پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 17- باب

دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى

(رومان)

ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى

ئون يەتتىنچى باپ

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى ، دورىيان گرېي سېلبىي قورۇقىدىكى گۈللۈك شىپاڭدا تولىمۇ لاتاپەتلىك مونمونت كېنەز خانىم بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . كېنەز خانىم  60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ، چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان ئېرى بىلەن بىللە دورىياننىڭ ئۆيىگە مېھمانلاپ كەلگەن ئىدى . بۇ دەل چۈشتىن كېيىنكى چاي ۋاقتى ئىدى ، شىرە ئۈستىدىكى نەقىشلىك چىراقنىڭ يېقىملىق نۇرلىرى ساپال قاچا – قۇچىلارنى ۋە كۈمۈش چىنە – چەينەكلەرنى يورۇتۇپ جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى . چايغا كېنەز خانىم رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ شېشىدەك سۈزۈك ئاپپاق قوللىرى قاچا – قۇچىلار ئارىسىدا ئەپچىللىك بىلەن ھەرىكەتلىنەتتى ، دورىيان يېقىن كېلىپ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىۋېدى ، ئۇنىڭ قىزىرىپ پىشقان جىنەستىنى ئەسلىتىدىغان  گۆشلۈك لەۋلىرىدە تاتلىققىنا بىر كۈلۈمسىرەش جىلۋە قىلدى . يىپەك تەختىراۋانلىق چىۋىق ئورۇندۇقتا سوزۇلۇپ ياتقان لورد ھېنىرى ئۇ ئىككىيلەنگە قاراپ تۇراتتى . ئاچ قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كىرىسلودا ئولتۇرغان ناربوروف خانىم كېنەزنىڭ يېقىندا برازىلىيە قوڭغۇزىنى كۆپەيتكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى خوشياقماسلىق نەزەرىدە ئاڭلاپ ئولتۇراتتى . ئۇچىسىغا  ناھايىتى سىپتا تىكىلگەن مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان ئۈچ يىگىت خانىملارغا ھەدەپ چاي ، پىچىنە – پىرەنىكلەرنى سۇنۇۋاتاتتى . بۈگۈنكى زىياپەتكە جەمئىي 12 ئادەم كەلگەن ئىدى ، ئەتە كېلىدىغان مېھمانلار بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىدى .

       – ئىككىڭلار نىمە دىيىشىۋاتىسىلەر؟ – سورىدى لورد ھېنىرى ئۈستەلنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىستاكانىنى قويغاچ ، – گلادىس ، دورىيان سىزگە ھەممە نەرسىگە يېڭىباشتىن ئىسىم قويۇپ چىقماقچى بولۇۋاتقىنىمنى دېدىمۇ؟ بۇ پىلانىم قالتىس جۇمۇ .

        – ئىسمىمنى ئۆزگەرتكۈم يوق ھاررى ، – دېدى كېنەز خانىم بىر جۈپ شەھلا كۆزلىرى بىلەن ھېنىرىغا تىكىلىپ ، – مەن ئىسمىمدىن بەك رازى . ئېنىقكى ، گرېي ئەپەندىممۇ ئىسمىدىن بەك رازىغۇ دەيمەن .

        – سۆيۈملۈك گلادىس ، مەن سىلەرگە يېڭى ئىسىم قويۇپ بېرەي دېمىدىم . ئىسىمىڭلارنىڭ ياخشىلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن . ئاساسلىقى گۈللەرگە يېڭىدىن ئىسىم قويۇپ باقايمىكىن دەيمەن . تۆنۈگۈن بىر تال كەترەن  گۈلىنى ئۈزۈۋېلىپ ، چاپىنىمنىڭ پەتلىسىگە قىستۇرۇۋالدىم . بۇ گۈل شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى ، يەتتە چوڭ گۇناھقا ① ئوخشاش مېنى مەپتۇن قىلىپلىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ، گۈلچىدىن گۈلنىڭ ئىسمىنى سورىدىم . ئۇ ماڭا بۇ گۈلنىڭ سورتىنىڭ بەك ئېسىل ئىكەنلىكىنى ، گۈلنىڭ ئىسمىنى روبىنسونىيانا دەمدۇ ئىشقىلىپ ، قۇلاققا ناھايىتى سەت ئاڭلىنىدىغان بىر ئىسىمنى دېدى . بىز ھازىر شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قاپتىمىزكى ، ئوڭلاپ نەرسىلەرگىمۇ چىرايلىق ئات قويالمايدىغان بولۇپ قاپتىمىز . ئىسىم دېگەن ھەممە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ . مېنىڭ ئەزەلدىن كىم نېمە ئىش قىلدى ، دېگەنلەر بىلەن كارىم يوق ، لېكىن گەپ – سۆزگە بەكلا دىققەت قىلىمەن . مانا بۇ دەل مېنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئاممىباب رېئالىزمغا چىش – تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى . گۈرجەكنى گۈرجەك دەپ ئاتايدىغان كىشىلەرنى گۈرجەك ئىشلىتىشكە زورلاش كېرەك . ئۇلارغا مۇشۇنداق ئىشلارلا ماس كېلىدۇ .

     – ئەمىسە سىزنى نېمە دەپ چاقىرىمىز ھاررى ، – سورىدى كېنەز خانىم .

     – گەپدان شاھزادە دەپ چاقىرايلى ، – دېدى دورىئان .

     – بۇ ئىسىم ئۇنىڭغا تازا ماس كېلىدىكەن ، – دېدى كېنەز خانىم .

     – نىمانداق قاملاشمىغان ئىسىم بۇ ، – لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلگىنىچە بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى ، – ئۇنداق دېمەڭلار ، بۇ ئىسىم ماڭا لەقەم بولۇپ سىڭىشىپ قالمىسۇن يەنە .

      – شاھزادىلىك ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويسىڭىز بولماس ، – دېدى گراف خانىم چىرايلىق لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ .

     – گېپىڭىزچە ، بۇ شاھلىق ئورنىدا مەھكەم ئولتۇرۇشۇم كېرەك ئىكەن – دە ؟

– شۇنداق .

– قاراپ تۇرۇڭلار ، دېگەنلىرىمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئەتىلا ئايان بولىدۇ .

– لېكىن مەن بۈگۈنكى سەپسەتىلەرگە بەكرەك ئامراق ، – دېدى گراف خانىم .

– مېنى قورالسىزلاندۇرۇپلا قويدىڭىزغۇ گلادىس ، – دېدى لورد ھېنىرى گراف خانىم بىلەن گەپتە تەڭلىشىپ بولالماي .

– نەيزىڭىزنى ئەمەس ، قالقىنىڭىزنى ئولجا ئېلىۋالدىم خاررى .

– ئەزەلدىن گۈزەللەرگە ھۇجۇم قىلغان ئەمەسمەن ، – لورد ھېنىرى قولىنى پۇلاڭشىتىپ قويدى .

– خاتالاشتىڭىز ھاررى ، گۈزەللىكنىڭ قىممىتىنى بەكلا يۇقۇرى مۆلچەرلىۋەتتىڭىز .

– بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟  مېنىڭچە ، تاشقىي گۈزەللىك ھامان قەلب گۈزەللىكىنى بېسىپ چۈشىدۇ . گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ، ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ كۆرۈمسىزلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى مەن ھەممىدىن بەك ئېتىراپ قىلىمەن .

– بۇ گېپىڭىزچە ، كۆرۈمسىزلىك يەتتە چوڭ گۇناھنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىكەندە ؟ – سۇئال قويدى كېنەز خانىم ، – ئەمىسە ، بايا كەترەن گۈلىنى يەتتە چوڭ گۇناھقا ئوخشاتقىنىڭىزنى قانداق چۈشەندۈرىسىز ؟

– كۆرۈمسىزلىك يەتتە چوڭ گۈزەل ئەخلاقنىڭ بىرى ، گراندىس . سىز ئۇچىغا چىققان بىر مۇتەئەسسىپ تۇرۇپ گۈزەل ئەخلاقنىڭ قىممىتىنى بۇنداق تۆۋەن مۆلچەرلىسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟ پىۋا ، «ئىنجىل» ۋە يەتتە چوڭ گۈزەل ئەخلاق دېگەنلەر ئەنگلىيىنى بۇگۈنكى مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرگەن .

– ئۇنداقتا ، سىز ۋەتىنىڭىزنى سۆيمەيدىكەنسىز- دە ؟ – سورىدى ئۇ ياندۇرۇپ .

– ياخشى كۆرگەچكە مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقاندىمەن .

– بۇ يەردە ۋەتىنىمنى ئوبدانراق سۆكەي دەپ ياشاۋاتقانسىز تايىنلىق . 

– سىز ماڭا ياۋروپالىقلارنىڭ ئەنگىلىيىگە بولغان باھاسىنى قوبۇل قىل دېمەكچىمۇ ؟ – سورىدى لورد ھېنىرى .

– ياۋروپالىقلار ئەنگىلىيىگە نېمە دەپ باھا بېرىپتۇ ؟

– ئۇلار : «تارتۇفى ② ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بېرىپ دۇكان ئېچىۋاپتۇ» دىيىشىۋاتىدۇ .

– ئۇ سىزنىڭ دۇكىنىڭىزدۇ ، ھاررى ؟

– ئۇ دۇكاننى سىزگە بېرىۋېتەي .

– تازا قىزىق گەپ بولدى – دە . دۇكىنىڭىزنى مەن نېمە قىلاي .

– قورقماڭ ، ئەنگىلىيىلىكلەر ئەزەلدىن تەسۋىرىي نەرسىلەرنى پەرق ئېتەلمەيدۇ .

– ئەنگىلىيىلىكلەر بەكلا ئەمەلىيەتچان كېلىدۇ .

– ئۇلار ئەمەلىيەتچان ئەمەس ، ئەكسىچە ئىنتايىن قۇۋ ، ھىيلىگەر . ئۇلار ھېساب – كىتاب قىلغاندا ، ھاماقەتلىكىنىڭ ئورنىنى مال – دۇنياسى بىلەن تولدۇرىدۇ ، رەزىللىكنى ساختىپەزلىك بىلەن ئۆلچەيدۇ .

– نېمىلا بولمىسۇن ، بىزنىڭ قوشقان تۆھپىمىزمۇ ئاز ئەمەس .

– ئاشۇ تۆھپىلەر بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ، گلادىس .

– ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى بىز زىممىمىزگە ئالدۇق .

– ئاكسىيە بىرژىسىنىلا زىممىمىزگە ئالدۇققۇ شۇ .

كېنەز خانىم بېشىنى چايقاپ قويۇپ ۋارقىرىدى :

– مەن مىللىتىمىزنىڭ قۇدىرىتىگە تولۇق ئىشىنىمەن .

– مىللەت جاسارەت بىلەن ياشىغۇچىلارغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ .

– بۇ مىللەتنىڭ تەرەقىيات ئىستىقبالى چەكسىز .

– مەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان نەرسىلەرگە تېخىمۇ ئامراق .

– ئەمىسە سەنئەتكىچۇ؟ – سورىدى گراف خانىم .

– سەنئەت – ساقايمايدىغان بىر مەرەز كېسەل .

– مۇھەببەتچۇ؟

– ئۇ بىر خىل خىيالىي تۇيغۇ .

– ئەمىسە دىنچۇ ؟

– ئۇ ئېتىقادنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بىر مودا .

– سىز ئۇچىغا چىققان گۇمانىزىمچىكەنسىز .

– ئۇنداق ئەمەس ، ئېتىقاد ئەنە شۇ گۇماندىن باشلىنىدۇ .

– ئەمىسە ئۆزىڭىزچۇ ؟

– بىر نەرسىگە تەبىر بېرىش چەكلىمىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

– ماڭا ئازراق يىپ ئۇچى بېرىڭچۇ .

– يىپ ئۇچى ھامان ئۈزۈلۈپ قالىدۇ ، سىزمۇ سىرلىق ئوردىدا نىشانىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز .

– سىز مېنى ئىلەشتۈرۈپلىۋەتتىڭىزغۇ . بولدىلا ، باشقا تېمىدا پاراڭلىشايلىچۇ .

– بىزنىڭ ماۋۇ ساھىبخانىمىز ئەڭ ياخشى پاراڭ تېمىسى . بۇرۇن ئۇنىڭ جەلپكار شاھزادە دەيدىغان بىر لەقىمى بولىدىغان .

– ھەي ! بولدى ، ئۇ گەپنى ئاغزىڭىزغا ئالماڭ ، – دېدى دورىيان گرېي .

– ساھىبخانىمىزغا بۈگۈن نېمە بولغاندۇ ، ھەجەپ ئىچىنى پۇشۇردىغۇ ئادەمنىڭ ، – دېدى كېنەز خانىم يۈزلىرىنى بەقەمدەك قىزارتىپ ، – بىلسەم – بىلمىسەم ، ئۇ شۇ تاپتا « مونمونت ئىلمىي ئويلىنىش ئارقىلىق گلادىي خانىمنى ئەمرىگە ئالغان » دەپ ئويلاۋاتىدىغۇ دەيمەن . چۈنكى ، ئۇ بۇ جاھاندىن مەندىنمۇ ياخشى كېپىنەك ئەۋرىشكىسىنى تاپالمايدۇ ئەمەسمۇ .

– ۋاي – ۋۇي ، ئۇ ھېلىمۇ يىڭنىنى بېشىڭىزغا سانچىۋەتمەپتۇ ، كېنەز خانىم ، – دورىيان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .

– دېدىكىم ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەندە نەچچە قېتىم شۇنداق قىلغانمەن ، گرېي ئەپەندىم .

– ئۇ سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى قانداق كەلتۈرگەن ، كېنەز خانىم ؟

– يەنىلا شۇ تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلار بولمامدۇ گرېي ئەپەندىم .

– ئەمىسە ئۇ بەك بىغەرەزكەن ! ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسىڭىز بولغۇدەك .

– ئۇنداق قىلالمايمەن گرېي ئەپەندىم . ھەي ، ئۇ ماڭا شىلەپە  لايھىلەپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ . مەن خىلستون خانىمنىڭ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە كىيىپ بارغان ھىلىقى شىلەپە ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ھەقاچان ئۇنتۇلۇپ قالدىڭىز، مەن سىزنىڭ مۇشۇ يېرىڭىزنى ياقتۇرىمەن . بىرەر ئىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسىڭىزمۇ ، ئېسىڭىزدە باردەك تۇرۇۋالىسىز . ھەي ، ئاشۇ شىلەپەمنى ئۇ ئەڭ ئەرزان رەخىتتىن تىكىپ بەرگەن . ئەمەلىيەتتە ، ئىسىل شىلەپىنىڭ رەختى ناھايىتى ئەرزان بولىدۇ .

– ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ، گلادىس ، – لورد ھېنىرى كېنەز خانىمنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى ، – كىمىكى سەللا باش كۆتۈرسە ، شۇنىڭغا لايىق دۈشمەنلىرىمۇ تەييار تۇرىدۇ . شۇڭا سەل ئاددىي – ساددىراق ياشىغان ياخشى .

– ئاياللار ئۇنداق ئەمەس ، –  دېدى كېنەز خانىم بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ ، – دۇنيان ئالقىنىدا چۆرگىلىتىۋاتقانلار ئاياللاردۇر . سىزگە دېسەم ، بىز ئاياللار ئاددىي – ساددا ياشاشقا تاقەت قىلالمايمىز . كىمدۇر بىرسى دېگەندەك ، سىلەر ئەرلەر مۇھەببەتنى كۆزۈڭلار ئارقىلىق ئىزھار قىلساڭلار ، بىز ئاياللار قۇلىقىمىز بىلەن ئىزھار قىلىمىز .

– ماڭا گاھىدا دۇنيادا ئىشىقى – مۇھەببەتتىن باشقا ئىش يوقتەكلا بىلىنىدۇ ، – دېدى دورىئان  تولىمۇ لەرزان ئاۋازدا .

– پاھ ! ئۇنداقتا سىز ھەقىقىي مۇھەببەتلىشىپ باقماپسىز ، گرېي ئەپەندىم ، – دېدى كېنەز خانىم  چىرايىغا غەمكىن تۈس بېرىپ .

– سۆيۈملۈك گلادىس ! – ۋارقىرىدى لورد ھېنرى ، – بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ رومانتىكلىق قايتا – قايتا تەكرارلىنىش ئارقىلىقلا ھاياتلىقنى ساقلاپ قالىدۇ ، شەھۋانىي ئىستەكمۇ قايتا – قايتا تەكرارلىنىش ئارقىلىقلا ئاندىن سەنئەتكە ئايلىنالايدۇ . ھەر قېتىم مۇھەببەتلەشكىنىڭىزدە ، ئۇ سىزگە تولىمۇ يېڭى تۇيۇلىدۇ . مەشۇقىڭىزنىڭ ئالمىشىشى سۆيگۈنىڭ يېڭىچە تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالماسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ئەكسىچە ، ھېسسىيات تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ . ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ . لېكىن ، ھاياتنىڭ مەخپىيىتى – ئىمكانبار ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم ئېرىشىشتە ئىپادىلىنىدۇ .

– ئۇنداقتا ، بۇرۇنقى ئاشۇ قەلب يارىلىرىمۇ تەكرارلىنىشى كېرەكما ، ھاررى ؟ – سورىدى كېنەز خانىم  بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ .

– شۇنداق ، قەلب يارىلىرى تېخىمۇ تەكرارلىنىشى كېرەك ، – جاۋاپ بەردى لورد ھېنىرى .

كېنەز خانىم بېشىنى بۇراپ ، قىزىقىش نەزىرىدە  دورىيان گرېيغا تىكىلىپ سورىدى :

  – گرېي ئەپەندىم ، بۇ ئىشقا سىز قانداق قارايسىز ؟

    دورىيان گرېي بىر ھازا دېلغۇل بولۇپ تۇرۇپ كېتىپ ، ئاسمانغا قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى :

– مەن مەڭگۈ ھاررى تەرەپدارى ، كېنەز خانىم .

– ئۇنىڭ خاتا بولسىمۇ قوللامسىز ؟

– ھاررى ئالدىراپ خاتالاشمايدۇ ، كېنەز خانىم .

– ئۇنداقتا ئۇنىڭ پەلسەپىسى سىزگە بەخىت ئاتا قىلالايدىكەندە؟

– مەن ئەزەلدىن بەختنى قوغلاشمايمەن ، بەختنى قوغلىشىدىغانلارمۇ بارمىكەن ؟ مېنى ھوزۇر – ھالاۋەت ، كەيپ – ساپادىن باشقىسى قىزىقتۇرالمايدۇ .

– ئاشۇ ھوزۇر – ھالاۋەتلەرگە ئېرىشەلىدىڭىزمۇ ، گرېي ئەپەندىم ؟

– ھوزۇر – ھالاۋەت دېگەن ماڭا ھەر ماڭدامدا ئۇچراپ تۇرىدۇ ، مەنمۇ كۆنۈپ كەتتىم .

كېنەز خانىم ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ دېدى :

– ماڭا خاتىرجەملىك بولسىلا بولدى . ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە بېرىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرمىسام ، بۈگۈن كەچتە ماڭا ئاراملىق يوق .

– مەن سىزگە كەترەن گۈلىدىن بىر قانچە تال ئۈزۈپ بېرەي كېنەز خانىم ، – دورىيان شۇنداق دەپ توۋلىدى – دە ، لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ بولۇق ئۆسكەن گۈللەرنىڭ ئارىسىغا كىردى .

– سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئوچۇق – ئاشكارا ئىشقىۋازلىق قىلىشىڭىز پەقەتلا قاملاشمىدى ، – دېدى لورد ھېنىرى بارون نەۋرە سىڭلىسىغا ، – سەللا ئېھتىيات قىلمىسىڭىز ، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىسىز .

– ئۇ ئاشۇنداق جەلىپكار بولمىسا ، رىقابەت بولمايدۇ .

– گېپىڭىزچە ، بىر – بىرىڭلاردىن قېلىشمايدىكەنسىلەر – دە .

– مەن ترويانلار تەرەپتە تۇرىمەن . ئۇلار بىر ئايالنى دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ ئەمەسمۇ .

– ئۇلار ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ .

– ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشتىنمۇ يامان ئىش بارمۇ؟ – دېدى ئۇ جاۋابەن .

– سىز تىزگىننى قويۇۋېتىپ ئاتنىڭ چاپتۇرغاندەكلا ئىش قىلىۋاتىسىز .

– سۈرئەت قانچە تېز بولسا شۇنچە تېتىكلىشىدىغان گەپ ، – دېدى ئۇمۇ بوش كەلمەي .

– كەچتە مەن بۇنى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويىمەن .

– نىمە دەپ يازىسىز ؟

– «يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ» دەپ يازىمەن .

– مەن چېلىشىشتا يىقىلىپ باقمىدىم ، قاناتلىرىممۇ ساپساق تۇرمامدۇ مانا .

– ئاشۇ قانىتىڭىزنى ھەممە ئىشقا ئىشلىتىدىكەنسىز – يۇ ، ئۇچۇشقا ئىشلەتمەيدىكەنسىز .

– شىرمەتلىك ئەرلەردىن بىز ئاياللارغا كۆچتى . بۇ بىز ئۈچۈن بىر يېڭى سىناق .

– سۆيگۈ رەقىبىڭىز چىقىپ قالسىچۇ ؟

– كىمنى دەيسىز ؟

لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە پىچىرلاپ تۇرۇپ دېدى :

– ناربوروف خانىم بولمامدۇ ، ئۇ ھازىر دورىياننى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالدى .

– سىز مېنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ قويدىڭىز . بىزدەك رومانتىك ئاياللار  چۈشكۈن كىشىلەرنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالساق تۈگەشكىنىمىز شۇ .

– رومانتىك ئاياللار ؟ سىلەر جىمى ئىلمىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپمۇ يەنە رومانتىكلىقتىن قۇتۇلالمىدىڭلارمۇ ؟ 

– بىزنى ئەرلەر ئاشۇنداق رومانتىك قىلىۋەتكەن .

–  مىڭ قىلغىنىڭلار بىلەنمۇ ئۇلار كېسىپ بىر نەرسە دېمەيدۇ .

– ئەمىسە بىز ئاياللار سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا نېمىگە ھېساب ؟ – دېدى ئۇ چېقىشىپ .

– ھېچقانداق مەخپىيىتى قالمىغان سىفىنىكىسقا ئوخشايسىلەر .

–  گرېي ئەپەندىم ھەجەپ ئۇزۇن يوقاپ كەتتىيا ! بولمىسا ، بىز چىقىپ ئۇنىڭغا گۈلنى تاللىشىپ بېرەيلى . مەن تېخى ئۇنىڭدىن قايسى رەڭدىكى چاپىنىمنى كىيىشى كېرەكلىكىنى سورىمىدىم ، – دېدى گلادىس كۈلۈمسىرىگىنىچە لورد ھېنىرىغا قاراپ .

– ھەي ! ئۇنىڭ بەرگەن گۈلىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىڭ ، گلادىس.

– ئۇنداق قىلسام ، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغىنىمنى ئاشكارىلاپ قويغان بولمامدىم .  

– رومانتىكلىق دېگەن ئەنە شۇنداق يوقىرى پەللىدىن باشلىنىدۇ .

– ئەڭ ياخشىسى ، ئۆزۈمگە چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويسام بولغۇدەك .

– پارتىيانلارغا ③ ئوخشاش دەمسىز ؟

– پارتىيانلار قۇملۇققا قېچىپ كىرىۋېلىپ ئامان قالغان ، ئۇنداق قىلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ .

– ئاياللارغا ھەمىشە چېكىنىش  يولى چىقىۋەرمەيدۇ ، – لورد ھېنىرى شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا ، گۈللۈكتىن بىرسىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭرىغىنىچە گۈپلا قىلىپ يىقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى . مېھمانلار چۆچۈشكىنىدىن ئورۇنلىرىدىن دۈررىدە تۇرۇپ كېتىشتى ، قورقۇپ كەتكەن كېنەز خانىم قېقىپ قويغان قوزۇقتەك جايىدا تۇرۇپلا قالدى . چىرايى ۋەھىمىلىك تۈس ئالغان لورد ھېنىرى شۇئان پۇلاڭلاپ جىم تۇرمايۋاتقان پالما دەرەخلىرىنىڭ يۇپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ ، دورىيان گرېينىڭ گۈللۈكتە بىھۇش ھالەتتە دۈم ياتقانلىقىنى كۆردى .

لورد ھېنىرى ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى ئەكېلىپ ، مېھمانخانىدىكى كۆك سافاغا ياتقۇزدى . دورىيان ھايال ئۆتمەي ھوشىغا كەلدى ۋە تۆت ئەتراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن نەزەر تاشلىدى .

– نىمە ئىش بولدى ؟ – سورىدى دورىئان ، –  ھە ، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى . بۇ يەر بىخەتەرمۇ خاررى؟

ئۇ تىترەشكە باشلىدى .

– قەدىرلىك دورىئان ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – ھۇشىڭىزدىن كېتىپسىز ، ئەنسىرىگۈدەك باشقا چوڭ ئىش يوق . بەكلا چارچاپ كەتكەن ئوخشايسىز . بولدى ، پەسكە چۈشۈپ مېھمانلارنى كۈتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ . ئورنىڭىزدا مېھمانلارنى مەن كۈتەي .

– ياق ، م چۈشمىسەم بولمايدۇ ، – ئۇ تەستە ئۆرە بولدى ، – ئەڭ ياخشىسى چۈشەي ، يالغۇز قالسام بولمايدۇ .

ئۇ ھوجرىسىغا كىرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتى . تاماق ئۈستىلىدە ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ، ئېچىلىپ – يېيىلىپ پاراڭ سالدى . لېكىن تۇرۇپ – تۇرۇپ ، بايا گۈل قويۇقلۇق ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان قەغەزدەك تاتىراڭغۇ چىراي ئېسىگە كېلىشى ھامان پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە چۇلغىۋالاتتى . بايا ئۇ جامۇس ۋېيىننىڭ ئۆزىگە ئوغرىلىقچە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى .

ئىزاھات :

① كاتولىك دىنىدا چەكلەنگەن تەكەببۇرلۇق ، نەپسانىيەتچىلىك ، شەھۋەتپەرەسلىك ، غەزەبلىنىش ، ئاچكۆزلۈك ، ھەسەتخورلۇق ۋە ھورۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ .

② تارتۇفى – فرانسىيە درامماتورگى مورىئاينىڭ دراممىسىدىكى بىر ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم .

③ پارتىيانلار – قەدىمكى غەربىي ئاسىيالىق كىشىلەر ، ئۇرۇش قىلغاندا چېكىنىپ تۇرۇپ دۈشمەننى گوللاپ يوشۇرۇن ئوق ئېتىشقا ماھىر .

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11293

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-10-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: