ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 55788|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كېچە شامىلى سوغۇق بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېچە شامىلى سوغۇق بولىدۇ
(http://bbs.oylirim.cn)( i- b$ ]6 @3 E7 J; O

(http://bbs.oylirim.cn)8 K6 I  ^) H/ t0 rئادىل غوجالىم

(http://bbs.oylirim.cn)% P+ M% J/ I' W8 p

(http://bbs.oylirim.cn)8 R! T, B  Y( c  E+ Y; X: O
جۈمە كۈنى كەچ. ئۇ ئولتۇرۇشتىن بالدۇرراق قايتىش ئۈچۈن ئاغىنىلىرىدىن رۇخسەت سورىدى. يەنە ئىككى ھەپتىگە قالماي قىزى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرەتتى، شۇڭا بۈگۈنكى سورۇندا «ئىچىۋالسام ھاياجانلىنىپ، ئۆيگە بارغاندا كۆپ سۆزلەپ قويىدىكەنمەن، قىزىمنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىدىكەن...» دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ ئىچكىلى ئۇنىمىدى، شۇنداقتىمۇ سورۇننىڭ يارىشىقى، ھە – ھۇسى بىلەن ئۈچ – تۆت رومكا قېقىۋالدى. ئۇ ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ئاچالغا كەلگەندە توختاپ پەسكە سوزۇلغان يېڭى يولغا قاراپ قالدى. پۈتكەن بولسىمۇ، كوچا چىراغلىرى ياندۇرۇلمىغاچقا، ئاي قاراڭغۇسىدا قارا يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان ئاسفالت يولغا قاراپ «قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەندۇ، لېنتا كېسىشلەر بولمىغاندۇ»دېگەنلەرنى ئويلىدى. چۈشتە ئىشقا ماڭغاندىمۇ بۇ يولنىڭ پۈتكەنلىكىنى بىلگەنىدى. ئۇ ئېسىنى بىلسە بۇ يەر بىر سايلىق ئىدى. ئەمما ئەتىياز ئۆتۈشى بىلەنلا بۇ سايلىقتىن كەلكۈن كۈۋەجەپ ئاققىنىچە تۆۋەندىكى جاڭگاللىققا سىڭىپ كېتەتتى. سايلىقنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاچاندۇر تىكىلگەن قويۇق دەرەخلىك بىر – بىرىنى قىستاشقاندەك باراقسانلىشىپ تۇراتتى، تېخى گۈللەرمۇ خۇش پۇراق چېچىپ پورەكلەپ ئېچىلاتتى. كېيىنچە يۇقىرى ئېقىندىن كەلكۈن توسمىسى كېڭەيتىلىپ، ئېگىزلىتىلگەچكە، كەلكۈن بۇ سايلىقتىن چەتنىتىلىپ، يۇقىرى ئېقىنىغا قۇيۇلىدىغان بولغان. ئۇ ئويلاپ قالدى، يول پۈتكەنىكەن مېڭىش كېرەك – تە، بۇرۇنقى يولدا ماڭسا ئىككى دوقمۇش، بىر ئاچالدىن ئايلىنىپ ئونبەش – يىگىرمە مىنۇتتا ئۆيىگە باراتتى. بۇ يول ئۆيىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەچكە بىنا ئىشىكى ئالدىغا بەش – ئون مىنۇتتىلا باراتتى. ئۇ چىراغسىز يولغا ۋېلىسىپىتىنىڭ رولىنى بۇرىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)6 s6 }6 C* P5 J2 Iماي ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋا بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەستەك بىلىندى. يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى قويۇق دەرەخلىقتىن سوغۇق شامال بىلەن گۈلنىڭ خۇش ھىدى بۇرۇنغا ئۇرۇلاتتى. ئىچىلگەن تۆت رومكا ھاراق بىلەن تەبىئەتنىڭ جىمجىت پەيزى قوشۇلۇپ ئۇنى بۆلەكچە روھلاندۇرۇۋەتتى. ئۇ بىرەر – ئىككى كىلومېتىر مېڭىشىغا قۇلىقىغا ئەنسىز ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ توختاپ قۇلاق سالدى. راستىنلا بىر ئاۋاز يولنىڭ نېرىدىكى دەرەخلىكتىن ئاڭلىنىۋاتاتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئادەم بارمۇ، قۇتقۇزۇڭلار؟ قۇتقۇزۇڭلار؟...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاۋازنىڭ سەل خىرقىراپ چىقىۋاتقانلىقىدىن بىرسى گېلىدىن بوغۇۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئۇ ئېنىق ئاڭلىدى ھەم ئىشنىڭ نېمە بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ پەرەز قىلدى. ۋېلىسىپىتىنى توختاتتى، يولنىڭ چېتىدە بىر ۋېلىسىپىت ئوڭدىسىغا ياتاتتى، ئۇنىڭ چاقلىرىنىڭ پىرقىراشلىرىدىن بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىگە مىنۇتچە بولمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ سېمونت ئېرىقتىن ئاتلىدى، ئاتلىدى – يۇ، يۈرىكى، مېڭىسى، تېنى تامامەن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندەك بولدى.
(http://bbs.oylirim.cn)! h. o; S8 f6 w& z4 @' L-يولۇڭغا كېتىۋەر، ئۇ يەرگە بارمىغىن، نەدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئۆزۈڭگە بالا تېپىۋالىسەن، ھازىر زامان قانداق؟ بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسەنغۇ، ئىككى يىل ئىلگىرى قوشناڭمۇ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق مۇشۇنداق ئىشقا ئارىلىشىپ لۈكچەكلەر بىلەن ئېلىشقانىدى، ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ خوتۇنىنى ياشلا تۇل قالدۇرۇپ، ئىككى بالىسىنى يېتىم قىلىپ ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدى...، بۇ ئەقىل ئىدى. ئۇ تۇرۇپ قالدى، ئاشۇ بالدۇر كەتكەن قوشنىسىنىڭ ياش تۇل قالغان خوتۇنى، كۆزلىرىدە مىسكىنلىك، غېرىبلىق بالقىپ تۇرىدىغان ئىككى قىزى كۆز ئالدىغا كەلدى.
(http://bbs.oylirim.cn); F' M6 _6 o4 l( y' M; A; d-ھەممە ئىشتا ئەقىلگىلا تايىنىۋالما، ياشاشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ ، ئەمدى مېنىڭ سۆزلەيدىغان نۆۋىتىم كەلدى. سەن ئادەممۇ؟ ئادەم بولساڭ ئاشۇ ۋارقىراۋاتقان، نىيىتى قارا لۈكچەكنىڭ رەزىل قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جان تىكىپ تېپىرلاۋاتقان قىز سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، تېز بول، بولمىسا ئەتىدىن باشلاپ مېنى بىر ئۆمۈر ئازابلايسەن. سېنىڭمۇ قىزلىرىڭ بارغۇ؟ تېز بول، باشقىلار ئالدىدا يۈزۈم يورۇق بولسۇن دېسەڭ، ئاناڭ بەرگەن ھالال سۈتنىڭ كۈچىنى چىقار، ئالدىڭغا يۈگۈر! بۇ ۋىجدان ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىدا ئىككى خىل ئاۋاز توختىماي ياڭرايتتى. ئۇ بۇ ئىككى ئاۋازنى دەڭسىدى، تارازىنىڭ ۋىجدان ئولتۇرغان پەللىكى بېسىپ كەتتى. كونىلارنىڭ چاقماق چېقىپ بولغىچە ئادەمنىڭ كاللىسىدىن نەچچە مىڭ خىيال ئۆتۈپ بولىدۇ دېگەنلىرى مۇشۇ بولسا كېرەك. ئۇ چاقماق ۋال قىلىپ بولغىچە ئىككى خىل مۇنازىرىنى ئۆتكۈزدى – يۇ، دەرەخلىككە ئېتىلىپلا كىردى. بىر قىز ئىككى قارا گەۋدىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇلقىناتتى، قولىدىكى سومكىسى بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۈزلىرىگە ئۇراتتى. ئىككى قارا گەۋدىنىڭ بىرى قىزنىڭ قولىدىكى سومكىنى تارتاتتى، يەنە بىرى بىر قولىدا قىزنىڭ قولىنى قايرىسا، بىر قولىدا ئاغزىنى ئېتەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-قولۇڭنى تارت، ھۇ قارا يۈز لەر، دېيىلگەن گەپ شۇ بولدى، ئارىنى سېكۇنت جىمجىتلىق باستى. قىزنىڭ سومكىسىنى تارتىشتۇرۇۋاتقىنى ئۇنىڭغا ئېتىلدى. پومداقلىشىش باشلىنىپ كەتتى. لۈكچەك مەست ھەم قاۋۇل ئىدى. بىردەملىك پومداقلىشىشتا لۈكچەك ئۇنىڭ ئاستىدا قالدى، ئۇ ئۈستىگە چىقىپ لۈكچەكنى دۈم قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىرىنى قايرىۋاتقاندا تېپىلگەن بىر تېپىك ئۇنى لۈكچەكنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇرۇۋەتتى. ئەمدى ئورۇن ئالمىشىپ قالدى، لۈكچەك ئۇنىڭ قورسىقىغا مىنىۋالدى. نەپەسلەر تېز – تېز ئېلىناتتى، يۈرەكلەرنىڭ دۈپۈلدەپ سوقۇشلىرى ئاڭلىناتتى. لۈكچەك ئۇنىڭ يۈزلىرىگە مۇشتلايتتى، تېخى قورسىقىغا تىزلاپمۇ قوياتتى. ئۇ سول قولىدا يۈز – كۆزلىرىگە ئۇرۇلۇۋاتقان مۇشتلارنى توسۇپ ئوڭ قولىدا ئەتراپنى سىپاشتۇردى، قولىغا قوش مۇشتەك نەرسە ئۇرۇلدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قولىدىكى نەرسە بىلەن لۈكچەكنىڭ زاڭىقىغا كۈچەپ ئۇردى. لۈكچەك ئېچىنىشلىق ئېڭىراپ يانغا يىقىلدى. ئۇ ئورنىدىن تېز تۇردى، قولىدىكى قوش مۇشتتەك نەرسىنى چىڭ تۇتقىنىچە قىزنىڭ كۆڭلەكلىرىنى تارتىپ، چاچلىرىنى يۇلۇۋاتقان يەنە بىر لۈكچەككە ئېتىلدى. ئۇنىڭ قولىدىكى ئاشۇ قوش مۇشتتەك نەرسە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. لۈكچەكنىڭ باشلىرىغا، بېقىنلىرىغا توختىماستىن كۈچەپ ئۇرۇلاتتى، لۈكچەك ئاخىرى پايلىيالماي قالدى، لۈكچەك ئۇلارنى تاشلاپ ئورنىدىن ئاران تۇرۇۋاتقان يەنە بىر لۈكچەكنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە قويۇق ئورمانلىق تەرەپكە بەدەر قاچتى. ئۇ قولىدىكى قوش مۇشتتەك نەرسىنى تۇتقىنىچە قىزىق قان پېتى لۈكچەكلەر قاچقان تەرەپكە يۈگۈردى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-توختا، بولدى قىل ئەمدى، سەن غەلىبەڭنى تەبرىكلە، ئىشلار دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. لۈكچەكلەر سەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قويۇق دەرەخلىك ئىچىدە پىچاقلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرغاندۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن يالغۇز، يالغۇز تۇرۇپ ئاشۇنداق جاسارەت – باتۇرلۇق كۆرسەتكىنىڭنىڭ ئۆزى كۇپايە، قىزىق قانلىق قىلما، كەينىڭگە قايت، بۇ ئەقىل ئىدى. ئەقىلنىڭ دەۋىتى ئۇنى قوغلاشتىن توختاتتى. ئۇ كەينىگە ياندى، قىز ئېسەدەپ تۇرۇپ ئۈستى – بېشىنى تۈزەشتۈرۈۋاتاتتى. ئەتراپ جىجىت پەقەت ئېغىر – ئېغىر ھاسىراش بىلەن ئېسەدەش ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قىزغا ئون قەدەمچە قالغاندا ھاسىراپ تۇرۇپ:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-قىزچاق، ئەمدى خەتەردىن قۇتۇلدىڭىز، قورقماڭ. تېزرەك ئۆيىڭىزگە قايتىڭ،- دېدى.
(http://bbs.oylirim.cn)4 X: u! l  Y* U7 D" b! u: ~$ x# Sقىز بىر پەس تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئىككى يانغا قايرىپ ئېسەدەپ تۇرۇپ:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-دادا، بۇ مەن،- دېدى. بۇ ئاۋاز تۈن قاراڭغۇسىنىڭ جىمجىتلىقىنى يەنە بىر قېتىم بۇزدى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 08:48 , Processed in 0.610946 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش