ئەڭ ياخشى مۇئەللىم (ھىكايە)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىلگىرى بىرى ماڭا ئەڭ ياخشى بىر مۇئەللىمنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، كېيىن بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئاتىنىڭ پاراسىتى ۋە ئادىمىيلىكىگە قول قويغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ دوستۇم قايسى بىر ناھىيەدە 38 يىل ئوقۇتقۇچى بولغان، ئوقۇغۇچىلارغا شۇنچىلىك كۆيۈنىدىغان، ئۇلارغا مېھىر- مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇئەللىم ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)* C. I0 j& t( T3 h3 o5 u9 U- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا،- دەپ باشلىغانىدى ئۇ ھېكايىسىنى،- بىر يىلى قىش بەك سوغۇق كەلدى. بىر كۈنى ئۆيمۇ- ئۆي يۈرۈپ ناخشا ئېيتىپ جان باقىدىغان بىر جۈپ ئانا- بالا قورۇيىمىزغا كىردى. ئانىسى چالغۇدا مۇڭلۇق مۇزىكا چېلىۋىدى، قىزى خۇددى قۇشلاردەك قوللىرىنى كېرىپ لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى، سىرتتا قار خۇددى چاچقۇدەك تۆكۈلمەكتە ئىدى، مەن بولسام ئانام تەييارلاپ بەرگەن يېمەكلىكنى يېگەچ ئۇسسۇل كۆرۈۋاتاتتىم. مۇزىكا ئاخىرلاشتى، مەن يېرىمىنى يەپ بولغان يېمەكلىكنى خالتىسى بىلەن ئۇ قىزغا سۇندۇم. بۇ چاغدا ھويلىدا كالىلارغا ئوت سېلىۋاتقان ئاتام يۈگۈرۈپ كېلىپ كاچىتىمغا بىرنى سېلىۋىدى، بېشىم پىررىدە قېيىپ قارلىق يەرگە پالاققىدە يىقىلدىم. قورقۇپ كەتكەن ئانا- بالىمۇ دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئاتام دەرھال ئۇلارغا ئېگىلىپ:
(http://bbs.oylirim.cn)! h( h! d* M# b-قانداق قىلسام سىلەردىن ھەقىقىي كەچۈرۈم سورىيالايدىغانلىقىمنى بىلەلمەي قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئوغلۇم ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئەدەپسىزلىك قىلىپ، ئۆزى يېرىمىنى يەپ بولغان نەرسىنى سىلەرگە سۇندى،- دېدى، ئاندىن مېنى دەرھال ئۇلاردىن ئەپۇ سوراشقا بۇيرۇدى.
(http://bbs.oylirim.cn) \5 h7 p/ C/ E# Z$ @$ ?ئاتام ئۇلارغا خېلى كۆپ ئوزۇق- تۈلۈك بەرگەندىن باشقا، ئۇ قىزغا يەنە ئانام تەييارلىغان ئۇششاق يېمەكلىكنى قاچىلاپ سوۋغا قىلدى. بىراق ئۇ يىغلاۋاتقان ماڭا قاراپمۇ قويماي، چۆپنى يەپ تويغان كالىنى يېتىلەپ ئېتىزغا چىقىپ كەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئاتام ماڭا ئەنە شۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن جاھاندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغانىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)1 R( H8 ?( Z) ?$ J' ^8 z: Lئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، چوڭ بولۇپ ئۆيلۈك- ئوچاقلىق بولدۇم، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھەممىگە تونۇلغان لاياقەتلىك ئادەم بولدۇم. بىراق ئاتامنىڭ شۇ قېتىمقى تەربىيەسى يادىمدىن زادىلا چىقمىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىشقا تېگىشلىك ياخشى مۇئەللىم مەن ئەمەس، ئەسلىدە ئاشۇ ھەر قانداق تەربىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جانلىق ئېلىپ بارىدىغان ئاتام ئىكەن.