جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قوشقان تۆھپىسى
(http://bbs.oylirim.cn)2 _% |# ?+ p: n$ A(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، زىيان ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئۇرۇشقا چېتىلىپ قالدى.بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدىغان 2 مىليارد نوپۇسقا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇرۇش ئوتى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا، ئوكيانىيە ۋە تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، شىمالىي مۇز ئوكيانغا يامرىدى. ئۇرۇش رايونىنىڭ كۆلىمى 22 مىليون كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. ئۇرۇشقان تەرەپلەر 110 مىليون ئەسكەر قاتناشتۇردى. بىۋاسىتە ھەربىي خىراجەت چىقىمى 13 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۇرۇشقان تەرەپلەرنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %60دىن %70گىچە كىرىمىنى ئىگىلىدى. ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ماددىي ئەشيا زىيىنى تۆت تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)( Z" n! @% W2 H! Z* f8 B2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جۇڭگودىكى ئۇرۇش مەيدانى ياپون فاشىستلىرىغا زەربە بېرىش ئاساسلىق مەيدانى شۇنداقلا دۇنيا فاشىزم ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى. جۇڭگو خەلقى دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور مىللەت قۇربان بولۇشقا بەرداشلىق بېرىپ ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى 1931-يىلى 9-ئايدا باشلىنىپ، 1945-يىلى 8-ئايدا ئاياغلاشتى. ئۇرۇش 14 يىل داۋاملاشتى. ياپون فاشىستلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىش،تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونى شىمالدىن سوۋېت ئىتتىپاقى، جەنۇبتىن تىنچ ئوكيانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ھەمدە تېخىمۇ سىرتقا كېڭىيىپ، ئاسىيا ھەتتا دۇنيانى چاڭگىلىغا ئېلىش بازىسى، كۆۋرۈكى قىلماقچى بولدى. ياپون فاشىستلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىدىن 35 مىليوندىن كۆپرەك كىشى يارىلانغان ياكى قازا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە قازا قىلغانلار21 مىليونغا يەتكەن. 1937-يىلىدىكى قىممەت بويىچە ھېسابلىغاندا جۇڭگونىڭ بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيىنى 100 نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي زىيىنى 500 نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەككە يەتكەن. جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىدا 1 مىليون 500 مىڭ ياپون ئەسكىرى يوقىتىلغان، بۇ ياپون ئارمىيەسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يارىلانغان ياكى ئۆلگەن ئەسكىرى سانىنىڭ تەخمىنەن %70 نى ئىگىلەپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تەلتۆكۈس يوقىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشىدا زور ئىستراتېگىيەلىك مەدەت بېرىش رولى ئوينىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن مۇنداق دېگەن : بىز ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى ئىسكەنجىگە ئالساقلا، گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئېلىمىزگە ھۇجۇم قىلغاندا ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنالايمىز.
(http://bbs.oylirim.cn)% Z1 h, A/ H5 U9 U# K6 s' Wسوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش مەيدانى گېرمانىيە فاشىستلىرىغا زەربە بېرىشنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى، شۇنداقلا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانى. ھەمدە دۇنيا فاشىزم ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. 1941-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى جاپالىق ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنى باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەغلۇبىيەتتىن ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىدىن كېيىنكى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. بېرلىننى ئېلىشقىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى 1418 كېچە كۈندۈز جاپالىق ئۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدا ئەڭ شەرەپلىك سەھىپە يېزىپ قالدۇردى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
رۇسىيە ئېلان قىلغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 27 مىليون كىشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 8 مىليون 668 مىڭ 400 ھەربىي بار ئىكەن، ماددىي زىيان 1941-يىلىدىكى باھا بويىچە سېلىشتۇرغاندا مىليارد رۇبلىغا يەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئۇرۇشى دۇنيا فاشىزم ئۇرۇش مەيدانىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. كۆپلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە ئالىملىرى ۋە كۆپلىگەن غەرب ئالىملىرى ئۇرۇشتىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى بولمىغان بولسا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يېڭىش يېڭىلىش قىيىنغا توختايتتى.