ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 17735|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

]«قۇلچاق» رومانىدىكى تارىخىي يىلتىز ۋە ئۆچمەس ئىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

(http://bbs.oylirim.cn)! l) X4 G! Q( W! e2 V, q# v
«قۇلچاق» رومانىدىكى تارىخىي يىلتىز ۋە ئۆچمەس ئىز(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(ئوبزور)
(http://bbs.oylirim.cn)* \0 ~& D6 G- @1 E(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئابلاجان بوۋاقى

(http://bbs.oylirim.cn)' {/ Y7 X6 m( E+ C8 @1 d! y- T0 e
(http://bbs.oylirim.cn)1 ?4 s6 x* E7 E% |«قۇلچاق» رومانى جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىيدىكى تاغلىق چېگرا رايونىغا جايلاشقان مۇقەددەس تاشقەلئە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى قەدىمىي مىللەت تاجىك خەلقىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى (30-يىللىرى)دىكى جاپالىق، جەڭگىۋار، قەيسەر، مېھماندوست، مېھنەتكەش، مېھرىبان، ئىرادىلىك كۆرەش تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بىردىن-بىر يىرىك تارىخىي رومان بولۇپ، بۇ ئاتاقلىق تاجىك ئەدىبى ۋە تاجىك خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى روزى گۈلباينىڭ «سەيلىگاھ»(شېئىرلار توپلىمى)، « سېي رۇبائىي»(ئۈچ يۈز پارچە رۇبائىي) ۋە « ئېھ، دىلپارە» ناملىق ھېكايە-پوۋۋېستلار توپلىمىدىن كېيىن خەلقىگە تەقدىم ئەتكەن جاپالىق ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان يەنە بىر كۆڭۈل سوۋغىسىدۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
روماندا سەرىكۇي تاجىكلىرىنىڭ تارىختىن بېرى جاپا-مۇشەققەتتىن زىنھار قورقماي، ۋۇجۇدىنى ھەردەم تاۋلاپ، ئىناقلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ھەرقانداق قىيىن شارائىتتىمۇ ھەق-ئادالەتنى ياقىلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك مۇھىتتىن جايىدا پايدىلىنىپ، ئەجدادلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇدۇمىغا جانلىق ۋارىسلىق قىلىپ، ھايات قىممەتلىرى ئارتا قىلغان تەجرىبە-ساۋاقلار ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئەل رەقىبلىرىدىن قانلىق ئىنتىقام ئېلىشنى ۋىجدانىي بۇرچىمىز دەپ قاراپ، ئۆز ئەۋلادلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تىنچ، گۈزەل، ئەلۋەك، پارلاق ئەتىنى ۋۇجدقا چىقىرىش يولىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىزدىنىشى ۋە ئەزگۈ روھى ناھايىتى ئىخچام، جانلىق، پاكىتلىق ھەم قايىل قىلارلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، گويا زىلزىلىسى دىللاردىن ئەبەدىي بېسىقماس ۋەتەنپەرلىك مېلودىيەسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)+ u  M9 Q/ b, \+ O. ~1 k" @  h- d0 Vتۆت قىسىم، ئوتتۇز توققۇز باب، 493 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ تارىخىي روماندا ئارمانى، دەۋلەتشاھ(دۆلەتشاھ)، كۇيمېھرى، ئاپتاپ، ھىدايەت(قۇلچاق)، ئارىيانچاق، كۇيپەرى، زەينەپگۈل، گۈلئايىم، ئالما قۇزى ئاقساقال، قۇتلۇق غوجا، ئەلىباي، جۇرغالباي، شانىياز بوۋاي، تولغانئاي، گۈلرۇخ، مەمەترېھىم، ئابدۇراھمان ۋاڭ، دارىبشاھ، ئامبال، نايىپ قوقەن خانى، يۈسۈپ، گورگىك، زالنەزەر، بىراندى ئەنگىرىز، كەلدىبەگ، شەمسىك، كېرەمباي، سالمان غوجا، زېرىببەگ، ھەسەلبانۇ، ئەلەمقۇل، ئاقىبى، سۇدۇربەگ...قاتارلىق بىرمۇنچە تارىخىي پېرسوناجلارنىڭ ئوبرازى خېلىلا روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان ھالدا تارىخىي چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەن ئاساستا بەدئىي يول بىلەن يارىتىلغان بولۇپ، ئوقۇرمەننى گويا شۇ دەۋردىكى جاپالىق مۇھىت ئىچىدە ئەل قەھرىمانلىرى بىلەن جەڭگاھتا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئەمگەك مەيدانلىرىدا ھالال قان-تەر ئاققۇزۇش بىلەن بىللە، ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ئەل رەقىبلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. بىزگە سىر ئەمەسكى، دەل مانا مۇشۇنداق چىنلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك، تارىخقا ھۆرمەت قىلىنغان، قايىل قىلىش كۈچى زور بولغان بەدئىي ئەسەرلەر ئۇوقۇرمەننىڭ قەلبىنى شۇنداق ئەبەسدىيلىك لەرزىگە سالالايدۇ. چۈنى، «چىنلىق-ئەدەبىي ئەسەرنىڭ جېنى»دۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
روماندا تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش(بەدئىي كارتېنا)ئاپتور رومانىنىڭ كىرىش سۆزىدە يازغىنىدەك:«...ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسىغا جايلاشقان سەرىكۇي رايونىدىكى تاجىك مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان تارىخىي تەرەققىياتنىڭ نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، قارلىق چوققىدىكى يېشىل قارىغايدەك ياشىرىپ، باتۇر بۈركۈتتەك توختىماي پەرۋاز قىلىپ...»، قەيسەرلىكى، باتۇرلۇقى بىلەن قارلىق چوققىدىكى رەڭگى ئۆڭمەس قارىغايدەك پەزىلەت-خىسلىتى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى مىننەتسىز بېغىشلىغان كۆيۈمچان ئانىدەك مېھرىبانلىقى ۋە سېخىيلىقى بىلەن بۇ ئېگىزلىكتىكى خىلۋەت ماكاندا توغراقتەك چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كەلگەنلىكى، ھەردەم ئىنسانىي ئار-نومۇس ۋە ۋىجدان-غۇرۇرنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ مۇقەددەس تۇپرىقىنى جانبەدەل پىداكارلىق بىلەن قوغداپ، كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئاچكۆز كېڭەيمىچىلەرنىڭ قارىقىغا شوخا بولۇپ قادىلىپ، ئىسسىق قانلىرى بىلەن ئاجايىپ تەڭداشسىز قەھرىمانلىق داستانلىرىنى تاشقەلئە، مىرغاپ، تاغدۇمبۇش...لارنىڭ ئوتلۇق باغرىغا يېزىپ، تىللاردىن تىللارغا كۆچۈپ، دىللاردىن دىللارغا خاتېرىلىنىىپ، ئىپتىخارلىق ھايات ئابىدەسىنى تىكلىگەنلىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تارىخىي رېئاللىق ئىچىگە قويۇلغان ھالدا ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ، قەلبلەرنى بىردەم ئىزتىرابلىق تۇيغۇلارغا غەرق قىلسا، بىردەم پەخىرلىك ھېس-تۇيغۇلاردىن دەريا ياسايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)' q# R" T( v7 z% bھەرقانداق بىر قەھرىمان مىللەتنىڭ ياكى قەھرىماننىڭ جەڭگىۋار خاراكتېرى بىكاردىنلا ۋە سەۋەبسىزلا شەكىللىنىپ قالمايدۇ ھەم ئەل ئارا داستان بولمايدۇ. چۈنكى خەلقنى ئالدىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ(قەھرىمانلارنىڭ) مەۋجۇدلۇق تارىخى روھىنى ئازاب، ئىزتىراب، خورلۇق، يەكلىنىش، بوزەك قىلىنىش ۋە دەپسەندە قىلىنىش ئىلكىدە خۇددىي ئالتۇننى بوتىدا ھەم قۇيۇچنى ئوتتا تاۋلىغاندەك ئاستا-ئاستا مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىپ تاۋلاپ، ھاياتلىق سىناقلىرىدىن تەكرار-تەكرار ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەر تاجىك مىللىتى ۋە ئۇنىڭ قەھرىمان ئوغلانى بولغان قۇلچاققا ئوخشاش ئەزىمەتلەرنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۆلمەس ھەم مەڭگۈ ئۆڭمەس ھەقىقەتتۇركى، ھەرقانداق بىر مىللەت ۋە ئەل قەھرىمانىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشمكى ئانچە ئوڭاي ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا، تاجاۋۇزچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، جانپىدالىق كۆرسېتىپ، «ۋەتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى ئىسسىق قېنى، ئېزىز تېنى»...، مىڭ جېنى بىلەن قوغداپ كەلگەن بۇ  قەھرىمان تاجىك مىللىتى ۋە ئۇنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى قۇلچاقنىڭ روھىدىكى سەرىكۇي تاغلىرىدەك جاسارەت، تاشقەلئەدەك مۇستەھكەم  ئىرادە، يېشىل توغراقتەك ئاجايىپ چىدامچانلىق ۋە تىل ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بۇ ئىناقلىق قانداق پەيدا بولغان؟ ئەسلىدىكى قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش، مۇلايىم، رايىش، بۇلبۇلدەك كۈيخۇمار، ئۆز كۈنىگە شۈكرى قىلىدىغان، ھالال مېھنەتكە تايىنىپ ياشايدىغان، مېھماندوست، خايانەت ۋە جىنايەتتىن ئەبەدىيلىك يىراق، دىيانەت ۋە ئىنايەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم ئەيلىگەن، روھىي پاكىز، ئېتىقادى سۈزۈك، باتۇر، پىداكار، ۋەتەنپەرۋەر بۇ خەلق قانداق بولۇپ پامىر بۈركۈتىدەك قورقماس، تاغ يولۋىسىدەك شىجائەتلىك، جەڭ ئېتىدەك قىزىققان خاراكتېرىنى يېتىلدۈردى؟...تارىخ، ھەممىگە تارىخ شۇنداق ئادىل جاۋاب بېرىدۇكى، ئەلنىڭ چەكسىز غەزەپ-نەپرىتىگە دۇچار بولغان چىرىندى، تەييار تاپ، ئاچكۆز، مەينەت، بىرەھىم تاجاۋۇزچىلار قولىدا تۆمۈرنىڭمۇ سۇنۇقى بولمىغان، ئۆز كۈنىگە شۈكرى قىلىپ خۇشال ياشاۋاتقان، چىۋىنگىمۇ ئازاسى يوق بىر خەلقنىڭ ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ، بىھۇدىلا چەيلەيدىغاننى چەيلەپ، پەيلەيدىغاننى پەيلەپ، ئەيلەيدىغاننى ئەيلەپ، ئۆلتۈرىدىغاننى ئۆلتۈرۈپ، كۆيدۈرىدىغاننى كۆيدۈرۈپ، بۇلايدىغاننى بۇلاپ، بۇلغايدىغاننى بۇلغاپ، ئالدىغاننى ئېلىپ، ئالدايدىغاننى ئالداپ، ئوت قويۇپ، دەريا-دەريا قان ئاققۇزۇپ، زۇلۇمنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ، بىچارە خەلقنى كۈن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان بولغاچقا، بۇ خەلق ئۆز ۋەتىنىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغداپ، چۈپرەندىلەرنى دىيارىدىن قوغلاپ چىقارمىغۇچە مەڭگۈ ئەلگە ئاسايىشلىق بولمايدىغانلىقىنى ماھايىتىدىن تونۇپ يېتىپ، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» دەپ مەڭگۈ يېمىرىلمەس ئۇرۇش سېپى ھاسىل قىلىپ، گويا «يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە» ھەممەيلەن باغرى قان جەڭچىگە ئايلانغان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يەنە بىر نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، گەپنى ئاددىيلىق ئىچىدە ئۇدۇللا ئېيتىدىغان بولساق، بارچە قەدىمىي مىللەتلەردىكىگە ئوخشاش قەھرىمان، قەدىمىي، قەيسەر تاجىك مىللىتىدە ئاياللارنى بەكمۇ ئۇلۇغلايدىغان بىر ئۇدۇم ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار ئانىلارنى مىللەتنىڭ غۇرۇرى، ئىپتىخارى ۋە ئارزۇ-ئارمىنى دەپ ھېسابلايدۇ. « ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەر بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم ۋاستە. جۈمل؛ىدىن تاجىكلارمۇ ئېسىل ئۆرپ-ئادىتى كۈچلۈك مىللىي خاسلىقىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللەتتۇر. تاجىكلارنىڭ ئاياللارنى  ئۇلۇغلاش ئادىتىۈ بولسا پۈتۈن تاجىكلاردا تارىختىن بۇيان ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، بىر پۈتۈن دەستۇر سۈپىتىدە كىشىلەر قەلبىدە مۇقەددەس گۆھەرگە ئايلانغان ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە...»(ۋارىسجان ئاتاخان). (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ۋۇجۇدى بارلىق بارلىق ئىپلاسلىق ۋە رەزىللىكلەرنى مۇجەسسەملىگەن تاجاۋۇزچىلار بىر نەرسىسىنىڭ ھەققىي باردەك ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىيدىكى گۈزەك سەرىكۇي ۋادىسىغا قارا قولىنى سوزۇپ، بىھۇدە خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، مال-ۋارانلىرىنى بۇلاپ-تالاپ، قولىغا چىققاننى ئېلىپ، ئەلنىڭ تېرىسىنى شىلىۋېلىپ، ئۇنى ئاز دېگەندەك ئۇلارنىڭ غۇرۇرى-ۋىجدانى، ئېتىقاد-ئىمانى ۋە مەۋجۇدلۇقىنىڭ بەلگە-نىشانى بولغان ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، پەسكەش نىيىتىنى نامايان قىلمىغان بولسا،  ئۇزۇن مۇددەت بۇنچە كۆپ قام تۆكۈلۈشكە سەۋەبچى بولمىغان بولاتتى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىش ئالدى بىلەن قۇلچاقنىڭ ئانىسى ئاپتاپنىڭ بۇلىنىشى، دۆلەتشاھنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى قەھرىمانلىق جاسارىتى، توسقۇنسىز ئىرادىسى، ئەقىل-پاراسىتىگە كۆرە، بىرمۇنچە دۈشمەنلەرنى يەر چىشلىتىپ، ئايالى ئاپتاپ بىلەن يۇرتداشلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئەلنىڭ مال-چارۋىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگىنى بىلەن باشلىنىدۇ. كېيىنكى قېتىمدا قوقەننىڭ نايىپ خانى قارا يۈرەكلىك بىلەن بۇ ئەلۋەك زېمىنغا باستۇرۇپ كېلىپ، رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، بىرمۇنچە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. شۇ قاتاردا ئەمدىلا ئون بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قۇلچاقنىڭمۇ ئاتا-ئانىىسىنى كۆز ئالدىدىلا ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈپ، بارلىق بىساتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، چەكسىز چارۋا-مال، دەپئىي-دۇنياغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قۇلچاقنى ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇنى يەرلىك زالىم، قوقەننىڭ قول چوماقچىسى كېرەمبايغا قۇل ئورنىدا سېتىۋېتىدۇ. ۋەھشىي كېرەمباي ئىنساننىڭ ئار-نومۇسىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈپ، ھىدايەت ئىسىملىك بۇ ئەزىمەتكە «قۇلچاق» دېگەن لەنەتلىك ئىسىمنى «ھەدىيە» قىلىدۇ. گەرچە ھىدايەت چىن دىلىدىن قوبۇل قىلمىسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ باشقىلارنىڭ شۇنداق ئاتاۋېرىشى، ئۇنى ئادەم ئورنىدا كۆرمەسلىكى، قۇل قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ئاستا-ئاستا كۆنۈپمۇ قالىدۇ. چۈنكى ئۇن يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتمۇ بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ۋۇجۇدى چەكسىز  خورلۇق ئىچىدىكى ئىنتىقام بىلەن تولغان، قۇللۇق زەنجىر-كىشەنلىرى قول-پۇتىغا مەھكەم سېلىنغان ۋە پۈتۈنلەي نەزەربەند قىلىنىپ، ئىنسانىي ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان بىر ئادەم ئۈچۈن قىسقا- ئاز ۋاقىت ئەمەس، ئەلۋەتتە. نىھايەت، قۇلچاق تولغانئاي قاتارلىق ياخشى نىيەتلىك، خۇرلۇققا ئۇچرىغان، قەلبى ئېزىلگەن كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇ يەر-دەۋزەختىن قېچىپ، قۇللۇق ھاياتىنى ئەبەدىي ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەركىن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. بىراق، يۇرتداشلىرىدىن ئۆزىنى شۇنداق ئاتشنى تەلەپ –ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قۇللۇق تامغىسى بېسىلغان بۇ لەنەتلىك نامنى قوللىنىشنى خالايدۇ؟ ئېنىقكى، ئىنسان چىدۇغۇسىز قۇللۇقتا ئۆتكەن ھاياتىنى ئەبەدىي ئەستىن چىقارماي، ئەل-رەقىبلىرىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆز ئالدىدىن نېرى قىلماي، ھەردەم ئىنتىقام ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆز روھىدا ۋىجدان-غۇرۇرى بىلەن ياشاشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇلچاق ھەتتا ئاز جەڭچىلەر بىلەن ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، كۈچلۈك ۋە مۇنتىزىم جەڭ تەربىيەسى كۆرگەن دۈشمەنلەرنىڭ قاقشاتقۇچ ئەدىپىنى بېرىپ، ئۆسۈپ كەتكەن نۇخۇلىسىنى ئېلىپ، ۋەتەن-خەلقكە شەرەپ كەلتۈرۈپ، غەلىبە تەنتەنىسى ئىچىدە ھاكىم مەمەشاھنىڭ ھەسەتخۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئىناۋىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقىنىغا ئىچى تارلىق قىلىپ، قارا سۈركەپ، يەكەن ئامبىلىغا يالغان مەلۇمات يوللاپ، تۇخۇمغا تۈك ئۈندۈرۈپ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ، «ۋەتەن خائىنى» دېگەن بەدنام بىلەن زىندانغا تاشلىغاندىمۇ قىلچە بوشىشىپ كەتمەيدۇ، بەلكىي ھەقىقەتكە ئىشىنىدۇ. «ھەقىقەتنىڭ ئېگىلسىمۇ، سۇنماي»، ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. نەتىجىدە  ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ قاسارىتىگە تەھسىن ئېيتىشى بىلەن تۈرمىدىن چىقىپ، قەشقەر، يېڭىسار ئېگىلەپ بولغان قوقەن خانىنىڭ 25 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى پەقەت ۋە پەقەت 1000 كىشىلىك غەيرى بىرەسمىي «مەھبۇس ئەسكەر»لەر بىلەن تارىمار كەلتۈرۈپ، قوغلاپ يۈرۈپ، بىرىنىمۇ ساق قالدۇرماسلىقتەك نەتىجىلىك قەھرىمانانە ئىش-پائالىيىتى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ ئار-نومۇسىنى ئاقلاش يولىدىكى باتۇرلىقى ۋە ئەققىل-پاراسىتى بىلەن ئۆزىنىڭ يەنە پارلاق ھۆرلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 4-دەرىجىلىك چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمىلى بىلەن تارتۇقلىنىپ خوتەنگە بېرىپ، ھەق-ئادالەت بىلەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە يەنە ئانا دىيارى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى سەرىكۇينى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولىدىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن 300كىشىلىك قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماي، كىشىنىڭ زېمىنىدا گىدىيىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان، شاراب ئورنىغا ئەلنىڭ قېنىنى ئىچكەن، بىھۇدە ئالۋاڭ-ياساقنى بىھۇدىلا ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، ئۈستى-ئۈستىلەپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئەلنىڭ تېرىسىدە داپ كىيىپ، ئەل يىغلىسا توي بىلىپ، يۈرگەن سۇدۇربەگنى پاجىئەلىك مەغلۇپ قىلغانلىقىدەك قەھرىمانلىق داستانىنى پۈتىدۇ. شۇنداقلا كېيىنكى قېتىملىق جەڭدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئەمىلى بىلەن سەرىكۇينىڭ ھاكىمبېگى بولۇپ تۇرغاندا، گورگىك قاتارلىق تېگى پەس، خاراكتېرى ناچار، ئاسىي مۇناپىقلارنىڭ سۈيقەست پىلانلاپ، گۈلئايىمنى ئالداپ، گەپ يەتكۈزىشى، پىتنە-پاسات تارقىتىپ، «ئاپغانىستاندىن 2000بۇلاڭچى سەرىكۇيغا كېلىشىۋېتىپتۇ» دەپ خەلقنى ساراسىمىگە سېلىپ، قۇلچاقنى تىرىك تۇتۇپ، قوقەن خانىغا باش ئەگدۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا دۈشمەننىڭ سان جەھەتتىن كۆپلىكى، ئۇرۇش سېپىدىكى نامەردلىكى ۋە تەڭ كېلەلمەسلىكى سەۋەبلىك ئوق ئېتىپ، بېشىنى كېسىپ، ئېلىپ كېتىشى بىلەن بۇ تەڭسىز، شەپقەتسىز، ئادالەتسىز ئۇرۇش ئاخىرى تاماملىنىدۇ. گەرچە تاجاۋۇزچىلار ۋاقىتلىق غەلىبە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قارا قەلبىدە ھېچ بولمىغاندا بىراۋنىڭ يېرىنى بىھۇدە ئىگىلەپ، غۇرۇرىغا چاقچاق قىلساڭ، ئاقىبەت ئۆزۈڭ ھېسابلاپ بولالمايدىغان بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولغاندىن سىرت، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۈلكىسىگە قېلىپ، غەزەپ-نەپرىتىگە دۇچار بولىسەن، دىلىڭدا ئۆچمەس داغ قالىدۇ...» دېگەن ھەقىقەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. قىسقىسى، قۇلچاق، دۆلەتشاھ، كۇيپەرى، غولامجان...قاتارلىق ئەل قەھرىمانلىرىنىڭ «ھاياتى ئۇلۇغ، ئۆلۈمى شەرەپلىك» (ماۋزېدۇڭ) بولۇپ، ئۇلارنىڭ روھىدىكى ۋەتەن-ئەل، مىللەتكە بولغان ئۆچمەس ساداقەت، يېمىرىلمەس روھ، پاك ئېتىقاد، سۇنماس ئىرادە، قۇياش نۇرىدەك پاكىز ۋىجدان-غۇرۇر، ئاز كۆرۈلىدىغان قۇربان بېرىش روھى ۋە مەردلىك ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە بىر بۈيۈك مەشئەلگە ئايلاندى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇندىن باشقا تاجىك خەلقىنىڭ جەڭ تارىخىغا بېغىشلانغان بىردىن-بىر بۇ يىرىك بەدئىي ئەسەر تىل جەھەتتىمۇ خېلىلا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ روماننىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئاپتور رومدانىدا ئۇيغۇر تىلىنىىڭ ئەڭ مەنىدار، گۈزەل، جىلۋىدار، يېنىك، ئاممىباب تىل ئەۋرىشكىلىرىنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆز پېرسوناجلىرىنىڭ روھىنى ئېچىپ بېرىشكە ۋە ئاللابۇرۇنلا ئۇنتۇلغان ئىنتايىن مۇھىم بىر تارىخىي يىلتىزنى قېزىپ چىقىشقا ۋە قۇلچاقتىن ئىبارەت تەڭداشسىز قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى تارىخىي چىنلىق ئىلكىدە يورۇتۇپ بېرىشكە ئاساس سالغان.
(http://bbs.oylirim.cn), M" F( p8 ?- _7 J1 V, I: tرومانغا ئەستايىدىللىق بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، دەماللىققا «يەزىت، لەئىن، باغلاتقۇ، مۇزىقاپ، شاۋگۇن باھار(نەۋرۇز)، پۈتۈكلىدى، تاجىمەلىك، كەشەگە، بىر چاناق قېتىق، قۇب(ئاتنىڭ مىجەزىنى تەڭشەش)قىلىش، دەستىگىر، توۋرا(ئاتقا ئوزۇق بېرىدىغان خالتا-نەرسە)، ھەمخاكىم، جامائەتخانا، قەدەمگاھ، گەجگىسىدە كۆزى بار...» قاتارلىق نىسبەتەن يېڭى سۆز ۋە سۆز بېرىكمىلىرىنى ئۇچرىتىش بىلەن بىللە يەنە «بارا-بارا يېتىل، كۈندىن-كۈنگە تېتىل، ئوغرى ئوغرىلىق قىلسا پادىشاھ سورار، پادىشاھ ئوغرىلىق قىلسا، كىم سورار، ئاسمانغا تاش ئاتساڭ، بېشىڭغا چۈشىدۇ، توختىمايدىغان يامغۇر، كۆيمەيدىغان  ئوتۇن يوق، تۈلكلىگە كېلىشمەسلىك كەلسە، ؟ۇۋىسىدا قاۋايدۇ، نەپسىڭ يامان بولسا، بېشىڭ ئامان بولماس، باشتا ئەقىل بولمىسا، جان ئازابتا، ئىشنى قىلىمىز پەم بىلەن، چاينى ئىچىمىز تەم بىلەن، ئىتنىڭ يارامسىزلىقىدىن تۈلكە ئۆگزىگە چىقىپتۇ، ئۆستەڭ يارىغىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال...» قاتارلىق ماقال-تەمسىللەر جايى-جايىدا قوللىنىلىپ، «گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەن»دەك تىل پاساھىتىنى ئاشۇرۇپ، مەنىدارلىققا ئىگە قىلىشتا، شۇنداقلا شۇ تىل ئېگىسى بولغان پېرسوناجلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئېچىپ بېرىشتە ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قەلەم تۇلپارىنى ھەردەم چاپچىتىپ تاۋلاۋاتقان  ساھىبى قەلەم ئېگىسى روزى گۈلباي ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئەڭ سەرخىللىرىنى رومانىدا ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئالاھىدە بەدئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن:« دەۋلەتشاھنىڭ چوققىسىدىن كىرگەن ئوت تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى، كۈمۈش لېنتىدەك دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدۇ، دەۋلەتشاھنىڭ كۆڭلى تاشقا تەگكەن  چىنىدەك پارە-پارە بولۇپ كەتتى، كۆككە بوي سوزغان پىيازنىڭ پوستىدەك قاتمۇ-قات كۆرۈنىدىغان تاغلار بۇ زېمىنغا باشقىچە تۈس كىرگۈزگەن بولۇپ، تاغ چوققىلىرى قۇياش نۇرىدا گويا سانجاق-سانجاق نەيزە ئۇچلىرىدەك ۋالىلداپ تۇرىدۇ، ئۇزۇن ئەگىمە كىرپىكى سۇغا چىلىنىپ كەتكەن قىياقتەك نەملەشتى، ئوتلۇق قۇياش تاغ كەينىدىن ئۇياتچان قىزدەك قىزارغان پېتى چىقىپ كەلدى، ئۇنىڭ دەستە-دەستە نۇر تالالىرى ئەتراپقا تەكشى سېپىلمەكتە ئىدى، مۈڭگۈزى قىلىچتەك ھەيۋەتلىك تۇرغان بۇ جانىۋار...شاپتۇل شۆپۈكىدەك نېپىز لەۋلىرى، ئۇنىڭ قورقۇۋاتقانلىقى قارىقاتتەك كۆزلىرىدىن ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى، بەش بارماقنىڭ ئىزى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك شۇنداق ئېنىق كۆرۈندى، ئاپتاپ زوراۋانلار قولىدا توزاققا چۈشكەن كەكلىكتەك تىپىرلاايتتى،  يۈزلىرى چەيلەپ تاشلىغان گۈلدەك...،  ئۇ يارىلانغان شىردەك ئۆزىنى قوپيىدىغان يەر تاپالماي قالدى...» دېمەك، بۇ تۈردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر روماندا ناھايىتى كۆپ قوللىنىلغان بولۇپ، بۇمۇ يازغۇچىنىڭ بەدئىي دىتىنىڭ پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسېتىپ بېرىدىغان مۇھىم تەرەپتۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)) `2 [& P2 o0 j; V# X  s5 _قىسقىسى، ئاتاقلىق تاجىك  ئەدىبى روزى گۈلباي ئەپەندىنىڭ بۇ رومانى ئەسەر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تارىخىي  چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بەدئىي چىنلىقنى يورۇتۇپ بېرىش، پېرسوناجلارنىڭ ئوبرازىنى خاس ھالدا يارىتىش ۋە يارقىنلىققا ئىگە قىلىش، تىلدىكى خاسلىققا ئېتىبار بېرىش، بەدئىي ۋاستىقلەردىن پايدىلىنىش ۋە قەدىمىي تاجىك خەلقىنىڭ ياشاش شارائىتى، تائام مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، قىسمەن تىل ئالاھىدىلىكى(چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان) ۋە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىش جەھەتتە ھەم ئىجادىيلىققا ئىگە بولغان، ھەم ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن تارىخىي رومان بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تاجىك خەلقى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەرىكۇي تاجىكلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ۋە نامايان قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەدەنىيەت ئوقۇشلۇقىدۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
گەرچە بۇ تارىخىي رومان يۇىرىقى تەرەپلەردە شۇنچىلىك ئۇتۇققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، گويا ئاينىڭ دېغى، سۇنىڭ قۇمى ۋە قوغۇنلۇقنىڭ شۇمبۇيىسى بولغاندەك ئاز-تولا يېتەرسىزلىكلەردىنمۇ خالىي بولالمىغان بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن يەنىلا تىلغا بېرىپ تاقىلىدىغان نازۇك مەسىلىدۇر:« چىغىلدايدىغان-بۇ سۆز جىغىلدايدىغان دېيىلىشى كېرەك ئىدى)، دەۋلەتشاھ-گەرچە ئېغىزتىلىدا شۇنداق ئېيتىلسىمۇ، يازمىدا ‹دۆلەتشاھ› دېيىلىشى، ‹يەرگە ئۇرۇق سېلىنسىمۇ، چېچىلسىمۇ› بولىدۇ، لېكىن ‹ چېچىش› بىرئاز مۇۋاپىق، چۈنكى تاغدىكى  تاجىكلار ئاساسەن ‹ئۇرۇق سالىدىغان›غا كېۋەز تېرىمايدۇ، شۇڭا ‹چېچىش› دەپ ئېلىش كېرەك. ئەسەردە بۇ سۆز بىر يەردىلا ئىككى خىل ئېلىنىپ قالغان. ‹ئەكېلەتتى» دېگەن سۆز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، گگرچە پېرسوناج تىلىدا شۇنداق يېزىلسىمۇ، ئاپتور تىلىدا ‹ئېلىپ كېلەتتى› دەپ، ‹بوپتۇ› سۆزى ‹بولۇپتۇ› دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. بۇندىن باشقا ‹بوپتۇ، سىلەرنى بىر قېتىم رەھىم قىلدىم، ئىنىس-جىن  ئۇقمىسۇن، بولمىسا ھەممىمىز بالادا قالىمىز› دېگەن جۈملىدىكى ‹سىلەرنى، بالادا› دېگەن سۆزلەر ‹سىلەرگە، بالاغا› دەپ يېزىلسا، جۈملە راۋان بولۇپلا قالماي، مەزمۇنىغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ ۋە تىل ئىشلىتىش ئادىتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ روماندا ئوقۇرمەننىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ قويىدىغان تەرەپلەردىن بىرى شۇكى، قۇلچاق دەسلەپ 40 نەپەر جەڭچى بىلەن 300نەپەردەك توپىلاڭچى قوشۇننى بىردەمدىلا تىرە-پىرەن قىلىدۇ، ئۆزى يالغۇزلا بېرىپ، بىرمۇنچە قاراقچىلارنى ئاسانلا يەر چىشلىتىدۇ، 1000نەپەر (جەڭگاھ تەربىيەسى كۆرمىگەن جەڭ ماھارىتى بويىچە مەخسۇس مەشىقلەنمىگەن) «مەھبۇس قوشۇن» بىلەن تۇيۇقسىزلا جەڭگە كىرىپ، قوقەن خانلىقىنىڭ مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن 25000كىشىلىك قوشۇنىنى ھەمساتتا تارىمار قىلىدۇ. 200كىشىلىك شۇ قوشۇن بىلەن سۇدۇربەگنىڭ 500كىشىلىك قوشۇنىنى يېڭىۋالىدۇ. ئاخرىدا قوقەن خانلىقىنىڭ 3000كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئېلىشىپ، بىر ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمانغا خاس روھىي سالاپەت بىلەن باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ. ھەممىمىزگە ئېنىقكى، 25000كىشىلىك تەربىيە كۆرگەن قوشۇن دېگەننىڭ ھەربىي كۈچىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇلچاقنىڭ «مەھبۇس ئەسكەر»لىرىگە قارىغاندا ناھايىتى خىل ھەم كۈچلۈك، «مەھبۇس ئەسكەر»لەرگە تۈرمىدە تۈزۈكرەكمۇ قۇۋۋەتلىك تاماق بەرمەيدۇ، شۇڭا ئۇلاردا جەڭگە كىرگىدەك كۈچ-قۇدرەت ئۇنچىۋالا زور بولۇپ كەتمەيدۇ، تەرتىپمۇ قالايمىقان، چۈنكى بىر كۈنمۇ تەربىيە كۆرمىگەن-دە! يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ناھەق ھالدا جازالانغان بولغاچقا، ھۆكۈمەتكە قارشى...ھەر بىر ئەسكەر ئوخشىمىغان خىيالدا تۇرسا، قانداقمۇ شۇنچە زور قوشۇننى بەربات قىلغۇدەك جەڭ قىلالىسۇن؟ ئۇرۇش مەيدانى يېڭىسار بىلەن يەكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېمىتنىڭ سېيى بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقتىدىمۇ ۋە ھازىرمۇ چەكسىز تۈزلەڭلىك، يوشۇرۇنۇش، مۇداپىئەلىنىش ئىمكانىيىتى پەقەتلا يوق دېيەرلىك، يەر شارائىتىنى پىششىق بىلىدىغان ياكى پەقەتلا بىلمەيدىغان قوشۇن ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. جەڭ قورالىدىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاساسەن نەيزە-قىلىچ، ئاز ساندا كۆسەي مىلتىق(بەلكىم ئۇنچىلىكمۇ يوقتۇ)، ئوقيا بولۇشىمۇ ھەم مۈمكىن...ئەجىبا شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان دۈشمەننى قانداق قىلىپ شۇنچە ئاسانلا يېڭىپ چىققىلى-ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا ۋاقىتتا، ئانچە كۈچىمەيلا(تازا ئېنىق تەسۋېرلەنگەن جەڭ ،ەيدانى يوق) مەغلۇپ قىلغىلى بولسۇن؟ دۆلەتشاھنىڭ ئاپتاپنى قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىمۇ بىر خىل ئاددىي ېيزىلغان بولۇپ، سۈنئىيدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. چۈنكى، قاراقچى دېگەنلەر جېنىدىن تويغان تەلۋىلەر بولۇپ، گەرچە قورالىدىن بىمەھەل ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، پىچاق-كالتەكلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ، ئالدىراپ بوي بەرمەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرى...ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتشاھنىڭ يۇرتداشلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ ئۇنداق پىشقان پىشقان مەرگەن ئەمەس، قولىغا قورالنى ئېلىپلا رەقىبىنىڭ نەق يۈرىكىگىلا تەگكۈزىدىغان! يەنە بىرى جەڭ تاكتىكىلىر، جەڭگاھ كۆرۈنۈشى ۋە ئۇرۇش ئەمەلىيىتى خۇددىي بىر خىل يېزىلىپ قالغاندەكلا تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن...دېمەك، ئومۇمەن جەڭگاھ ناھايىتى ئاددىي يېزىلىپ قالغان بولۇپ، قۇلچاقنىڭ كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن قانداق غەلىبە قىلغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئوخشىنايدىغان ۋەقە-تەپسىلاتلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ئەلۋەتتە، دۈشمەنمۇ ناھايىتى تەلۋە، ھىيلىگەر، قورقماس قىلىپ يارىتىلسا، قارشى تەرەپتىكى قەھرىماننىڭ خاراكتېرىنى روشەن ئېچىپ بېرىشتىمۇ مۇئەييەن پايدىلىق رول ئوينايتتى. ئەمدى بۇ تەسۋىرلەرگە قاراپ باقايلى:«...ھىدايەت كۇيپەرىنىڭ گۈلىنى ئالغاندا، پۈتۈن ۋۇجۇدى خۇددىي بىر ئوتنى تۇتۇۋالغاندەك ۋىللىدە قىزىدى. ئۇ ئۆزىدە بۇنداق نازۇك سېزىمنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغانىدى...». دەل مۇشۇ چاغدا ھىدايەت ئەمدىلا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاممىۋىي سورۇندا گل تۇتقان بىر قىزغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇشۇنداق بالاغەتلىك سېز‍ىمنىڭ  ئويغىنىشى مۈمكىنمۇ؟ فىزولوگىيەلىك ئىلىم نۇقتىسىدىنمۇ تېخى بۇنداق سېزىمنىڭ زاھىرلىنىشىغا  سەل بالددۇرلۇق قىلىدۇ، خالاس. شۇنىمۇ دەپ قويماي بولمايدۇكى، ئۇلارنىڭ گويا «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە»، «فەرھاد-شېرىن» ۋە «لەيلى-مەجنۇن» يەڭلىغ بىر سورۇندا بىر كۇبلېتتىن ئوقۇشۇپ كەتكەن ناخشىلىرىمۇ سۈنئىيلىكتىن خالىي بولالمىغان ھەم «-بۇ يەردە ھەممىمىز بالىلار تۇرساق، تارتىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، قېنى باشلاڭلار!-دېدى يەنە بىرى»...ئەجىبا، ئۇلار چوڭلار، ئاتا-ئانىلىرى ۋە باشقىلار شۇنچە ززورلىسىمۇ ناخشا ئېيتىشمىغانىدى، قانداق بولۇپ «بىرسى»نىڭ «بۇيرۇقى»غا بويسۇنۇپ بىراقلا «لىرىك ناخشا» ئېيتىشقا جۈرئەت قىلىپ قالدى؟ ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەسۋىردە:«...كىشىلەر ناخشا ئاۋازىدىن (ناخشىنىڭ ئاۋازى بولمايدۇ، ئادەمنىڭ بولىدۇ،  ناخشىنىڭ ساداسى بولىدۇ) مەستخۇش بولۇپ، ئېغىزى ئېچىلىپلا قالدى...-ئاپىرىن، بالىلار! سىلەرنىڭ بۇ ناخشاڭلار ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالغان ئايەم ناخشىسى بولۇپ قالدى!-دېدى مىراببەگ...» قاراڭ، « بۇ يەردە ھەممىمىز بالىلار تۇرساق...» دېگەن ئىدىغۇ؟ ئەسلىدە چوڭلارمۇ بار سەھنە ئىكەنغۇ؟ تىلدىكى بۇنداق مۇجىمەللىكلەر ۋە قارىمۇ-قارشىلىقلار ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە! شۇنچىلىك تۈجۈپىلەپ يېزىلغان بۇ روماننىڭ يەنە بىر نۇقسانى شۇكى، ئاپتور ھەرقانداق بىر قىز-ئايالنىڭ كۆزىنى تەسۋىرلىگەندە ناھايىتى كۆپ قېتىم « تىنىق بۇلاق»قا ئوخشىتىش بىلەن بىللە كۆپ قېتىم تەكرارلاپلا قالماستىن، بەلكىي يەنە « ھاۋا شۇنداق ئوچۇق بولۇپ، ئاسماندا ئالىقانچىلىكمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى...بۇلاڭچىلار بىر قانچە يەرگە ئوت ياققان بولۇپ، ئوت يالقۇنى ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەنىدى...كەنتنىڭ يېنىدىن ئېقىپ تۇرغان سەرىكۇي دەرياسىنىڭ سۈيى تارتىلغان بولۇپ، سۈزۈكلىكىكدىن تېگىدىكى تاشلارنى، بەخىرامان ئۈزۈپ ئويناۋاتقان پامىر بېلىقلىرىمنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى... (بۇ تەسۋىر ياشار كامالنىڭ ‹مەمەت ئاۋاق› رومانىدىكى‹سۇدىكى كىتابلارنى ئوقۇغىلى بولاتتى› دېگەن تەسۋىرىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ تېخى! »  قاتارلىق تەسۋىرلەر ئوخشاش ھالدا خېلى كۆپ يەرلەردە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويىدۇ. يەنە كىچىك بىر نۇقتا شۇكى، ئەسەردىكى پېرسوناجلار  گاھىدا بىر-بىرىنى «سەن»لەشسە، گاھىدا «سىز»لىشىدۇ، (370-، 389-بەتلەردە...) بۇمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلىشى كېرەك. چۈنكى، ھەر بىر مىللەتنىڭ چوڭ-كىچىكلەرنى نام-ئەمەلىي ئاتاش ئادەتلىرى بار-دە! (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىسقىسى، بۇ تارىخىي روماننى نىسبەتەن ئۇتۇقلۇق چىققان رومان دەپ قاراپ، ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن شادمەن. ئاخىرىدا تاجىك  ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بۇ تۇنجى تارىخىي رومان ھەققىدە ھەممەيلەننىڭ ئىزدىنىپ بېقىشىنى ھەمدە يەنىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يغۈرگۈزۈپ، تەتقىق قىلىپ بېقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن!
(http://bbs.oylirim.cn)5 V. ~" C3 K) P0 C5 j: T) \

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 00:05 , Processed in 2.489226 second(s), 35 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش