ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 59481|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سەككىز ياشتىن ئوتتۇز سەككىز ياشقىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەككىز ياشتىن ئوتتۇز سەككىز ياشقىچە(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مۇكەررەم ئابدۇللا

(http://bbs.oylirim.cn)8 B: ^. X' z, B. G8 l    سۆزلەشنىڭ ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىم بىلەن ‹‹باش نەدىن كېتىدۇ دېسە ئېغىزدىن›› دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ، بۇ قانداق گەپتۇ، ئېغىز باشنى قانداق كەتكۈزەلەيدىغاندۇ، باش نەگە كېتىدىغاندۇ، ھايۋانلارنىڭمۇ بېشىنى ئاغزى كەتكۈزۈۋېتەمدىغاندۇ، دېگەندەك سو******ر قاينىمىغا غەرق بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا سەككىز ياشتا ئىدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    بۇ گەپنىڭ ۋە بۇرۇن بىلمىگەن، چۈشەنمىگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە نۇرغۇن گەپلەرنىڭ مەنىسىنى بىلگەن، چۈشەنگەن، بەزىلىرىنىڭ توغرىلىقىغا قايىل بولۇپ، ھەرقانداق ئىش – ھەرىكەت ۋە ئوي – پىكىرنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىنى قىسقا، ئىخچام، ئەقىلگە مۇۋاپىق سۆز – ئىبارىلەر ئىپادە قىلىپ، كۈندىلىك ئىش – ھەرىكىتىمىزدە ئەقىل كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەربىر قەدەمنى ئويلىنىپ باسساقلا خاتالاشمايدىغانلىقىمىزنى شۇنچە يىللار بۇرۇن ئەسكەرتىپ بولغان ئەقىللىق خەلقىمىزگە ئاپىرىن ئېيتقان ۋاقتىمدا 18 ياشتا ئىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)' o& v  Y! P3 T$ n& v+ x9 k    گەپنى جىق قىلىدىغان، گەپ قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا قىزىقمايدىغان ھەم قولىدىن كەلمەيدىغان، قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا ئامراق كىشىلەرنى دوست تۇتىدىغان، كەم سۆز كىشىلەرنى كۆرسە ئىچى پۇشىدىغان، نەدە قۇرۇق گەپ بولسا شۇ يەردە پەيدا بولۇپ تەڭ قوشۇق سالىدىغان، بىرەر ئېغىز گەپنى كۈلكىلىك قىلىۋالسا، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دەستۇرى سۈپىتىدە سورۇن – سورۇندا ئاغزىدىن شالى ئېقىپ تۈگىگىچە تەكرارلايدىغان، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، خەقنىڭ يامان گېپىنى كۆپرەك قىلىۋالسا كۆڭلى ئېچىلىپ، كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان، بىرەركىم ئۆزىدىن ئۇنى – بۇنى سوراپ قالسىغۇ نەچچە ياش ياشىرىپ قالغاندەك، يوغان بىر مەنسەپكە ئېرىشكەندەك شادلىنىپ، كېرىلىپ كېتىدىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمدا 28 ياشتا ئىدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ئوشۇق گەپ قىلغانلار، گەپ توشۇغانلار، سورىمىغان گەپكە جاۋاب بەرگەنلەر، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئازغىنا مەنپەئەتنى دەپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلەر، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز پاراڭغا، مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلىشىپ قويۇپ چوڭ بالاغا، تۈگىمەس جوداغا قالغانلار، بىلمىگەننى، كۆرمىگەننى ‹‹بىلمەيمەن›› دېيىشتىن خىجىل بولۇپ، ئويلىمايلا پەرەز بىلەن خۇددى ئەينەن بىلىدىغاندەك، ھېلىلا كۆرگەندەك جاۋاب بېرىپ قويغانلارنىڭ يېتىپ ئاشقۇدەك ساۋاققا، سۆز – چۆچەك بولغۇدەك ئەلەم – پىراققا، بۇرنى چىلاشقۇدەك لەنەتكە قېلىپ پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي يۈرگەنلەر توغرىسىدىكى گەپلەرنى، گەپ ساقلاشنى بىلمەيدىغان، ئازراقلا گەپ تاپسا شۇئان بىرىنى تېپىپ دەۋەتمىسە ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك، تاپىنىغا تىكەن سانجىلغاندەك بىئارام بولىدىغان، گەپ ساقلاشنى دۇنيادىكى ئەڭ مۈشكۈل ئىش ھېسابلايدىغان، يالغاننى راستەك بايان قىلىپ باشقىلارنى ئىشەندۈرەلەيدىغان، راست گېپى بىلەن يالغان گېپىنى پەرق ئەتمەك تەس بولغانلارنىڭ ئۆزگىچە مىجەزى پۇتىغا چوماق، بېشىغا توقۇناق بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا 38ياشلىق ئايالغا ئايلاندىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپكە ھەرقاچان مەسئۇل بولىدىغان، ھەرقانداق گەپنى ئويلىنىپ، ئەقىل ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىدىغان، ئاغزى ئىتتىكلىك سەۋەبىدىن ئويلىمىغان بالاغا، ئاخىرى چىقماس دەۋاغا قالمايدىغان، ۋەدە بېرىپ قالسا ئەمەل قىلماي قويمايدىغان، ‹‹ماقۇل›› نى چوقۇم ‹‹ماقۇل››غا ئايلاندۇرىدىغان، ئادەمنىڭ ئالدىمۇ، كەينىمۇ ئوخشاشلا ‹‹گۈل›› بولىدىغان، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالغۇچە دېمىگەن گېپى قالمىغىنى بىلەن، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا كۆۋرۈكنى بۇزۇۋەتمەيدىغان، قانداق جايدا، قانداق چاغدا سۈكۈت قىلىشنى بىلىدىغان، سۈكۈتنىڭ بەزىدە ئاقىللىق، بەزىدە غاپىللىق بولىدىغانلىقىنى، بەزىدە ‹‹كۆرمىگەن››، ‹‹ئاڭلىمىغان›› بولۇۋېلىشنىڭمۇ ئادەمگە پايدىسىز ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن، ئوشۇق گەپنىڭ ئېشەككە ئەمەس، ئادەمگە يۈك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا نەچچە ياشقا كىرىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەمما 48، 58، ...68 ياشلارغا كىرگۈچە تېخىمۇ مۇكەممەل ئادەم بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2016-01/11/content_486745.htm

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 22:51 , Processed in 2.299307 second(s), 36 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش