پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى: تولغان بەدەن (32- باب)

تولغان بەدەن
(رومان)
ئاپتورى: مو يەن

 تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت (1- بابتىن 29- بابقىچە) بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات (30- بابتىن ئاخىرىغىچە)  ئىشلىدى.  بلوگىمىزدا روماندىن بىر نەچچە بابنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ئۇلار قولىغا ئۈژمە ياغىچىنىڭ ئەۋرىشىم تايىقىدىن بىر تالدىن ئېلىپ مەكتەپتىن كەنتكە بارىدىغان چىغىر يولدا ئالدىمنى توستى. قىيپاش چۈشۈپ تۇرغان قۇياش نۇرىدا ئۇلارنىڭ يۈزىدە شام يورۇقىغا ئوخشاش سارغۇچ نۇر پارلايتتى. ۋۇ يۈنيۈنىڭ شاپاق دوپپىسى بىلەن بىر تەرىپى مومىدەك ئىششىپ كەتكەن يۈزى، گو چيۇشېڭنىڭ زەھەرخەندە كۆزلىرى، دىڭ جىنگوۋنىڭ قارا مورنى ئەسلىتىدىغان قۇلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كەنتىمىزدە مەككارلىقتا نامى چىققان ۋېي ياڭجياۋنىڭ قاپقارا چىشلىرى كەچكى قۇياشنىڭ ئاجىز نۇرىدا بىر- بىرىدىن پەرقلىق نۇر چاچاتتى. چىغىر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سېسىق سۇ ئاقىدىغان ئېرىقتا پەيلىرى تىرتىيىپ كەتكەن بىر نەچچە ئۆردەك ئۈزۈپ يۈرەتتى. مەن چىغىر يولنىڭ يانتۇ گىرۋىكىنى ياقىلاپ ئۇلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋېدىم، ۋېي ياڭجياۋ ئۈژمە تايىقى بىلەن ئالدىمنى توستى.

ـــ نېمە قىلاي دەيسەن؟ـــ سورىدىم مەن قورقۇمسىراپ.

ـــ نېمە قىلاي دەيسەن دېدىڭما ھارامسۈيدۈك،ـــ دېدى ئۇ پەرۋانىنى ئەسلىتىدىغان ئالغاي كۆزلىرىنى پالدىرلىتىپ قويۇپ،ـــ بىز بۈگۈن قىزىل پاچاقتىن بولغان سەن ھارامسۈيدۈكنىڭ ئوبدان ئەدىپىنى بېرىپ قويماقچى!

ـــ مەن ھېچقاچان سىلەرنىڭ چىشىڭلارغا تېگىدىغان ئىش قىلمىدىمغۇ؟ـــ دېدىم مەن ئەلەم بىلەن.

ۋۇ يۈنيۈ قولىدىكى ئۈژمە تايىقى بىلەن كاسامغا شاڭڭىدە بىرنى سالدى. شۇئان كاسامدا پىچاق تىلغاندەك ئاچچىق بىر ئاغرىق پەيدا بولدى. تۆتى بىر بولۇپ قولىدىكى ئۈژمە تايىقى بىلەن بەدىنىمگە ئايىماي ساۋاشقا باشلىدى. ئاغرىققا چىدىماي ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتىم. ۋېي ياڭجياۋ سۆڭەك ساپلىق يوغان بىر قىڭراقنى چىقىرىپ كۆزۈمنىڭ يېنىغا يېقىن ئەكېلىپ پۇلاڭلاتقاچ تەھدىت تەلەپپۇزىدا دېدى:

ـــ ئاغزىڭنى يۇم! يەنە ھاڭرايدىغان بولساڭ تىلىڭنى كېسىپ، كۆزۈڭنى ئويۇپ، بۇرۇنۇڭنى چۇۋۇۋېتىمەن!

قىڭراقنىڭ بىسىدا چاقناۋاتقان سوغۇق نۇردىن شۈركىنىپ جىم تۇرۇۋالدىم.

ئۇلار كاسامغا تىزلايتتى، ئۈژمە تايىقى بىلەن قورسىقىمغا، پاچىقىمغا شاڭىلدىتىپ سالغاچ تۆت چىلبۆرە بىر قوينى قوغلىغان پەدىدە مېنى كەڭ كەتكەن دالانىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ھەيدىمەكتە ئىدى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئېرىقتىكى سۇ جىممىدە ئاقماقتا، سېسىق سۇنىڭ ھىدى زاۋال چۈشكەنسېرى كۈچەيمەكتە ئىدى، سېسىق سۇ كۆپۈكچىلىرى سۇنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە بۇلدۇقلاپ ئۆرلەپ چىقماقتا ئىدى. ئۇلارغا: «ئاكىلار، مېنى كەتكىلى قويۇڭلار . . . » دەپ نەچچە رەت يېلىندىم. لېكىن بۇ يالۋۇرۇشلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈژمە تايىقى بىلەن ساۋاشلىرى بىلەن تۈگەللىنەتتى. يىغلاپ، زارلاپ باقاتتىم، ۋېي ياڭجياۋنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن يەنە توختاپ قالاتتىم. بىردىنبىر تاللىشىم ئۇلارنىڭ تايىقىغا ئاۋازىمنى چىقارماي جىم تۇرۇپ بېرىش، ئۇلار زورلىغان تەرەپكە قاراپ مېڭىش ئىدى.

قوناق پاسىڭى، شال پاخىلى بىلەن ياسالغان بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، بىر بۈك- باراقسان ئابدىمىلىكزارلىقنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇلار توختاشنى بۇيرىدى. كاسام ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، كاسامنى ھۆل قىلىۋەتكىنى سۈيدۈكمۇ ياكى قانمۇ، ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. ئۇلار قاتار بىر رەت بولۇپ تىزىلىۋالغان بولۇپ، گەۋدىسىنى قىزغۇچ قۇياش نۇرى يورۇتۇپ تۇراتتى. تۆتىنىڭ قولىدىكى ئۈژمە تايىقىنىڭ ئۇچى ئوشتۇلۇپ، قارامتۇل يېرى كۆرۈنۈپ قالغانىدى. ياۋا ئابدىمىلىكنىڭ سېمىز يوپۇرماقلىرى يەلپۈگۈچكە ئوخشاش يوغان ئىدى، سەراتانلار شۇ يۇپۇرماقلارنىڭ ئۈستىدە يوغان قورسىقىنى سۆرەپ ئېچىنىشلىق چىرقىرايتتى. ئابدىمىلىك گۈلىنىڭ زەھەردەك ئاچچىق ھىدىدىن كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى. ۋېي ياڭجياۋ ۋۇ يۈنيۈگە ياخشىچاق بولۇپ:

ـــ دەڭە ئاكا، ماۋۇ گۇينى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ـــ دېدى.

ۋۇ يۈنيۈ ئىششىپ قالغان زاڭىقىنى سىيلاپ قويۇپ غىڭشىق ئاۋازدا دېدى:

ـــ مېنىڭچە، بۇ گۇينى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى!

ـــ بولمايدۇ، بولمايدۇ،ـــ دېدى گو چيۇشېڭ،ـــ ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرى مۇئاۋىن ھاكىم، ئاچىسىمۇ ئەمەلدار. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك بىزمۇ تۈگىشىمىز.

ـــ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى سېسىق سۇ ئۆستىڭىگە تاشلىۋەتسەك، نەچچە كۈندىن كېيىن پايانسىز دېڭىزغا ئېقىپ بېرىپ تاشپاقىلارغا يەم بولىدۇ، ئىنسى- جىن بىلمەي قالىدۇ،ـــ دېدى ۋېي ياڭجياۋ.

ـــ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە مەن قاتناشماي، ئۇنىڭ سى ماكۇ دېگەن قاتىل قېينىئاكىسى ھامىنى بىلىپ قالىدۇ. بىز ئۇنىڭ قېينىئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك، ئۇ ئۆيىمىزدىكىلەرنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ،ـــ دېدى دىڭ جىنگوۋ.

ئۇلار مېنىڭ تەقدىرىمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تالىشىۋاتاتتى، مەن بولسام خىيالىمدا يوق بىر چەتتە قاراپ تۇراتتىم، ۋۇجۇدۇمدا قورقۇنچتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، قېچىپ كېتىشمۇ خىيالىمغا كىرمەيتتى. ئاجايىپ بىر خىل مەستخۇشلۇق ئىلىكىگە چۆمگەنىدىم. ھەتتا يىراق- يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ، شەرقىي جەنۇب تەرەپتىكى قان دېڭىزىنى ئەسلىتىدىغان ئوتلاق ۋە ئالتۇنرەڭ ۋو نيۇلىڭنى، جەنۇب تەرەپتىكى پايانسىز كەتكەن ياپيېشىل زىرائەتلەرنى نەزەر كۆزۈمدىن ئۆتكۈزەتتىم. ئەجدىھانى ئەسلىتىدىغان موشۈي دەرياسى توسمىسى بولۇق ئۆسكەن زىرائەتلەرنىڭ ئۇ تەرىپىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، بىر توپ ئاق قۇش دەريا ئۈستىدە قەغەز پارچىلىرىدەك ئۇيان- بۇيان ئۇچۇپ يۈرەتتى. نۇرغۇن ئىشلار خىيال ئېكرانىمدىن كىنو لېنتىسىدەك بىر- بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى، تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى بۇ دۇنيادا 100 يىل ياشىغاندەك ھېس قىلدىم.

ـــ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، مەن جېنىمدىن تويدۇم.

ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىق ئىلىكىدە چاقناپ كەتتى. ئۇلار بىر- بىرىگە قارىشىۋەتتى- دە، گويا نېمە دەۋاتقىنىمنى چۈشەنمىگەندەك نەزەرىنى بىراقلا ماڭا ئاغدۇرۇشتى.

ـــ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار!ـــ مەن قەتئىيلىك شۇنداق دېدىم- دە، خىتىلداپ يىغلىۋەتتىم. تۇزلۇق كۆز ياشلىرىم ساقىغىنىچە ئۇدۇل بېرىپ ئاغزىمغا كىرىپ كەتتى. بۇ گېپىم ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى. ئۇلار يەنە بىر- بىرىگە قارىشىپ كۆز بېخىشىۋالدى. ئۇلارنىڭ دېلغۇل بولۇپ قالغىنىنى پەملىدىم- دە، تېخىمۇ بەكرەك يالۋۇرۇشقا باشلىدىم:

ـــ غوجا ئاكىلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قانداق ئۆلتۈرسەڭلار ئۆلتۈرۈڭلار، لېكىن جېنىمنى تېزرەك ئېلىڭلار، ئەمدى ئازاپ چەككۈچىلىكىم قالمىدى.

ـــ ئۆزۈڭچە، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە پېتىنالمايدۇ دەپ قالدىڭما؟ـــ ۋۇ يۈنيۈ دىقماق ھەم توم بارماقلىرىنى ئىڭىكىمگە چىنەپ تۇرۇپ كۆزلىرىمگە قادالدى.

ـــ پېتىنالايسىلەر، ئەلۋەتتە پېتىنالايسىلەر، مەن پەقەت سىلەردىن مېنى تېزرەك ئۆلتۈرۈۋېتىشنىلا ئۆتۈنمەكچى،ـــ دېدىم مەن.

ـــ بۇرادەرلەر، بۈگۈن تازىمۇ بىر بۇدۇشقاق شۇمغا دۇچ كېلىپ قاپتىمىز، قارىغاندا ئۆلتۈرۈۋەتمىسەك بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ياقسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ دەپ ئولتۇرماي، ئۇنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى،ـــ دېدى ۋۇ يۈنيۈ.

ـــ ئۆلتۈرگۈڭ بولسا ئۆزۈڭ ئۆلتۈر، مەن ئارىلاشمايمەن،ـــ دېدى گو چيۇشېڭ.

ـــ ھۇ گۇي، بىزگە خائىنلىق قىلماقچىمۇسەن؟ـــ ۋۇ يۈنيۈ گو چيۇشېڭنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ سىلكىدى،ـــ بىز دېگەن بىر تال يىپ ئۈستىدىكى تۆت چېكەتكە، قېچىشىنى ھېچكىم خام خىيال قىلمىسۇن. ئەگەر قېچىپ كېتىمەن دەيدىكەنسەن، ۋاڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىزىنى بوزەك قىلغانلىقىڭنى خەققە دەپ چاۋاڭنى چىتقا يېيىۋېتىمەن.

ـــ بولدى ئاكىلار، ئۇرۇشماڭلار، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشقىمۇ شۇنچىلىك قىلىشىپ كېتەمسىلەر؟ سىلەرگە راست گەپنى دېسەم، شياۋ شىچاۋ كەنتىدىكى ھېلىقى موماينى مەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ موماي بىلەنغۇ ھېچقانداق ئۆچ- ئاداۋىتىم يوقتى، پەقەت شۇ ماۋۇ پىچاقنىڭ كارامىتىنى سىناپ باقاي دەپلا شۇنداق قىلدىم. بۇرۇن ئادەم ئۆلتۈرۈش بەك تەس دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە شۇنچىلىك ئاددىيلا بىر ئىشكەن. ماۋۇ پىچاقنى ئۇ موماينىڭ بىقىنىغا بىرنى تىقىۋېدىم، پىچاق پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا سانجىلغاندەك پورتلا قىلىپ سېپىغىچە كىرىپ كەتتى. پىچاقنى سۇغۇرۇشۇمغا موماي ئىڭراپمۇ قويماي جان ئۈزدى،ـــ دېدى ۋېي ياڭجياۋ پىچاقنىڭ بىسىنى ئىشتىنىغا كاپلاپ قويۇپ،ـــ مانا قاراڭلار.

ئۇ پىچىقىنىڭ ئۇچىنى قورسىقىمغا تەڭلىدى. گويا ياپيېشىل قانلىرىم قورسىقىمدىن بۇلدۇقلاپ ئېقىپ چىققان پېتى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە چاچرىغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم- دە، كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمدۇم. ئۇلار ئۆستەڭ بويىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قولى بىلەن ئوچۇملاپ سۇ ئېلىپ يۈزىدىكى قاننى يۇيۇشتى. ئۇلارنىڭ ئوچۇملىرىدىكى سۇ گىلرەڭ سۈزۈك شېكەر شىرنىسىغا ئوخشايتتى. يۈزلىرى يۇغانسېرى تېخىمۇ مەينەتلىشىپ، كۆرگۈسىز بولۇپ كەتتى. ئۈچەي- باغرىم چاچراپ چىققان قېنىم بىلەن تەڭ ئۇچۇپ چىملىقنى بويلاپ ئۇدۇل ئۆستەڭگىچە سوزۇلدى- دە، ئۆستەڭدىكى سۇنىڭ يۆنىلىشى بىلەن تەڭ ئېخىشقا باشلىدى. ئانام يىغلاپ داد- پەرياد سالغىنىچە ئۆستەڭگە سەكرەپ چۈشتى، ئۈچەي- باغرىمنى سۈزۈپ بىلىكىگە ھالقا قىلىپ يۆگەپ يېنىمغا كەلدى. ئۈچەي- باغرىمنىڭ ئېغىرلىقىدىن نەپەس ئالالماي ھاسىراپ كەتكەن ئانام ھەسرەتلىك كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.

ـــ بالام، ساڭا نېمە بولدى؟

ـــ ئانا، ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى يۈزلىرىمگە سەلدەك ئاقتى، ئانام زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈچەي- باغرىمنى بىردىن- بىردىن قورسىقىمغا تىخىشقا باشلىدى، بەڭۋاش ئۈچەيلىرىم قورسىقىمدىن بۇياقتىن تىقىلسا ئۇياقتىن يېنىپ چىقاتتى. ئانام ئەلەم بىلەن يىغلايتتى. ئۇ ئۈچەي- باغرىمنى قورسىقىمغا ئاخىرى تىقىپ بولدى- دە، چېچىنىڭ ئارىسىدىن يىپ- يىڭنە ئېلىپ، پاختىلىق چاپان تىككەن پەدىگە قورسىقىمنى تىكىشكە باشلىدى. قورسىقىمدىن باشلانغان چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق بىلەن تەڭ چىڭڭىدە يۇمۇلغان كۆزلىرىمنى لاپپىدە ئاچتىم. بايا كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى خىيالىي تۇيغۇلىرىم ئىدى. ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق ئىدى: ئۇلار مېنى تېپىپ يەرگە يىقىتىپ، قىپقىزىل زەكىرىنى چىقىرىپ يۈز- كۆزۈمگە شاقىرىتىپ سىيىشتى. نەملىشىپ كەتكەن زېمىن توختىماي پىرقىرايتتى، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى گويا سۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك سېزەتتىم.

ـــ قېينىئىنىم، قېينىئىنىم!

ـــ قېينىئىنىم، قېينىئىنىم!

ئابدىمىلىكزارلىقنىڭ كەينى تەرىپىدىن سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانىڭ ئېگىز- پەس چوقان- سۈرەنلىرى ئاڭلاندى. ۋارقىراي دېدىم، لېكىن ئاغزىم سۈيدۈك بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار سۈيدۈك چېچىش ئەزاسىنى ھاپىلا- شاپىلا يىغىشتۇرۇشتى- دە، ئىشتانلىرىنى كۆتۈرۈپلا ئابدىمىلىكزارلىقنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى ئېتىشتى.

سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇا كېلىشكەن يىگىت بىلەن چىرايلىق قىزدەك پاخال كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توۋلاشلىرىدىن كەڭ كەتكەن يايلاقتا ئەكىس سادا ياناتتى، بۇنىڭدىن ئىچىم سىيرىلىپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولاتتى. تىرىشىپ- تىرمىشىپ يۈرۈپ سەلگىنە ئۆرە بولدۇميۇ، تولۇق ئورنۇمدىن تۇرۇپ بولمايلا ئالدىمغىلا يىقىلدىم. شا زاۋخۇانىڭ ھاياجان ئىلىكىدە: «ئەنە ئاۋۇ يەردە ئىكەن!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

ئۇلار مېنى قولتۇقۇمدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇشتى. ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئورنۇمدا دەلدۈسلەپ تۇرالمايتتىم. شا زاۋخۇا چىرايىمغا ئۈمچىيىش ئىلىكىدە قارىدى ۋە پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. سى مالياڭ قولى بىلەن كاسامنى سىيلىۋېدى، ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ تاشلىدىم. ئۇ ئالقىنىمدىكى قىپقىزىل، يېشىل قانلار بىلەن يېشىل ئوت- چۆپ ۋە ئۈژمە تايىقىنىڭ سۈيىگە قاراپ چىشىنى غۇچۇلدىتىپ تۇرۇپ:

ـــ ئۇكام، سېنى كىم ئۇرۇپ بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى؟ـــ دېدى.

ـــ ئۇلار . . . – دېدىم مەن.

ـــ ئۇلار دېگىنىڭ كىم؟ـــ سورىدى سى مالياڭ.

ـــ ۋۇ يۈنيۈ، ۋېي ياڭجياۋ، دىڭ جىنگوۋ، يەنە گو چيۇشېڭمۇ بار.

ـــ ئۇكام، بىز ئاۋۋال ئۆيگە قايتايلى. قېينىئانام جىددىيلىشىپ ساراڭ بولايلا دەپ قالدى. ۋۇ فامىلىلىك، ۋېي فامىلىلىك، دىڭ فامىلىلىك، گو فامىلىلىك! سەن ھاراملىقلار ئاڭلاپ تۇرۇش! ھەر قايسىڭ بۈگۈن قېچىپ قۇتۇلغىنىڭ بىلەن ئەتە قېچىپ قۇتۇلالمايسەن! سەنلەر قېينىئىنىمنىڭ بىر تال مويىغا زىيان يەتكۈزگەن بولساڭ، مەن ھەرقايسىڭنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.

سى مالياڭنىڭ ۋارقىراشلىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا تۆتى ئابدىمىلىكزارلىقتىن قاقاھلاپ كۈلۈشكىنىچە چىقىپ كەلدى.

ـــ ئاناڭنى!ـــ دېدى ۋۇ يۈنيۈ،ـــ نەدىن كەلگەن قوڭ چالمىسى سەن؟ ھەجەپ يوغان سۆزلەيسەنغۇ؟

ئۇلار ئېشىلىپ قامچىدەك بولۇپ كەتكەن ئۈژمە تايىقىنى قولىغا ئېلىشىپ، ئىتقا ئوخشاش سەكرىگىنىچە ئېتىلىپ كېلىشتى.

ـــ زاۋ خۇا، سەن ئۇنى يۆلەپ تۇرغىن!ـــ سى مالياڭ مېنى تۈرتۈۋېتىپ ئۆزىدىنمۇ بەستلىك تۆت قاۋانغا تاشلاندى. ئۇنىڭ ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئەلپازىنى كۆرگەن تۆتى قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى، ئۇلار قولىدىكى ئۈژمە تايىقى بىلەن ساۋاپ بولغۇچە سى مالياڭ چۆيۈندەك قاتتىق كاللىسى بىلەن ۋېي ياڭجياۋنىڭ قورسىقىغا كەلتۈرۈپ بىرنى ئۈستى. بايىدىن بېرى ئاغزىدىن پوق ئېقىتىپ ئەپسانە گەپلەر بىلەن ئاھانەت قىلىۋاتقان بۇ چۈپرەندىنىڭ گەۋدىسى قىسماقتەك ئېگىلىپ يەرگە پوكلا يىقىلدى- دە، كىرپىدەك تۈگۈلۈپ كەتتى. ۋۇ، گو، دىڭ فامىلىلىكلەر قولىدىكى ئۈژمە تايىقىنى تەڭلا شىلتىدى، سى مالياڭ بىلىكى بىلەن بېشىنى دالدا قىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا قاچتى. ئۇلار كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلىدى. سى مالياڭنىڭ بايىقى سۈر- ھەيۋىسىنى يىغىشتۇرۇپ بەدەر قاچقىنىنى كۆرگەن ئۈچ لۈكچەك باشقىدىن روھلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى. قويدەك ياۋاش شاڭگۈەن جىنتوڭغا باققاندا بۆرە كۈچىكىنى ئەسلىتىدىغان سى مالياڭ ئوبدانلا كۈلكىلىك ئىدى. ئۇلار مىسكىنلىك قاپلىغان يايلاقتا سۈرەن- چوقان سېلىشقىنىچە قوغلاشما جەڭ قىلماقتا ئىدى. سى مالىياڭنى بۆرە كۈچۈكى دېيىشكە توغرا كەلسە ئۇ ھالدا ۋۇ، گو، دىڭ فامىلىلىكلەر بەستى يوغان ۋەھشىي چىلبۆرىنىڭ ئۆزى ئىدى، لېكىن كالۋالىقى چىرايىغا چىقىپ كەتكەن كۆرۈمسىز تۇرۇقى يەرلىك ئىتقىلا ئوخشايتتى. ۋېي ياڭجياۋ بۆرە بىلەن يەرلىك ئىتنىڭ ئارىلاشمىسىدىن بولغان مەخلۇق بولغاچقا، سى مالياڭ تۇنجى زەربىنى ئۇنىڭدىن باشلىغانىدى. ۋېي ياڭجياۋنى يەر چىشلىتىش ئىتلار توپىنىڭ بېشىنى يانجىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر ئىدى. سى مالياڭ تۇرۇپ ناھايىتى تېز يۈگۈرەيتتى، تۇرۇپ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ توشقاندەك چاققانلىق بىلەن جىددىي كەينىگە بۇرۇلاتتى- دە، ئۇلارنى بىر- بىرلەپ كەينىدە تاشلاپ قوياتتى. ئۇلار جىددىي توختايمەن دەپ نەچچە مەرتەم تىك موللاقمۇ چۈشتى، تىزغا كېلىدىغان ئوت- چۆپلەر خۇددى دولقۇنغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئايىغىدا بىر كۆتۈرۈلۈپ- بىر پەسلەيتتى. قوش مۇشتەك- قوش مۇشتەك ياۋا توشقانلار قورققىنىدىن ئۇۋىلىرىدىن قېچىپ چىخىشتى. توشقانلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي ۋۇ يۈنيۈنىڭ كالامپاي ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىپ قارنى يېرىلىپ كەتتى. سى مالياڭ قېچىپلا يۈرمىدى، ئەكسىچە يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بېرىپمۇ تۇردى. ئۇ جىددىي بۇرۇلۇپ ئۇلاردىن ئۆزىنى سەل چەتكە ئېلىۋالاتتى- دە، ئارىسىدىن بىرسىگە چاقماق تېزلىكىدە زەربە بېرەتتى. ئۇ پاتقاقتىن بىر سىقىم ئېلىپ دىڭ جىنگوۋنىڭ يۈزىگىلا ئاتتى، ۋۇ يۈنيۈنىڭ بوينىنى چىشلەپ ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋەتتى، ھەتتا كۆز باغلاش ھىيلىسىنى ئىشقا سېلىپ گو چيۇشېڭنىڭ چاترىقىدا ساڭگىلاپ تۇرغان پودىقىنى قاتتىق بىر مىجىپ ۋايجىنىنى چىقىرىۋەتتى. ئۈچ قاۋاننىڭ ھەممىسى يارىدار بولدى، سى مالياڭمۇ بېشىغا خېلى جىق تاياق يېدى. ئۇلارنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ قالدى. سى مالياڭ يېنىچە مېڭىپ پاخال كۆۋرۈك تەرەپكە ئاستا چېكىندى. ئۈچ قاۋان بىر يەرگە غۇژمەك بولۇپ ئاغزىدىن كۆپۈك ياندۇرۇشۇپ ئەبجىقى چىكەتكەن ئەسكى شامال ساندۇقىدەك توختىماي ھەسىرەشكىنىچە سى مالياڭنىڭ كەينىدىن ھۇشيارلىق بىلەن ئەگەشتى. ۋېي ياڭجياۋنىڭ نەپسى ئاران ئەسلىگە كەلدى. ئۇ گويا خىرس قىلىۋاتقان مۈشۈككە ئوخشاش قىسماقتەك ئېگىلگىنىچە ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئوت- چۆپ ئارىسىدىن سۆڭەك ساپلىق ھېلىقى يوغان پىچىقىنى قولى بىلەن سىيپاشتۇرۇپ ئىزدەپ يۈرەتتى.

ـــ ئاناڭنى! ھۇ يوتقاننىڭ تېشىدىن بولغان ھاراملىق، سەن ھارامدىن بولغاننى بوغۇزلىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس!ـــ ئۇ پەس ئاۋازدا شۇنداق دەپ تىللىغاچ پىچىقىنى ئىزدىمەكتە ئىدى، بەزگەكتەك غال- غال تىتىرەيتتى. شا زاۋخۇا مايمۇندەك چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ بارغان پېتى پىچاقنى شاققىدە قولىغا ئېلىۋالدى- دە، پىچاقنىڭ سېپىدىن قوش قوللاپ تۇتقىنىچە قېشىمغا كېلىۋالدى. ۋېي ياڭجياۋ ئورنىدىن تۇردى، قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ تەھدىت ئاھاڭىدا دېدى:

ـــ مىللىي مۇناپىقتىن بولغان ھاراملىق، پىچىقىمنى قايتۇرۇپ بەر!

شا زاۋخۇا ئۈندىمىدى، ماڭا تېقىمىنى چاپلىغىنىچە ئاستا كەينىگە داجىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ۋېي ياڭجياۋنىڭ قاداق بېسىپ كەتكەن قولىغا تىكىلگەن ئىدى. ئۇ نەچچە رەت ئالدىمىزغا يۈگۈرۈپ كەلدى، ئەمما پىچاققا يېقىن كەلگەندە يەنە دەرھال كەينىگە داجىدى. بۇ چاغدا سى مالياڭ چېكىنىپ يۈرۈپ پاخال كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە كېلىپ بولغانىدى.

ـــ يامان بولساڭ كېلە، ھۇ ھارام تاشاق، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەيدىغان بولسام سەن ھاراملىقنى! كېلە بۇياققا!ـــ دەپ ۋارقىرىدى ۋۇ يۈنيۈ.

ـــ سەن ھارامتۈكنىڭ ئەدىپىنى ھېلى بېرىمەن!ـــ ۋېي ياڭجياۋ زەھەرخەندىلىك بىلەن شۇنداق دېدى- دە، ياۋا ئابدىمىلىكنىڭ شېخىنى سۇندۇرۇپ ئۆزىگە قورال قىلماقچى بولدى، ئابدىمىلىكنىڭ بىر تال توم شېخىنى مىڭ تەستە سۇندۇردى- دە، ۋىڭ- ۋىڭ ئاۋاز چىقارغىنىچە پاخال كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ ئېتىلدى.

شا زاۋخۇا ماڭا چىڭ چاپلاشتى، مېنى مۇھاپىزەت قىلغاچ پۇلاڭلاپ ئارانلا قالغان پاخال كۆۋرۈك تەرەپكە سىلجىدى، ئۆستەڭ سۈيى تارغىنە كەلگەن كۆۋرۈك ئاستىدا شارقىراپ ئاقماقتا، كۆۋرۈكنىڭ ئاراچلىرىدىن سۇنىڭ سۈرئىتىنى كۆرگىلى بولاتتى، كارپ بېلىقىنىڭ بېلىجانلىرى توپ- توپ بولۇپ جىددىي ئېقىندا توختىماي پىلتىڭلايتتى، بېلىجانلارنىڭ بەزىلىرى شۇ پىلتىڭشىشلىرىدا پاخال كۆۋرۈكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەتتى، بەزىلىرى سۇغا چۈشمەستىن كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قېلىپ ئېچىنىشلىق پىلتىڭلايتتى، ھەر پىلتىڭلىغاندا بېلىجاننىڭ ئەۋرىشىم گەۋدىسى قىسماقتەك ئېگىلەتتى. ئىككى تېقىمىمنىڭ ئارىسى بىر- بىرىگە چاپلىشىپ قالغاندەكلا تۇيۇلاتتى، دولام، كاسام، پاقالچىقىم، بوينۇمغا تولا تاياق تەگكەچكە كۆيۈشۈپ ئاغرىماقتا ئىدى. ھەر قەدەم ئېلىشىمدا بەدىنىم ئىختىيارسىز لەپپەڭشىيتتى، ئۆزۈممۇ تۇيۇمىغان ھالدا ئىڭراپ تاشلايتتىم. بىلىكىم شا زاۋخۇانىڭ بوينىغا ئارتىقلىق ئىدى. ئۇنىڭغا بەك ئېغىرىم چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ بەدىنىمنى شۇنچە رۇسلىماق بولاتتىميۇ، ئامال بولمايتتى.

سى مالياڭ كەنتكە تۇتىشىدىغان يولدا تەمكىنىنى بۇزماستىن يۈگۈرمەكتە ئىدى. كەينىدىكىلەر يېتىشىۋالاي دېسە سۈرئىتىنى سەل تېزلىتەتتى؛ كەينىدىكىلەر ئاستىلاپ قالسا ئۇمۇ تەڭ ئاستىلايتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئېتىزلىقتا تۈرۈم- تۈرۈم بولۇپ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان تۇمانلار كەچكى شەپەقنىڭ نۇرىدا گىلرەڭ تۈس ئالغانىدى، ئۆستەڭنىڭ ھەممىلا يېرىدىن پاقىلارنىڭ ئېغىر- ئېغىر كۇركىراشلىرى ئاڭلىناتتى. ۋېي ياڭجياۋ ۋۇ يۈنيۈگە يېقىن كېلىپ بىر نېمىلەرنى پىچىرلىۋېدى، ئۇلار ئۈچكە بۆلۈنۈپ مېڭىشتى. ۋۇ يۈنيۈ بىلەن گو چيۇشېڭ قوغلاش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى.

ـــ سى مالياڭ، سى مالياڭ، ئوغۇلبالا- ئەركەك دېگەن قاچمايدۇ، نوچى بولساڭ توختا، راۋۇرۇس بىر ئېتىشايلى!ـــ دەپ ۋارقىرىدى ئۇلار.

ـــ ئاكا، تېز قېچىڭ!ـــ ۋارقىرىدى شا زاۋخۇا،ـــ ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەڭ!

ـــ ۋۇ پاسكىنا،ـــ ۋۇ يۈنيۈ كەينىگە بۇرۇلۇپ مۇشتۇمىنى پۇلاڭلاتتى،ـــ ئەدىپىڭنى يېگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ!

شا زاۋخۇا دادىللىق بىلەن ئالدىمغا ئۆتۈپ پىچىقىنى شىلتىپ دېدى:

ـــ كېلە قېنى، سەنلەردىن قورقۇپ قالمايمەن!

ۋۇ يۈنيۈ بىزگە قاراپ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى، شا زاۋخۇا كاسىسى بىلەن نوقۇپ مېنى كەينىگە ئىتتەردى. سى مالياڭ كەينىگە ئۆرۈلۈپ بۇياققا كەلگەچ ۋارقىرىدى:

ـــ ۋۇ ھېلىلە گەدەن تاز، ئۇنى تاك ئېتىپ چېكىدىكەنسەن، دۇفۇ ساتىدىغان سېسىق خوتۇنۇڭنىڭ ئېشىغا زەھەر سېلىۋېتىمەن!

ـــ ئاكا، تېز قېچىڭ!ـــ ۋارقىرايتتى شا زاۋخۇا،ـــ ۋېي، دىڭ فامىلىلىك ئىككى لالما ئىت ئارقا يولىڭىزنى تورىغىلى ماڭدى.

سى مالياڭ قەدىمىنى توختاتتى، ئۇ ئالدى ۋە كەينىدىن تەڭ قاپسىلىپ قالغانىدى. بەلكىم ئۇ ئەتەي ئاشۇنداق توختىۋالغاندەكمۇ قىلاتتى. ئۇ توختىۋېدى، ۋۇ يۈنيۈ بىلەن گو چيۇشېڭمۇ تەڭ توختىدى. ۋېي ياڭجياۋ بىلەن دىڭ جىنگوۋ زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۆستەڭدىن ئاتلىدى- دە، چوڭ يولغا چىقتى. ئۇلارنىڭ پۇتى قارا پاتقاققا مىلەنگەنىدى. ئۇلار يىرتقۇچ قاۋاندەك ئېھتىيات بىلەن قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. سى مالياڭ تەمكىنىنى بۇزماستىن، ناھايىتى بىپەرۋا قىياپەتتە ـــ ئەتەي شۇنداق قىلىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى ـــ بىلىكى بىلەن چېكىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى سۈرتۈپ قويدى. شۇ ئەسنادا كەنت تەرەپتىن ئانامنىڭ توۋلىغان ئاۋازى بوشقىنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى. سى مالياڭ ئۆستەڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئاق قوناق بىلەن كۆممە قوناق ئارىسىدىكى چىغىر يولنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. بۆلەكچە روھلىنىپ كەتكەن ۋېي ياڭجياۋ:

ـــ بولدى بۇرادەرلەر، قوغلايلى!ـــ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇلار ئۆردەككە ئوخشاش ئۆستەڭگە سەكرەپ چۈشتى- دە، ھېلى لاي- پاتقاق، ھېلى سۇ چاچراتقىنىچە سى مالياڭنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. چىغىر يول ئىككى يانغا كەرىلىپ ئۆسكەن ئاققوناق شاخلىرى بىلەن كۆممە قوناق يۇپۇرماقلىرىنىڭ ئارىسىدا بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى. قوناق شاخلىرىنىڭ شالدىر- شۇلدۇرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىتتەك قاۋاشلىرىدىن ئۆزگە ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.

ـــ ئۇكام، مۇشۇ يەردە مومامنى ساقلاپ تۇر، مەن بېرىپ لياڭ ئاكامغا ھەمدەم بولاي.

ـــ زاۋخۇا، مەن قورقىمەن،ـــ دېدىم مەن.

ـــ ئۇكام، قورقما، مومام ھازىرلا يېتىپ كېلىدۇ، موما . . .ـــ دەپ توۋلىدى ئۇ،ـــ ئۇلار لياڭ ئاكامنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، دەرھال توۋلىغىن.

ـــ ئانا، مەن بۇ يەردە! ئانا، مەن بۇ يەردە!

زاۋخۇا قاپيۈرەكلىك بىلەن ئۆستەڭگە سەكرەپ چۈشتى، ئۆستەڭدىكى سۇ ئۇنىڭ كۆكسىگىچە كەلدى، ئۇ پالداق- پۇلدۇق قىلىپ ئۆستەڭدىكى سۇنى چاچراتماقتا ئىدى. ئۇنى سۇدا تۇنجۇقۇپ قالارمىكىن دەپ يۈرىكىم سۇ ئىدى. لېكىن ئۇ ھېلىقى پىچاقنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە قىرغاققا يامىشىپ چىقتى. ئۇزۇن، ئىنچىكە پاچىقىنى چوڭقۇر پاتقاقتىن كۈچەپ تارتىۋېدى، ئايىغى پاتقاق ئىچىدە سېلىنىپ قالدى. ئۇ تونىلنى ئەسلىتىدىغان خىيابان چىغىر يولغا چۈشۈپ، ھەش- پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بولدى.

ئانام موزىيىنى قوغداۋاتقان قېرى ئىنەكتەك ئېرغاڭلىغىنىچە ھاسىراپ- ھۆمىدەپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ زەر يىپنى ئەسلىتىدىغان چاچلىرىدىن ساپسېرىق نۇر ئالغان چېھرى تولىمۇ يېقىملىق كۆرۈنەتتى. «ئانا ـــ» شۇنداق دەپ ۋارقىرىشىم بىلەن تەڭ بايا چالا قالغان كۆز ياشلىرىم سەلدەك ئېخىشقا باشلىدى، ھېلىلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتىم. دەلدۈسلىگىنىمچە ئالدىمغا بىر نەچچە قادەم سىلجىدىم- دە، ئۆزۈمنى ئانامنىڭ تەر بىلەن چىپ- چىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن باغرىغا ئاتتىم.

ـــ ئوغلۇم، سېنى زادى كىم بۇنچە قاتتىق ئۇرۇۋەتتى؟ـــ دەپ سورىدى ئانام يىغلاپ تۇرۇپ.

ـــ ۋۇ يۈنيۈ، ۋېي ياڭجياۋلار ئۇردى. . . ـــ دېدىم مەنمۇ پوتلامنى ئېقىتىپ.

ـــ ھۇ لۈكچەكلەر!ـــ ئانام غەزەب ئىلىكىدە يەنە سورىدى،ـــ ئۇلار قاياققا كەتتى؟

ـــ ئۇلار سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى!ـــ دېدىم مەن ھېلىقى چىغىر يولنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

چىغىر يولنىڭ ئىچىدىن تۈرۈم- تۈرۈم تۇمانلار كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى؛ كىشىگە تولىمۇ سىرلىق كۆرۈنىدىغان بۇ يولنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئۇلاغلارنىڭ مۆرىگەن، كىشنىگەن، ھاڭرىغان ئاۋازلىرى؛ يىراق- يىراقلاردىن گالاچ- گۇلۇچ مۇشتلاشقان، شا زاۋخۇانىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى.

ئانام كەنت تەرەپكە قاراپ قويدى. كەنت تەرەپ قويۇق تۇمان قوينىغا غەرق بولغانىدى، ئىتلارنىڭ ھاۋشىشلىرى گويا سۇنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. ئانام مېنى سۆرىگىنىچە ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماستىن ئۆستەڭگە چۈشتى. ئۆستەڭدىكى ئىللىپ قالغان، بىر قارىسا ماشىنىنىڭ ئاپتۇلىنى ئەسلىتىدىغان قارامتۇل سۇ ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىدىن غۇرۇلداپ كىرىپ يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. بەستى يوغان، پۇتلىرى كىچىك ئانامنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغان پۇتىنى سۆرەپ مېڭىشى تولىمۇ تەسكە توختاۋاتاتتى. ئۇ ئۆستەڭنىڭ قىرىدىكى ياۋا ئوتقا ئېسىلىپ تىرشىپ- تىرمىشىپ يۈرۈپ مىڭ تەستە قاشقا چىقتى.

ئانام قولۇمدىن سۆرىگىنىچە چىغىر يولغا شۇڭغۇدى. ئىڭىشىپ ماڭمىساق بولمايتتى، بېشىمىزنى كۆتۈرسەك ئۆتكۈر قوناق شاخلىرى يۈزىمىزنى تىلىۋېتەتتى، ھەتتا كۆزىمىزنى ناكا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. چىغىر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ياۋا ئوت- چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ كەتكەنىدى، يولنىڭ ھەننىۋا يېرىنى قاپلىغان ئوغرى تىكەن پۇتۇمغا ھەر سانجىلغاندا ئېچىنىشلىق توۋلايتتىم. سۇ تەگكەن يارام قاتتىق ئېچىشاتتى، نەچچە رەت يەردە زوپپىدە ئولتۇرۇپ قالاتتىميۇ، ئانامنىڭ كۈچەپ سۆرىشى بىلەن يەنە ئورنۇمدىن تۇراتتىم. ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىشقا باشلىدى، قاراڭغۇدا نېرىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئاجايىپ- غارايىپ جانۋارلار مىدىراپ يۈرەتتى، بۇ جانۋارلارنىڭ كۆزلىرى ياپيېشىل، تىللىرى قىپقىزىل ئىدى، ئۇچلۇق بۇرۇنلىرىدىن پۇشقۇرغان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى. ئۆزۈمنى گويا رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ۋەيلۇن دوزاقتا تۇرۇۋاتقاندەك سېزەتتىم، قولۇمنى چىڭڭىدە تۇتۇپ كالىدەك پۇشۇلداپ، جىمى نەرسىنى تامام ئۇنۇتقان ھالدا ئالدىغا سىلجىۋاتقىنى ئەجىبا مېنىڭ ئاناممىكىنە؟ ئانامنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ مېنى دوزاخقا سۆرىگىلى ماڭغان دوزاخ مۇئەككىلى ئەمەستۇ- ھە؟ تولا تارتىلىۋېرىپ ئاغرىپ كەتكەن قولۇمنى تارتىۋالماقچى بولاتتىم- يۇ، كۈچىنىشلىرىم ئۇنىڭ مېنى تېخىمۇ كۈچەپ سۆرەشلىرى بىلەن تۈگەللىنەتتى.

قورقۇنچلۇق چىغىر يولنىڭ ھەرھالدا ئايىغى چىققانمۇ بولدى. چىغىر يولنىڭ جەنۇب تەرىپى ياپيېشىل ئورمانلىقتەك كۆرۈنىدىغان كۆز يەتكۈسىز قوناقلىق ئىدى، ئوڭ تەرەپتە تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىق كۆرۈندى. ئاداققى قۇياش غەرب تامان باش قويماقتا، قاقاسلىقتىكى تۇمۇزغىلار گويا خور ئېيتىۋاتقاندەك بەس- بەستە چىرىلدىماقتا ئىدى. پىششىق خىشتىن قوپۇرۇلغان بىر تاشلاندۇق خۇمدانلىق قىزىل رەڭگى بىلەن بىزنى قىزغىن قارشى ئالماقتا ئىدى. خۇمدانلىقنىڭ كەينىدە سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇا ھېلىقى تۆت قاۋان بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلماقتا ئىدى. دۈشمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ لاگېرى بولمىش بىر رەت خام كېسەكنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋېلىپ قارشى تەرەپكە ھەدەپ كېسەك ئاتاتتى. سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانىڭ بىر قاراشتىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئادىمى ئاز، كۈچى ئاجىز، بىلەكلىرى چوكىدەك ئىنچىكە ئىدى. ۋۇ يۈنيۈ تەرەپتىكىلەر تۆتى بىرلىشىپ ئالدىغا دۆۋىلىۋالغان كېسەك پارچىلىرىنى توختىماي ئېتىپ، سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇاغا باش كۆتۈرۈشكىمۇ ئىمكان بەرمەيۋاتاتتى.

ـــ قولۇڭنى تارت! خەقنى بوزەك قىلىشنى كىم قويدى سەن ھايۋانلارغا!ـــ دەپ ۋارقىرىدى ئانام.

خىش ئېتىش بىلەن مەلەك بولۇپ كەتكەن تۆت قاۋان ئانامنىڭ تىللاشلىرىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى، ئۇلار توختىماي خىش ئاتقاچ خام كىسەكتىن قوپۇرۇلغان تامدىن ئەگىپ ئۆتۈپ سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانىڭ ئىستىھكامىنى ئاستا- ئاستا مۇھاسىرىگە ئېلىشقا باشلىدى. سى مالياڭ شا زاۋخۇانى سۆرەپ ئىڭىشكىنىچە ھېلىقى خۇمدانلىق تەرەپكە قاراپ ئۆلەر- تىرىلىشىگە قارىماي قاچتى، بىر پارچە كېسەك شا زاۋخۇانىڭ بېشىغىلا تەگدى، ئۇ «ۋايجان» دېگىنىچە ھۇشىدىن كەتكەندەك لەسسىدە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ قولىدا سۆڭەك ساپلىق ھېلىقى پىچاق ھېلىھەم بار ئىدى.

سى مالياڭ قولىغا خىش پارچىسىدىن ئىككى تال ئېلىپ خام كىسەكتىن قوپۇرۇلغان تامنىڭ نېرىسىغا ئۆتتى- دە، خىشنى رەقىبىگە قارىتىپ زەرب بىلەن ئېتىۋېدى، ئۇلار شاققىدە ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىۋالدى. ئانام مېنى قوناقلىققا مۆكتۈرۈپ قويۇپ، قولىنى خۇددى ياڭگېر ئۇسسۇلى ئوينىغان پەدىدە پۇلاڭلاتقىنىچە ئۇلارغا قاراپ ئېتىلدى. ئۇنىڭ ئايىغى پاتقاققا پېتىپ قالدى. ئۇ كىچىك پۇتلىرىنى تولىمۇ تەستە سۆرەپ ماڭاتتى، قەدىمىنى ھەربىر يۆتكىگىنىدە تاپىنىنىڭ ئاستىدىكى پاتقاقتىن بىر قاتار ئورەك پەيدا بولاتتى.

كېسەك تامنىڭ ئۇ بېشىدا سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى، ئۇلار قول تۇتۇشۇپ خۇمدانلىق تەرەپكە مۈدۈرۈپ- چوقۇرغىنىچە يۈگۈرمەكتە ئىدى. قىپقىزىل تولۇنئاي كۆكتە ئاستاغىنە جامالىنى نامايىش قىلدى، سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانىڭ كۆلەڭگىسى يەردە مىدىراپ يۈرەتتى. تۆت قاۋاننىڭ كۆلەڭگىسى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن كۆرۈنەتتى. ئۇلار گويا پۇتىغا پۇرژىنا بېكىتىۋالغاندەك ئۇچقاندەك تېز يۈگۈرۈپ ئانامنى خېلى يىراقتا تاشلاپ قويدى. شا زاۋخۇا سى مالياڭغا ئېسىلىپ ماڭغاچقا ئۇلارنىڭ يولى ھېچ ئاۋۇمايۋاتاتتى. خۇمدانلىقنىڭ ئالدىدىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان تاقىر بوشلۇقتا ۋېي ياڭجياۋ سى مالياڭنى بىر خىش قويۇپلا تىك موللاق چۈشۈرۈۋەتتى. شا زاۋخۇا پىچاقنى تىقىش ئۈچۈن ۋېي ياڭجياۋغا ئېتىلدى. ۋېي ياڭجياۋ چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ پىچىقى بىكارغا كەتتى، ۋۇ يۈنيۈ ئۇنى بىرنى تېپىپ يىقىتىۋەتتى.

ـــ قولۇڭنى تارت!ـــ دەپ ۋارقىرىدى ئانام.

تۆتى ئولجىغا تاشلانغان تازقارا قاناتلىرىنى كەرىپ ھەملە قىلغاندەك سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانى مۇشت- پەشۋاغا كۆمۈۋەتتى. شا زاۋخۇا تاياق دەستىدىن ئىڭراپ دات- پەرياد سېلىپ يىغلايتتى، سى مالياڭ ئۈنچىقماي جىممىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ گەۋدىسى يەردە ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا دومىلايتتى. ئايدىڭدا بۇ تۆت خۇمپەرنىڭ ھەرىكىتى گويا غەلىتە بىر خىل ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى.

ئانام يىقىلىپ كەتتىيۇ، يەنە قەيسەرلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ قوللىرى ۋېي ياڭجياۋنىڭ يەلكىسىدىن چىڭڭىدە قاماللىدى. ۋېي ياڭجياۋ دېگەن تۈلكىدەك ھىيلىگەر، زەھەرخەندە خۇمپەر ئىككى جەينىكى بىلەن ئانامنىڭ كۆكسىگە جەينەكلىۋېدى، ئانام داد- پەرياد سالغىنىچە كەينىگە داجىپ يەرگە زوپپىدە ئولتۇرۇپ قالدى. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ يۈزۈمنى لايغا چاپلاپ ياتاتتىم. كۆز چاناقلىرىمدىن قاپقارا قانلار شۇرقىراپ ئاققاندەك تۇيۇلدى.

ئۇلار سى مالياڭنى پەشۋالاشتىن ھېچ توختاي دېمەيتتى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىكى مۇشتلىشىش دەرىجىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنىدى. شۇ تاپتا سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. شۇ ئەسنادا بەستلىك، گروي كەلگەن، چاچلىرى پاخپىيىپ يۈزلىرىنى قويۇق ساقال باسقان، يۈز- كۆزىدىن تارتىپ پۈتۈن ئەزايى كۆمۈر توزاندىسى بىلەن قاپقارا بولۇپ كەتكەن بىر كىشى ئەسكى خۇمداندىن ئۆمىلەپ چىقتى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى سەل كالامپاي، بەل- پۇتلىرى سەل قېتىشىپ قالغانىدى. ئۇ خۇمداندىن ئۆمىلەپ چىقتى- دە، بازغاندەك يوغان مۇشتۇمى بىلەن بىرنى قويۇپ ۋۇ يۈنيۈنىڭ تاغىقىنى سۇندۇرۇۋەتتى. بۇ قاپاق نوچى ۋايجانلىغىنىچە يەردە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى، قالغان ئۈچىمۇ سى مالياڭنى پەشۋالاشتىن توختىدى. ۋېي ياڭجياۋ قورققىنىدىن «سى ماكۇ!» دەپ توۋلىۋەتتى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپلا قاچاي دېدى- يۇ، سى ماكۇنىڭ غەزەب بىلەن ھۆركىرىشىدىن تۈز يولدا كېتىۋېتپ مىناغا دەسسىۋالغان كىشىدەك جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. سى ماكۇ تۆمۈردەك قاتتىق مۇشتۇمى بىلەن دىڭ جىنگوۋنى بىرنى قويۇپ كۆزىنى قۇيۇۋەتتى، ئىككىنچى مۇشتى بىلەن گو چيۇشېڭنىڭ ئاغزىدىن ماغزاپ ياندۇرۇۋەتتى. ئۈچىنچى مۇشتۇمىنى كۆتۈرەي دەپ تۇرۇشىغا ۋېي ياڭجياۋ ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلاندى- دە، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ: «ۋاي غوجام، جېنىم غوجام، مېنى كەچۈرۈڭ. ئۇلار مېنى زورلاپ ئەكەلدى. كەلگىلى ئۇنىمىسام، ئۇرۇپ چىشىمنى قانىتىۋەتتى. جېنىم غوجام، مېنى كەچۈرۈۋېتىڭ …» دەپ يېلىندى. سى ماكۇ دېلغۇللۇق ئىلىكىدە بىرنى تېپىۋېدى، ۋېي ياڭجياۋ ئارقىسىغا دومىلاپ كەتتى- دە، توشقاندەك چاققانلىق بىلەن پارتتىدە تىكىۋەتتى. ئۇ شۇ قېچىشىدا بىر دەمدىلا كەنتكە تۇتىشىدىغان يولغا چىقىپ ئىتنىڭ قاۋاشلىرىنى ئەسلىتىدىغان ئاۋازى بىلەن:

ـــ سى ماكۇنى تۇتۇڭلار، يۇرتىغا قايتقان تۈەننىڭ ئاتامانى سى ماكۇ قايتىپ كەپتۇ، سى ماكۇنى تۇتۇڭلار!ـــ دەپ ۋارقىرىدى.

سى ماكۇ ئاۋۋال سى مالياڭ بىلەن شا زاۋخۇانى، ئاندىن ئانامنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.

ـــ سەن . . . سەن ئادەممۇ ياكى جىن- ئالۋاستىمۇ؟ـــ دەپ سورىدى ئانام دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.

ـــ ۋاي قېيىنىئانا،ـــ سى ماكۇ ئېسەدەپ يىغلىۋەتتى ۋە يىغىسىنى ناھايىتى تېزلا توختىتىۋالدى.

ـــ دادا، بۇ راستىنلا سەنمۇ؟ـــ توۋلىۋەتتى سى مالياڭ.

ـــ يارايسەن ئوغلۇم!ـــ دېدى سى ماكۇ.

ـــ قېينىئانا، ئۆيدە يەنە كىملەر بار؟ـــ سورىدى سى ماكۇ.

ـــ بولدى سورىمايلا قويۇڭ!ـــ دېدى ئانام تىت- تىت بولۇپ،ـــ دەرھال قېچىڭ!

كەنت تەرەپتىن ئەنسىز جاڭ ئاۋازى بىلەن پاراسلاپ ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.

سى ماكۇ ۋۇ يۈنيۈنى قاماللاپ تۇرۇپ زەردە بىلەن دېدى:

ـــ ۋۇ ئىتنىڭ بالىسى، كەنتتىكى گىزەندىلەرگە دەپ قوي. پېقىر سى ماكۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى كىم تاك ئېتىپ چېكىدىكەن، مەن ئۇنداق گۇيلارنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن! گېپىمنى ئېسىڭدە تۇتتۇڭمۇ؟

ـــ ئېسىمدە تۇتتۇم، ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم . . .ـــ دېدى ۋۇ يۈنيۈ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي.

سى ماكۇ قولىنى بوشىتىۋېدى، ۋۇ يۈنيۈ يەردە زوپپىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

ـــ تېز قېچىڭ! ئابا- ئەجدادلىرىڭ . . .ـــ ئانام يەرنى شاپىلاقىلاپ تۇرۇپ ئۇنى ئالدىراتماقتا ئىدى.

ـــ دادا، مەنمۇ سەن بىلەن كېتىمەن. . .ـــ دېدى سى مالياڭ يىغلاپ تۇرۇپ.

ـــ جېنىم بالام، سەن موماڭ بىلەن كەتكىن،ـــ دېدى سى ماكۇ.

ـــ دادا، ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن. . .ـــ دېدى سى مالياڭ.

ـــ لياڭئېر، داداڭغا ئەگىشىۋالما، ئۇنى تېز ماڭغىلى قويغىن!ـــ دېدى ئانام.

سى ماكۇ ئانامنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ باش ئۇرۇپ، ئايانچلىق ئاۋازدا دېدى:

ـــ ئانا! بالىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇم! پېقىر سى ماكۇ سىلىگە جىق قەرزدار، بۇ قەرزلىرىمنى بۇ دۇنيادا قايتۇرۇپ بولالمىسام، ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ قايتۇرىمەن!

ـــ فېڭئېر بىلەن خۇاڭئېرغا ياخشى ئاتىدارچىلىق قىلالمىدىم، بۇنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ . . .ـــ دېدى ئانام يىغلاپ تۇرۇپ.

ـــ ئۇنى سىلىدىن كۆرمەيمەن، ئۇلارنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بولدۇم،ـــ دېدى سى ماكۇ.

ـــ ئەمدى مېڭىڭ، تېز مېڭىڭ، يىراق- يىراقلارغا كېتىڭ. ئۆچ- ئاداۋەت، ئاغرىنىشلارنى قويۇپ قانچە يىراققا كەتسىڭىز شۇنچە ياخشى . . .ـــ دېدى ئانام.

سى ماكۇ ئورنىدىن تۇرۇپ خۇمداننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداندىن ئۇچىسىغا پاختىلىق جۇۋا كىيىپ، قوينىغا يىنىك تىپتىكى پىلىموتتىن بىرنى تىققىنىچە يېنىپ چىقتى؛ بېلىگىمۇ قاتارلاشتۇرۇپ كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئوقلارنى ئېسىۋالغانىدى. ئۇ غىپپىدە قوناقلىققا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. قوناقلىق شالدىرلاپ كەتتى.

ـــ بىر ئېغىز گېپىمنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، قانچە يىراققا كەتسىڭىز مەيلى، لېكىن قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرمەڭ!ـــ دېدى ئانام.

قوناقلىق جىمىپ قالدى. ئاي نۇرى ئەتراپنى تەكشى يورۇتۇپ تۇراتتى. كەنت تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ دېڭىز دولقۇنىنى ئەسلىتىدىغان چوقان- سۈرەنلىرى ئاڭلانماقتا ئىدى.

كەنتتىكى خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن رايوننىڭ ساقچىلىرى بىرلىرى پانۇس، بىرلىرى مەشئەل ياندۇرۇپ، قولىدا مىلتىق، قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە كۆتۈرگىنىچە ئەسكى خۇمدانلىقنىڭ ئالدىغا تۇشمۇتۇشتىن يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار قالتىس ھەيۋە- پوپۇزا بىلەن خۇمداننى قورشىۋالدى. ياڭ فامىلىلىك سۇلياۋ پۇت سېلىۋالغان ساقچى بىر دۆۋە كېسەكنىڭ ئۈستىدە دۈم يېتىپ تۇرۇپ قەلەي كاناي بىلەن خۇمداننىڭ ئىچىگە قارىتىپ ۋارقىرىدى:

ـــ سى ماكۇ! تەسلىم بولغىن! ئەمدى قاچالمايسەن!

ئۇ بىر ئاش پىشىم توۋلىدى، لېكىن خۇمداننىڭ ئىچىدىن ھېچقانداق شەپە بولمىدى. ساقچى ياڭ تاپانچىسىنى قېپىدىن چىقىرىپ، خۇمداننىڭ قاپقاراڭغۇ كامىرىغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئاتتى. كاماردىن ئوقنىڭ پاڭ- پاڭ قىلغان ئەكس ساداسى ياڭرىدى.

ـــ گىراناتنى ئەكېلىڭلار!ـــ دەپ توۋلىدى ساقچى كەينىدىكىلەرگە. بىر خەلق ئەسكىرى كەسلەنچۈكتەك يەر بېغىرلىغىنىچە يېتىپ كەلدى- دە، قوينىدىن يوغان سېپى بار ئىككى گىراناتنى چىقىرىپ ساقچى ياڭغا بەردى. ساقچى گىراناتنىڭ پىلىكىنى تارتىپ بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ خۇمداننىڭ ئىچىگە تاشلىدى، ئاندىن يەرگە چىڭ چاپلىشىپ گىراناتنىڭ پارتلىشىنى كۈتۈپ ياتتى. گىرانات پارتلىدى. ئۇ گىراناتنىڭ يەنە بىرىنىمۇ ئاتتى، ئۇمۇ پارتلىدى. گىراناتنىڭ پارتلىغان ئاۋازى ئاستا- ئاستا پەسلەپ، خۇمدان ئىچى تېخىمۇ تىمتاسلىققا چۆمدى. ساقچى ياڭ قەلەي كانايدا يەنە توۋلىدى:

ـــ سى ماكۇ، قورال تاپشۇرساڭ ئاتمايمەن! ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىمىز! . . .ـــ ئۇ شۇنچە ۋارقىرىسىمۇ چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىشى بىلەن يىراقلاردىكى ئۆستەڭدىكى پاقىلارنىڭ بەس- بەستە كۇركىراشلىرىدىن بۆلەك ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.

ساقچى ياڭ ئۆزىگە غەيرەت بېرىپ ئورنىدىن تۇردى- دە، بىر قولىدا قولچىراغ، يەنە بىر قولىدا تاپانچىسىنىڭ قېپىنى تۇتۇپ كەينىدىكىلەرگە «كەينىمدىن مېڭىڭلار!» دەپ توۋلىدى. يۈرەكلىكرەك خەلق ئەسكىرىدىن ئىككىسى بىرى مىلتىق، يەنە بىرى قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە تۇتقىنىچە ساقچى ياڭنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپ ماڭدى. ساقچى ياڭ قەدىمىنى ھەر يۆتكىگەندە سۇلياۋ پۇتى غىچىرلاپ كېتەتتى، گەۋدىسىمۇ تەڭ قىيسىياتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق خىرامان ھالەتتە كونا خۇمدانلىقنىڭ ئىچىگە كىردىيۇ، ھايالشىمايلا يېنىپ چىقتى.

ـــ ۋېي ياڭجياۋ!ـــ ھۆركىرىدى ساقچى،ـــ قېنى ئۇ ئادەم؟

ـــ تەڭرى گۇۋاھ، سى ماكۇ مۇشۇ خۇمدانلىقتىن چىققان. ئىشەنمىسەڭلار، ئىشەنمىسەڭلار ئۇلاردىن سوراپ بېقىڭلار!

ـــ مۇشۇ خۇمدانلىقتىن راستىنلا سى ماكۇ چىقتىما؟ـــ ساقچى ياڭ ۋۇ يۈنيۈ بىلەن گو چيۇشېڭغا مىختەك قادىلىپ ـــ دىڭ جىنگوۋ يەردە تېخىچە ھۇشسىز ياتاتتى ـــ غەزەب بىلەن سورىدى،ـــ خاتا كۆرۈپ قالمىغانسىلەر؟

ۋۇ يۈنيۈ قورقۇنچ ئىلىكىدە قوناقلىققا قاراپ قويدى- دە، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ: «شۇنداق ئوخشايدۇ . . . » دېدى.

ـــ بىر ئادەممىكەن؟ـــ سورىدى ساقچى ياڭ كەينىدىن ئۇلاپلا.

ـــ شۇنداق، ئۆزى يالغۇز بىر ئادەم . . .

ـــ قورالى بارمىكەن؟

ـــ پىلىموتتىن بىرنى كۆتۈرۈۋالغاندەك قىلىدۇ . . . بەدىنىگە تېخى بىر تىزىق ئوقمۇ يۆگىۋاپتۇ . . .

ۋۇ يۈنيۈنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ساقچى ياڭ بىلەن ئون نەچچە خەلق ئەسكىرى قاپبەلدىن ئورۇۋېتىلگەن ئوت- چۆپتەك تەڭلا ئۆزىنى يەرگە ئاتتى.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11910

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: رومان
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: