پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

جىبران نەسىرلىرى: زۇلپىقار بارات ئۆز باش تەرجىمىسى

قايغۇ ۋە خۇشاللىق

جىبران خېلىل جىبران

زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمىسى

بىر ئايال دانىشمەنگە مۇراجىئەت قىلدى:
ـــ خۇشاللىق ۋە قايغۇ ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ـــ سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئەسلىدە چۈمپەردىسىنى ئېلىۋەتكەن قايغۇدۇر.
ئىچىڭگە سىغماي قالغان خوشلۇقۇڭنىڭ ئىچىگىمۇ كۆز يېشىڭ ئارىلاشقان.
ۋۇجۇدۇڭدا يىلتىز تارتقان ھەسرەتنىڭ مەنبەسى قانچىكى چوڭقۇرلىسا، سەن ئېرىشىدىغان خۇشاللىقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
شارابقا لىق تولغان رۇمكاڭ خۇمداندا پىشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى لاي ئەمەسمىدى؟
قەلب ئىلاھەڭنى ھاياجانغا سالغان نەي خەنجەر بىلەن ئويۇلغان لاي ئەمەسمىدى؟
خۇشال يۈرگەن ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنى ئاستىرىتىن تىزگىنلەپ تۇرغان يۈرىكىڭدىكى ئىلگىرى سېنى ئازابلىغان نەرسىنىڭ خۇشاللىققا ئايلانغانلىقىنى بايقايسەن.
ھەسرەت يۇتۇۋاتقان چېغىڭدا ئۆزۈڭنى تىزگىنلەپ تۇرغان يۈرىكىڭدىكى ئىلگىرى سېنى خۇش قىلغان نەرسىنىڭ ئەمدى سېنى يىغلىتىۋاتقانلىقىنى بايقايسەن.
بەزىلەر ھاياتتا قايغۇدىن خۇشاللىق كۆپ دېسە، بەزىلەر خۇشاللىقتىن قايغۇ كۆپ دېيىشىدۇ.
مەن سىلەرگە باشقىچىرەك جاۋاب بەرمەكچىمەن، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ بىر تۇغقان.
شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ھاياتىڭغا تەڭلا قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋاقىتتا، بىرى سەن بىلەن ئۈلپەت بولۇۋالىدۇ، يەنە بىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كارىۋېتىڭدا بەخىرامان ئۇيقۇغا كېتىدۇ.
سەن ھەمىشە خۇشاللىق بىلەن قايغۇنىڭ ئارىسىدا ئېسلىپ يۈرىسەن.
سەن پەقەت شۇ ئىككىىسنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغان چېغىڭدىلا تەڭپۇڭلۇقۇڭنى ساقلىيالايسەن.
سەن بىر تارازا، خەزىنىچى سېنىڭ بىلەن خەزىنىدىكى ئالتۇن- كۈمۈشلىرىنى تارتقاندا خۇشاللىقىڭ بىلەن قايغۇڭ تەڭلا يوقايدۇ.

 

ئاپتورنىڭ خەنزۇچە «دانىشمەن» ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1994- يىللىق 3- سان

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11099

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-08-24
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى,نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 3دانە
  1. ھەسرەت يۇتۇۋاتقان چېغىڭدا ئۆزۈڭنى تىزگىنلەپ تۇرغان يۈرىكىڭدىكى ئىلگىرى سېنى خۇش قىلغان نەرسىنىڭ ئەمدى سېنى يىغلىتىۋاتقانلىقىنى بايقايسەن.
    يۇقارقى قۇرلارنى خاتىرەمگە تىزىۋالدىم …

  2. قەدىمىڭىزگە مەرھابا!

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بىلوگىڭىزنى چىرايلىق ياخشى تېمىلار بىلەن بېزىۋاپسىز بىر بىردىن ياخشى تېمىلاركەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تېرشىڭ ياخشى تېمىلار بىلەن بېزەشكە سىز نىڭ ئۇلىنىش تۇغىڭىزنى ئۇلىنىش قىلۋادىم ۋاختېڭىز يەتسە بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۇپ قۇياسىز

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: