ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 535|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زورۇقۇپ ئاتالغۇ-ئىسىم ياسىمايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زورۇقۇپ ئاتالغۇ-ئىسىم ياسىمايلى
(http://bbs.oylirim.cn)4 O0 Y- i, s  G& W

(http://bbs.oylirim.cn), j0 L# [' B) U( |# T«كارۋان» ناملىق بىر گېزىت بار ئىكەن. ئېھتىمال بۇنى مەلۇم بىر ئېلان شىركىتى ئىچكى قىسىمدا چىقارسا كېرەك. بىر كۈنى ماڭا شۇ گېزىتنىڭ يېڭى سانىنى تاللا بازىرىدىكى بىر خادىم ئاشقان پۇل بىلەن قوشۇپ بەردى. ئۆيگە كېلىپ گېزىتنى كۆرۈۋېتىپ، كۆزۈم «سۇبھان پىتەكلىرى» ھەققىدىكى ئېلانغا چۈشۈپ قالدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
پېتەك دېگەننى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ  ئاياغ كىيىم ئىچىگە سېلىنىدۇ. «سۇبھان» دېگەن ئۇلۇغ بىر ئىسىمنىڭ ئەرزىمەس بىر پىتەككە ماركا-نام قىلىپ قويۇلغانلىقىنى نېمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەتراپىمىزنى ھەشەمەتلىك ماركا ئېلانلىرى ۋە نامى غەيرىي ۋىۋىسكىلار قاپلاپ كەتتى. ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىسىملارنى ئويلاپ تېپىپ شىركەت ۋە تىجارەتچىلەرگە دۆندۈر ياكى پارچىلاپ ساتىدىغان ئىسىم ھۆپىگەرلىرىمۇ ئارىدىن ھايان ئېلىش مەقسىتىدە ئانا تىلنى كوچىدىكى ئىگىسىز توپتەك ھەر قاياققا تېپىپ ئوينايدىغان بولۇپ كەتتى. ئاۋات رەستىلەردىن  ئەخلەتلىك كوچىلارغىچە سەپسالساق، ئاشخانىلارنىڭ، تاللا دۇكانلىرىنىڭ، ساتىراشخانىلارنىڭ، ھەتتا موزدۇزخانا، لەڭپۇڭخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چىرايلىقراق ئىسىملىرى دۇكان نامى، تىجارەت بەلگىسى قىلىنىپ بولۇندى. تېخى بۇمۇ يەتمەي ئادەم ئاڭلاپ باقمىغان، نەدىن ئويلاپ تاپقانلىقى، كىملەر تەرىپىدىن قۇراشتۇرۇلغانلىقى نامەلۇم  ئاجايىپ غەيرىي، چۈشىنىكسىز ئىسىملار، ئاتالغۇلارمۇ تىلىمىزدا ئىستېمال قىلىنىدىغان، تىجارەت ماركىلىرىدا، ئالا - پاساق، قىڭغىر - مايماق، ھەرەڭ - سەرەڭ ۋىۋىسكىلاردا غادىيىپ تۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان، تەپتىشلەيدىغان ئورگاننىڭ بار - يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. شۇڭلاشقا «ئەھلىيا»، «سوبارە»، «مەنۋەر»، «سۇبا»، «ئۆزدار»، «ئۆزگۈل»، «ئانارىيە»... دېگەندەك يۈزلىگەن ناملار، «مەنكام»، «مېنىيە»، «قارىيىڭ»، «سادىر پالۋان ئىچىملىكى»، «جۇلا نانلىرى»، «تەبەسسۇم ئىشتانلىرى»...دېگەندەك لاۋزا ماركىلارنىڭ ئېلان ۋىۋىسكىلىرى بارغانسېرى يامراپ كېتىۋاتماقتا. يولنىڭ چېتىدە ياتقان ئەخلەت ساندۇقى بۇزۇۋېتىلسە تۆلىتىدىغان ئىگىسى بارغۇ؟ ئاللىقايسى مەسئۇلىيەتسىزلەر خالىغانچە بۇزۇۋاتقان ئانا تىلىمىزنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان بىرەر كىم يوقمىدۇ؟ ئۇنداقلارنىڭ نەزەرىدە ئانا تىلىمىز كىم كىرىپ دەسسەپ - چەيلىسە بولۇۋېرىدىغان، خالىغانلار كىرىپ شېخىغا داڭگال ئاتسا بىر كىم ھاي دېمەيدىغان تېمى يوق باغ بولدى... توۋا دەيمەن، شۇ كۈلكىلىك، ساۋاتسىزلارچە، پەلىپەتىش ئىسىملارنى زورۇقۇپ ياساۋاتقان، ئويلاپ تېپىۋاتقان نەپسى بالا ئاتالمىش «تىلشۇناس»لار قايسى ئۇۋىلاردا يېتىۋېلىپ مۇقەددەس تىلىمىزنى بۇزۇۋاتقاندۇر؟ ياق، ئىش بۇنداق ئاددىي ئەمەس، بىر ياماقلىق پايدا ئۈچۈن مىليون تىللاغا بەرگۈسىز ئانا تىلىمىزنى خالىغانچە بۇزىدىغان بىلىمسىزلەرنى جامائەت، جەمئىيەت، مۇھىمى تىل - يېزىق فۇنكسىيە تارماقلىرى جەزمەن ئەيىبلىشى، ئۇلارنى باشباشتاقلىقى، سەرىمەسلىكىنى تونۇش، تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)6 J$ q# z# P3 U( S. ~5 hجەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى تىلىمىزدىمۇ يېڭىدىن - يېڭى، مەنەلىق، ئەپلىك ئاتالغۇلار، ئىسىملار بارلىققا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، بۇ ئىسىم، ئاتالغۇلار ئوقۇغان، ئاڭلىغانلارنىڭ دىتىغا سىغىشى، مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولۇشى، جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى لازىم. ئەكسىنچە، بۇنداق ناچار ئىسىم - ناملارنى ئويلاپ چىقىرىۋاتقانلار، ناچار ماللىرىنى ئاجايىپ - غارايىپ ناملار بىلەن پۇل قىلىشقا موھتاج كاسىپلارغا كۆشۈكىنى بەش پۇلدىن سېتىۋاتقانلار ئەيىبلەشكە دۇچار بولىدۇ. بىراق، يامان يېرى شۇكى، يۇندى ياغدىن ھايان تېپىشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن ۋىجدانى سۇسلاردىن ئۈلگە ئالغان تىل بۇزارلار ئانا تىلىمىزغا خۇنۈكلۈك كەلتۈرۈپ، ئاتالغۇ، ئىسىملارنى خالىغانچە قوللىنىپ، تويماس نەپسىلىرىنى قاندۇرۇپ بەخىرامان يۈرمەكتە... مىڭ ئەپسۇس!

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 10:38 , Processed in 0.672403 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش