پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

فرانىز كافكا: قەلئە(رومان): بىرىنچى باب

قەلئە

رومان

ئاپتورى: فرانز كافكا [ئاۋستىرىيە]

تەرجىمە قىلغۇچى : ھەزرىتى ئەلى بارات

(بۇ رومان «خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى» 1998- يىلى 1- ئاي نەشر قىلغان نۇسخا؛ «چاڭجياڭ ئەدەبىيات- سەنئەت نەشرىياتى» 2006- يىلى 4- ئايدا نەشر قىلغان نۇسخا؛ «جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەشرىياتى» 2009- يىلى 1- ئايدا نەشر قىلغان نۇسخا ۋە «چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى نەشرىياتى» 2000- يىل 6- ئايدا نەشر قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخا قاتارلىق 4 خىل نۇسخىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىندى)


كىرىش سۆز ئورنىدا 

فرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ كاتتا رومانى «قەلئە»

ـ سىرلىق ئوردىسىمان ھېكايە

kafka the castle

كافكا 20- ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىلارنىڭ بىرى. 1941- يىلى ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ئودېن: «يازغۇچى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كافكانى دانتې، شېكىسپېر ۋە گىيۇتى قاتارلىقلار بىلەن تامامەن بىر قاتارغا قويۇشقا بولىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئەدەبىيات دالاسىدا ئۈن- تۈنسىز مېھنەت قىلدى، ئۆزىگە خاس ئىجادىيىتى بىلەن شۇ چاغدىكى ھەر قايسى ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپ، 20- ئەسىر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇردى. ئۇ مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ بوۋىسى دەپ ھۆرمەت تەرىپلىنىشكە تامامەن ھەقلىق.

فرانىز كافكا 1883- يىل 3- ئىيۇلدا ئاۋستىرىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى بوخىمىيە (بۈگۈنكى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ) نىڭ پايتەختى پراگادا تۇغۇلغان. دادىسى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن سودىگەر بولۇپ، ئاپىسى تولىمۇ غەمىسكىن، خىيالچان ئايال ئىدى. كافكا كىچىكىدە گېرمان تىلى تەربىيىسى ئالغان، 1901- يىلى پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ گېرمان تىلى ئەدەبىياتى ئۆگەنگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسىنىڭ تەلىپى بىلەن قانۇن كەسپىگە ئالماشقان ۋە 1906- يىلى قانۇن پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1908- يىلىدىن باشلاپ يېرىم ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلىگەن؛ 1917- يىلى ئۆپكە كسىلىگە گىرىپتار بولغان، 1922- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلغان؛ 1924- يىلى 3- ئىيۇندا كېسەل سەۋەبى بىلەن 41 يېشىدا ۋاپات بولغان.

kafka4

كافكانىڭ قىسقىغىنە ھاياتى پۈتۈنلەي بەختسىزلىكلەر بىلەن تولغان. ئۇ ياشىغان دەۋر، ئىجتىمائي تۇرمۇش مۇھىتى، ئائىلىسى ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

كافكا ياشىغان دەۋر دەل ئاۋستىرىيە- ۋىنگىرىيە ئىمپېرىيىسى خابۇسبېرگ پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئىدى. ئەينى چاغدا پراگادا مىللىي زىددىيەت، سىياسىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ئىمپېرىيەنىڭ ئۇلى لىڭشىپ قالغانىدى. يەھۇدىي بولغىنى ئۈچۈن كافكا سىلاۋىيانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمايتتى، لېكىن پراگادىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىلاۋىيانلار ئىدى؛ ئۇ گېرمان تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بولغاچقا، ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن ئورتاق تىل يوق ئىدى؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئاۋستىرىيەلىكمۇ ئەمەس، چېخلىقمۇ ئەمەس ئىدى. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ياللانما خادىمى بولغىنى بىلەن، مۈلۈكدارلار قاتلىمىغا تەۋە ئەمەس ئىدى؛ مۈلۈكدار نىڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇ يەنە پۈتۈنلەي ئەمگەكچىگىمۇ تەۋە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى مىجەزى چۇس، زالىم كىشى بولۇپ، ئائىلىدە مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە ئىدى. كافكا كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ، پۈتۈن ئۆمرى زالىم تەبىئەتلىك دادىسىنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگىسىدە ئۆتىدۇ. ئۇ ئۈچ قېتىم توي قىلىشقا پۈتۈشىدۇ، لېكىن ئۈچىلى قېتىمدا ئۆزى تەشەببۇسكارلىق توي كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرمۇش قۇرماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. كافكا ياشاش مۇھىتى ۋە ئىچ مىجەز خاراكتېرى تۈپەيلى يېزىقچلىقنى بىر خىل روھىي ئەمىنلىك ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ.

كافكا كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇغان؛ سىپنوزا، نىچشې، دارۋېن قاتارلىقلارنىڭ تەلىماتلىرى، دانىيەلىك مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ كىرىگورنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ جۇڭگونىڭ لاۋزى، جۇاڭزى پەلسەپىسىنىمۇ تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۇ 1908- يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. كافكا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئىشتىن سىرىتقى يازغۇچى ئىدى. ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۈچ پارچە رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە، زور مىقداردىكى ئەدەبىي خاتىرە، فىليەتۇن، ھېكمەت، خەت- چەك، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يازغان. ئۇ ئەسەرلىرىگە بەك قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ھايات چېغىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس. كافكا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى يېقىن دوستى ماكس برودقا ئېلان قىلىنمىغان جىمى قوليازمىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش، ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان ئەسەرلىرىنىمۇ قايتا نەشر قىلماسلىق ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر يىراقنى كۆرەر ماكس برودنىڭ دوستىنىڭ ۋەسىيتىنى ئورۇندىمىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ماكس برود ئۇنىڭ جىمى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇپ، قالتس تالانتلىق بۇ يازغۇچىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلىرىنى يىرتىۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ، كېيىن بۇ ئەسەرلەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇرۇن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان. 50- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا- ئامېرىكىدا كافكا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. نۇرغۇن يازغۇچىلار كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى دوراپ ئەسەر ئىجاد قىلغان. ئىلىم ساھەسىدىمۇ كافكانى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتكەن. ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ «كافكاشۇناسلىق» ئىلىمى شەكىللەنگەن. كافكانىڭ شۆھرىتى ھازىرمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.

kafka7

دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە 20- ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن مەۋجۇدىيەتچىلىك، سۇررېئالىزم، بىمەنىچىلىك ئېقىمى، قارا يۇمۇر، فانتازىيەلىك رېئالىزم قاتارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى ئېلېمېنتلىرىنى كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى كافكانى خېلىلا كېچىكىپ چۈشەندى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كافكانىڭ ئاز بىر قىسىم  ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، لېكىن ئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدىلا تارقىتىلدى، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىن، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باھارى چەت ئەل ئەدەبىياتىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى، كافكاغىمۇ يېڭىباشتىن باھا بېرىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. كافكا جۇڭگو يازغۇچىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، بەزى يازغۇچىلار كافكانى دوراپ ئەسەر يېزىشقا باشلىدى. ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كافكانىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزدە بارغانسېرى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە مەدھىيەسىگە ئېرىشتى.

كافكانىڭ ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق پۈتمىگەن. بۇ ئۈچ روماننىڭ ئىچىدە «قەلئە» ناملىق بۇ رومانىنىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ھەمدە كىشىلەر تەرىپىدىن كافكانىڭ مۇھىم ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ماكس برود بۇ رومانغا «كافكانىڭ فائۇستى» دەپ باھا بەرگەن.

kafka 8

روماندا باش پېرسۇناژ K نىڭ قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ. رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە ئىنتايىن چوڭقۇر، مەزمۇن تولىمۇ غەلىتە بولۇپ، ئۆزگىچە بىر دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ. ئەسەردە يەنە رېئاللىق بىلەن رېئالسىزلىق، نورماللىق بىلەن بىمەنىلىك، ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئاجايىپ غەلىتە ئادەملەر بىر- بىرىگە جىسىپلىشىپ كەتكەن. بەزىلەر روماننى يەنە «سىرلىق ئوردا تۈسىنى ئالغان، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋېتىدىغان رومان» دەپمۇ ئاتىغان. چەت ئەللىك بىر ئوبزورچى ئەسەرگە مۇنداق باھا بەرگەن: «‹قەلئە› نى ئوقۇغان كىشى بىر نەچچە بەت ئوقۇپلا ئۆزىنى ھېچنىمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان قويۇق تۇمان ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ رومان تىلىنىڭ تولىمۇ مەززىسىز ئىكەنلىكىدىن ئەمەس (كافكانىڭ تىلى بەك راۋان ھەم چۈشىنىشلىك)، بەلكى روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىشلارنىڭ شۇ قەدەر بىمەنە، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى دىيالوگنىڭ شۇنچىلىك غەلىتە ئىكەنلىكىدىن بولغان.»

kafka3

روماندا نۇرغۇن غەلىتە ۋە بىمەنە ئىشلار تەسۋىرلىنىدۇ. قەلئە ھېچقاچان يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن K نىڭ يەر ئۆلچەش خادىمى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. K ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ بىر- ئىككى سائەت ئۆتە- ئۆتمەيلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. قەلئەگە قاراشلىق كەنت ئۇنچىۋالا چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كەنتنى بىر توپ ئەمەلدار باشقۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ھەتتا ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان كەنت پۇقرالىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەتىگەندىن- كەچكىچە پۇت- قولىغا تەگمەي ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئىشخانىدىكى تېڭىق- تېڭىق ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقۇچە دۆۋىلىۋېتىلگەچكە ھۆججەتلەر ھېلىدىن- ھېلىغا يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئىنتايىن ئادەتتىكى ئەرزلەر ياكى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان تەلەپ- ئىلتىماسلار ئۈچۈن بيوروكراتلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بۇ غايەت زور ئاپپارات ئايلاپ- يىللاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بارناباس قەلئەگە ئۆزى خالاپ خەت- چەك توشۇغۇچى بولىدۇ. ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا كۈن- كۈنلەپ ئايىغى چىقماس ۋەزىپىلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، ھەتتا بىر ساقلىغانچە نەچچە يىل ساقلايدۇ، ئەمما بىرەر قېتىممۇ خەت- چەك توشۇپ باقمايدۇ. قەلئە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدېرى كلام K غا ئىككى پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ، لېكىن K كلامنىڭ ماختىغىنىغا تۇشلۇق قول سېلىپ بىرەر ئىشنى قىلىپ باقمايدۇ. كېيىن بۇ خەتلەرنىڭ بۇرۇن يېزىپ قويۇلغان كونا خەت ئىكەنلىكى، سارغىيىپ كەتكەن بىر دۆۋە كونا ئارخىپلارنىڭ ئارىسىدىن مۇنداقلا تارتىپ چىقىلغانلىقى سېزىلىپ قالىدۇ. قەلئەنىڭ كاتىپى بۈرگېل بىر كۈندىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى كارىۋات ئۈستىدىلا ئۆتكۈزىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى كارىۋات ئۈستىدىلا بېجىرىدۇ، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەردىن سوراق ئالىدۇ. K ھەر خىل ئاماللارنى بىلەن قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ، قەلئە ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ شۇنچە تىرىشقىنىغا لايىق قەلئەگە بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايدۇ. قەلئە ئەمەلدارى سۇتىنىنىڭ شۇ كەنتتىكى ئامالىيا ئىسىملىك بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ. لېكىن ئامالىيا ئۇنىڭ قوپاللىق بىلەن قويغان تەلەپلىرىنى كەسكىن رەت قىلىۋېتىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامالىيانىڭ ئائىلىسىنى پالاكەت باسىدۇ. قەلئە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق قەلئەگە ئۆزلىرىنى كەچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن يالۋۇرغىلى بارىدۇ. سۇتىنىنىڭ خىزمەتكارىنى تېپىش ئۈچۈن ئامالىيانىڭ ئاچىسى ئولگا مېھمانخانىغا بېرىپ، ئىنتايىن چۈپرەندە مالايلارنىڭ ئاستىدا ئاياغ- ئاستى بولۇشقا رازى بولىدۇ…..

kafka2

بۇ ۋەقەلىك ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن بايان قىلغۇچى بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناژ بۇنىڭدىن قىلچە غەلىتىلىك ھېس قىلمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق ھېسسىيات تۈسى ئالمىغان ساپ ھالەتتىكى ئوبيېكتىپ بايان قىلىش ئۇسۇلى كافكانىڭ ئۆزىگىلا خاش سەنئەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. ھېكايە ۋەقەلىكى تاشقىي بىمەنىلىك ئاستىدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئادەمنى يەنىمۇ ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.

كافكانىڭ ھەربىر ئەسىرى مۇتلەق ساپ ھالەتتىكى مۇرەككەپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «قەلئە» ناملىق بۇ رومان تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، كىشىنى تامامەن ئوخشىمايدىغان يەكۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ. مەسىلەن، قەلئە ئىلاھ ۋە ئىلاھنىڭ رەھىم- شەپقىتىنىڭ سىمۋولى.

K قەلئەگە كىرىدىغان يولنى ئىزدەيدۇ ۋە مۇشۇ ئارقىلىق روھىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى ئىستەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ جىمى تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىدۇ. چۈنكى ئىلاھنىڭ رەھىم- شەپقىتىگە مەجبۇرىي ئېرىشكىلى بولمايتتى، K پەقەت ئىنسانلار دۇنياسىدىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن بۇ ئىستىكى قانائەت تاپاتتى.

قەلئە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى ناھايىتى يېقىندىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما خەلقنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭغا ھەر قانچە قىلىپمۇ يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. «قەلئە» بىيوروكراتلىق تۈزۈمىنى ئۆتكۈر ھەجۋىي تىل بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇچىغا چىققان ئاكتىۋىزمدىن بىشارەت بەرگەن.

كافكا ياشىغان دەۋردە ياۋروپادا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش قاتتىق ئەۋج ئالغانىدى. «قەلئە» يەھۇدىيلارنىڭ كىرگۈدەك ماكانى يوق بىچارە ھالىتىنىڭ كارتىنىسى؛

K ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. كىشىلەر ئىنتىلىدىغان ھەقىقەت ئەركىنلىكنىمۇ، ئادالەتنىمۇ، قانۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ- بۇ بىمەنە دۇنيادا كىشىلەرنى تۈرلۈك- تۈمەن پۇتلىكاشاڭلارغا دۇچار قىلىپ تۇرىدۇ. مەيلى سىز قانچىلىك تىرىشماڭ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ھەقىقەتنى تاپالمايسىز، تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىدۇ؛

K جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان «ئوشۇقچە ئادەم»، ئۇ يۇقىرىنىڭلا ئەمەس، تۆۋەننىڭ ئىجازىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. باشتىن- ئاخىر «ناتونۇش ئادەم» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. K نىڭ مۇشۇ خىل ھالى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تەقدىرىگىمۇ سىمۋول قىلىنغان. كىشىنىڭ جەمئىيەت قوينىدا ياشىماي ئامالى يوق. لېكىن جەمئىيەت ئۇ كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالمايدۇ ھەم ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؛

kafka1

«قەلئە» دە كافكا بىلەن دادىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىيادە جىددىي تۈس ئالغان مۇناسىۋەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەلئە كافكانىڭ دادىسىنىڭ ئوبرازىنىڭ سىمۋولى. K قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ- يۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ كىرەلمەيدۇ. بۇمۇ دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە قارىمۇقارشىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن …..

روماندا تەسۋىرلەنگەن سىمۋوللۇق نەرسىلەر بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكى تەھلىللەر ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ روماندىن ئالغان تەسىراتى. كەلگۈسىدىمۇ يەنە بۇنىڭدىن باشقا باھالار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ، ئاشۇ باھالارنىڭ ھېچقايسىسى خاتا ئەمەس، بەلكىم بۇ باھالار روماندا تەسۋىرلەنگەن مەلۇم بىر تەرەپنىلا كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەرقانداق بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر ئادەتتە كۆپ خىل مەنە ۋە مۇرەككەپلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاددىيلا قىلىپ بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ بولغىلى بولمايدۇ. كافكا ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەرگىزمۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپمايدۇ.

كىشىنى ئويغا سالىدىغان يېرى، كافكانىڭ ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق ئاياغلاشمىغان. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئايال يازغۇچىسى جويىس ئوز: «نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىدە كافكا يەنىلا بىر مەڭگۈلۈك تېپىشماق ….. بۇ تېپىشماقنى ‹تېپىش› كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى ‹تاپقانلىق› تىن دېرەك بېرىدۇ. كافكانى قانداق شەرھلەيمىز، كافكانىڭ قەلىمىدە يارالغان تىپىك پېرسۇناژلارنىڭ مەيدانىدىن قانداق ھالقىيمىز، ‹قەلئە› ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپىيەتلىكنى قانداق يېشىشىمىز كېرەك؟ قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ…..»[1] لېكىن، مەلۇم نۇقتىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇشنىڭ ئېھتىماللىقى قەتئىي يوق.

kafka6

كافكا كونا دۇنيانى پاش قىلغان تالانت ئىگىسى. ئۇ بىمەنىلەشتۈرۈش، مۇبالىغە قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق قاباھەتلىك چۈش تۈسىنى ئالغان دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇلايخت كافكاغا: «ئالدىن كۆرەر يازغۇچى» دەپ باھا بېرىدۇ. D.R. رېيىن: «يىمىرىلگەن ئۆزلۈك» دېگەن كىتابىدا: «ئەگەر شېكىسپىر بىلەن كافكانىڭ كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ياتلىشىشىنى ئېچىپ بېرىش ماھارىتىنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە (ئۇلارنىڭ تالانتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا)، ھازىرقى زاماندىكى ئوقۇرمەنلەر شېكىسپېرنى ئەمەس، كافكانى كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئېچىپ بەرگەن دەپ قارايدۇ….. كافكانىڭ رەزىللىككە بولغان تونۇشى ۋايىغا يەتكەن؛ ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى ساغلام ھەم نورمال بولغان ئۆزلۈك تونۇشى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ.»[2] كافكا ئۆزىمۇ: «مەن يازغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھامان يۈز بېرىدۇ» (1922- يىل 5- ئىيۇل دوستى ماكس برودقا يازغان خېتى) دېگەن. ھېتلىر فاشىستلرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىشارەت تۈسىنى ئالغان: «كافكانىڭ قاباھەتلىك چۈش دۇنياسى ….. ئەمەلىيەتتە رېئاللىققا ئايلاندى» دېگەن سۆزىنى ئاستا- ئاستا تونۇپ يەتكەن. ياۋروپانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىقىغىمۇ كىشىلەرنى كافكاغا قايتىدىن باھا بېرىشى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى: «ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىققا بولغان ئۈمىدسىزلىك، بۇرۇنقى قۇرۇق خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاش، بۇيرۇقۋازلىق، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاپتوماتلىشىشى، بيوروكراتلىقنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان دۇنيانىڭ ئەھۋالى ….. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كافكانىڭ ئالدىن كۆرەر ھېكمەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» جۇڭگودىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىن، كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى تولىمۇ بىمەنە تۈس ئالغان ئىشلار ھەققىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى. ماكس برود مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «كافكانىڭ ‹قەلئە› ناملىق رومانى دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. روماندا ئوخشاش بىر تىپقا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەسۋىرلەرنىڭ توغرىلىقى بىلەن نەپىسلىكى ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەن. ھەممە ئادەم ئۆز ۋۇجۇدىدا بۇنداق تەركىپنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىغانلىقتىن، كافكانىڭ ‹قەلئە› ناملىق بۇ رومانى كىتابتا تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىدىن ھالقىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنى تومۇشىغا ماس كېلىدىغان ئەسەرگە ئايلانغان.»[3] كافكا تەسۋىرلىگەن نەرسىلەر پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق نەرسە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق كەڭ تارقىلالىغان. بەزىلەرنىڭ كافكانى «ئەڭ چۈشىنىشلىك ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى» دەپ تەرىپلىشىمۇ بىكار ئەمەس.

گاۋ نيەنشېڭ

1997- يىل 24- ئىيۇل

بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى


[1]  «كافكا ھەققىدە»، 678-، 679- بەتلەر، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى، 1988- يىل.

[2]   D . R.  رېيىن، «يىمىرىلگەن ئۆزلۈك» 69- بەت، گۇيجۇ خەلق نەشرىياتى، 1987- يىل.

[3]  «كافكا ھەققىدە» 80- بەت، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى، 1988- يىل

بىرىنچى باب

K يېتىپ كەلگەندە خېلىلا كەچ كىرىپ قالغان، پۈتكۈل كەنت ئاپئاق قاردىن تون كىيگەنىدى. قەلئە جايلاشقان تاغ قويۇق تۇمانلىق تۈن قوينىدا قارىيىپ كۆرۈنەتتى، شۇنچە يوغان قەلئەنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېس قىلدۇرغۇدەك بىرەر چىراغ يورۇقىمۇ كۆرۈنمەيتتى. K كەنتكە تۇتۇشىدىغان چوڭ يولدىكى ياغاچ كۆۋرۈكتە پايانسىز ئاسمانغا بېقىپ ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتى.

ئاندىن بىر بېسىپ- ئىككى بېسىپ قونالغۇ ئىزدەپ ماڭدى. سارايدىكىلەر تېخىچە ئۇخلىمىغانىدى، شۇنچە كەچتە كەلگەن بۇ مېھماندىن ئەجەپسىنگەن سارايۋەن ئېسەنكىرىگىنىچە تۇرۇپلا قالدى، سارايدا ياتاق قالمىغىنىغا قارىماي K نى زالغا ماتروس سېلىپ ئۇخلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. K ماقۇل بولدى. زالدا توققۇز دېھقان پىۋا ئىچىپ ئولتۇراتتى، K نىڭ بىرەرىگە گەپ قىلغۇسى كەلمىدى، ئۆگزىدىن پاخالدىن توقۇلغان ماتروس ئېلىپ چۈشۈپ ئوچاقنىڭ يېنىغىلا سالدى- دە، ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ئوچاق يېنى بۆلەكچە ئىللىق ئىدى، دېھقانلار گەپ- سۆز قىلماي ئولتۇرۇشاتتى، K ھارغىن كۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا بىر قارىۋېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى.

ئۇ ھايال ئۆتمەي بىرىنىڭ تۈرتۈشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندى. شەھەرلىكتەك كىيىنىۋالغان، يۈزلىرى سوزۇنچاق، گازىر كۆز، قارا قاش، چىرايى ئارتىسىتقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يىگىت ساراي خوجايىنى بىلەن ئۇنىڭ بېشىدا ئۆرە تۇراتتى. دېھقانلار تېخىچە ئۇخلىمىغان، بەزىلىرى تېخى نېمە گەپلەر بولىدىكىن دېگەندەك، ئورۇندۇقلىرىنىمۇ تارتىپ كېلىشكەنىدى. يىگىت ئۇنى ئويغىتىۋەتكىنى ئۈچۈن ئەدەب بىلەن ئۆزرە قويدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ قەلئە غوجىدارىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ دېدى:

– بۇ كەنت قەلئەگە قارايدۇ، بۇ يەردە تۇرغانلىق ياكى بىرەر كېچە قونغانلىق قەلئەدە قونغانلىق بىلەن ئوخشاش. گرافنىڭ ئىجازىتىسىز ھېچكىمنىڭ بۇيەردە تۇرۇشىغا، ئۇخلىشىغا رۇخسەت يوق. شۇغىنىسى، سىز گراف ئەپەندىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماپسىز، ھەتتا شۇنىڭدەكرەك بىر ئىسپاتمۇ كۆرسەتمەپسىز.

K ياتقان يېرىدىن ئۆرە بولدى، قولى بىلەن چاچلىرىنى تاراپ قويۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا قارىدى:

– بۇ كەنتكە خاتا كەپ قالدىممۇ نېمە؟ مۇشۇ يەردە بىر قەلئە بار ئىدىغۇ؟

– ئەلۋەتتە،- دېدى يىگىت تىلىنى چايناپ، باشقىلارمۇ كېلىشىۋالغاندەكلا باشلىرىنى لىڭشىتتى،- گراف سىسلى جانابلىرىنىڭ قەلئەسى مۇشۇ يەردە.

– بۇ يەردە قونۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىجازەتنامە بولۇش كېرەكمۇ؟- سورىدى K بايا ئاڭلىغانلىرىنى چۈشۈم ئەمەستۇ دېگەندەك بىر تەرزدە.

– ئىجازەتنامە بولمىسا بولمايدۇ،- يىگىت شۇنداق دەۋېتىپ قولىنى ساراي خوجايىنى بىلەن K غا تەڭلىدى،- ئىجازەتنامە بولمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قالغانمىدىڭلار؟

گەپنىڭ ئورانىدىن K نى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك بىر ئىپادە چىقاتتى.

– ئەمىسە ئىجازەتنامە ئەكەلسەم بولغۇدەك،- K ئەسنىگەچ شۇنداق دېدى- دە، ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلمەكچى بولغاندەك، ئۈستىدىكى ئەدىيالنى تۈرتۈپ ئېچىۋەتتى.

– ئىجازەتنى كىمدىن ئالماقچىسىز؟- سورىدى يىگىت.

– گراف جانابلىرىدىن،- دېدى K ،- شۇنداق قىلمىسام بولمىدى ئەمدى.

– مۇشۇ كېچىدە بېرىپ گراف جانابلىرىدىن ئىجازەت ئالماقچىمۇسىز؟- توۋلىۋەتتى يىگىت كەينىگە بىر قەدەم داجىپ.

– بولمامدا؟- سورىدى K تەمكىنىنى بۇزماي،- ئەمىسە نېمىشقا مېنى ئويغىتىۋېتىسەن؟

بۇ گەپتىن يىگىتنىڭ سەپرايى ئۆرلىدى.

– گېپىڭ يوغانغۇ سېنىڭ!- ھۆركىرىدى يىگىت،- گراف تۆرەمگە تولا بىھۆرمەتلىك قىلما! سېنى گراف جانابلىرىنىڭ زېمىنىدىن دەررۇ چىقىپ كەتسۇن دەپ ئويغاتتىم. قانداق، گېپىىڭ بارما؟

تولا ئىچىمنى پۇشۇرما،- K بوش ئاۋازدا شۇنداق دېدى- دە، قىيسىيپ ئەدىيالنى ئۈستىگە قايتىدىن ياپتى،- سەل ئاشۇرۇۋەتتىڭ يىگىت، ئەتە مۇشۇ قىلغانلىرىڭنى يۈزۈڭگە سېلىپ يۈرسەم ياخشى بولمايدۇ. ئىشەنمىسەڭ، سارايۋەن بىلەن ئاۋۇ ئەپەندىلەر گۇۋاھ. بوپتۇ، شۇنى ئۇقۇپ قالغىن، مەن گراف ئۆزى چىللىغان يەر ئۆلچەش خادىمى. ياردەمچىم ئەسۋابلارنى ئېلىپ ئەتە پەيتۇندا كېلىدۇ. ئۆزۈمچە قارلىق دالىدا ماڭغۇم كەپقالدى، لېكىن تولا يولدىن ئېزىپ قېلىپ مۇشۇنداق كەچ قالدىم. دېمىسەڭمۇ قەلئەگە بېرىپ ئۆزۈمنى مەلۇم قىلماقچىدىم، بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە بۈگۈنچە مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. لېكىن سەن گەپنى چىرايلىق قىلماي ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتتىڭ. گېپىم تۈگىدى ئەپەندىلەر، خۇشۋاق بولۇڭلار،- K شۇنداق دېدى- دە، ئوچاق تەرەپكە ئۆرۈلدى.

– يەر ئۆلچەش خادىمى؟- سورىدى بىرەيلەن تېڭىرقاش ئىلكىدە، ئارىنى بىر ھازا سۈكۈت قاپلىدى. يىگىت ئۆزىگە ئىشەنچ بېرىپ، K نى ئويغىتىۋەتمەي دېگەندەك پەس ئاۋازدا: «مەن تېلېفون ئۇرۇپ سوراپ باقاي» دېدى سارايۋەنگە. بۇ گەپ K غا ئاڭلىنىپ قالدى. نېمە، مۇشۇ سەھرادا تېخى تېلېفون بارمىكىنا؟ ھەر ھالدا ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن. K بەزى ئىشلاردىن ھەيران قېلىۋاتاتتى، ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىۋاتاتتى. تېلېفون ئۇنىڭ بېشىدىلا تۇراتتى، بايام ئۇيقۇچىلىقتا ئۇ دىققەت قىلمىغانىدى. شۇ تاپتا يىگىت تېلېفون ئۇراي دېسە، K نىڭ ئويغىنىپ قېلىشى ئېنىق ئىدى، K نىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرغىلى قويۇش- قويماسلىقى بىر مەسىلە ئىدى. K ئويلاپ كۆرۈپ، ئۇرسا ئۇرمامدۇ دېگەن ئويغا كەلدى. لېكىن، ئۇ مۇشۇنداق ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋېلىشنى خوپ كۆرمىدى- دە، ئۆرۈلۈپ ئوڭدىسىغا ياتتى. بىر نەچچە دېھقان بىر يەرگە غۇژمەك بولۇۋېلىپ پىچىرلىشىۋاتاتتى؛ يەر ئۆلچەش خادىمىنىڭ كەلگەنلىكى كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى. ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، بۇسۇغىدا سارايۋەننىڭ ئايالى پەيدا بولدى، ئايالنىڭ لاخسىدەك يوغان بەستى ئىشىككە لىقلا كەلگەنىدى. سارايۋەن بولغان ئىشلاردىن خەۋەر قىلىش ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگىنىچە ئايال تەرەپكە ماڭدى. يىگىت تېلېفوندا سۆزلىشىشكە باشلىدى. قەلئەنىڭ باش غوجىدارى ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن، ئورۇنباسار غوجىدار— بىر نەچچە ئورۇنباسار غوجىدارنىڭ بىرى— فرىتز ئەپەندى تېخىچە ئۇخلىمىغانىدى. يىگىت غوجىدارغا ئاۋۋال ئۆزىنى شىۋارزېر دەپ تونۇشتۇردى، ئاندىن 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى، كىيىملىرى رەتسىز بىر كىشىنىڭ شۇ تاپتا كىچىك بىر سەپەر سومكىسىنى بېشىغا قويۇپ، نەچچە يەردە بۇغۇمى بار ھاسسىنى يېنىغا قويۇپ غېمىدە يوق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى؛ ئۆزىنىڭ بۇ كىشىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالغانلىقىنى، سارايۋەننىڭ كارى بولمىغىنىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ كىشىنىڭ تېگى- تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى؛ ھېلىقى كىشىنى ئويغىتىپ نېمە ئادەم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگىنىنى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئۇنى گراف ئەپەندىنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، لېكىن K نىڭ بۇنى پىسەنتىگە ئېلىپمۇ قويمىغىنىنى، شۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ يوللۇق بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى «گراف جانابلىرى تەكلىپ قىلغان يەر ئۆلچىگۈچى مەن» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى دوكلات قىلدى. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز خىزمىتىنى ئادا قىلغانلىق بولاتتى، شۇڭا شىۋارزېر فرىتز ئەپەندىدىن مەركىزىي ئىش بېجىرىش زالىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى، ئاشۇنداق بىر يەر ئۆلچىگۈچىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنىڭ راسىت- يالغانلىقىنى ئۇقۇپ دەرھال تېلېفوندا خەۋەر قىلىشىنى ئۆتۈندى.

ئۆي ئىچىدە يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى، فرىتز ئۇياقتا سۈرۈشتۈرمەكتە، يىگىت بۇياقتا جاۋاب كۈتمەكتە ئىدى. K بايامقى تۇرۇقىنى بۇزماستىن پەرۋاسىز بىر قىياپەتتە چەكچەيگەن كۆزلىرىنى تورۇستىن ئۈزمەي ئوڭدىسىغا ياتاتتى. K شىۋارزېرنىڭ شۇملۇق بىلەن ئېھتىيات ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ دوكلاتىدىن قەلئەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر چۈپرەندىنىڭ ئىش- ھەرىكىتىنىڭمۇ دېپلوماتىك تۈس ئالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى بىجاندىل بىلەن ئورۇندايدىغانلىقىنى، مەركىزىي ئىش بېجىرىش زالىدا كېچىلىك ئىسمېنىدا تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بايقىدى. دېگەندەك، بىردەمدىلا جاۋاب كەلدى، چۈنكى فرىتز تېلېفون ئۇرغانىدى. تېلېفوندا ئۇ گەپنى ناھايىتى قىسقىلا قىلدى، شىۋارزېر ئاچچىقىدا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى تاراققىدە تاشلىۋەتتى.

– مانا دېمىدىممۇ!- دېدى ئۇ،- ئۆزىنى يەر ئۆلچىگۈچى دەيدىيا تېخى! ئۇنداق بىرسى يوقكەنغۇ. ھەجەپ نۇمۇسسىز، يالغانچى نېمىكىنا بۇ. كىم بىلىدۇ، ئىش بۇنىڭدىنمۇ بەتتەرمۇ تېخى.

K تۇرۇپلا قالدى، شىۋارزېر، ئوتاقچى، ساراينىڭ ئەر- ئايال خوجايىنلىرى ئەمدى ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كېلىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. تۇنجى زەربىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن يوتقانغا چۈمكىلىپ يېتىۋالدى. شۇ ئەسنادا يەنە تېلېفون جىرىڭلىدى، تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشى K غا بۆلەكچە ياڭراق بىلىندى. ئۇ يوتقاندىن بېشىنى ئاستاغىنە چىقاردى. كەلگەن تېلېفوننىڭ K غا مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە زور بولمىسىمۇ، لېكىن ھەننىۋا كىشى جىمىپلا قالدى. شىۋارزېر يەنە تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى. قارشى تەرەپ تېلېفوندا خېلى ھازاغىچە بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن، ئۇ پەس ئاۋازدا:«خاتالىشىپ قاپتۇقما؟ ئەمىسە بەك سەت بوپتۇ. مۇدېر ئۆزى تېلېفون ئۇرۇپتىمۇ؟ غەلىتە ئىشقۇ بۇ. يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىگە ئەمدى نېمىدەپ چۈشەندۈرەرمەن؟»دېدى.

K بولۇنغان گەپلەرنى قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىدى. بۇ گەپچە، قەلئە ئۇنى راستىنلا يەر ئۆلچىگۈچى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. بىر تۇرۇپ ئويلىسا، بۇ ئۇنىڭغا پايدىسىز ئىدى، چۈنكى قەلئەدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەر تېپىپ بولغانلىقى ئېنىق ئىدى، كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تىركەشمەكچى بولغانلىقى چوقۇم ئىدى. يەنە بىر تۇرۇپ ئويلىسا، ۋەزىيەتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق دېيىشكىمۇ بولاتتى، چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇلار ئۇنى بوش كۆرۈپ قالغانىدى، ئۇ ئەمدى ئۆزى دەسلەپتە ئويلىغاندىكىدىنمۇ كۆپ ئەركىنلىككە نائىل بولاتتى. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ يەر ئۆلچىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى قورققىنىدىن مەڭگۈ غىدىڭ- پىدىڭ قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ تەقىپ ئاستىغا ئالماقچى بولغان بولسا، زور خاتالاشقان بولاتتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا سەل تىتىرەك ئولاشقاندەك بولدىيۇ، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ كەتمىدى.

K قورقۇمسىراپ دېگۈدەك ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان شىۋارزېرغا قولىنى شىلتىپ كەينىگە يېنىشقا ئىشارە قىلدى. كىشىلەر ئۇنى سارايۋەننىڭ ئايالىنىڭ ھوجرىسىدا يېتىشقا دەۋەت قىلىۋېدى، ئۇ رەت قىلىۋەتتى، پەقەت ئەر خوجايىن تەڭلىگەن بىر ئىستاكان ئۇخلىتىش ھارىقى بىلەن ئايال خوجايىن ئەكەلگەن يۈز دېسى، بىر توقاچ سوپۇن ۋە لۆڭگىلەرنىلا ئالدى. ساراي ئىچى بىردىن بوشاپ قالدى، كىشىلەر ئەتىسى ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇپ قېلىشىدىن قورقۇشتىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇ ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە ئۆزلىرىنى سارايدىن تاشقىرىغا ئېتىشىپ قۇيرۇقىنى خادا قىلىشقانىدى. ساراينىڭ توكى ئۆچۈرۈلدى، ئۇمۇ ئارام تېپىپ قالغاندەك بولدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ئويغانماي ناھايىتى تاتلىق ئۇخلىدى، ھەتتا چاشقانلارنىڭ نەچچە قېتىم ئەتراپىدا غىرىلداپ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمىدى.

ناشتىدىن كېيىن ساراي خوجايىنى ئۇنىڭغا يېگەن تامىقىنىڭ چىقىملىرىنى قەلئەنىڭ كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ناشتىدىن كېيىن دەرھال كەنتكە كىرگۈسى كەلدىيۇ، ساراي خوجايىنىنىڭ تۈنۈگۈنكى مۇئامىلىسىنى يادىغا ئېلىپ ئۇنى ئانچە پىسەنتىگە ئېلىپ كەتمىدى، سارايۋەن ئۈنسىز بىر ھالەتتە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولاتتى. K نىڭ ئۇنىڭغا سەل ئىچى ئاغرىپ ئۇنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

– مەن گرافنى تونۇمايمەن،- دېدى K،- ئاڭلىسام، ئۇ ئىشنى ياخشى قىلغانلاردىن پۇلنى ئاياپ ئولتۇرمايدىكەن، راست شۇنداقمۇ؟ ماڭا ئوخشاش خوتون- بالىلىرىنى يىراقتا تاشلاپ قويۇپ كەلگەنلەر جىقراق پۇل تېپىپ كېتىشنى ئويلايدۇ.

– ئەپەندىم، ئۇنىڭدىن غەم قىلماڭ، ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ پۇل توغرىسىدا زارلىغىنىنى ئاڭلىمىدۇق.

– ھىم،- دېدى K،- مەن ئۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىن ئەنسىرەپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەسمەن، تەلەپ- پىكىرلىرىمنى گرافنىڭ ئالدىدىمۇ دەۋېرىمەن. شۇغىنىسى، چوڭلار بىلەن ئىشلاردا چىقىشىپ ئۆتەلىسەم ياخشى بولاتتى- دە.

سارايۋەن K نىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزە تەكچىسىدە قورۇنۇپ دېگۈدەك ئولتۇراتتى، ئەندىشە ئۇچقۇنلىرى چىقىپ تۇرغان يوغان قوڭۇر كۆزلىرىنى K دىن نېرى قىلمايتتى. دەسلەپتە ئۇ K غا يېقىن سۈرۈلۈپ ئولتۇردى، ئەمدىلىكتە بولسا قاچان بىر قوپۇپ كېتەرمەن دەپ ئارانلا قالغانىدى. ئۇ K نىڭ ئۆزىدىن گرافنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتامدۇ ياكى K نى تەسىرى چوڭ ئادەم دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىز چىقىپ قېلىشىدىن قورقۇۋاتامدۇ؟ بىلگىلى بولمايىتتى. K سارايۋەننىڭ دىققىتىنى بۇرۇۋېتىش قارارىغا كەلدى- دە، سائىتىگە قاراپ قويۇپ:

– ياردەمچىلىرىمنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، ئۇلارغا تۇرىدىغان جاي راسلاپ بېرەلەرسىزمۇ؟- دېدى.

– ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن ئەپەندىم،- دېدى سارايۋەن،- ئۇلار قەلئەدە سىز بىلەن بىللە تۇرمامدۇ؟

ئەجىبا ئۇ مېھمانلارنى شۇنچە خۇشاللىق بىلەن قويۇۋېتەرمۇ، بولۇپمۇ K نى قەلئەگە مۇشۇنداقلا ئۇزىتىپ قويارمۇ؟

– بۇنىڭغا ھازىرچە بىرنېمە دېيەلمەيمەن،- دېدى K ،- ئاۋۋال ئۇلارنىڭ مېنى نېمە ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلىۋالاي. مەسىلەن، تاغ ئېتىكىدە ئىشلەيدىغان بولسام، مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى. قەلئەنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلمەسمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئىشقىلىپ، ئەركىنرەك بولالىساملا بولدى.

– سىز قەلئەنى چۈشەنمەيسىز،- دېدى سارايۋەن بوش ئاۋازدا.

– ئەلۋەتتە،- دېدى K،- ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ. شۇ تاپتا مەن ئۇلارنىڭ يەر ئۆلچىگۈچىنى تاللاشقا ئۇستا ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن، قەلئەنىڭ باشقا ئەھۋاللىرىدىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق. بەلكىم ئۇ يەرنىڭ يەنە باشقا ئەۋزەل تەرەپلىرى باردۇر،- ئۇ ئالاقزادىلىك ئىچىدە لېۋىنى چىشلەپ ئاران- ئاران ئولتۇرۇۋاتقان سارايۋەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. سارايۋەننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۇنچە ئاسان ئەمەستەك قىلاتتى.

چىقىپ كېتىۋاتقاندا، قارا رامكىلىق ئەينەك جاھازىغا ئېلىنغان رەڭسىز رەسىم K نىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ بۇ رەسىمنى ئاخشام ياتقان يېرىدە تۇرۇپ كۆرگەن، لېكىن ئارىلىق يىراق بولغاچقا ئېنىق كۆرەلمىگەن، رەسىم يوق قۇرۇق جاھازىنى ئېسىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئۇ ئەمدىلىكتە ئېنىق كۆردى، جاھازىدىكىسى 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشىنىڭ يېرىم سىزىلغان پورتېرىتى ئىدى. ئۇ بېشىنى شۇنچىلىك پەس قىلىۋالغان ئىدىكى، كۆزلىرى كۆرۈنمەيلا قالغانىدى، كەڭ ھەم يوغان پىشانىسى بىلەن بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقىنى ئەسلىتىدىغان يوغان بۇرۇنى ئېغىرلىقىدىن گويا ئۇنىڭغا بېشىنى كۆتۈرۈشكە ئىمكان بەرمەيۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. بېشى پەسكە ئېڭىشىكلىك بولغاچقا، يۈزلىرىنى قاپلىغان بومبۇر ساقىلىدىن باشقا يېرىنى بەكرەك ئېڭىشمىسە پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرى بىلەن قويۇق چاچلىرىنى مەھكەم تۇتاملىغان بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈشكە ئىمكانى يوق ئىدى.

– بۇ كىم؟ گرافما؟- رەسىم ئالدىدا تۇرغان K سارايۋەنگە قارىمايلا سورىدى.

– ياق، ئۇ دېگەن قەلئەنىڭ باش غوجىدارى،- دېدى سارايۋەن.

– قەلئەنىڭ باش غوجىدارى تولىمۇ قاملاشقان كىشى ئىكەن، بۇنىڭغا قىل سىغمايدىكەن،- دېدى K ،- تولىمۇ ئەپسۇس، بالىسىنى ياخشى تەربىيىلىمەپتۇ.

– ئۇنداق ئەمەس،- سارايۋەن شۇنداق دېگەچ K نى ئۆزىگە يېقىنراق تارتىپ پەس ئاۋازدا دېدى،- شىۋارزېر تۈنۈگۈن بەك ئاشۇرۇۋەتتى، ئۇنىڭ دادىسى دېگەن مۇئاۋىن غوجىدار، دەرىجىسى غوجىدارلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن. ساراي خوجايىنى بۇ گەپلىرى بىلەن K غا كىچىك بالىدەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى.

– غەلىتە نېمىكىنا ئۇ،- K كۈلۈپ كەتتى. سارايۋەن كۈلمىدى، ئەكسىچە:

– ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى بوش ئەمەس،- دېدى.

– قويۇڭە ئۇنداق گەپلىرىڭىزنى،- دېدى K ،- كۆزىڭىزگە ھەممىلا ئادەم تەسىر دائىرىسى چوڭدەك كۆرۈنىدىغان ئوخشايدۇ سىزنىڭ. مەنمۇ ئاشۇنداق كۆرۈنىدىغان ئوخشىمامدىمەن؟

– ياق،- ئۇ قورقۇمسىراپ شۇنداق دېدى- يۇ، چىرايىغا ئەستايىدىل تۈس بېرىپ قوشۇپ قويدى،- مەن سىزنى تەسىر دائىرىسى بار كىشى دەپ قارىمايمەن.

– كۆزىڭىز ئۆتكۈركەن،- دېدى K،- گەپنىڭ راستىنى دېسەم، مېنىڭ ئۇنچىلىك تەسىرىم يوق، شۇڭا مېنىڭ تەسىر دائىرىسى زور كىشىلەرگە بولغان ھۆرمىتىم سىزدىن قېلىشماسلىقى مۇمكىن. پەقەتلا شۇ سىزگە ئوخشاش خوش- خوش دەپلا يۈرىدىغان ياۋاش مىجەزىم يوق، بۇ مىجەزىمنىمۇ ئادەتتە تازا تەن ئالغۇم كەلمەيدۇ،- K شۇنداق دېدى- دە، تەسەللىي بەرمەكچى بولغاندەك ساراي خوجايىنىنىڭ يۈزىگە يېنىك شاپاللاپ قويدى، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سارايۋەننى دوستانىرەك بولۇشقا ئۈندىمەكچىدەك قىلاتتى. سارايۋەننىڭ چىرايىغا راست دېگەندەك كۈلكە يۈگۈردى. ئۇنىڭ يېشى خېلىلا كىچىك ئىدى، يۇمران يۈزلىرىگە تېخى ساقال چىقىپ ئۈلگۈرمىگەنىدى. ئۇ قانداقسىگە يېشى ئۆزىدىن چوڭ، لاخسىدەك يوغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىۋالغاندۇ؟ ياندىكى تۆشۈكتىن ئايالنىڭ ئاشخانا ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن شاپاشلاپ يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولاتتى. K سارايۋەننىڭ چىرايىغا ئاران تەستە يۈگۈرگەن كۈلۈمسىرەشنى يوق قىلىۋەتكۈسى كەلمىگەندەك، كوچىلاپ سوراۋېرىشنى خوپ كۆرمىدى. K ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىشقا ئىشارە قىلدى- دە، سارايدىن چىقىپ قوياش پارلاپ تۇرغان سەھەر پەيتىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ كەتتى.

تاغ ئۈستىگە جايلاشقان قەلئە ئەمدى ئۇنىڭغا ئېنىق كۆرۈندى. بىر قەۋەت نېپىز قار بىلەن چۈمكەلگەن قەلئە ئاجايىپ چىرايلىق تۈس ئالغان، يىراقتىن قارىغاندا بۆلەكچە يېقىملىق كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغدىكى قار كەنتتىكىدىن خېلىلا ئازدەك كۆرۈنەتتى، كۈلتۈك قارنى كېچىپ كېتىۋاتقان K غا يول مېڭىش تۈنۈگۈن چوڭ يولدا ماڭغاندىكىدىن تەس تۇيۇلدى. قار قېلىنلىقىدىن زومچەك- زومچەك كەپىلەرنىڭ دېرىزىلىرىگىچە چىققانىدى، ئەسلىدىنلا پاكار كەلگەن ئۆيلەر قېلىن قار دەستىدە تېخىمۇ مۈكچىيىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن، تاغدىكى جىمى نەرسە مەغرۇرلارچە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئەدناسى مۇشۇ يەردىن تۇرۇپ قارىغاندا شۇنداق كۆرۈنەتتى.

قەلئە يىراقتىن قارىماققا K نىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى. ئۇ قەدىمىي تۈس ئالغان چەۋەندازلار قەلئەسى ئەمەس ئىدى، يېڭىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشقىمۇ ئوخشىمايتتى، بەلكى ئىككى قەۋەتلىك نەچچە يۈرۈش بىنا ۋە بىر- بىرىگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان بىرمۇنچە پاكار- پاكار ئۆيلەردىن تەركىپ تاپقان قۇرۇلۇش توپى ئىدى. بىلمىگەن كىشى ئۇنى بىر كىچىك شەھەركەن دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. K نىڭ كۆزىگە بىر مۇنار كۆرۈندى، بۇ مۇنار بىرەر كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ مۇنارىمۇ ياكى چېركاۋنىڭ مۇنارىمۇ، پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. بىر توپ قاغا ئاشۇ مۇنار ئۈستىنى ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى.

K قەلئەدىن كۆزىنى ئۈزمەستىن ئالدىغا قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى. ئۇ مېڭىپ- مېڭىپ يېقىن كېلىۋېدى، كۆڭلىنى بىر ئۈمىدسىزلىك چۇلغۇۋالدى، ئۇ ئەسلىدە قەلئە ئەمەس، بىرمۇنچە يېزا- قىشلاقلاردىن تەركىپ تاپقان تولىمۇ ئاددىي بىر كىچىك بازار ئىدى، بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى، ھەممە قۇرۇلۇش تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئەمما تامنىڭ ھاكلىرى چۈشۈپ كەتكەن، ئۆيلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تاشلارمۇ گويا ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا قىلاتتى. K تۇرۇپلا ئۆز يۇرتىدىكى كىچىك بازارنى يادىغا ئالدى، ئاشۇ بازار چېغىدا مۇنۇ ئاتالمىش قەلئەدىن تۈزۈكرەك ئىدى. ئەگەرچەندە ئۇ مۇنداقلا بىر كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن كەلگەن بولسا شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگىنىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى قالمايىتتى، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆز يۇرتىنى كۆرۈپ كەلگەن بولسىمۇ بولاتتى، ئۇنىڭ يۇرتىغا بارمىغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە يۇرتىدىكى چېركاۋنىڭ مۇنارى بىلەن ئاۋۇ تاغنىڭ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەلئە مۇنارىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردى. يۇرتىدىكى چېركاۋنىڭ مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قىرلىق تۈۋرۈكلىرى ناھايىتى سۆلەتلىك بولۇپ، ئاستى توم، ئۈستىگە چىققانسېرى ئىنچىكىلەپ باراتتى، يوغان كەلگەن ئۆگزىلىرىگە قىزىل كاھىش ياتقۇزۇلغان ئۇ چېركاۋنى ھەقىقىي بىر قۇرۇلۇش دېسە بولاتتى، قۇرۇلۇش بولار، ئاشۇنچىلىك بولار ئىدى. لېكىن، ئاۋۇ زومچەك- زومچەك ئۆيلەرگە باققاندا، يۇرتىدىكى قۇرۇلۇشلار تېخىمۇ يۈكسەك مۇددىئالارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن ئىدى، كىشىگە ئالدىراشلىق ئۆكسۈمەيدىغان كۈندىلىك تۇرمۇشتىنمۇ بەكرەك يارقىن تۇيغۇلارنى ئاتا قىلاتتى. يىراقتىن قارىغاندا ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈنىدىغان بۇ ئېگىز مۇنار ئەمدىلىكتە بىر تۇرالغۇ ئۆي بولۇپ چىقتى، بەلكىم ئۇ مۇشۇ تۇرالغۇنىڭ مۇنارىدۇر. ئۇ ناھايىتى ئاددىيلا سېلىنغان يۇمۇلاق قۇرۇلۇش بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىر يېقىنى تامنى سويلاپ بولۇق ئۆسكەن كۈندە باھار بىر ئالغان، قارىغان كىشىگە ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى، ئۆينىڭ كىچىك- كىچىك دەرىزىلىرى قۇياش نۇرىدا يالت- يۇلت قىلىپ نۇر چېچىپ، كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتەتتى، ئۆينىڭ مۇنارى بىر قارىماققا بالكونغا ئوخشاپ كېتەتتى، كۈنگۈرىلىرى تولىمۇ رەتسىز بولۇپ، ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىدىن چاك كەتكەن ئىدى، بەئەينى ئۇششاق بالىلار قولىنىڭ ئۇچىدىلا ياساپ قويغان لاي قەلئەگە ئوخشاش، زەڭگەر ئاسمانغا بوي سوزۇپ تىككىدە تۇراتتى. مۇنار يەنە بىر قارىماققا بەجايىكى ئۇزۇن يىل كېسەل تارتىپ چىرايىنى مۇڭ باسقان، ئەسلىدە ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بېكىنىپ جىم ئولتۇرۇشقا لايىق تۇرۇغلۇق، ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ ئۆزىنى خەلقىئالەمگە نامايىش قىلماقچى بولۇۋاتقان بىمارغىلا ئوخشايىتتى.

K جىم تۇرسىلا ئاندىن تېخىمۇ ياخشىراق قارار چىقىرالايدىغاندەك، قەدەملىرىنى يەنە توختاتتى. لېكىن، بۇ خىيالىمۇ يوققا چىقتى. ئۇ تۇرغان جاي كەنت چېركاۋىغا يىقىن ئىدى، چېركاۋ بەك كىچىك بولغاچقا، كەنتتىكى جىمى خىرىستىيان مۇرتلىرىنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن ئىسكىلاتقا ئوخشاش يوغان قىلىپ كېڭەيتىلگەنىدى. چېركاۋنىڭ كەينىدە مەكتەپ بار ئىدى. مەكتەپنىڭ تىكتۆتبۇلۇڭ شەكلىدە سېلىنغان پاكار قۇرۇلۇشى بىر قارىماققا ۋاقىتلىق سېلىنغاندەكلا كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتە سېلىنغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بولغانىدى. مەكتەپ چۆرىسى چىت بىلەن قورشالغان بىر باغنىڭ ئىچىدە قارغا پۈركۈنۈپ تۇراتتى. بىر توپ بالا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مەكتەپتىن چىقىپ كەلدى. بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنى ئورۇۋېلىشقان، كۆزلىرىنى ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۈزمەيتتى. ئۇلار چۇۋۇرلىشىپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى، K ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالدى. ئوقۇتقۇچى جۇغى كىچىك، گىدىيىپ ماڭىدىغان يىگىت ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقى كىشىگە ئانچە كۈلكىلىك كۆرۈنمەيىتتى. ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە بىر توپ بالىلاردىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا، K غا يىراقتىنلا زەن قويۇپ كېلىۋاتاتتى. ياتسىراپ تۇرغان K كىشىگە قوماندانلارنى ئەسلىتىدىغان بۇ يىگىتكە ئاۋۋال سالام بەردى:

– خەيرىلىك سەھەر، مۇئەللىم.

بالىلار جىم بولۇپ قېلىشتى، تۇيۇقسىز روي بەرگەن بۇ تىمتاسلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىگە ياقتىمۇ ئەيتاۋۇر، K نىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا تەق بولۇپ تۇردى.

– قەلئەنى تاماشا قىلىۋاتامسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ. يىگىتنىڭ تەلەپپۇزى K نىڭ ئويلىغىنىدىن يېقىملىق ئىدى، لېكىن گېپىنىڭ ئورانىدىن K نىڭ قىلىۋاتقانلىرىدىن نارازى بولۇۋاتقاندەكمۇ بىر ئىپادە چىقاتتى.

– شۇنداق،- دېدى K ،- بۇ يەرنى تازا پىششىق بىلىپ كەتمەيمەن، بۇ يەرگە تېخى ئاخشاملا كېلىشىم.

– قەلئەنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشىمامسىز؟- ئالدىراپقىنا سورىدى يىگىت.

– قانداق دەيسىز؟- قايتۇرۇپ سورىدى K . ئۇ بۇنىڭدىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدى- دە، مۇلايىملىق بىلەن قايتىلاپ سورىدى،- مەندىن بۇ قەلئەنى ياخشى كۆرمەمسىز دەپ سوراۋاتامسىز؟ نېمىشقا بۇنداق سوراپ قالدىڭىز؟

– سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھېچقاندىقى قەلئەنى ياخشى كۆرمەيدۇ،- دېدى يىگىت.

K كۆڭۈلسىز بىرەر گەپنىڭ چىقىپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك گەپنىڭ تېمىسىنى بۇرىۋەتتى:

– سىز گرافنى تونۇمسىز؟

– تونۇمايمەن،- يىگىت شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭماقچى بولۇۋېدى، K ئالدىراپقىنا يەنە سورىدى:

– نېمە؟ گرافنى تونۇمايدىغان ئوخشىمامسىز؟

– مەن ئۇنى قانداقسىگە توناي؟- يىگىت بوش ئاۋازدا شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى- دە، فرانسۇز تىلىدا ئۈنلۈك قىلىپ قوشۇپ قويدى:

– گەپ- سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ماۋۇ سەبىي بالىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن.

K مۇشۇنى باھانە قىلىپ يەنە سورىدى:

– سىز بىلەن باشقا كۈنى پاراڭلاشسام بولامدۇ؟ مەن بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرىمەن. بەك يالغۇزسىراپ كەتتىم. مەن دېھقان ئەمەس، بەلكىم قەلئەگە كىرىشكە لاياقىتىم توشمايدىغاندۇ.

– دېھقان بىلەن قەلئەنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇنچە چوڭ پەرق يوققۇ،- دېدى يىگىت.

– بەلكىم شۇنداقتۇر،- دېدى K،- بۇمۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلسەم بولامدۇ؟

– مەن ئاققۇ كوچىسىدىكى قاسساپنىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن،- دېدى يىگىت.

يىگىتنىڭ بۇ گېپىدىن تەكلىپ قىلىۋاتقان بىر ئىپادە چىقمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە قوشۇپ قويدى:

– بولىدۇ، مەن چوقۇم بارىمەن.

يىگىت بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى- دە، ئاغزى بېسىقماي چۇرقىرىشىۋاتقان بالىلارنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي تىككىدە كەتكەن كوچىدا ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتتى.

K نىڭ قەلبىنى ئېيتقۇسىز بىر بىئارامچىلىق چۇلغۇۋالدى، بايا بولۇنغان گەپلەردىن ئۇنىڭ بىراقلا كەيپى ئۇچقانىدى. ئۇ بۇ يەرگە كەلگەننىڭياقى ئۆزىنىڭ ئوبدانلا چارچىغىنىنى تۇنجى رەت ھېس قىلدى. ئۇ شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كېلىپمۇ ئۇنچە ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان، يولدا كەلگۈچە ئۇنىڭغا بىر خىل ھوزۇرلۇق كەيپىيات دائىما ھەمراھ بولغانىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا زىيادە بىر ھارغىنلىق يېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا بۇنچە ئالدىراپ ھاردۇق يەتسە بولمايتتى. ئۇ قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان بىر خىل ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن دوست تۇتماقچى بولاتتى- يۇ، ھەر قېتىم بىرى بىلەن تونۇشقان ھامان ھاردۇقى تېخىمۇ ئاشاتتى.[1][1] لېكىن، بۈگۈنكىدەك ئەھۋالدا ئۇ زورمۇ- زور ئالدىغا ماڭسىلا، ئەدناسى قەلئەنىڭ ئادەملىرى بار جايغا بېرىۋالسا، شۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش ئىدى.

ئۇ شۇ ئويلارنىڭ تۈرتكىسىدە يەنە ئالدىغا سىلجىدى، لېكىن يولنىڭ ھېچ ئايىغى كۆرۈنىدىغاندەك قىلمايتتى. كەنتتىن ئۇزۇراپ بارىدىغان بۇ يول قەلئە جايلاشقان تاغقا ئۇدۇل تۇتاشمايتتى، قەلئەنىڭ يېنىغا ئاز قالغاندا، خۇددى بىرى قەستەن شۇنداق قىلىپ قويغاندەك باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتەتتى- دە، ئەنە شۇ تەرىقىدە قەلئە بىلەن يىراقمۇ ئەمەس، يېقىنمۇ ئەمەس ئارىلىق تاشلاپ يىراقلارغا سوزۇلۇپ كېتەتتى. K تا ھازىرغىچە بۇ يولنى چوقۇم قەلئەگە تۇتۇشىدىغۇ دېگەن ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدىلا ئالدىنى نىشانلاپ مېڭىپ كەلگەنىدى؛ ئەمدىلىكتە ھاردۇق يەتكەندە بولسا دېلغوللۇق ئىلىكىدە تۇرۇپ قالدى- يۇ، يەنە بۇ يولدىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى. كەنتنىڭ ھېچ ئايىغى كۆرۈنىدىغاندەك قىلمايتتى، بۇمۇ ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇراتتى، قەيەرگىلا قارىماڭ، زومچەك- زومچەك ئۆيلەر، مۇز تۇتۇپ كەتكەن دېرىزىلەر، دۆۋە- دۆۋە قارلار كۆزگە تاشلىناتتى، لېكىن ئادەم زاتى ئۇچرىمايتتى. ئۇ ئاخىر بولماي بۇ ئايىغى چىقماس يولنى تاشلاپ كىچىك بىر كوچىغا قايرىلدى، بۇ كوچىدىكى قار تېخىمۇ قېلىن ئىدى، ئاشۇ قېلىن قارلاردا قەدەم ئالماق خېلىلا مۈشكۈل ئىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلدى، تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختاتتى- دە، ماڭالمايلا قالدى.

تەلىيىگە ئىككى ياقتا دېھقانلارنىڭ قاتار كەتكەن ئۆيلىرى بار ئىدى. ئۇ يەردىن بىر ئوچۇم قارنى ئالدى-دە، پوملاپ بىر دەرىزىگە قارىتىپ ئاتتى. شۇئان بىر ئىشىك ئېچىلدى، بۇ ئۇ كەنتنى ئارىلاپ يۈرگەننىڭياقى ئېچىلغان تۇنجى ئىشىك ئىدى. ئىشىكتە ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك كۈرەك جۇۋا كىيگەن، تېنى ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن بىر ياشانغان دېھقاننىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى، دېھقاننىڭ بېشىنى سېلىپ تۇرۇشلىرى كىشىگە بۆلەكچە يېقىملىق بىر تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى.

– ئۆيىڭىزگە كىرىپ بىردەم دېمىمىنى ئېلىۋالسام بولارمۇ؟- سورىدى K،- بەك ھېرىپ كەتتىم،- ئۇ بوۋاينىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرمايلا خوشلۇقىدا بوۋاي تاشلاپ بەرگەن تاختايغا دەسسىدى. بۇ تاختاي ئۇنى قېلىن قاردا مېڭىشنىڭ مۈشكۈلىدىن قۇتۇلدۇرغانىدى، ئۇ تاختايغا دەسسەپ نەچچە قەدەم مېڭىپلا ئۆيگە كىردى.

ئۆي تولىمۇ يوغان ھەم بەكلا قاراڭغۇ ئىدى. سىرىتتىن كىرگەن كىشى دەماللىققا ھېچنېمىنى ئىلغا قىلالمايتتى. K كىرىۋېتىپ كىر يۇغاندا ئىشلىتىلىدىغان بىر تۇڭغا پۇتلىشىپ كېتىۋېدى، بىر ئايال كاپپىدە يۆلۈۋالدى. بىر بۇلۇڭدىن كىچىك بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. يەنە بىر بۇلۇڭدىن توختىماستىن كۆتۈرۈلىۋاتقان ھوردا ئەسلىدىنلا يورۇق چۈشمەيدىغان بۇ ئۆي تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنىدى. K گويا ئۆزىنى بۇلۇتلار قاينىمىدا ئۈزۈپ يۈرگەندەك تۇيغۇدا بولدى.

– ئۇ مەست بولۇپ قاپتۇ،- دېدى بىرەيلەن.

– كىم سەن؟- دېدى بىرى قوپال ئاۋازدا، ئارقىدىن بوۋايدىن سورىدى،- ئۇنى نېمىشقا كىرگۈزدىڭىز؟ كوچىدا لاغايلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق كىرگۈزىۋېرىدىغان گەپما؟

– مەن گراف جانابلىرى تەكلىپ قىلغان يەر ئۆلچىگۈچى بولىمەن،- دېدى K شۇنچە قىلىپمۇ ئىلغا قىلالمايۋاتقان كىشىلەرگە ئۆزىنى ئاقلاپ.

– ھە مۇنداق دەڭ، ئەسلىدە يەر ئۆلچىگۈچى ئىكەنسىز- دە،- دېدى بىر ئايال. ئارقىدىن ئارىنى يەنە بىر ھازا سۈكۈت قاپلىدى.

– سىلەر مېنى تونۇمسىلەر؟- سورىدى K .

– ئەلۋەتتە،- دېدى يەنە بايىقى ئايال قىسقىلا قىلىپ. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى تونۇيدىغاندەك قىلاتتى، لېكىن ئۇلار مۇشۇ ۋەجىدىنلا ئۇنىڭغا دوستانە بولىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى.

قازاندىن پۇرقىراپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان ھور تارقىدى، K نىڭ كۆز ئالدىدا ئۆينىڭ سىياقى ئاستا- ئاستا روشەنلىشىشكە باشلىدى. بۈگۈن قارىغاندا ئۆيدىكىلەر ئۈچۈن چوڭ تازىلىق قىلىدىغان كۈندەك قىلاتتى. ئىشىكنىڭ يېنىدا بىر كىشى كىر يۇيۇۋاتاتتى. لېكىن ھور ئۆينىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى، ئۇ يەرگە يوغان بىر ياغاچ تەڭلە قويۇلغانىدى، K ئۆمرىدە بۇنداق يوغان تەڭلىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى، تەڭلە ئىككى كارىۋات چوڭلۇقىدەك يوغان بولۇپ، ئىككى ئادەم شۇ تەڭلىدىكى قىزىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان سۇدا ھەدەپ يۇيۇنۇۋاتاتتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بۇلۇڭدا ئىدى. ئۆينىڭ كەينى تېمىدىكى يوغان كاماردىن ئۆي ئىچىگە غۇۋا نۇر چۈشۈپ تۇراتتى، بۇ نۇر ئېنىقكى ھويلىدىن كىرىۋاتاتتى. ئاپئاق نۇر بىر ئايالنىڭ دۈمبىسىگە چۈشكەن ئىدى، ئايالنىڭ ئۇچىسىدىكى ئىگىنلىرى نۇرنىڭ يورۇقىدا تاۋاردەك پارقىرايتتى. بۇ ئايال ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا يۆلەنچۈكى ئېگىز بىر ئورۇندۇقتا ئېرىنچەكلىك بىلەن بىر بوۋاقنى ئېمىتىپ ئولتۇراتتى، چۆرىسىدە بىر نەچچە بالا ئويناپ يۈرەتتى، بىر قاراشتىلا ئۇلارنىڭ دېھقانلارنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ ئايان بولۇپ تۇراتتى. ئايالنىڭ ئۆزىنى تولىمۇ نازاكەتلىك تۇتۇپ ئولتۇرۇشلىرى بۇ ئۆيدىكىلەرگە ھېچ ئوخشىمايتتى، ئەلۋەتتە دېھقانلار ئاغرىپ قالغان ياكى چارچىغان دەملىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق سىپايە بولۇپ قالاتتى.

– ئولتۇرۇڭ!- دېدى يۇيۇنۇۋاتقان ئىككى ئەر كىشىنىڭ بىرى. ئۇ كىشىنىڭ يۈزلىرىنى قويۇق ساقال- بۇرۇت باسقان، قاچانلا قارىسا كاماردەك ئېچىلىپلا تۇرىدىغان ئاغزىدىن ھەدېسىلا خىرقىرىغان ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى، تۇرۇقى تولىمۇ كۈلكىلىك ئىدى. ئۇ تەڭلىدىن قولىنى چىقىرىپ ئىشكاپنى ئىشارە قىلىۋېدى، قىزىق سۇ K نىڭ يۈز- كۆزلىرىگە چاچراپ كەتتى. ئىشكاپتا بايا ئۇنى ئۆيگە كىرگۈزگەن بوۋاي مۈگىدەپ ئولتۇراتتى. K ئۆزىگە ئولتۇرغۇدەك ئورۇن چىققىنىدىن خېلى مەمنۇن بولدى. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتتى. يۇيۇنۇش تەڭلىسىنىڭ يېنىدا ئالتۇن چاچلىق، تولغان، ياش بىر ئايال قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىغىنىچە كىر يۇيۇپ ئولتۇراتتى. ئىككى كىشى تەڭلىنىڭ ئىچىدە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىشىپ ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇ ياققا ئۆتۈشەتتى. بالىلار ئۇلارغا يېقىن كەلمەكچى بولاتتى- يۇ، ئۇلار چاچقان سۇنىڭ زەربىسىگە چىدىماي يەنە كەينىگە يېنىپ كېلەتتى، سۇ ھەر چېچىلغاندا K نىڭ ئۈستى- بېشىغا چاچرايتتى. يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھېلىقى ئايال مىدىر- سىدىر قىلماستىن جىممىدە ياتاتتى، ھەتتا بالىسىغا قىيا بېقىپ بىر قاراپ قويمايتتى، كۆزلىرىنى تورۇستىن ئۈزمەستىن مەڭدىگىنىچە تۇراتتى.

K جىمى گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئەمما چېھرىدىن ئېيتقۇسىز بىر مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ ئايالغا قاراپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى، ئولتۇرۇۋېرىپ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ ياماشتى. ئۇ بىرسىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندى- دە، بېشىنى يېنىدىكى بوۋاينىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئىككى ئەر كىشى يۇيۇنۇپ بولغان، يۇيۇنۇش تەڭلىسىنىڭ ئىچىدە بالىلار ئويناۋاتاتتى، ئالتۇن چاچلىق ھېلىقى ئايال بالىلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئەر كىشى ئىگىنلىرىنى كىيىشىپ K نىڭ ئالدىدا تۇراتتى. قارىماققا ۋارقىراپ گەپ قىلىدىغان ھېلىقى ساقاللىق كىشى يەنە بىرسىگە قارىغاندا مەرتىۋىسى تۆۋەندەك قىلاتتى. يەنە بىرى جىق گەپ قىلمايدىغان، ئىنكاسى ئاستىراق كىشى بولۇپ، بويى ساقاللىق كىشىگە قارىغاندا پاكارراق، ساقىلىمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى، چاسا يۈز، ئېيىققا ئوخشاش تەمبەل كەلگەن بۇ كىشى قاچانلا قارىسا بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەيتتى.

– يەر ئۆلچىگۈچى ئەپەندىم،- دېدى ئۇ،- بۇ يەردە ئولتۇرۇۋەرسىڭىز بولمايدۇ، ئەدەبسىزلىكىمىزنى كەچۈرۈڭ.

– مېنىڭمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇۋەرگۈم يوق،- دېدى K،- بىردەم دېمىمنى ئېلىۋالاي دېدىم شۇ. ھاردۇقۇممۇ چىقتى، ئەمدى ماڭاي.

– ھەجەپ مېھمان خالىمايدىغان كىشىلەر ئىكەن بۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن،- دېدى ھېلىقى ئەر،- بىزنىڭ يەردە بىرسىگە مېھماندوستلۇق قىلىدىغان ئادەت يوق. بىز مېھمان خالىمايمىز.

بىردەم كۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالغاچقا، K خېلىلا تېتىكلىشىپ قالغان، ئاڭلاش سەزگۈلىرىمۇ بايامقىدىن ئۆتكۈرلىشىپ قالغانىدى، ئۇ بۇ كىشىنىڭ كۆڭۈل ئايىماي ئۇدۇل دەۋەرگەن گەپلىرىدىن كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئۇ بايامقى قورۇنۇشلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھاسىسىنى قولىغا ئېلىپ ئۇياق- بۇياققا ماڭدى- دە، يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھېلىقى ئايالغا يېقىن كەلدى. ئەنە شۇندىلا ئۇنىڭ بويىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا خېلىلا ئېگىز ئىكەنلىكى ئايان بولدى.

– دېگىنىڭلارغۇ ئورۇنلۇق،- دېدى K،- دېمىسىمۇ مېھمان كۈتۈپ نېمە قىلىسىلەر؟ لېكىن، گاھىدا ماڭا ئوخشاش يەر ئۆلچەش خادىمىغا ئېھتىياجىڭلار چۈشۈپمۇ قالىدىغۇ دەيمەن.

– بۇنىسىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن،- دېدى ھېلىقى كىشى ئەزمىلىك بىلەن،- تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەندىن كېيىن، سىزگە ئېھتىياجىمىز چۈشسىمۇ چۈشكەندۇ، بۇنى دەپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، بىز … بىز دېگەن ئاددىي ئادەملەر، كونا قېلىپ بويىچە ئىش كۆرىمىز، ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز.

– ياقەي،- دېدى K،- مەن تېخى ئۆزلىرىگە، مۇشۇ ئۆيدىكى ھەممەڭلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرسەم بولىدۇ.

ئويلىمىغان يەردىن، K شارتتىدە كەينىگە بۇرۇلدى- دە، ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردى. ئايال ھارغىنلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان زەڭگەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئاغدۇردى، گاز ياغلىقىنى پىشانىسىگە چۈشۈرۈپ چىگىۋالغان بۇ ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.

– سىز كىم بولىسىز؟- سورىدى K.

– مەن قەلئەدىن كەلگەن قىز،- دېدى ئايال مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن. بۇ مەنسىتمەسلىك K غا قارىتىلغانمۇ ياكى شۇ ئايالنىڭ ئۆزىگىمۇ، ھېچ بىلگىلى بولمايتتى.

ئىشلار دەقىقە ئىچىدە روي بەردى. شۇ ئەسنادا ھېلىقى ئىككى ئەر كىشى K نىڭ ئىككى بىقىنىدىن قىستاپ كەلدى- دە، گويا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئەمدى ھېچقانداق ئورنى قالمىغاندەك، لام- جىم دېمەستىن ئۇنى ئىتتىرگەن پېتى ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويدى. ھېلىقى بوۋاي نېمىشقىدۇر، خوشلۇقىدا چاۋاك چېلىپ كەتتى. كىر يۇيۇۋاتقان ئايالمۇ كۈلۈپ تاشلىدى، بالىلار تۇرۇپلا جىن تەگكەندەك چۇرقىرىشىپلا كېتىشتى.

K بىردەمدىلا ئۆزىنى كوچىدا كۆردى. ھېلىقى ئىككى ئەر ئىشىكتە تۇرۇپ ئۇنى كۆزەتمەكتە ئىدى. يەنە لەپىلدەپ قار يېغىشقا باشلىدى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ھاۋا خېلىلا ئوچۇق ئىدى.

– قەيەرگە بارماقچىسىز؟ ماۋۇ يول بىلەن ماڭسىڭىز قەلئەگە، ئاۋۇ يول بىلەن ماڭسىڭىز كەنتكە بارىسىز،- دېدى ساقاللىق ئەر زەردە بىلەن.

K ئۈندىمىدى، سەل ھاكاۋۇردەك قىلسىمۇ، لېكىن خېلى گەپ يەيدىغاندەك كۆرۈنىدىغان يەنە بىر ئەرگە دېدى:

– ئىسمىڭىزنى سورىۋالاي. بايا كۆپ ئاۋارە قىلدىم، شۇڭا كىمگە رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنى بىلىۋالسام دەيمەن.

-مەن تېرە ئۇستىسى لېيىزمەن بولىمەن،- دەپ جاۋاب بەردى ئەر،- بىرەرسىگە رەھمەت ئېيتىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

– بولىدۇ،- دېدى K،- كېيىنچە يەنە كۆرۈشەرمىز.

– ئۇنداق بولماسمىكىن،- دېدى ئۇ كىشى.

شۇ ئەسنادا ساقاللىق ئەر چاۋاك چېلىپ: «قاراڭلار، ئارتۇر بىلەن جېرمىيا كېلىۋاتىدۇ» دەپ ۋارقىراپلا كەتتى. K كەينىگە بۇرۇلدى، بۇ گەپچە كەنتنىڭ تار كوچىسىدا ھەر ھالدا كۆزىگە ئادەم چېلىققان ئىدى! قەلئە تەرەپتىن ئوتتۇرا بوي، ئۈستىگە بەدىنىنى سىقىپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىۋالغان، قوناق شېخىدەك ئورۇق، ئېگىز ئىككى يىگىت كېلىۋاتاتتى، ئىككىسىنىڭ چىرايى بەكلا ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى بۇغداي ئۆڭدە بولۇپ، قاپقارا ئۆچكە ساقىلى بۆلەكچە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق يولدىمۇ شادىپاچاق پۇتلىرىنى تېز- تېز يۆتكەپ مېڭىشلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى.

– نېمە ئىش بىلەن ماڭدىڭلار؟- ۋارقىرىدى ساقاللىق ئەر. ئۇلارنىڭ قەدەم ئېلىشلىرى بەك تېز بولغاچقا، مۇشۇنداق ۋارقىراپ گەپ قىلمىسا گەپنى ئاڭلاتقىلى بولمايتتى.

– ھۆكۈمەت ئىشى،- دېدى ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈشۈپ تۇرۇپ.

– نەگە بارىسىلەر؟

– سارايغا.

– مەنمۇ شۇ يەرگە باراتتىم،- ۋارقىراپ تاشلىدى K، ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممەيلەننى بېسىپ چۈشتى. ئۇنىڭ ئۇلار بىلەن شۇنچىلىك بىللە ماڭغۇسى بار ئىدى، ئۇلار بىلەن تونۇشسا ئۆزىگە ھېچقانچىلىك پايدىسى تەگمەيدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ بولالايتتى. ئۇلار K نىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باشلىرىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېتىپ قېلىشتى.

K مېڭىش تەس كېلىۋاتقاندەك، قارنى كېچىپ خېلىغىچە تۇرۇپ كەتتى. تېرە ئۇستىسى بىلەن ئۇنىڭ ھەمرىيى K نى كەتكۈزۈۋەتكىنىدىن مەمنۇن بولۇشۇپ بىر قانىتى قىيا ئېچىقلىق تۇرغان ئىشىكتىن يېنىچە كىرىپ كېتىشتى، ئۇلار كىرىپ كېتىۋېتىپ تۇرۇپ- تۇرۇپ قايرىلىپ K غا قاراپ قوياتتى. K ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تالادا ئۆزى يالغۇز جىممىدە تۇراتتى. «بۇ يەردە ھەجەپ مەقسەتسىزلا تۇرۇپ كەتتىميا، بۇ ئەجىبا بىرەر ئۈمىدسىزلىكنىڭ باشلىنىشى ئەمەستۇر- ھە!» دېگەنلەرنى خىيال ئېكرانىدىن ئۆتكۈزدى.

شۇ ئەسنادا سول تەرەپتىكى بىر كەپىنىڭ دېرىزىسى ئېچىلدى، قاردىن قايتقان ئەكس نۇرنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، يېپىقلىق چاغدا تۇم كۆك كۆرۈنىدىغان بۇ كىچىك دېرىزە ئېچىلىشى بىلەن تالاغا قاراپ تۇرغان بىر كىشىنىڭ چىرايى كۆرۈندى، لېكىن ئوچۇق ئەمەس ئىدى، پەقەت بىر بوۋاينىڭ پىلدىرلاپ قالغان قوڭۇر كۆزلىرىنىلا ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.

– ئۇ ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ،- K بىر ئايالنىڭ تىترەك ئاۋازدا شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

– ئۇ دېگەن يەر ئۆلچىگۈچى،- دېدى يەنە بىر ئەر. ئارقىدىن گەپ قىلغان ھېلىقى ئەر دەرىزە ئالدىغا كېلىپ:

كىمنى ساقلاۋاتىسىز؟- دەپ سورىدى. ئەرنىڭ سوئال سورىغاندىكى تەلەپپۇزىمۇ ئۇنچە دوستانە ئەمەس ئىدى، گېپىنىڭ ئورانىدىن ئۆز ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقاندەك بىر ئىپادە چىقاتتى.

– بىرەر چانا كېلىپ قالسا شۇنىڭغا چىقىپ كېتىۋالايمىكىن دەپ تۇرىمەن،- دېدى K .

– بۇ يەردىن چانا ماڭمايدۇ،- دېدى ھېلىقى كىشى.

– بۇ دېگەن قەلئەگە بارىدىغان چوڭ يول تۇرسا، قانداقسىگە چانا ماڭمايدۇ؟- سورىدى K ئەجەبسىنىپ.

– سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن . . . لېكىن . . .- ئەر تىلىنى چاينىدى،- بۇ يەردە ماشىنا ماڭمايدۇ. ئۇلار شۇنداق دەپلا جىممىدە تۇرۇۋېلىشتى. لېكىن، ھېلىقى ئەر نېمىدۇر بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك، قويۇق ھور ئۆرلەپ تۇرغان دەرىزىنى يېپىۋەتمىدى.

– بۇ يولدا ماڭماق بەك تەسكەن،- دېدى K ئۇنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ. لېكىن ھېلىقى ئەر:«توغرا، توغرا دېدىڭىز» دېگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى.

ئەر بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن تەستە ئېغىز ئاچتى:

– ئەگەر خالىسىڭىز، سىزنى چانام بىلەن ئاپىرىپ قوياي.

– بولسا شۇنداق قىلىڭە،- دېدى K ھاياجان بىلەن،- قانچە پۇل ئالىسىز؟

– بىر تىيىنمۇ ئالمايمەن،- دېدى ئەر. K تولىمۇ ھەيران قالدى.

– سىز دېگەن يەر ئۆلچەش خادىمى،- دېدى ئەر چۈشەنچە بېرىپ،- قەلئەنىڭ ئادىمى. قەيەرگە بارماقچىدىڭىز؟

– قەلئەگە باراتتىم دېدى K ئالدىراپ.

– ئەمىسە ئۇ يەرگە بارالمىغۇدەكمەن،- دېدى ئەر دەرھاللا.

– مەن دېگەن قەلئەنىڭ ئادىمى تۇرسام،- دېدى K ئەر دېگەن گەپنى تەكرارلاپ.

– بەلكىم شۇنداقتۇر،- دېدى ئەر سوغۇق تەلەت بىلەن.

– ئەمىسە مېنى سارايغا ئاپىرىپ قويۇڭ،- دېدى K .

– بولىدۇ،- دېدى ئەر،- مەن بېرىپ چانىنى سۆرەپ كېلەي.

ئەرنىڭ گەپ- سۆزلىرى ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتاتتى، ئۇچىغا چىققان بىر شەخسىيەتچىلىك بىلىنىپ تۇراتتى، گويا نېمىدۇر بىرنەرسىدىن تەشۋىشلىنىۋاتقاندەك، ئېھتىيات قىلىۋاتقاندەك، K نى ئىشىكى ئالدىدىن تېزراق كەتكۈزۈۋەتمەكچى بولۇۋاتقاندەك بىر ئىپادە چىقاتتى.

ھويلا ئىشىكى ئېچىلىپ، ئەپچىلگىنە چانا قېتىلغان، ئورۇقلۇقىدىن ئاران قالغان بىر تايچاق چىقىپ كەلدى. چانا تولىمۇ ئاددىي ئىدى، ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ يوق ئىدى، ھېلىقى ئەر دۈمچىيىپ، ھېلىدىن- ھېلىغا ئاقساپ، تولىمۇ كۈچىسز بىر ھالەتتە چانىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلەتتى؛ ئەرنىڭ ياغاق يۈزلىرى قاچانلا قارىسا قىزىرىپلا تۇراتتى، زۇكامدىن دىمىقى پۈتۈپ قالغاچقىمىكىن، يۇڭ شارپا بىلەن بېشىنى چىڭڭىدە يۆگىۋالغانىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا قوشۇقتەك يۈزلىرى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. ئەرنىڭ مىجەزى يوقلۇقى بىر قاراشتىلا بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن K نى ئىشىكى ئالدىدىن كەتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈنلا ئۆيىدىن چىققانلىقى مانا مەن دەپلا تۇراتتى. K بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجالەت بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىۋېدى، ئەر قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ گەپ قىلماسلىقنى ئىشارە قىلدى. K بۇ كىشىنىڭ پەيتۇنكەش گرېستاكېر ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. باشقا چانىلارنى ھەيدەپ چىقىش ئۈچۈن جىق ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئاتقا قېتىقلىق بۇ تەييار چانىنى ھەيدەپلا چىققانىدى.

–        قېنى چىقىپ ئولتۇرۇڭ،- دېدى ئۇ قامچىسى بىلەن چانىسىنى ئىما قىلىپ.

–        مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئولتۇراي،- دېدى K .

–        مەن پىيادە ماڭىمەن،- دېدى گرېستاكېر.

–        نېمىشقا ئەمدى؟- سورىدى K.

-پىيادىلا ماڭاي،- تەكرارلىدى گرېستاكېر ۋە يۆتىلىپ كەتتى، ئۇ شۇنچىلىك قاتتىق يۆتەلدىكى گەۋدىسى گويا ياپراقتەك تىتىرىدى، بولالماي قارغا ئىككى تىزى بىلەنلا يۈكۈندى- دە، قوللىرى بىلەن چانىنىڭ يېنىنى تۇتۇۋالدى. K گەپمۇ قىلماستىن چانىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇراتتى. ئەرنىڭ يۆتۈلۈشلىرىمۇ ئاستا- ئاتا پەسەيدى، ئۇلارمۇ چانىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كېتىشتى.

تاغ ئۈستىگە جايلاشقان قەلئە – K ئولتۇرسا- قوپسا بېرىشنى ئويلايدىغان جاي– تۇرۇپلا غۇۋالاشتى، كۆزدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. شۇ ئەسنادا قەلئەدىن سائەتنىڭ يېقىملىق داڭ ئۇرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز گويا ئۇنىڭغا ۋاقىتىنچە ۋىدالىشىش سىگنالى بېرىلگەندەك تۇيۇلدى، ئىچكى دۇنيارىنى دەقىقە ئىچىدە لەرزىگە سېلىپ ئۆتتى، غۇۋا بىر ئىستەك ئىلىكىدە يېلىنجاۋاتقان قەلبى گويا ھېلىلا بىرەر كېلىشمەسلىك بولىدىغاندەك ئازاب ئىچىدە ئۆرتەندى. سائەتنىڭ داڭ ئۇرغان ئاۋازى ھايال ئۆتمەي تولىمۇ ئاجىز، يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئالماشتى، بۇ ئاۋاز يەنە شۇ قەلئەدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئەمما كەنتتىن كېلىۋاتامدۇ؟ بۇنىڭغىمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى. بۇ ئاۋاز چانا قوشۇلغان ئاتنى تولىمۇ ئاستا يېتىلەپ كېتىۋاتقان بۇ بىچارە، ئەمما رەھىمسىز ھارۋىكەشكە تەڭكەش قىلىنىۋاتقاندەك ئىدى.

-مەن سىزگە دېسەم،- دېدى K تۇيۇقسىزلا، ئۇلار چېركاۋغا يېقىنلا كېلىپ قالغان، سارايغىمۇ ئۇزۇن قالمىغانىدى، شۇڭا ئۇ قورقمايلا ئېغىز ئاچتى،- بىر ئىشقا ھەيران قالدىم، سىز مېنى ھېلىمۇ شۇنچە يەردىن چانىغا سېلىپ ئەكېلىپ قويدىڭىز، بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلار گەپ قىلمامدۇ؟

گرېستاكېر ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي، ئاتقا ياندىشىپ مېڭىۋەردى. K «ھەي!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە چانا ئۈستىدىكى قاردىن بىر سىقىم ئالدى- دە، پوملاپ گرېستاكېرغا قارىتىپ ئېتىۋېدى، دەل ئۇنىڭ قۇلىقىغا تەگدى. ئۇ ئەنە شۇندىلا قەدىمىنى توختىتىپ كەينىگە بۇرۇلدى. K ئۇنى تولىمۇ يېقىندىن كۆردى، ئۇنىڭ مۈكچىيىپ يادەك ئېگىلگەن گەۋدىسىدىن خېلى ئوبدانلا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، جۈدەپ قوشۇقتەكلا بولۇپ قالغان قىزغۇچ يۈزلىرىگە ھارغىنلىق ئالامەتلىرى ئىز سالغانىدى، ئىككى مەڭزى نېمىشقىدۇر بىرى ئويمان، بىرى پولتىيىپ چىققانىدى، يوغان ئېچىلغان ئاغزىدىن شالاڭ چىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ شۇ تۇرۇقىدا K نى نېمە دەركىن دېگەن بىر تەرىزدە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقىنى كۆرگەن K نىڭ قەلبىدە ئېيىتقۇسىز بىر ئىچ ئاغرىتىش دولقۇنلىدى- دە، ئاۋازىغا ھېسداشلىق تۈسى بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چانا بىلەن ئەكېلىپ قويغىنى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرايدىغان- ئۇچرىمايدىغانلىقىنى سورىدى.

-نېمە دېمەكچىسىز؟- گرېستاكېر گەپنى ئاڭقىرالماي شۇنداق دەپ سورىدى ، لېكىن K نىڭ قايتا چۈشەنچە بېرىشىنى كۈتمەيلا ئاتنى دىۋىتتى- دە، ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


ئاپتور بۇ يەردىكى جۈملە ۋە ئابزاسلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بۇ مەزمۇنلارنى كىتابنىڭ كەينىگە بېرىلگەن قوشۇمچىدىن كۆرۈۋېلىڭ. كېيىنكىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=10262

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-29
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 4دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىلوگ ئېچىۋاپلا، بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ! مۇبارەك بولسۇن!

  2. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
    قەدەملىرىگە مۇبارەك. ! پات- پات زىيارەت قىلىپ تۇرالا!

  3. بلوگىڭىزدا ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلار بار ئىكەن. بولۇپمۇ چەتئەل رومانلىرىنىڭ بلوگدا ئېلان قىلىنغىنى بەك ياخشى بوپتۇ. مەن كافكانىڭ «قەلئە»رومانىنى ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئوقۇسام دەپ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ يەردە كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم. بولسا تولۇق ئېلان قىلسىڭىز.

  4. بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن پات ئارىدا نەشردىن چىقماقچى. كىتاب نەشرىدىن چىققاندىن كېين، ئاخىرقى بابلىرىنى تولۇق ئېلان قىلىمەن.
    ئۇنىڭدىن باشقا، كېلەر يىلى نەشردىن چىقىدىغان يەنە بىر قانچە مەشھۇر رومانلار بار. ئۇ رومانلاردىنمۇ ئوقۇرمەنلەرنى پات ئارىدا خەۋەردار قىلىمەن.
    پات – پات قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرارسىز!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: