ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن قايسى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
▲دانىشمەنلەر ئېيتقاندەك، ھايات ئىنتايىن قىسقا پۇرسەت. تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئەتە تېخى يېتىپ كەلگىنى يوق، بارلىقىمىز پەقەت بۈگۈندىلا. بىز بۈگۈن ھايات، بىز بۈگۈن پىكىر قىلالايمىز، قۇياش نۇر چېچىۋاتقان دۇنيانى كۆرەلەيمىز، گۈزەللىكتىن زوقلىنالايمىز، ئىختىيار تىزگىنىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمىز، ھازىردىن باشقىسى بىزگە مەۋھۈم. دېمەك، بارلىق ھەرىكىتىمىز ئۈمىد ۋە تەۋەككۈلچىلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەقىل بولسا، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ. دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز ياشىشىمىز، ياشىغاندىمۇ راۋۇرۇس ياشىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ھاياتىمىز ئەھمىيەتلىك، قىممەتلىك ۋە مەنىلىك بولىدۇ. ھايات يولىدا تۆككەن ھەر بىر تامچە تەر قىسمەت ۋە مېھنەت ئېتىزىدا ئالتۇن مېۋىلەرنى بېرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)0 @5 } @4 J0 \8 n- w( c0 W▲كىشىلەر ھەمىشە «ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن قايسى» دەپ سورىشىدۇ، ئۆزلىرىچە ھەر خىل جاۋابلارنى بېرىشىپ، ئۆزلىرىنى قايىل قىلماقچى بولىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىلا ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك، خوشال ۋە بەختلىك تۇيۇلىدىغان بىر ياخشى كۈننى «ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن» دەپ قارايدۇ، قارىماققا بۇنىڭ خاتاسى يوق، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. بىراق، ھاياتنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئىزناسىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئىنسان ئۆمرىدىكى ھەر بىر كۈننىڭ ئەڭ گۈزەل كۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئىشقىلىپ، ھامان يوقلۇق دەرگاھىغا قايتىدىغانلىقىمىزنى ئەستىن چىقارمىغان چېغىمىزدىلا، ئىنسان ھاياتىنىڭ چۈشكە ئوخشاش ئازغىنا جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىمىز. ئەگەر ئۇخلىغان ۋە بىكار ئۆتكۈزگەن ۋاقىتنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە قانچىلىك ۋاقىت قالىدۇ؟ باشقا تۈرلۈك - تۈمەن ئىشلارغا ئىسراپ بولغان ۋاقىتنى نەزەرگە ئالساق، مەۋجۇتلۇقىمىزمۇ گۇمانلىق بولۇپ قالىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
▲ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە گۈزەل، پەقەت مۇشۇ يورۇق دۇنيادىلا ئۆزىڭىز ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرالايسىز ۋە ھاياتىڭىزنى خالىغان مەنزىلگە ئېلىپ بارالايسىز، خالىغان نەرسىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز ۋە ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق نەرسىلەردىن بەھرىلىنەلەيسىز. مەيلى يۈكسەك ئارزۇلاردا بولۇپ، ھاياتىڭىزنىڭ ھەر بىر كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۇڭ، مەيلى پەسكەش ئارزۇ - ھەۋەسلەردە بولۇپ، ھاياتىڭىزنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈڭ، ماماتلىق پەردىسى يېپىلغاندا ھەممە نەرسە ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. بۇ دۇنياغا ئىككىنچى كېلىش مۈمكىن ئەمەس، پەقەت سىز كېيىنكىلەرنىڭ قەلبىدە ياشاپ قالىسىز. بۇ، پەقەت خەلق ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىڭىزغا باغلىق، ياشاشتىكى ئەڭ چوڭ مەقسىتىمىزمۇ شۇ. شۇنداق ئىكەن خەلقنىڭ روھىغا، ئېڭىغا ياتلىشىپ ياشاش مۆلچەرلىگۈسىز خاتالىق ۋە جىنايەت بولىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
▲يازنىڭ سالقىن كېچىلىرىدىكى ئېقىن سۇلارنىڭ يېقىملىق شىلدىرلاشلىرى، سۈتتەك ئاق ئاي نۇرى ئاستىدىكى شېرىن پاراڭلار، بوۋايلارنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرى، ئوماق بالىڭىزنىڭ تاتلىق گۇڭراشلىرى، دېرىزە سىرتىدا تاراسلاۋاتقان يامغۇرنىڭ ئېغىر تىۋىشلىرى، چىغىر يوللاردىكى ئارامبەخىش ناخشىلار، ياز ئاخشىمىدىكى چېكەتكىلەرنىڭ تىنىمسىز چىرىلداشلىرى، قىشنىڭ سوغۇق كېچىلىرىدىكى شوخ يۇلتۇزلار بىلەن پىچىرلىشىشلار، توپىلىق يوللاردىكى غۇبارسىز بالىلىق تۇيغۇلار، بوۋا - موما ۋە ئاتا - ئانا ئالدىدىكى شادىمان ھايات كەچمىشلىرى، مەرىپەت باغچىسىدىكى قوۋناق كۈنلەر مەڭگۈ قايتىلانمايدۇ. ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە، ئادا قىلىپ بولالمىغان مەجبۇرىيەتلەر، ئاقلاپ بولالمىغان بۇرچ ۋە قەرز، تاماملاپ بولالمىغان مېھنەتلەر، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىغان قىممەتلەر... ئۈچۈن ياش تۆكۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز. شۇڭا ھاياتىڭىزدىكى مەلۇم بىركۈننىلا «ئەڭ گۈزەل» دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز، پەقەت ھەر بىر كۈنىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزسىڭىزلا ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز.
(http://bbs.oylirim.cn)& [2 F9 M9 F3 y& ~▲شۇڭا، بۈگۈننى ئىسراپ قىلىۋەتمەي، بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى مېھنەت ئىچىدە گۈزەللىك ۋە قىممەت يارىتىشىمىزنىڭ تۈرتكىسى قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېرىشكەنلىرىمىزنىڭ يوقىتىش بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەر بىر ئۇرۇنىشىمىزنى كىملىك يۈكسەكلىكىدە تەپتىش قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. گۈزەل ئەنئەنىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇش بەرپا قىلغان كىشىلەر ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىلەردۇر. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولايلى، مەيلى بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولايلى ياكى بولمايلى، بۈگۈن ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئېرىشىشمۇ، يوقىتىشمۇ دەل بۈگۈنگە باغلىق. ھەر قېتىم دۇنيادىن، باشقىلاردىن ۋە ئۆزىمىزدىن ئاغرىنغىنىمىزدا، ئەگەر بۇ مۇقەررەر ھەقىقەتنى ئېسىمىزگە ئالالىغان بولساق، روھىمىزدا ئاقىلانە ھېسلار غەليان قىلىپ، گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك ۋە ئاقىلانىلىك قەلب تارىمىزنى چەكمەي قالمايدۇ، ئەنە شۇ چاغدىلا ھەممە گۈزەللىككە، ئۈمىد ۋە قىممەتكە ئايلىنىدۇ.