ئۆزىمىزنى دەڭسەشنى بىلگىنىمىز تۈزۈك
(http://bbs.oylirim.cn)7 a0 g7 @8 ^& w/ t
(http://bbs.oylirim.cn)2 G& m' I' R( {. @مۇھەممەد ئىبراھىم
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)9 H3 Q4 G" h4 y بىزدە ‹‹ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىش دانالىق››، ‹‹باشقىلارنى ھۆرمەتلەش– قەدىرلەش ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە قەدىرلىگەنلىك›› دەيدىغان ئەقلىيىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپكەلمەكتە. بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر قايسىمىز ئۆمۈر مۇساپىسىدە ئەلگە ئېلىكىمەن، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە،ھەمدەملىكىگە ئېرىشىپ، ھايات ئاسايىشلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىمەن، دەيدىكەنمىز، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشكە، باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىشكە ھەر ۋاقىت، ھەرجايدا ئەمەل قىلىشىمىز، ھېسسىي تۇيغۇمىز بويىچىلا باشقىلاردىن ئالدىراپ–تېنەپ ئاغرىنماسلىقىمىز، ھەرقانداق ئىشتا ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئوبدان دەڭسىشىمىز، ئۇرۇق – تۇغقان، قېرىنداشلارغا، ئەتراپىمدىكىلەرگە، خىزمەتداشلىرىمغا، قولۇم – قوشنىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتىمەن، ئۇلار بىلەن ھەمدەملىكتە ئۆتۈشتىكىمەجبۇرىيىتىم نېمە؟ دەپ، ئۆزىمىزگە ھەرۋاقىت سوئال قويۇپ تۇرۇشىمىز لازىم. تەبىئىيكى، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، باشقىلارنىڭ ھىممىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش گۈزەل كىشىلىك پەزىلەت. بۇ پەزىلەتنى ھەركىم مەنىۋىيىتىگە سىڭدۈرەلىسە، كىشىلىك كامالىتىگە يېتىنىپ، ئىززەت – ھۆرمەت تاپالايدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەتراپىمىزدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، قوشنىدارچىلىقتا،ئېلىم – بېرىمدە، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ‹‹ھە›› دېسىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگىلا ۋاپادارلىق قىلىشىنى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىنى، كۆيۈنۈشىنى، غەمخورلۇق، ھېسداشلىق قىلىشىنى تەمە قىلىپ، ھەممە ئىشتا ‹‹مەن››نى چىقىش قىلىدۇ – دە، نەتىجىدە ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازابلايدۇ. مەسىلەن: بەزىلەر ئۆز خاھىشى، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، جاھاندا بىر ئۆزىلا ياشايدىغاندەك، ئۆي بېزەشتە ئەسلىدىن ئىچىگە ئېچىلىدىغان تالا ئىشىكىنى قەستەن تېشىغا ئېچىلىدىغان، ئوڭغا ئېچىلىدىغىنىنى سولغا ئېچىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، يان قوشنىسى ۋە يۇقىرى قەۋەتتىكىلەرنىڭ كىرىپ – چىقىشى، چىقىپ – چۈشۈشىگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرگەندە، قوشنىلار ئۇنىڭغا بۇ ئىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، ئۇ قوشنىلىرىغا دېۋەيلەپ يېنىپ، ‹‹مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك››دېگەندەك ئۇلاردىن رەنجىپ، دومسىيىپ يۈرۈپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىملار ئەرمەك ھايۋانلارنى ئەسلىدىلا كۆلىمى كىچىك، كۆپ قەۋەتلىك ئۆيلەردە بېقىپ، قولۇم – قوشنىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا، ئارامىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. قىسمەنلەر ئىدارىسى ياكى بۆلۈمىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قايىل بولماي، ئۇنداق قىلالايتتىم، مۇنداق قىلالايتتىم، دەپ، ‹‹ئۆزۈمنى دەڭسىمەي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن›› دېگەندەك ئاقىۋەتكە مۇپتىلا بولماقتا. بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھال – ھە!؟ ئەگەر بۇنداق ئىللەت ۋاقتىدا ‹‹شىپا›› تاپمىسا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزجېنىمىزغا ئۆزىمىز ئېكەك سالغان بولىمىز، خالاس.
(http://bbs.oylirim.cn)% o( M% `3 d& T% A& t2 z" o H(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەنبە:8ساراي