ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قاپاق تارتىشنىڭ سىگنالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قاپاق تارتىشنىڭ سىگنالى
(http://bbs.oylirim.cn)8 ?$ p- w# g) J. |8 D/ Y
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)* t, }, `' ?- J9 A6 o4 ~. X

(http://bbs.oylirim.cn)2 o& Q* G9 g/ Z
سىز تېخىچە قاپىقىڭىز تارتسا «سول قاپاق تارتسا ئاپەت، ئوڭ قاپاق تارتسا ئامەت» دەپ يۈرەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ئىلمىي بولمىغان قاراش بولۇپ، ئادەتتە قاپاق تارتىش فىزىئولوگىيىلىك ۋە پاتولوگىيىلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 P, E- q, B6 e( m   فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش بولسا كۆز قاپىقىدا كۆز قىسمىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئېللىپىس شەكىللىك ھالقىسىمان نېپىز مۇسكۇل ۋە كۆز قاپىقى مۇسكۇلى بولۇپ، ھالقىسىمان مۇسكۇل يىغىلغاندا كۆز قاپىقىمۇ يېپىلىدۇ، كۆز قاپىقى مۇسكۇلى ئىچىلغاندا كۆز قاپىقىمۇ ئېچىلىدۇ.قاپاق تارتىشمۇ دەل مۇشۇ ئىككى خىل مۇسكۇلنىڭ توختىماي ئېچىلىپ يېپىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   ئادەم ئادەتتە 6~20 سېكونتقىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم چىمچىقلىتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا كۆز بىر قىتىم چىمچىقلىتىلسا قاپاقمۇ بىر قېتىم تارتىدۇ. لېكىن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىنىڭ يىغىلىپ ئېچىلىشى ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا ئۇنى سەزگىلى بولمايدۇ. ئەمما ھالقىسىمان مۇسكۇل بىلەن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان نېرۋىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ياكى تىتىرىشى بىلەن قاپاق ئىختىيارسىز تارتىدۇ. قاپاقنىڭ تارتىشى مۇسكۇلنىڭ توك چىقىرىشىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئىلىم بويىچە ئېيىتقاندا كۆز ھالقىسىمان مۇسكۇل ئۇچى نېرۋىلىرىدىكى نېرۋا يىلىك غىلىپىنىڭ ئېلېكتىر پوتېنسىئالىغا تەسىر قىلىپ زەرەتسىزلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسكۇلنىڭ تىتىرەش ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش ئادەتتە ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق، ھېرىپ–چارچاش ياكى قەھۋە، ئاچچىق–چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ياخشى ئارام ئېلىپ، قېنىپ ئۇخلىسا، قاپاقنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، كۆز ھارارىتىنى تۆۋەنلەتسىلا بۇخىل ئالامەتلەر يوقايدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   پاتولوگىيىلىك قاپاق تارتىش بولسا كۆپ ھاللاردا ئورگانىزملىق قان–تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ياكى كۆز مۇسكۇلى نېرىپلىرىنىڭ زەرەتسىزلىنىشى، قىل تومۇرلار ۋە نېرىپلارنىڭ زەرەتلەشمەسلىكى ياكى زەرەتلىشىش دائىرىسىنىڭ زورىيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ئادەتتە كۆزنى توختىماي چىمچىقلىتىش، چىراي (يۈز قىسىمى) تارتىشىش، ھەتتا كۆز قاپاق مۇسكۇلى تارتىشىش، قاپاق ئېچىلماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)6 H; l* s3 X4 U' I6 M4 jقاپاق تارتىشنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى :
(http://bbs.oylirim.cn)3 o* r' Z. c* V1 O1 O* |   ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ھەددىدىن زىيادە چارچاش. قاپىقى توختىماي تارتىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەنلەر ئىچىدىكى 80–90 پىرسەنتى ئاساسەن كېچىلەپ ئۇخلىماي چارچاپ كەتكەنلەر بولۇپ، ياخشى ئارام ئالماسلىق سەۋەبىدىن ھالقىسىمان مۇسكۇل بىلەن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، قاپاق نۇرمالسىز تارتىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)& v, \9 N3 Q' R2 Q   كەيپىياتنىڭ تەسىرى. بەزى چاغلاردا پسىخولوگىيىلىك ئامىلمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئادەم خۇشال بولغان ياكى خاپىلىق تارتقان ۋاقىتلىرىدا كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل قاپاق تارتىش كەيپىيات نۇرماللاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، كوفېئىننىڭ نېرىپكە تەسىر قىلىشى بىلەن قاپاق تارتىدۇ. شۇڭا قەھۋە ياكى قېنىق چاينى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   كالتىسىي كەملەش. كالتىسىي–نېرىپنى غىدىقلايدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، بەدەندە كالتىسىي كەملەش كۆرۈلسە قاپاق ياكى ئېغىز تاتىدۇ، قول–پۇتمۇ تىترەيدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   قىسمەن مۇسكۇلنىڭ ئېچىلىشى نورمالسىزلىنىش. بۇنداق بىمارلاردا ئادەتتە قاپاق تارتىشقا قوشۇلۇپ يەنە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتەك نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ پەيدا بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)( J+ F$ j3 {3 h1 Z; b2 [  `% C   كۆز كېسەللىكلىرى. يىراقنى ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، ئېغىر ھالدىكى كۆز قۇرغاقلىق كېسىلى، كىرپىك تەتۈر ئۈنۈش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلاردىمۇ قاپاق تارتىش بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)2 R, y, o5 P" }) y+ m   مېڭىدە ئۆسمە بولۇش. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش، ئۆمۈچۈك تورى پەردىسى چاپلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى–كەينىدە سۈيدۈك ئاقسىلىنىڭ يوقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قاندىكى كالتىسىي تۆۋەنلىگەنلىكتىن قاپاق تارتىدۇ؛ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا ھورمون تەڭپۇڭ بولماسلىقتىن قاپاق تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، قىزىتما ئۆرلەش، ھېق تۇتۇش تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش كېلىپ چىقىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)% G) f7 Q- f' Z1 e7 ]" d+ U8 lقاپاق تارتىشنى داۋالاش ئۇسۇلى:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   قاپاق تارتىش ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلمىسە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان دورا ئاساسەن ھەرىكەت توسالغۇسىنى تەڭشەيدىغان دورا بولغاچقا، ئۇيقۇ كەلتۈرۈپ تىنچلاندۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. شۇڭا ئادەتتە قاپاق تارتىش نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگىدەك دەرىجىدە بولسا ئاندىن دورا ئىشلەتسە بولىدۇ، بولمىسا دورا ئىشلىتىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئەگەر قاپاق بەك تارتىپ توختىماي قالسا، ۋىتامىنB ياكى نېرىپنى زەرەتلەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   قىسقىسى، تۇرمۇش رېتىمىنى نورماللاشتۇرۇش، ياخشى ئارام ئېلىش، چارچاپ كەتمەسلىك، كەيپىياتنى تەڭپۇڭ تۇتۇش لازىم. شۇندىلا قاپاق تارتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)  f# a. U  b8 S. i- d- {) m
(http://bbs.oylirim.cn)' C" M* `% d5 b8 }«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلىدىن ئېلىندى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 02:10 , Processed in 0.589191 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش