ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 17474|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ئايرىلىش» تىكى ئىچكى تۇيغۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئايرىلىش» تىكى ئىچكى تۇيغۇ
(http://bbs.oylirim.cn)' R% A  s9 \. f% j5 |(ئوبزور)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆمەرجان رۇزىھېيت
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ نازۇك، ئەڭ ساغلام، ئەڭ پاكىز تۇيغۇلارنىڭ بېرى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن قەلەمنى ھارماس تۇلپار قىلىپ بەدىئىي ئىجادىيەت كۆكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلغان ھەر قانداق يازغۇچى بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى يازغۇچىلار سەنئەت گۈزەللىكىنىڭ قارىسىنى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئەڭ ئاۋۋال كۆرىدۇ. سەزگۈر دىماقلىرىدا گۈزەللىكنىڭ ھىدىنى ھەممىدىن بۇرۇن ھىدلايدۇ. ھاياتتىكى گۈزەللىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىك، ئۇنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرمەسلىك ئۆتۈپ كەتكەن نادانلىقتۇر ھەم سەنئەت ئۈچۈن ھالاكەت پاجىئەسدۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
‹‹يېڭى قاشتېشى›› ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىل 2-سانىغا بېسىلغان ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئاننىڭ ‹‹ئايرىلىش›› ناملىق ھېكايىسى ئەنە شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئۇ كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپلا قالماي، ئىزتىراپلىق ھېسلار بۆشۈكىدە ئەللەيلىتىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
‹‹ئۇنتۇش قانداق بولىدۇ؟ سېنى ئونتۇش ئۈچۈن يەنە كىملەرنى ئەسلىشىم كېرەك؟ ئۇنتۇش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشىش مۇمكىن...؟ ئۇنتۇش بىلەن ئايرىلىشنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە زادى قانچىلىك؟›› قاتارلىق سۇئاللاردىن باشلانغان بۇ ھېكايىدە ‹‹مەن›› بىلەن قىزدىن ئىبارەت ئىككى پىرسۇناژنىڭ ئىچكى دۇنياسى سۆيگۈ-موھەببەتنىڭ نازۇك، سىرلىق تۇيغۇلىرىنى تويۇندۇرۇش ئاساسىدا ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بىرىلىپلا قالماي، چىن سۆيگۈ بىلەن ساختا سۆيگۈ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەندۈرۈش تەس بولغان جىددىي كۆرەش ۋە چىن سۆيگۈنىڭ ساختا سۆيگۈ ئۈستىدىن غالىب كىلىشىدەك مۇقەررەرلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
(http://bbs.oylirim.cn)! T: B" f& |8 e$ [$ g6 Hئەسەردە ‹‹مەن›› بىر قىزنى ياخشى كۆرۈشكە ئىنتىلىدۇ، ‹‹مەن››دە قىزنىڭ مىسكىن قەلبىدە ياشاش ئىستىكى چۇقان سالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹مەن›› قىزنى دائىم ئويلايدۇ، سېغىنىدۇ. قىزنى توختىماي تەرپلەيدۇ. لېكىن ‹‹مەن›› ھەر قېتىم قىز بىلەن كۆرۈشكەندە، شۇنچە ئېگىزگە ئېسىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ. ھەر قېتىم قىزنى سۆيگىنىدە ‹‹مەن››نىڭ بەدەنلىرى ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ، كۆزىنى قەتئىي يۇمالمايدۇ. قىز بالدۇر يىتىلىپ قالغان بولغاچقا، ‹‹مەن››دە قىزنىڭ ئالدىنقى ھاياتىنى ھازىرقى ھاياتىغا كىرگۈزۈپ ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ‹‹مەن›› كەلگۈسىدە قىز بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ناشايان ئىشلارنىڭ لەززىتىنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇ تىنىم تاپماي قىزنىڭ روھىغا سوقۇنۇپ كىرمەكچى بۇلىدۇ. شۇنداق قىلالىسا ‹‹مەن››نىڭ قىزدىكى سەپىرى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ‹‹مەن›› پەقەت قىزنىڭ قىزلىق تەبىئىتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئىزدىگەنلىكىنى، قىزنىڭ باغرىدىكى مىسكىنلىكنى، قىزغىن سۆيۈشلەرنىڭ ئىچكىرىدىكى تەنھالىقنى دەپلا يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ‹‹مەن›› بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي مەنىدىكى سۆيگۈ- مۇھەببەت يوق؛ بار دېيىلسە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە قىزىقىش، بىر-بىرىنىڭ جىسمانىي تەلىپىنى قاندۇرۇش، بىردەملىك ھاياجىنىنى بېسىقتۇرۇشتىن ئىبارەت ساختا ھېسسىيات بار. بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ يوق؛ بار دىيىلسە، پەقەت قاراڭغۇلۇق، ۋەھىمە بار. ئايرىلماسقا چىن ۋەدە  يوق؛ بار دېيىلسە، پەقەت ناخۇشلۇق، تەنھالىق، بەختسىزلىك بار خالاس! بۇنىڭ دەلىلىگە ‹‹مەن››نىڭ قىزغا دېگەن مونۇ سۆزىنى ئەسكەرتسەكلا كۇپايە: ‹‹سەن ماڭا ناھايىتى توغرا باھا بەردىڭ، مەن سېنى سۆيۈپ باقمىدىم، مېنىڭ تومشۇقۇم سېنىڭ قانسىز لەۋلىرىڭدە ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەۋاتقاندا مەن سەن ھەققىدە ئەمەس، ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىۋاتاتتىم. قوللىرىم ئىنچىكە ھەم ئىسسىق بىلىڭنى جىسمىمىغا تارتىپ تۇرغاندا مەن يۇچۇن بىر قاراڭغۇلۇق تەرىپىدىن تارتىلىۋاتاتتىم...شۇنداق، مەن سېنى ئالدىنقى قېتىممۇ، كېيىنكى قېتىممۇ سۆيۈپ باقمىدىم. سەن ماڭا ئەمەس، ئۆزۈڭگە ئېرىشتىڭ. مەنمۇ ساڭا ئەمەس بەلكى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا كىرىۋالغان نامسىز بىر مەخلۇقنىڭ ۋەھىمىسىگە ئېرىشتىم. شۇڭا ئىككىمىز سوغۇق ھەمدە ناخۇش. ئىككىمىز تەنھا ھەم بەختسىز...›› ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئىنكاسى سۈپەتلەنگەن بۇ قۇرلاردىن بىز يازغۇچىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ تىپىك ھىس تۇيغۇلارنى چىن رەۋىشتە دەل ۋە كونكىرت ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
(http://bbs.oylirim.cn)* c# }- ?' g5 T, l; y4 v2 m& fئەسەردە يەنە يازغۇچى تۇرمۇش تىلىدىن كۆرە، ئوبرازلىق تىل ئىشلىتىشكىمۇ ئالاھىدە كۆچىگەن. ‹‹مەن›› ۋە قىزنىڭ خاراكتىرىنى سۈرەتلەشتە ياسىمىچىلىق، سۈنئىيلىك، رەڭۋازلىقتىن ساقلانغان. تىل – يازغۇچىنىڭ تەسىراتىنى، ھېس- تۇيغۇسىنى، ئوي-پىكىرىنى شەكىلگە سالىدۇ. يازغۇچىنىڭ ماھارىتى، تالانتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى تىل ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى سۈرەتلەشتە رەڭ بەرمەسلىك، ئەسلى چىن ھالىتىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پىرسۇناژلار خاراكتىرى قانچە ھەقىقى بولسا ئۇنىڭ ئىشەندۈرۈش، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ. ‹‹ئايرىلىش›› ناملىق ھېكايەدە ئىشلىتىلگەن ئوبرازلىق تىل كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. بۇنىڭغا تۈۋەندىكى بىر جۈملىنى مىسال قىلساق بولىدۇ:‹‹...سەندىكى ئىستەكنىڭ يېشىل ۋادىلىرى بار. بىراق، چۆل-جەزىرىلىرى يوق.›› بۇنداق ئوبرازلىق تىل ئەسەرنىڭ ھەر بىر قۇرىدا دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئوبرازلىق تىللار ھەم يۇمۇرلۇق خوسۇسىيەتكە ئىگە ھەم چوڭقۇر مەنىلىك بولغاچقا، ئۇنى ئوقۇغىنىمىزدا گاھىدا قاقاھلاپ كۆلۈپ كەتسەك، گاھىدا چوڭقۇر مەنىلەر غەزىنىسدە كۆزىمىزنى رۇشەنلەشتۈرۈپ، يازغۇچىنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
(http://bbs.oylirim.cn)0 T2 }) S, t9 X& w$ J8 k3 F: [5 xئۇندىن باشقا ئەسەردە ‹‹مەن›› بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى دىيالۇگمۇ شۇنچە تەبىئىي، شۇنچە راۋان، شۇنچە چىن، شۇنچە دەللىككە ئىگە قىلىپ بىرىلگەن. قىسقا سۇرالغان سۇئاللارغا بىرىلگەن قىسقا لېكىن مېغىزلىق جاۋابلارنى ئوقۇغىنىمىزدا بۇ تەبىئى، راۋان، تارتىملىق سۆز-جۈملىلەرنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇغىمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەردە تەبىئى، راۋان، تارتىملىق سۆز-جۈملىلەر ئىشلىتىلگەن دىيالۇگ ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ئاشۇرىۋېتىلمەي ھەم كەممۇ قىلىنماي ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا رۇشەنلەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئىستېتىك زوق بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە راۋانلىقى، مۇكەممەللىكى، ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقى ۋە كەم-كۈتىسىزلىكى ئاشۇرىۋېتىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنى گۇمانغا سالىدۇ. خۇددى ئۇنىڭ كەينىدە قىلتاق يۇشۇرۇنغاندەك، بىر خىل ‹‹ئەقىلنىڭ ئالدىشى››دەك، شۇنداقلا ئېقىپ يۈرگەن خىيالىي ئوبرازدەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ رىياللىقنىڭ جەريانىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئوقۇرمەننىڭ تەسىرلىنىش تۇيغۇسىنى يوققا چىقىرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)) a) q3 c# b- {- k. j/ p) N6 ^ئومۇمەن، ‹‹مەن›› ۋە قىزدىن ئىبارەت ئىككىلا پېرسۇناژ تەسۋىرلەنگەن بۇ قىسقا ھېكايىدە ئاپتور بۇ ئىككى پىرسۇناژنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان خاراكتىرىنى ، ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئىنچىكە، مۇرەككەپ نوقتىلىرىنى ۋە نازۇك ھېس-تۇيغۇلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بىرىپ تېپىك بەدىىئىي ئوبراز ياراتقان؛ باشقا ئوخشاش تېمىدىكى ئەسەرلەردىن پەرقلىق ھالدا يول تۇتۇپ، پىرسۇناژلارنىڭ قەلب قەسىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ سۆيگۈ-مۇھەببەت دەۋازىسىنى دادىل چەككەن؛ ساختا مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، بىردەملىك ھاياجانلىنىشقا يۈگەن سېلىپ، ساختا سۆيگۈ قاينىمىدىن بالدۇرراق قوتۇلۇپ چىقىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
(http://bbs.oylirim.cn)- m5 N7 B0 b  ?

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 00:07 , Processed in 2.353638 second(s), 35 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش