پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

بالىلار رومانى: شاكىلات تەملىك يازلىق تەتىل (3)

شاكىلات تەملىك يازلىق تەتىل

(بالىلار رومانى)

تەرجىمە قىلغۇچى: راھىلە بارات

 (بۇ رومان شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتۇ- سۈرەت نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل 2- ئايدا نەشر قىلىندى

سەي شىنيى كېتىدىغان بولدى

 

ھەممىمىز داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدۇق. 6- يىللىق 5- سىنىپتىكى شيا چىڭ پۈتۈن يىللىقلار، ھەتتا پۈتۈن مەكتەپ بويىچە «داڭلىق» قىزبالا ئىدى. ئۇنىڭ يۈزسىزلىكتە نامى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل دوستىنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلەتتى.

شيا چىڭ سەي يىشىننىڭ قوشنىسى ئىدى. لېكىن، سىنىپ باشلىقى سەي يىشىن بىلەن يۈزسىز ئوقۇغۇچى شيا چىڭ ئىككىسى پۈتۈنلەي ئىككى دۇنيا ئىدى.

شيا چىڭ ئادەتتە بەكلا ئۆز بېشىمچى قىز ئىدى، ھېچقايسىمىز ئۇنىڭغا گەپ قىلمايتتۇق. مانا ئەمدىلىكتە ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن QQ توپىمىزغا كىرىپ، ھەممىمىزنى قورقىتىۋەتكەن ئىدى.

– مەن ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپتە كونا ساۋاقداشلاردىن كىم- كىملەرنىڭ بارلىقىنى بالدۇرراق بىلىۋالاي دېگەنتىم شۇ، ھى- ھى-ھى،- شيا چىڭ ھىجىيىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

– بىزمۇ بىلمەيمىز،- مەن ئۇنىڭغا ئېھتىيات قىلىپراق شۇنداق دېدىم.

نېمىشقىكىن، شيا چىڭغا گەپ قىلساملا بۆلەكچە ھاياجانلىنىپ، جىددىيلىشىپ كېتەتتىم.

– 6- ئوتتۇرا مەكتەپتە سەي شىنيى ئوقۇپ قالارمىكىن،- دېدى تاۋ فېيرەن ئۇنىڭغا.

– جانجىگىرىڭلارنىڭ نەدە ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەمسىلەر؟- سورىدى شيا چىڭ.

– قانداق دەيسىز؟- تاۋ فېيرەن ئىككىمىز تەڭلا شۇنداق دەپ سورىدۇق.

شيا چىڭ سەي يىشىننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى شاڭخەيدە ئوقۇيدىغانلىقىنى، بىزنى بۇ ئىشتىن تېخى خەۋىرى بار دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

– سىلەر بەك يېقىن ئۆتەتتىڭلارغۇ؟- دېدى شيا چىڭ.

– ھە، بىز بۇنى راستىنلا بىلمەيدىكەنمىز،- دېدىم مەن،- سىز بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟

شيا چىڭنى بەك يالغانچى دەپ ئاڭلىغاچقا، ئۇنىڭ بىزنى ئالداۋاتقانلىقىغا جەزم قىلدىم.

شيا چىڭ سەي يىشىن ئوقۇماقچى بولغان شاڭخەيدىكى ئۇ مەكتەپنىڭ شياڭگاڭلىقلار قۇرغان بىر ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇ مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئۇ مەكتەپتە قوش تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە چەت ئەلدىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

– مەنمۇ تېخى بايىلا ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ ئاپىسى مېنىڭ ئاپامغا شۇنداق دەپتۇ. سەي شىنيىغا بەك ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ!- شيا چىڭ ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىپ تۇرغان بىر چىراي ئىپادىسى ئەۋەتتى.

«ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى بولغاندىكىن پۇلنى تازا ئالىدىغاندۇ. ئۇلار قانداقسىگە بۇ ئاتاماننى ھەقسىز ئوقۇتماقچى بولۇپ قالدىكىنە؟» مەن بۇنىڭدىن بەكلا گاڭگىراپ قالغانىدىم.

شيا چىڭ مېنى بەك «دۆتكەنسىز» دېدى. ئۇ يەنە نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپىنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى، ئەلا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق قىلغاندا بۇ مەكتەپكە تىزىملىتىدىغانلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى، مەكتەپنىڭمۇ پۇلىنى سۇدەك تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

– ھەي ئېسىت، ئۇلارنىڭ كۆزى ماڭا چۈشمەپتۇ. ئاپامنىڭغۇ ئۇنچىۋالا جىق پۇلى يوق! – دېدى شيا چىڭ ھەسرەت بىلەن،- مېنىڭ شاڭخەيدە بەك ئوقۇغۇم بار ئىدى!

 

ئىككىنچى باب زېرىكىشلىك، مەنىسىز كۈنلەر

 

ئاتامانغا تېلېفون ئۇردۇم

 

ئاتامانغا تېلېفون ئۇردۇم.

-بۇنچە تېز قانداق ئۇقتۇڭ بۇ خەۋەرنى،- دېدى ئۇ.

-شيا چىڭ QQ توپىدا شۇنداق دېدى،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

-ماۋۇ خوتۇننى . . .- دېدى ئاتامان.

بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا مودا گەپ ئىدى. بىر قېتىم بۇ گەپ ئاغزىمدىن چىقىپ كېتىپ قالدى. نەس باسقاندەك، ئاپام بۇ گەپنى ئاڭلاپ قېلىپ مېنى تىللاپ «قان قۇستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكىلى» (قوشۇمچە: ئانام شۇ ئاچچىقىدا قان قۇسۇپ، مېنى ئۆلگۈدەك قورقۇتۇۋەتكەنىدى) تاسلا قالغانىدى.

-شيا چىڭ بۇرۇن ساڭا ئۇنچە قىلىپ كەتمەيتتىغۇ؟ تۇرۇپلا ساڭا يېقىنچىلىق كەتكىنى نېمىسى؟- دېدىم مەن زەردە بىلەن.

-ئۇ ماڭا بەك ھەۋەس قىلىدۇ، مېنىڭ شاڭخەيدە ئوقۇشۇمغا چىدىيالماي قالغان گەپ. ئۇ ھازىر ماڭا يېقىنچىلىق قىلىپ، شاڭخەيگە ئوينىغىلى بارغاندا ئىككىمىز بىللە بازار ئايلانساق دەيدۇ تېخى،- دېدى ئاتامان كۈلۈپ تۇرۇپ.

-بەك قۇۋ جۇمۇ بۇ خوتۇن!- دېدىم خۇرسىنىپ قويۇپ.

-مەنمۇ بەك تەڭقىسلىقتا قالدىم، شاڭخەيگە زادىلا بارغۇم يوق،- دېدى يەنە ئاتامان.

مەن ئۇنىڭ گېپىدىن قاتتىق ھەيران قالدىم:

-شۇنچە تەلىيىڭ كېلىۋاتسا قاچقىنىڭ نېمىسى؟ كاللاڭنىڭ سۈيى بارمۇ نېمە سېنىڭ؟

راستىنى دېسەم، ئۇنىڭغا مېنىڭمۇ ھەۋىسىم كېلىۋاتاتتى. شاڭخەيگە بارالمىساممۇ، ھىندىستانغا بارالىساممۇ مەيلىتتى! ئاتا- ئانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش نېمە دېگەن ياخشى- ھە!

-بارمىساممۇ بولمىغۇدەك، بۇ ئىشتا دادام بىلەن ئانامنىڭ دېگىنى ھېساب. ئۇلار ئەسلىدە مېنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتماقچى بولغان، ھازىر نىشانىنى ئۆزگەرتتى،- دېدى ئاتامان ئىچى پۇشقان ھالدا،- ئەمدى مېنى خارۋارد ياكى ئوكسفوردتا ئوقۇتقۇسى بار ئىكەن.

-پاھ، نېمە دېگەن ئۇلۇغ نىشان بۇ؟- شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بۇرۇقتۇم بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.

ئاتامان شاڭخەيدىكى ھېلىقى مەكتەپنىڭ ئۆزىنى شۇ مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇتىدىغانلىقىنى، نەتىجىسى ياخشى بولسا بىۋاستە دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

-بۇ گەپچىزە، داداڭ- ئاپاڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىمۇ كۆزىگە ئىلمايدىكەن- دە!

-شۇنى دېمەمسەن،- دېدى ئاتامان،- ھازىر دادام دېگەن دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى، ھەتتا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. دادامنىڭ دېيىشىچە، دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنى رەتكە تىزىپ كەلسە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خېلى كەينىگە تىزىلىدىكەن.

-ھەي،- مەن خۇرسىنىپ قويۇپ مومامنى دوراپ گېپىمنى داۋام قىلدىم،- بۇ ئىشنى- زە، قانداق قىلىشىپ كېتەرمىز؟

چوڭلار نېمانداق ئاچكۆز كېلىدىغاندۇ؟ ھېلى ئۇنى دەيدىكەن، ھېلى بۇنى دەيدىكەن، ھەجەپ بىر!

-تۆتەيلەن بىر كۆرۈشەيلى. ئۆيۈمدىن، سىلەردىن ئايرىلىپ ناتونۇش بىر جايغا كېتىدىغانلىقىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ،- دېدى ئاتامان.

 

خۇ جىڭجىڭنىڭ يىغىسى يۈرەكنى ئەزدى

 

ئۈچىنچى كۈنى تۆتىلىمىز تولۇق يىغىلدۇق.

ئۇ ئۈچى 37 گرادۇسلۇق قاتتىق ئىسسىققا قارىماستىن بىزنىڭ ئۆيگە ھاسىراپ- ھۆمىدىگىنىچە يېتىپ كېلىشتى.

خۇ جىڭجىڭ ھەممىدىن كېيىن كەلدى.

-ھەممىنى قىلغان سەن تۆت كۆزلۈك پولات چىش دېگەن نېمە، ھېلى ئۇ كۇرسقا، ھېلى بۇ كۇرسقا بارىمەن دېمىگەن بولساڭ، بۇرۇنلا كۆرۈشكەن بولاتتۇق!- تاۋ فېيرەن خۇ جىڭجىڭنى كۆرۈپ تۈزۈت قىلمايلا شۇنداق دېدى.

-ماڭا نېمە ئامال؟- خۇ جىڭجىڭ ئاق دەستىلىك كۆزەينىكىنى ئۈستىگە ئىتتىرىپ قويۇپ ئامالسىز قالغاندەك قىياپەتتە دېدى،- تەتىلگە چىقار- چىقمايلا ئاپام يېزىقچىلىق كۇرسى، ئولىمپىك ماتېماتىكا كۇرسى، ئېغىز تىلى كۇرسى، خەتتاتلىق كۇرسى، ئۇسسۇل كۇرسى دېگەندەكلەرگە تىزىملىتىۋېتىپتۇ. ئۇسسۇل كۇرسى يەنە تېخى مىللىي ئۇسسۇل سىنپى ۋە بالېت ئۇسسۇلى سىنىپى دەپ ئايرىلىدىكەن . . .

-ۋاي ئانامەي! ئاپاڭنىڭ پۇل بەك جىق ئوخشىمامدۇ!- دېدى تاۋ فېيرەن.

-ھەي، تەتىلگە چىقمىغان ۋاقتىمىزدىكىدىنمۇ بەك ھېرىپ كېتىۋاتىمەن،- دېدى خۇ جىڭجىڭ ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ.

-ھە راست ئاتامان، سەن كېتىدىغان بولدۇڭما؟ بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟- دېدى خۇ جىڭجىڭ ئاغرىنغان قىياپەتتە.

ئۇ قەددىنى رۇسلاپ نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن سەي يىشىنگە تىكىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئاتامان ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى.

سەي يىشىننىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان خۇ جىڭجىڭ تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى: «ھۈ- ھۈ . . . .»

-خۇ جىڭجىڭ، نېمە بولدۇڭ؟

-يولدا بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ- يا؟

ئاتامان ئىككىمىز خۇ جىڭجىڭغا نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدۇق.

-ھۈ . . . ئاتامان، سەن كەتكەندىن كېيىن . . .  سېنى سېغىنىپ كەتسەم قانداق قىلىمەن . . . ھۈ- ھۈ . . .-خۇ جىڭجىڭ تولا يىغلاپ كۆزەينىكىنىمۇ ئېلىپ تاشلىدى.

 

يىغا كۈلكىگە ئايلاندى

 

خۇ جىڭجىڭ يىغىسىدىن ئۈچىلىمىزنىڭ دىمىقى ئېچىشقاندەك بولدى.

-تۆت كىشىلىك گورۇپپىمىزنىڭ تەرەپ- تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدىغىنىنى. . . ياق، چاك- چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدىغىنىنى ئويلىسام، ياق، ئۇنداق دېمەيتتۇق. نېمە دېسەك بولار؟- دېدى تاۋ فېيرەن ئېچىنىشلىق ئاۋازدا.

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۈچىلىمىز ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتۇق.

ئەڭ ھەجىۋىي قىياپەتكە كىرىپ قالغىنى خۇ جىڭجىڭ ئىدى، ئۇنىڭ مەڭزىدە تېخىچە ياش تامچىلىرى ساقىپ تۇراتتى، بۇ ئاز كەلگەندەك كۈلكىسىنى باسالماي بۇرۇنىدىن ئىككى تال لامپۇچكا يېنىپ كەتتى. ئۇ قولى بىلەن كۆزىنى ئېتىۋالغان بولغاچقا بۇرۇنىدىن چىققان ماڭقىسىدىن ھاسىل بولغان لامپۇچكا بۇرۇنىدىن ساڭگىلاپ تۇراتتى.

-ھا- ھا- ھا!- ئۇنىڭ بۇ كۈلكىلىك قىياپىتىنى كۆرۈپ ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

خۇ جىڭجىڭ ئېسىگە كېلىپ يۈگۈرگەن پېتى ئۆيىمىزنىڭ ھاجەتخانىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۈچىمىز ئۇنىڭ كەينىدىن قاقاھلاپ كۈلۈشكىنىمىزچە قاراپلا قالدۇق.

كۈلكىمىز ئەمدى توختىشىغا خۇ جىڭجىڭنىڭ ھاجەتخانىدا «ئاپا . . . » دەپ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئۈچىمىز قاتتىق چۆچۈگىنىمىزچە شۇئان ھاجەتخانىغا كىردۇق. خۇ جىڭجىڭ كۆزەينىكىنى تاقىغىنىچە پولات چىشلىرىنى چىقىرىپ بىزگە قاراپ ھىجاراپ تۇراتتى.

-سەت بولدى، بايا كۆزەينىكىمنى تاقىمىغاچقا يەردىكى ئاۋۇ داغنى شياۋ چياڭمىكىن دەپ قاپتىمەن،- دېدى ئۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممىمىز ئۈچىيىمىز ئۈزۈلگىدەك قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتۇق.

كۈلكىمىز توختىشىغا خۇ جىڭجىڭ قاقشىغان ئاھاڭدا:

-ھەي، ئايرىلىش ھەسرىتى كۈلكەڭلەرنى يوق قىلدى- دە!- دېدى.

-بولدى قىلىشە ۋاپاسىزلار! كېتىپ قالسام سەنلەر مېنى ئەسلەپمۇ قويۇشمايدىغان ئوخشايسەن!- دېدى ئاتامان.

– ھېچقىسى يوق، سېغىنىپ كەتسەك شاڭخەيگە سېنى ئىزدەپ بارىمىز. ئىشقىلىپ، تېز پويىزغا چىقساق ئۈچ سائەتتىلا ئۆزىمىزنى شاڭخەيدە كۆرىمىز،- دېدىم مەن ئاتامانغا تەسەللىي بېرىپ.

-سەن تېز پويىزغا چىقىپ باققانمۇ؟- سورىدى تاۋ فېيرەن مەندىن.

مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.

سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇش- بولماسلىقى بىلەن چاتىقىم يوق. ئىشقىلىپ، تېز پويىز ماڭا بەك يېڭى، چىرايلىق، راھەت بىلىنىدۇ،- مەن سىرلىق تەلەپپۇزدا يەنە قوشۇپ قويدۇم،- لېكىن، ئاڭلىسام تېز پويىزدا يانچۇقچى بەك جىقمىش، مەخسۇس خاتىرە كومپيۇتېر ئوغرىلايدىكەن دەيدۇ.

ھەممىمىز كېتىپ قالدۇق

 

خۇ جىڭجىڭ تامدىكى سائەتكە قاراپ چۆچۈگىنىدىن توۋلاپ تاشلىدى:

-ئاپلا، ۋاقىت ھەجەپ تېز ئۆتۈپ كېتىپتا! ئۆيگە قايتىپ پىيانىنو مەشق قىلمىسام بولمايدۇ!

-ھەي تۆت كۆز پولات چىش، نېرۋاڭ جايىدىمۇ- يا؟ كېلەر- كەلمەيلا ماڭىمەن دەيسەنغۇ؟- دېدى تاۋ فېيرەن دومسىيىپ.

لېكىن، ئاتامانمۇ ئۆيىگە قايتمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئاپىسىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى ئۈچۈن بىر سائەتلا ۋاقىت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بىزگە: «ئاپام مەن شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن ئىنگلىز تىلى دەرسىدە يېتىشەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ مەن ئۈچۈن مەخسۇس ئىنگلىز تىلى ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا دەرسكە ئۈلگۈرۈپ بارمىسام بولمايدۇ» دېدى.

-ۋايجان، نېمانداق كەيپىمىزنى ئۇچۇرىسىلەر!- دېدى تاۋ فېيرەن بىچارىلەرچە،- ھەممەڭلار كېتەمسىلەر؟

-شۇنداق، ئافرىقا خانىشى، سەن قېپقالغىن بولمىسا!- خۇ جىڭجىڭ تاۋ فېيرەننىڭ يۈزىنى چىمدىپ قويۇپ گېپىنى داۋام قىلدى،- ئىشقىلىپ، مەن سەن ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيمەن، ئىككىمىز پارتىداش بولۇپ قالساق ياخشى بولاتتى.

تاۋ فېيرەنمۇ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

-ئۆيگە بېرىپ QQ رىمدا بېقىۋاتقان جانۋىرىمغا قاراپ باقاي!- دېدى تاۋ فېيرەن ماختانغان ھالدا.

-ۋاي خۇدايىم، QQ رىڭدىكى جانۋىرىڭ نېمانداق بىتەلەي، سەندەك ھورۇن نېمىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان؟- دېدى ئاتامان خۇرسىنىپ.

-توغرا، ئۇ جانۋارنى ئەمدى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويمىغىن. گەرچە بىز ئادەم بولساقمۇ لېكىن جانۋارلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلمىسەك بولمايدۇ!- خۇ جىڭجىڭ ئايىغىنى كىيىۋېتىپ، تاۋفېيرەنگە نەسىھەت قىلغان ئاھاڭدا شۇنداق دېدى.

-تولا ئەزمىلىك قىلمىساڭچۇ!- تاۋ فېيرەن نارازىلىق ئىلىكىدە خۇ جىڭجىڭنىڭ پۇتىغا دەسسىدى.

ئۇلار ئەنە شۇنداق قىيا- چىيا قىلىشىپ ئۆيۈمدىن چىقىپ كېتىشتى.

ئىشىك يېپىلىشى بىلەن تەڭ ئۆي ئىچى بۆلەكچە جىمجىتلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى.

(داۋامى بار)

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11520

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-03-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: