ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەھمىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەھمىيىتى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ياڭ شۈې(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

(http://bbs.oylirim.cn)* B3 S$ B+ o8 f3 l7 s (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    جوڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بەرپا قىلىشى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىىپاقى بىلەن ‹‹دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى›› بۈيۈك دىپلوماتىيە ئەندىزىسىنى بېكىتىشىگە ئەگىشىپ، يىپەك يولىغا ئەھمىيەت بېرىش دولقۇنى يەنە بىر قېتىم قوزغالدى. بىراق جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ يىپەك يولىنى دۇنيا ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى كەينىدىن ساناش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    يىپەك يولى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە باشلىنىپ مىلادىيە 16-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان قەدىمكى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سودا بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناشنىڭ چوڭ تومۇرى ۋە شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش يولى دەپ ھېسابلاندى. ئۇ جۇڭگونىڭ چاڭئەن بىلەن لوياڭنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتۈپ غەربكە قاراپ ماڭغاندا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىغا، جەنۇبتا جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سۇزۇلىدۇ. ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 مىڭ كىلومېتىر، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 3000 كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان كەڭ رايونلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مەدەنىيەت يولى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يولغا گېرمانىيەنىڭ جۇغراپىيە ئالىمى ئەڭ بۇرۇن 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ‹‹يىپەك يولى›› دەپ نام بەرگەن بولۇپ، بۇ نام كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىندى. 2006-يىلىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر يىپەك يولىدا دۆلەت ھالقىغان دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. كۆپ قېتىم مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ يىل يانۋار جۇڭگو، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئاخىرى يىپەك يولىنى بېكىتتى. باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش باسقۇچى بىلەن تەڭرىتېغى كارىدورنىڭ يول تورى تۈرىنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ھۆججەت نۇسخىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا رەسمىي يوللىدى. ھەر يىلى بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشىدا پەقەت بىرلا سان بولغانلىقتىن، جۇڭگو 2014-يىلى بۈيۈك قانالنى ئىلتىماس قىلماقچى بولدى. شۇڭا بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش سانىدا قىرغىستاننىڭ سانىنى ئىشلىتىدىغان بولدى.
(http://bbs.oylirim.cn)7 b4 K( g. ]$ z; C* |! \$ m    قىرغىستاننىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەدىمكى ئىزى ئاقبېشىم خارابىلىقى، برانا خارابىلىقى، كاراسىنايا رۈيشىكا خارابىلىقى ئادەتتىكى كىشىلەرگە تولىمۇ ناتونۇش. ئەمما جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۈيۈك شائىرى لى بەينىڭ تۇغۇلغان جايىنىڭ توقماق شەھىرى ئىكەنلىكى جۇڭگولۇقلارغا تونۇشلۇق بولۇپ، توقماق شەھىرى بۈگۈنكى كۈندە ئاقبېشىم خارابىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يېڭى شەھەر (كۆپچىلىك ئادەتتە ئېيتىۋاتقان كاراسىنايا رۈيشىكا خارابىلىقى)، بالاساغۇن شەھىرى (بۈگۈنكى برانا خارابىلىقى) غەربتىن شەرققە چۇ دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    توقماق شەھىرى سۇياب شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مىلادىيە 5-ئەسىردە قۇرۇلۇپ، مىلادىيە 13-ئەسىردە موڭغۇللار تەرىپىدىن غەربكە سەپەر قىلىش نەتىجىسىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى خانى گاۋزۇڭنىڭ تىئاۋلۇ بىرىنچى يىلى (679-يىلى) غەربىي يۇرتتا مۇھىم بازار قۇرغان بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيان غەربىي قىسىم رايۇنىدا قۇرغان ئەڭ يىراق چېگرا شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۇسەن، سۇلې ۋە يۈتيەن بىلەن قۇشۇلۇپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹‹ئەنشىدىكى تۆت بازار›› دەپ ئاتالغان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    توقماق شەھىرى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مۇھىم يۇلىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن. ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالە سوغدىلار بولۇپ، كېيىن تۈركلەر ۋە خەنزۇلار چۇ دەرياسى ۋادىسىغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ماكانلاشقان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە توقماق شەھىرىنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن خەنزۇلار بۇ شەھەرگە كېلىپ ماكانلاشقان. قەدىمكى شەھەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا زور بىر تۈركۈم دىن خارابىلىرى، جۈملىدىن بۇددا دىنى بۇتخانىلىرى، نېستۇرىيان دىنى چېركاۋلىرى، نېستۇرىيان دىنى، ئاتەشپەرەسلىك دىنى ۋە مانىي دىنىدىكىلەرنىڭ قەبرىسى جايلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا توقماق شەھىرى ئاھالىلىرى بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە مانىي دىنىدىن ئىبارەت دۇنيا خاراكتېرلىك ئۈچ دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئارخېئولوگلار قېزىۋالغان بۇيۇملار شۇ جايدىكى دىنى مۇراسىم رايونلىرىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق جايلاشقانلىقى، بۇددا ئىبادەتخانىسى، مانىي دىن ئىبادەتخانىسى، نېستۇرىيان دىن چېركاۋلىرى ۋە مانىي دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ كىچىك شەھەرنىڭ سىرتىغا جايلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ بىر قانچە خىل دىن ئېتىقادنىڭ شۇ يەرلىك ئاھالىلارغا نىسبەتەن سىرتتىن كەلگەن دىن ئىكەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئارخېئولوگلار توقماق شەھىرى ئىبادەتخانىسى خارابىلىقىنىڭ ئىچىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت پۇللارنى بايقىغان بولۇپ، ئۈستىگە ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› ۋە ‹‹دالى توڭباۋ›› دىگەن خەنزۇچە خەتلەر چۈشۈرۈلگەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ئەمدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت قازاقىستان ئۈستىدە توختىلايلى. قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى زېمىنى ئەڭ كەڭ دۆلەت بولۇپ، يىپەك يولى قازاقىستاننىڭ چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئالمائاتا قەدىمكى زاماندا جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان يىپەك يولىنىڭ ئۆتۈشكە تىگىشلىك جايى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن غەرپ سودىسىنىڭ مۇھىم بېكىتى ھېسابلانغان. رىم ئىمپېراتورى كونىستانتىن ئوغلىغا قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدە: ‹‹ئۇنىڭ سىرتىنى قازاقيادا يايلىقى ئوراپ تۇرىدۇ، ئاندىن قازاقيادىن ئۆتسە ئارنداغا بارغىلى بولىدۇ››، دەپ يازغان. قەدىمكى قازاقلار بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىدىكى ساك، ئۇيسۇن ۋە ياۋچى قاتارلىق قەدىمكى چارۋۇچى قەبىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار دەل ھازىرقى زاماندىكى قازاقلارنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹قازاق›› دېگەن سۆز تۈرك تىلىدا ‹‹كۆچمەن چارۋىچى›› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تەڭرىتېغىدىن ئىچكى دېڭىزغا بارىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا يايلىقى دەل كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايۇنغا 9000 دىن كۆپرەك ئارخېئولوگىيە خارابىلىقلىرى جايلاشقان بولۇپ، بۇنى مىسلىسىز ئۆزگىرىش ياسىغان زېمىن دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    بۇ قېتىم يىپەك يولىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىش داۋامىدا ئالىملارنى ئەڭ ئىنتىزار قىلغىنى، رەڭگارەڭ مۇھىم مىڭئۆيلەر ئارقىلىق دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇش بولدى. مەسىلەن: قىزىل مىڭئۆيدە غەربىي يۇرت رايونىدىكى ھازىرقى ساقلىنىشى ئەڭ بۇرۇن، كۆلىمى ئەڭ زور، تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان بۇددا دىنى مىڭئۆي ئىبادەتخانىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە خاس مىڭئۆي شەكلى ۋە تام سىزما ئۇسلۇبى ئارقىلىق بۇددا دىنىنىڭ غەربىي يۇرت رايونى ئارقىلىق شەرققە تارقىلىش ئىزنالىرى ۋە تارقىلىش داۋامىدىكى يەرلىكلىشىش جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بولۇپمۇ، مىڭئۆيلەردە ھازىر ساقلىنىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ مول بۇددا دىنىنى تارقىتىدىغان تام سىزمىلىرى دەسلەپتە ئىجاد قىلىنغاندا ‹‹مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك مىڭئۆي›› (كۈسەن ئۇسلۇبىدىكى مىڭئۆي) ۋە ‹‹چوڭ ھەيكەللىك مىڭئۆي›› شەكلىدە بولۇپ، غەربتىن كەلگەنلىك بەلگىسى بىلەن كۇسەننىڭ ئۆز يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىشى ۋە راۋاجىنى كۆرسىتىپ بىرىپ، ئۆزىگە خاس كۇسەن ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان. ئۇ دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارى، مەيجىشەن تېغى مىڭئۆيى، بىڭلىڭ ئىبادەتخانىسى مىڭئۆيى، بىنشەن ناھىيەسىدىكى چوڭ بۇت ئىبادەتخانىسى مىڭئۆيى، سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى بىلەن بىرلىكتە ساقلانغان دەۋر، بەدىئىي ئۇسلۇپ، مىڭئۆي ياكى بىناكارلىق ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ ئۈچ چوڭ دىنىنىڭ بىرى بولغان بۇددا دىنىنىڭ يىپەك يۇلىنى بويلاپ جۇڭگونىڭ چېگرىسى ئىچىدە تارقىلىش ئىزنالىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يىپەك يۇلىدا ئېلىپ بېرىلغان دىن مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاساسى تېمىسىنى گەۋدىلىك نامايەن قىلىپ بىرىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى بىلەن تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىشنىڭ مەدەنىيەت لىنىيە باسقۇچى بىر قاتار دىن، مەركىزىي شەھەر، بازار، تاشلىنىپ قالغان خارابىلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى تەسىر كۆرسىرىش ئىزنالىرى ئارقىلىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن مىلادىيە 16-ئەسىر ئارلىقىدا ئاسىيا-ياۋرپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت رايونلىرى، بولۇپمۇ يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن دېھقانچىلىق تېرىلغۇسى رايونلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كۆپ خىل مۇھىم تەسىرلەرنى نامايەن قىلىدۇ. دىنىي ئېتىقات، شەھەر مەدەنىيىتى، بىناكارلىق لايىھەسى، ئولتۇراقلىشىش ئۇسۇلى، تاۋار سودىسى، مىللىي ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يېقىنقى 18 ئەسىر داۋامىدا نۇرغۇن كەسىپلەردە يوقىلىۋاتقان قەدىمكى زاماندىكى مىللەت ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ سىغىشالايدىغان تارىخىي ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ئەينەك بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا كۆرگىلى بولىدىغان دىنى توقۇنۇش ۋە مەدەنىيەتتە قارشىلىشىشنى ھەل قىلىشقا ناھايىتى ياردەم بىرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)( }, g$ x7 v2 P بۇ ئەسەر ‹‹نۇر گېزىتى››نىڭ 2013-يىلى 14-ئۆكتەبىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2014-7-12 21:00:29 | ئايرىم كۆرۈش
يارايسىز باشلىق


يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-7-13 13:42:55 | ئايرىم كۆرۈش
يىىپەك يولى ھەققىدە  مەن ئانچە بىلمەييتىم..ئەمدى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم،،،،رەخمەت سىزگە ! ھارمىغايسىز


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 21:07 , Processed in 0.699677 second(s), 41 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش