ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 9266|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خەلقلا بولىدىكەن شائىر ياشايدۇ، شېئىر يوقالمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەلقلا بولىدىكەن شائىر ياشايدۇ، شېئىر يوقالمايدۇ
(http://bbs.oylirim.cn)$ G  X; S+ A) z; G4 \
(http://bbs.oylirim.cn)7 o2 K9 X, R) q$ P9 \0 R! q$ ?ئاپتور: روزى سايىت
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)% g! x6 B" u! w% P5 z( V% y«بوستان» ژورنىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ، شائىر ھۆسەن روزى تىرىككە تون كىيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ نامىدىكى «باشئەگىم ئاۋازى نەسىرىي ئەسەرلەر مۇكاپاتى» ئەيساجان مۇھەممەت نامىدىكى «گۆھەر زېمىن خاتىرە ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق
(http://bbs.oylirim.cn)% P8 O$ q' y) P# p( O
(http://bbs.oylirim.cn). y4 \5 {4 I- w: P! V8 ~كەمىنە مۇئەللىپتىن:
(http://bbs.oylirim.cn)$ l( b, d: @) ?5 Tقەدىمىي ۋە ياش شەھەر كورلا بوستانلىقىغا قەدەم باسقان كۈننىڭ ئۆزىدىلا مەن بۇرۇن ئەسلا كۆرۇپ باقمىغان ناتونۇش بىر توپ دېھقانلارنىڭ مېھر بۆشۈكىدە، ھۆرمەت باغاشلىرىدا ئەتىۋارلاندىم. ئۇلار ماڭا، ياق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بىر دەستە قىزىلگۈل تەڭلەپ كۆڭۈل ئىزھارىنى بىلدۈرۈشتى. خىيالىمنىڭ ئەكسىچە بىر نەرسىنى ھېس قىلدىمكى، بۇ يۇرتنىڭ مەدەنىيەت ھاۋاسى خېلىلا قويۇق ئىكەن، ئاۋامنىڭ قەلبىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىغا، قەلەمكەشلىرىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقى، تەلپۈنۈشى كۈچلۈككەن. مەن كورلا ئەھلى تەقدىم قىلغان ئاشۇ قىپقىزىل بىر دەستە گۈل بەرگىلىرىگە خېلى ئۇزاق تىكىلىپ ئولتۇردۇم، جىق نەرسىلەر ئېڭىمدىن كەچتى. «خەلق ئەدەبىياتىمىزغا گۈل تۇتتى. خەلقلا بولىدىكەن شېئىر يوقالمايدۇ، شائىر ئۆلمەيدۇ!» دەپ ھاياجان بىلەن پىچىرلىدىم-دە، قەلەمداشلارغا سۆزلىمەكچى بولۇپ كەلگەن نۇتۇقۇمنىڭ «شائىر ئۆلمەيدۇ، شېئىر يوقالمايدۇ» دېگەن تېمىسىنى «خەلقلا بولىدىكەن شېئىر يوقالمايدۇ، شائىر ئۆلمەيدۇ» دەپ ئۆزگەرتىۋەتتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئون نەچچە كۈنلەر ئىلگىرى «بوستان» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، مۆھتىرەم ئىنىمىز ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن بەرگەن تېلىفون ئاخباراتىدىن بۇ ئەزىز دىياردا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر يىغىلىشنىڭ بولىدىغانلىقى، تەۋەررۈك يازغۇچى، شائىرلىرىمىز، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، مۇھەررىرلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇلتۇر ئاپرېلدا بۇ يەردە چاقىرىلغان ئىلھام زوردۇن نامىدىكى «قۇياش مېھرى ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇكاپاتى» ۋە تۇرسۇن ئەبەي نامىدىكى «ئالتۇنتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يىغىنىدىن كېچىكىپ خەۋەرلەنگىنىم سەۋەبلىك ھەر قايسىڭلارغا سالام قايتۇرالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانىدىم. شۇڭا بۇ قېتىم ھەر قانداق قىلىپ بولسىمۇ «تاھىر-زۆھرە» يۇرتىنىڭ قەلەم ساھىبلىرى بىلەن، كونا-يېڭى بۇرادەرلىرىم بىلەن دىدارى مۇلاقەت بولۇشنى نىيەت قىلدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)9 ]' n( U( n5 J6 F# B8 P. p3 Qمەن ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بىلەن 21-ئەسىرنىڭ زەپەر دەرۋازىسسىدىن باشلاپ كىرگەن مول ھوسۇللۇق قەلەمكەشلىرىمىز، پىشقەدەم مۇھەررىر-باغۋەنلىرىمىز، دوست-ئاغىنىلىرىمىز بىلەن بىر سەينادا يانمۇ يان ئولتۇرۇپ، ئەتىمىزنىڭ – ئەتىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ۋارىس-ھەغدالىرى بولمىش ياش قەلەم ئىگىلىرىگە سالام بېرەلىگىنىمدىن، ئۇلار بىلەن يۈزمۇ يۈز پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگىنىمدىن خوشالمەن! يىغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
(http://bbs.oylirim.cn)  G/ E& w" `2 d& \& [; g3 K# Z20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ يىللار بولغانىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان 30يىللىق مىللىي ئەدەبىياتىنى باھالاپ مۇكاپاتلاش يىغىنى ئاشۇ 80-يىللارنىڭ تۇنجى ئالتۇن كۈز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغانىدى؛ 1984-يىلى تۇرپان، 1985-يىلى خوتەندە، 1986-يىلى ئىلىدا، ئاندىن كېيىن كۆلىمى يۇقىرىقلاردىن كىچىكىرەك بولسىمۇ قەشقەر ۋە ئاقسۇدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقا-ئارقىدىن بولۇپ تۇرغانىدى. ئاشۇ يىغىنلاردا بىز دېمەتلىكلەر (ئەينى چاغنىڭ ياشلىرى) پېشقەدەملىرىمىزنىڭ لەۋزى مۇبارەكلىرىدىن ئاجايىپ ھېكىمەتلەرنى ئاڭلىغان، ئەدەبىياتقا، ئىلىم-پەنگە دائىر ئاجايىپ يالقۇنلۇق نۇتۇقلارنى تىڭشىغان، پىكىر ئالماشتۇرغان، ئۆگەنگەنىدۇق. پېشقەدەم ئەدىب-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنلاردا، ياتاقلاردىكى ئايرىم سۆھبەتلىشىشلەردە قىلغان سۆزلىرى بىزنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز، قانداق يېزىش، نېمىنى يېزىشىمىزدا غايەت زور يېتەكچىلىك رول ئوينىغانىدى. مەن ئاشۇ 80-يىللىرى زۇنۇن قادىرىي، تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر، ئابلىز نازىرىي، ئەلقەم ئەختەم، زوردۇن سابىر، ئابدۇكېرىم خوجا، تۇردى سامساق، قەييۇم تۇردى… لار بىلەن ئۇچراشقان، تونۇشقان، دوستلاشقانىدىم. مەن يەنە مۇھەممەتجان راشىدىن، مۇھەممەتئىلى زۇنۇن، قۇربان بارات، ئوسمانجان ساۋۇت، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەختەم ئۆمەر، ئەخەت تۇردى، قۇربان مامۇت، تاھىر تالىپ… قاتارلىقلار بىلەن گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا، مەشرەپ-ئولتۇرۇشلاردا، مۇشائىرە-چاقچاق سورۇنلىرىدا ئىچىشكەن، يايلاق-ئېرەنلىكلەردە ھەمداستىخان بولغانىدىم… ئارىدىن 20يىل ئۆتتى. مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ تولىسى كېتىپ قالدى. قېپقالغانلىرىمىز ئوتتۇرا ياش ۋە يا قېرىلىق دەملىرىگە ئۇلاشتۇق. ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ يىللاردا نۇرغۇن شەكلەن ئۆزگىرىشلەر، تالاي تەدرىجىي ئالمىشىشلار بولۇپ ئۆتتى. «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا جاپپار ئەمەت مەتقاسىم ئابدۇراخمانغا، «قەشقەر ئەدەبىياتى» دا قۇربان ئىمىن تۇرسۇن نىيازغا، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دا ئېزىز ساۋۇت تۇنىياز مەتنىيازغا، «بوستان» ژۇرنىلىدا مۇھىددىن سايىت ئۆمەر مۇھەممەئىمىنگە، «تۇرپان» ژۇرنىلىدا روزى نىياز مۇھەممەت شاھنىيازغا، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» دا ئايشەم ئەخمەت بەگمەت يۈسۈپكە، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا مەمتىمىن ھوشۇر شاكىرجان ئېلاجىغا، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئابلىكىم باقى ھەبىبۇللا مۇھەممەتكە، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ساتتار توختى قۇربان مامۇتقا، «تارىم» ژۇرنىلىدا ئابلىمىت سادىق مۇھەممەت شاۋۇدۇنغا ئالماشتى (ناتىق بۇ يەردە مەزكۇر ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىرى ياكى مەسئۇل مۇھەررىرلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ. –مۇھەررىردىن) . ئالمىشىش، ئۆزگىرىشلەر شۇنچە كۆپ، شۇنچە شىددەتلىك بولدىكى، ئەنئەنە تىپىدىكى بىر خىل پوئىزىيە مودىرنىزمغا، گۇڭگالىشىشقا، قېلىپلاشقان پروزا ئىزلەنمە شەكىلگە، بېشىنى ئوقۇپلا قانداق ئاخىرلىشىشىنى قىياس قىلىشقا بولىدىغان بايانىي كىتابلار «قۇم باسقان شەھەر» ، «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» ، «مەمتىلى ئەپەندى» لەرگە جاي بوشاتتى؛ «قىرلىق ئىستاكان» لار جاراڭ-جۇرۇڭى، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» نىڭ ھاۋ-ھاۋلىرى ئەدەبىيات ئالىمىنى پاتىپاراق قىلىۋەتتى؛ ئارىدا «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» بېرىدىغان، «خوتەندىن خەت» يازىدىغان، «ئەنئەنە ۋە تارىخ ھەققىدە ئوي» لاپ، «ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ» پەرۋاز قىلىدىغانلار، «ئەقىل مېۋىسى» نى ئوغرىلايدىغان «شەيتان» لارغا «ئادەمدىكى 3-كۆز» بىلەن چەكچىيىشكە جۈرئەت قىلىدىغانلار پەيدا بولدى؛ «خائىن تاغلار» غا «قېنى مېنىڭ ئەكس سادايىم؟» دەپ خىتاب قىلالايدىغانلار چىقتى!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
نۇرغۇنلىغان شەكلىي، ماددىي ئۆزگىرىشلەر، «پەيدا بولۇشلار» ، ئالمىشىشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، 1990-يىللارنىڭ بازار قاينىمى ئەدەبىياتىمىزنى تاۋارلاشتۇرۇش، پات-پات ئېچىلىپ تۇرىدىغان ئىلمىي قىممىتى ئىنتايىن زور ئەدەبىي يىغىنلىرىمىزنى ئازلىتىۋېتىش، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى مەمۇرىيلاشتۇرۇش، كەسپىي ئۈنۈمدىن كۆرە شەكىل ياقىغا تارتىپ كېتىش سىياقىغا كەلتۈرۈپ قويالىدى دىسەكمۇ، ئۆتۈپ كەتكەن يىللارنىڭ قولدىن بىر ئىش، يەنى ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش، قەدىمىي نىزام، ئەمىر-مەرەپلارنى غەپلەت ياستۇقى قىلىپ ئويناق، ئىزدەنگۈچى تەپەككۇرنى مۈگىدەك باسقۇزۇش، شۇكرانە ئىلھام، كونا سەنەملەرنىڭ دۇمبىقىغا ئۇسسۇل ئوينىتىش كەلمىدى. دىمەك، تەپەككۇر يېڭىلاندى، قەلەمكەشلەر قوشۇنى ياشلاشتى. كونا ئەسىردىكى ئۈچ توققۇزنىڭ ئاستىغا ئېگىلگەن قۇيرۇقى سۇنۇپ بىر ئىككىگە، قاتارى توققۇزلار نۆلگە جاي بەردى. شۇنداق قىلىپ، بىز 2000دىن ئىبارەت سان ئوقىغا يانداش ھالدا ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭىچە ئىلھام تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ، 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىدۇق. مەن ھۈجەيرە-كېلىتكىلىرى ئەنئەنە تەپەككۇرىدا تامغىلانغان، ئىجاد-ئىلھامى قاپىيە، تۇراق، ۋەزىندە پۈتۈنلەنگەن تۈنۈگۈننىڭ ئادىمى بولۇشۇمغا قارىماي، ئەتىنى-كەلگۈسىنى بەرپا قىلغۇچى، ئۇپرىماس ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ ئەنجۈمەنىگە ئىشتىراك قىلالىغىنىمدىن بەختلىكمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يېقىندا بەزىبىر گېزىت-ژۇرناللار ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈسى كېلىدىغان ھەر خىل ژانىر، ھەر خىل ئۇسلۇبقا تەۋە ئوخشىمىغان ياشتىكى قەلەم ساھىبلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتۇردى. «ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسىر ئاخىرىدا ئېيتقانلىرى» خىلمۇ خىل نۇقتىلاردىن شەرھىيلەنگەن. بۇ خىل شەرھىيلەشلەرنى بۇ يەرگە جەم بولغانلارمۇ كۆرگەن، ئەقىل تارازىسىدا دەڭسەپ باققان بولۇشلىرى مۇمكىن. ئەمما شۇنچە كۆپ پاراڭلار، سوئالغا جاۋابلار ئارىسىدىن «ئەدەبىياتىمىزنىڭ 20-ئەسىرى قانداق بولدى؟ 21-ئەسىردىكى ئەدەبىياتىمىز قايسى يۈزلىنىش بويىچە تەرەققىي قىلار؟» دېگەن نېگىزلىك مەسىلىگە دىققەت ئاغدۇرۇلمىغاندەك تۇرىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئەسىرى، ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك مۇساپىسى جەمئىيىتىمىزنىڭ تولىمۇ ئۆزگىرىشچان سىياسىي قەدىمىگە ماس ھالدا تولىمۇ ئالدىراش، بەكمۇ جىددىلىك ئىچىدە ئۆتتى. 1950-يىللىرىمىز ئەدەبىياتى يەر ئىسلاھاتى ۋە كوممۇنالىشىش ئىنقىلابى، ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدېئولوگىيە كۈرىشى ئۈچۈن دەستىرخان يايغان بولسا، 1960-يىللىرىمىز ئەدەبىياتى شۇ يىللاردىكى سولچىل سىياسىي، پەلسەپە، تارىخ بىلەن ھەمنەپەسلىكتە ئۆزىنىڭ نىسبىي مۇستەقىل ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا چامى يەتمىگەن غېرىبلىقتا بويۇن قىستى؛ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا بولسا، مەدەنىيەتنى دەپسەندە قىلىش، يوقىتىش دەۋرىنىڭ نەيزە-كالتەك، ئوق-بومبىلىرى ئارىسىدا تۇنجۇقتى؛ ئەدىبلىرىمىز بولسا «تىرىكلەر دوزىقى» غا چۈشتى (مۇھەررىردىن) ؛ 1970-يىللاردا بولسا لەنتى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ فاشىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت دىكتاتورىسى ئاستىدا ئۆزىنىڭ بارلىق ئابرويىنى تۆكۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ماختىمىغان زۇلۇم، قاباھەت… ھېچنىمە قالمىدى! 1978-يىللاردىكى ئىدىيە ئازادلىقىدىن كېيىنكى 1980-، 1990-يىللاردا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشىلاندى. روھلاردا سىلكىنىش، مىللىي خاراكتېرىمىزدا تەۋرەش، تەپەككۇرىمىزدا يېڭىلىنىشلار بولۇپ، سان تىپىدىكى ۋە قىسمەن سۈپەت ئۆزگىرىشىدىكى ئەدەبىي جۇغلانمىلىرىمىز مەيدانغا كەلدى. بۇ يىللاردا مىللىي ئەدەبىياتىمىزدا زور بۆسۈش خاراكتېرىدىكى نەمۇنىلىك ئەسەرلەر ئانچە كۆپ مەيدانغا كەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئۈمىدلىك بىشارىتى بىلەن ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى! بىز ئۇنىڭ ساناقلار بىلەن قوپۇرۇلغان 100لەپ رومان، مىڭلاپ پوۋېستلار مۇجەسسەملەنگەن گەۋدىسىدىن ئىلگىرىكى ھەر قانداق چاغلارغا ئوخشىمايدىغان مول ھوسۇل خامىنىنى كۆرگەندەك بولدۇق. ئەدەبىيات بېقىندىلىقتىن ئازاد بولۇپ، ئوبيېكتىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا يۈزلەندى. تۇرمۇشنىڭ رېئال ھادىسىلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ يورۇتۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. دېمەك، ئىسلاھات دەۋرى ئەدەبىي ئاڭنىمۇ ئىسلاھ قىلدى. ئەدىبلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرى چىنلىققا، نەزىرى ئوردا-قەسىرلەردىن ئاۋام خەلق ئارىسىغا، قەلىمى يالغان كۆپتۈرمە، سۈنئىي ماختاشلاردىن رېئال ھاياتقا قايتىپ كەلدى… بىز مۇشۇ 50يىللىق مۇساپە بوسۇغىسىدا تۇرۇپ، 21-ئەسىرگە نەزەر ئاغدۇرۇپ «كېلىدىغان ئەسىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قانداق ئەدەبىيات بولىدۇ؟» دەپ تەسەۋۇر قىلىپ كۆرەيلى. ھېچقايسىمىز بىشارەتچى، ئالدىن كېلىدىغان ئىشلارنى بىلگۈچى ئەمەس. ئەمما ئۇ 1960-، 1970-يىللاردەك بولمايدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز! يېڭى ئەسىر – يەر شارى بارغانسېرى تارىيىۋاتقان، نوپۇس شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان، ئەمما ھەقىقىي ئادەملەر كۈنسايىن ئازلاۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرىي، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر تەپەككۇرىدىكى قەلەم ساھىبلىرىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ؛ مەمتىمىن ھوشۇر، ئابدۇقادىر جالالىددىن، يالقۇن روزى، ئەسئەد سۇلايمان، ئەختەم ئۆمەرگە ئوخشاش پىكىر يولى ئوچۇق، مۇھەممەتجان راشىددىن، نۇرمۇھەممەت توختىدەك قەلىمى پاكىز، قەلبى ئۆز خەلقىگە يېقىن شائىر-يازغۇچىلار قاتارى بىلەن تولۇقلىنىپ بارىدۇ. بۇنىڭدا شەك يوق!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
21-ئەسىر بىزنى ئېچىۋېتىلگەن دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ. ئەدەبىياتىمىز مۇشۇ ئېچىۋېتىلگەن دۇنيادىن يېڭى قاراش، يېڭى ئېقىملارنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە تېخىمۇ ئىگە بولىدۇ. بىر خىل تەپەككۇر، بىر خىل ئىپادىلەش ئەندىزىسىدىن قۇتۇلىدۇ. غەرب ۋە شەرقنىڭ ھەر خىل ئىجادىيەت ئېقىملىرى، ئىپادىلەش شەكىللىرى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)) B0 Z: P# h0 R+ Xبىز ئۆزىمىزنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنىيەت مۇساپىمىزگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرساق، بىزدەك كۆپ يېزىق ئۆزگەرتكەن، بىزدەك كۆپ دىن-ئېتىقاد يەڭگۈشلىگەن، مەدەنىيەت ئالماشتۇرغان مىللەت يوقلۇقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى ئىچىدە يېڭىلىققا ئىنتىلىش، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما بىزنىڭ ئاشۇ «ئالماشتۇرۇش» ، «يەڭگۈشلەش» كە ئامراق ئەجدادلىرىمىز ھەممە نېمىسىنى بىراقلا ئالماشتۇرۇۋەتمىگەن، ھەممە نەرسىسىنى بىراقلا يەڭگۈشلىمىگەن. ئۇلار ئەسلىدىكى پوندامېنت ئاساسىدا مەنىۋى قاتلىمىنى مەزمۇتلىغان. ئەمدى يېڭى ئەسىر بىزگە سىناق نەزىرىدە تىكىلىپ قاراپ: «بۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەجدادلىرى ئىنتىلىش، تاكاممۇللاشتۇرۇش يولىدا يەنە نېمىلەرنى قىلاركىن؟» دېمەكتە.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا، «باشقا ئەللەر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئالاقىدا بولمىغان، بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇپ ئۆزىنى زامانىۋى يۈكسەكلىكنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىقالمىغان مىللەت مەدەنىيەت تارىخنىڭ قانچىلىك ئۇزاق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يېڭىلىقلارنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدىن تامامەن مەھرۇم بولىدۇ» . لۇشۇننىڭ تەبىرى بويىچە بولغاندا «قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ شان-شەرىپى ئۈستىگە دۈم چۈشكەنلەر ئۆزىنى ئۆزى ئەتىراپىدىكى قوشنىلىرىدىن ئۈستۈن قويۇپ، خۇدىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ دۆت-جاھىللىقىنى بىلمەي، ئاخىرى سېسىق كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشى تۇرغان گەپ. تارىخنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە پارلاق نۇر چېچىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە يوقىلىپ كەتكەن مىللەتلەر ئېھتىمال مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن بولغاندۇر» .
(http://bbs.oylirim.cn)1 x, i( i( _* M  F4 lشۇنداق ئىكەن، بىز «ئوغۇزنامە» نى بايراق، «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نى ياستۇق قىلىپ، قەدىمىي مىراسلار شۆھرىتىدە ئەللەيلىنىپ يېتىۋەرمەسلىكىمىز، ئەكىلىشىمىز، قوبۇل قىلىمىز، ئۆزىمىزنى 21-ئەسىرگە لايىقلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەن: بىزنىڭ 21-ئەسىردىكى ھەر قانداق لايىقلىشىشىمىز، ئەكېلىش ۋە قوبۇل قىلىشلىرىمىز، ئۆزىمىزدە ئەسلىدىن بار بولغان، ھېلىھەم ئۆرنەكلىك قىممىتىنى ساقلاپ كەلگەن، بىزنى 21-ئەسىرگە ئۇلاشتۇرغان مەنىۋى، ئەدەبىي ئاساسلار مەھكەملىكىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولۇشى، ئۆزىمىزدە بارىنى قارا قويۇق رەت قىلماسلىقى لازىم. بىلىش لازىمكى، ھەر قانداق يېڭى ئۇرۇق سورتى ئەسلى بار تۇپراقتا، ھەر قانچە ئېسىل گۈل قەلەمچىسىمۇ ئەسلى بار نوتىدا بىخلاپ غۇنچە ئاچىدۇ! ئۇنداق بولمايدىكەن، قوبۇل قىلىنغان، ئەكېلىنگەن «قورساق»قا ھەزىم بولۇپ كېتىش خەۋپىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەگەر ئادەم 20ياشتا غايىلىك، 30ياشتا ساغلام، 40ياشتا ماددىي ئاساس تىكلىگەن بولمىسا، ھەتتا 50 ياشقا ئۇلاشقان تۇرۇقلۇق ھەق يولنى تاپالمىسا، بۇنداق ئادەم 60-70 ياشقا كىرسىمۇ ھېچنېمىسى يوق ئادەم بولىدۇ. بىزدە مۇستەھكەم غايە قارشى، ساغلام ئىجادىيەت ئىتىقادى، بىر تۈركۈم ئۆزىمىزگە خاس مەنىۋى بايلىق جۇغلانمىسى ۋە تەۋرەنمەس ھەقىقەت تونۇشى بولغاندىلا ئاندىن 21-ئەسىر ئەپكېلىدىغان، ئەپكېتىدىغان، ئاپىرىدە قىلىدىغان ياكى يوقىتىدىغان نەرسىلەرگە تەييارلىقىمىز بولغان بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" b  a% u7 ~9 e& w1 f«دۇنيا بىر مىللەتنى شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇيدۇ. يەنى مەزكۇر مىللەت ئۆز ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر مىللەتكە مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى ۋە ئەينى رېئاللىقىنى تونۇتىدۇ. شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ رولى تەربىيلەش ئەمەس، بەلكى مىللەتنى باشقىلارغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت». ئەدەبىي تەنقىدچى ھېزىم قاسىمنىڭ بۇ تەبىرىگە يەنە ماۋۇ بىر سۆزنى، يەنى ئەدەبىياتنىڭ رولى مىللەتنى ئۆزىنى ئۆزىگە تونۇتۇش دېگەننى قوشۇپ قويساق ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىز «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ، «تىنچ دون» ئارقىلىق رۇسىيىنى، رۇس-كازاك مىللەتلىرىنى، «قىزىل ۋە قارا» ، «گراف مونتى كرستو» ئارقىلىق ياۋروپالىقلارنى، «يىلتىز» ئارقىلىق ئامېرىكا نېگىرلىرىنى، قۇللۇق تۈزۈمنى تونۇدۇق. «سۇ بويىدا» ، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ، «ئاQنىڭ تەرجىمھالى» ئارقىلىق ئۇزاق تۈنۈگۈنكى ۋە يېقىنقى خەنزۇلارنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەندۇق. بۇلا ئەمەس، بىزدە يېزىلغان «ئىز» ، «چىنىقىش» ، «تەڭرىتاغ باغرىدا» ، «قۇم باسقان شەھەر» ، «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» ، «مەھمۇد قەشقەرىي» نامىدىكى رومان-پوۋېستلىرىمىز مىللىتىمىزنى باشقىلارغا باشقىلاردىن كۆرە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە خېلى ئوبدان تونۇتتى؛ «خوتەندىن خەت» نامىدىكى ئوچېرىك، «دېھقان بولماق تەس» تۈركۈمىدىكى تەنقىدىي رېئالىز، تۈسى قويۇق لېرىكىلار، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇقادىر جالالىددىنلارنىڭ يۈرەك خىتابلىرى «ئۇيغۇر بىز» دەپ مەيدە قاققانلارنىڭ ئالدىغا بىر قاتار سوراق، ئۈندەش مەززەلىرى تىزىلغان ئىجتىمائىيەت دەستىرخىنى يايدى. ئۇيغۇرنى بۇ خىلدىكى «ئۆزىنى ئۆزىگە تونۇتۇش» غەربچە، چەتئەلچە ھەر قانداق بىر ئەدەبىياتنىڭ، ھەر قانداق بىر چەتئەل يازغۇچى شائىرىنىڭ قولىدىن كەلمەس ئىدى! نېمىشقا؟ چۈنكى ئەدەبىيات روھقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، روھتا بار نەرسە ئەدەبىياتتا ئىپادىلەنمەي قالمايدۇ. چەت ئەل ئەسەرلىرى قۇرۇلما جەھەتتىن ئاجايىپ مۇكەممەللىككە ئىگە بولسىمۇ، تۇرمۇش بىزنىڭ بولمىغانلىقتىن، ئۆز ئەسەرلىرىمىز بەرگەن لەززەتنى بېرەلمەيدۇ. «ئەسەرنىڭ ئۇلۇغلۇقى تىلدىكى داغدۇغىلىقتا ئەمەس، بەلكى چىنلىقتا، مىللىيلىكتە!» ھازىر بىزدە چىنلىققا ئېتىبار بېرىش يېتەرلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، مىللىيلىك دىققەت نەزىرىمىزدىن چەتتە قېلىۋاتىدۇ. بۇ ھالەت خۇددى ئۇيغۇرچە رېستۇرانلارنىڭ قورۇما تىزىمىلىكىدىن بىرمۇ ئاتالغۇ تېپىلمىغان ۋە شىرەدىكى قورۇمىلاردىن ئۇيغۇرچە تەم-لەززەت سەزگىلى بولمىغانغا ئوخشاش. شۇڭا بۇ يەردە «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان جايدا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى، خەلقى ۋە تارىخىغا نىسبەتەن قىزغىن مۇھەببىتى قالمايدۇ، شۇنداقلا ئارمىيە، جەڭچىلەردىمۇ باتۇرلۇق ۋە ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك مىللىي روھ ئۆلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندا، پۇقرالار ئۈستىبىشى جۇل-جۇل، ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغان سەرگەردانلارغا ئايلىنىدۇ، مۇنداق كىشىلەردە قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىستەك بولمايدۇ» ① دېگەن مەشھۇر كۆچۈرۈلمىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىش ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىز بۇ ئابزاسنىڭ بېشىدىكى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دېگەن سۆزنى ئېھتىياجىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ «مەنىۋى سىجىللىق، ئىزچىللىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان جايدا كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى، خەلقى ۋە تارىخىغا نىسبەتەن قىزغىن مۇھەببىتى قالمايدۇ» بولۇپ چىقىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ۋەتىنىگە، خەلقىگە، تارىخىغا مۇھەببىتى قالمىغان ئەۋلادتىن يەنە نېمىنى كۈتكىلى بولىدۇ؟ «ئۈستىبېشى جۇل-جۇل، ئاچ-يالىڭاچ، قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىستىكى قالمىغان خەلق» نىڭ غېمىدە بولمىغان، ئۇلارغا ئۆز-ئۆزىنى تونۇتۇش رولىنى ئاتقۇرالمىغان ئەدەبىياتنىڭ ئىستىقبالىدىن، ئاشۇ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىمەن، دەپ پايپىتەك بولۇۋاتقانلارنىڭ تەقدىرىدىن نېمىنى كۈتكۈلۈك؟
(http://bbs.oylirim.cn)  p- h/ u: ]+ m0 N  h' g$ q* xبىز ئۆزىمىزنى «ئەدەبىيات مىللىتى» ، «شېئىر مىللىتى» ، يۇرتىمىزنى «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. توغرا، بىر زامانلار بولغان: مەدداھ-ۋەزخانلار كوچىلاردا قىسسە-جەڭنامىلەر تۈسىدىكى ئەدەبىياتتىن ھىكايە سۆزلەيتتى، چايقالغان دېڭىز سىياقىدىكى ئادەملەر توپى ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ زامان ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان ئەدەبىياتتىن زوق ئالاتتى؛ سەيلە-مەشرەپلەرمۇ بولۇپ تۇراتتى. ئادەملەر راۋاب ئاھاڭلىرىغا تەڭكەشلەنگەن مۇھەببەت، مەردلىك تېمىسىدىكى داستان-قوشاقلارنى تىڭشاپ ھوزۇرلىناتتى. كەچلىك ئولتۇرۇشلاردا ناخشىلار ئېيتىلىپ، ئۇسسۇللار ئويلىنىپ تۇراتتى. تونۇر باشلىرىدا كىچىك بالىلار چۆچەك ئېيتىشاتتى، تېپىشماق تېپىشاتتى. ھەزرىتى نىزامىددىن ئەلشىر نەۋائىينى، ھۇۋەيدانى، خوجاھافىزنى ئەۋلىيا دەرىجىسىدە كۆرەتتى. ئەمدىلىكتىچۇ؟ بىزدە تاماكا، ھاراق خۇمارى، رېستۇران قىزغىنلىقى، ياسىنىش-تارىنىش مەدەنىيىتى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگىنى بىلەن، ئەدەبىيات ھەۋىسى، بەدىئىي دىت، كىتاب ھىرىسمەنلىكى ئاجىزلاپ كەتتى. نەۋائىي، مەشرەپنى بىلىدىغانلاردىن كۆرە، رامبونى، راجانى، سۇنۋۇكۇڭنى، خاسبىنى، خۇەنجۇ مەلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپەيدى. بىلىش ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 3-ئەۋلاد، يەنى بوۋىمىزنىڭ نېرىسىغا ئۆتمىدى… بىز مۇشۇنچىلىك تۇرغان، ئۆزىمىزنى مۇشۇنچىلىك بىلگەن يەردە، خەق بىز ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك بىلىپ كېتەر؟ ئەدەبىياتىنىڭ رولى تونۇتۇش، بىلدۈرۈش ئىكەن، بىزنىڭ 21-ئەسىرىمىز باشقىلارنى تونۇش، بىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارغا ئۆزىمىزنى تونۇتۇش، بىلدۈرۈش ھەم بولۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنى تونۇش، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنى تونۇتۇش بولۇش كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)+ X1 r6 M5 H8 D, tئەدەبىياتىنىڭ يېزىش ئوبيېكتى ئادەم دەيمىز. دېمەك، سەككىز مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە ئادەم بىزنىڭ دىققەت نەزىرىمىزدە بولىدۇ. بۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىر ۋە كەلگۈسى «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» بولغان بىز قەلەمكەشلەرنىڭ تەسۋىرلەش نىشانىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى دېھقانلار تەشكىل قىلىدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، بىز ھەممىمىز دېھقان پۇشتى. بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز ئىسلاھاتنىڭ سېخىي ئالقىنىدىن ئانچە-مۇنچە رىسقى-نېمەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، تېخى «قورسىقى توق، كىيمى پۈتۈن» تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشكىنى يوق. پىلانلىق ئىگىلىك، زاكاز-بۇيرۇتما شەكىلىدىكى تېرىقچىلىق، يەرلىكتىكى بيوروكراتلىق، ھەيۋە تۈسى قويۇق ھەر خىل ئالۋاڭ-ياساقلارنىڭ قاتمۇقات بويۇنتۇرۇقى تۈپەيلى بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ كېتىۋاتقان «ئۈچ قالايمىقان» ھېلىھەم دېھقانلىرىمىزنىڭ شىللىسىدىن بېسىپ تۇرماقتا. ئۇلار دەۋر ئىلتىپاتىغا تەشنا، ئۈمىد-ئارزۇلىرى بىھەد.
(http://bbs.oylirim.cn); S1 ?4 S6 y0 n6 Eبىزنىڭ كۆزىمىز ئەنە شۇلارنى كۆرەلىشى، قەلبىمىز ئۇلارغا تەلپۈنۈشى، قەلىمىمىز ئۇلار بىزار بولغان نەرسىلەرنى رەھىمسىز پاش قىلىپ، ئۇلار تەلپۈنگەن، ئارزۇ-ئارمان قىلغان نەرسىلەرگە ھەمدەم بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بىز ئەنە شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالالىساقلا «ئەنئەنە تىپىدىكى ئەسەرلەر ئانداق، گۇڭگا شەكىلدىكى ئەسەرلەر مۇنداق» دەپ ژانىر جەڭگاھىدا، شەكىل خۇسۇسىدا دەتالاش قىلىپ ئەقىل خورىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھازىر بىز تىنماي يېزىۋاتىمىز، يازغانلىرىمىزدىن توم-توم دەپتەرلەرنى تۈزۈپ نەشرىياتلارغا يوللاۋاتىمىز. 5000تىراژ ھەلەكچىلىكىدە يېلىنىش-ئىلتىجا بىلەن شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا تەلمۈرۈۋاتىمىز. ئىككى-ئۈچ مىڭغا يەتمىگەن تىراژ تۈپەيلى، كىتابلىرىمىزنى نەشىر قىلدۇرالماي بېشىمىز قېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەسۋىرلەش ئوبيېكتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىدا.
(http://bbs.oylirim.cn)% _3 d9 l  |/ g: o  _) }مەن مۇنداق بىر ھېسابنى ئىشلەپ باقتىم: بىر ئائىلىنى تۆت نوپۇس بىرلىكىدە ھېسابلىساق، 8مىليونلۇق نوپۇسى بار ئۇيغۇر قەۋمى 2مىليون تۈتۈن بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىز زارىقىپ كۈتۈۋاتقان 5000دانە تىراژ ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈمىز دېسەك، بىر تىراژ ئۈچۈن 1600ئائىلە (6400نوپۇس) نىڭ دىتىغا ياقىدىغان ئەسەر تەييارلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرما بىزنى ھەيران-ھەس قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز كىتابقا شۇنچە ئۆچمۇ؟ ساۋاتسىزمۇ؟ كىتاب سېتىۋالالمىغىدەك دەرىجىدە نامراتمۇ؟ يا بولمىسا يازما ئەدەبىياتنىڭ دەۋرى ئۆتتىمۇ؟ بۇ قىياسلارنىڭ ھېچقايسىسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى ۋە «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئەڭ يوقۇرى تىراژ بىلەن 3-قېتىم نەشىر قىلىنىشى، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى، مىر ئەھمەت سېيىت، يالقۇن روزىنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»  (پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئوچېرك ژورنىلىمىزنىڭ 1994-يىل 2-، 3- (قوشما) سانىغا بېسىلغانىدى. –مۇھەررىردىن) ناملىق كىتابلىرىنىڭ شۇنچە تېز سېتىلىپ تۈگىشى، نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «خوتەندىن خەت» ناملىق ئوچېركى بېسىلغان ژۇرنالنىڭ دېھقانلىرىمىز ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ تەكرار-تەكرار ئوقۇلۇشى، كىتابپۇرۇچلارنىڭ بىر سان ژۇرنالنى 50كويدىن سېتىشى… بىزگە، ئەگەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپ يېزىلسا، يېزىلغان ئەسەر خەلقنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە تونۇتالىسا، ھېچكىم پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇنداق ئەسەرلەرنىڭ خېرىدارى مۆلچەردىكىدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
«ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسىر ئاخىرىدا ئېيتقانلىرى» تېمىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان سوئال-جاۋابلاردىن قايسىبىر بىشارەتچىنىڭ «21-ئەسىر پروزا ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئابزاسنى كۆرۈپ سەل ئەجەبلەندىم. ئۇنداقتا پوئىزىيە 20-ئەسىرنىڭ ئۆتمۈشىگە دەپنە قىلىنامدۇ؟ بۇ بىشارەت بويىچە بولغاندا ئەدەبىياتنىڭ شېئىر ژانىرى 21-ئەسىرگە لايىقلىشالمايدۇ؟ شائىرلىرىمىزنىڭ ھالىغا ۋايمۇ؟ سەھنىلىرىمىزدىن يۈرەكنىڭ خۇمارىنى يېشىدىغان ئېسىل ناخشا-لەپەرلەر يوقامدۇ (مۇھەررىردىن) ؟ پاشا ئىشان، ئابدۇللا ئابدۇرېھىملىرىمىزغا ئىش قالمايدۇ؟ يېڭى ئەسىر ئاخىرىدا پوئىزىيە ژانىرىنى تارىخىي مۇزىيلاردىن ئىزدىگۈلۈكمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)6 m* @, R8 I$ ]بىشارەتچى شۇنداق دېگەنىكەن، بىزمۇ شېئىرنىڭ 21-ئەسىردىكى تەقدىرىگە بىشارەتلىك جاۋاب بەرمەي ئامالىمىز يوق. ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر، «شېئىرنىڭ گۈلىنى پەلسەپە تۇپرىقىدا يىلتىزلاتقان، پەلسەپە تۇپرىقىنى شېئىرىيەتنىڭ خۇشبۇي شەبنىمى بىلەن سۇغارغان» يېگانە شائىر ھەزرىتى نىزامىددىن ئەلشىر نەۋائىي لەۋزى بىلەن سۆزلىسەك، شېئىرىي تىل ئاللانىڭ تىلىدۇر ۋە ئاللانىڭ كۆڭلى شائىرلارغا يېقىندۇر. شۇنداق بولمىسا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» شېئىرىي لەۋىزدە نازىل بولارمىدى؟ بۇلا ئەمەس، ئەگەر كىمنىڭ ئېڭىدىن ھېكمەت ۋە بەدىئىي رەڭنىڭ مەڭگۈلۈك تەسىراتى ئورۇن ئالىدىكەن، دۇنيادا ئۆلمەي ياشايدىغان بىردىنبىر نەرسىنىڭ پەقەتلا شېئىر ئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. مانا بۇ، ئابدۇقادىر جالالىددىن يەكۈنلىگەن بىشارەت!
(http://bbs.oylirim.cn)( Z: m% ]7 |& y) ~21-ئەسىر شېئىرىيىتىدە ۋەز-نەسىھەت ۋە سۈنئىي نازاكەت پەرەنجىسىگە ئورالغان پىزاژلار ئەۋج ئېلىپ كەتمىسىلا، رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى مودىرنىزملىق ئېلېمېنتلار قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرسا، كېسىپ ئېيتالايمىزكى، 21-ئەسىرنىڭ ئەدەبىيات باغچىسىدا يېپيېڭى قىياپەتتىكى شېئىرىيىتىمىز ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)' i* _# \) X+ R& g( W«بوستان» ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ 20يېشىنى تەبرىكلەۋاتقان، پېشقەدەم شائىر ھۆسەن روزى تىرىككە تون كەيدۈرۈشتەك خاسىيەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ۋە ئىككى ژانېر بويىچە مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى بولىۋاتقان مەرىكىدە ئويلىغانلىرىم بويىچە تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ ئۆتتۈم. «بوستان» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىكى يولداشلار ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت يېتەكچىلىرى يېقىنقى يىللاردا تىرىشىپ ئىزدىنىپ، جاپالىق ئىشلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر قاتار ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي، ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ۋە نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ژۇرنال سۈپىتىنى ئۆستۈردى، قابىل تەشكىلاتچىلىقى بىلەن قەلەمكەشلەرنى نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. زېرەك، زامان ئېڭىغا ئىگە باشقۇرغۇچىلىرى بولغان ساھەدە چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئۆز كەسپىنى سۆيگەن قەلەم ئىگىلىرى تارىخ يۈكلىگەن، خەلقى ئۈمىد قىلغان ۋەزىپىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا، چوقۇم ئەدەبىياتىمىزنىڭ 21-ئەسىردىكى زەپەر قۇياشى تېخىمۇ پارلايدۇ. پروزا بېغى گۈللەپ ياشنىغىنىدەك، پوئىزىيە گۈلزارىمۇ چېچەك ئاچىدۇ! خەلقلا بولىدىكەن شائىر ياشايدۇ، شېئىر يوقالمايدۇ، شائىرغا تون كەيگۈزىدىغانلار ۋە تونغا مۇناسىپ شائىرلار بارلىققا كېلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)% I4 P3 S5 i& N2 i(گۈلدۈراس ئالقىشلار)
(http://bbs.oylirim.cn)5 U% [. s, A9 v& @$ j4 r9 l2000-يىل 28-يانۋار، كورلا
(http://bbs.oylirim.cn); o& ?" P- p' o% M' t
(http://bbs.oylirim.cn)3 R  Q% J; u8 t8 j, y& w0 ?5 gپايدىلانغان مەنبەلەر:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
①ئابدۇقادىر جالالىددىن: «داغمۇ ياكى زىناقمۇ؟» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1995-يىل 3-سانىغا قاراڭ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كومپيۇتېردا بېسىپ تەييارلىغۇچى: چۆچەك شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئەرشىدىن ئابدۇللا(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەسەر مەنبەسى: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2000-يىل 2-، 3-سان(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:48 , Processed in 2.423965 second(s), 36 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش