ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاق ئۈجمە ۋە قارا ئۈجمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاق ئۈجمە ۋە قارا ئۈجمە
(مەسەل)
بىر قېتىملىق قاتتىق بوران ئەمدىلا شېخىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشكەن ئىككى تالئۈجمىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ بىرى ياۋا ئۈجمە، يەنە بىرى ئاق ئۈجمە ئىكەن.
ئۇلار ئۆزئارا سىردىشىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالماقچى بوپتۇ.
- سېنىڭ قانداق گۈزەل ئارزۇلىرىڭ بار؟ - دەپسوراپتۇ ياۋا ئۈجمە ئاق ئۈجمىدىن.
ئاق ئۈجمە يىراقلارغا تىكىلگەن ھالدا شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
- ئاتا-بوۋام ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى بىلەنياشاپ، بىر ئۆمۈر قۇشلار بىلەن ئىنسانلارغا نەپ ئاتا قىلىپ ياشاپتۇ، مەنمۇ ئۇلارغائوخشاش ياشىسام دەيمەن.
ئاق ئۈجمىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ياۋا ئۈجمە قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ:
- ۋاي ئەخمەق! بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە راھىتىبولسۇن؟ ھەجەپ سۆگەتكە ئوخشاش بەزى دەرەخلەر ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا تەييارغا ھەيياربولۇپ، خۇشال ياشايدىكەنغۇ؟ مېنىڭمۇ ئاشۇنداق ياشىغۇم بار.
ئۇلارنىڭ سۆزى داۋاملىشىپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي شارىلداپ يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ.ئاق ئۈجمە بىر توپىلىق يول بويىغا، ياۋا ئۈجمە بولسا بىر گۈزەل باغقا كېلىپ قاپتۇ.ئۇلار ئىككىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا چاققانلىق بىلەن يىلتىز تارتىپ كۆكلەپتۇ. ئاق ئۈجمەكۆڭلىدە «بۇ توپىلىق يول بويىدا كۆكلەپ قالسام، كىشىلەرگە سايە بېرەلەيمەن» دەپ ئويلىغانبولسىمۇ، بىراق سۇ مەنبەسىدىن يىراقتا بولغاچقا، ئۇسسۇزلۇقتا چاڭقاپ، بارا-بارا ھالسىزلىنىشقاباشلاپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاخىرقى ئۈمىدى بىلەن «ناۋادا قۇرۇپ قالسام، دېھقانلارنىڭبىرەر ۋاخ تامىقىغا بولسىمۇ ئوتۇن بولۇپ قالارمەن» دەپ ئويلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا يولداناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتقان بىر دېھقان تۇيۇقسىز ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە «ۋوي، بۇ ئاق ئۈجمەكۆچىتىكەنغۇ؟ ئاق ئۈجمە دېگەن ياخشىلىق ھەم بەرىكەتنىڭ بەلگىسى» دېگىنىچە ئۇنى ئاۋايلاپكۆچۈرۈپ ئېلىپ ئۆز ھويلىسىغا تىكىپ ئۆستۈرۈپتۇ.
ياۋا ئۈجمە بولسا، باغ ئىچىدە غەمسىز، خۇشال-خورام كۆكلەۋاتقان كۈنلەرنىڭبىرىدە تۇيۇقسىز باغۋەن تەرىپىدىن بايقىلىپ قاپتۇ. باغۋەن ئۇنى كۆرۈپ «بۇ ياۋا ئۈجمەنەدىن پەيدا بوپقالدى؟» دېگىنىچە، پالتىسى بىلەن يىلتىزىدىن چېپىپ تاشلاپتۇ.
شۇنداق، كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بەزىلەركىچىككىنە بىر نەرسىنى بىلىۋىلىپلا، ھەدەپ راھەتپەرەسلىككە، ئويۇن تاماشىغا ئىنتىلىدۇ،قانداقتۇر يوللار ئارقىلىق ئۇتۇق قازانماقچى بولىدۇ-يۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىدىن مەھرۇمبولىدۇ. ئەمما، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە كىشىلەر بولسا ھەمىشە باشقىلارنى ئويلايدىغانبولغاچقا، گەرچە قىيىنچىلىق تارتىپ، بىر مەزگىل جاپا مۇشەققەتتە قالسىمۇ، ھامان باشقىلارتەرىپىدىن بايقىلىپ، چولپان يۇلتۇزدەك جۇلالىنىپ چاقنايدۇ.
ئىنسان ئۆز بەخت سائادىتىنىياخشى بولغان شەرت-شارائىتلاردىن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەشتىن ئەمەس، بەلكىتوغرا بولغان كىشىلىك نىشان، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقتىن تاپىدۇ. ئىنسان ھاياتىنىڭچىن مەنىسىمۇ، باشقىلار ئۈچۈن قىلالىغان مىننەتسىز ياردىمىدە، ئۆز غايىسى ئۈچۈن تۆكۈلگەنساپ تەرىدە، شۇنداقلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشالىغان تۆھپىسىدە ۋە ئىجاد مېھنىتىدە. ھەممىمىزنىڭقەلبىدە ئۇلۇغۋار ئارزۇلار چوڭقۇر يىلتىز تارتسۇن! چۈنكى، ئۇ بىزنى ھەرۋاقىت تىنىمسىزئىلگىرلەشكە، ئىسسىق-سوغۇق، بوران-چاپقۇنلاردا تاۋلىنىشقا، ئادىمىيلىك دەرىخىمىزنىكۆكلىتىپ ئەلگە مېۋە بېرىشكە ئۈندەيدۇ. قىسقىسى، ئۇ بىزنى ئادىمىيلىك يولىدا يېتەكلەپ،كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىز يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىدۇ

(http://bbs.oylirim.cn)1 z0 S/ k: {+ @: v/ t9 I

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:06 , Processed in 2.439701 second(s), 36 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش