پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مودېرنىزم دېگەن نېمە؟ مودېرنىزم ئەدەبىياتتىلا بولامدۇ؟

مودېرنىزم دېگەن نېمە؟ مودېرنىزم ئەدەبىياتتىلا بولامدۇ؟

ئۇيغۇرزادە

مودېرنىزم دېگەن نېمە؟ مودېرنىزم ئەدەبىياتتىلا بولامدۇ؟ ئەدەبىياتتىكى ئاڭ ئېقىنى  ئۇسلۇبى دېگەنچۇ؟ ياخشى ئەسەر چوقۇم ۋە چوقۇم مودېرنىزملىق ئەدەبىيات ئۇسلۇبىدا يېزىلىشى شەرتمۇ؟ بەزىلەردە مۇشۇ ھەقتە خاتا چۈشەنچە بار. شۇڭا بۇ سوئال قويۇلدى. باشقا گەپلەرنى دېيىشتىن بۇرۇن بىزدىكى مودېرنىزملىق ئەدەبىياتقا ئائىت مۇنداق خاتا تونۇشنى دەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

بىرىنچى خاتا تونۇش ـــ «پەقەتلا مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلسا ياخشى رومان بولىدۇ» دېگەن قاراش. مەن بۇنىڭغا  «ناتايىن» دەپ جاۋاب بېرىمەن. مودېرنىزم ئۇسلۇبىدا  يېزىلىدىغان رومانمۇ، رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلىدىغان رومانمۇ بولىدۇ. چوقۇم بىر خىل ئۇسلۇبتا يازمىسا ياخشى رومان بولمايدىغان ئىش يوق. مەسىلەن، لېۋ تولىستوي رېئالىستىك يازغۇچى. ئۇنىڭ «تىرىلىش»، «ئاننا كارىننا»، «ھاجى مۇرات» قاتارلىق رومانلىرى  رېئالىستىك ئاڭغا ئىگە ئەسەرلەردۇر. ئۇ مودېرنىزمچىلارنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاپ كەتمەيدۇ. دىندار، ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. «سەنئەت دېگەن نېمە؟» دېگەن ئەسىرىدىمۇ زاماندېشى دوستويېۋىسكىغا ئوخشىمايدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  1968- يىل «مەرۋايىت» ناملىق داڭلىق ئەسىرى بىلەن نوبېل مۇكاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكا يازغۇچىسى سىتىيىنبېك رېئالىستىك يازغۇچى، ئەمما ئۇنىڭ زاماندېشى، ۋەتەندېشى فولكېنېر مودېرنىزمچى. ئۇلار ئوخشاشلا گىگانت يازغۇچىلار. دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھەممىسىنىڭ ئايرىم ئورنى بار. يەنە مەسىلەن، ئەنگلىيە يازغۇچىسى ۋىرگىنىيە ۋۇلف مودرنىزمچى، ئەمما ئۇنىڭ زاماندېشى، يەنە بىر مەشھۇر يازغۇچى جون گالىسۋورسى رېئالىزمچى. توماس خاردى رېئالىزمچى، ئەمما جوسېف كونراد مودېرنىزمچى.

شۇنىڭدەك  شولوخوۋنىڭ «تىنچ دون» دېگەن مەشھۇر رومانىمۇ رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان. بىز «ئانا يۇرت» تىكى ۋەقەلىكلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى. بۇ رومان يەنىلا رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلسا مۇۋاپىق.  «پەقەتلا ئاڭ ئېقىنى مېتودىدا يېزىلغان رومان ياخشى بولىدۇ» دېگەن قاتمال چۈشەنچىدىن خالى بولۇشىمىز كېرەك. گەپ يازغۇچىنىڭ ماھارىتىدە. ماھارەتلىك يازغۇچىلار رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ مېتودلىرى بىلەن مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ مېتودلىرىنى يۇغۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، نېگىر يازغۇچىسى رالف ئاللىسون، 93- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ئامېرىكا يازغۇچىسى تونى موررىسون قاتارلىقلار.

ئىككىنچى، يازما ئەدەبىياتىمىزدا مودېرنىزم ۋە ئاڭ ئېقىنى ئاتالغۇسىنى چۈشىنىشتە يەنە باشقا  خاتا تونۇشلارمۇ بار. بۇ مەسىلىلەردىن (1) خاتا ھالدا مودېرنىزمنى ئەدەبىياتقىلا خاس ھادىسە دەپ چۈشىنىۋېلىش ھەم ئۇنى  ھەممە ھادىسىگە، جۈملىدىن ئىلغارلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىۋېلىش؛ (2) غەربنىڭ مودېرنىزم چۈشەنچىسى ۋە ئاڭ ئېقىنى ئەدەبىياتى چۈشەنچىسىنى تەنقىدىي يوسۇندا ئەمەس، سۈمۈرۈشچان تەپەككۇردا ھەزم قىلىپ، ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى يىلتىز تارتقان ئۇيغۇر رېئاللىقىغا قارا-قويۇق تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇش؛ (3) مودېرنىزىم ھەرىكىتىنڭ دىنغا قارشى چىقىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە شۇ ئالاھىدىكى بولغىنى ئۈچۈن ياۋورپادا دىندارلار ئارىسىدا سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىگە سەل قاراش ۋە شۇ خاتا قاراش تۈپەيلى ئىسلام ھەققىدە بىكاردىن بىكار خاتا، بۇرمىلانغان چۈشەنچىدە بولۇپ گۇمراھلىق يولىغا مېڭىش، زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىق؛ (4) ئارتۇر رىمبو،  چارلېز بودلېر، ئوسكار ۋىلدىلارنىڭ  «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» قارىشىنى ئەمەلىي تىرىشچانلىق لازىم بولۇۋاتقان، مەسىلىلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، غەربنىڭكىگە پەقەت ئوخشمايدىغان  رېئاللىقىمىزغا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇپ، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قېلىش ھەم يۇمشاق دەسسەپ ئاسان ياشاشنىڭ كويىغا كىرىش، ئاندىن بۇنى «لبېراللىق» دەپ چۈشىنىۋېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

خاتا چۈشەنچىلەر قاتارىدىكى بىرىنچى مەسىلە ـــ مودېرنىزمنى نوقۇل ھالدا ئەدەبىياتقا خاس ھادىسە دەپ قارىۋېلىپ، ئۇنىڭ مېغىزى تېخىمۇ كەڭ بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، تار ھەم كەڭ مەنىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالماسلىق. مودېرنىزمنى ئەدەبىياتقا خاسلا ھادىسە دەپ قارىۋېلىش خاتا. نۇرغۇن ھەۋەسكارلاردا مۇشۇ خىل خاتا قاراش مەۋجۇت. شۇڭا ئازراق چۈشەنچە بېرىش زۆرۈر بولدى.

مودېرنىزم ھەققىدىكى يۈزەكى چۈشەنچىنى تولۇقلاشقا ئاز- تولا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئۆزۈم ئوقۇغان كىتابلاردا بۇ ھەقتە بېرىلگەن چۈشەنچىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، «مودېرنىزم دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا بىر جاۋاب بېرىش ئۆتۈش لازىم بولدى.

كامبىرىج ئدىيە تارىخچىسى پېتېر ۋاتسوننىڭ «20- ئەسىر ئىدىيە تارىخى» نى، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدىيە تارىخچىسى پېتېر گېينىڭ مەشھۇر كىتابى «مودېرنىزم تارىخى» نى ئوقۇساق،  مودېرنىزم ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىزاھلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئومۇمەن، ئۇ قاراشلارنى يىغىپ كەلگەندە، مودېرنىزم كەم دېگەندە مۇنداق ئۈچ مەنىگە ئىگە ئۇقۇم ھەم بۇ ئۈچ مەنىسىنىڭ ئشىلىتىلشى ئوخشمايدۇ.

بىرىنچى، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، مودېرنىزم ياۋروپادا قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن كېيىن زامانىۋىلىق مۇساپىسى بارلىققا كەلتۈرگەن مەسىلىلەرگە دىنىي ۋە مېتافىزىكىلىق تونۇشلارنىڭ تەسىرىدىن خالى ھالدا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن بىلىش سىستېمىسى بولۇپ، ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، تەرەققىي قىلغان، كۈچەيگەن. كەڭ مەنىدىكى بۇ مودېرنىزم ھادىسىسى يالغۇز ئەدەبىياتقىلا خاس ھادىسە ئەمەس. بۇ ھادىسەنىڭ ئەدەبىيات بىلەن ئالاقىسى يوق. ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن نيوتون، كانت، روسسو، يۇم، دېدرو قاتارلىقلار بار. جەمئىيەت نەزەرىيەسىدىكى كېيىنكى مودېرنىزم پىكىر ئېقىمى مۇشۇ  ھادىسىگە روبرو ھالەتتە بارلىققا كەلگەن.

ئىككىنچى خىل مەنىدىكى  مودېرنىزم  ئۇيغۇر شائىرلاردىن باتۇر روزى قاتارلىقلار تەسىرىگە ئۇچرىغان فرانسىيە شائىرى چارلېز بودلېر، ئارتۇر رىمبو ۋەكىللىكىدە،   ئەنئەنىۋى تونۇشقا قارشى ھالدا  فرانسىيە سەنئەت ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن پىكرىي ئېقىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىكىر ئېقىمى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاۋانگارتچىلار پىكىر ئېقىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ يىلتىزى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ پىكرىي ئېقىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە قوللىغۇچىلىرى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. بۇ پىكىرىي ئېقىم 20- ئەسىردىكى مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئۈچىنچى، تار مەنىدە ئشىلىتىلىدىغان مودېرنىزم ئۇقۇمى (بىز ئادەتتە ئەدەبىياتتا مۇشۇنى كۆزدە تۇتىمىز) بولۇپ، خاس ئەدەبىياتتىن باشقا يەنە مۇزىكا، رەسساملىق، مىمارچىلىق ساھەلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يالغۇز ئەدەبىياتقا خاسلا ھادىسە ئەمەس. ئەمما مودېرنىزم ئەدەبىياتى دېگەندە مۇشۇ ئۈچىنچى خىل ئشلىتىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئەمدى بىز دىققەت دائىرىمىزنى تارايتىپ ئەدەبىياتقا خاس مودېرنىزم ھادىسىسىگە قاراپ باقايلى. غەرب ئەدەبىياتىدىكى مودېرنىزم پىكىر ئېقىملىرى ھەققىدە تاھىر ھامۇت كىتابىدا خېلى يېتەرلىك توختالغان. ئەدەبياتتىكى مودېرنىزم ھادىسىسىگە گېرمان پەيلاسوپى نىچشې، فرانسيە پەيلاسوپى ھېنرى بېرگسون، ئاۋسترىيە پىسخولوگى  فرۇئېد قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەلىرى تەسىر كۆرسەتكەن. مودېرنىزم ئەدەبياتى رېئالىزملىق ئەدەبىياتقا قارشى ھالدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرگە، يېزىقچىلىق ھەققىدىكى مەۋجۇت قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ؛  ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى زىددىيەتلىك روھىي ھالەتلەرگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلىدۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11303

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,چەتئەل ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: