خــوتــۇن ئــومــۇمــنــىــڭ مــۈلــكــى ئــەمــەس
(http://bbs.oylirim.cn)- ]# i5 L C# w' Z, j8 Z(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇرادەر ، توي كۈنى خوتۇنىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئالغاندىن باشلاپ ئۇ سىزگە مۇتلەق تەۋەدۇر . شۇنداقلا سىزمۇ ئۇنىڭغىلا تەئەللۇقسىز. بەزىلەر ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا ئېرى ، يېرىمىغا ئىدارە ئىگە دەۋالىدۇ ھەجىۋىي قىلىپ . ئەمما ئىشلەمچىلىك مۇناسىۋىتىدە ئۇ مەلۇم ئىدارە - ئورگانغا نىسبەتەن ھەقلىق مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ، ئەمما نىكاھ ۋە ئەر- ئاياللارنىڭ بىر - بىرىدىن مەنپەئەتلىنىش مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە دەخلىسىزدۇر ، مۇتلەقتۇر . شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ئىگە بولۇڭ . مەن بەزى ئەرلەرنىڭ ئىدارىگە باھالاش كېلىدىكەن ، مېھمان كۈتىدىكەن دەپ خوتۇنلىرىنى ئاخشاملىرىمۇ كىملەرنىڭدۇ خىزمىتىگە سېلىپ بېرىپ ، ئۆيىدە پۇشۇلداپ ئولتۇرىدىغىنىنى بىلىمەن ھەم بۇنداق ئەھۋاللارنى خېلى كۆپ كۆرگەنمەن. ئەمما سىز مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئەر بولىدىغان بولسىڭىز ، ئايالىڭىزنىڭ ئىدارسىدىكىلەرنىڭ ھەر قانداق باھالاش ، كۈتۈۋېلىش شەكلىدىكى ئورۇنسىز ئولتۇرۇشلىرىغا قاتنىشىشقا يول قويماڭ . مەن بۇنداق كۈتۈۋېلىش شەكلىدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىمەن . ئايالىڭىز نىكاھتىن باشلاپلا سىزلا بەھىرلىندىغان مۇتلەق نېمەتكە ئايلاندى . ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ بەھرلىنىشىگە ، كۆڭۈل ئېچىشىغا يول قويماڭ . شۇنداقلا ئايالىڭىزسىز سىزمۇ مۇنداق ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشىغا ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماڭ . سىز ئۆزىڭىز ھەر يەر - ھەر سورۇنلاردا يايراپ يۈرۈپ ئايالىڭىزنى مېنىڭ خىزمىتىمنىلا قىلىسەن دەپ سىرتماققا ئالسىڭىز ، بۇ ئادالەتسىزلىك ھېساپلىنىدۇ ھەمدە ئوڭايلا ئايالىڭىزدىمۇ قارشلىشىش ، شۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالىدۇ . ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلما ..........
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بەزى سورۇن ، يىغىلىش ، قاتنىششىلارغا بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندىمۇ خەقنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن تانسا ، ئۇسسۇل ئويناشتىن ساقلىنىڭ . شۇنداقلا خوتۇنىڭىزنىمۇ ئومۇمنىڭ مۈلكى ، كىم ئوينىسا بولىۋېرىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ . بىزدە خوتۇنى باشقىلار بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئوينىسا ، ئۆزى بىر تەرەپتە تۇرۇپ قاراپ تۇرىدىغان ئەرلەر ئاز ئەمەس . ھەتتا بىرەر باشلىق خوتۇنى بىلەن تانسا ئويناپ قويسا ، خوشلۇقتىن كۆرەڭلەپ بېشى ئاسمانغا تاقىشىدىغان ، باشلىققا رەھمەت ئېيتىپ سۆيۈنۈپ كېتىدىغان ئەرلەرمۇ ، ئۆزى ئۆيىدە داغ چايغا قاتتىق ناننى چىلاپ يەپ ئولتۇرىدىغان خوتۇنى رېستۇراندىن ، خەق بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناپ بەزمىخانىدىن كېلەلمەيدىغان ئائىلىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ........... بۇرادەر ، ئۇنتۇماڭ ۋە دىققەت قىلىڭكى ، خوتۇن ئومۇمنىڭ مۈلكى ئەمەس . خوتۇن ئەر بولغۇچىغىلا تەۋە.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ شۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى ، شۇنىلا كۈتىشى ، شۇنىڭلا كۆڭلىنى ئېچىشى كېرەككى ، يات ئەرلەر بىلەن تانسا ، ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىپ ، كۆڭلىنى ئېچىپ قويماسلىقى كېرەك . يات جىنىسلىق ئەلەرنىڭ تەن ئەزايى بىلەن تولا ئۇچراشقان ئايال سىزنىڭ تېنىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا بارا - بارا غەيرى سېزىمدا بولماس ، ھەتتا سىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىزدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ، نارازى بولۇشقا خۇشتار بۇلۇپ قالىدۇ ، ھەمدە ئۇچرىشىش ، ئولتۇرۇشلىرى تېخىمۇ كۈپىيىپ ، ئۆيدىن ، سىزدىن پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كىيمىگە ، گىرىمگە ، ئەرلەرنىڭ ماختىشىغا ئامراق بۇپ قالىدۇ - دە ، سىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلاپ كىتىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ ، رېستۇرانغا ، يات ئەر - ئاياللار ئولتۇرۇشلىرىغا ئامراق خوتۇنلارنىڭ قايسى بىرى ئۆز ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتىدىكىن ؟ قايسى بىرى ئېرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلدىكىن ؟ ............
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئايالىڭىزنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . ئۇ ئومۇمنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىدىغان مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن . ئايالىڭىز ئۈچۈن سىز ۋە نىكاھ ، ئائىلىدىن مۇھىم ئولتۇرۇش ، كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن ياكى دوست يوق . سىزنىڭ ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغىنىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ تۆۋەنلەۋاتقىنىدىن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇنى تۇتۇپ قېلىڭ . ئۆز دائىرىڭىزدە كونترول قىلىۋېلىڭ . بولمىسا ئۇ ئەتە - ئۆگۈن يەنە بىر گەدىنى توم ، يانچۇقى بوم بىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
(http://bbs.oylirim.cn)( |6 O7 p- u' x5 m) B+ k مەنبە:بىر دەرتمەننىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىرىم