ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 17630|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نەۋائىتەتقىقاتىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەۋائىتەتقىقاتىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر
(http://bbs.oylirim.cn)1 e" S4 d  R, ?ئىقبال تۇرسۇن

(http://bbs.oylirim.cn)- J' O% ~( \, U1 \7 K/ F4 C        (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1.نەۋائى تەتقىقاتىنىڭ قىممىتى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شىنجاڭدا ئەلشىر نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ پەن ساھەسىدە ئۆگىنىلىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە فىلولوگىيە كەسىپلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنغا ئايلىنىۋاتقانلىقى-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنى مەخسۇسلاشتۇرۇشتا باشلانغان يېڭىبىر قەدەم. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1995-يىلىدىن ئېتىبارەن نەۋائىيشۇناسلىق دەرسىنىڭ تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنىشى دۆلەت ئىچى ۋە شىنجاڭدىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ساھەسىدە يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالدى ۋە مەلۇمئىجابىي ئىنكاس قوزغىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)# s/ S6 Q- S, ?4 n3 iبۇئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئىنسانشۇناسلىق ۋە پەلسەپە پەنلىرى تېز تەرەققىيقىلغان ياۋروپا ئەللىرىدە «شەرقشۇناسلىق»، «تۈركولوگىيە»، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»،«خەنزۇشۇناسلىق» دېگەندەك ئىلىملەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. شۇ قاتاردا يەنە«فارابىشۇناسلىق»، «نەۋائىشۇناسلىق» ۋە «تۇرپانشۇناسلىق» دېگەندەك مىللەتشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىققا ئائىت مەخسۇس تەتقىقاتلارمۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى. جۇڭگوقەدىمكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى لى بەي، دۇفۇ، بەيجۈيى ۋە سۇڭ، تاڭ، مىڭ، چىڭسۇلالىلىرى دەۋرى ئەدەبىياتى ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىنىۋاتقىنىدەك،«نەۋائىشۇناسلىق» بىر ئىلىم سۈپىتىدە مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)* Q" Y5 m3 d0 Gئەلشىرنەۋائى – ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيىسىنىڭ شەرق-غەرب تەپەككۇرجەۋھەرلەر بىردەكلىكىدىكى پەلسەپە ئىددىيىسىنى جۇلالىق نۇر چاچقۇزۇپ، كېيىنكى شەرقمەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ مۇپەسسەل ئىدىئولوگىيە سېستىمىسىنى ياراتقان ئۇلۇغمۇتەپەككۇر ۋە ئەدەبىياتشۇناس. ئۇ ئۆزىنىڭ «چاھار دىۋان»، «خەمىسە»،«لىسانۇتتەير»، «مەجالىسۇن نەفايىس»، «مىزانول ئەۋزان»، «مەھبۇبۇل قۇلۇب»، «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» قاتارلىق غايەت زور ھەجىملىك شېئىرىي ئەسەرلىرى ھەم نەزەرىيىۋىئەسەرلىرىدە پەلسەپە، ئەخلاق، ئىستېتىكا، تىلشۇناسلىق، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمىيھېساب، ئىلمىي نوجوم، ئەدەبىياتشۇناسلىق، تەبىئەتشۇناسلىق، سەنئەت، پىسخولوگىيە،ئىلاھىيەت ۋە تەنقىدچىلىك ئىلىملىرى ساھەسىدىكى ئۆچمەس تەلىماتلىرى شەرھلەنگەنئەدەبىي مىراسلىرىنى مەدەنىيەت تارىخىمىزغا ھەدىيە قىلدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئىجادىيەت ئېتىزى ئىنتايىن كەڭ ۋە مول بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر-تۈركىيمەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسى، پارس-تاجىكمەدەنىيىتى ھەمدە گرىك-يۇنان مەدەنىيىتىگە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمە دۇنيا قاراش،ئىددىيە ۋە مەدەنىيەت روھى بىلەن سۇغىرىلغانىدى. ئۇ مۇشۇنداق مەدەنىي ۋە ئەدەبىيتەسىرلىرى ئىلھامىدا ئۆز دەۋرى ئىجتىمائىيىتىدە ئىلغار دۇنيا قاراش ۋە ئىجادىيەتيولىنى تاپتى. ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى.شۇنداقلا يەنە مۇكەممەل پەلسەپە ئىددىيىسى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىددىيىسىنىتىكلىدى. نەۋائى مۇشەررەپ بولغان ئۇلۇغ تەپەككۇر غەزىنىسى ئۇنىڭدىن كېيىنشېئىرىيەت مۇنبىرىدە چاقنىغان ئەدەبىيات پېشۋالىرىمىزنىڭ تەپەككۇر ئېتىزىغا پىكىرئۇرۇقى ۋە ئىلھام بۇلىقى، ماھارەت ئۆرنىكى بولۇپ كەلدى. شائىر-ئەدىبلەر ۋەسەنئەتكارلار نەۋائىنى پىر ئۇستاز تۇتۇپ ئىجادىيەتلىرىدە تېما، ژانىر، خاھىشجەھەتتىن ياندىشىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
(http://bbs.oylirim.cn)9 V9 G: s9 {( u; ]3 k+ |ئۇيغۇرخەلقلىرىنىڭ نادىر كلاسسىك، مەدەنىيەت مىراسىغا ئايلانغان ئەلشىر نەۋائى كۆپژانىرلىق ئىلمىي ۋە بەدىئىي مىراسلىرى قاراخانىيلار دەۋرى ئەدەبىياتىدىكى «دىۋانىلۇغەتىت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىگ» تەك دۇنياۋىي گۆھەرلەردىن كېيىن، ئوتتۇرا ئەسىردىكىشەرق مەدەنىيىتىنىڭ تەپەككۇر ئويغىنىشىنى يۈكسەك پەللىگە ئېلىپ چىقتى ھەمدەئۇيغۇر-تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن پەسلىنى ئاچتى. نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ تېمادائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، رەڭدارلىقى، بەدىئىي ئىستىداتىنىڭ مۇكەممەللىكى، مەنتىقىيتەپەككۇر ۋە پەلسەپىۋى پىكىرنىڭ يارقىنلىقى، چوڭقۇرلۇقى، ئىلغارلىقى،ئىستېتىكىلىق، ئېتىكىلىق ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىۋى قاراشلىرىنىڭ يېڭى ۋەئىلمىيلىكى بىلەن 16-ئەسىردىن-يەركەن سەئىدىيە خانلىقى (1514-1979) زامانىسىدىن تارتىپلا تارىم ۋادىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ۋە ھەتتا ئەرەبفارس ئەللىرىدىمۇ زور شۆھرەتكە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەلشىر نەۋائى ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىش، تونۇشتۇرۇش، ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش، نەشىر قىلىش ۋەتەقلىدىي ئەسەرلەرنى يارىتىش تىل، ئەدەبىيات، تارىخ تەتقىقاتى بىر گەۋدە قىلىنغان«نەۋائىخانىلىق» ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدرىس-مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشلۇقى،شائىرلارنىڭ قويۇن دەپتىرىگە ئايلىنىپ ئۇيغۇر مۇقام-مۇزىكىلىرىغا ناخشا تېكىستىقىلىنىپ ئېيتىلىپ كەلدى. كېيىنكى دەۋردىكى تۈرلۈك خەلقلەر ئەدەبىياتىغا تېما،ژانىر، سيۇژىت، ئىددىيىۋى خاھىش ۋە بەدىئىي ماھارەت يېقىدىن كۆرۈنەرلىك تەسىركۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
20-ئەسىرنىڭ40-يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە نەۋائى تەتقىقاتى تېز قەدەمدەئىلگىرىلىدى. (قىسقىغىنا 50 يىل ئىچىدە ئۆزبېكىستاننى ئاساس قىلغان ھالدا نەۋائىئەسەرلىرى ئىندىكىسى بىلەن قوشۇپ تولۇق نەشىر قىلىندى. نەۋائى ئەسەرلىرىنىڭ لۇغىتى، رەرەسىملەر توپلىمى ئىشلەندى. 60-يىللاردا نەۋائى خاتىرە مۇزىيى ئاساسىدا قۇرۇلغان ھازىرقى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيسى قوليازمىلار ئىنىستىتۇتى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىلىرىنى ساقلاپ تەتقىق قىلدى. نەۋائى شەرىپىگە ئابىدە ھەيكەللەر، مۇزىي ۋە خاتىرە سارايلار تىكلىنىپ، نەۋائى شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەررەستىلەرگە ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلەندى. ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرسلىكمەزمۇنىنىڭ كەڭ سەھىپىسىنى ئىگىلىدى. تۈرلۈك تەتقىقات ئورۇنلىرى، نەشرىيات،مەتبۇئاتلار، ئەدەبىي ژۇرناللار نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى مۇھىم سەھىپىسى قىلىپكەلدى. نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتىدا نوپۇزلۇق ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن كۆپلىگەن چىگىش مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ زور نەتىجە ياراتقان ئىبراھىم مۇمىنوۋ، ۋاھىدۋاھىدوۋ، مۇزەپپەر مۇھىددىن، خەيرۇللايوۋ، ئىبراھىم ھەققۇلوۋ، ئىززەت سۇلتانوۋ ۋەمۇرات ھەمرايىۋلارغا ئوخشاش ئىلمىي خادىملار يېتىشىپ چىقتى.
(http://bbs.oylirim.cn)" g% g0 C4 c* P9 C' u( Tشىنجاڭدانەۋائى ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 1949-يىلىدىن كېيىن مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈكسىياسىي ئىنقىلاب، كۈرەش بورىنىغا دۇچ كېلىپ قەدىمى بەكلا ئاستا بولدى. يېقىنقى 20يىل مابەينىدە شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى كىشىنى سۆيۈندۈرگۈدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىدا جانلىنىش بولدى. بۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نەۋائى ئەسەرلىرىنىڭ زوركۆپچىلىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئالىي ۋەئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، تىل، تارىخ، پەلسەپە،ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەلىرى بويىچە بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى.
(http://bbs.oylirim.cn). w; m2 a3 o/ M9 aھازىرغاقەدەر، شىنجاڭدا نەۋائى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات مۇھاكىمىلەر ئاساسەن شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇشقا بېغىشلانغان. سانجەھەتتە ئاز، سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن، يېڭىلىق، چوڭقۇرلۇقى، نەزەرىيىۋىلىكى كەمچىل، تەتقىقات ئۇسۇلى، يېتەكچى پرىنسىپ ۋە نىشانى توغرا-ئېنىق بولمىغاچقا ھەتتابەزى ماقالىلەر پىكىر جەھەتتە ئېغىپ كېتىشتىن خالىي بولالمىغان. بىر قەدەر ئورتاقپىكىرلەردىن قارىغاندا نەۋائىنىڭ نەسەبى مەنسۇبىيىتى، ئەسەرلىرىدىكى پەلسەپە ۋەئىستېتىك قاراشلارغا يۈزەكىي باھا بېرىش ھەمدە تەسەۋۋۇپچىلىق ئىددىيىسىنى ئاددىيشەرھىيلەش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن. ئەپسۇسكى، نەۋائىنىڭ ئەجداد نەسەبى،پائالىيەتلىرى، مەدەنىيەت ۋە دەۋر مۇھىتىنىڭ تەسىرلىرى، خاراكتېر، ھېسسىيات قاتلىمى، نەۋائى دۇنيا قارىشىنىڭ مەنبە يىلتىزلىرى، پەلسەپە-ئىجتىمائىي ئىددىيىسى،بىلىش نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىستېتىك ئىددىيىسىنىڭ قاتلاملىرى ۋەكونكرېت ئىپادىلىنىشى، تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىلىرىنىڭ نەۋائى ئەسەرلىرىدە تۇتقان ئورنى ۋە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى، نەۋائى ئىجادىيىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى ئەدەبىياتى بىلەن فارس-تاجىك كلاسسىك ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقەتەسىرىنىڭ ئىنكاسلىرى قاتارلىق بىر مۇنچە مەسىلىلەرنى ماھىيەتلىك تەھلىل تەتقىققىلىپ، پەلسەپە ئىددىيە سېستىمىسى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيە ئىددىيىسىنى توغرايەكۈنلەشنى كۈتمەكتە. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ھالقىلىق نۇقتىلار بولۇپ قارىلىشقا تېگىشلىك.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاپتونوم رايونىمىزدا نەۋائى ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات شۇنچە كېچىكىپ باشلانغىنىغا قارىماستىن، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە نەۋائىنىڭ نەسەبى، ئەسەرلىرىدە ئالغاسۈرۈلگەن ئىددىيىلەر، بەدىئىيلىكى، پەلسەپىۋى ئىددىيىسى، ئوبرازلار قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە خېلى كۆپ مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما بۇ تەتقىقاتلارنىڭ كۆپچىلىكى نەۋائى قوليازمىلىرىنى تارىخى، تىل نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ تېكىستولوگىيىسى، ئۇسلۇبى ھەم بەدىئىيلىكىنى چۈشىنىپ شەرھىيلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىۋاستە تەتقىقات بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان بەزى كىتاب-ماتېرىياللاردىكى پىكىر ۋە بايان ئاساسىدا ئېلىپبېرىلغان ۋاستىلىق تەتقىقات بولغانلىقتىن، پىكىر ۋە نۇقتىئىنەزەردە ئېغىش،پرىنسىپال مەسىلىلەردە ئارىلاشتۇرىۋېتىش، تۇتۇقلاشتۇرۇش، شەخسىي خاھىش، كۆزقارىشى،خىيال-تەسەۋۋۇرىنى ئىلمىي پاكىت ئورنىغا كۆتۈرۈپ بايان قىلىدىغان ئەھۋاللاردىن خالىي بولالمىدى. 80-يىللاردىن ئىلگىرى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى، بولۇپمۇ يادىكارلىقلار شۇ چاغدىكى سىياسىي-مەدەنىي مۇھىت چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن خۇراپىي-كونانەرسىلەر دەپ قارالغاچقا، زىيالىيلار قاتلىمى ئىچىدە نەۋائى ئۆزى چوڭ مۈلۈكدار،فېئودال شەخس، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قويۇق دىنىي ھېكمەتلەر بىلەن تولغان قىممىتى يوقنەرسىلەر، ئۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلىق كونا خۇراپىي نەرسىلەرنى تىرىلدۈرگەنلىك دەپقارىلىپ ئېھتىيات قىلىنغانىدى. 80-يىللاردىن كېيىن نەۋائى ئەسەرلىرى توپلىمىرەتلەپ گېزىت-ژۇرناللار ۋە مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇرۇنقى ناتوغرا قاراشلارمۇئاستا-ئاستا سەھنىدىن چۈشتى. گەرچە 90-يىللاردا ئىنتايىن ئاز سانلىق بەزىزىيالىيلار نەۋائى ھايات تارىخى ۋە ئوبرازىغا تاقىشىدىغان ئويدۇرما ئەپسانىلەرگەئەگىشىپ نەۋائى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەشتۈرگەن ياكى ئىنكار قىلىش مەيدانىدا تۇرسىمۇ، قۇياشنى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك، نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تارىخىي قىممىتىگە كۆز يۇمۇش مۇمكىن ئەمەس. مەنبۇ يەردە نەۋائىشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقاتىدا تۆۋەندىكى ھالقىلارغا ئالاھىدە دىققەتقىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)1 O) M* b4 B' O1 q  E2.نەۋائى تەتقىقاتىدىكى مېتودولوگىيە ۋە پرىنسىپ مەسىلىسى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خۇددى بىز يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىزدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك،نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتى بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىزدىنىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ قىرلىق ئارىلاشما مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ ئىلمىي تەتقىقات بولغانلىقتىن ئۇ توغرا ھەم ئىلمىي مېتودولوگىيەۋە پرىنسىپقا تايىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)! z* e/ ~: r$ q' l% Zئەلشىر نەۋائىنىڭ دۇنيا قارىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللاركۆپ تەرەپلىمە بولۇپ ھەم يىراق تارىخىي مەنبەلەر ھەم ئەينى زامان رېئاللىقىدىن كەلگەن. قەدىمكى گرىك-يۇنان پەلسەپىسى، ئىدېئولوگىيىسى تەسىرى ھەم پارس-تاجىك ئەدەبىيات ئەنئەنىسى شۇنداقلا قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىلىرى بىلەن ئەينى زامانجەمئىيىتىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەت-كۈرەشلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇنداق ئارىلاشما كۆپقاتلاملىق ئىددىيە نەۋائى پەلسەپە ئىددىيە سېستىمىسىدىكى مۇرەككەپ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغان. غەرب-شەرق تەپەككۇر تارىخىدىكى ئىددىيە ئېقىملىرى ئوخشىمىغاندەرىجىدە بىرىكتۈرۈلگەن. شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ بارلىق ئىددىيە-پىكىرلىرىگەئۇيغۇرچىلاشقان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ شەكىللىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى سىڭگەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى تۇرمۇشىدا ساقلىنىپقالغان بىر مۇنچە غەيرىي ئىسلام مەدەنىيىتى ئامىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.شۇڭلاشقا نەۋائى ئەسەرلىرىنى پەلسەپىۋى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ بىر پۈتۈن ئومۇملۇق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىش، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي سېلىشتۇرما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، كونكرېت قوليازما تەتقىقاتى، شەرھى تەتقىقاتى ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىر قىسىم تەتقىقات ماقالىلىرىدا ئېيتىلىۋاتقىنىدەك نەۋائىپەلسەپە-ئىجتىمائىي ئىددىيىلىرىنى بىراقلا سىرتتىن كەلگەن پەلسەپە-مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ تەسىرى دەپ مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىپ ئۇيغۇر-تۈركىي خەلقلەر پەلسەپە ۋەئەدەبىيات ئىددىيىلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنە ۋە ئىجادىي خاس تەرەققىيات يولى بارلىقىنى چەتكە قاقىدىغان پىكىر خاھىشىدىن ياكى نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىددىيەيىلتىزىنى مۇتلەق مىللىي مەدەنىيەت دەيدىغان بېكىنمىچىلىكتىنمۇ ساقلىنىش زۆرۈر.
(http://bbs.oylirim.cn). c/ \0 D. r6 @+ y  ]$ O# x) Yئۇيغۇرلار مىڭ يىللار داۋامىدا ئىسلام ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى مۇھىتىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىختىرالىرىنى يارىتىپ كەلگەنلىكتىن، قويۇق ئىسلام ئېتىقادى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى رامكىسى ئىچىدە ياشىغان نەۋائى دۇنيا قاراشدىنىي ئىلاھىيەت ئىددىيىلىرى بىلەنمۇ زىننەتلەنگەن. بۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئومۇمىيمەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ھېچقاچان نەۋائىنىڭ روھانىيەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇنى ئېيتىش زۆرۈركى، نەۋائى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغاندا دىنىي دۇنيا قاراش ۋە دىنىي مەدەنىيەتكە تارىخنىڭ كۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلىش، دىنىي بىرتەرەپلىمىلىك، سىياسىي بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ھازىرقى زامان ئېڭى ۋە دەۋر تەلىپىبويىچە مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىلسە، كۆپتۈرىۋېتىلسە ياكى چۆكۈرۈپ باھا بېرىلسە، ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەس. نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى توغرا يۈزلىنىشتە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي نۇقتىئىنەزەردە چىڭ تۇرۇپ نەۋائىدەۋرىدىكى مەدەنىيەت جۈملىدىن ئەدەبىيات ئىدېئولوگىيىسىنى تارىختىن چەتنىمىگەنھالدا ئەينى تارىخىي مۇھىت ئىچىدە تۇرۇپ تەتقىق قىلىش كېرەك. بۇ تارىخقا ، تارىخىيھادىسىلەرگە ھەمدە تارىختا ئۆتكەن شەخسلەرگە تارىخىي نۇقتىئىنەزەر بويىچە باھابېرىش بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)$ c8 s& o- D* u# e/ mئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىيا قېرىنداش خەلقلىرى تارىختىن بېرىئورتاق ئېتنىك مەنبە، ئېتنىك تەركىبتىن تەرەققىي قىلىپ ئورتاق ئېتنوگرافىيە،ئەنئەنە ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى پەيدا قىلغان ھەمدە ئۆزئارا ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتەبىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. ئەلشىر نەۋائى مۇشۇنداق مۇرەككەپ ئىستېتىك قاتلام ۋە ئارىلاشما مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە مۇھىتىدا يېتىلگەن ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان زات. ئۇ ئۆز ئىددىيىلىرىنى كۆپ مەنبەلىك، كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەت روھى بىلەن بېزىگەن. ئۇنىڭ نەسەب-مەنسۇبىيىتى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت ۋەئىلاھىيەت مۇھىتى بىلەن نەۋائى روھىيىتىنىڭ ئالاقىسى، ھېسسىيات قاتلىمى ۋەتەسەۋۋۇپ ئىددىيىسى قاتارلىقلارنى ئاشۇ تارىخىي شارائىتقا باغلاپ ئىزاھلاش كېرەك.نەۋائىنىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك كۆزقاراشلىرى بەزىدە ئىلاھىيەتچىل قاراششەكىللىرىدە ئىپادىلەنگەن. خەلقچىلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك كۆزقاراشلىرىسوفىزىملىق-تەسەۋۋۇپچىلىق قاراشلىرىغا ئارىلىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ھال ئۇنىڭ ئىددىيىسىنى باھالىغاندا ئابستىراكىت، مەنتىقىي دائىرىلەردە باھا بەرمەي، تارىخىي سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى نەۋائى ئەسەرلىرىدىكى تۈرلۈك ئىددىيە كۆزقاراش ۋە نەزەرىيە بىلەن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرئەدىبلىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىنى شۇنداقلا باشقا ئەل رايونلارئەدەبىياتشۇناس پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە ئىددىيىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ،ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، قىممىتىنى يەكۈلەش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر پەلسەپىسى، ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات قانۇنىيىتى، ۋارىسلىق قانۇنىيىتى ھەم راۋاجلىنىش قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. شۇنى تەكتلەش كېرەككى،بۇنداق سېلىشتۇرۇش قۇرۇق شەكىلگە، رەڭۋازلىققا ئايلىنىپ قالماسلىقى، تېتىقسىز،ساختا-خىيالىي سېلىشتۇرۇش بولۇپ قالماسلىقى، زورلاپ سېلىشتۇرۇپ تەبىئىي ئوخشاشراقياكى باغلىنىشى ئۇنچىلىك گەۋدىلىك بولمىغان نەرسىلەرنى خىيالىمىزچە باغلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ساھە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەمدە يېتەرلىك نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە ئۇسۇل بولغاندىن تاشقىرى ئەرەب، پارس تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، كلاسسىك شېئىرىي تېكستلەرنى توغرا ئوقۇپ ۋەچۈشىنىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا دەل توغرا شەرھلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك.بۇ ئەڭ ئەقەللىي ئالدىنقى شەرت.
(http://bbs.oylirim.cn)( t6 s. u" N$ W7 H6 p- ^- w3.نەۋائىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە پەلسەپە-ئىدىيە مەسىلىسى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەلشىر نەۋائىنىڭ پەلسەپە ئىددىيىسىنىڭ قاتلاملىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىييىلتىزلىرى نەۋائىيشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق، مۇرەككەپ، تەتقىقات خاراكتېرلىك چوڭ تېما. ئۇنى تەقىقاتنىڭ يادروسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. نەۋائىدۇنيا قارىشىنىڭ ئىددىيە مەنبەلىرى ۋە قاتلاملىرى توغرىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرمۇنچە ئالىملار قىممەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساھەدىكىپىكىرلەر كۆپىنچە ئەدەبىياتشۇناسلىق دائىرىسىدىلا چەكلەنگەن. بىزدە يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارمۇ يەنىلا باشلانغۇچ سەۋىيەدىنيىراقلىشالمايدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خۇددى مەرھۇم پروفىسور ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرپەلسەپە تارىخى» (ئومۇمىي بايان) ناملىق نوپۇزلۇق ئەسىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك،ئەلشىر نەۋائىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ئىددىيە يىلتىزلىرى كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ھەم قەدىمكى گرىك-يۇنان پەيلاسوپلىرى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ پەلسەپە ئىددىيىلىرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر-تۈركىي خەلقلەر ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرى، پارس-تاجىك ئەدەبىياتىبىلەن ئىسلام سوفىزىم ئىددىيىلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت يىراق تارىخىي مەنبەلەر ۋەئەينى زامان جەمئىيىتى ھەم ئىدىئولوگىيە مەنبەلىرىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدەئىپادىلەنگەن پەلسەپىۋى ئىددىيىلەر شەرق-غەرب تەپەككۇر تارىخىدىكى ئىدېئولوگىيىسىنىڭ جۇغلانمىسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت زېمىنىدايېتىلگەن پەلسەپە ئىددىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە كۆرۈنۈشى. ئۇنىڭ كەڭمەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئىسلامچەمەدەنىيەت يېپىنچىسىغا ئورالغان شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى جەڭگىۋار خاراكتېر، ئۇلۇغ ئىستېتىك ئىدىئالىنىڭ نەۋائىي ئىدىئولوگىيىسىدە نۇر چاقنىتىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. نەۋائىنىڭ دۇنيا قارىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، قىسمەن زىددىيەتلىك تەرەپلىرىمۇ بار. نەۋائىنىڭ ئائىلىسى ۋە تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر، ئەگرى-توقاي ھايات يولى، ئوقۇش جەريانى، ئوخشىمىغان ئىددىيە-خاھىشلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا قەلبىگە ئۆزگىچە ھېسسىيات-تۇيغۇلارنى ئاتاقىلغانلىقى، كېيىنچە شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەز خۇلقى، ھېسسىيات خاراكتېرىنىيېتىلدۈرگەن. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا پەرىدىدىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير» (قۇشلارتىلى) ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل كىشىلەر ئارىسىدىن چەتنەپجىمغۇر، خىيالچان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، كېيىن ئىلغار شائىرلارنىڭ تەسىرىدەبارا-بارا بۇ كەيپىياتنى ئۆزگەرتكەن. ئەمما بالىلىقىدىكى شۇ تەسىر ئۆمۈر بويى نەۋائى خاراكتېرىنى بەلگىلەپ قويغاچقا، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا «لىسانۇتتەير» (قۇشلار تىلى)ناملىق ئەسەرنى يېزىپ ئۆز ئىددىيىسىنى ئىپادىلىدى. نەۋائى ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قېلىپ، باشقىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۆسكەن. سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جەريانىدا، تۈرلۈك بېسىم-توسقۇنلۇقلارغا دائىم دۇچ كېلىپ تۇردى. يەنەكېلىپ ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆز رەقىبلىرىنىڭ ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن سۈيقەستلىرى،تۆھمەت، پىتنىلىرىگە ئۇچرىدى. ئەڭ يېقىن دوستىمۇ مۇناپىقلارنىڭ يامان نىيىتىگەيانتاياق بولۇپ نەۋائىنى چەتلەشتۈردى. شۇنداق زىددىيەتلەر شائىرنىڭ ئازاب ئېڭىنى بەكمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. بۇ خىل كۈچلۈك ئازاب، ھەسرەت، غېرىبسىنىش بىر خىل مەنىۋىيقارشىلىق كۈچىگە ئايلىنىپ، شائىر ئىجادىيىتىگە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان. ئۇنىڭ قەلبىدىكى نازۇك، ئىنچىكە، چوڭقۇر ئازاب ئېڭى بىلەن يۇغۇرۇلغان ھېسسىيات شېئىرلىرىدىكى كۈچلۈك پەلسەپىۋى پىكىر قاينىمىنى ھاسىل قىلغان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شائىر بەزى پىكىرلىرىدە زامان چەكلىمىلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ بەدىئىي غايىسىنى تولۇق ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بەزى ئىددىيىلىرىدە زامانسوئاللىرى ئالدىدا تېڭىرقاپ دەۋر چەكلىمىلىكىنى ئىپادىلىدى، ياكى زىددىيەتلىك ھالەتنى ئىپادىلىدى. شۇڭلاشقا نەۋائى دۇنيا قارىشى پەلسەپە ئىددىيىسىنىڭ مەنبەلىرى ۋە مەزمۇنىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسىر ئىجتىمائىي مۇھىتى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەننەۋائى دۇنيا قارىشىدىكى زىددىيەتلىك ھالەتلەر ۋە ئۇنىڭ مۇرەككەپ ھېسسىيات-خاراكتېر قاتلىمىغا بىرلەشتۈرۈپ قاراش، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى كونكرېتئىپادىلىنىشىگە نەزەر سېلىش كېرەك. سوفىزىم –تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ نەۋائى ئەسەرلىرىدە تۇتقان ئورنىنى توغرا مۆلچەرلەش، دەلمۇ-دەل باھالاش بۇ جەھەتتىكى مۇھىم بىر مەسىلە. يېقىنقى بىر قىسىم ماقالىلەر ۋە ئاغزاكى پىكىرلەردە سوفىزىمنى ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ يىلتىزى، جەۋھىرى دېگۈچىلەر پەيدا بولۇپ قالدى. دەرۋەقە سوفىزىم پىكىر ئېقىمى ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيە تارىخى ۋە ئەدەبىياتىدا ئوتتۇرائەسىرلەردىن تارتىپلا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بەزى دەۋرلەر ئەدەبىياتىدا ۋە بەزى شائىرلار ئىجادىيىتىدە خېلىلا سالماقلىق ئسىر كۆرسىتىپ كەلگەورۇن تۇتۇپ ئۇنداقياكى مۇنداق تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزى تولۇق چۈشىنىپ بولالمايۋاتقان سوفىزىم ئىددىيىسىنى ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ جېنى،يىلتىزى ياكى ئەڭ ئالىي ھەقىقىتى دەپ قارىغۇلارچە كۆپتۈرۈپ، مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىش ئىلمىيلىك ئەمەس. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇستەقىل تەرەققىيات يولى،يىلتىزى بار. خۇددى شۇنىڭدەك، نەۋائى پەلسەپە ئىددىيىسىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئىددىيىۋى سېستىمىسى بار. سوفىزىم- تەسەۋۋۇپ ئىددىيىسى —نەۋائى پەلسەپە ئىددىيىسىنىڭ يادروسى ئەمەس، بەلكى پەقەت ئايرىم بىر قىسمى.نەۋائى تىپىك سوفىستىك شائىر ئەمەس، بەلكى خەلقچىل، گۇمانىستىك مۇتەپەككۇر. شۇڭابۇ مەسىلىدە بىر تەرەپلىمىلىك قىلىش ياكى كۆپتۈرىۋېتىشتىن ساقلىنىش،پەلسەپە-ئىددىيە قاتلىمىدا نېمە بولسا شۇنى كۆرسىتىش، قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك دېيىش، قانداق ۋاسىتىدە ئىپادىلىگەن بولسا شۇ يولى بويىچە شەرھىيلەش، ھەرتەرەپلىمە تەھلىل قىلىش مەسىلىنى دەل تېپىپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
4. نەۋائىنىڭ ئىستېتىكىلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق مەسىلىسى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئىغار ئىجتىمائىي، ئىستېتىك ئىددىيەقاراشلىرى «خەمىسە» تەركىبىدىكى داستانلىرىدا ۋە «چاھار دىۋان»غا كىرگۈزۈلگەن لىرىك غەزەللىرىگە مۇجەسسەملەنگەن. بولۇپمۇ ئىنسان ماھىيىتى، تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئىنساننىڭ ئىرادىسى، مۇھەببەت، ئىشىق-ساداقەت، دوستلۇق مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق يورۇتتى. «ھەيرەتۇل ئەبرار»، «مەھبۇبۇل قۇلۇب»، «مىزانول ئەۋزان»،«مەجالىسۇن نەفايىس»، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» قاتارلىق ئەخلاق ۋە ئىستېتىكىلىق ئەسەرلىرىدە بولسا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ يۈكسەك ئىپادىسى سۈپىتىدە شەخس، ئائىلە ۋەجەمئىيەتنى بىرلىك قىلغان تۈرلۈك تەبىقە كىشىلىرىنىڭ ئەخلاقىي مەسىلىلىرىنى ۋە پەزىلەت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. گۈزەل، پاك ۋە چىن ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى مەدھىيلىدى ۋە تەشەببۇس قىلدى. ئەقىل-پاراسەت، بىلىم-ئىقتىدار، ئىنسانىي قەدىر قىممىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت-ئىستېتىكا ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نەۋائى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى نەزەرىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە مۇكەممەللىشىشىگە زور ھەسسە قوشقان ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىچىسى ۋەئىستېتىكىچىسى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، نەۋائىنىڭ ئارۇز شېئىرىيىتى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى، شېئىرىي شەكىل ۋە شېئىرىي مەزمۇن، ئىجادىيەت ۋە ئىجادىيەتچى، ئەدەبىياتۋە تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، بەدىئىي قۇرۇلما، بەدىئىي ئوبراز، پەلسەپە ۋە لوگىكا،زوقلىنىش ۋە تەنقىد، ئەدەبىيات ۋە پىسخولوگىيە، ئەدىبلەر ئىستېلى، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە مەنتىقىي تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتى، سەنئەت، مۇزىكا، تىراگىدىيە ۋەكومىدىيە ئېڭى، تۈركىي شېئىرىيەت ئىستېتىكىسى قاتارلىق ئىستېتىكا ۋەئەدەبىيات-سەنئەتكە دائىر ئىددىيىسىنى كونكرېت ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىش نەۋائىشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقاتىدىكى مەخسۇس تەتقىقات تېمىلىرى ھېسابلىنىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
نەۋائىشۇناسلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى تەتقىقاتى،ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتى، پەلسەپە-ئىددىيە تەتقىقاتى ۋە ئىستېتىكا تەتقىقاتى بويىچە يورۇتىلىدىغان چوڭ تەتقىقات تېمىسى. مېنىڭچە، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار سالماق، مەسئۇلىيەتچان، كۈچلۈك ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن توغرايۆنىلىشتە تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرسە، شۇنداقلا بەزى پرىنسىپال مەسىلىلەرنى توغرائىلمىي مەيدان ۋە كۆزقاراشتا تۇرۇپ ھەل قىلسا، شىنجاڭدىكى نەۋائىشۇناسلىق تەتقىقاتىدا زور ئىلگىرىلەش مەيدانغا كېلەتتى. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، بۇساھەدە تاشلانغان قۇتلۇق قەدەم بىزنىڭ ئورتاق ئىجتىھاتلىق ئەمگىكىمىز بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە يېڭى بىر پەللىگە يەتكۈسى.
(http://bbs.oylirim.cn): X8 Q! K4 u8 M# W0 s, ?4 q' ?) h  J
(http://bbs.oylirim.cn)# b  [% r8 n5 J. P5 l(«شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2001-يىل2-سانىدىن ئېلىندى)

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 10:05 , Processed in 0.633757 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش