ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 17714|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەلشىر نەۋائى داستانلىرىدىكى تىراگېدىيلىك روھ ۋە ئىستېتىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       
(http://bbs.oylirim.cn)' ~2 y+ L# i1 d% p' y. B3 K% Bئەلشىر نەۋائى داستانلىرىدىكى تىراگېدىيلىك روھ ۋە ئىستېتىك يۈكسەكلىك(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)  R+ T3 G7 o6 E+ Aئىقبال تۇرسۇن(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    تىراگېدىيە ئەڭ دەسلەپ گرىك يۇناندا پەيدا بولغاندا، ئۇ پەقەت تىياتىرنىڭ بىر تۈرى دەپ قارالغانىدى. يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتېل قەدىمكى گرىك يۇناننىڭ يازغۇچىلىرى سوفوكل ۋە ئىسخلنىڭ داڭلىق تراگېدىيلىرىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا تۇنجى قېتىم تراگېدىيسى ئىستېتىك كاتېگىرىيە دائىرىسدە تەھلىل قىلغان ھەم تىياتىر دەپ قارىغانىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىستېتىكا تارىخىدا تراگېدىيە ئومۇمەن كەڭ ۋە تار دائىرىدە چۈشىنىپ كېلىنگەن. ئومۇمەن ئىنساننىڭ تاسادىپىي ياكى مۇقەررەرلىككە ئىگە ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب-ئوقۇبەت، بەخىتسىزلىك، كۈلپەت ۋە ئۆلۈم قىسمەتلىرىنى كىشىلەر تراگېىدىيلىك ئاقىۋەت، دەپ قارىغان. تار دائىردىن ئالغاندا تراگېدىيە ئىستېتىك يۈكسەكلىكنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى دەپ قارالغان. سەنئەتتىكى تراگېدىيە بولسا رېئاللىقتىكى تارىخىي، ئىجتىمائىي تراگېدىيە ئامىللىرىنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى تراگېدىيلىك بولماستىن، بەلكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيتىدىكى تراگېدىلىك رېئال ھادىسىلەرنىڭ ئەدىب-سەنئەتكارنىڭ ئازابى، تراگېدىيسى ئىچىدە يۈكسەك ئىستېتىك تىپىكلەشتۈرۈش، ئويلىنىش ۋە مەنىۋى ھالقىشنىڭ ئىپادىىسى. سەنئەتكارنىڭ ئازاب، بەخىتسىزلىك ئىچىدىن بەخت، شادلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ مەنزىلىنى كىشىگە كۆرسىتىپ بېرىشىدۇر. ئىنساننىڭ كىشلىك ھايات ۋە تەقدىر ھەققىدىكى ئويلىنىش مۇساپىسى بىلەن ئەمەلىيەت مۇساپىسىنىڭ ئۆزى بىر تراگېدىيىلىك جەريان. شۇڭلاشقا، تراگېدىيىلىك ئاڭ مەيلى شەخىستە بولسۇن ياكى بىر مىللەتتە ئومۇميۈزلۈك جەھەتتە بولسۇن، ئۇ ئالدى بىلەن شەخىسنىڭ سوبىيېكتىپ روھىدا كۈچىيىپ بارىدۇ. ھايات ۋە ئۆلۈم، باقىلىق ۋە ئۆتكۈنچىلىك، غايە ۋە رېئاللىق، ھېسىسيات ۋە ئەقىل ئارىسىدا ئىنسان قەلبى ھەر چاغ ئازابلىق زىددىيەتكە تولغان بولىدۇ. ئىنسان قەلبىدىكى بۇ توقۇنۇش تارىختىكى بارلىق تراگېدىينىڭ، سەنئەتتىكى تراگېدىيلىك ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، تراگېدىيە تار مەنىدە تىياتىرنىڭ بىر تۈرىنى ياكى ئىستېتىك كاتېگورىينىڭ شەكلىنى ھەمدە يۈكسەكلىكنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىش ھالىتىنى كۆرسەتسە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيتىدە ھايات رىيازىتىنىڭ، جاراھەتلىك قەلىبنىڭ غېرىبسىنىش، غەزەب-چۇقانى، شۇنداقلا يازغۇچى-شائىرنىڭ چوڭقۇر قەلب قاتلىمىدىكى ئىستېتىك ئېڭى سۈپىتىدە ناھايتى كەڭ ئىپادىلىندۇ. تراگېدىيلىك ئاڭ ياكى روھ قانداقتۇر غەرب تراگېدىيە چۈشەنچىسىدىكى ئۆلۈم بىلەنلا بەلگىلىنىپ قالماي، بەلكى ئىنساننىڭ ئازاب، مۇشەققەت ۋە تەقدىرگە قارشى تۇرۇپ ھاياتقا قىزغىن كىرىشىش، تۆھپە قوشۇش، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى يارىتىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىستېتىك ئاڭدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)$ d8 E9 V1 F% U7 Wتراگېدىيە چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ ئىستېتىك ئۆلچەملىرىدىن قارىغاندا، ئۇ غەرب ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئىستېتىك كاتېگورىيە. شۇڭا، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا غەرب ئەدەبىياتىغا ئوخشاش ھەقىقىي مەنىدىكى تراگېدىيە نەزەريىسى يورۇتۇلغان ئەسەر بولمىسىمۇ، لېكىن، ئازاب، مۇھەببەت ۋە ئۆلۈم بىلەن بىرلىشىپ ئىپادىلەنگەن كۈچلۈك تراگېدىيلىك ئاڭ- ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخكىسىدىكى قەدىمكى ئىزچىل ۋە گەۋدىلىك ئىستېتىك ئاڭ بولۇپ، ئۇ كلاسسكلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىغا چوڭقۇر سىڭگەن. ئۆز خەلقى، تۇرمۇشى، كىشلىك ھايات ۋە ئىنسان تەقدىرى مەسلىلىرىگە قەدەر چېتىلغان ئازاب ۋە تراگېدىيە ھېسىسىياتى « ئوغۇزنامە»، «شىراق»، « تۇمارىس» رىۋايەتلىرى، مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، قۇچۇ دەۋرىدىكى « ئىككىن تىگىن ھېكايىسى»،« چىستانى ئىلىك بەگ » قىسىسىسى، « دىۋانى ھېكمەت » قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەردە چوڭقۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
(http://bbs.oylirim.cn)9 k6 q# ~# n; _! l/ T* |' G; ]ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تراگېدىيە دەپ قارالىۋاتقان ئەسەرلەر ئاساسەن لىرىك ياكى ئىپىك داستانلار بولۇپ، ئۇنى غەرب تراگېدىيلىرىگە ئوخشاش ھەقىقىي مەنىدىكى تراگېدىيە دېيىش قىيىن، ئەمما ھېچبولمىغاندىمۇ تراگېدىيلىك خۇسۇسىيەتكە ھەم ئاڭغا ئىگە ئەسەرلەر ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بىزنىڭ تراگېدىيلىك ئەسەرلەر ھەم تراگېدىيلىك ئاڭ دېگەندە كۆزدە تۇتقىنىمىز، بەزىلەر ئۇيغۇر تراگېدىيلىرى، دەپ ئاتاۋاتقان ساناقلىق ئەسەرلەرلا ئەمەس، بەلكى بۇ ، ئازاب، مۇھەببەت، بەختسىزلىك، ئۆلۈم ھەم تەقدىرگە قارشىلىق روھى ئىپادىلەنگەن تراگېىدىيلىك روھقا ئىگە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر كلاسسىك ئىجادىيتىدىكى تراگېدىيىلىك ئاڭ شۆبىھسىزكى، كلاسسىكلار ئىجادىيتىدە يۈكسەك دەرىجىدە ئىپادىلەنگەن. نەۋائىنىڭ تراگېدىيىلىك ئېڭىنى تېخىمۇ مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسەرلەر « خەمىسە» داستانلىرى تەركىبىدىكى « پەرھاد-شېرىن»،« لەيلى-مەجنۇن» دىن ئىبارەت ئىككى تراگېدىيىلىك داستانىدۇر. نەۋائى لىرىكىلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇنىڭ ياشىغان دەۋرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئالبۇكى، ئەلشىر نەۋائى ھۈسەيىن بايقارا ھاكىميىتىنىڭ مۇرەككەپ زىددىيەتكە تولغان مۇھىتىدا ياشىدى. گەرچە بۇ ھىرات مەدەنىيتى گۈللەنگەن بىر مەزگىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھۆكۈمرانلار بىلەن پۇقرالار، ئىلىم ئەھىللىرى بىلەن ئۆلىمالار ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇرەككەپلەشكەن، فېئوداللىق سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىلەن تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە گىرەلەشكەن، مەزھەپلەر بىلەن پىكىر ئېقىمىلىرنىڭ كۆرىشى ئىچىدە ياشاپ، جەمئىيەت ۋە ئادەملەرنى چۈشەنگەن، شۇڭا ئۇ بەختسىزلەرنىڭ قايغۇسى، ھەققانىي كۈچلەرنىڭ تراگېدىيسى ھەم ئۇنىڭ ھاياتى كۈچنىڭ نېمە ئىلكەنلىكىنى ئۆز دەۋرىگە قارىتا بىۋاستە سېلىشتۇرما قىلىپ قويدى. نەۋائى زامانىسى ئۈچۈن ئەڭ رېئال مەسلە بولغان ئىنساننىڭ بەخت سائادىتى، گۈزەل تۇرمۇشى ھەم ئەركىن مۇھەببەت تۇرمۇشى، باراۋەرلىك ھوقۇقى ئىدى. نەۋائى فېئوداللىق چىرىك مۇناسىۋەت، ئەخلاق قائىدىلەر ئېلىپ كەلگەن تراگېدىيىلەرنى قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ ۋە ئەخلاق پاجىئەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ ھايات پاجىئەسىنىڭ تارىخىي ئىجتىمائىي يىلتىزىنى ئىچىپ بەردى، بۇ پاجىئەگە تەڭ قايغۇردى . شائىرنىڭ « لەيلى-مەجنۇن» داستانىدا شەرق خەلىقلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ سەييارە سىيۇژىتىغا ئايلانغان لەيلى بىلەن مەجنۇننىڭ بىللە ئوقۇپ، بىر-بىرىگە كۆڭۈل تاشلىغان قىز-يىگىتنىڭ فېئوداللىق تەبىقە تۈزۈمى ۋە قائىدىلىرنىڭ بېسىم ھەم توسقۇنلۇقى بىلەن ۋىسالغا يېتەلمەي، بىر-بىرىنىڭ ئىشقى پىراقىدا ھەسرەت ئىچىدە دۇنيادىن كەتكەنلىكىنى يازىدۇ. « پەرھاد-شېرىن» داستانىدا نەۋائى خوتەن شاھزادىسى پەرھاد بىلەن ئەرمەن مەلىكىسى شېرىننىڭ ئەنئەنىۋى ئىشقى سىيۇژىتىنى ئاساس قىلىپ، خەلىقنىڭ بەخت-سائادىتى، پاراۋانلىقى ئۈچۈن تىرىشقان، ۋاپادار، سۈيگۈسىگە سادىق قىز-يىگىتنىڭ چىن مۇھەببەت، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرىشىپ ئاخىر ئارمانغا يېتەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ داستانىغا نەۋائى ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقچىلىقتىن ئىبارەت يۇقىرى ئىجتىمائىي ئەخلاقى ھەم ئىستېتىك قارىشىنى مۇجەسسەملىگەن. ھەر ئىككى داستاننىڭ سىيۇژىتى ۋە زىددىيەت توقۇنۇنىشى شائىر تولىمۇ ئەگرى-توقاي ۋە ئىنچىكە لايىھلەنگەن. بەدىئىي قەھىرماننىڭ يارقىن، ئالىيجاناب، يۈكسەك سىماسىنى كۈچلۈك زىددىيەت توقۇنۇشى ئىچىدە كەسكىن كۈرەشتە ئىلگىرى سۈرۈپ، تراگېدىيىلىك ئاخىرلاشتۇرغان. نەۋائى بۇ تراگېدىيىلىك ئاقىۋەتنى ئالىجاناب، ھەققانىي كۈچلەرنىڭ ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋەكىللىرنىڭ تراگېدىيسى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇنى ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى ئىلغار ھەققانىي كۈچلەرنىڭ ۋاقىتلىق مەغلۇبىيىتى ھەمدە ئۆز دەۋرىگە بولغان قارشىلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىستېتىك يۈكسەكلىكىنى يارىتىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)/ `% w0 I8 [( I3 K9 A' J) ?9 sياخشىلىق، يامانلىق، ئىلغارلىق بىلەن قاتلاملىق كۈچلىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل سىياسىي، ئىجتىمائىي ھەم ئەخلاقىي كۈچنىڭ كەسكىن زىددىيەت توقۇنۇشى ۋە كۈرىشى، تراگېدىىيىلىك، ئىستېتىك يۈكسەكلىكىنىڭ ئاساسى. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، نەۋائى تراگېدىيىلىرى ئىستېتىك يۈكسەكلىكىنى نامايەن قىلالىغان.
(http://bbs.oylirim.cn)0 I. s7 E0 [5 H6 p% hقەدىمكى گىرىك يۇنان تراگېدىيىلىرىدىن باشلاپ، غەرىبنىڭ تراگېدىيىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك پادىشاھ، ئىلاھلار، خان جەمەتى، ئېسىلزادىلەر، يۇقىرى تەبىقە كىشلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىك، پاجئەسى ۋە ئۆلۈمىنى تراگېدىيە دەپ قاراپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تراگېدىيە باش قەھىرمانلىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە پاجئەلىك ئاقۋەتكە دۇچار بولۇشىنى ئەڭ ئاخىر خىرىستىئان دىنى ئىلاھيەتچىلىكىگە ۋە تەقدىرگە يۈكلەپ قويغان. ئۇنىڭ ئۈستۈگە غەرىبنىڭ تراگېدىيلىرىدە تراگېدىيىلىك ئاقىۋەت كۆپىنچە شەخىسنىڭ سوبىكتىپچانلىقى، شەخسىيەتچىلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۆڭلىدە تەھدىت، ئەندىشە ھەم ئىشەنچىنى يوقىتىش قاتارلىق پىسخىك كەيپىياتلار كۆپرەك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
(http://bbs.oylirim.cn)8 J, u; U4 B; p2 ]9 ^9 W; V7 hئەمما، نەۋائىنىڭ يۇقىرقى تراگېدىيىلىك ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى « گۈل ۋە بۇلبۇل»، « مەھزۇن-گۈلنىسا»، « رابىيە-سەئىدىن»، « نوزۇغۇم» غا ئوخشاش تراگېدىيىلىك ئەسەرلەرنىڭ سىيۇژىت ۋەقەلىكى مەنبئىي خەلىق ئارىسىدا تارقالغان ئەپسانە-رىۋايەت ياكى خەلىق ھېكايىلىرى بولسا، قەھىرىمانلىرى دېگۈدەك ئادەتتىكى كىشىلەر، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەل-يۇرت، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلغان مىللىي قەھىرىمانلارمۇ، ئۆزىنىڭ پاك، سەمىمىي مۇھەببىتىگە سادىق ئاشىق-مەشۇقلارمۇ بار. ئۇيغۇر تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردىكى قەھىرىمانلارنىڭ ھېسسىيات پىسخىكىسى، پوزىتسىيسى جەھەتتىن ئىنسانپەرۋەر ھېسسلارغا باي مەردانە، جاسارەتلىك، ئۆز ئىتىقادىغا سادىق، ئۈمىدۋار، كوللېكتىپچانلىقى كۈچلۈك، تراگېدىيىلىك قەھىرىمانلارنىڭ ئۆلۈم ياكى پاجئەلىك تەقدىرىنى كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق رەزىللىككە قارشى تۇرۇش قانداقتۇر روھىي غالىبىيەتچىلىك بىلەن پانىي دۇنيادا راھەت كۆرۈش ئىدىيسىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار، ئىسياتكار كەسكىن پوزىتسىيسى، كۆز قارىشى ھەم خارەكتېرىنىڭ ئىپادىسى قىلىنغان. بولۇپمۇ، ئاشۇنداق كىشىلەر كەم بولغان ۋە بۇ روھقا تەشنا بولغان زاماندا شائىر ئەدىبنىڭ مۇنداق ئۇلۇغۋار، يۈكسەك، ئالىجاناب كىشىلەر ھەم روھنىڭ تىكلىنىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شائىر ئەدىبنىڭ مۇنداق تراگېدىيىلىك يۈكسەك ئالىجاناب قەھىرىمانلارنىڭ ئۆلگىسى، ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىش، بۇ ئۈلگىلەر ئارقىلىق دەۋرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا، مەيلى « پەرھاد-شېرىن» نىڭ تراگېدىيسى ياكى « لەيلى-مەجنۇن» نىڭ تراگېدىيسى بولسۇن، تېگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا، ئۇنىڭدىكى تراگېدىيىلىك ئاڭ ئۆز دەۋرىنىڭ رېئال مەسلىلىرى بىلەن باغلىنىدۇ. شائىر ئۆز دەۋرىنىڭ رېئال مەسلىلىرى بىلەن باغلىنىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تراگېدىيىلىك ئېڭىنى بۇ داستانلارغا سىڭدۈرگەندە، قەھىرمانلىرىنىڭ تراگېدىيلىرىدىن ھەسرەت چېكىدۇ. ئۇلارنىڭ پاجئەسىگە ياش تۆكىدۇ. شائىر « لەيلى-مەجنۇن» داستانىنىڭ ئاخىرىدا ھېسسىياتىنى مۇنداق ئىزھار قىلىدۇ: (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يۈز شۈكرى كى بۇ فاسانەنى دەرد،
(http://bbs.oylirim.cn)8 r7 B" Y+ b8 f. d. Iھەرلەفزىدە يۈز نىشانى دەرد.
(http://bbs.oylirim.cn)% s* _4 a% X0 g8 }2 t0 @جان پەردەلىرىن ئەۋراق، (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
جاندىن بېرىپ ئول ۋاراقنى ئوششاق.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يازغاندا مىدادى كۆز قاراسى، (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يازغان قارا قايغۇ ماجىراسى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سۆڭىن نېچە كىم ئۇزاتتىم ئاخىر،(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يىغلاي-يىغلاي تۈگەتتىم ئاخىر. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
نەۋائى « لەيلى –مەجنۇن» ۋە « پەرھاد-شېرىن» داستانىدا مۇھەببەتنى باش تېما قىلىپ، فېئوداللىق دەۋردىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت پاجئەلىرىنى تەسۋىرلەپ، ئىشىق يولىدىكى ساداقمەن، ۋاپادارلىقنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھەم ئۇ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەت تېمىسىغا ئۇلارنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ ئەركىنلىكى، باراۋەرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، فېئوداللىق قائىدىلەرگە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت قەھىرمانىلىق، ئالىجانابلىق روھىنى سىڭدۈرگەن. نەۋائى « پەرھاد-شېرىن» داستانىدا نىزامى، گەنجۇبىۋى ۋە خىسراۋ دىھلەۋىلەرنىڭ بۇ تېمىدىكى ئىجادىيەت ئەنئەنىسىدىن باشقىچە يول تۇتۇپ، ئۆز ئەسىرىدە شېرىن ياكى خىسراۋنى باش قەھىرىمان قىلماي، بەلكى رىۋايەتلەردىكى خوتەن شاھزادىسى پەرھادنى باش قەھىرمان قىلىپ، ئۇنى ئىلىم-پەن، ئەقىل-پاراسەت، ھۈنەر-ماھارەتتە كامالەتكە يەتكەن قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. پەرھاد ئەل-يۇرتىنىڭ تىنچ پاراۋانلىقى، بەختى ئۈچۈن پاك سەمىمىي ئېتقادى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك خىسلەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن. نەۋائى شېرىن ئوبرازىنى ئۇنىڭ پەرھادقا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتتىكى پاك ئەقىدىسى ۋە ۋاپادارلىق جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ يولدىكى ئۆلۈمىنى تاللاش ئارقىلىق تراگېدىيىلىك يۈكسەكلىكىنى ياراتقان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ ئارقىلىق نەۋائى ھەرقانداق كىشىگە بولغان سۆيگۈ ئىشقىنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي چىن ئىنسانغا بولغان ئىشقىنى مەدھىيىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، شېرىن جان ئۈزۈش ئالدىدا پەرھادقا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ مۇھەببەتتىكى يۈكسەك ئەخلاقى، قىممەت قارىشىنى، پاك ھېسسىياتىنى ئىنسان قەلبىنى تىتىرىتىدىغان ھالدا ئىپادىلەپ،ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. يالغۇز ئۇيغۇر تراگېدىيىلىك ئەسەرلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى تراگېدىيىلىك ئاڭ ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى- بۇ خىل ئەسەرلەردە تاشقى ۋە ئىچكى زىددىيەت توقۇنۇشى كەسكىن، پېرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ خارەكتېرىدا بىر خىل چوڭقۇر ئىچكى قارشىلىق، ئىسيانكارلىق، سادىقلىق، ئالىجاناب، مەردانىلىق روھى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 g8 \& @) s& sھۈسەيىن بايقارا دەۋرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي شارائىتىدا شائىر ئەلشىر پۈتكۈل ھاياتىدا ھەم بارلىق ئىجادىيتىدە پىغانلىق، ھەسرەتلىك، مۇڭلانغان مەسلىلەرنىڭ نىگىزى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەيلى نەۋائىنىڭ تەبىئەت ۋە بىلىش نەزەرىيسى قاراشلىرى بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاق قاراشلىرى بولسۇن، ئىنساننىڭ تەبىئەت، جەمئىيەتتىكى ئورنى، تەقدىرى، قىممەت مەسلىسىنى يادرو قىلىپ، ئىنسان، كائىنات، تەڭرى ۋە تەقدىرنىڭ بىردەكلىكى ئاساسىدا ئىنساننىڭ مۇستەقىل ئىجادچانلىقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى، گۈزەللىكىنى مەدھىيىلىدى. نەۋائى ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش گۇمانىستىك ئىدىيە سىستېمىسىنى ئۆز ھاياتىدا شەرق-غەرب تەپەككۇر ئىدىيە تارىخىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈپ، دەۋر رېئاللىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھايات پاجئەلىرى، كەچمىشلىرىدىكى تەجىرىبە خۇلاسىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ياراتقانىدى. نەۋائى ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى ئىستېتىك ئىدىيسىنى، دۆلەت، خەلق ھەققىدىكى ئىقتىمائىي باراۋەرلىك، ئادالەت، ھەققانىيەت، ئىلىم-پەن قارىشىنى « ھەيرەتۇل ئوبراز»، « سەددى ئىسكەندەر» قاتارلىقلار داستانلىرىدا يورۇتقان بولسا، ھايات، مۇھەببەت، گۈزەللىك، ئەخلاق ۋە بەخت-سائادەت ھەققىدىكى ئىستېتىك قاراشلىرىنى، ئىنساننىڭ مۇھەببەت ۋە ئىجتىمائىي تراگېدىيىلىرى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ ھسسىىياتىنى « پەرھاد-شېرىن»،« لەيلى-مەجنۇن»،« مەھبۇبۇل قۇلۇپ» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويدى. شائىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسا « لىسانۇتتەيرى» (قۇش تىلى ) ناملىق داستانىدا ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا خەلق روھىيتىگە سىڭگەن سوفىزمنىڭ تەركىبدۇنياچىلىق، زاھىدلىق قاراشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئىنساننىڭ تەبىئەت ۋە تەڭرى ئالدىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىنىڭ تەڭداشسىز بۈيۈكلىكىنى، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ماھىيەتلىك تونۇشىنى تەۋسىيە قىلدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
نەۋائى ئىجادىيتىدە بىر تەرەپتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر فېئودالىزم جەمئىيتىنىڭ دىنىي، سىنپىي كۈچلىرنىڭ بالايىئاپىتى، كىشىلەرنىڭ تراگېدىيسىنى تىپىكلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادەتلىك، ئەركىن ھاياتقا ئىنتىلىشى ئەكىس ئەتتۈردى. بولۇپمۇ نەۋائى خۇددى ئۆزىدىن ئىلگىركى ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىدەك، ئادەملەرنى ياخشى-يامان دېگەن ئۆلچەم بويچە قاراپ، بىلىم، ئەخلاق ئارقىلىق ئىنساننىڭ قەدىر-قىممەت تېپىپ، بەخت-سائادەتكە يېتىشىنى ئۈمىد قىلدى. كىشىلەرنى ئەخلاقىي ۋە بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق ئادالەتكە، ئىنسابقا، خەلقچىلىققا چاقىردى. ئۇ ، ئىسكەندەر شاھ، بەھرام شاھ، پەرھاد قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ سىماسى ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلارغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغانىدى. ئەمما، بۇ نەۋائى ياشىغان دەۋرنىڭ سىياسىي مۇھىتى، سىنپىي زىددىيتىدىن ئالغاندا ئىشقا ئاشمايىتتى. چۈنكى، ئوتتۇرا ئەسىر جەمىئيتىنىڭ سىياسىي تارىخي مۈشكۈللۈكى بۇ خىل تراگېدىيىنىڭ مۇقەررەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرەتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر جەمىئيتىدە بۇ خىل تراگېيدىيە روھى يەنىمۇ كۈچىيىپ باردى.
(http://bbs.oylirim.cn)  M9 h1 U" h% h4 D- ?2 Zپايدىلانغان ماتېرىياللار:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(1)        «غەرپ ئىستېتىكا تارىخى» خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى، 1987-يىل.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(2)        جۇ گۇاڭچەن: «تراگېدىيە پىسخولوگىيسى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى نەشىرى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(3)        ش.ئۆمەر: «ئۇيغۇرلاردا كلاسسىك ئەدەبىيات»، 416،-417-بەتلەر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(4)        ئەلشىر نەۋائى: «لەيلى-مەجنۇن»، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)/ N4 G7 Q* K6 i3 |«قەشقەر» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 1-ساندىن ئېلىندى
(http://bbs.oylirim.cn). B3 N- ]7 h. E" ~2 o5 |ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 00:05 , Processed in 0.603731 second(s), 41 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش