ئەيدىز ساغلاملىق قاتىلىدىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان كېسەللىككە ئايلىنىۋاتىدۇ(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)% n/ v5 [8 I7 p. m: X; t% _(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 21–نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كېسىلى يىغىنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا 2030–يىلىدىن بۇرۇن خەلقئارادا ئەيدىزنى يوقىتىش نىشانىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ئومۇمىي يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان ئەيدىز كونترول قىلغىلى بولىدىغان كېسەللىككە ئايلىنىۋاتىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)6 U8 @, P" f, m- pب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى دۇنيادا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليون بولۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ كىشى ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تۈپەيلىدىن قازا قىلدى، بۇ 2004–يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم–ئايرىم ھالدا %35 ۋە %42 تۆۋەنلىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)% h1 b7 F: k9 n6 J- V2 f) Zئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيا بويىچە 36 مىليون 900 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرغۇچى ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. 2015–يىلى ئىيۇنغا قەدەر، 15 مىليون 800 مىڭ ئەيدىز يۇقتۇرغۇچى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. بۇ سان 2010–يىلى 7 مىليون 500 مىڭ، 2005–يىلى 2 مىليون 200 مىڭ بولغان.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
رايونلاردىن قارىغاندا، ئافرىقىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر ھېلىھەم ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۈچلۈك ئۇچراۋاتىدۇ. لېكىن بۇ رايونلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقى زور بولدى، داۋالىنىش نىسبىتى 2010–يىلىدىكى%24تىن 2015–يىلى%54 كە يەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)- a4 C) i9 Z; F$ H# C- b$ J" pب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ 2030–يىلىدىن بۇرۇن ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى توسۇۋېلىش نىشانىغا ئاساسەن، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرغۇچىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش نىسبىتى، داۋالىنىشقا ئېرىشىش نىسبىتى، داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنى كونترول قىلىش نىسبىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كونكرېت نىشان نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %95كە يەتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە 21 مىليون ئادەمنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تۈپەيلى قازا قىلىشىدىن ساقلانغىلى، 28 مىليون ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن قارىغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئەيدىزگە قارشى قىلىۋاتقان كۈرىشى غەلىبىگە يۈزلەنگەن. مەسىلەن، كۆپ خىل ۋىرۇس تەتۈر نۇسخىلىنىشقا قارشى دورىلارنى تەڭ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقۇمىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. مۇنتىزىم داۋالانغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەيدىز تىزگىنلىگىلى بولىدىغان سوزۇلما كېسەللىككە ئايلىنىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۆلچەرىي ئۆمرى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە يېقىنلاشتى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ساقايغان ئەيدىز بىمارلىرىمۇ بايقالدى. ئامېرىكىلىق تىموس بروۋىن يىلىك كۆچۈرۈش سەۋەبلىك ئويلىمىغان يەردىن ئەيدىزدىن قۇتۇلدى، تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى تولۇق تىزگىنلىنىپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى نورماللىشىپ، فۇنكسىيەلىك داۋالىنىپ ساقىيىش ئۆلچىمىگە يەتتى. ئامېرىكا ساقلىق ساقلاش تەتقىقات يۇرتى 2013–يىلى دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە: بىز بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يەتتۇق، ئەيدىزنى ساقايتىشنى ئەمدى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچىلارمۇ بۇلتۇر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايالنىڭ دورىنى توختىتىپ 12 يىلدىن كېيىنمۇ كېسىلى قايتا قوزغالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ دۇنيادىكى تۇغۇلۇشى بىلەنلا داۋالانغان، كۆپ مەزگىل ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن تۇنجى كېسەللىك مىسالىدۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)) u4 w' v& \3 Rئەلۋەتتە، ئەيدىز بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا، كېسەل تەكرار قوزغىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. دېمەك بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم تېنىدىكى يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)7 | o9 I* |$ {6 }شىنخۇا ئاگېنتلىقى