پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

1908- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: رۇدورف ئېۋكىن

 

 

1908- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى

رۇدورف ئېۋكىن 

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى

(ئادىمىيلىك ۋە دۇنيا ماھىيىتىنىڭ تەڭلا رېئاللىققا ئايلىنىشى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

 

مۇكاپاتلاش كومېتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى:

ئۇ ھەقىقەت ھەققىدىكى چوڭقۇر ئىزدىنىشچان ئىدىيەسى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، كەڭ نەزەر دائىرىسى ھەمدە تەدبىقلاش قىزغىنلىقى، دادىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسەرلىرىدە ئىدىيالىزملىق ھايات پەلسەپىسىنى شەرھىلەپ بەرگەن.

مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە

رۇدورف ئېۋكىن (Rudorf Eucken، 1846- 1926) گېرمانىيەنىڭ شەرقىي فىرسىيائورىخ شەھىرىدىكى بىر پوچتىخانا باشقۇرغۇچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئانىسى مىسسىيونېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولغاچقا دىنغا بولغان ئىخلاسى بەك كۈچلۈك ئىدى. ئېۋكىن كىچىكىدە كىتاب ئوقۇشقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. 1863- يىلى گوتىنگىن ئۇنىۋېرسىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، بىر مەزگىل بېرلىن ئۇ نىۋېرسىتىتىدىمۇ ئوقۇغان، قەدىمكى زامان پەلسەپىسى ۋە تارىخىغا، بولۇپمۇ ئارستوتېلغا ناھايىتى قىزىققان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1871- يىلى شىۋېتسارىيە باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلەنگەن، 1874- يىلى يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلىنىپ، 1920- يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر شۇ يەردە ئىشلىگەن. شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلىگەن 40 نەچچە يىل جەريانىدا ھەر كۈنى سۈبھى پەيتىدىن بۇرۇن دەريا بويىدىكى ئورمانلىققا بېرىپ دەرس سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا نائىل بولغان. ئېۋكىن ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى «مەنىۋى ھايات پەلسەپىسى» دەپ ئاتىغان، پەلسەپە تارىخىدا ئۇنىڭ پەلسەپىسى ھايات پەلسەپىسىگە تەۋە قىلىنىپ، ۋولتايىر، بېرگسونلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغان. ئۇ پەلسەپە ھەرگىزمۇ ئابىستىراكىت ئۇقۇمنى ئەمەس، بەلكى رېئال ھايات ياكى تۇرمۇشنى مەركەز قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى راۋان، چۈشىنىشلىك بولۇپ، كانت، گېگىلچە مۇرەككەپ، چۈشىنىكسىزلىكتىن خالىي.

ئەسەر ئۈستىدە تەھلىل

ئېۋكىن «ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى» ناملىق بۇ مەشھۇر پەلسەپە ئەسىرىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئاممىباب ئۇسۇلدا تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن بايان قىلغان. ئۇ ياشىغان دەۋردە ماددىي نەتىجىلەر بىلەن قەلب ئىستىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەت ئۇنى ئەڭ ئەندىشىگە سالغان. ئۇ كىشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمگەككە زىيادە بېرىلگەندە دۇنياغا ئېرىشەلىگىنى بىلەن، قەلبىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ھازىرقى «رېئالىزملىق مەدەنىيەت» ھاياتنىڭ تاشقىي ھالىتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەنىۋى ھاياتقا سەل قاراپ قالماستىن، بەلكى كىشىنى تار ئۆرپ- ئادەت دائىرىسىدە چەكلەپ قويۇپ، كەڭ ئالەملىك ھاياتتىن ئايرىپ تاشلايدۇ، كىشىنى «جەمئىيەتتە ياشاش كەيپىياتىنى روھلاندۇرۇپ، مەنىۋى كەمتۈكلۈكنىڭ ئەسەبىي قاينىمىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.» ھالبۇكى، ئېۋكىن ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقۇچى ئەمەس ئىدى، ئۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا بۇنى ھەل قىلىشتىن ئۈمىد بارلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئاساسى مۇنداق ئىدى: «كىشىلەردىكى كەمتۈكلۈك تۇيغۇسى ئەجىبا ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟» مەنىۋىيەت مەسىلىسىدە ھەرقانداق ئىنكارچىلىق ۋە نارازىلىقنىڭ كەينىدە بىر خىل مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئىستەك يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ. كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان كەمتۈكلۈك تۇيغۇسىدىن ئىزتىراپ چېكىدۇ، ئارامسىزلىنىدۇ. مانا مۇشۇ پاكىتنىڭ ئۆزىلا ئىنسانلار تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان ئىنتىلىشنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. كىشىنىڭ تاشقىي تۇرمۇشنىڭ جىمى ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇشقا ئىمكانسىز بولۇشى مۇقەررەركى، تۇرمۇشىمىزنىڭ بىۋاستە مۇھىتتىن يېتىشكە ئامالسىز قالغان چوڭقۇرلۇق سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھازىرقى زامان كىشىلىرى مەنىۋى ھاياتقا زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسى بۇرۇنقى دەۋرلەردىكىدىن ھالقىپ كەتكەن. ئېۋكىن «ھازىرقى زامان كىشىلىرى قانداق قىلغاندا ھاياتنىڭ ئۆزلىرى يوقىتىپ قويغان ئەھمىيىتىنى تاپالايدۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولدى. ئۇ ھەرگىزمۇ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىزگە بىۋاستە ئېيتىپ بەرمەيدۇ، ئەكسىچە بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىمىز ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان كىشىلىرى بۇرۇنقى دەۋر كىشىلىرىدىن ئالدىراش تۇرۇپمۇ يەنە بۇرۇنقى دەۋرلەردىكىدىنمۇ مول بولغان ماددىي تۇرمۇشتىن بەھىرلىنەلەيدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە مەنىسىزلىك ھېس قىلىدۇ؟ مانا بۇ بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا بىر خىل نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا ۋە ئۇنىڭ تاشقىي پائالىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن، ھېس قىلغان ۋە باھا بەرگەن چېغىمىزدا ئۇمۇ تەڭلا مەنىسىزلىك ياكى تويۇنۇش ھېس قىلىدۇ. بۇ نەرسە بىزنىڭ ئىچكى مەنىۋى ھاياتىمىزنىڭ روھىدۇر.

ئېۋكىن ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ مۇھىم يەكۈن شۇكى، بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا ئىچكى مۇستەقىل مەنىۋى ھايات مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئىچكى مەنىۋى ھايات بىزنىڭ تاشقىي تۇرمۇشىمىزدا مۇستەقىل ھالەتتە تۇرغان ئىكەن، ئۇنى تاشقىي تۇرمۇشىمىز ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇ قەيەردىن كەلگەن؟ ئېۋكىن مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۇ ئالەملىك مەنىۋى ھاياتتىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئالەملىك ھاياتنىڭ كىشى ۋۇجۇدىدا ئاشكارىلىنىشىدۇر. ئۇ ھەم ھالقىش خاراكتېرىنى ئالغاچقا «ئومۇميۈزلۈك تەبىئەتتىن ھالقىغان ھايات» بولىدۇ، ھەم ئىچكى ھالەتتە بولۇپ، «بىزنىڭ ھەقىقىي ئۆزلۈكىمىز» دۇر، «ھاياتىمىزنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ماھىيىتىمىزدۇر.» شۇ ۋەجىدىن ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ ئۆز ئارا بىرلىككە كەلگەن ئاساسى بىزنىڭ ئىچكى مەنىۋى ھاياتىمىز، شۇنداقلا ئىنسان تەبىئىيىتى ۋە دۇنيا ماھىيىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاشكارا بولۇشىدۇر.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى

1878- يىل: «يېقىنقى زامان ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى»؛

1887- يىل: «مەنىۋى ھاياتنىڭ ئىنسانلار ئېڭى ۋە ھەرىكىتىدىكى بىرلىكى»؛

1890- يىل: «بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ ھايات قارىشى»؛

1896- يىل: «مەنىۋى ھايات ئۈچۈن كۈرەش»؛

1901- يىل: «دىننىڭ ھەقىقىتى»؛

1906- يىل: «يېڭى بىر كىشىلىك ھايات قارىشىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنلىرى»؛

1907- يىل: «ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى»؛

1912- يىل: «تونۇش ۋە ھايات»؛

1913- يىل: «ھازىرقى زامان ئېتىكىسى بىلەن مەنىۋى ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتى»؛

1914- يىل: «ئېۋكىن ماقالىلىرى توپلىمى»؛

1918- يىل: «ئادەم ۋە دۇنيا ــــ ھايات پەلسەپىسى»؛

1920- يىل: «ھاياتقا نەزەر».

مەشھۇرلارنىڭ باھاسى

«پروفېسسور ئېۋكىننىڭ پەلسەپىسى ئۇ ئكزى دەۋاتقان ھەرىكەت پەلسەپىسىگە ئوخشاش ئەسلىدىنلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تەدبىقلىنىدىغان ھەرىكەت ھالىتىدىكى پەلسەپە. بىز پروفېسسورنى دەۋرنىڭ ئۈلگىسى، ‹مەدەنىيەت پەيلاسوپى› دەپ قارىساق بولۇۋېرىدۇ.»                                     ـــــ خارالد يان

ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى

«ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى»، رۇدورف ئېۋكىن [گېرمانىيە]، ۋەن يى تەرجىمىسى، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى، 1997- يىل نەشرى

«يېڭى ھايات پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى»، رۇدورف ئېۋكىن [گېرمانىيە]، جاڭ يۈەن، جيا ئەنلۇن تەرجىمىسى، جۇڭگو شەھەر نەشرىياتى، 2002- يىل نەشرى

«زامانىۋى ئىدىيە ۋە نەزەرىيە مەسلىسى»، رۇدورف ئېۋكىن [گېرمانىيە]، جېڭ سىچۈەن تەرجىمىسى، پۇقرا نەشرىياتى 1912- يىل نەشرى

شۇ يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر

سىۋىنبۇرن [ئەنگلىيە]

بۇرگېت [فىرانسىيە]

ۋېرخارېن [بېلگىيە]

رۇدورف ئېۋكىن [گېرمانىيە]

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11682

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: