.-

بلوگلار: كىنولارنى ياقتۇرغان بولسىڭىزدوستلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىڭلار

  • 2012-08-24

    يىللارغا جاۋاب - [تەۋسىيە تىما]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/padixah-logs/221345050.html

    يىللارغا جاۋاب

    ۋاقىت ئالدىراڭغۇ .ساقلاپ تۇرمايدۇ،
    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى .
    ئاققان سۇلار.ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ ،
    يورغا يىللار ئۆمرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى .

    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى ،
    تۇلىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق .
    يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى ،
    ياشلىق گۈلۈدىن تۈكۈلىدۇ بىر يۇپۇرماق .

    يىللار شالىمى يەلپۈنىدۇ.ئىزلار كۈمۈلىدۇ.
    يۇپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاقشال...
    يىللار سېخى،قۇرۇق كەلمەيدۇ،ئەكىلىپ بېرىدۇ،
    قىزلارغا قورۇق ،ئەرلەرگە ساقال .

    يىللار.مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلسە،
    ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۈرۈمەن ئۈلۈمنى.
    قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۈڭۈل بۆلسە،
    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيۇمەن ئوغلۇمنى.

    ل. مۇتەللىپ
    (پارچە)

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

  • تور كىنوخانىمىزدىكى كىنولارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ ،كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !

  • پادىشاھ تور خاتىرىسى زىيارەت سانى :1
  • تور خاتىرە يازغۇچىسى : مۇختەر شىرئەلىي | تارقاتقۇچى ئورۇن ئۇسلۇب ئاپتورى : بۇ يەردە | بلوگلار