ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 532|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خەن خەننىڭ بەيدۇ CEO سى لى يەنخۇنغا يازغان خېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەن خەننىڭ بەيدۇ CEO سى لى يەنخۇنغا يازغان خېتى
(http://bbs.oylirim.cn)% m1 d, v; M0 F. M
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەھرىر ئىلاۋىسى: خەن خەن 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شاڭخەينىڭ جىن شەندە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ جۇڭگو كەسپىي كۈچ تارتىش مۇسابىقىسى ۋە مەيدان مۇسابىقىسى ئاپتومۇبىل ماھىرى ھەمدە يازغۇچى، «يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتىش ئۆمىكى» نىڭ باش مۇھەرىرى، ئۇ يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ 1998-يىلى «يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى» ماقالە يېزىش مۇسابىقسىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 1999-يىلى 3-ئايدا يېزىقا كىرىشكەن رومانى «ئۈچ قات ئىشىك» نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، 900 مىڭدىن كۆپ بېسىلغان. ئۇ ھازىر شاڭخەي داجوڭ 333 ماشىنا ئەتىرىتىنىڭ كەسپىي ماشىنا ماھىرى، ئۇ 2004-يىلى ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى «يەرشارىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 شەخىس» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يېقىندا، خەنخەن بلوگىنىڭ بلوگگېرى خەنخەن بەيدۇ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى يەنخۇڭغا بىر پارچە خەت يازغان بولۇپ، بۇ خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
(http://bbs.oylirim.cn), E: i* p# g2 n2 U4 o" l( {# gياخشىمۇ سىز، لى يەنخۇڭ ئەپەندىم؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ئالدىنقى ھەپتە نەشرىياتتىكى دوستۇم شېن خاۋ بۇ ئەپەندىم بىلەن گۇاڭدۇڭدىكى قەغەز زاۋۇتىغا بېرىپ، ئاللىبۇرۇن بېسىلىپ بولغان خەت سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان «يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتىش ئۆمىكى»نىڭ ئىككىنچى قىسىمنى ئۈچ يۈز توننىدىن ئارتۇق كېرەكسىز قەغەز ۋە سانائەت ئەخلەتلىرى بىلەن خىمىيىلىك قويۇلدۇرۇش ئوچىقىغا تاشلىدۇق. نەچچە مىليونلۇق زىيان سىز ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ئەمما بۇ ئىشى بىلەن بىر نەشرىيات شىركىتى بىر يىل بىكار ئىشلىگەن بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى خىلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەشرىيات شىركىتى ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)) `, T) e" l$ T7 v+ ~بۇ كەسىپ نەقەدەر بىچارىلىشىپ كەتكەن، ھە! نەچچە يۈزدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بىر شىركەتنىڭ يىللىق پايدىسى دېڭىز ساھىلىدىكى بىر مېھمانخانىغىمۇ يەتمىسە، ھەمدە، كۆزنى ئېچىپ-يۇمغۇچە «قارا نىيەت كىتابپۇرۇش» دېگەن يامان ئاتاققا قالسا... ئەمما، شېن خاۋ بۇ ناھايىتى خۇشال، چۈنكى ئۇنىڭ بەيدۇ بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ ئاخىرى كۆزى يورۇدى. بەيدۇ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، بەيدۇ مەجمۇئەسى ئىشى ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. لى چېڭ پېڭ، مۇ رۇڭ شۆ سۈن، لۇ جىن بۇ، پېڭ خاۋ شىياڭ قاتارلىق مەدەنىيەت كەسپى ساھەسىدە ناھايىتى بازارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپلىرى، رېژىسسور ۋە نەشرىيات سودىگەرلىرى ناھايىتى ھاياجان بىلەن نەچچە كەچتىلا تۈرلۈك ماتېرىياللارنى تەييار قىلدۇق.
(http://bbs.oylirim.cn)' P2 E. p) ?1 ^! u1 }' Uتۈنۈگۈن سۆھبەت باشلانغانلىقى ئۈچۈن، سىز بىز بىلەن سۆھبەتلەشكىلى بىر نەچچە نەپەر ئەتىۋارلىق ئوتتۇرا قاتلام خادىملىرىڭىزنى ئەۋەتتىڭىز. ئۇلار باشتىن ئاخىرى بەيدۇ مەجمۇئەسىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىقىنى تەن ئالمىدى. دېمەك، سىلەر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كونا-يېڭى بولۇپ 2 مىليون 790 مىڭ نۇسخا ھۆججەتنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇڭلار. سىلەر بۇ يەر بىر سۇپا، مېنىڭچە بىز ئۇنىڭ سۇپا ياكى سۇپا ئەمەسلىكىنى مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولىدۇ، بىزنىڭ مۇنازىرە قىلىدىغىنىمىز ھوقۇققا دەخلى قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىدۇر. ئەمەلىيەتتە، ئىشنىڭ قانداقلىقى ئۆزىڭىزگە ئايان. سىز ئامېرىكىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان، سىزنىڭ ئايالىڭىز ۋە قىزىڭىز ھازىرمۇ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتىدۇ، سىز ئەگەر بەيدۇ «بەيدۇ ئامېرىكا ئىزدەش ماتورى» نى ئاچسا، ئۇنىڭدىن كېيىن سىز ئامېرىكىدىكى بارلىق يازغۇچى ۋە مۇزىكانتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەيدۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەقسىز بەھرىلىنىش سۇپىسىغا قويۇشتەك مۇشۇنداق بىر نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىسىز. ئەمما سىز ئۇنداق قىلمايسىز، چۈنكى سىز ئامېرىكىلىقلار بىلەن سۇپا دېگەن نېمە دەپ مۇنازىرىلىشىپ ئولتۇرمايسىز، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا،«بۇلارنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ھەممىنى تورداشلار قىلغان، بۇ ئالاقە تورىنىڭ روھىدۇر» دېيىشىڭىز مۇمكىن.چۈنكى سىز بۇ ئىشلارنى جۇڭگودا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز، سىز يەنە كىمنى بوزەك قىلىشنى، كىمنى بوزەك قىلماسلىقنىمۇ بىلىسىز، سىز «بەيدۇ كىنوخانىسى» نى قۇرماي تۇرۇپمۇ، ھەممە كىشىنى بەيدۇدىن ئەڭ يېڭى كىنولارنى بەھرىمەن قىلالايسىز.
(http://bbs.oylirim.cn)8 k! J8 v2 ~0 Iسىز نەشر قىلىش كەسپىنى تازا چۈشىنىپ كەتمىسىڭىز كېرەك، مەن سىزگە ئاددىيغىنا چۈشەندۈرۈپ قوياي، 1999-يىلى يەنە بۇندىن 20 يىللار بۇرۇن مەن بىر پارچە كىتابىمنى 18 سومدىن ساتقانىدىم، 2011-يىلى بىر پارچە كىتابىمنىڭ باھاسى 25 سوم بولدى، تېخى نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەر ماڭا «كىتابىڭنىڭ باھاسى نېمە دېگەن قىممەت!» دەپ ۋايساشتى. سىز بۇ 20 يىل ئارىلىقىدا قەغەز، ئادەم كۈچى ۋە باشقا نەرسىلەر باھاسىنىڭ نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلىسىز، ئەمما مۇشۇ 20 يىلدا نەشرىيات كىتاب باھاسىنى ئۆرلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ «قارا نىيەت كىتاببۇرچ» دەپ تىللىشىدىن قورقتى. شۇنىڭغا قارىغاندا مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يۈزى ناھايىتى نېپىز بولسا كېرەك!...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىر پارچە 25 يۈەنلىك كىتاب ئۈچۈن ئاپتور مۇشۇ باھانىڭ %80 تىنى باجقا تاپشۇرىدۇ، دېمەك ئۇ بىر پارچە 25 سوملۇق كىتابتىن 2 سوم تاپالايدۇ. ئەگەر بىر كىتاب ئىككى تۈمەن پارچە بېسىلسا ھەمدە ئۇ ناھايىتى بازارلىق كىتاب بولسا، ئۇ كىتاب ئىككى يىلدا يېزىلسا، ئاشۇ بىر كىتاب يازغۇچىغا 3 تۈمەن 400 سوم تېپىپ بېرىدۇ، دېگەن گەپ. شۇنداق بولغاندا، ئۇ كىتاب بىر يىلدا 1 تۈمەن 700 سوم تاپالايدۇ. ئەگەر ئۇ يازغۇچى پەقەت كىتابلا يېزىپ، ئاش-تاماق يېمەي 100 يىل ياشىغاندىن كېيىن، ئاندىن چوڭ شەھەردىن ئىككى ئېغىز ئۆي سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر بىر پارچە كىتاب 10 سومدىن سېتىلدى، دېسەك، ئۇ ھالدا يازغۇچى بىر ، نەشرىيات بىر سومغا، كىتابخانا بەش سومغا ئېرىكەن بولىدۇ، قالغان ئىككى سوم بېسىش ۋە قەغەز دېگەندەكلەرگە كېتىدۇ. ھازىر ئىمزا قويۇپ كىتاب ساتىدىغان يازغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قاتناش قورالى ئايروپىلان، ئەمما مەن خىلىدىن بېلى بۇنداق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرمىدىم. 2004-يىلىدىن بۇرۇنلا مەن بازارلىق كىتاب يازغۇچىسىغا ئايلىنىپ بولغانىدىم. ئەمما مەن 300 سومدىن يۇقىرى ياتاقلاردا يېتىپ باقمىدىم، بەزىدە نەشرىياتتىكى دوستلىرىمنى ئايرودرومدا ساقلىغاننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، مەن ئايروپىلانغا يېقىن يولاپ باقمىدىم. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، بۇ كەسىپتە موھتاجلىق تولىمۇ كۆپ ئىكەن. سىلەر نەچچە يۈز مىليون خەجلەپلا شەخسىي ئايروپىلان سېتىۋېلىپ، مەخسۇس خادىم ياللىيالايسىلەر، ئەمما بىز ئولتۇرغىلى كايۇتا (يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ بۆلمىسى)مۇ تاپالمايۋاتىمىز، بىز سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارغا كۆز قىزارتمايمىز، بىزنىڭچە سىلەر شۇنچە باي تۇرۇپمۇ نېمىشقا ئازراق پۇل تۆلەپ، نەشر ھوقۇقىنى سېتىۋالماي، بىزنىڭ مىڭ بىر جاپادا روياپقا چىقارغان ئەسەرلىرىمىزنىڭ نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىپ، ھەقسىز بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىۋالىسىلەر؟ ناخشىلار ئويۇن قويۇپ پۇل تاپالايدۇ، ئەمما بىز يازغۇچىلار پۇل تېپىش ئۈچۈن نەشرىياتقا تايىنىشىمىز كېرەك. ھازىر ئەنئەنىۋى نەشرىياتلار زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، نەشرىياتلاردىمۇ ئۆزگىرىش كۆپ بولدى، ئەمما، كەلگۈسىدە بۇلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولىدۇ، تېخنىكا سىغىمچانلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ، ھازىر كىتاب بار، بەلكىم كەلگۈسىدە بۇنىڭ ئورنىنى باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق نەرسە ئېلىش مۇمكىن، ئەمما نەشر ھوقۇقى مەڭگۈ يوقالمايدۇ. مېنىڭ بۇلارنى دېگىنىم ھەرگىز سىلەرگە دەردىمنى تۆكۈۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەمما جۇڭگودا ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بولمىغان بىرمۇ كەسىپنىڭ روناق تاپقىنى يوق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بەيدۇ مەجمۇئەسىنى تاقىتىۋېتىش ئەمەس، بىز پەقەت نەشر ھوقۇقىمىزنى قانۇن تەرىپىدىن قوغداشنى ئۈمىد قىلىمىز، كەلگۈسىدىكى سىفىرلىق ئوقۇش پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، بەيدۇ مەجمۇئەسى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنىڭغا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ دۈشمەنلىشىپ قېلىشىنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى مەڭگۈلۈك دۈشمەن ھەمدە مەڭگۈلۈك مەنپەئەت مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بەيدۇ يازغۇچىلارنىڭ نەشر ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا، ئۇ ھالدا بەيدۇ مەجمۇئەسى ھەقىقىي ئىسمى-جىسمىغا لايىق يازغۇچىلار بازىسىنى بەرپا قىلالايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلارنى بىگۇناھ دەپنە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)) u" M& n+ W+ d# Iبىزنىڭ بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ھەر ھالدا ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. لى يەنخۇڭ ئەپەندىم، سىزمۇ خۇددى بىزگە ئوخشاش يامان ئاداۋەتتىن قورقمىسىڭىزمۇ، بەلكىم بۇلارنى ياخشى كۆرمەيدىغانسىز. مەن ئوتتەك قۇياش نۇرىدا لاي ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، بەلكىم سىز گۈل تىرىشىنى ياخشى كۆرىدىغانسىز. مەيلى سىز بىزنىڭ نەشر ھوقۇقىمىز قانداق پايدىلانماڭ، بىز ھازىر بىرلىكتە قۇياشقا يۈزلىنىپ تۇرۇۋاتىمىز. بەلكىم مېنىڭ «تۇلپارىم» ئۆزۈم ۋە ئائىلەم ئۈچۈن چاپىدىغاندۇ، ئەمما كۆپ سانلىق يازغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نەشر ھوقۇقى بىلەن قەلەم ھەققىگە تايىنىپلا، مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىۋاتقانلار. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىمۇ قىزىق ئاپتاپقا قاقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك. سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ئۇلارنى خىرە ئۆيلەرگە مەھكۇم قىلىپ ، ياشاش ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلدۇرسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى قۇياشمۇ ئۇنچە چوڭ بولمىسا كېرەك. ھازىر جۇڭگودىكى نۇرغۇن يازغۇچىلار ئەسىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى دەپسەندە قىلىندى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى بەيدۇنى ئىزدەپ كېلىپ ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش ياكى ھەق ئۈندۈرۈۋېلىش بولماستىن بەلكى، بەيدۇنىڭ ۋە بەيدۇ خادىملارنىڭ يازغۇچىلارغا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى كۆزگە ئىلماستىن، قانۇنلۇق ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سېلىشتىن ئىبارەت. سىز جۇڭگودىكى بىرىنچى كارخانىچى، سىز كارخانىچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بەيدۇ مەجمۇئەسىنىڭ يازغۇچىلارغا كەلتۈرگەن كۆڭۈل يارىسىنى داۋالىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بەيدۇ مەجمۇئەسى بىر قەدەم كەينىگە چېكىنمەيدىكەن، بۇ بىزنىڭ نەچچە قەدەم ئىلگىرىلىشىمىزگە پايدىلىق بولۇپ قالىدۇ. بەلكىم، سىز يېقىن كەلگۈسىدە، بېيجىڭدىكى ئىشخانىڭىزدىن پەسكە قاراپ، مېنى كۆرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
(http://bbs.oylirim.cn)  i9 U8 M5 d# T. c$ j& eھۆرمەت بىلەن: خەن خەن(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26 -كۈنى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 04:05 , Processed in 0.734155 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش