پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پەن ئىپتىدائىيلىقى

ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پەن ئىپتىدائىيلىقى

(ئىجتىمائىي پېنىمىزدە ئېچىلمىغان بوز بۇلۇڭ ۋە بوشلۇقلار)

ئۇيغۇزادە

بۇ مەلۇم بىر مۇنبەردە «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پەن خېلى تەرەققىي قىلدى» دېگەن قاراشقا قارىتا يازغان قىسقىچە جاۋابىم. بۇ پەقەت شۇ ۋاقىتتىكى تېمىغا جاۋاب سۈپىتىدە كاللامغا كەلگەن ئىنكاس، خالاس؛ مېنىڭ بۇ ھەقتىكى پۈتكۈل قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇ تېما ئۈچۈن «بىزدە ئىجتىمائىي پەن شۇنچە تەرەققىي قىلدىمۇ؟» دېگەن تېمىدا راۋۇرۇس بىر پارچە ماقالە كېرەك. قىزىققۇچىلار ئىزدەنسە قارشى ئالىمەن ھەم ياردەمدە بولىمەن.

مەن بۇ ھەقتە مۇنداق ئىنكاس يازغانتىم: مۇنبەردىن ھەسرەت ئىچىدە ئايرىلىپ ھەسرەت ئىچىدە قايتىپ كەلدىم. بۇ قېىتمقى ھەسرىتىم بىزدە ئەھۋالى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولغان؛ كېچىكىش، ئىپتىدائىيلىق قىسىمىتىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىمىزنىڭ ھالىغا بولغان قايغۇرۇش ھېسسىياتىدىن باشلاندى. بۇ تېمىدا  ئۇيغۇرنىڭ ئۆتكۈر زىيالىيلىرىغا گېپىم بار

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەممىنى شارائىتقا، چەكلىمىلىككە دۆڭگەپ، مەسىلىنى ئوبيېكتىپ، ماكرو سەۋەبلەرگە باغلاپ قويۇپ ياخشى ئىزدەنمەيۋاتىمىز. بىز گويا چېچىلىپ ياتقان بىر ئوچۇم قۇمغا ئوخشايمىز، بىر يەرگە كېلەلمەيمىز، كېيىنگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئىشلاردا ئورۇنلۇق سادالارغا قۇلاق سالمايمىز. ئەسلى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك،  ئىمكانىيەت خېلى بار ئىدى. ئىنكاسنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان تۆۋەندىكى پاكىتلار بىلەن باشلايلى:

◆ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى رومانى 1952-يىلى مەمتىمىن توختايېف نامىدا نەشردىن چىقتى. بىز ”ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى رومان بۇ!“ دەپ پەخىرلىنىپ يۈرگەن چېغىمىزدا (رابغوزىنىڭ ”قىسسەسۇل ئەنبىيا“سىنى بەزىلەر ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى رومان دەيدۇ، بۇنىڭغا گۇمان بار) ياۋروپادا رومان ئەنئەنسىىگە 8، 9 ئەسىر بولۇپ بولغانىدى.’نېمىشقا؟“ دەپ بىرسى سوئال قويسا، ”شارائىت ئوخشمايدۇ“ دېگەن جاۋاب چىقتى.

★بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن مەشھۇر پەيلاسوپىمىز دەپ پەخىرلەندۇق(بەزىلەر ھەتتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەيلاسوپلۇقىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ) ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى پەيلاسوپ چىقمىدى(ئەلىشىر نەۋايى مۇتەپەككۇر شائىر، ئەمما پەيلاسوپ ئەمەس). 10 ئەسىردىن بېرى ئۇيغۇردىن پەيلاسوپ چىقمىدى. ”نېمىشقا؟“ دەپ سوئال قويساق، يەنە ”شارائىت ئوخشمايتتى“ دېگەن جاۋاب چىقتى.

★ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى تەتقىقات ئۇيغۇرلاردا 1980-يىللاردا  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەرىپىدىن رەسمىي باشلاندى. بۇ چاغدا ياۋورپادا بۇ ساھەدە تەتقىقات باشلانغىنىغا ۋە ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق زامانىۋى پەنلەرنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 200يىلدەك ۋاقىت بولغانىدى. بىز بولساق تەتقىقاتنى مېتودلاشتۇرۇپ قىلىشتىن ئىبارەت ئاددىي بىر گەپنى 2010- يىللاردا كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ بولالماي يۈرۈۋاتىمىز.بۇنداق گەپلەرنىڭ ھازىر چىقىشى بىر بىنوماللىق.بالدۇرراق بولۇشى كېرەك ئىدى.

 ★بۈگۈنكى زامان ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ پېشۋاسى ئادام سىمىس ئۆزىنىڭ ”دۆلەتنىڭ بايلىقى“ ناملىق ئەسىرى بىلەن 200نەچچە يىل بۇرۇن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئۇلىنى تىكلىگەنىدى. بىزدىن 1990-يىللاردا ۋە 2000-يىللاردا بىر نەچچە ئىقتسادشۇناس چىقتى. لېكىن ئۇلار ھوقۇق دەستىگاھى ئۈچۈن ئىشلەش بىلەن ئالدىراش. ئۇيغۇرنىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى ئاۋام نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان ئىقتىسادشۇناس تېخى ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. كېچىكتۇق ھەم تېڭىرقىدۇق.

★ئىنسانشۇناسلىق پېنى  كامبىرىج پروفېسسورى ئارنولد قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا  19- ئەسىردە بارلىققا كەلدى. بىز بولساق بۇنداق بىر پەننىڭ بارلىقىنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمىز. ھېلىمۇ ياخشى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ساھەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغانلاردىن بىر نەچچەيلەن چىقتى. ئەمما، ئەھۋال يەنىلا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. بەكلا كېچكتۇق.

 ★پىسىخولوگىيە  19- ئەسىردىلا رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەندى. بىز بولساق تېخى ئەمدىلەتىن زىۋىدەنىڭ پىسىخىكىلىق دوختۇر“ ھەققىدىكى كىتابى بىلەن ئۇچراشتۇق. پىسىخولوگىيىدە بىر نەچچە ئاسپرانت چىققان بولدى. لېكىن، نەتىجە تېخى يوق.

★جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ئىسمىنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمىز. ھالبۇكى، 2000- يىللاردا بىز مۇشۇنداق بىر پەننىڭ بارلىقىنى ئەمدىلەتىن بىلگىنىمىزدە، بۇ زامانىۋى پەن ياۋورپادا 200 نەچچە  يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ بولغانىدى.

مەن شۇڭا: ”ھەممىمىزنىڭ ئەدەبىيات كوچىسىغا سىغدىلىپ كىرىۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ياش ئىزدەنگۈچىلەر قاتتىق ئىزدىنىپ ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى بوشلۇقلارغا يۈرۈش قىلايلى“ دەيمەن. بۇ ھەقتىكى ئىنكاس كېيىن ئېھتياجغا قاراپ يەنىمۇ  كېڭەيتىلىپ، بېيىپ مېڭىشى مۇمكىن.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10983

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-05
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىخ- پەلسەپە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: