پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

ئۇيغۇرزادە: دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنى تىترەتكەن مۇتەپەككۇرلار

دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنى تىترەتكەن مۇتەپەككۇرلار

ئۇيغۇرزادە

  

ئۇيغۇرزادىنىڭ بۇرۇن توردىكى مەلۇم بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىدىن رەتلەندى

دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنى تىترەتكەن مۇتەپپەككۇر مىچېل فۇكاۋنىڭ گېگېل،ماركىس، نىچشې ۋە  ئېدۋارد سايدلار بىلەن بولغان  مۇناسىۋىتى قانداق؟ ئۇنىڭ تارىخنىڭ قانۇنيىتى ۋە بىلىم- ھوقۇق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئىدىيە سېستىمىسى نېمشىقا غەرب ئاكادىمىيىسىگە شۇنچە تەسىر كۆرسەتكەن؟

بۇ  ئىنكاس 20- ئەسىرنىڭ كېيىنكى چارىكىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا  دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنى ئالدىرىتىپ كەلگەن فرانسيە مۇتەپپەككۇرى مىچېل فۇكاۋ  Michel Foucault،  ھەققىدىكى بىر  تېمىغا يېزىلغان.

ئۇنداقتا مىچېل فۇكاۋ نېمشىقا شۇنچىلا مۇھىم؟

مىچېل فۇكاۋ (1926-1984) بىزنىڭ تارىخ ھەققىدىكى، بىلىم  ۋە ھوقۇق ھەققىدىكى تونۇشلىرىمزنى پۈتۈنلەي يېڭىلايدۇ. شۇڭا بۇ مۇتەپپەككۇرغا دىققەت ئاغدۇرۇش ۋە ئۇنى چۈشىنىش تولىمۇ زۆرۈر.  فۇكاۋ 1960- يىللاردا داڭلىق فرانسىيە ئىنسانشۇناسى لېۋ ستراۋس ۋە مۇتەپەككۇر ئالسۇسېر قاتارلىق قۇرۇلمچىلىق پىكىر ئېقىمى پېشۋالىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەمما 1970- يىللارنىڭ بېشىدا نىچشېىنىڭ ئىدىيە نەسەبنامىىسى، ھوقۇق ئىرادىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايقاپ ۋە  ئۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىپ، ئىديىسىدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولغان- دە، ئۆزىنىڭ بۇرۇن يازغان نەرسىلىرىگە ئۆزى جەڭ ئېلان قىلغان؛ شۇنداقلا لېۋ ستراۋىس ۋەكىللىكىدىكى قۇرۇلمچىلىق پىكىر يولىدىن چەتنەپ ، دېررىدا ، دېلۈز قاتارلىقلار بىلەن بىللە كېيىنكى قۇرۇلمىچلىق پىكىر يولىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن.  ئۇ-دېررىدا، دېلۈز بىلەن بىر قاتاردا   بۈگۈنكى غەرب ئاكادېميىسىدە تەسىرى چوڭقۇر بولغان كېيىنكى قۇرۇلمىچلىق پىكىر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن.   70-يىللاردىن كېيىن (پىشقان چاغدا) يازغان  ئەسەرلىرىدىن ”تۈزۈم ۋە جازا“، ”بىلىم-ھوقۇق مۇناسىۋىتى“ قاتارلىقلار  بار. ئاكادېميىلەردە مۇشۇ ئىككى ئەسىرى بەكرەك ئوقۇلىدۇ ھەم بۇ ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئەمدىكى گەپ، ”فۇكاۋنىڭ ھاياتى كۈچى نېمە؟ ئۇ نېمشىقا دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ۋە ئادەميەت پەنلىرى ساھەسىنى بۇنچىلا ئالدراش قىلىۋېتىدۇ ؟“ دېگەن ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىش. بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش فۇكاۋنىڭ ئىلھام مەنبەسى قانداق قىلىپ نچشېغا تۇتشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تارىخي تەرەققىيات ھەققىدكى  قاراشلىرىنىڭ ماركىسنىڭكى بىلەن قانداق پەرقىلىدىغانلىقى،   كېيىنكى مۇستەملىكىزىم پىكىر ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئېدۋار سايىدقا يەنە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇنى ئۆگىنىش تەجرىبەمدىن شۇنىسى مەلۇملۇقكى،  فۇكاۋنىىڭ سېھري كۈچىنى  چۈشەنمەكچى بولغانلار  كەم دېگەندە مۇنداق ئۈچ  چۈشەنچىگە  ئىگە بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، ئۇ تەنقىد قىلغان ماركسىنىڭ تارىخ ھەققىدكى قاراشلىرى ھەققىدە چۈشەنچە؛ ئىككىنچى، نىچشېىنىڭ ”ھوقۇق ئىرادىسى“ئۇقۇمى ھەققىدە چۈشەنچە؛ ئۈچىنچى، ئۇنىڭ ئېدۋار سائىدىنىڭ ”شەرقشۇناسلىق“ ئەسرىگە  قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچە ( قىزققۇچىلارنىڭ بۇرۇنقى مەندەك ئەگرى يول مېڭىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن نەچچە يىللىق تەجىرىبەمدىن يەكۈنلىگەن بۇ ئۈچ ساۋاقنى پايدىلانما سۈپىتدە دەپ قويدۇم.)

فۇكاۋنى چۈشىنشىتىن بۇرۇن گەپنى تارىخنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدە  بۇرۇنراق ئېيىتلغان گەپلەردىن باشلايلى. گرمان پەيلاسوپى گېگېل ئۆزىنىڭ ”تارىخ پەلسەپىسى“ ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە تارىخنىڭ قانۇنىيىتى ۋە تارىخي قانۇنىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: “ تارىخ ئىنسانلارنىڭ نىجادلىقى ۋە ئازادلىقى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؛ تارىخي تەرەققىيات داۋامىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئۆزگىرىشلەر بۈيۈك پەيلاسوپلارنىڭ ئويلىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.“ . ئۇنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ھەم ئۇنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشقان كارل ماركىس ئۇستازى گېگېلنىڭ  تارىخي تەرەققىياتنىڭ قانۇنيىتى ھەققىدىكى قىزىقىشغا ئوخشاشلا ۋارىسلىق قىلدى؛ ئەمما، تارىخنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدىكى بۇ مۇھىم تېمىنى  گېگېلدىن باشقىچە بىر نۇقتىدا، توغرىراقى ئەكس نۇقتىدا تۇرۇپ يورۇتۇشقا تىرىشتى. 

يەنى،  ئۇستازى گېگېلنىڭ ئەكسىچە، ماركىس پەلسەپىنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانلاندى ھەمدە“پەلسەپەنىڭ نامراتلىقى““ ”گرمان ئىدىئولوگيىسى“  قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تارىخي ماتېريالىزىم ئېلېمېنتلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان پەلسەپە سېستمىسىنى تۇرغۇزۇشقا تىرشىتى. كارل ماركىس مۇنداق يازدى: ”پەيلاسوپلار ھازىرغىچە دۇنيانى ھەر خىل ئۇسۇلدا شەرھلەشكە تىرىشتى. لېكىن، گەپ دۇنيانى قانداق ئۆزگەرتىشتە“.  ماركسىنىڭ قارىشىچە، ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ.  تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا كاتالىزاتورلۇق رولى ئوينايدىغىنى ئىدىيە ئەمەس، بەلكى قارىمۇ قارشى قۇتۇپلار ياكى سنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر؛  تارىخي جەرياندا پرولېتارىيات (ئېزلگۈچىلەر سىنپى) نىڭ كۈرەشلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

نەچچە يۈز مىليون ئادەم  ئەگەشكەن (ۋە قۇربانلارنى بەرگەن) ماركىسنىڭ ئىديىسى مىچېل فۇكاۋ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. توغرىراقى فۇكاۋ ماركىسنىڭ تارىخ قانۇنىيىتى ھەققىكىدىكى قاراشلىرىنى ئاغدۇرۇۋەتتى. فۇكاۋنىڭ قارىشىچە، ”تارىخىي تەرەققىيات ھەرگىزمۇ گېگېل ئېيتقاندەك  ئىىنسانلارنىڭ ئازادلىقى، نىجادلىقى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلمايدۇ. بىزنىڭ تارىخ ھەققىدىكى خىيالىمىز بىر خام خىيال. ھەم تارىخ -ھەرگىزمۇ ماركىس ئېيتقاندەك پرولېتارىيات سىنىپنىڭ كۈرەشلىرى ئارقىلىق ئۆزگەرمەيدۇ. زامانىۋىي دۇنيادا ماركىس دەۋاتقان كۈرەشچان پرولېتارىيات يوق. بىر خىل تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەرگىزمۇ نىجادلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە بىر زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىپ يەنە بىر زوراۋانلىقنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.“

ئۇ يەنە ”مەدەنيلىشىش ۋە ساراڭلىشىش“ ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازدى:  ”ئىنسانلارنىڭ مەدەنيلىشىش تارىخى-ساراڭلىشىش  تارىخىدۇر“. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ستالىن قىرغىچىنلىقى، ناتستلار قىرغىنىچلىقى قاتارلىق تارىخي تراگېدىيەلەر ئسىپاتلىدى.

بىز فۇكاۋنىڭ تارىخنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدىكى يادرولۇق قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان  ”بىر خىل تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەرگىزمۇ نىجادلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە بىر زوراۋانلىقنىڭ باشلىنىپ يەنە بىر زوراۋانلىقنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ“ دېگەن گېپىگە مىسال ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسيادىكى قېرىنداشلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى. 1990-يىلدىن كېيىن مەيلى ئۆزبېك قېرىنداشلار بولسۇن، قىرغىز قېرىنداشلار بولسۇن، مەيلى تۈركمەن قېرىنداشلار بولسۇن ئۆزى يۈز يىلدىن ئارتۇق دەردىنى تارتقان بېقىنىدلىققا خاتىمە بەردى. ئەمما،بۇ يېڭى تارىخ ئۇلارنىڭ نىجادلىققا ئېرشىكىنىدىن دېرەك بەرمىدى. يېڭىچە زوراۋانلىق شەكىللىرى، يېڭىچە ئېزىش ۋاستىلىرى باشقىچە ئۇسۇلدا بارلىققا كېلىۋەردى. كەرىموف ئۆزبېكستاندا، نىيازوف تۈركمەنسىتاندا، ئاقايېف قىرغىزستاندا دىكاتورلۇقىنى قىلۋەردى، خەلق ئازادلىقنىڭ نېمىلىكىنىڭ تەمىنى بىلەلمىدى. خىلمۇ-خىل شەكىلىدىكى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم ئۇ دۆلەتلەردە داۋام قىلۋەردى. ھەتتا نىيازوف بيوروكراتلىقتا چېكىدىن ئېشىپ مەسچىتلەرگە ئىككىلا خىل مەنبەدىن —بىرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى  قۇرئاندىن، يەنە بىرى نىيازوفنىڭ يازملىرىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ تاملارغا ئويۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشەردى(ئەدىب خالېدنىڭ ”ئوتتۇرا ئاسيادا ئسىلام ۋە كوممۇنىزم“ناملىق كىتابىغا قارالسۇن). ئاقايېۋ ۋە كەرىموفلار ئۆز دۆلىتىدە ئوخشاشلا زوراۋانلىقنى توختاتمىدى. كشىلەر ئۆزى ئۈمىد قىلغان غايىۋانە نىجادلىقنى كۆرەلمىدى.

بىز يەنە فۇكاۋنىڭ ”تارىخ بىر زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىپ يەنە بىر زوراۋانلىقنىڭ باشلىنشىدۇر“ دېگەن قارىشىنىڭ بىر قاتار تارىخي جەريانلاردا ئسىپاتلانغانلىقىنى كۆرىمىز. خەلققە بىر مۇنچە ۋەدە بېرىپ قان تۆكۈپ كۈرەش قىلغان لېنىىن ۋە ستالىنلارنىڭ كېيىنكى ئەمەليىتى، ۋېيتنامدا خەلقىگە بىر مۇنچە ۋەدە بەرگەن خۇ جىمىننىڭ كېيىنكى ئەمەلىيتى ۋە يەنە رومېنىيە، پولشا، چېخسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بارلىققا كەلگەن تارىخي جەريانلار  مىچېل  فۇكاۋنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇنداقتا پرولېتارىياتنىڭ كۈرىشى نېمشىقا نىجادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ؟ نىچشېنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان فۇكاۋ بۇ مەسلىنى ”ھوقۇق ئىرادىسى“ ئۇقۇمىغا باغلايدۇ. يەنى نىچشېىنىڭ ”ھوقۇق ئىرادىسى“ ناملىق كىتابىدا يېزىلىشىچە، ”تارىخي جەريانلارغا تۈرتكلىك رول ئوينايدىغىنى سىنىپلار ئوتتۇرىسىدكى كۈرەش ئەمەس، بەلكى ھوقۇق ئىرادىسىدۇر“. ئىنسان تەبئىتى ئىشەنچسىزدۇر، رېئاللىقنى چۆرگلىتۋاتقىنى ئادەملەرنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش ئارزۇسىدۇر. ھوقۇق ئىرادىسى مەۋجۇت بولدى دېمەك  ئاخىرقى ئازادلىق يوق دېمەكتۇر.  قان كېچىپ كۆرۈەش قىلغان ئىنىلاپچىلاردىن لېنىننىڭ بۇخارىنغا، ستالىننىڭ تروتسكيغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرى، خۇجىمىننىڭ ئىقىلاپتىن بۇرۇن نېمشىقاشۇنچە ۋەدىلەرنى بېرىپ  كېيىن دىكتاتورغا ئايلانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى فۇكاۋنىڭ تارىخ ھەققىدىكى، نىجادلىق ھەققىدكى قاراشلىرى ئىسپاتلايدۇ.

فۇكاۋ يەنە ”تۈزۈم ۋە جازا“ ناملىق ئەسىرىدە ماكرو ھوقۇق ئۇقۇمىدىن ھالقىپ بەدىنىمىزدە، روھيىتىمىزدە  كۈچىنى كۆرسىتىدىغان مىكرو ھوقۇقنىڭ سىرىنى يېشىپ بەردى. ئۇ مۇنداق يازدى:“بۇرۇنقى ئەسىرلەردىكى قىيناپ ئۆلتۈرۈش، دارغا ئېسىش، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش  قاتارلىق جازا ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا يوقىلىپ ئۇنىڭ ئورنىنى تۈرمە قاتارلىق زامانىۋىي مەجبۇرىلاش ۋاستىلىرىنىڭ  ئىگىلىگەنلىكى ھوقۇق مۇناسىۋىتىدىكى ئادەملەرنىڭ مەدەنىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكىسىچە كونىچە بىر زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭىچە بىر زوراۋانلىقتىن باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ“.

مىچېل فۇكاۋ يەنە داۋاملىق ھالدا مۇنداق كۆرسىتىدۇ: ”تارىخي تەرەققىيات داۋامىدا ھوقۇق-بىلىم مۇناسىۋىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەر قانداق بىلىم ھوقۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ. بىلىم ھوقۇقنىڭ بېقىندسىدۇر“. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ مۇسۇلمان ئوقۇرمەنلەرگە بۇ گەپنى فۇكاۋنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان  ئېدۋارد سايىدنىڭ ”شەرقچلىق“ ناملىق ئەسىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن نۇقتىئنەزەرى  ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشىنىشلىك يوسۇندا شەرھلەپ بېرىش مۇمكىن.

ئۇنداقتا،  ھوقۇقنىڭ بىلىمنى بېقىدۇردىغانلىقى ھەققىدە فۇكاۋنىڭ شاگىرتى ئېدۋارد سايىد نېمە دېگەن؟

ئېدۋارد سايىدنىڭ شەرقچلىق دەۋاتقىنى غەربلىكلەرنىڭ شەرق، جۈملىدىن مۇسۇلمانلار ھەققىدە يازغان ھەر خىل يازما ، ئېيتىملىرى، تەتقىقاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ناپولېوندىن ھىيوگوغىچە، كارل ماركىس، بايرونلاردىن تارتىپ فلىپ ھىتتىغىچە بولغان نۇرغۇن غەربلىك يازغۇچىلارر، ئەدبلەر، مۇتەپپەككۇرلار ئۆزى كۆرگەن ياكى تەسەۋۋۇر قىلغان مۇسۇلمانلار ھاياتىنى غەرب نۇقسىتىدىن  باھالىدى. شەرق، جۈملىدىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇلارنىڭ قەلىمىدە بىچارە، ئاجىز، قالاق، ئىپتىدائىي قىلىپ كۆرسىتلدى. ئومۇمەن غەربلىكلەر  ئۆزلىرىنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ھوقۇق مۇناسىۋىتى نۇقىتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ باشقىلارغا باھا بەردى.

مانا مۇشۇنداق پاكىتلار ئاساسىدا ئېدۋارد سايىد“ غەربنىڭ شەرق ھەققىدە بارلىققا كەلگەن بارلىق ئېيتملىرى غەربنىڭ ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شەرق  غەربنىڭ تەسىىردە ئۆزىنى ئىپاىلەشتىن مەھرۇم قالدى“ دەپ يازدى. مانا بۈگۈن بىز مېدىئالارغا قارايدىغان بولساق، فۇكاۋنىڭ، ئېدۋارد سايدنىڭ ”بىلىم ھوقۇققا بېقىنىدۇ.ھوقۇقتىن مۇستەقىل ھالدا مەۋجۇت بولدىغان بىلىم مەۋجۇت ئەمەس “ دېگەن گېپىنڭ تېگىدىكى تېرەن مەنەنى تونۇپ يېتىمىز. يەنى مېدىئالاردا مۇسۇلمانلار ھەققىدە كۆرسىتىلۋاتقىنى (كۆرۈنۈشلەرمۇ ئېيتىمنىڭ بىر تۈرى، ئېيىتم بولسا بىلىمنىڭ بىر خىل ئىپادلىنىش شەكلى) ئەمەلىيەتتە غەربنىڭ مەنئەپتىگە خىزمەت قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەردۇر. بىزنىڭ مۇسۇلمانلار ھەققىدكى تونۇشىمىز ئاشۇ ئىماگلار ۋە سۈرەتلەرنىڭ نەتىجسىدۇر. نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئاشۇ خىلدىكى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئىسلامغا  باھا بېرىۋېتىشى بىكار ئەمەس. 

ئومۇمەن،  گېگېل، ماركىس، نىچشې، فۇكاۋ، ئېدۋارد سايىد ئارىسىدىكى بۇ دىئالوگلار بىزنىڭ تارىخ، ھوقۇق-بىلىم مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى  قاراشلىرىمىزغا سوئال تاشلايدۇ.

فۇكاۋغا مۇناسىۋەتلىك يەنە مۇنداق خەۋەرمۇ بار: ئۇ ئۆزى بىلەن دەۋرداش دۇنياۋىي مۇتەپپەككۇرلاردىن ئامېرىكا مۇتەپپەككۇرى نوئام چومېسكى بىلەن (يۈزمۇ يۈز)، گرمان مۇتەپەككۇرى خابېرماس بىلەن (ۋاستلىك) مۇنازىرە قىلغان. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قايغۇسىنى يىغلىغان.مەسىلەن، چومسكى ئامېرىكا ئالىمى تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۆلتىنى ”تروررزىم مەدەنيىتى“ كەشپ قىلدى دەپ ئەيبلىگەن. فۇكاۋ بولسا 1968-يىلى فرانسيىدە بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئۆزى بېۋاستە قاتناشقان.

فۇكاۋغا قىزققۇچىلارنى ئۇنىڭ ئاشۇ داڭلىق مەشھۇر ئەسرىنى مۇنداق بىر قانچە ئەسەر بىلەن چېتىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىمەن(پايدىسى زور): نىچشېىنىڭ ”ھوقۇق ئىرادىىسى“ بىلەن چېتىپ؛ گېگېلنىڭ ”تارىخ پەلىسەپىسى“ بىلەن چېتىپ؛ ”ماركىسنىڭ ”گرمان ئىدئولوگيىسى“ ۋە ”كومپارتىيە خىتابنامىسى“ بىلەن چېتىپ؛ ئىېدۋار سايىدنىڭ ”شەرقچلىق“ ناملىق كىتابى بىلەن چېتىپ ئوقۇشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈشىنىش ئاسانلىشىدۇ.

فۇكاۋنىڭ 70- يىلدىن بۇرۇن يازغان ئەسەرلىرىگە بەك قاراپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. سەۋەبى، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ”ئاشۇ يىللارغىچە بەك جىق ئوڭ-تەتۈر گەپلەرنى دەپ كېتىپتىىكەنمەن“ دەپ پۇشايمان قىلغان. ئۇنىڭ  ئۆزىنىڭ بۇرۇن يازغانلىرىنى ئۆزى ئىنكار قىلىشىدەك باتۇرلۇقى ئادەمنىڭ قايلىققىنى قوزغايدۇ. يەنە بۇنداق باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلەردىن–ئۆزىنىڭ بۇرۇن يازغان نەرسلىرىنى ئۆزى  ئىنكار قىلغانلاردىن گىگانت مۇتەپەككۇر ۋېتتگىنستان  بار.

بىر زىيالى ئەڭ ياخشىسى ئۆزى تەنقىد قىلىشى كېرەك. ئاللاھ ئۆمرۈمنى بەرسە، ئىمكانيىتىم يار بەرسە بەش يىلدىن كېيىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈمنى بىر تەنقىد قىلۋېتىپ بۇرۇنقى بىلىملەرنى تەلتۆكۈس بىر ئۇنتۇپ كەتكۈم بار. چۈنكى، ھازىر بىر نۇقتىدا تەسىراتىم بەكمۇ چوڭقۇر:“ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملەر داۋاملىق ئىلگىرىلىشمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ“. گرمان جەمئيەت نەزەريىچىسى خابېرماسنىڭ بۇ تەتقىقات نەتجىسگە دەسلەپتە بەك ھەيران قالغانتىم، قوبۇل قىلالمغانىدىم. ھازىر تەلتۆكۈس ئىشەندىم.

بىلىش قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلاشتا بىزگە ئەڭ چوڭ خەۋپ  ئۆزىمىز تۇيماي كانىدەك چىڭ چاپلاشقان ئاشۇ ئەبجەق بىلمملەردىن كېلىدىكەن. فۇكاۋنىڭ بىلىم-ھوقۇق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى بىزگە ئىلگىرى شۇ سىستېما ئچىدە ئۆگەنگەن نەرسىلرىمىزنىڭ ھېچنمە ئەمەسلىكىنى تونۇتىدىكەن.

ھامان بىر تالاي ئەبجەق قاراشلار، ماغزاپ بىلىملەر قورشاۋىدا يۈرىمىز. جىددي ھەرىكەتكە ئۆتىمىسەك، بۇنى ئۆرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە سەزمەي ئۆتۈپ كېتىمىز. شۇڭا بۇ تېمىنىڭ بېشدا قسىمەتكە ئايلانغان كېچكىشلەر دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتىم.

ئاۋامىي بىلىمگە، ئاڭلىۋالغان گەپكە ئشەنمەيمەن. ئورتاق تونۇش كۆپىنچە خاتا بولىدۇ.شۇڭىمۇ نۇرغۇن گەپلەرنى ئىلمىي تەتقىقات نەتجىسىگە ئاساسەن دەۋاتىمەن. دېگەندىكىن شۇ تەتقىقاتنى قىلغان ئادەمنىڭ ئسىمىنى ھۆرمەت بىلەن ئاتىشىم ۋە ئۇنىڭ گېپىنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالماسلىقىم كېرەك. 

 

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: ?p=11798

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-09-27
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: