ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 117059|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەسرار: يىرگىنىش (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسرار: يىرگىنىش (ھېكايە)
(http://bbs.oylirim.cn); E- P" _' a" m3 ~" \2 `

(http://bbs.oylirim.cn)2 k, F, Z7 T6 q% A*
(http://bbs.oylirim.cn)5 _' V- @! E: P; K  U* @8 V  C
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  مەن ھېچقاچان ئۆزۈمدىن بۈگۈنكىدەك يىرگىنىپ باقمىغان ئىدىم. نىجاسەتتىن يىرگەنگەندىنمۇ بەتتەررەك يىرگىنىپ كەتتىم. مۇشۇ كەمگىچە مەن ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىش ئۆزۈمدىن يىرگىنىش تۇيغۇسى ئارقىلىق پۇخادىن چىقىشتەك كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك بىلىنىپ باقمىغانىدى. كۆڭلۈمنىڭ قارىداشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. تېخى نەچچە يىل ئېلگىرىلا ئۆيىمىزدە توخو-كەپتەر بوغۇزلىساممۇ تىترەيدىغان قولۇمنى يۈرىكىمنىڭ بېغىشىغا تۇتىشىپ تۇرىدىغاندەك ئويلايتىم، ئاددى كاللام باغرىمنىڭ يۇمشاق بولغانلىقى ئۈچۈن قولۇمنىڭ تىترەيدىغانلىقى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىپ بېرەتتى. دېمىسىمۇ ئۇچاغلاردا باشقىلار مېنى بوزەك قىلسىمۇ قول ياندۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايتى. بۈگۈنى ئۇرۇشقان بىلەن ئەتىسى ئەپلىشىپ قىلىشىم ئېنىق ئىدى. ئانام دائىم ‹‹ئات تەپكەنگە ئات چىدايدۇ››دەيدىغان، شۇڭىمۇ مەنمۇ ئۇلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىداپ تۇرسام ئەتە يەنە ئۇلار بىلەن بىللە ئوينىيالايدىغانلىقىمنى ئۆزۈمگە قايتا-قايتا ئەسكەرتەتتىم. كېيىن سىنىپتىكى ئەڭ ياۋاش قىزلارغىچە مېنى مازاق قىلىش ئوبىكتى قىلىۋالغانغا قەدەر بوزەك بولۇشنىڭ ئالدىدىكى قورقۇنچ تۇيغۇلىرىغىچە، ھەتتا كەپسىز ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىلىرىغىچە ھوزۇرلىنىپ كەلگەن ئىدىم. يېنىمدىكى كىچىك تۇرۇپلا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىۋالغان پارتىدىشىم مېنى ئوغۇللارغا بوزەك بولۇشتىن قىزلارغىمۇ بوزەك بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويغاندىلا ئىچىمدە بىر ھايۋاننىڭ ئاستا ئويغانغىنىنى سەزدىم.
(http://bbs.oylirim.cn): k; E7 [* @3 C  }**
(http://bbs.oylirim.cn)2 ]& H! b' ~3 |  h2 L(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  شۇ كۈنى مەركىزى باشلانغۇچ ئاسمىنى خۇددى مېنىڭ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن تۇنجى قەدەم ئالغان چېغىمدىكىدەك سۈزۈك ئىدى. پۈتۈن ئېڭىم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك تىل-ھاقارىتى ئاستىدا بىر ئەپسۇن بىلەن بەند قىلىۋىتىلگەندەك تىنچ ئىدى. سانسىز قارا چىراقلاردەك يېنىپ تۇرغان كۆزلەرنىڭ فوكۇس نوقتىسى ماڭا توغۇرلىنىشى بىلەن تېنىمگە سۇس تېترەك ئولاشتى، ھودۇقۇش، قورقۇشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشتىن بۇرۇنقى مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىدا يېغلاپ ئولتۇرغان قىزلارنىڭ يالغان كۆز ياشلىرىغا ئالدانغان مۇدىرنىڭ سۈرلۈك قاراشلىرى، ئارقىدىن بىزنى تازا تىللاپ، ئۈستەلگە زەرد بىلەن مۇشتلاشلىرىدىن، ھەتتا ياقىمىزدىن چىڭ تۇتۇپ ئېلەڭگۈچ ئۇچۇرغاندا ئاز-تولا ھېس قىلغان ئىدىم. شۇڭا گۇمان ۋە تەئەججۈپ ئارلاشقان سانسىز كۆزلەر ئالدىدا ئۆزۈمگە يېزىلغان مۇتلەق تۆھمەت ‹‹تۆۋىنامە››منى  زۇڭتۇڭ نوتۇقى ئوقۇۋاتقاندەك ئوقۇپ تۈگەتتىم. دېمىسىمۇ مۇشۇ كۈندىن ئېتىبارەن پۈتۈن مەكتەپكە تونۇلۇپ كېتىمەن ئەمەسمۇ. باشقا ئۈچ ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئۆز ‹‹تۆۋىنامە››سىنى ئوقۇۋاتقاندا تىترەپ تۇرغان تېنىمنى بوغۇزلىنىش ئالدىدا تۇرغان كەپتەر باچكىسىغا ئوخشاتقۇم كەلگەنىدى. ئەتتىگەندىلا مەكتەپكە كېلىۋالغىنىم ئۈچۈن قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قولۇمغا چىققان بىر قەلەم بىلەن پارتا ئۈستىگە چىرايلىق قىلىپ بىر كەپتەرنى سىزىپ قويۇپ، سىنىپ ئالدىغا چىقتىم-دە ‹‹مانتا سۆگەتنىڭ ئاستىدا ئۇنىڭ تاللىرىنى تارتىپ ئوينىغاچ خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن. ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرە قوڭغۇرىقى چېلىنىپ سىنىپقا كىرگىنىمدە ئەڭ ئاۋال كۆزۈمگە چېلىققىنى مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلايدىغان رىزىۋانگۈلنىڭ غەزەپ ئارىلاشقان كۆزلىرى بىلەن پارتىدىشىمنىڭ كۆزىنى قىسماقتەك قىلىپ، تاماكا ئىسىدا سارغىيىشقا باشلىغان چىشلىرىنى چىقىرىپ سەت كۈلۈپ تۇرغان چىرايى بولدى.
(http://bbs.oylirim.cn)* ~  _: f2 z9 o4 x2 j' l9 b  r  — ئوبدان بولدى، خوپ بولدى. سەل تۇرۇپ ئويۇن كۆرىمىز، —دېدى ئۇ ئېغىزىنى قۇلىقىم تۈۋىگە قۇلۇقۇمنى يەپ كېتىدىغاندەك سوزۇپ. مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ يېتەلمىگەچكە ئۇ ئويۇننى مېنىڭمۇ كۆرگۈم كېلىپ قالغان ئىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  — نېمە ئويۇنكەن ئۇ ئاداش؟ — ئۇنىڭغا ئەجەپسىنىپ قاراپ قويدۇم، لېكىن ئۇ ھېچنېمە دېگىلى ئۇنىمىدى. پەقەت ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرە بىلەن تۇنجى سائەتلىك دەرىس ئارلىقىدىكى ئارام ئېلىش بولغاندا ھەممە بالىلارنىڭ مېنى چۆرىدەپ قاراپ تۇرغانلىقىدىن، بۇ ئويۇندا ئۆزۈمنىڭ ‹‹كەم بولسا بولمايدىغان›› مۇھىم ئويۇنچۇق ئېكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ بولغۇچە قۇلاق تۈۋىمگە قاتتىق تەگكەن بىر تېپىك بىلەن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم. كۆز ئالدىم كېچە بولۇپ كەتتى. دەلدەڭشىگىنىمچە ئوڭ قۇلۇقۇمنىڭ تېپىك تەگكەن ئارقىسىغا ئۆرۈمدۈم. ئەڭ ئاۋال كۆرگىنىم قىپقىزىل كالتە ئۆتۈك، ئاندىن ماڭا غەزەپ بىلەن مىختەك قادىلىپ تۇرغان بىر جۈپ تونۇش كۆز ئىدى. يېغلىۋىتەي دەپ قالغان ئىدىم. بار ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ يېغلىغۇم بار ئىدى. بۇ چاغدا ئانامنىڭ ‹‹بالام، ئوغۇل بالا قان تۆكسىمۇ ياش تۆكمەسلىكى كېرەك›› دېگەن گىپىمۇ قۇرۇق گەپتەك بىلىنىپ قالغان ئىدى. كەپسىز ئوغۇللار ئاز تولا بوزەك قىلغىنى بىلەن يەنە مېنى ئارىغا ئالاتتى، ئەمما بۇ قېتىم قىزىل ئۆتۈكنىڭ تېپىكى نەق يۈرىكىمگىلا ۋاراتارغا توپ كىرگەندەك بۆسۈپ كىرگەن ئىدى. شۇ چاغدىلا ئوغۇللۇق غورۇرۇم يېڭى ئۈنۈپ چىققان قۇمۇشتەك تېشىمغا تېشىپ چىقىپ چىڭ تۈگۈلگەن كىچىك مۇشتلىرىمغا بېرىپ يېغىلدى-دە ئالدىن توغۇرلاپ قويۇلغاندەك ئۇدۇل بېرىپ ئۇ قىزنىڭ قورسىقىغىلا تەگدى. ئىچىمدىكى چالا ئويغانغان يىرتقۇچ ئۇنىڭغا قاراپ ئەسەبىيلەرچە ھۆركىرىدى. ئېغىزىمدىن نېمىلەرنىڭ چىققىنى يادىمدا يوق. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن ‹‹بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارىمۇچ سۇ ئىچىپتۇ››دېگەندەك ئىشلار يۈز بەردى. باشقا كەپسىز ئوغۇللاردىن ئۆچىنى ئېلىپ پۇخادىن چىقالماي تىپىرلاپ، تۈرلۈك چارە ئىزدەپ يۈرگەن ئۈچ قىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىپ ‹‹مېنىڭ باشچىلىقىم››دىكى تۆت ئوغۇل ئۈستىدىن تۈرلۈك شىكايەتلەرنى قىلىپ، مۇدىر ئىشخانىسىدىكى پۇرژۇنلۇق ئۇزۇن كېرىسلودا يېغلاپ يېتىۋاپتۇ. مەلۇم بولدىكى، بىز ئۇ قىزلارغا پات-پات كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ ‹‹خەت››يېزىپتىمىز، ئۇلارنى مازاق قىلىپ، ئۆگۈنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپتىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىلچە خەۋەرسىز يۈرگەن قىلمىشىم ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان ئىش ئىكەن. دائىم ئۇنىڭغا ‹‹خەت›› يېزىشتىن باشقا بۈگۈن سەھەردىكى ئۇنىڭ پارتىسىغا سىزىپ قويغان ئوتتۇرى قەلەم بىلەن تېشىلگەن دۈگىلەكنىڭ باشقىچە مەنىسى بار ئىمىش. يەنە ئەتتىگەن ئۇنىڭ مېنى تەپكىنى ھەقلىق ئىكەن. بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى قاپقارا پاتقاققا چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئۆزۈمنى ئاقلاپمۇ ئاقلاپ بولالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەنىدى. ساختا كۆز يېشى مۆلدۈرلەپ تۇرغان تۆت جۈپ  كۆزنىڭ چاڭگىلىدا يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان قېرى مۇدىرنىڭ بىزنى زادىلا بوش قويىۋەتكۈسى يوق ئىدى. بىر سائەتتىن ئارتۇق ‹‹ھېكايە››سۆزلەشلىرىم بىكار كەتتى. مۇدىرنىڭ ‹‹كەڭچىللىك سېياسىتى›› ئاستىدا كەچتە گېمناستىكا مەيدانىغا يېغىلغان پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان ‹‹زۇڭتۇڭ نوتۇقى››نى نۆۋەت بويىچە مەجبۇرى ئوقۇپ تۈگەتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن سېنىپتىكى ئەڭ يۇۋاش قىزلارغىچە مېنى خالىغانچە تىللاپ، ھاقارەتلەپ كۈن ئۆتكۈزىۋەردى. ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەيتىم. دەرىستىمۇ خارامۇش ئولتۇراتتىم. تاكى باشلانغۇچنىڭ ئاخىرقى يىلىغا كەلگەندە سېنىپ باشلىقى قىزنىڭ ماڭا يازغان ‹‹خېتى›› بىلەن تەقدىرىم ئۆزگەردى. خەت ھەممە ئادەمگە يادا بولۇپ كەتكەن يېزىش ئۇسۇلى بويىچە يېزىلماستىن، بەلكى قىسقىغىنا سالام-ساھەتلىك سۆزلەرگە ئۇلاپلا مەقسەت-مۇددىئا ئېنىق دېيىلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقى، خالىسام يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىدىغانلىقىمىز ھەققىدە ناھايتى مۇكەممەل تۈزۈلگەن ‹‹پىلان لاھىيەسى›› ئوتتۇرغا قويۇلغانىدى. كېيىنكى ئىشلارنىڭ جىقى ئېسىمدە يوق، ئېسىمدە قالغىنى قەھرىتان قىشنىڭ ھەر سەھىرىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىن دوقمۇشتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغان ۋىجىك گەۋدەم، باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، سۆز-چۆچەككە قالماسلىق ئۈچۈن يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا چاندۇرماي مېڭىۋاتقان ئىككى گەۋدە ۋە ماڭا ئۆرۈك سۇنۇۋاتقان ئاپئاق قوللىرىغا قولۇمنى تېگىشتۈرۈپ ئاۋايلاپ ئالغاندىكى غالىبلارچە كەيپىيات ئىدى. بىز يوشۇرۇن يۈرگەندىن كېيىن مېنى ھېچكىم بوزەك قىلمىدى. ئۇ مېنى مەخپى قوغداپ تۇرىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەن مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغان بىر گۈزەل شېئىر ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)& C1 e& j+ Y: W7 C, y***
(http://bbs.oylirim.cn)$ K: F& C7 z. N0 X
(http://bbs.oylirim.cn)4 j  n4 l! G0 U5 w# R2 V8 `8 k. m  ھازىر بالىلىقىمنى تولىمۇ بەختلىك ئۆتكەندەك ھېس قىلىمەن. يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان ئوقۇش، كەلگۈسىدىكى ماڭا تەئەللۇق بولىدىغان كىچىك ياشاش بوشلۇقى، مېنى ھەر كەچلىكى نازاكەت بىلەن قارشى ئالىدىغان كىملىكى نامەلۇم ئايالىم ھەققىدىكى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن شىرىن خىياللار، ئىچىمدىن تۈتەپ تۇرىدىغان تەلۋە ھاياجان ۋە ئەركەكلىكىم ئارىسىدىكى كەسكىن توقۇنۇش ئېلىپ كەلگەن روھى توسالغۇلار ھەم شۇلارغا ئولجا بولۇپ كېتىۋاتقان، ھاياتىمنى تەشكىل قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ تىز رېتىمى ئېلىپ كەلگەن بېسىم مېنى تەدرىجىي روھى چۆللىشىپ كېتىۋاتقان، بىپەرۋا، قەلبىدە ياخشى-يامانلىق تەڭ كۈۋەجەپ تۇرغان بىر قارام سولتەككە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى. ھازىرغىچە قىلغان بىرمۇ ياخشى ئىشىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەمما ئەقىل كىرگەندىن تارتىپ قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئەمدىلا كۆرۈپ تۈگەتكەن كىنونىڭ ۋەقەلىكىدەك ئېنىڭ ئېسىمدە. يىللارغا ئەگىشىپ خۇمارىم ئالمىشىپ تۇردى. نەچچە يىلدىن بېرى، كىتاپ ئوقۇش، خىيال سۈرۈش، تۈرلۈك سەنئەتلەرگىچە بولغان قىززىقىشلىرىم ئارقىلىق روھىمنى نەمدەپ، شۇلاردىن كېلىدىغان خىلمۇ-خىل تۇيغۇ خۇمارىمنى قاندۇرۇپ تۇرمىغان بولسام، بەلكىم ھازىر ياكى بىر قاتىل، ياكى بىر روھى كېسەل بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. باشقىلارنىڭ ئاڭ كونتىروللىقىدا ياشاشقا ئادەتلەنگەن ھەربىر نەرسىنى تولىمۇ بىچارە ھېس قىلىمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچ-ئىچىدىن پۇرۇقلاپ تۇرغان ماگمىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا ئېڭىمدا ئاتالمىش ‹‹ئەخلاق›› چەمبىرى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولاتتى. ئىچىمدىكى ھايۋاننى قويۇۋەتتىم. ماڭا ئۆگەنگەن بۇ يىرتقۇچ ئەتراپىمدىنلا ئەمەس، ئەس-يادىمدىنمۇ، ئاددى تەپەككۇرۇمدىمۇ توساتتىن پەيدا بولۇپ قالسا دەپ تىلەيدىغان يوچۇن ئولجىسى ئۈچۈن ھەلەك ئىدى. ئۇنىڭ نېمىگە خۇمار ئىكەنلىكىنى كېيىنكى چاغلىرىمدا ئاستا-ئاستا بىلىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ تۇرقىنى كۆزلىرى قىپقىزىل يېنىپ تۇرغان ئاجايىپ سۈرلۈك، يوغان بىر بۆرە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىمەن، ئەمما بەزى يەرلىرىنىڭ بۆرىدىنمۇ ياۋۇز ئىكەنلىكىنى سېزىمەن. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى قاپقاراڭغۇ دالدىلاردا، تەگسىز چوڭقۇرلۇقلىرىدا ئۇنىڭ ھايۋانىيلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر مەخلۇق بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇ مەخلۇقنىڭ ئاشكارلىنىشى ئىنسان ھاياتىدا بۇرۇلۇش ياساپ چىقالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ يوشۇرۇن خاراكتىرىدە ياشاۋاتقان بولىدۇ. ئىچىمدىكى ھايۋاننىڭ تۈكىنى يېتىشىغا سىلاپ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويىمەن. ئۇنىڭ يەيدىغىنى تىكەنلىك بىر نەرسىدەك تۇيۇلىدۇ. ئۇ ئۇنى ئاۋازسىز مەززە قىلىپ يەۋاتقىنىدا قەلبىمدە بىر غەليان، كۆز ئېقىنىمدا كۆرۈنمەس تاشقىن ئۇلغۇيۇپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تامچىغان سۈزۈك شۆلگەيلىرى بىلەن ئولجىنىڭ ئۆلۈم نازاكىتىگە قوشۇلغان قېنى بىلەن قوشۇلغاندا كاللامدا بىر يورۇق چېقىن پەيدا بولىدۇ-دە كىرپىك توپىسى چۈشۈپ بولغۇچە تۇيغۇ ۋە كۆز ئالدىم كېسىشكەن جايغا سېڭىپ غايىپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىھاسى كېڭەيمەكتە، ئۇنىڭ نەپەسلىرىدە ھارارەت تۆۋەنلىمەكتە، مەن ئۇنىڭغا مېنىپ ياشاشنى خالايمەن. ئۇ ماڭا ئايلىنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)4 S) E8 F% D& a(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2016-7-16

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 21:02 , Processed in 0.738658 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش