پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئانا مېھرى چەكسىز

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئانا توغرىسىدا مۇنداق ئىككى ھېكايە ئاڭلىغانىدىم؛ بىرى بىر سەرگەردان بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ھېكايە. سەرگەرداننىڭ تۇققان يوقلاش ۋاقتى تۇشۇپ، يۇرتىدىن ئايرىلماق بوپتۇ ۋە ئانىسى ئۇنى ماشىنا بېكىتىگە ئۇزىتىپ بېرىپتۇ، بېكەتتە ئوغلىنىڭ ساياھەت سومىكىسىنىڭ بېغى توساتتىن ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا ماشىنا قوزغىلاي دەپ قالغان بولغاچقا، ئانا شۇھامان ئىشتانبېغىنى يېشىپ، ئوغلىنىڭ سومكىسىنى باغلاپ بېرىپتۇ. ئوغلى ئانسىدىن:« ئەمدى ئۆيگە قانداق كېتىسەن؟» دەپ سوراپتىكەن، ئانسى:« ھېچقىسى يوق، ئاستا مېڭىپ كېتىۋالىمەن» دەپتۇ.

ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئوغۇل ئېنىسىنىڭ ئىشتان بېغىنى يىنىدا ساقلاپ يۈرۈپتۇ. ئۇ ھەمىشە ئانىسىنىڭ باغسىز ئىشتىنىنى قولتۇقلاپ، نەچچە چاقىرىم يولنى بېسىپ، ئۆيگە قانداق قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئويلايدىكەن.

يەنە بىرى جىنايەتچى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ھېكايە. نامراتلار رايونىدىكى بىر ياشانغان ئانا تۈرمىدىكى ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن، يولبويى ئېشەك ھارۋىسى، ماشىنا ۋە پويىزغا ئولتۇرۇپ، مىڭبىر جاپادا تۈرمىگە كەپتۇ. ئانا ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا ئاق خالتىغا قاچىلانغان گازىر مېغىزىنى بېرىپتۇ.

جىنايەتكار ئوغۇل ئانىسىنىڭ قولىدىن گازىر مېغىزىنى ئالغان چېغىدا، قوللىرى ئىختىيارسىز تىتىرەپ كىتىپتۇ. بۇنىڭدىن كۆڭلى بۇزۇلغان ئانا چاپىنىنىڭ پېشى بىلەن ئۈن- تىنسىز ھالدا ياشلىرىنى سۈرتۈپتۇ. ئانا ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن، توخۇ تۇخۇمى بىلەن ماللىرىنى سېتىپ، باشقا نۇرغۇن چىقىملىرىنى تىجەپ يول كىراسى غەملەپ، ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەن ئىكەن. ئانىسى يول ئازابى تارتقىنىغا قارىماي، كەچلەردە جىنچىراغ ئاستىدا ئولتۇرۇپ گازىر مېغىزىنى شۆپۈكىدىن ئايرىيدىكەن، ئايرىلغان گازىر مېغىزى بارغانسېرى ئاۋۇپتۇ، لېكىن ئانىسى ئوغلىغا قىسىنىپ، گازىر مېغىزىدىن بىرەر تالنىمۇ ئاغزىغا سېلىشقا كۆزى قىيماپتۇ. ئانا ئون نەچچە جىڭ گازىرنى ئەنە شۇنداق نۇرغۇن كېچىلەر ئۇخلىماي شاكىلىدىن ئايرىپ چىقىپتۇ.

جىنايەتكار ئوغۇلنىڭ بېشى چۈشۈپ كېتىپتۇ. كۈچ- قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ئەر ئۈچۈن ئانىسىنى بېقىش توغرا كەلسە، ئۇنىڭ شۇنداق قىلالىشى ناتايىن. جىنايەتچىلەرنىڭ يوقلاپ كەلگەن بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا ھېلىقى يىگىتنىڭ ئانىسىنىڭ كىيمىلىرى ئەڭ كونا ئىكەن. شۇنداق، بىر تالدىن بىر تالدىن ئايرىپ چىقىلغان بۇ گازىر مېغىزىغا ئانىنىڭ چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى سىڭگەن. ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئالدىغا «گۈپپىدە» تىزلىنىپتۇ ۋە ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان ھالدا يىغلاپ تاشلاپتۇ.

بىر قېتىم، يېڭىلا توي قىلغان مەن بىلەن قۇرداش بىر دوستۇم ئانىسىدىن ئاغرىنىپ ماڭا: «ئانام ھەمىشە كونا ئىدىيىگە ئېسىلىۋالىدۇ، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق، دائىم كوتۇلدايدۇ!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىككى ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇ بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى ۋە خېلىغىچە گەپ قىلالماي قالدى.  

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11266

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-03-13
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: نەسىر- شېئىر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: