.-

بلوگلار: كىنولارنى ياقتۇرغان بولسىڭىزدوستلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىڭلار

  • 2013-04-28

    بىرەسىنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشتىن ئىلگىرى - [تەۋسىيە تىما]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/padixah-logs/232568199.html

    ئالامەتلەردىن قانچىسى سىزدە كۆرۈلدى؟ ئەگەر سىزدىمۇ شۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا، مۇبارەك بولسۇن، ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قاپسىز:
    1. گۈزەل ھېس قىلىش
    مۇھەببەت پەيدا بولغاندا قارشى تەرەپ سىزگە ھەممىدىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ، گەرچە ئۇنىڭدىن چىرايلىقلار بار بولسىمۇ، سىزگە نىسبەتەن بەرىبىر بولىدۇ.
    2. يېقىملىق تۇيغۇسى
    بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز ئۇ سىزگە يېقىملىق تۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىسىز، ئۇنى بىر ئائىلە كىشىلىرىڭىزدەك، بەزىدە ھەتتا بىر ئائىلە كىشىڭىزدىنمۇ يېقىن ھېس قىلىسىز. بۇ خىل يېقىنلىق تۇيغۇسىغا ئىللىقلىق سېزىمى قوشۇلۇپ، يېقىملىقلىق تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ سىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى ئەيىبلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ھەممە كەمچىلىكىڭىزنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
    3. ھەۋەس قىلىش ۋە ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى
    ساغلام بولغان مۇھەببەتتە قارشى تەرەپتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىمۇ بار بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى تاشقى شارائىتلىرى ۋە ئەۋزەللىكلىرىگە ھەۋەس قىلىسىز ۋە ھۆرمەت قىلىسىز.
    4. ھۆرمەتلىنىش ۋە غورۇر
    ساغلام بولغان مۇھەببەت كىشىنىڭ غورۇرىنى ئۆستۈرىدۇ. قارشى تەرەپكە ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىڭىزدە باشقىلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان خاسلىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىسىز، گەرچە سىزنىڭمۇ كەمچىلىكلىرىڭىز بار بولسىمۇ، خاسلىقىڭىز سەۋەبلىك ھۆرمەتكە ئېرىشىسىز، بۇنىڭلىق بىلەن ھاياتىڭىز تېخىمۇ مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
    5. ماختاش
    مۇھەببەتلەشكەندە قارشى تەرەپنى كۆپ ماختايدىغان بولۇپ قالىسىز، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ ماختىشىدىن زور خوشاللىق ھېس قىلىسىز.
    6. ئىگەللەش خاھىشى
    مۇھەببەت مۇتلەق بولغان ئىگەللىۋېلىش، بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدۇ، مانا مۇھەببەتنىڭ نىكاھ بىلەن نەتىجىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى.
    7. چوڭقۇر ئامراقلىق ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسى
    مۇھەببەتلەشكەن ئادىمىڭىزگە ئامراقلىق قىلىسىز، دائىم قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئويلايسىز، قارشى تەرەپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا قاتتىق ھېسداشلىق قىلىسىز، ئۇنىڭ دەرد ئەلەملىرىنى بىرگە تارتىشىشپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىسىز. قارشى تەرەپنىڭ ئازابىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئازابىدەكلا ھېس قىلىسىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ قۇربان قىلالايسىز

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

  • تور كىنوخانىمىزدىكى كىنولارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ ،كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !

  • پادىشاھ تور خاتىرىسى زىيارەت سانى :1
  • تور خاتىرە يازغۇچىسى : مۇختەر شىرئەلىي | تارقاتقۇچى ئورۇن ئۇسلۇب ئاپتورى : بۇ يەردە | بلوگلار