پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

مويەننىڭ رومانى «تولغان بەدەن» نەشردىن چىقتى

2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەننىڭ «تولغان بەدەن»

ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىندى

 

ھەزرىتى ئەلى بارات

2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى مويەننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ــــ «تولغان بەدەن» ناملىق رومان خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىندى. رومان «شەرقىي شىمال قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن دەسلەپتە ئۈچ توم بولۇپ نەشر قىلىندى، كىتابخانىلارغا سېلىنىدىغان نۇسخسى ئىككى توم بولۇپ نەشر قىلىنىدۇ، پات يېقىندا كىتابخانىغا سېلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تىلى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، مويەننىڭ تىل ئۇسلۇبى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان، كۆپىنچە يەرلىرىدە شەندوڭ شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىنىڭ شىۋىسى ئىشلىتىلگەن. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى «مەن» مەركەز قىلىپ قانات يايىدۇ. ئاپتور روماندا ئۆز يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئاجايىپ- غارايىپ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى يۈكسەك تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسەرنى ئوقۇسىڭىز، گاھ كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان بولمىغۇر ۋەقەلەردىن ھەيران بولۇپ ياقىڭىزنى چىشلىسىڭىز، گاھ ناھايىتى ئىنچىكە تىل تەسۋىرلىرىدىن ھوزۇر ئىلىكىدە ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلايسىز. ئەسەر مويەننىڭ روشەن تىل ئىشلىتىش خاسلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىمۇ ئاپتورنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلىندى. تەرجىمىسىنى ئوسمانجان مۇھەممەت بىلەن ھەزرىتى ئەلى بارات ئىشلىدى.

ئاپتورنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

مويەن، ئەسلى ئىسىمى گۈەن مويې، 1955- يىلى شەندوڭنىڭ گاۋمى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر يازغۇچىسى. 1980- يىللاردا يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى بىلەن باش كۆتۈرگەن، ئەسەرلىرى «يېزىنى سېغىنىش» بىلەن «يېزىدىن ئاغرىنىش» تەك مۇرەككەپ تۇيغۇ بىلەن تولغاچقا «يىلتىزىنى ئىزدەش ئەدەبىياتى» نىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى دەپ قارالغان، سېھرىي رىيالىزمنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. مويەن ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزگىچە بولغان سۇبيېكتىپ ھېس- تۇيغۇ دۇنياسىنى، زىيادە سىرلىق، تەجرىبىدىن ھالقىغان ئوبيېكتىپ دۇنيانى يارىتىدۇ، ئەركىن بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، ئەسەرلىرىدە يەنە روشەن «ئاۋانگارتلىق» خۇسۇسىيەتمۇ تېپىلىدۇ. 2011- يىل ئاۋغۇستتا «پاقا» ناملىق رومانى بىلەن 8- نۆۋەتلىك ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى (جۇڭگودىكى ئەڭ مەشھۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى) غا ئېرىشىدۇ. 2012- يىلى 11- ئۆكتەبىردە ئۆز ئەسەرلىرىدە سېھرىي رىيالىزمنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، تارىخ ۋە زامانىۋىلىق بىلەن يۇغۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مويەننىڭ ئەسەرلىرى يەنە «بىرلەشمە ئەدەبىيات مۇكاپاتى» (جۇڭگو تەيۋەن)، «خەنزۇ ئەدەبىياتى مېدىيە مۇكاپاتى: يىللىق مەشھۇر ئەسەر مۇكاپاتى»، فىرانسىيە «لائۇر باتايلىن چەت ئەل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»، «فىرانسىيە مەدەنىيەت- سەنئەت رېتسارلار ئوردېنى» مۇكاپاتى، ئىتالىيە «نونىنو خەلقئارا ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، ياپونىيە «فۇكوكا ئاسىيا مەدەنىيەت مۇكاپاتى»، جۇڭگو شياڭگاڭ چىنخۇي ئۇنىۋېرسىتېتى «دۇنيا خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىنغان رومان مۇكاپاتى ـــ قىزىل راۋاقتىكى چۈش مۇكاپاتى»، ئامېرىكا «نيۇمەن خەنزۇ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قىزىل قوناق جەمەتى»، «مەي بەگلىكى»، «تولغان بەدەن»، «سەندەل جازاسى»، «ھايات- ماماتلىق چارچاش»، «پاقا» قاتارلىق 11 پارچە رومانى، «سۈزۈك سەۋزە»، «قومانداننىڭ ئايالى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېستى، سەھنە ئەسىرى، نەسىرى بار. «تولغان بەدەن» ناملىق بۇ رومان مويەننىڭ رومان ئىجادىيىتىدىكى، شۇنداقلا جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بىر زور بۆسۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئىنگلىز، فىرانسۇز، گېرمان، ئىتالىيان، ياپۇن، ئىسپان، رۇس، كورىيان، گوللاند، شىۋېت، نورۋىگ، پولەك، ئەرەب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىدە ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.

روماننىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

«تولغان بەدەن» مويەننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، شۇنداقلا سەھىپىسى ئەڭ ئۇزۇن ئەسىرىدۇر. 1997- يىلى مەزكۇر رومان جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتى «ئاۋام ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان، شۇنداقلا قاتتىق بەس- مۇنازىرە پەيدا قىلغان. قاينام- تاشقىنلىققا تولغان بىر تارىخىي ئېپوس خاراكتېرلىك بۇ بۈيۈك ئەسەردە ئاپتور شىمالدىكى بىپايان زېمىندا بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن تارىخىي بوران- چاپقۇن، ئۇرۇشنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى بىلەن تولغان بىر مەزگىللىك تارىخنى لىللا مەيدان، يۈكسەك بەدىئىي تەسەۋۋۇر نۇقتىسىدا تۇرۇپ چىنلىق بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. روماندا يەنە ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى مەزگىلگىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان، قاينام- تاشقىنلىق تارىخ ناھايىتى كەڭ- كۇشادە تەسۋىرلەنگەن. روماندا «ئانا» تولىمۇ مۇشەققەت ئىچىدە باش پېرسۇناژ شاڭگۈەن جىنتوڭ ۋە ئۇنىڭ سەككىز ئاچىسىنى تەۋەللۇت قىلىدۇ، سەككىز قىز، بىر ئوغۇل بولۇپ جەمئىي توققۇز پەرزەنتتىن تەركىب تاپقان بۇ چوڭ جەمەت 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ توختىماي داۋالغۇپ تۇرىدىغان ئەنسىز تارىخ مۇساپىسىگە قېتىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. روماندا بۇ ئاچا- سىڭىللار 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھوقۇقدارلار قاتلىمى ۋە ئەل ئىچىدىكى تەسىرى بار شەخسلەر ئارىسىغا سىڭدۈرۈۋېتىلىدۇ؛ بىر ئائىلە تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ مويەننىڭ ئاياللارغا بولغان ھۆرمىتى، ھېسداشلىقى، مەدھىيەسى ئىپادىلىنىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغان ئاجىزلىقى بىلەن بىنورمال، كېسەل پىسىخىكىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېچىنىشلىق تەقدىر- قىسمەت بايان قىلىنىدۇ.

ئاپتور روماندا «ئانا» نى چىدىغۇسىز ئازاب- ئوقۇبەت، كۈلپەتلەرگە يولۇققان بىر مۇقەددەس ئايال ياكى مۇقەددەس مەريەم ئانا سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. لېكىن بۇ شور پىشانە ئايالدىن تۇغۇلغان سەككىز ئاچا- سىڭىل 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي- سىياسىي كۈچلەر، ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى، تەلۋە يىللاردىكى ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلىنىپ، 20- ئەسىر جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، تارىخىي سەھنىسىگە سۆرەپ كىرىلىدۇ. بىر- بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بۇ كۈچلەر ئارىسىدىكى قوراللىق جاڭجال، كۈرەش ۋە قىرغىنچىلىق «مەن» نىڭ ئائىلىسىدىن باشلاپ قانات يايىدۇ. «ئانا» ئەنە شۇ رېئاللىقنى ئۆزى يالغۇز قوبۇل قىلىدۇ ۋە شۇ رەھىمسىز رېئاللىقنىڭ ئېچىنىشلىق كۈلپەتلىرىدىن ئۆزى يالغۇز غالىپ كېلىدۇ. باندىتلار، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، سەرسان- سەرگەردانلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ بىر- بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىشى ھەمدە بىردىنبىر مەجرۇھسىمان ئوغلىدىن ئەنسىرەش، تەشۋىشلىنىش «ئانا» نىڭ قەلبىنى توختىماي قىينايدۇ. لېكىن ئۇ شۇ تەلۋە دەۋرنىڭ كۈلپەتلىرىگە چىداپ ئۆزى ئىشلەۋاتقان تۈگمەندىكى ئاشلىقلارنى خەققە تۇيدۇرماي ئاغزىغا تىقىپ يۇتۇۋېلىپ، ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن قەي قىلىپ ياندۇرۇپ بالىلىرىغا يېگۈزىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى قۇشلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى داننى قۇسۇپ بالىسىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغىنىغا ئوخشايدۇ . . . ئانا بۇ يەردە بىر خىل ئىماگ، بەلگە، سىمۋول سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولمىش ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، ئاددىي- ساددىلىقىغا، شەخسيەتسىزلىكىگە، ھاياتلىق ئەنئەنىسىنىڭ تەڭداشسىز مۇھىم ئەھمىيىتىگە مەدھىيە ئوقۇلىدۇ.

روماندىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلار

پېرسۇناژلار

مۇناسىۋىتى

پېرسۇناژنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شاڭگۈەن لۇشى

ئانىسى

چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 26- يىلى (مىلادى 1900- يىلى) تۇغۇلغان. كىچىك ئىسىمى شۈەن ئېر، 6 ياش ۋاقتىدا، جياۋجى تۆمۈر يولىنى ياساشقا قارشى تۇرغىنى ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىغا دۇچ كېلىپ، ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنى چوڭ ھاممىسى يۈ لۇشى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئېرى يۈ داباجاڭ بېقىپ چوڭ قىلىدۇ ۋە 16 ياشقا توشۇپ پۇتىنى بوغقۇچە باقىدۇ. كېيىن تۆمۈرچىنىڭ ئوغلى شاڭگۈەن شوۋشىغا ياتلىق بولىدۇ. 30 نەچچە يېشىدىن باشلاپ خىرستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

شاڭگۈەن لەيدى

چوڭ ئاچىسى

شاڭگۈەن لۇشى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئېرى يۈ داباجاڭدىن بولغان قىز. سۈن دايا بىلەن چاي ئىچۈرۈلگەندىن خېيلۇنياۋ مىلتىقچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى شا يۆلياڭ بىلەن قېچىپ كېتىپ، قىزى شا زاۋخۇانى تۇغىدۇ. ئازاتلىقتىن كېيىن يەنە مېيىپ ھەربىي سۈن بۇيەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى سۈن دايا) گە تېگىدۇ. سۈن بۇيەننىڭ جىنسىي خورلۇقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ياپۇنىيەنىڭ بېيخەيداۋ تاغلىق رايونلىرىدا 15 يىل مۆكۈنۈپ يۈرۈپ قايتىپ كەلگەن نياۋ ئېرخەننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىڭ ۋۇنياۋنى تۇغىدۇ. نياۋ ئېرخەن بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقاندا سۈن بۇيەن سېزىپ قالىدۇ، ئېلىشىش جەريانىدا سۈن بۇيەننى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. كېيىن سۈن بۇيەننى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

شاڭگۈەن جاۋدى

ئىككىنچى ئاچىسى

شاڭگۈەن لۇشى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئېرى يۈ داباجاڭدىن بولغان قىز. ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ قوماندانى سى ماكۇنىڭ خوتۇنى، سى ماخۇاڭ ۋە سى مافېڭدىن ئىبارەت ئىككى قىز تۇغىدۇ. مۇستەقىل ئەترەت 17- تۈەنى بىلەن بولغان جەڭدە ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، قىزىمۇ سولچى يەر ئىسلاھاتى ئەمەلدارى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

شاڭگۈەن لىڭدى

ئۈچىنچى ئاچىسى

«قۇش پەرىسى» دېگەن ئىسىمىمۇ بار. ئۆز دادىسى باندىتلارنىڭ پايلاقچىسى. ئۇ ئىزچىل نياۋ ئېرخەننى ياخشى كۆرىدۇ، نياۋ ئېرخەن ئەسىرگە ئېلىنىپ ياپۇنىيەگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالىدۇ. كېيىن سۈن بۇيەنگە ياتلىق بولىدۇ، قيادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ. دايا ۋە ئېريا دېگەن ئىككى ئوغلى گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە بومباردىماندا پارتلاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

شاڭگۈەن شياڭدى

تۆتىنچى ئاچىسى

جياڭخۇلۇق ئەمچىدىن بولغان قىز. ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى دەستىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا ئۆزىنى پاھىشىخانىغا سېتىۋېتىدۇ. ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن كەنتكە قايتىش يولىدا كوممۇنا كادىرلىرى تەرىپىدىن مال- مۈلۈكلىرى تارتىۋېلىنىپ كۈرەشكە تارتىلىدۇ. كېيىن كونا كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

شاڭگۈەن پەندى

بەشىنچى ئاچىسى

ئىت سويىدىغان پوكانچى گاۋدا پياۋزىدىن بولغان قىز. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا پارتلىتىش ئەترىتىگە قاتنىشىدۇ، كېيىن سىياسىي كومېسسار لۇ لىرېنغا ياتلىق بولۇپ قىزى لۇ شېڭلىنى تۇغىدۇ. رايون باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە جياۋ لوڭخې دېھقانچىلىق فېرمىسى مال- چارۋا ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ ۋە ئىسىمىنى ما رۈيليەنگە ئۆزگەرتىۋالىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

شاڭگۈەن نيەندى

ئالتىنچى ئاچىسى

تيەنجى بۇتخانىسىدىكى راھىبتىن بولغان قىز. ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى بابىتنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، توي قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن بابىت بىلەن بىللە لۇ لىرېن تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ، يالاپ كېتىلىۋاتقاندا قېچىپ كېتىدۇ، قېچىپ كېتىۋاتقاندا بىر تۇل خوتۇن تەرىپىدىن بابىت يوشۇرۇنۇپ ياتقان تاغ ئۆڭكۈرىگە ئاپىرىلىدۇ، كەينىدىن ھېلىقى تۇل خوتۇن گىراناتنىڭ پىلىكىنى تارتىۋېتىدۇ ۋە ئۈچىلىسى ئۆڭكۈردە پارتلاپ ئۆلىدۇ.

شاڭگۈەن چيۇدى

يەتتىنچى ئاچىسى

شاڭگۈەن لۇشى 4 قاچاق ئەسكەر تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا تۇغۇلغان بالا. 4 ياش ۋاقتىدا خاربىنغا قېچىپ كېلىۋالغان سىتوف ئىسىملىك بىر رۇسىيەلىك بىر گىراف خانىمغا سېتىۋېتىلىدۇ، گىراف خانىم ئۇنى بېقىۋالىدۇ. گىراف خانىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى بىر پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى بېقىۋېلىپ، ئىسىمىنى چياۋ چىشاغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، خاربىن ئۆلكىلىك تىببىي ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرىدۇ، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئوڭچى قالپىقى كەيدۈرۈلۈپ دېھقانچىلىق فېرمىسىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقاندا ئاچارچىلىققا چىدىماي خام پۇرچاق قوتۇرمىچىنى جىق يەۋېلىپ قورسىقى كۆپۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

شاڭگۈەن يۈنۈ

سەككىزىنچى ئاچىسى

شاڭگۈەن جىنتوڭ بىلەن قوشكېزەك تۇغۇلغان. شىۋېتسىيەلىك پوپ مالويادىن بولغان قىز. تۇغما ئەما. ئۈچ يىللىق كۈلپەت مەزگىلىدە دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان.

شاڭگۈەن جىنتوڭ

«مەن»

تۇغۇلۇشىدىنلا ئەمچەككە خۇمار بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، «جەسەتكە باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» سادىر قىلغىنى ئۈچۈن 15 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن چىقىدۇ ۋە ھېچ ئىشنى باشقا ئەچىقالمايدۇ، پۈتۈن ئۆمرى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

شاڭگۈەن شوۋشى

شاڭگۈەن لۇشىنىڭ

ئېرى

تۆمۈرچى. بالا تېپىش ئىقتىدارى يوق، 1939- يىلى ياپۇنىيە ئارمىيەسى شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

شاڭگۈەن لۈشى

شاڭگۈەن فۇلۇنىڭ

خوتۇنى

شاڭگۈەن شوۋشىنىڭ ئانىسى. 1939- يىلى ياپۇنىيە ئارمىيەسى شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئېرى بىلەن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، ئۇ بۇنى كۆرۈپ ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. كېيىن دەرت- ئەلەمگە چىدىمىغان شاڭگۈەن لۇشى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ.

سى ماكۇ

سى ماتىڭنىڭ

ئىنىسى

شاڭگۈەن جاۋدىنىڭ ئېرى. شەرقىي شىمال گاۋمى يېزىسىدىكى چوڭ پومېشچىك. ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ قوماندانى، گومىنداڭ- كومپارتىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە قولغا ئىلىنغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىدۇ، كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ، سوتقا تارتىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

سى مالياڭ

سى ماكۇنىڭ

ئوغلى

سى ماكۇنىڭ ئۈچىنچى توقىلىدىن بولغان بالا. سى ما جەمەتىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىرىۋېتىلگەندە قېچىپ كېتىپ قۇتۇلۇپ قالىدۇ، كېيىن ئۇنى شاڭگۈەن لۇشى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا كورىيەگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ. كېيىن كاتتا بايغا ئايلىنىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ يۇرتىغا مەبلەغ سالىدۇ.

شا يۆلياڭ

شاڭگۈەن لەيدىنىڭ

ئېرى

ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە خېيلۇنياۋ مىلتىقچىلار ئەترىتىگە باشلىق بولىدۇ. كېيىن ياپۇن ئىمپېرىيەسىگە تەسلىم بولۇپ، بوخەي دېڭىزى گارنىزونىغا قوماندان بولىدۇ. چوڭ قىسىم پارتلىتىلىپ مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

شا زاۋخۇا

شا يۆلياڭنىڭ

قىزى

شا يۆلياڭ بىلەن شاڭگۈەن لەيدىنىڭ قىزى. بىر ئۆمۈر سى مالياڭنى ياخشى كۆرۈپ ئۆتىدۇ، 90- يىللاردا سى مالىياڭغا توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىپ بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ.

مالويا

شىۋېتسىيەلىك دىن تارقاتقۇچى

شاڭگۈەن جىنتوڭ بىلەن شاڭگۈەن يۈنۈنىڭ دادىسى. كېيىن خېيلۇنياۋ مىلتىقچىلار ئەترىتى تەرىپىدىن خورلىنىپ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالىدۇ.

نياۋ ئېرخەن

شاڭگۈەن لىڭدىنىڭ

سۆيگۈنى

ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپۇنىيە ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ ياپۇنىيەنىڭ بېيخەيداۋ دېگەن يېرىگە ئاپىرىلىپ ئەمگەككە سېلىنىدۇ، كېيىن ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان يەردىن قېچىپ تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىۋېلىپ 15 يىل مۆكۈنۈپ يۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىدۇ. شاڭگۈەن لەيدىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشىدۇ. سۈن گاچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە چېتىلىپ تارىم ئويمانلىقىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ،يولدا يالاپ كېتىلىۋاتقاندا قاچىمەن دەپ ماشىنىدىن سەكرەيدۇ ماشىنىنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

يىڭ ۋۇخەن

نياۋ ئېرخەننىڭ

ئوغلى

نياۋ ئېرخەن بىلەن شاڭگۈەن لەيدىدىن بولغان بالا. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن گېڭ ليەنليەن بىلەن ھەمكارلىشىپ دوڭفاڭ قۇش تۈرلىرى مەركىزىنى قۇرىدۇ، غايەت زور سوممىدىكى ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغاچقا تۈرمىگە كىرىدۇ.

لۇ لىرېن

جياڭ لىرېن

ياپۇنغا قارشى تۇرۇش بومباردىمانچىلار ئەترىتىنىڭ، مۇستەقىل ئەترەت 17- تۈەنىنىڭ سىياسىي كومېسسارى، گاۋدوڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، كېيىن ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە جياۋ لوڭخې دېھقانچىلىق فېرمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

لۇ شېڭلى

لۇ لىرېننىڭ

قىزى

لۇلىرېن بىلەن شاڭگۈەن پەندىنىڭ قىزى. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن كېيىن دالەن شەھىرىگە شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىدۇ.

سۈ بۇيەن

(سۈن گاچا)

سۈن ھاممىنىڭ

چوڭ نەۋرىسى

شاڭگۈەن لەيدى بىلەن چاي ئىچۈرۈلىدۇ، شاڭگۈەن لەيدى شا يۆلياڭ بىلەن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن شاڭگۈەن لىڭدى بىلەن توي قىلىدۇ. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولۇپ قالىدۇ ۋە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە شاڭگۈەن لەيدى بىلەن توي قىلىدۇ. خوتۇنىنىڭ نياۋ ئېرخەن بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا چىدىماي جاڭجاللىشىدۇ ۋە شاڭگۈەن لەيدى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ.

جى چيوڭجى

شاڭگۈەن جىنتوڭنىڭ مۇئەللىمى

1957- يىلى ئوڭچى قالپىقى كىيگۈزۈلىدۇ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن دالەن شەھىرىگە شەھەر باشلىقى بولىدۇ.

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11773

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-09-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۇچۇرلار,ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 6دانە
  1. http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11156

  2. http://bbs.boztagh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2124

  3. http://bbs.misranim.com/thread-111100-1-1.html

  4. بىرتال نۇقتا كوم

    نوبىل دىگەن ئاسان قول كىلىدىغان نام ئەمەس شۇڭا ئۇقۇشقا تىگىشلىك دەپ قارىدىمغۇ ؟ :evil:

  5. «تولغان بەدەن» ۋە روھىي ئوغۇزدىن ئايرىلىپ قېلىش

    مويەن

    تەرجىمە قىلغۇچى:ئايجامال مۇھەممەت

    ئانام ناھايىتى كۆپ بالا تۇغقان ئىدى، لېكىن ھايات قالغىنىمىز پەقەت بىز تۆتىمىزلا ئىدۇق.ئۆتمۈشتىكى جۇڭگو يېزىلىرىدا ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشى ئىت مۈشۈكنىڭ تۇغۇشىدىن پەرقلەنمەيتتى.مەن 《تولغان بەدەن》 رومانىمنىڭ 1- بابىدا بۇ خىل كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىدىم : روماندىكى ئايال باش قەھرىمان شاڭگۇەن لۇشى قوشكېزەك تۇغۇش ئالدىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئېشەكمۇ تەخەيلىمەكچى بولۇپ تۇراتتى. ئادەم ۋە ئېشەك ئوخشاشلا قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كېلىدۇ .لېكىن شاڭگۈەن لۇشىنىڭ قېيناتىسى ۋە قېيناپىسى ھىلىقى ئېشەككە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ .ئۇلار قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كەلگەن ئېشەككە مال دوختۇرى تەكلىپ قىلىدۇ ، لېكىن قىينىلىۋاتقان كېلىنى بىلەن كارى بولمايدۇ .
    بۇ خىل ئەھۋال قارىماققا ناھايىتى ناھايىتى بىمەنە بىلىنسىمۇ لېكىن شۇ چاغدىكى جۇڭگو يېزىلىرىدا ئادەتتىكىلا بىر ئىش ئىدى. ئاناممۇ قوشكېزەككە ھامىلدار بولغان چاغدا قورسىقى يوغانلىقىدىن ئېڭىشسىمۇ پۇتىنى كۆرەلمەيتتى،شۇنداق تۇرۇپمۇ ئېتىزغا چىقىپ ئەمگەك قىلاتتى. ئۇ قوشكېزەكلەرنى بۇغدايلىقتا تۇغۇپ قويغىلى تاس قالغان. ئەمدىلا ئىككى بالىنى تۇغۇپ بۇلۇشىغا قارا يامغۇر يېغىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا بۇغدايلىققا بېرىپ بۇغدايلارنى ئورىۋالغان. كېيىن بۇ قوشكىزەكلەر ئۆلۈپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا يۈرۈۋەردى. ئاناممۇ يىغلىمىدى . بۇ ھالەت بۈگۈنكى كۈندە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ .لېكىن شۇ چاغدا ھەقىقەتەن ناھايىتى نورمال ئىش ئىدى.
    مەن روماندا شاڭگۈەن لۇشىنىڭ ئاشلىق ئوغرىلايدىغان ئاجايىپ غەلىتە بىر خىل ئۇسۇلىنى يازدىم : ئۇ ئەترەتتىكى تۈگمەندە ئۇن تارتىدۇ. باشقا كادىرلار دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ئاشلىقنى پۈتۈن پېتىلا يۇتۇۋېتىدۇ . شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئاختۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ .ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ بىر داس پاكىز سۇنى ئالدىغا ئەكىلىۋېلىپ، ئاغزىغا چوكىنى تىقىپ، ئاشقازاندىكى تېخى ھەزىم بولمىغان ئاشلىقنى ياندۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئاندىن پاكىز يۇيۇپ، تالقان قىلىپ يانجىپ قېينانىسى ۋە بالىسىغا يىگۈزىدۇ. بۇ ئىش ئاڭلىماققا چۆچەكلەردىكىدەك بىلىنىدۇ، لېكىن ھەقىقەتەن ئانامنىڭ ۋە كەنتىمىزدىكى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار . مەن بۇ روماننى ئېلان قىلدۇرغاندىن كېيىن ، بايا دەپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى قالايمىقان توقۇلما، سوتسىيالىزمغا قارا چاپلىغانلىق دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇلار 20 – ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرگىنىنى ئەلۋەتتە چۈشەنمەيدۇ .
    كۆپ تۇغۈش ۋە ئاچلىق سەۋەبىدىن ئانامغا ئوخشاش ياشتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كېسەلچان بۇلۇپ كېتەتتى. ئۇلار 30 نەچچە ياش تۇرۇپلا تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالاتتى؛ 40 نەچچە يېشىدا چىشلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتەتتى.
    ئەلۋەتتە ئاياللارلا ئەمەس، ئەرلەرمۇ. بالىلار ۋە ياشانغانلارمۇ شۇنداق ئىدى. بىزنىڭ ئازاپقا بەرداشلىق بېرىش كۈچىمىز ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى.
    مەن ئانامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى ئىدىم، ئانام ماڭا بەكلا كۆيۈنگەچكە مەن بەش ياشقىچە ئەمگەن ئىدىم . مەن بۇ روماندا ئارغۇن بالا شاڭگۈەن جىڭتوڭنى ياراتتىم. ئۇ ئانىسىنى تاكى 15 ياشقىچە ئېمىدۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ كۆكسىگە نىسبەتەن بىر خىل مەپتۇن بۇلۇپ قالىدۇ. كېيىن لىپتىك ساتىدىغان بىر دۇكان ئېچىپ، لىپتىك لايىھەلەيدىغان مۇتەخەسىس بۇلۇپ قالىدۇ . مەن بۇ پېرسۇناژنى غايەت زور سىمۋوللاشقان ئوبراز دەپ قارايمەن.
    بەزى ئوقۇرمەنلەر مەندىن شاڭگۈەن جىڭتوڭ سىز شۇمۇ دەپ سورىدى. مەن ئەمەس دېدىم. چۈنكى مەن ئارغۇن ئەمەس؛ مەن يەنە مېنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر شاڭگۇەن جىڭتوڭ بار دېدىم .
    روماندىكى ئانا ئىلگىرى ئەيىپلىگەن شاڭگۈەن جىڭتوڭ بولسا ئۆمۈربويى ئانىسىنىڭ كۆكسىگە ئېسىلىپ قالغان مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بالا ئىدى . ئانىسىنىڭ دېگىنى ئەمىليەتتە بىر خىل روھى ئىپادىلەش ئىدى. ماددى جەھەتتىكى ئوغۇزدىن ئايرىش تەس ئىش ئەمەس، لېكىن روھى جەھەتتىكى ئايرىش ناھايىتى تەس. فىئودالىزم دىگەن نەرسە بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيەتتە غايەت زور رول ئوينىماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر فىئودالىزمغا بولغان مەستانىلىقى شاڭگۈەن جىڭتوڭ ئانىسىنىڭ كۆكسىگە بولغان مەستانىلىقىدىن قېلىشمايتتى، شۇڭلاشقا مېنىڭ بۇ رومانىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشى نورمال ئىش ئىدى.
    مەن 500 مىڭ خەتلىك بۇ روماندا يەنە شاڭگۈەن لۇشىنىڭ سەككىز قىزى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈيوغلىنىڭ تەقدىرىنى يازدىم . بۇ جەمەتنىڭ تەقدىرىگە ۋە گاۋمىي دۇڭبىي(گاۋمېي ناھىيە شەرقىي شىمال يېزىسى) يېزىسىغا ئوخشايدىغان مەن ئويدۇرۇپ چىقارغان بۇ يەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىمنى ئىپادىلەپ چىقالىدىم.
    بىر يازغۇچى، ئۆزىنىڭ دىققەت نەزىرىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتسا، ئۇنداقتا ئۇ مۇقەررەر ھالدا ئۆز ھىكايىسىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى باشتىن ئاخىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ۋە ئەھۋالى بۇلۇشى، شۇنداقلا داۋالغۇپ تۇرغان جەمىيەتتىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى ھىسسىيات ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي ئازغۇنلۇقى بۇلۇشى كېرەك .
    《مەنىزار》 ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق ئالدىنقى 2- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11217

  6. http://bbs.alkuyi.com/thread-39721-1-1.html

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: