پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

تەرجىمە ئەسەرلىرىم كاتالوگى

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە ئەسەرلىرى كاتالوگى

 

ھەزرىتى ئەلى بارات 1978- يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1997- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 2001- يىلى 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 2001- يىلى 6- ئايدىن 11- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسى تەرجىمە بۆلۈمىدە تەرجىمان، مەزكۇر ئىدارىنىڭ قارىمىقىدا چىقىدىغان «بازار يېتەكچىسى» گېزىتىدە تەرجىمان، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2002- يىلى 5- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىغا ئىشقا چۈشكەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەزرىتى ئەلى بارات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان، 1998- يىلى 7- ئايدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «سۇ ئاۋازى» ناملىق مىكرو تەرجىمە ھېكايە بىلەن تەرجىمە سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىزچىل ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «تارىم»، «شىنجاڭ باج ئىشلىرى»، «شىنجاڭ سودا- سانائىتى ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «يېرىم ئايلىق سۆھبەت» قاتارلىق ژۇرناللاردا، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «بازار يېتەكچىسى»، «ئاسىيا كىندىكى» قاتارلىق گېزىتلەردە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ھەزرىتى ئەلى باراتنىڭ ھازىرغىچە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، رومان ۋە ھەر خىل ژانېردىكى كىتابلار:

1. «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى»، ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى (ئەنگلىيە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009- يىل 8- ئاي نەشرى

2. «قەلئە»، ئاپتورى: فرانىز كافكا (ئاۋستىرىيە)، 2012- يىل 1- ئاي نەشرى

3. «تولغان بەدەن» (ئىككىنچى تومى)، ئاپتورى: مويەن (2012- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)، 2012- يىل 1- ئاي نەشرى

4. «شاكىلاتتەك يازلىق تەتىل» (بالىلار رومانى)، راھىلە بارات بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2012- يىل 5- ئاي نەشرى

5. «خاركېرنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى» (بالىلار رومانى)، ئاپتورى: مارك تىۋىن (ئامېرىكا)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىل 6- ئاي نەشرى

6. «سادات زۇڭتوڭ قەستكە ئۇچرىغان كۈنلەردە»، ئاپتورى: نەجىپ مەھفۇز (مىسىر، 1988- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، دۇنياۋى مەشھۇر پوۋېستلار مەجمۇئەسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل- 7- ئاي نەشرى

7. «بىئوۋۇفنىڭ يالماۋۇزنى بويسۇندۇرۇشى» (ئەنگلىيە، دۇنيادىكى ئون چوڭ ئېپوس)، ئوسمانجان مۇھەممەت ئاكا بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005- يىل 7- ئاي نەشرى

8. «سۇيىقەست»، رومان، قۇدرەت بارات بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2015- يىل 12- ئاي نەشرى

9. «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار»، راخمان مامۇت ئاكا بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، يازغۇچىلار نەشرىياتى 2015- يىللىق 5 – ئاي نەشرى

10. «بۇ يەردە مەنزىرە زەپمۇ گۈزەل» (ۋاڭ مېڭنىڭ رومانى) (2- تومى)، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجخمە قىلغان، 2014- يىل 4- ئاي نەشرى

11. «ساددا ۋە ھەسرەتلىك يازغۇچى» ، ئاپتورى: ئورخان پامۇك، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى، 2015- يىل 7- ئاي نەشرى

12. «ئاشقازان نېمىشقا ئۆزىنى ھەزىم قىلىۋېتەلمەيدۇ» (بالىلار قامۇسى 7- قىسىمى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2016- يىل 6- ئاي نەشرى

13. «باھار شامىلى ئېلىپ كەلگەن ھېكايە»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2013- يىل 11- ئاي نەشرى

14. «شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2013- يىل 6- ئاي نەشرى

15. «يېزا قانۇن ئاساسىي بىلىملىرى قوللانمىسى»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010- يىل 6- ئاي نەشرى

16. «زېمىن قىزى: سىمېدلىي ھەققىدە ھېكايە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011- يىل 9- ئاي نەشرى

17. «قانۇن ھەققىدە ھېكايە»، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى، 2015- يىل 9- ئاي نەشرى

18. «ياشلىق دەۋرىدىكى پىسىخىك مەسلىھەت Ⅱ«، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005- يىل 2- ئاي نەشرى

19. «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن ــــ قۇدرەتلىك قورال- ياراغلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008- يىل 8- ئاي نەشرى

20. «قەلبنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى 2010- يىل 5- ئاي نەشرى

21. «ئەسسالام شىنجاڭ» (ۋاڭ مېڭ ئەسەرلىرى توپلىمى)، تەرجىمە ئەسىرىم كىرگۈزۈلگەن

22. «چايخانا» (دىرامما)، ئاپتورى: لاۋ شې، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈلگەن

ئىككىنچى، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «دوستلار» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1999- يىللىق 6- سان

2. «بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

3. «يازغۇچىنىڭ مەخپىيىتى» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

4. «سىرلىق كۆزەينەك» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

5. «شار ھەققىدە ھېكايە» (ھېكايە)، ئاپتورى: دىنو بۇزارت (ئىتالىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 2- سان

6. «مەڭ» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىخايىل شولوخوف (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 3- سان

7. «كۈز» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋاسىلىي شۇكشىن (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 4- سان

8. «سەرگەردان، ئەگەر سىباغا بېرىپ قالساڭ» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېنىرىخ بول (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2000- يىللىق 6- سان

9. «ئاخىرقى بىر سۆيۈش» (ھېكايە)، ئاپتورى: نادىن گوردمىر (جەنۇبىي ئافرىقا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 2- سان

10. «سۇ ئاۋازى» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

11. «سۆيۈشۈش» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

12. «گۈزەللىك ئىلاھى» (ھېكايە)، ئاپتورى: مىشىما يۇكىئو (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

13. «ھەمدەپنە قىلىش» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 6- سان

14. «ۋوششىر» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

15. «ھەققانىيەت» (ھېكايە)، ئاپتورى: ۋىليام فولكىنېر [ئامېرىكا]، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

16. «گىرىن ئەپەندىنى ئىزدەش» (ھېكايە)، ئاپتورى: سائۇل بېللوۋ (ئامېرىكا)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 1- سان

17. «ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلىغان زېمىن» (ھېكايە)، ئاپتورى: بىن ئوكىرى (نىگىرىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2009- يىللىق 6- سان

18. «ھالرەڭ كۆز يېشى» (ھېكايە)، ئاپتورى: تيەنجوڭ شىيادەي (ياپونىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

19. «ئوغلۇمغا خەت» (ھېكايە)، ئاپتورى: سوخۇمۇلنىسكى (سوۋېت ئىتتىپاقى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

20. «تىلنىڭمۇ كۆزى بار: 2009 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ھېرتا مىللېرنى زىيارەت» (زىيارەت خاتىرىسى)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

21. «ئىلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (پوۋېست)، ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز (كولومبىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 5- سان

22. «ئوسكار ۋىلدنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ‹دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى› ناملىق رومانى ھەققىدە» (ماقالە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 1- سان

23. «فرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ كاتتا رومانى ‹قەلئە› ــــ سىرلىق ئوردا تۈسىگە ئىگە ھېكايە» (ماقالە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

24. «قارا رەڭلىك باغچا» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

25. «قەبرە ئالدىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» (ھېكايە)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2011- يىللىق 6- سان

26. «بىر پارچە شېئىر بىر چۈش دېمەكتۇر» (2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى توماس تىرانىسترومېر بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: ۋاڭ خۇا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 2- سان

27. «تېپىشماق ئايدىڭلاشسۇن» (2011- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى توماس تىرانىسترومېر بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: ۋاڭ خۇا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 2- سان

28. «پاناھگاھ» (ھېكايە)، ئاپتورى: جون بەنۋىل (ئەنگلىيە)، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 5- سان

ئۈچىنچى، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ۋە «تارىم» ژۇرنىلىدا، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «ئىزۇدىكى ئۇسسۇلچى قىز» (ھېكايە)، ئاپتورى: كاۋاباتا ياسۇنارى (ياپونىيە)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 12- سان

2. «تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال» (نەسىر)، ئاپتورى: جىبران خەلىل جىبران (لىۋان)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 5- سان

3. «ناركوز دورىسى ۋە ئوپېراتسىيە پىچىقى» (نەسىر)، ئاپتورى: جىبران خەلىل جىبران (لىۋان)، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 6- سان

4. «يېزىقچىلىقنى مەڭگۈ تاشلىمايمەن» (2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ۋارگاس لوسا بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: جاۋ دېمىڭ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 3- سان

5. «ئارزۇيۇم ـــ مۇھەببەت، ھەرگىز نوبېل مۇكاپاتى ئەمەس» (2010- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ۋارگاس لوسا بىلەن سۆھبەت)، ئاپتورى: جاۋ دېمىڭ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 3- سان

6. « نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 7- سان

7. « نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 9- سان

8. «كۆك بېلىق» (ھېكايە)، ئاپتورى: خالدور كىليان لاكسىنىس (ئىسلاندىيە)، «تارىم» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 4- سان

9. «قەلب ساداسى» (نەسىر)، ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل 8- ئاي نەشرى

10. «شىنجاڭ ناخشىسى» (نەسىر)، ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ ، «ۋاڭ مېڭ نەسىرلىرى توپلىمى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011- يىل 8- ئاي نەشرى

تۆتىنچى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر:

1. «ئىجتىمائىي تەبىئىي پەنگە ئوخشاشلا مۇھىم»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 3- سان

2. «يايلاقتىن چىقىپ NBA غا قەدەم قويغان ئەزىمەت ــــ باتۇر»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

3. «كۆپ ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىسى كىرستوف سىبا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2002- يىللىق 4- سان

4. «‹قۇتادغۇبىلىك› نىڭ ۋىنا نۇسخىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار»، ئاپتورى: رەيھان قادىر، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2003- يىللىق 4- سان

5. «ئىجتىمائىي تەبىئىي پەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 2- سان

6. «ئۇتۇق قانداق تاۋلانغان ـــــ ئىككىنچى دەرس» («تېرە پۈتۈك» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 2- سان

7. «21- ئەسىردىكى يېڭى دۆلەت غۇرۇرىمىزنى تىكلەيلى» («جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 3- سان

8. «كەلگۈسىدىكى توقۇنۇش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2004- يىللىق 3- سان

9. «قۇللۇق ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مىللىي ئېڭىمىزنى ئۇرغۇتايلى» («جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 1- سان

9. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 3- سان

10. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 4- سان

11. «جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرگە تەنقىد»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سان

12. «تۈركىيە ۋە پانتۈركىزم»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2006- يىللىق 2- سان

13. «ئىختىراۋى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىختىراۋى كۈچى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 1- سان

14. «جۇڭنەنخەينى زىلزىلىگە سالغان جيەن بوزەننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 5- سان

15. «نيۇتوننىڭ قىيامەت ھەققىدىكى قىياسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 5- سان

16. «بۆرىگە يولۇقسىڭىز بۆرە بولۇڭ»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2006- يىللىق 5- سان

17. «پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتىكى ئاچچىق ساۋاق»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2008- يىللىق 3- سان

18. «جۇڭگوچە ئولىمپىكنىڭ ‹يېڭى ئېففىكتى›»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2008- يىللىق 4- سان

19. «ئەقلىي ئويغىنىش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

20. «21- ئەسىردە تىللارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2010- يىللىق 2- سان

21. «پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 5- سان

بەشىنچى،  كىنو- فىلىملەر:

1. «زورو ھەققىدە رىۋايەتⅡ» (ھېكايە فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

2. «شى سوگوۋغا كىرىش» (8 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

3. «كىچىك پەرىشتە» (كارتون فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

4. «شىمالىي قۇتۇپ تېز پويىزى» (كارتون فىلىم)، قاراماي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن

ئالتىنچى، تەرجىمە قىلىپ بولۇنغان،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشر قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى ئارگىنالى يۈتۈپ كەتكەن كىتاب ۋە ئەسەرلەر:

1. «مىڭ پارلاق قۇياش» (رومان)، ئاپتورى: خالىد ھۆسەيىن (ئامېرىكا)

2. «بەك ياۋاش بولۇپ كەتمەڭ» (تۇرمۇش پەلسەپىسى توغرىسىدىكى كىتاب)

3. «ھەممەيلەن ئىنگىلىزچە سۆزلەيلى (2- قىسىم)» (ئىنگلىزچە ئۆگىنىش قوللانمىسى)

4. «ئىنگلىز تىلى دەرسخانىسى» (ئىككى توملۇق ئىنگلىزچە ئۆگىنىش قوللانمىسى)

5. «ئاياللار پىسىخولوگىيەسى توغرىسىدىكى كىتاب»

6. «لابى شياۋشىن رەسىملىك كىتابى» (كارتون رەسىملىك بالىلار ئوقۇشلۇقى جەمئىي ئۈچ قىسىم)

7. «قاردىكى قان ئىزى» (ھېكايە)، ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز (كولومبىيە)

يەتتىنچى، نەشرىيات بىلەن توختاملىشىپ تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان كىتابلار:

1. «پىرىزدېنت ئەپەندى» (رومان)، ئاپتورى: مىگىل ئانگېل ئاستۇرىياس (گىۋاتمالا، 1967- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

2. «تۈلكە ئۇ چاغدا ئوۋچى ئىدى» (رومان)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە، 2009- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

3. «ھارغىن نەپەسلەر» (رومان)، ئاپتورى: ھېرتا مىللېر (گېرمانىيە، 2009- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

4. «نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش»

5. «قۇياش ساڭگەن دەرياسىنى يورۇتقاندا» (رومان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

6. «ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە ئەسەرلىرى توپلىمى»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ

سەككىزىنچى، تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن كىتابلار:

1. «پاقا» (رومان)، ئاپتورى: مويەن (2012- يىلى موبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، ئېلېكترون نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل نەشر قىلىندى

2. «ئامەت ئىچىدىكى ئاپەت» (ھېكايىلەر توپلىمى)، ئاپتورى: جالالىدىن بەھرام، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى

3. «مەركىتلەر» (رومان)، ئاپتورى: مۇتەللىپ سىدىق، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

4. «سۆيگۈ قىسمىتى» (رومان)، ئاپتورى: پاتىگۈل ئىمىن، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

5. «سەلەي چاققان ھەققىدىكى تەتقىقات كىتابى» (ئىلمىي ئەسەر)، ئاپتورى: ئۇچقۇنجان ئۆمەر، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

6. «ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىقىغا كىرىش» (ماقالىلەر توپلىمى)، ئاپتورى: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ

7. «مەخپىي يول» (رومان)، ئاپتورى: بۇرانسېف (سوۋېت ئىتتىپاقى)

8. «ئىجتىمائىي پەن دۇنياسىغا كىرىش» (كىتاب)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11825

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2016-10-24
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىز
ئىنكاس: 14دانە
  1. ئابدۇجاپپار ھامىدىن

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ھەزرەت ئېلى، نۇرغۇن مەنىۋىي ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپسىز، ھەر بىر كۈنىڭىز تىرىشىش، تىنماي ئىجتىھات قىلىش ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. روھىڭىزدىن قاتتىق تەسىرلەندىم، سىزگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. ئاللاھ سىزگە ھارماس قەلەم تۇلپارى، ئويغاق، چاپقۇر ئىدىيە ئاتا قىلسۇن!

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئابدۇجاپپار!
      ئەدەبىي تەرجىمىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق تۈرتكىسىدە ھەر ھالدا ئانچە- مۇنچە بىر نېمىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يۈردۈم،
      2003- يىلىدىن تاكى 2009- يىلىغىچە ئەدەبىي تەرجىمىنى تاشلاپ، بۇيرۇتما تەرجىمىلەرگە زېھنىمنى چېچىۋېتىپتىمەن. ھازىر ئويلىسام، جىق ئەپسۇسلىنىمەن. 6 يىل ۋاقىت ئاز ۋاقىت ئەمەس ئىدى، مۇشۇ 6 يىلدا ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان بولسام بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى چوقۇم ئىدى.
      ئەدەبىي تەرجىمىگە 2009- يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن كىرىشتىم، قايتا كىرىشكەن چېغىمدا خېلى ئوبدان تاۋلىنىپ قالغان ئەدەبىي تىلىم قېتىپ بىر يەرگە بارغان ئىكەن. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چېغىمدىكى تۇيغۇلىرىمنى تېپىۋېلىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى.
      شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەدەبىي تەرجىمان ھەرگىزمۇ باشقا ژانېردىكى بۇيرۇتما ئەسەرلەرگە ئۆزىنى بۇزماسلىقى، ئەدەبىي تىلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى تەرجىمە قىلىمەن دەپ پىلانغا ئېلىپ قويغان بىر قانچە مەشھۇر ئەسەر بار. خۇدايىم بۇيرۇسا، زېھنىم باشقا ئىشلارغا چېچىلمىسا شۇ ئەسەرلەرنى بىر نەچچە يىل ئىچىدە تەرجىمە قىلىپ چىقىش ئويۇم بار.
      مەن سىزنىڭ تەرجىمىڭىزگە خېلىلا قايىل، سىزگە مۇۋەپپقىيەت تىلەيمەن.
      پىكىرلىشىپ تۇرايلى.

  2. تەرجىمە قىلغان ئەمگىكىڭىزنىڭ بۇنچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. قارىغاندا سىزنىڭ يىقىنقى يىللاردا قېنىپ ئۇخلىغان كىچىلىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ(چاخچاق). سىزنىڭ ئۇتۇقلىرىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن، شۇنداقلا سىزنىڭ تەرجىمە ۋە ژورنالغا بولغان يۈكسەك ئىخلاسىڭىزدىن سۈيۈنىمەن.

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىقبال، تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىم خاتىرىلىنىپ ماڭسۇن دەپ بۇ كاتالوگنى تور خاتىرەمگە ئېلان قىلىپ قويغان ئىدىم.
      بەك ماختىۋېتىپسىز.
      ھەر ھالدا تىرىشىپ يۈرۈپ شۇنچىلىك نەرسىلەرنى ئېلان قىلالاپتىمەن.
      ھېلىمۇ بوش ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقتىم ئاز ئەمەس. شۇ ۋاقىتلىرىمدا تەرجىمىنى ئۈزۈپ قويمىغان بولسام بۇنىڭدىنمۇ جىق نەرسىلەرنى ئېلان قىلىۋېتىشىم مۇمكىن ئىدى.
      تەنقىدلىرىڭىزنىمۇ ئايىمىغايسىز.

  3. ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
    سىز تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ھەقىقەتەن تەبئىي چىقىدىكەن. بۇنچە كۆپ ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئىكلەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىمەن. يەنە كىلىپ 2001 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شۇنچە تىزلا مول ھوسۇللۇق بولۇپ كىتىپسىز! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ بەرىكەت بەرگەي…مومكىن بولسا تەرجىمالىق جەھەتلەردە مېنىمۇ ئاز – تولا يىتەكلەپ قويارسىز، ئۆزۈممۇ موشۇ ساھەگە تولىمۇ قىززىقىمەن….
    ھەراس، ئاۋۇ تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىنماي قالغان كىتابلارنى بۇندىن كىيىن نەشىر قىلىش مومكىن بولمىسا، ئېلىكىتاب شەكلىدە تور دۇنياسىدا تەمىنلىسىڭىزمۇ بوپتىكەن. ھامان كۆپ ئەجىر بىلەن تەرجىمە قىلغاندىكىن… :razz:

  4. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    مۇشۇ يەردە پىكىرلىشىپ تۇرساق بولىدۇ.

  5. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ئاكا!

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم مەلەك!
    ئۇزۇن بولدى ، جىمىپ كەتتىڭىز، ئىسەن تۇردىڭىزمۇ؟
    كۇرس ئېچىش ئىشلىرىڭىز ئوبدان يۈرۈشۈپ قالدىمۇ؟
    پاساھەتكە جىق ئەجرىڭىز كىرگەن، پات- پات يوقلاپ تۇرغايسىز.

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    كۆرۈپ ھەيران قالدىم ،قاچانلاردا ،قايسى ۋاقىتلاردا بۇنچىۋالا جىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بولغانسىز؟تەرجىمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئاران ئوقۇپتىمەن، قالغانلىرىنى نىمىشق ئوقومىغاندىمەن؟ «مىڭ پارلاق قوياش » كىمنىڭ ئەسىرى بولغىيتتى؟ ئارگىنالىنى يۈتتۈرۈپ قويغان گەپمۇ؟ ياكى نىمىش ؟ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك ئىلكىتاب قىلىپ تارقاتسىمۇ بولغىدەك. تەرجىمە ئەسەرلەرنى، يەنى رومانلارنى بلوگىڭىزدا ھەپتىسىگە بىر باپتىن يوللىسىڭىزمۇ بىر نەچچە يىلدا يوللىنىپ بولغىدەك. بۇندىن كىينكى تەرجىمىلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇبارەك بولسۇن. 2298781419 كىملىكىمنى ئۈزىڭىز تېپىڭ

  9. مەن شۇ ئەمەسمۇ ئۇچتۇرپاندىن.

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ۋە «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژورنىلىدىن ئوقۇپ تۇرغان بولساممۇ، لېكىن بۇنچىۋالا كۆپ تەرجىمە كىتابلار ۋە ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇقماپتىمەن.بۇنىڭدىن سىزنىڭ قانچىلىغان كېچىلەردىكى شېرىن ئۇيقۇلاردىن، دەم ئېلىشلاردىن ۋاز كەچكىنىڭىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. مۇشۇنداق تىرىشىش روھىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.ئاللاھ زېھنىڭىزگە تېخىمۇ ئۆتكۈرلۈك ۋە قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي.

  11. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ بىر قىسىم ئېسىل تەرجىمىلىرىڭىزنى«’دۇنيا ئەدەبىياتى»ۋە «ئەدىبي تەرجىمىلەر»ژورنىلىدىن ئوقىغان بولساممۇ، ئەمما بۇنچە كۆپ كىتاب ۋە ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن. بۇلارنى كۆرۈپ سىزنىڭ قانچىلىغان كېچىلەردىكى شېرىن ئۇيقۇدىن ۋە كۈندۈزلەردىكى سەيلىلەردىن ۋاز كېچىپ، مۇشۇنداق زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.ئىزدىنىش، تىرىشىش روھىڭىزغا ئاپىرىن ئېيىتقۇم كەلدى.بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

  12. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    تىلەكلىرىڭىزگە ھەشقاللا.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: