مەن شائىر ئەمەس (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن شائىر ئەمەس ! پەقەت چىڭقى چۈشتە كىملەردۇر تەرىپىدىن ئۈزۈلۈپ ، ماي يولغا تاشلىۋېتىلگەن گۈلنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ، سۈپ – سۈزۈك سۇلىرى كۈۋۋەجەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا تاشلىۋەتكۈچى !
(http://bbs.oylirim.cn)% P4 d N+ X# t0 k2 ]مەن شائىر ئەمەس ! پەقەت قۇياشنىڭ ھارارىتى يەر – زىمىننى تازا قىزىتقىنىدا ، چۆلدە قالجىراپ تۇرغان بىر تۈپ يۇمران گىياھنى ئۇچرىتىپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزتىراپ چەككۈچى ۋە ئاداققى بىر يۇتۇم سۈيىنى ئۇنىڭ يېنىغا قۇيۇپ قويغۇچى !
(http://bbs.oylirim.cn)0 t. }* d$ ], X' v7 i7 D: `; Y( tشائىر ئۆزى ئۇلۇغ ئادەم ئەمەس ! ئۇ پەقەت ھاياتلىقتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ئەڭ ئۇششاق ئەرزىمەس ئىشلىرى ئارىسىدىن ئەڭ ئۇلۇغ بولغان ھەقىقەتنى قېزىپ چىققۇچى !
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شائىر باي بولماسلىقى كېرەك ! شائىر باي بولسا ، ھەقىقەتنى ، ھېسىياتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ شېئىرنى تاشلايدۇ . ئۇ شېئىرنى تاشلىمىغان بولسىمۇ ، لېكىن شېئىر ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ . ئەمما شائىر باي بۇلۇشنى ئويلىشى كېرەك . مەن بۇ يەردە پۇل ، بىلىم ، ھېسىيات ، ئەقىل پاراسەت ، ھەممىسىنى دېدىم .
(http://bbs.oylirim.cn), {1 D0 ?, K# D$ |0 cمەن شائىر ئەمەس ! پەقەت پايانسىز دېڭىزدا كىچىككىنە تەمەچكە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ ، ئۆزى ئاپرىدە بولغان تۇپراققا باغرىنى يېقىش ئۈمىدىدە قانداقتۇر بىر كۈچ تەرىپىدىن نىجادىيەت كۈتۈپ تۇرغان چۈمۈلىنى بايقاپ ، قىرغاققا ئېلىپ چىققۇچى !
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن شائىر ئەمەس ! پەقەت نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ ئادەملەرنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان ياكى كەلگەن قىسمەتلەرنى تېتىپ باققۇچى ھەم ئۇنىڭ تەمىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەرگۈچى !
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شائىر ھەقىقەتنى ، ئادىمىيلىكنى ۋە چىن ئىنسانلىقنى مەدىھلىگۈچى ! لېكىن شۇ نەرسىلەرنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس . بىز ئۇنىڭ شۇ نەرسىلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى ھەم شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلىپ ، بىز بىلەن بىرگە ھالەك بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بىراق ، شائىر ھەرگىزمۇ قەھرىمان ئەمەس ! لېكىن ئۇ قەھرىمانلىق ئىزدەيدۇ . شېئىر ئۇقۇمايدىغان ئادەم ياكى شېئىرنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم شائىردىن تەلەپ قىلىدۇ . شائىر ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق ئىش ئۆزى يازغان مىسرالارنىڭ لەۋلەردە جانلىنىشى ياكى ئوقۇلۇشى . بۇ بىر ئادەمنىڭ سۆيۈلۈشكە مۇھتاج بولغىنىغا ئوخشايدۇ . شائىردىن تەلەپ قىلىدىغانلار ! سىلەرگە شۇنى دەي : - ئالدى بىلەن شائىرلارنىڭ سۈيۈڭلار . چۈنكى ئۇلار ئەڭ ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ سۈيۈشۈڭلارغا مۇھتاج !
(http://bbs.oylirim.cn): m2 t' `( }. I# c% E