ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 36053|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۇرمۇش بىر پارچە كىتاپ بولسا ئىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرمۇش بىر پارچە كىتاپ بولسا ئىدى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)1 c/ C8 L- V3 C% nئىلاۋە: ئېمىي پېردىي ئون توققۇز يېشىدا كىسەللىك سەۋەبىدىن ئىككى پۇتىدىن، سول قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش سېزىمىدىن، شۇنداقلا تال ۋە بۆرىكىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق  كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن قايتىدىن ئورنىدىن تورۇپ، نورغۇن كىشىلەرنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا قار تېيىلىش لەۋھەسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
(http://bbs.oylirim.cn)' p. G. J3 x7 O1 z (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مۇباداسىز تۇرمۇشتىن ئىبارەت بىر پارچە «كىتاپ» نىڭ ئاپتۇرى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا مەزكۇر «كىتاپ» قا قانداق ھېكايىلەرنى پۈكۈشنى ئارزۇ قىلاتتىڭىز؟ ئەينى يىلى دەل مۇشۇ سۇئال كىشىلىك ھاياتىمغا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn): E* j. V/ o3 [' \1 q* }مەن لاس ۋىگاسنىڭ پىژغىرىم چۆللىكىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بورۇندىن ئەركىن تۇرمۇشقا تۇلىمۇ ئىنتىلەتتىم. پۈتۈن دۇنيانى كىزىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغاچقا، قار ياغىدىغان بىرەر جايدا ماكانلىشىپ، ھاياتىمدىكى «ھېكايە» لەرنى تۇشمۇ-تۇشتىن يېزىپ چىقىشنى خىيال قىلاتتىم. ئون توققۇز ياشقا كىرگەن يىلى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قار ياغىدىغان بىر جايدا ئۇۋلاپ داۋالىغۇچى بولدۇم. بۇ قولنىلا ئىشلىتىدىغان خىزمەت بولۇپ، يېنىمدا ئۇۋلاش ئۈستىلى قويۇلاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا خۇددى قۇش كەبى تۇلىمۇ ئەركىن ئىدىم.  بۇ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئەركىن، مۇستەقىل، بىخەتەر تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرگەن چاغلىرىم ئىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دەل مۇشۇ بەخىتلىك كۈنلەردە تۇرمۇشتا كىلىشمەسلىككە ئۇچىردىم. بىر كۈنى خۇددى يوقۇملۇق زۇكام بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، بالدۇرلا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن بىر سوتكىمۇئۆتمەي، بالىنىسقا كىرىپ قالدىم، ھەمدە ئوكسىگىن نەيچىسى بىلەن ھاياتىمنى داۋام ئېتىشكە باشلىدىم. دوختۇرلارنىڭ قىياسىچە، ھايات قېلىشىمدىن ئاساسەن ئۈمۈد يوق ئىكەن. نەچچە كۈندىن كېيىن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. دوختۇرلار ۋىروسلۇق مىڭە پەردە ياللۇغى، دەپ دىئاگنۇز قويۇپتۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىر خىل ۋاكسىنا ئارقىلىق قان يوقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. كېيىنكى ئىككى ئايدا تال ۋە بۆرىكىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، سول قۇلىغىمنىڭ ئاڭلاش سىزىمىنى يۇقاتتىم، ئىككى پوتۇم تىزىمنىڭ ئاستىدىن كېسىۋېتىلدى. ئاتا-ئانام مېنى چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىققان ۋاقىتتا، ئۆزۈمنى خۇددى تاشلاندۇق ئويۇقچۇقتەك ھېس قىلغان ئىدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، جاپالىق كۈنلەر ئەمدى ئاخىرلاشتى دەپ خىيال قىلغان ئىكەنمەن. نەدىكىنى، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، يېڭى «پۇتۇم»غا نەزىرىم چۈشكەن ۋاقىتتا، ئىشنىڭ بۇنىڭلىق  بىلەن تۈگىمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. مېنىڭ بۇ ساختا پۇتۇم ئېغىر مىتالدىن ياسالغان بولۇپ، ئوشۇق بوغۇمى بىلەن سېرىق رەڭلىك كاۋچۇك «پۇت» ئېچى كاۋاك سوزۇنچاق مېتال بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان ئىدى. پۇت بارمىقى بىلەن ئوشۇق بوغۇمى ئارىسىدىكى بۈرتۈپ چىققان كاۋچۇك يىپ قارىماققا ۋېنا قان تومۇرىغىلا ئوخشايىتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى جەزىم قىلالمىساممۇ، ئەمما بۇ «نەرسە» گە ئېھتىياجىم يوقلىقى ئېنىق ئىدى. شۇندىلا يېنىمدىكى ئاپامنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، ئازاپتىن بوقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)$ m3 W& `, r( l! p  o, dكېيىنچە مەن موشۇ قىسقا ۋە توم «پوتۇم» بىلەن ئۆرە تۇردۇم. ئاغرىق دەستىدىن ھەركىتىم ھېچبىر قۇلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. قەلبىمدە: «ئاھ تەڭرىم، بۇ پوتۇم بىلەن قانداقمۇ پۈتۈن دۇنيانى كېزىپ چىقالايمەن؟ ئۆزۈم ئىنتىلىۋاتقان تاسادىبىيلىق ۋە ھېكايىلەرگە تولغان تۇرمۇشتىن قانداقمۇ بەھىرلىنەلەيمەن؟ قار تېيىلىشىمغا يەنە قانداقمۇ ئىمكان بولسۇن؟» دىگەنلەرنى خىيال قىلدىم. ئۇ كۈنى ئۆيگە كىلىپلا ئازاپتىن ئۆزۈمنى كارۋاتقا ئاتتىم. كىيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى يوقۇتۇپ، رىئاللىقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈردۈم. ساختا پوتۇمنى پەرۋايىمغا ئېلىپمۇ قويمايىتتىم. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەڭلا تۈگىشىپ كېتىپ باراتتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ۋەھالەنكى، قانداقلا بولمىسۇن ياشىماي بولمايىتتى. تۇرمۇشىمنى داۋام ئېتىش ئۈچۈن ئىلگىركى ئېمىي بىلەن خوشلىشىپ، ھازىرقى مەجروھ ئېمىينى قوبۇل قىلىشىم كىرەك ئىدى. ياخشى يېرى، بوي ئىگىزلىكىم بورۇنقىدەك بەش فۇت بەش ديويىم (ئورۇنلۇق بىرلىكى، تەخمىنەن1.65مېتىرغا تەڭ) دا تۇراقلىق تۇرمايىتتى. ئېگىز ياكى پاكار بولۇش ئۆز ئىلىكىمدە ئىدى. بۇنى ئۇچىرشىدىغان ئادەملەرگە قاراپ ئۆزۈم بەلگىلىيەلەيىتتىم. مۇبادا قار تېيىلىشقا بارسام، «پۇتۇم» توڭلاپ قالمايىتتى. تېخىمۇ قۇلايلىق بولغىنى، «پۇتۇم» نى خالىغانچە چۇڭايىتقىلى ۋە كىچىكلەتكىلى بولغاچقا، ماگىزىنلاردىكى ھەر قانداق باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئاياغلارنى سېتىۋېلىپ كىيەلەيىتتىم. بۇمۇ ھېساپتا پوتۇمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنىڭ پايدىسى ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)/ a& w8 q! A( y  E. t. e5 Iبۇ ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزۈمگە: «تۇرمۇشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشۇم كىرەك؟ مۇبادا مەن تۇرمۇشتىن ئىبارەت بىر پارچە «كىتاپ» نىڭ ئاپتۇرى بولسام، مەزكۇر كىتاپقا قانداق ھېكايىلەرنى پۈكۈشنى ئارزۇ قىلغان بۇلاتتىم؟» دىگەنلەرنى خىتاپ قىلدىم. مەن يەنە كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك ئۇيان-بۇيان مەغرۇر مېڭىپ يۈرۈشنى، ئەتىراپىمدىكىلەرگە ياردەم بىرىشنى، خۇشال-خۇرام قار تېيىلىشنى چۈشەكەشكە باشلىدىم. كۆزۈمنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى ئىسىراپ قىلسام بولمايىتتى. شامالنىڭ يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتۈپ، نەپىسىمنى تىزلەتكەندىكى ئاشۇ تۇيغۇنى ئىزدەيىتتىم. ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھاياتىمدا يىڭى سەھىپە ئېچىلغاندەك قىلاتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)6 |5 R" H5 N. E( Vتۆت ئايدىن كېيىن، مەن يەنە قار تېيىلىش مەيدانىغا قەدەم باستىم. ئەمما ئىش تەسەۋۋۇرىمدىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تىزىم بىلەن ئوشۇق بوغۇمۇمنى ئىگىشكە ئامالسىز ئىدىم. بىر قېتىم تېيىلىش يۇلىدا يۇقىرغا ئۆرلەۋاتقىنىمدا، پوتۇم ۋە تېيىلىش تاختام تېزىمدىن ئاجىراپ كىتىپ تاغ باغرىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئىش مېنى ۋە ھەمراھلىرىمنى ئوبدانلا چۆچۈتتى. بىراق مەن ئەسلا ئۆكۈنمىدىم. قارىغاندا مۇۋاپىق كىلىدىغان پۇت تاپالىسام، ئاندىن قايتىدىن قار تېيىلىشقا ئىمكان بۇلاتتى. بۇ قېتىم مەن كىشىلىك ھاياتتىكى توسۇق ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ئىككى خىل ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، يەنى ياكى ئالغا ئىلگىرلەش يۇلىمىزنى چۈشەپ قۇيىدىغانلىقىنى، ۋەياكى بىزنى غايەت زور ئىجادىيلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
(http://bbs.oylirim.cn). Y+ @& P- \2 B! P+ F+ yبىر يىل ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئۆزۈمگە قانداق پۇت سەپلەشنى ئاڭقىرىپ بۇلالمىدىم. يەنە كىلىپ، ماڭا ياردەم بىرىشنى خالايدىغان بىرەر زاۋۇتنىمۇ تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ياساپ بېقىشنى قارار قىلدىم. ساختا «پۇتۇم» نى ياسىغان زاۋۇتتىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، زاپچاسلارنى قۇراشتۇرۇپ، قار تېيىلىشقا ماس كىلىدىغان بىر جۈپ «پۇت» ياساپ چىقتۇق. داتلىشىدىغان بولت (تولغانما دەستە ۋە گايكىدىن تەركىپ تاپقان، ئۇلاش ۋە چىڭىتىش رۇلىنى ئوينايدىغان بىر خىل زاپچاس، تەرجىمان ئىلاۋىسى)، كاۋچۇك، ياغاچ ۋە ھالرەڭ پىلاستىڭ لېنتا قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئاددى بىر جۈپ پۇت ياساپ، ئۇنى خېنە رەڭگىدە بۇيىدۇق. بۇ ساختا پۇت يىگىرمە بىر ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۈنۈمدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغات بولۇپ قالدى.  
(http://bbs.oylirim.cn)% U. T9 `6 v! h) v+ `كېيىن دادام ماڭا بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. مەن يەنە قار تېيىلىشقا باشلىدىم. خىزمەت قىلدىم. كېيىنچە ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. 2005-يىلى، مەن مەخسۇس ياشلار ئىچىدىكى مېيىپلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر پايدىدىن خالى تەشكىلاتقا مەبلەغ سېلىپ، مېيىپ ياشلارنى خەتەرلىك تەنھەركەت تۈرلىرىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم. تەلىيىمگە يارىشا، يەنە جەنۇبى ئافىرقىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى كۆپلىگەن بالىلارنىڭ پۇتلىرىغا ئاياغ كىيىپ مەكتەپكە بېرىشىغا تۈرتكە بولدۇم. 2010-يىلى 2-ئايدا، مەن دۇنيا قار تېيىلىش لەۋھەسى مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى ئالتۇن مىدالىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا قارتېيىلىش مۇسابىقىسى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مېيىپ ئايال ماھىرغا ئايلاندىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئون بىر يىل ئىلگىرى، ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قالغاندا، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمنى قىياس قىلالمايىتتىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مەندىن ئون بىر يىل بورۇنقى كۈنلەرگە قايتىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىمنى سورىسىڭىز، بىرىدىغان جاۋابىم: ئەسلا خالىمايمەن! چۈنكى پۇتۇم مېنى ئىقتىدارىمدىن مەھرۇم قىلماستىن، ئەكسىچە، ئۆز تەسەۋۋۇرىمغا تايىنىپ، ھەر خىل ئىمكانىيەتلەرنى نەزىرىمدىن ساقىت قىلماي، تەسەۋۋۇرىمنى قۇرال قىلىپ، بارلىق تۇسالغۇلارنى تارمار قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى.  ئادەم يوشۇرۇن ئېڭىدا ھەر قانداق ئىشنى قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمگە ئايلىنالايدۇ. شۇڭلاشقا، غايىڭىزگە ئىشەنىچ باغلاپ، قورقۇنىچقا دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، چەكلىمىلەردىن ھالقىپ ئۆتۈڭ!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
گەرچە بۈگۈنكى يىڭىلىق يارىتىش باش تېمىسىغا نىسبەتەن سۆزلىگەنلىرىم تېمىدىن چەتنىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا كىشىلىك ھاياتىمدا يىڭىلىق يارىتىش ماڭا نىسبەتەن بىردىنبىرئىمكانىيەت ئىدى. چۈنكى سەرگۈزەشتىلىرىم ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، ھاياتىمدىكى ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە تەتۈر قىسمەتلەر قارىماققا ھاياتىمنىڭ تۈگەللىمىسىدەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە تەسەۋۋۇر ۋە ھېكايەمنىڭ باشلانمىسى ئىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇڭلاچقا بۈگۈن بۇ يەردە سىلەرگە دىمەكچى بولغىنىم، ھاياتىڭلاردا يولۇققان ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى يامىنىغا بۇرىماي، توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنى تەسەۋۋۇرىڭلارنى قاناتلاندۇرىدىغان سوۋغات دەپ بىلىڭلار. شۇندىلا ئۇ بىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزدىن ۋە تۈرلۈك تۇسالغۇلاردىن ھالقىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئاجايىبات ۋە خۇشاللىقلاردىن بەھىرلىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)+ q+ e) o* E$ t7 R! Z: J, }(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېمىي پېردىي (ئامېرىكا) ئىمزالىقىدىكى مەزكۇر يازما ئىنگىلىزتىلى ئونۋېرسال تورىدىن خەنزۇچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 18-سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
(http://bbs.oylirim.cn)$ ?" O3 e' Y* G( t: o: C4 ~تەرجىمان: قاراقاش ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن   رۇزتوختى نايىپ(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەزكۇر ئەسەر «خۇتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 09:08 , Processed in 2.223418 second(s), 41 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش