ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 48915|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)5 `; T6 m/ \; F! [. s' w4 iشىڭ شىسەينىڭ مىلىتارىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ  تىكلىنىشى

(http://bbs.oylirim.cn)* X' m0 x. h5 A# K, `  شىڭ شىسەي«شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دىن كىيىن، قۇرال كۈچىگە تايىنىپ چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ ۋاقىتلىق دۇبەنلىك ۋەزىپىسىنى تارتىۋېلىپ،شىنجاڭنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. ئۇ ئالدامچىلىق بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ  ياردىمىگە  ئىرىشىۋىلىپ ، كۆپ قېتىملىق كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم كىرگەن ماجۇڭ يىڭنىڭ  قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلدى،ئىلىنى ئىگىلەپ  تۇرغان جاڭ پېييۈەنى يوقاتتى؛جىنايى پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ تاۋمېڭيۆ،چېن جوڭ،لى شياۋتىيەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ خۇاڭمۇسىڭنى كېتىشكە مەجبۇر قىلدى، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى  چېگرا مۇداپىئە دۇبەنلىكىگە تەيىنلەشكە  قىستىدى؛ شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ  جېڭ رۇنچېڭ قاتارلىق گېنېراللىرىنى  تۇتقۇن قىلىپ، شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنى  تىزگىنلىۋالدى ؛ بەيئەت قىلغان ئاق گۇۋارديچىلەر قوشۇنىنىڭ كاتتىباشلىرىنى ئېتىۋەتتى، ليۇ ۋېنلوڭنى تەقىب ئاستىغا ئالدى، جۇرۇشىنى ئۆلكىلىك قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى قىلىپ ئەۋەتتى، شۇنىڭ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ  شىنجاڭدىكى مىلىتارىست ھۆكۈمرانلىقىنى  تىكلىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)/ L: Q& a' b7 c, Z, _2 ]   «شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى»دىن كىيىن ،شىڭ شىسەي چېگرا مۇداپىئەسى ۋاقىتلىق دۇبەنى بولدى. ئۇ بۇچاغدا جىددىي سىياسىي-ھەربىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى؛ (1) 1933 -يىلى ئەتىيازدا ماجوڭيوڭ ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ بارىكۆلدىن غەربكە ئىلگىرىلەپ  مورى ، گۇچۇڭ ، جىمىسار قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. بۇچاغدا ماجۇڭيىڭغا  تەۋە قىسىمدىن ماچۈەنلۇ نەنسەننى ئىشغال قىلىپ ،ئۈرۈمچىگە تەھدىت سالدى؛ ماخۇيۇڭ قىسمى ئالتاي،تارباغاتاي  ئەتراپىدا ھەرىكەتلەندى. (2) نەنجىڭ ھۆكۈمىتى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كىرىپ گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى  تىكلەش كويىدا  بولدى.(3) شىنجاڭدا يەرلىك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە گۇرۇھلار  شىڭ شىسەيگە قايىل بولمىدى، چېن جوڭ، تاۋمېڭيۆ، لى شياۋتىيەن قاتارلىق «شىنجاڭ 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دە خىزمەت كۆرسەتكەنلەر كۆڭۈلدىكىدەك ئىشقا قويۇلماي قالدى؛ ليۇ ۋېنلۇڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلكىلىك  ھۆكۈمەتكە قورچاق رەئىس بولغانىدى؛ خۇسۇسەن جاڭ پېييۈەن ئۆزىنىڭ  سالاھىيىتى ۋە ئاتاق ئابرۇيى جەھەتتە شىڭ شىسەينى بېسىپ چۈشەتتى ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئىلى، تارغاباغتايدا خىلى ئەمىلى كۈچى بار ئىدى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ ، شىڭ شىسەينى جايلىۋىتىشنى خىيال قىلىشتى. شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى  تىكلەش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن تۈرلۈك چارىلەر بىلەن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى بۇرۇنراق ۋەزىپىگە تەيىنلىشىنى  قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى ؛ يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي دۈشمەنلىرىنى پائال تۈردە يوقىتىپ  ، ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى تولۇقلىماقچى بولدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)/ X; |/ Y; F- oشىڭ شىسەي (1895-1970)

(http://bbs.oylirim.cn)8 M; Q1 n, \. t: ^. gماجۇڭيوڭ قۇمۇل، بارىكۆل ،مورى ، گۇچۇڭنى  ئالغاندىن كىيىن داۋاملىق غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ جىمىسار ناھىيەسىنى بېسىۋالدى. شىڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجى  بىلەن مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇنى ماجۇڭ يىڭدىن  ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ، خۇجىنىيازنى «جەنۇبىي شىنجاڭ گارىنىزونىنىڭ قوماندان» لىقىغا تەيىنلىدى . شىڭ شىسەي 1933-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا ، فۇكاڭغا يۈرۈش قىلىپ ، ماجۇڭ يىڭ بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولدى، دەل شۇ مەزگىلدە نەنجىڭ  گومىنداڭ ھۆكۈمىتى  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى خۇاڭ موسۇڭنى «ھال سوراش» ۋە «ياراشتۇرۇش» ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ياراشتۇرۇش مەغلۇپ بولۇپ ، شىڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ زېنىچۈەنزىدە (فۇكاڭ بىلەن جىمىسار ناھىيەسى ئارىلىقىدا )جەڭ قىلدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ماجۇڭيىڭ  مەغلۇپ بولۇپ 3000دىن كۆپرەك قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ گۇچۇڭ ، مورى  تەرەپكە چېكىنىپ كەتتى، ئاندىن تىيانشان تىغىنى كېسىپ ئۆتۈپ تۇرپان پىچانغا چېكىندى. شىڭ شىسەي قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئۇنىڭ كەينىدىن گۇچۇڭغىچە  قوغلاپ باقتى، بىراق ئۈرۈمچىدە سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىمسىز بولغاچقا ، ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شىڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭ يىڭ  زېچۈەنزىدە ئىلىشىۋاتقاندا ، خۇاڭ موسۇڭ ئۈرۈمچىدە ليۇ ۋېنلۇڭ، تاۋمېڭيۆ، چېن جۇڭ ، لى شياۋتيەن قاتارلىقلارنى ئۆزىگە تارتىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى پىلانلىدى. شىڭ شىسەي ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىش ئالدىدا خۇاڭ مۇسۇڭنى نازارەت قىلىشقا ئادەم قويغانىدى . خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن ۋە ئۇلاردىن كەلگەن مەخپىي تېلېگىراممىلىرنىمۇ شىڭ شىسەي تەرجىمە قىلدۇرۇپ بىلىۋالغان ئىدى، قىسقىسى، خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەرىكىتى شىڭ شىسەيگە بەش قولدەك ئايان ئىدى. شىڭ شىسەي 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ،26-كۈنى جىددىي يىغىن چاقىردى. يىغىندا تاۋ مېڭيۆ، چېن جۇڭ ،لى شىياۋتيەنلەرنى تۇتقىن قىلدى ھەمدە توپىلاڭ قىلىش سۇيىقەستىدە  بولدى دېگەن بەتنام بىلەن شۇ جايدا ئېتىپ تاشلىدى. ئارقىدىنلا شىڭ شىسەي خۇاڭ مۇسۇڭنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تېلېگىرامما يوللاپ ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ليۇ ۋېنلۇڭ بىلەن شىڭ شىسەينى تېزدىن ۋەزىپىگە قۇيۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا  قىستىدى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ليۇ ۋېنلۇڭنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە، شىڭ شىسەينى چېگرا مۇداپىئە دۇبەنلىكىگە ، جاڭ پىييۈەننى ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى ۋە يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان قۇرۇقلۇق 8-شىنىڭ شىجاڭلىقىغا رەسمىي تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئىلىۋالدى.
(http://bbs.oylirim.cn)4 J$ e, G1 w" z. o8 W1933-يىلى 9-ئايدا نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئەدلىيە -مەمۇرىيەت مىنىستىرى ، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوۋېنگەننى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
لوۋېنگەن ئاتاقتا  ليۇۋېنلۇڭ بىلەن شىڭ شىسەينىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى نازارەت قىلىش ، ئەمەلىيەتتە جاڭ پېييۈەن بىلەن ماجۇڭ يىڭنى  بىرلەشتۈرۈپ شىڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتى بىلەن كەلگەنتى.  شىڭ شىسەي لۇ ۋېنگەننىڭ شىنجاڭغا كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى بىلگەنلىكتىن ، ئۇنى ئۆز يىغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماقچى بولدى، بىرتەرەپتىن ، لۇۋېنگەندىن ماجۇڭيىڭنى ئۈرۈمچىگە سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىشنى ئۆتۈندى ،يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇرۇشقا جىددىي تەييارلىق قىلدى. ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچىگە سۆھبەتكە كېلىشنى رەت قىلدى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى شىڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ يەنە تۇتۇشتى، ماجۇڭيىڭ قارا شەھەر، كورلا ،مورى  قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى، ماخېيىڭ ئالتايدىن غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ چۆچەكنى ئالدى.10-ئايدا شىڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ نىڭ قوشۇنلىرى داۋانچىڭدا تۇتۇشتى، شىڭ شىسەينىڭ قوشۇنى ئېغىر زەربە يەپ ، ئۈرۈمچىگە چېكىندى. ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى ئۈرۈمچىنى تەرەپ - تەرەپتىن قورشىۋالدى. ماخېيىڭ قىسىملىرى دۆربىلجىندىن يولغا چىقىپ ، ساۋەن ، ماناس قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلدى،ئېلى بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدىكى  قاتناش ئۈزۈلۈپ قالدى. جاڭ پىييۈەنمۇ شىخۇنى ئىشغال قىلىپ ماناسقا قاراپ ئىلگىرىلىدى، شىڭ شىسەي كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن يات كۈچلەرنى تازىلاپ ، ئىچكى قىسىمنى رەتكە سالدى. شىڭ شىسەي شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ  گېنېراللىرىدىن جېڭ رۇنچېڭ، سۇگو، ياڭ ياۋجۈن، يىڭ جەنبىڭ  قاتارلىق كىشىلەرنى، بۇيرۇققا بويسۇنماي قانۇنسىزلىق قىلىشقا ئۇرۇندى دېگەن بەتنام بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، شەرق شىمال ئارمىيەسىنى تىزگىنلىۋالدى؛ دۈشمەن بىلەن تېل بىرىكتۈردى دېگەن بەتنام بىلەن  بەيئەت قىلغان ئاق گىۋاردىيەچىلەر  قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېرى گېمراكىن، ئانتونۇۋ، پانپىنگورت قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتقىن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىدى؛ ئارقىدىنلا دۇبەنگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرماقچى بولدى دېگەن بەتنام بىلەن ليۇ ۋېنلۇڭنى تەقىب ئاستىغا ئالدى، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇدىسى مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى جۇرۇيشىنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئىگەلەپلا قالماي ، بەلكى ھاكىمىيىتىنىمۇ تىزگىنلىۋالدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1933-يىلى11-ئايدا ، ماخېيىڭ قوشۇنى ماناس، قۇتۇبى ئەتراپىدا شىڭ شىسەي قوشۇنى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلدى . ماخېيىڭ ئوق تېگىپ ئۆلدى، 12-ئايدا تۇنجى تۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى  قورغاستىن ئىلىغا كىرىپ ، جاڭ پىييۈەننىڭ لاگېرىنى ئالدى، ئۇزاق ئۆتمەي جاڭ پىييۈەن قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ياڭ جېجۇڭمۇ  شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قۇتۇبىدا  تارمار قىلىندى. 1934-يىلى 1-ئايدا يەنە بىر تۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى  باقتۇ جازىسىدىن چۆچەككە كىردى. 2-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ شەھەرنى قامال قىلىۋالغان ماجۇڭيىڭ قوشۇننى توپقا تۇتتى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ماجۇڭيىڭ مەغلۇپ بولۇپ داۋانچىڭغا قاچتى. 3-ئاينىڭ6-كۈنى شىڭ شىسەي قوشۇنى داۋانچىڭنى ئالدى، ماجۇڭيىڭ مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىندى. بۇ چاغدا شىڭ شىسەي شىنجاڭدىكى ھەربىي ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى ئاساسەن تىكلىۋالغان ئىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»دېگەن كىتابتىن ئىلىندى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەلەمگە ئالغۇچى : سالونىمىزدىن  ئابلەت

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 08:51 , Processed in 0.633994 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش