-
سامساپەز (سىنارىيە ) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]2010-07-06
2010-07-06
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/68355415.html
سەھنە
ئۇستام :ياغدا ئەتتىم ياغدا ئەتتىم ياغدا ئەتتىم .... ياھ..ئاللاھۇ ئەكبەر،پاھ (ماڭقىسنى ئېيىتقاچ) مىھمانلىرىم .
ياغدا ئەتتىم ياغدا ئەتتىم ....ياغ تۈگىگەندە پىياز بىلەن كاۋىنى ئارىلاشتۈرۈپ يەلدە ئەتتىم .سۈيى تاغدىن ،پىيېزى باغدىن، قىيمىسى گۆش بىلەن ياغدىن، تونور سېغىزدىن، خېمىز مېغىزدىن ،چاي دەملەيمىز باكادىن ياھ... سەيدىباقى توختىباقى .
مەن مانا ئولتاغان مىھمانلارنىڭ بەزىللىرىگە يات بەزىللىرىگە تۇنۇش ،ئەنە قارىسىلا سامسا يەيدىغانلار موتو ۋەلىسپىتلىرىنى مىنىڭ دوكىنىمنىڭ ئالدىغا تاتتى . مىنىڭ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ياققان سامسامنى بىر قىتىم يەپ قالغانلار دوكىنىمنىڭ چۆگرىدىسىن چۆگلەپ كىتەلمەيدۇ ،(مۇشۇ ۋاقىتتا شاگىرىت ئاستا مېڭىپ چىقىدۇ ئۈشۈپ گالۋاڭ ئادەمدەك)
شۇڭا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مىھمانلار مىنى ئاۋۇت سامسا دىسە تونىمايدىغىنى يوق ،
شاگىرت : شۇنداق ئۇستامنى ئاۋۇت خۇمسا دىسە تونىمايدىغىنى يوق
مەن شۇ ئاتا-بۇۋامدىن تارتىپ ئاتالغان داڭلىق سامسىپەز
شاگىرت: شۇنداق ئۇستام داڭلىق ساختىپەز .
ئۇستام :ھېي سەن نىم داۋاتىسە ھە ھە سەن مىنى نىمە دىدىڭ،
شاگىرىت :ئۇستام سىلىنى داڭلىق سامسىپەز دىدىم ھى ھى ھى ھى .
ھېي سەن ما مېنى يۇرۇت كۆرەپ قالغان كورۇك توخىدەك چۆرگىلەپ يۈرمەي ماڭ يۈگۈ تونورنى قىززىتىپ سامسا ياق . سەن ھېلىقى تەزەكنى تەردىڭما
شاگىرىت : تەدىم ئۇستام ھابۇ ئۆتەڭ بولغاندىكىن ئات ئۇلاغ ئاز ئۆتەپ ماشىنا تاراكتۇر كۆپ ئۆتىدىكەن ماشىنا تاراكتۇردىگەن تىزەكلىمەيدىكەن تېزەك ئاۋۇماي ئاز چىقىپ قالدى ئاز .
ئۇستام : بانى بانى ماڭا ماڭا تونۇرنى قىززىتىپ سامسا ياق،
شاگىرىت: ئوبدان ئوبدان ھى ھى ھى
ئۇستام : مەن ھەر قايسىللىرىغا دىسەم شەھەردە تازا ئىش ئوقەتنىڭ تايىنى يوق شۇڭا مەن دوكىنىمنى مۇشۇ ساي لەڭگەگە ئاچىقىۋالدىم بۇ يەرنى لەڭگە دەيمىز ئۆتەڭ ئۆتەڭ ،
بۇ يەردە مىنىڭ سامسىپەزلىك دوكىنىمىزدىن باشقا ئاشخانا يا چايخانا ھېچ نەرسە يوق شۇڭا ئاشۇ يېراقتىن قوسىقى ئېچىپ كەلگەن خېرىدارلار ياققان سامسىللىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بولىدۇ ،خۇددى دەرەخنىڭ غازىڭىنى سىرىغاندەك ھېچ نەسە قالمايدۇ ، خېرىدارلار سامسا دىگەننى ئەپ تۇرۇدۇ يەپ تۇرۇدۇ پۇل دىگەن كەپ تۇرۇدۇ ،بازىرىمىز ئوبدان بازىرىمىز ئوبدان ھا ھا ھا ھا بازىرىمىز ئوبدان ھى ھى ھى .
شاگىرت :ئۇستام بوشراق كۈلسىلە بوشراق كۈلسىلە ئا سامسا تونۇردا تۇماي تېزەكنىڭ تۆپىگە ئاققىلى تۇدى بۇ سامسا ساپلا ياغ تۇرۇدىغۇ بىزما ئا شەھەردىكى ئەمەت سامسىلاردەك سامسىغا ئانچە مۇنچە گۆشنىڭ باللىرىدىن ئارلاشتۇرۇپ ياقمايمىزمۇ !
ئۇستام : ھېي سەن نىمىنى بىلىسە سامسا دىگەن باغۇ ياغدا ئوخشايدۇ ياغدا بەش موچەنلىك سامسىنى ياغدا ئەتمەي ئەمسە ماشۇنداق توشقان گۆشىدا ئەتسەم بولامتى نىمە دەيدىغاندۇ .
شاگىرت : ۋاي تېخى ياخشى ئىچىگە پىياز تىقىپ ياغ تىقىپ كۆش تىققان بولسا ئىش باكەن تىخى،
ئۇستام : ئىشىڭنى قىل مەن ھە قايسىللىرىغا دىسەم بۇ شاگىرتىممۇ ھۆنەرنى خېلى ئوبدان ئۈگۈنۈپ قالدى يەرگە بىرنى تۈكۈرۈپ قۇرۇپ بولغۇچە بىر تونۇر ناننى شالاق- ۋۇلۇق تاراق -تۇرۇق بىر تونۇر سامسىنى يېقىپ چىقىرىپ بولىدۇ، ئاممالېكىنزە گەپ قىلغىلى تۇرسام بۇرتۇمغا چالما تىزىپ ساقىلىمغا لوزىنكا ئېسىپ خاپقىلىدۇ .
بوپتۇ كېرەك يوق ،مانا بىزدەك دەرىجىدىن تاشقىرى سامسىپەز ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولىدا مانداق شاگىرىتلار كېيىنچە جىگدە ياغىچىدا ياسىغان نوغۇچتەك تۈزلىنىپلا كىتىدۇ ،بولا چاققان بولا (دەپ قۇيۇپ ئىچىگە كىرىپ كىتىدۇ )
شاگىرت: ماقۇل ئانامنىڭ ئېيتقىنى كەلدى ۋاي ،
دادامنىڭ ئېيىتقىنى كەلدى
.ئەجەپمۇ يامان بولدى،
بۇ نادان ئۇستىنىڭ دەردى.
ئە.....ي ئە ئانام بىلەن دادام بالام مۇشۇ سامسىپەزلىك قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس مۇشۇ ھۈنەرنى ئۈگەن دىسە ماقۇل دەپ ئا... شەھەردىكى ئۇستامنىڭ ئاچچىقى يامان دەپ قوقاپ مۇشۇ لەڭگە گە يېنىپ چىقىپتىكەنمەن ،مۇشۇ ئۆتەڭگە ھەي ئىسىت ھەي ئىسىت ئا ...شەھەردىكى ئۇستامنىڭ يېنىدا تۇرۇۋەرسەممۇ بولاپتىكەن، بۇ ئۇستام يا ئەندە يوق يا گەندە يوق يا بىر ئادەمنى خوش قىلىشنى بىلمەيدۇ، يا خاپقىلىشنى بىلمەيدۇ ،ئىسكەتى يوق مەينەت مەينەت مەينەت، بايا كۆردىلە ما قۇلىدا سامسىنى قۇمۇرۇدۇ ما قولىدا مانداق قىلىدۇ ، مەنغۇ مانىڭغا ئېيىتتىم ئەينا ھى ھى ھى ھى ھى مانا مانا مانا ئا... ئۇستام ماياگە چىقسىلا ماياگە مايەگە چىقسىلا مايەگە
ئۇستام: ھا نىمە گەپ
شاگىرت :ما سامسا مۇنداق شاپىلاق ئۇرۇق چىقىپ قالدى خېرىدارنى ئالدىمايلى ئوبدان ئوستام خېرىدارنى ئالدىمايلى ما يەيدىغان نىمىگە ساختىلىق ئىشلەتسەك ئىلگىرى كەلمەيدۇ ،راۋاج تاپالمايمىز ما سامسا ماشۇنداق شاپىلاق ئۇرۇق چىقىپ قالدى، يا ماندا تونۇرنىڭ ھا .....ھاۋىسى پەس كەپ قالدىمۇ؟، بىر ئوبدان ئوتان قالايلى دىسە پۇل كىتىدۇ دەپ پىششىقلىق قىلىپ ئاشۇ يولدىن تېرىۋالغان كا..كا .. كالا تېزىكىدە قىززىتىلى دەپ تۇرۇۋاللا ھال كۈنىنىڭ بېرى شۇ
ئۇستام : بەش موچەنلىك سامسىنى كالا تېزىكىدە قىززىتىپ ياقماي ئوتان قالاپ قىززىتساق گۇڭ كۆتىرەمدا گۇڭ شاگىرىت: كۆتەمىگەن بىلەن تونۇرغا ياققاندىكىن تۇنۇر كۆتترەتتى ئۇنى.
ئۇستام : ئەستاغپىرىللا ھېي نىمە دەيدىغاندۇ، ما سامسا شاپىلاق چىقىپ قالغان بولسا ناسۇكنى ئەكە ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىمەن، ناسۇكنى ئەكە بولە
شاگىرت: سامسىغا يەل بىرەمدۇق؟
ئۇستام : ھە بولە
شاگىرىت: ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ....
ئۇستام : ھازىر باشقىلار تېخنىكىدا ئىلگىرلەپ نى نى نى ئىشلارنى قىلىۋاتسا مەندەك دەرىجىدىن تاشقىرى سامسىپەز تۇرۇپ ئاشۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشقا ئامال قىلالمىسام بولامتى ئەكىلە ناسۇكنى
شاگىرت: مانا ناسۇك
ئۇستام : ھە تۇتە بولە
شاگىرت:قاندا بولا ئۇستام ئۇنداق قىلساق ؟
ئۇستام : ھېچقدنداق بولمايدۇ.
شاگىرىت: ھە ماقۇل
ئۇستام : بەلەن بولىدۇ
شاگىرىت:ھە ئۇستام قاراملىق قىلمىسىلا سامسا ئېتىلىپ كىتىدۇ ھېلى بىكا
ئۇستام: بۇلە يەنە بىرنى ئالا ھە قېنى .
شاگىرىت: ھە ئۇستام شوخلۇق قىلمىسىلا ھە ئۇستام ما سامسا پارىتلاپ ئى پىيىزى ئىيىگە قىسمىسى مايەگە چۈشۈپ ما ھۈنە ئاشكارلىنىدۇ ھېلى باكا
ئۇستام : مۇشۇ بۇيىچە ھەممە سامسىغا يەل بېرىپ چىق
شاگىرىت: ماقۇل ئا يەل بەرگەىن تۆشۈكنى نىمىدە ئىتىمىز؟
ئۇستام : ئەستاغپىرىللا شۇنىڭغىمۇ ئەقلىڭ يەتمىدىما جوبو يەملەپ قوي
شاگىرىت: ماقۇل
ئۇستام : بىلىم مەسىلىسى تەخنىكا ماسىلىسى تەخنىكا ماسىلىسى تاراق تۇرۇق پۇل مەسىلىسى دىگەن گەپ با مايادە بولە چاققان بولە
ئۇستام : ۋوي ۋوي ۋوي شاگىرىت شاگىرىت مەكە ئەنە قارا ھازىر بىر ماشىنا ئادەم كەپ قالدى سامسىنىڭ ھەممىنى ماشىننىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ سېتىپ كەل
شاگىرىت:ماقۇل ئۇستام
ئۇستام: بولە چاققان بولە ( بىر پەس بازا قىززىتىپ توۋلىغان چوقانلار دىن كېيىن ئاللاھ )
شوپۇر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستام
ئۇستام : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇكام كەلسىلە
شوپۇر : سامسا بادۇ ھە ؟
ئۇستام : با ئۇكا بوغاندىمۇ ئاشۇ ياقتا قىلمىغان چىشى پاقلاننىڭ بوياندا ئەتكەن سامسا با دىسىلە كەسلە ئولتاسىلا ھازىرلا تاييار بولىدۇ كەلسىلە
شوپۇر : بۇ خېلى ئېپى بار ئادەمكەن جۇما مۇش بىر ئۆتەڭگە سامسىپەزلىك دوكىنى ئېچىۋاپتۇ ھە سامسىپەز ناۋايلارنى كۆرسەم دىلىم باشقىچە سۈيۈنۈپ كىتىدۇ چۈنكى بولار 360 كۈن زىرىكمەيدىغان نېنىمىزدە مىزىلىك سامسىنى ،لاۋىلداپ تۇرغان گۈلخاننىڭ ئىچىگە بېشىنى تىقىپ تاۋلاپ پۈشۈرۈدۇ ئەمەسما، ئاي.... سامسا دىگەننى دورا دەرمەكنى تەڭشەپ پاقلان گوشىدا ئىتىدىغان بولسا نىمە دىگەن يىيىشلىك، ۋاي ۋاي ۋاي ....شۇڭا بۇ سامسا شاھانا زىياپەت سورۇنلىرىدىمۇ دوستىخاننىڭ تۆرىدە تۇرۇدۇ. بايغىمۇ كەم بەغەلگىمۇ نىسىپ بولغاندە رىسىق تە رىسىق ،مەنمۇ سامسا دوكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەپ قالسام قۇسۇقۇم توق بولسىمۇ بىر ئىككىنى يەپ ئاندىن ماڭىمەن، قاندا ئۇستام تەييار بولدىمۇ .
ئۇستام : تەييار بولدى.
شوپۇر: ئانداقتا كەلتۈرسىلە،
ئۇستام : قېنى ئۇكا قانچىنى يەيلا
شوپۇر : ئا... ئۇستام قۇساقمۇ توقتى سامسىغا ئامراق بولغاچقا يەپ ئۆتەي دىدىم پەتنۇسقا لىق قىلىپ تازا ئوبدان كىلىشتۈرۈپ،
ئۇستام: 50 نى ئەكىلەيما؟
شوپۇر : ئىككىنى ئەكە سىلە
ئۇستام : ئىككىنى ما گەپنى كۈرۈڭ ھېي ئۇكا سۆلەتلىرىدىن قارىسا ۋۇسۇڭ پالۋاننىڭ ئاكىسى ۋۇدا چۇڭامدەك قىلىلا ئاشۇ سۆلەت بىلەن ئاران ئىككىنى يەملا ئۇكام
شوپۇر : ئا... ئۇستام بىزنىڭ بۇ قۇساق يۇغان بولغان بىلەن شۇپۇرلۇق كۇرۇسلىرىدا تۇلا ئۇقۇپ قۇسىقىمىزنىڭ كۆپ قىسمى قاتناش بىلىملىرى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن شۇڭا قۇساق ئاچسىمۇ ئاران بىرقىسمى ئاچىدۇ ئىككىنى يىسەم تۇيۇپ كېكىرىپ كىتىمەن ، ئەكىلىۋەرسىلە،
ئۇستام : ھە قاچان خىييو بىلەن خاڭيوۇ يەپ تۇشاپ كەتتىمۇ تېخى يا ئاللاھۇ ئەكبەر قومادىم ھە پاھ كەلتۇرۇۈلدى قېنى باقىلى باقىلى قېنى ئالسىلا ئۇكام
شوپۇر : ھوي ئۇستام ما سامسىنىڭ كەينىگە جوبو چاپلاغلىق تۇرۇدىغۇ ؟
ئۇستام : يا ئۇكام سامسىىنىڭ كەينىدىكى جوبۇ ئەمەس سامسىنىڭ ماركىسى.
شوپۇر: ھى ھى ھى يا ئاللا يەيدىغان نەرسىنىڭ ماركىسى بولىدىكەن ھە .
ئۇستام : نىمە دەيدىغاندۇ ئۇكام دۇكاندىكى ماللارغا قاراپ باقسىلا ھەممە مالنىڭ كەينىدە ماركىسى با بۇمۇ ساتىدىغان مال ئەلۋەتتە ماركىسى بولمامتىكى.
شوپۇر : ئاڭلىمىغان يىڭى گەپكەن بوپتۇ يەۋىرەي
ئۇستام : ۋوي ۋوي ۋوي ئۇكا ئەنە قارىسىلا ماشىنلىرىنى ئوغرى ئەپ قاچىدۇ ياكى بىريەرگە كېتىپ قالىدۇ ماڭسىلا ماشىندا ئولتۇرۇپ يىسىلە ،
شوپۇر: ماشىننىڭ چاقىنى شاگىرىت ئالماشتۈرۋاتىدۇ ،مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ يەپ ماڭساممۇ ئۈلگۈرۈمەن.
ئۇستام: ھەي ئۇكا مىنىڭ ئاتا بۇۋامدىن تارتىپ قالغان ئۆرۈپ ئادەت بۇ دۇكاندا سامسىنى يېقىشقا بولىدۇ، بۇ يەردە ئولتىراپ يىيىشكە بولمايدۇ يولدا ماڭغاچ يىسىلە ماڭسىلا ماڭسىلا
شوپۇر : مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ يەي بولدى ،
ھوي يېلى چىكەتتىغۇ بۇنىڭ ھوي ئۇستام ماسامسىنىڭ ئىچىدىن بىر تال ياغ بىلەن يەل چىقتىغۇ يەل؟
ئۇستام : ھېي ئۇكا بەش موچەنلىك سامسىنىڭ ئىچىدىن ياغ بىلەن يەل چىقماي ماشۇنداق غازنىڭ تۇخۇمى چىقسا بولامتى قاندا گەپ بولدى بۇ،
شوپۇر : يائاللا ئۆتەپ تېشىپ يەيدىغان نەرسىمۇ جالىشىپ كەتتى دىسە بولدى يىمەيمەن.
ئۇستام : يىمەيمەن ھىم يىمىگىنىڭنى مەن بىر كۆرەي قېنى .
شوپۇر : سامسىغا ئامراقتىم يەپ ماڭاي دەپتىمەن .
ئۇستام : ھېي نەگە بارىسە ئولتا.
شوپۇر: ئۇستام ئۆكتەملىك قىلمىسىلا
ئۇستام : يىمەيمەن دىگىنىڭ بىلەن ما بىر سامسىنى چىشلەپ يېلىنى چىقىرۋەتتىڭ، بىر پىيالە چاي ئىچتىڭ ،ما چاينەكنى تۇتتۇڭ، جوزىنى مايىنداق سىيپاپ قىلدىڭ، باندۇڭدا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ لاھەتلەندىڭ بەش كوي تۆلە شوپۇر : بەش كوي
ئۇستام : ھە
شوپۇر: مۇشۇنىڭغا بەش كوي تۆلەيمەنما؟
ئۇستام : نە دەيمىز بۈ يەرنى ساي لەڭگە دەيمىز بۇ يەردە ماندا پۇل تاپماي قانداق پۇل تاپىدۇ ئالە
شوپۇر : ۋاييەي ۋايجان كاززاپ ۋاي
ئۇستام: كاززاپ دىگەن سەن تىز بولا
شوپۇر سامسىپەز مۇشۇمىكىن دىسەم ساختىپەزگە يۇلاقتىممۇمەن تۇتە مانا ۋۇ شەگە پاتماي سايغا چىقىۋالغان
ئۇستام : ھېلى مەن ماگۇينى(شوپۇر كەشكەتتى )
ما ئىشنى كۈرۈڭ بىر ئوبدان شەھەردە تۇرغان دۇكاننى نىمەدەپ سايغا يۆتكەپ ئاچىقتۇق پۇل تاپىمىزدەپ ئاچىقتۇق پۇل دىگەننى ماشۇنداق تاپماي قانداق تاپىدۇ،
شوپۇر(بىردەمدىن كېيىن كېلىپ ) مەن بەش كوينى بىكا تۆلەمدىم مەن
دىھقاننىڭ ياخشىسى ئاشلىق تېرىيدۇ،
ئادامنىڭ ئەسكىسى جاڭگالدا قېرىيدۇ.
دىگەندەك سايغا چىقىۋالغان ساختىپەزكەن ماۋۇ سامسىنىڭ جا بولغىنىغا قارىغاندا تۇنۇرمۇ جامۇ بىر قاراپ باقاي ئۇستام : ھېي نەگە بارىسە ؟
شوپۇر :ماندا قاراپ باقاي دىدىم .
ئۇستام : قارايدىغان ھېچ نەرسە يوق يانە كەينىڭگە
شوپۇر : پۇل تۆلىدىم مەن
قارىغانغىمۇ پۇل ئالامتىڭ ؟
ئۇستام : ماگۇينى نىمىگە قارايدىغاندۇ؟
شوپۇر : پۇل تۆلىگەندىكىن قارىۋىلىپ كىتىمەن تۇنۇرغا باكادىن باكا پۇل تۆلەمدىم ، تۇنۇرنىڭ ئىچى ساپ تىزەك پورايدىغۇ؟
ئۇستام : ئەستاغپىرىللا تۇنۇردىگەنگە نىمە قالىسا شۇ پۇرايدۇ شۇنىما بىلمەمتىكى.
شوپۇر : ۋوي ۋوي ۋوي ...ما تۇنۇرنىڭ يېلى چىكەتتى.
ئۇستام : ھاي تۇنۇرنى تۆلە ئاھ....مىنىڭ خسلەتلىك تۇنۇرۇم تۇنۇرنى تۆلە
شوپۇر : ئۆزى جاكەن بۇ تۇنۇر
ئۇستام : ھېي ما تۇنۇرنى تۆلە
شوپۇر : مەن ھېچ نىمە قىلمىدىممەن
ئۇستام : تۇنۇرنى تۆلە ھاي شاگىرت ھو كاززاپ شاگىرت قېنى سەن ئا كاززاپنى قوغلا .
شاگىرىت: كاززاپ ....
ئۇستام : ۋاي مىنى يۆلە ۋاي ۋاي ۋاي ئا كاززاپنى قوغلا
شاگىرىت: كاززاپ.....
ئۇستام : ۋاي مېنى يۆلە ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي
شاگىرىت : ئۇستام ھوي ھوي ۋاي ئۇستام قۇپالمايۋاتىلا قانداق قىلسام قوپولا؟
ئۇستام : ماڭىمۇ يەل بەرسەڭ قوپىمەن قۇسۇقىمنىڭ يېلى چىكەتتى، بولە چاققان بولە،
شاەىرىت: ھى ھى ھى... ئۇستاممۇ يەل بەرسەم قۇپىمەن دەيدۇ ھى ھى ھى
ئۇستام: ۋاي بولدى قۇسۇقۇم ئېتىلىپ كەتمىسۇن تۇنۇرنى يۆلە بولە تۇنۇرنى يۆلە
شاگىرىت: ماقۇل ھى ھى ..ئۇستام تونۇر قانداق قىلسام قۇپىدۇ ؟
ئۇستام: بۇنىڭغىمۇ يەل بەرسەڭ قۇپىدۇ بولە بولە چاققان بولە بولە
شاگىرىت: ئى ئى ...
ئۇستام : مانداغە بولدى بولدى تۇنۇر ئېتلىپ كەتمىسۇن بولا تىز كۈتە
شاگىېىرت : ماڭىمىزما ؟
ئۇستام: بۇ يەردىن كىتىلى
شاگىرىت : ساي لەڭگە دىما راسۋا بولدۇقما كۆتەسىلە ئۇستام كۆتەسىلە
سامسىمۇ جا
تۇنۇرمۇ جا سامسۇنى ياققان ئۇستاممۇ جا
ئۇستام: ئاغزىڭنى يۇم
شاگىرىت: ھى ھى ھى.....
ئۇستام: بىزگە ئوخشاش جا نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھۈنەرۋەن كاتىپلا بولمىسا ئىستىمالچى دىگەن جىڭ مالنى قانداق پەرىق ئىتىدا ماڭا
شاگىرىت:
ئۆزلىرىدىن پەخىرلىنىدىكەنلا تېخى ئىلگىرى كەلمەيدۇ راۋاج تاپالمايمىز روناق تاپالمايمىز .... دىگەچ سەھنىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ .مەنبە ئۈزۈم ئىتوت كۆرگەچ يازدىم
随机文章:
پادىشاھ تور خاتىرىسى قايتىدىن رەتلىنىدۇ 2010-07-05ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىن ھەرىپىدە يېزىلىشى 2010-06-17بۇ مەكتەپتىن يوقۇلۇش 2010-06-09دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 1000 بېكەت 2010-06-01يىڭى ئۇسلوپ قارانچۇق 2010-05-18
收藏到:Del.icio.us