سۇ ئېرىققا، پىچاق غىلاپقا قايتقاندەك ھەممە ئۆز تەبىئىتىگە مۇناسىپ ئوربىتىسىنى تاپسۇن.
(http://bbs.oylirim.cn)" w! I" R0 E/ h' ]4 R, J$ G9 a/ T, i
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يىگىت گاچا ئىدى، گەرچەباشقىلارنىڭ گېپىنى چۈشەنسىمۇ ئۆزىنىڭ ھېسياتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيتى قىزچاق ئۇنىڭ خوشنىسى ئىدى ، ئۇ يىگىتنى ئاكا دەپ چاقىراتتى ، يىگىتمۇ خۇددى ئاكىسىغا ئوخشاش ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئوينايتى كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى ، كۈنلەرنىڭ بىرىدا ئۇ يىگىتنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىنى ھېس قىلدى.قىزئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە يىگىت تىرشىپ ئىشلەپ قىزغا پۇل ئەۋەتىپ تۇردى قىزمۇ ئۇنىڭ پۇلىنى رەت قىلمىدى ، قىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۇرۇپ خىزمەتكە چىققاندا يىگىتكە:ــــ ئاكا بىز توي قىلايلى دىدى.يىگىت بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى ، قىز ئۇنى ئىزدەپ كۆرۈشكىلى بارسىمۇ پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرۋالدى.
(http://bbs.oylirim.cn)8 o' r/ y! `# a. o ـــ سىز مىنى ئۆزىڭىزگە ھېسداشلىق قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ مەن 12 ياش ۋاقتىمدىلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ـــ دېدى قىز يىگىتكە قاراپ.يىگىت ھېچقانداق ئىپادە بىلدۇرمىدى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىز تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى يىگىت قىزنى يوقلاپ بارغاندا قىز ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتى ،دوختۇر قىزنىڭ گېلىغا ئۆسمە چىقىپ قالغانلىقىنى گەرچە ئېلۋىتىلگەن بولسىمۇ قىزنىڭ ئەمدى گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى، يىگىت بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندى.قىز دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ئىككىسى توي قىلدى ، قەغەز قەلەم ياكى قول ئىشارىسى ،كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق خاپىلىقلاردىن بىرلىكتە بەھىرلەندى.ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ ھەۋەس قىلدىغان ئۈلگىسىگە ئايلاندى ،بىراق ئەجەلنىڭ قەدەملىرىنى توسۇشقا ئاجىز كېلىپ يىگىت ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.قىز قاتتىق ئازابلانغان ھالدا يىغلامسىراپ تۇرۇپ:ــ ئۇ كەتتى ئەمدە يالغاندىن گاچا بولىۋلىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى … ......
(http://bbs.oylirim.cn)8 }- f6 V' W7 X2 }5 y% r نۇرغۇن خانىدانلار ئاياللار سەۋەبلىك توزۇپ كەتكەن بولسا، نۇرغۇن كەپىلەر ئاياللار سەۋەبلىك شاھانە قەسىرلەردە تاپالمىغان لەززەتلىك ھاياتنى تاپقان. ئاياللارنىڭ ئائىلە، مىللەت، جەمئىيەت ھاياتىدىكى رولىنى چۈشەنگەن ھەرقانداق بىر قەۋم ئىشنى ئاياللارنىڭ دىيانىتى، ئەقلى كامالىتىنى ئاشۇرۇشتىن باشلايدۇ.دۈشمەنلەشكەن مىللەتلەر ھەم ئاياللارنىڭ بىر قەۋمنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ھېسسياتچانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنى بۇزۇش ۋە ئۇلار ئارقىلىق جەمىئيەتنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كىيىم ۋەسۋەسىسى، ئالتۇن جىدىلى، قاتار چاي غېمى، قورۇق يوقىتىش ئەندىشىسىگە چۈشۈپ قالغان ئاياللارنىڭ روھى بېسىملىرى ھەقىقەتەن ئارتىپ كەتتى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلگەن ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى باشقا كىيىلگەن ئائىلە يۈكلىرى ، مەزگىلسىز قېرىغان چوكانلار، ئوتۇندەك قوپال تەبىئەتلىك ئەر.... ھېچكىم ھېچكىمدىن رازى ئەمەستەك. چۈنكى، ھەر كىم ئۆز تەبىئىتىگە مۇناسىپ يۈكنى ئۈستىگە ئالغۇسى يوق.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەنە، دىشۋار، گۇمان... بۇ تۇرمۇش، ئارامى بۇزۇلغان تۇرمۇش بىزگە قەيەردىن كەلدى?
(http://bbs.oylirim.cn), F& e3 Y' [, B3 C. بەلكى، سۇ ئېرىققا، پىچاق غىلاپقا قايتقاندەك ھەممە ئۆز تەبىئىتىگە مۇناسىپ ئوربىتىسىنى تاپسۇن. ئىسسىق چىراي چوكان ئىسسىق چاينى يولدىشىنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتسۇن. ئاۋۇ ئەر كىشى سىرتتىن كىرگەندە چىرايلىق سالام بىلەن كىرىشنى ئۈگەنسۇن. ئاۋۇ ئايال سىرتتا چىرايلىق، ئۆيدىكى ئەبگاھ ئەپتىنى ئۆزگەرتسۇن. ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆي تۇتۇش رىسالىلىرىنى ئۈگەنسۇن. ئاۋۇ ئەرگە نېمە بولدى؟ ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇشنى، ئەرلىك ھىممەتنى، ئاتىلىق سالاپەتنىڭ نېمىلىكىنى تونۇپ يەتسۇن. . ھەممە جاھان بۇزۇلۇپ كەتتى، دەيدۇ. جاھاننى بۇزۇۋاتقانلار كىم؟ بىر ئادەم، ھەممە ئادەممۇ؟ ياق، بەلكى ئۇ يەككە بىرلىكلەردىن تەركىب تاپقان مەسئۇلىيەتسىز بىر توپتۇر. بۇ توپنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر يەككە بىرلىك بولغان ئادەم تۈزۈلىدىكەن، خىرەلەشكەن ئىشەنچ ئاسمىنىدا بىر يۇلتۇز سۈزۈلىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ ئۆز ئائىلىسىدىن ئىش باشلىغان بولسا، «جەمئىيەت شۇنداق، مېنىڭ ئامالىم يوق، »دەپ ئولتۇرمىغان بولسا، تۈزۈلگەن ئائىلىلەردىن تەركىب تاپقان پاكىزە جەمئىيەت ئاستا- ئاستا بەرپا بولغان بولاتتى.ھەممىمىز ئۆزلىكىمىزنى تونۇشتىن،مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇشتىن باشلايلى....!
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )