ ھېس قىلىدىغان ئوخشايدۇ.

   _ بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر چەكسىز شەرەپ ، قەدرلىك دورىيان . كۆپىنچە كىشىلەر ئاددىي تۇرمۇش ئۈچۈن زىيادە مەبلەغ سېلىۋېتىپ ۋەيران بولىدۇ، شېئىرىي تۇيغۇغا باي ئىشلىرىنىڭ ۋەيران بولغىنىنى ئۆزىچە شەرەپ ھېسابلايدۇ . ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم قاچان گەپ قىلدىڭىز؟

   _ ئۈچىنچى كۈنى كەچتە . ئۇ كۈنى ئۇ روسالىندنىڭ رولىنى ئالغان ئىدى . مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭ يېنىغا باردىم . ئىلگىرى ئۇنىڭغا خېلى جىق گۈل سوۋغا قىلغانىدىم ، پەرىزىمچە ئۇمۇ مېنى كۆرگەن ئىدى . ھېلىقى يەھۇدىي مېنى سەھنىنىڭ كەينىگە باشلاپ چىقىمەن دەپ چىڭ تۇرۇپلىۋالدى . مەنمۇ ماقۇل بولدۇم . ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بۇنچە ئالدىراپ تونۇشقۇم يوق ئىدى . غەلىتىمىكەنمەن؟

    _ نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز، قەدىرلىك ھاررى؟

    _ نېمىشقىلىقىنى كېيىن دەپ بېرىمەن . شۇ تاپتا ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى بەك بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

    _ سېلبينى دەۋاتامسىز؟ ئۇ ناھايىتى ئۇياتچان ، مۇلايىم ، تۇرۇقىدىن بالىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر قىز. ئۇنىڭ ئالغان رولىغا بولغان باھايىمنى ئېيىتقىنىمدا ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز چەكچىيىپ كەتتى، ئوزايىدىن رولنى قانچىلىك ياخشى ئالغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدىغاندەك بىر خىل ئىپادە چىقىپ تۇراتتى. ئىككىلىمىز ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتتۇق . ھېلىقى يەھۇدىي توپا- چاڭ بېسىپ كەتكەن ئارتستلارنىڭ دەم ئېلىش ئۆيىنىڭ ئىشكىدە ھىجايغىنىچە ئاغزى بېسىقماي بىزنى ماختاپ – ئۇچۇراتتى . ئىككىمىز بولساق بەئەينى كىچىك بالىلاردەك ، جايىمىزدا بىر- بىرىمىزگە قارىغىنىمىزچە تۇرۇپ قېلىشقانىدۇق. ھېلىقى يەھۇدىي مېنى «لورد غوجام» دەپ چارقىرىۋەرگەچكە ، سېلبىيغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدىم . ئۇ تېخى ماڭا ساددىلارچە:« قارىماققا ، بەئەينى شاھزادىلەرگىلا ئوخشايدىكەنسىز، سىزنى <جەلىپكار شاھزادە> دەپ ئاتىسام بولغۇدەك » دېدى.

    _ شۇنداق دورىيان ، سېلبىي خانىقىز ئادەمنى ماختاشقا بەك ئۇستا.

    _ سىز ئۇنى چۈشەنمەيسىز ھاررى. شۇ تاپتا ئۇ مېنى دراممىدىكى بىر پېرسۇناژ دەپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ ھايات ھەققىدە تېخى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئىدى . ئۇ ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن ، ئاپىسى يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان جۈدەڭگۈ موماي ئىكەن . ئاپىسى بىرىنچى كۈنى ئاخشىمى قىزغۇچ خالات كىيىپ كاپۇلىت خانىمنىڭ [11] رولىنى ئالدى . ئوزايىدىن ياشلىقىدا خېلى نام چىقارغان ئايالدەك قىلاتتى .

    _ ئۇنىڭ تۇرۇقى كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتىدۇ، ئۇنداقلارنى كۆرسەم ، بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمەن ،- دېدى لورد ھېنىرى قولىدىكى ئۈزۈكىگە سىنچىلاپ قارىغاچ گاراڭ- گۇرۇڭ ئاۋازدا .

    _ ھېلىقى يەھۇدىي ماڭا ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولۇۋىدى ، مەن رەت ئۇنىمىدىم.

    _ توغرا قىلىپسىز، باشقىلارنىڭ يارىسىنى كولاش ئەخلاقسىزلىق.

    _ سېلبىيدىن ئۆزگە ھېچكىمگە قىزىقمايتتىم . ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى بىلەن نېمە كارىم دەيسىز. ئۇ شۇ قەدەر نۇقسانسىز، مۇقەددەس ئىدى . ئۇنى ھەر كۈنى كۆرسەم ، ھەركۈنى بۆلەكچە جەلىپكار كۆرۈنەتتى .

    _ ئەمدى بىلدىم ، بۈگۈن كەچتى مەن بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە ئۇنىمىغىنىڭىز بىكار ئەمەسكەندە . قارىسام ، غەلىتە بىر خىل مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەندەك قىلىسىز. شۇنداقتىمۇ ، سىزنى بۇنچە بوپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىمەن .

    _ قەدىرلىك ھاررى، بىز ھېلىمۇ ھەر كۈنى چۈشتە ياكى كەچتە بىللە تاماق يەۋاتمامدۇق، يەنە تېخى نەچچە قېتىم تىياتىرخانىغىمۇ باردۇققۇ،- دېدى ھەيران بولغان دورىيان كۆپكۈك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ .

    _ لېكىن ، ھە دېسىلا كېچىكىپ كېلىسىز.

    _ سېلبىينىڭ ئويۇنىنى كۆرگىلى بارمىسام بولمايدۇ،- دېدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ ،- ھېچبولمىغاندىمۇ، بىر پەردە بولسىمۇ كۆرمىسەم بولمايدۇ. ئۇنى كۆرمىسەم تۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ ئاشۇ نازاكەتلىك ، شېشىدەك سۈزۈك ۋۇجۇدىغا يۇشۇرۇنغان نازۇك روھىنى ئويلىغىنىمدا ۋۇجۇدۇمنى ئىختىيارسىز قورقۇنچ باسىدۇ.

    _ بۈگۈن كەچتە مەن بىلەن بىللە تاماق يېيەلەمسىز، دورىيان؟

    دورىيان بېشىنى چايقىدى:

    _ بۈگۈن كەچتە ئۇ ئىموگىننىڭ رولىنى ، ئەتە كەچتە جۇلىتتانىڭ رولىنى ئالىدۇ.

    _ ئۇ قاچان ئۆز رولىنى ئالىدۇ؟

    _ مەڭگۈ ئالمايدۇ.

    _ سىزنى تەبرىكلەيمەن .

    _ سىزدىن بىزار بولدۇم! ئۇ يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارلىق ئاياللارنىڭ رولىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن . مەسخىرە قىلسىڭىزمۇ مەيلى، سىزگە شۇنى ئېيتىپ قوياي ، ئۇ ھەقىقەتەن بىر تالانت ئىگىسى. مەن ئۇنى سۆيىمەن، ھەم ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا سۆيدۈرىمەن . سىزگە ھاياتنىڭ جىمى مەخپىيەتلىكلىرى بەش قولدەك ئايان . ئېيتىڭە ، قانداق قىلسام ئۆنى ئۆزۈمگە جەلىپ قىلىپ ، مېنى ياخشى كۆرىدىغان قىلالايمەن ؟ رومىئونىڭ رەشىك ئوتىنى قوزغاتمىسام ، شاد كۈلكىمىز بىلەن دۇنيادىكى ئۆلۈپ كەتكەن ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ ئىچىنى قايناتمىسام ھېساب ئەمەس . مۇھەببىتىمىزنىڭ چوغدەك ھارارىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇپراققا كۆمۈلۈپ كەتكەن جەسەت كۈللىرىنى ئويغىتىپ ، رەشىك ئازابى سالىمەن . توۋا دەيمەن ، ھاررى، ئۇنىڭغا نىمانچە چوقۇنىدىغاندىمەن ،_ ئۇ شۇنداق دېگەچ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن – بۇياققا ماڭاتتى ، يۈزلىرى ئوت بولۇپ يېنىپ ، چەكسىز ھاياجانغا چۆمۈلەتتى.

   ئۇنى خېلىدىن بېرى كۆزىتىپ تۇرغان لورد ھېنىرى ئىچىدە خوشال بولدى. كۆز ئالدىدىكى دورىيان بىلەن بازىل خالۋاردنىڭ رەسىم سىزىش ئۆيىدە ئۇچراشقان ھېلىقى ئۇياتچان ، جۈرئەتسىز دورىيان ھازىر ئىككىسى ئىككى دۇنيا ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ خاراكتىرى گويا گۈلگە ئوخشاش ۋايىغا يېتىپ ، ئوتقاشتەك پورەكلەپ ئېچىلغان؛ روھى پىنھان ۋۇجۇدىدىن ئاستا بوشۇنۇپ چىقىپ، ئارزۇ- ئىستەكلەرگە يول ئاچقانىدى .

   _ ئەمدى قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟_ سورىدى لورد ھېنرى.

   _ بىر كۈنى بازىل ئىككىڭلارغا ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرسىتىپ كېلەي . ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ تالانتىغا قول قويماي تۇرالمايسىلەر، ئاندىن بىز ئۇنى ھېلىقى قېرى يەھۇدىينىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمىز. ئۇ ھېلىقى يەھۇدىي بىلەن ئۈچ يىللىق توختام تۈزۈشۈپتىكەن . ھازىردىن باشلاپ ھېساپلىغاندا، يەنە ئىككى يىل، 8 ئاي ۋاقىت بار ئىكەن .ئەلۋەتتە ئۇنى پۇل بېرىپ ئەپچىقىۋالىمەن . ئىشلار پۈتكەندىن كىيىن ، ئۇنى غەربىي رايۇندىكى بىرەر تىتاتىرخانىغا تونۇشتۇرۇپ، نامىنى چىقىرىمەن . مەن ئۇنىڭغا قانداق مەپتۇن بولغان بولسام ، دۇنيامۇ ئۇنىڭغا شۇنداق مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ.

   _ بۇ مۇمكىن ئەمەس، قەدىرلىك ئىنىم.

   _ ياق، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يالغۇز سەنئەتلا ئەمەس، ۋايىغا يەتكەن سەنئەت تۇيغۇسى ۋە خاسلىق بار. سىز ھە دېسىلا ماڭا ھېسىياتچان دەۋر كىشىلىرىنىڭ خاسلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتىڭىزغۇ.

   _ ئەمسە قايسى كۈنى بارىمىز؟

   _ قېنى ئويلاپ باقاي ، بۈگۈن سەيشەنبە، ئەتە بولسۇن . ئەتە ئۇ جۇلىتتانىڭ رولىنى ئالىدۇ .

   _ بولىدۇ. ئەتە سائەت سەككىزدە برىستولدا كۆرۈشەيلى، مەن بازىلنى ئېلىپ باراي .

   _ سەككىزگە قالماڭلار، ھاررى . ئالتە يېرىمدا كېلىڭلار، ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن بېرىپ بولمىساق بولمايدۇ، بولمىسا ، رومىئو بىلەن ئۇچرىشىدىغان بىرىنچى پەردىنى كۆرەلمەي قالىمىز.

   _ ئالتە يېرىم بەك بالدۇر. ئۇ دەل مېنىڭ چاي ئىچىدىغان ، ئىنگىلىزچە رومانلارنى ئوقۇيدىغان ۋاقتىم . سائەت يەتتىدە بارايلى ، تەرتىپلىك ئادەم دېگەن يەتتىدىن ئىلگىرى بىر نەرسى يېمەيدۇ. يېقىن ئارىدا بازىل بىلەن كۆرۈشەمسىز؟ ياكى بولمىسا مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ قويايمۇ؟

   _ بازىلنى كۆرمىگىنىمگە بىر ھەپتە بولدى . تازىمۇ قىززىقتە مەن . بۇ كەمگە ئۇ پورتېرتىمنى ئۆزى لايىھىلىگەن نەپىس رامكىغا سېلىپ ماڭا ئەۋەتىپ بولدى . ئۇ رەسىمىمنى ھازىرقى تۇرۇقۇمدىن بىر ئاي ياش سىزىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا خېلى ھەسىتىم قوزغالدى . لېكىن ، يۈرىكىمدىكى گەپنى قىلسام ، پورتېرىتىمنى يەنىلا ياقتۇرۇپ قالدىم . ئۇنىڭغا خەتنى سىز يېزىپ قويۇڭ ، ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز كۆرۈشكۈم يوق . ئۇ ھە دېسىلا سەمىمىيلىك توغرىسىدا گەپ ئېچىپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ.

   لورد ھېنرى مىيقىدا كۈلۈپ قويدى:

   _ بەزىلەر ئۆزى ئەڭ مۇھتاج نەرسىلەرنى ئۆزگىلەرگە بېرىۋىتىشكە ئامراق كېلىدىكەن، مانا مۇشۇنداق كىشىلەر مېنىڭ نەزىرىمدە ھاتەمدەك سېخى سانىلىدۇ.

   _ جاھىلراق خۇيىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بازىل بولىدىغان ئادەم . ھاررى، مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن مۇشۇ تەرىپىنى ھېس قىلىپ قالدىم.

   _ قەدىرلىك ئىنىم، بازىل ۋۇجۇدىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئېسىل سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۋىتىپ ، تۇرمۇشقا كەلگەندە تولىمۇ بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيە تۇتىدۇ . نەزىرىمدە مەن تونۇشقان خۇش پېئىل سەنئاتكارلارنىڭ ھەممىسى ناباب سەنئەتكارلاردۇر . ھەقىقىي سەنئەتكار ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى ئىچىدىلا ياشىغاچقا، باشقىلارنى نە خۇش قىلىشنى، نە يىغلىتىشنى بىلمەيدۇ. جانلىقلارنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي بۈيۈك سەنئەتكارلارلا شېئىرىي تۇيغۇغا ئەڭ كەمبەغەل كىلىدۇ. ئەمما نامى چىقمىغان سولتەك شائىرلار بولسا كىشىنى ئاجايىپ جەلىپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مىسرالىرى قانچە ناچار چىقسا، شۇنچە جەلىپكار كۆرۈنىدۇ .

– راستىنلا شۇنداقمۇ ھاررى ؟ – دېدى دورىيان گرېي ئۈستەلدىكى ئالتۇن پۇرۇپكىلىق يوغان بوتۇلكىدىن ئەتىر ئېلىپ ياغلىقىغا چاچقاچ ، – سىز بۇنداق دەۋاتقان يەردە ، ئۇ چۇقۇم راسىت بولىدۇ – دە . شۇ تاپتا ئىموگىن مېنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئەمدى ماڭمىسام بولمايدۇ . ئەتىكى ئىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئەمسە . خەيىر – خوش !

 -دورىيان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، لورد ھېنىرى نەزەرىنى پەسكە ئاغدۇرۇپ ، چۇڭقۇر ئويغا پاتتى . ئۇ ھېچكىمگە دورىيان گرېيغا ئوخشاش مۇنداق قىزىقىپ باقمىغان ئىدى . ئەمما دورىياننىڭ باشقىلارغا بۇنداق سەۋدايىلەرچە چوقۇنىشى ئۇنىڭدا قىلچىلىك ھەسىرەت ، ھەسەت قوزغىيالمىغان ، ئەكىسچە ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خوش بولىۋاتاتتى . شۇ تاپتا دورىيان ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى قىزىقارلىق بىر تەتقىقات ئوبىكتى بولۇپ بېرىۋاتاتتى . ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان تەبئىي پەن ئۇسۇلىغا مەپتۇن بولۇپ يۈردىيۇ ، تەبئىي پەندىكى ھېلىقىدەك تۇتامى يوق ئاددىي تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەچكە ، دەسلەپتە ئۆزىنى ، ئاندىن ئۆزگىلەرنى كۆزىتىشنى باشلىدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ، ھاياتتىن ئۆزگە نەرسە تەتقىق قىلشقا ئەرزىمەيتى . ھاياتتىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە قىممىتى يوق ئىدى . راسىت ، ئازاب – ئوقۇبەت بىلەن شاد – خوراملىقنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ پېچلىرىدا تاۋلىنىۋاتقان ھاياتنى كۆزەتكەن چېغىمىزدا ، يۈزىمىزگە ئەينەك نىقاپ تاقىۋېلىشىمىزنىڭ ئورنى يوق ، گۈڭگۈرت ئىسلىرىنىڭ چوڭ مىڭىمىزنى ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ياكى ۋەھىمىلىك ئوي – خىيال ، ھەررەڭ – سەررەڭ چۈشلەرنىڭ تەپەككۇرىمىزنى مالىمان قىلىشنى چەكلەشكە ئىلاجىسىز قالىمىز . بەزى زەھەرلىك دورىلار شۇنچىلىك ھەقىقىي ئىكەنكى ، ئۇنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىسەك ئىدۇق ، ئازابى بىز بىلەنلا كەتكەن بولاتتى . يەنە شۇنداق غەلىتە كېسەللەر باركى ، ئۇ كېسەللەرنىڭ خاراكتىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزىمىز شۇ كېسەلنىڭ ئازابىنى تېتىپ باقمىساق بولمايتتى . ئەنە شۇندىلا ئېرىشكەنلىرىمىز مۆلچەرلىگۈسىز بولاتتى ! دۇنيا مىسىلسىز دەرىجىدە ئۆزگەردى . ئوتلۇق ھېسىياتلار بىلەن ھېسىيات تۈسى سىڭگەن ئەقلىي تۇرمۇشنى ، ئۇلارنىڭ قەيەردە بىرلىشىپ ، قەيەردە ئايرىلدىغانلىقىنى ، قەيەردە مۇرەسسە قىلىپ ، قەيەردە چىقىشالمايدىغانلىقىنى يۈكسەك ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىش نەقەدەر كۆڭۈللۈك ئىش – ھە! ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي بەدەللەرنى تۆلىسەك نېمە بوپتۇ ؟ يېڭى – يېڭى تۇيغۇلارنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسىمۇ ئەرزىيدىغۇ .

شۇ تاپتا ئۇ بەزى گەپلىرىنىڭ ، مۇڭلۇق مۇزىكىنى ئەسلىتىدىغان گەپلىرىنىڭ دورىيان گرېينىڭ قەلبىگە بىر بىغۇبار قىزنىڭ ئوتىنى سالغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكتۈرگەنلىكىنى تونۇپ يەتتى . بۇ ئويىدىن ئۇنىڭ قوڭۇر كۆزلىرىدىن كۆرەڭلىك ئالامەتلىرى چاقنىدى . شۇ تاپتا دورىيان گرېينى ئۇنىڭ بىر ئىجادىيتى دېيىشكە بولاتتى . دورىياندا پىشقان ئەركەكلەرگە خاس خاراكتىر يارىتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىدى . كاللىسى ئاددىي كىشىلەر ھاياتنىڭ ئۆز مەخپىيتىنى ئۆزى ئېچىپ بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ . پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ، ھاياتنىڭ مەخپىيتى ئۆز چۈمپەردىسىنى ئېچىپ تاشلاشتىن بۇرۇنلا ئاشكارە بولغان بولىدۇ . گاھىدا ، بۇ تۆھپە سەنئەتكە ، مۇھىمى ئوتلۇق ھېسىيات ۋە ئەقىل – ئىدراك ئىپادە قىلىنغان ئەدەبىياتقا تەۋە بولىدۇ . سەنئەت گاھىدا ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز قۇدىرتىنى يوقىتىدۇ – دە ، بۇ كىشىلەر ئۆز بەدئىي قۇدىرتىنى ئىشقا سالىدۇ ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر ھەقىقىي سەنئەت بويۇمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ھايات بەجايىكى بىر پارچە شېئىر ، بىر ھەيكەل ياكى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ۋايىغا يەتكەن مەشھۇر ئەسەرلىرى بولىدۇ .

شۇنداق ، دورىيان شۇ تاپتا خېلى پىشىپ قالغان ، ياشلىقنىڭ تۇنجى مەۋسۈمىدىلا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى . ۋۇجۇدىدا ياشلىق ئىستەكلىرى كۈۋەجەپ ، ئوتلۇق ھېسىياتلار دولقۇنلىماقتا ئىدى . بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ ھېس قىلغاندەك تۇراتتى . ئۇنى كۆزىتىش كىشىگە تولىمۇ ھوزۇر بەخىش ئېتەتتى ؛ قاملاشقان چىرايى ، پاك – بىغۇبار قەلبىگە كىشى مەدھىيە ئوقۇماي تۇرالمايتتى . بۇ ئىشلار نەگە بېرىپ نەدە توختايدۇ ، دورىياننىڭ تەقدىرىگە يەنە نېمە قىسمەتلەر پۈتۈلىدۇ ، بۇ لورد ھېنرى ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس ئىدى . ئۇ گويا تارىخىي دىرامما ياكى تىياتىردا رول ئېلىۋاتقان ئاجايىپ قالتىس بىر پىرسۇناژ ئىدى . ئۇلارنىڭ خوشلۇقلىرى كىشىلەردىن بەكلا يىراقلاپ كەتكەن ، دەرت – ئەلەملىرى بولسا كىشىلەرنىڭ ئېستىتىك تۇيغۇسىنى قوزغىماقتا ئىدى ، ئۇلارنىڭ قەلىب يارىسى بەئەينى قىزىل ئەتىرگۈلنىڭ ئۆزى ئىدى .

تەن بىلەن روھ نەقەدەر سىرلىق–ھە! روھتا ھايۋانىي ئىستەكلەر بولىدۇ ، تەندىمۇ شۇنىڭغا يارىشا چېچەنلىك بولىدۇ . ھېسىيات چەككە يەتسە يېتىدۇكى ، چېچەنلىك كەينىگە چېكىنىدۇ . تەندىكى ھاياجاننىڭ قاچان ئاخىرلىشىپ ، روھتىكى ھاياجاننىڭ قەيەردە باشلىنىدىغانلىقىغا كىم بىر نېمە دېيەلەيدۇ دەيسىز ؟ پىسخولوگلارنىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرى نەقەدەر تېيىز ، ئوخشىمىغان ئېقىمدىكىلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىدىكى سەرخىللىرىنى ئىلغاپ چىقماق نېمە دىگەن قىيىن – ھە! ئەجىبا روھ گۇناھ قەسىردە ئولتۇرغان تەننىڭ سايىسىمىدۇ ؟ ياكى گيوردانو برۇنو[12] ئېيىتقاندەك ، تەن روھ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرامدىغاندۇ ؟ روھ بىلەن ماددىنىڭ ئايرىلىشى بىر تېپىشماق بولسا ، بىرلىشىشىمۇ بىر تېپىشماق .

ھېنىرى شۇ تاپتا ، پىسخولوگىينى كەلگۈسىدە ۋايىغا يەتكەن بىر پەنگە ئايلاندۇرۇپ ، ھاياتتىكى كىچىككىنە بىر ھەرىكىتىمىزگىمۇ سەل قارىمايدىغان قىلالارمىزمۇ ، دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلانماقتا ئىدى . ئەمەلىيەتتە ، بىز كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىزنى خاتا چۈشىنىۋالىمىز ، ھەم باشقىلارنىمۇ چۈشەنمەيمىز . تەجىرىبىنىڭ ئېتىكىلىق قىممىتى بولمايدۇ ، ئۇ ناھايىتى كەتسە كىشىلەر ئۇقۇشماي خاتا قويۇپ قويغان بىر ئىسىم خالاس . ئېتىكىشۇناسلار ئادەتتە ئۇنى بىر خىل ئىبرەت ،  ئاگاھلاندۇرۇش دەپ قاراپ ، ئۇنىڭ خاراكتىر يارىتىش ئۈچۈن بەلگىلىك ئېتىكىلىق ئۈنۈم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ ، تەجىربىنىڭ بىزگە نېمىگە ئىتائەت قىلىپ ، نېمىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ . ھالبۇكى ، تەجىربىنىڭ ھېچقانداق رولى يوق . ئۇ ۋىجدان ، غورۇرغا ئوخشاش ئۇنداق قۇدىرەتكە ئىگە ئەمەس . ئۇ بىزگە كەلگۈسىمىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ، ئىلگىرى يىرگىنىپ تۇرۇپ قىلغان ئىپلاسلىقلىرىمىزنى كەلگۈسىدە خوشاللىق بىلەن قايتا – قايتا تەكرارلايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

ئۇ شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى ، تەجىرىبە ھېسىياتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل ئىدى . ئېنىقكى ، دورىيان گرېىي ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەتقىقات تېمىسى ئىدى ، ئۇ دورىياندىن خېلى ئوبدان نەپكە ئېرىشىدىغاندەك قىلاتتى . دورىياننىڭ سېلبىي ۋېيىننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ يۈرۈشى تولىمۇ قىزىقارلىق بىر پىسخىكىلىق ھادىسە ئىدى . شۈبھىسىزكى ، بۇ ، قىزىقىش بىلەن – يېڭى – يېڭى سەرگۈزەشتىلەرگە بولغان قىزىقىش ۋە ئارزۇ – ئىستەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى . بۇ خىل ئىستەك ئۇنچە ئاددىي ئەمەس ، بەلكى تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى . خىياللىرى تەپەككۇر ئالىمىدە قانات قېقىۋاتقان دورىياننىڭ بىغۇبار سەزگۈ ئىقتىدارى ھېس – تۇيغۇلىرىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولغاچقا ، بۇ ئىش تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغانىدى . دەل ئاشۇنداق ئارزۇ – ئىستەكلەر بىزنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان ، ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى بىلەن كارىمىز بولمىغاچقا ، ئۆزىمىزنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ ئالداپ يۈرىۋاتاتتۇق . ئەمما بىز تونۇپ يەتكەن ئاشۇ چىن تۇيغۇلار تولىمۇ ئاجىز ئىدى . كۆپىنچە ھاللاردا ، بىز باشقىلارنى تەجىربە قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىغان چېغىمىزدا ، باشقىلارنى ئەمەس ، ئۆزىمىزنى تەجىرىبە قىلىۋاتقىنىمىزنى سەزمەي قالىمىز .

لورد ھېنرى جايىدا ئولتۇرۇپ ، چۇڭقۇر خىيال قاينىمىغا پاتقانىدى . توساتتىن ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ ، خىزمەتكار كىرىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ زىياپەتكە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرىتتى . ئۇ لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ نەزىرىنى كوچا تەرەپكە ئاغدۇردى ، ئۇدۇلدىكى رەت – رەت ئۆيلەرنىڭ دەرىزىسىنىڭ ئۈستۈنكى ئەينەكلىرى كۈچلۈك قۇياش تەپتىدە قىزغۇچ رەڭ ئالغان ، ئاسمانمۇ سولىشىشقا باشلىغان ئەتىرگۈل رەڭگىگە كىرگەن ئىدى . ئۇ ياشلىق ھەۋەسلىرى ئىلكىدە ئۆزىنى تامامەن ئۇنتۇغان دورىياننىڭ توسۇن ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان بۇ قايناق ھېسىياتىنىڭ نەگە بېرىپ ، نەدە توختايدىغانلىقى ئۈستىدە خىيال قىلماقتا ئىدى .

ئۇ كېچە سائەت ئون ئىككى يېرىم بولغان مەھەل بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى – دە ، مېھمانخانىدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان تېلىگىراممىغا كۆزى چۈشتى . تېلىگىرامما دورىيان گرېىيدىن كەلگەن ، تېلىگراممىدا ئۇنىڭ سېلبىي ۋېيىن بىلەن چاي ئىچۈرۈلگەنلىكى يېزىلغانىدى .

 ئىزاھات :

① كلودىيون (1738 – 1814) – فرانسىيىلىك ھەيكەلتىراش .

②كلوۋس ئېف (1584 – 1635) – فرانسىيە ئوردىسىنىڭ كىتاب تۈپلىگۈچىسى .

③ مارگارت ۋالويا (1553 – 1615) – فرانسىيە بوپان خانلىقى ھېنىرى IV نىڭ خانىشى .

④ «نومان لېسكاۋت» – فرانسىيە يازغۇچىسى پىرۋوسىتنىڭ رومانى ، روماندا بىر ياش ئاقسۆڭەك بىلەن كەمبەغەل قىز مانوننىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلىنىدۇ .

⑤ «لوھىنگىرىن» – گېرمانىيە كومپوزىتورى رىچارد ۋاگىنېرنىڭ ئوپېراسى .

⑥ روسالىند – شېكىسپىرنىڭ «خۇشاللىق » ناملىق دراممىسىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ .

⑦ ئىمۇگىن – شېكىسپىرنىڭ «سىنبېلىن » ناملىق دراممىسىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ .

⑧ شېكىسپىرنىڭ«خۇشاللىق» ناملىق دراممىسىدىكى مەنزىرە .

⑨ شېكىسپىرنىڭ« ھامېلىت » ناملىق دراممىسىنىڭ تۆتىنچى پەردىسىدىكى ئوپېلىيانىڭ سۆزى .

⑩ شېكىسپىرنىڭ« ئوسېررو » ناملىق دراممىسىنىڭ بەشىنچى پەردىسىدىكى ۋەقەلىك .

[11] جۇلىتتانىڭ ئاپىسى .

[12] گيوردانو برونو (1548 – 1600) – ئىتالىيە ئەدەبىيات – سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى پەيلاسوپ ۋە ئاسترونوم ، كوپىرنىكنىڭ قوياش مەركەز تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلغىنى ۋى تەرەققىي قىلدۇرغىنى ئۈچۈن دىنىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان .

داۋامى بار 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10575

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: