ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 38117|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇخبىرنى كۆردۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇخبىرنى كۆردۈم
(http://bbs.oylirim.cn): V) ^/ r2 \# P& n, `3 l
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
       مۇخبىر ئۇلۇغ ئىنسان، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەشۋىقاتچى، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇچۇر ۋە بىلىم خەزىنىسى. ئۆز نۆۋىتىدە پىشقان ئۇستاز، ئۆز نۆۋىتىدە تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىس، ئۆز نۆۋىتىدە مەسلىھەت ۋە نەسىھەت بەرگۈچى مويسىپىت ئەۋلىيا، ئۆز نۆۋىتىدە ئوت ئىچىدىكى جەڭچى، ئۆز نۆۋىتىدە چاكار ھەم رەھبەر، ئۆز نۆۋىتىدە قۇتقۇزغۇچى، شۇنداق، ئۇ، ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە. ئۇ، ھەم جاپالىق، ھەم پەخىرلىك شەرەپ ئىگىسى، ھۆرمەت پەللىسى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)9 B* S; i, K9 y( F  I4 q2 s9 C
«جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى» نىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئېلنۇرە رەھىمبەگ زىيارەتتە.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
      تۈن نىسپىدە جىرىڭلىغان تېلېفون مۇخبىرغا بۇيرۇق. ئەنە، بىر مۇخبىر كەچ كۈزدىكى چىرىم–چىرىم مۇز ئارىلاش كەلكۈن قاينىمى بىلەن پۇشقاق تۈرۈپ ئېلىشماقتا. بىردە كىملەرنىڭدۇ قوللىرىنى تارتىپ، كەينىدىن ئىتتىرىپ قۇتقۇزسا، بىردە نېمىلەرنىدۇر خاتىرىلەپ يۈرمەكتە. ئاپپاراتنىڭ يالت-يۇلت قىلىپ چېقىلغان نۇرى بۇ ئالدىراشلىق مەنزىرىگە تېخىمۇ جىددىي تۈس بەرمەكتە. «زاۋۇت تۇرخۇنىغا يامىشىپ چىقىپ ئۈستىدىن ئېلىنسۇن!» بۇ بۇيرۇقنى ۋالىي قىلدى، باھانە كۆرسىتىشكە كىمنىڭ رايى؟ بۇ قەتئىي بۇيرۇق، ھەرگىز خىيال ئەمەس. يەنە بىر مۇخبىر زاۋۇتنىڭ ئۈستىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى ئۇچۇپ تۇرغان تۇرخۇنغا ياماشماقتا، يامىشىۋاتىدۇ، تۇرخۇندىن يېنىۋاتقان كۆيدۈرگۈچ ھارارەت ئۇنىڭ يۈزلىرىنى كۆيدۈرۈۋاتىدۇ، قوللىرىنى قاپارتىۋاتىدۇ. ئەنە، تۇرخۇنغا ئورنىتىلغان تۆمۈر ئۈزەككە بىر بىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ ئاپپاراتنى پەسكە توغرىلىسا، يەنە بىر قولىدا تۇرخۇن يۈزىدىكى ھۈررەكلەرنى، ياق، چوغ دانىلىرىنى چىڭ چاڭگاللاپ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا تىركەشمەكتە. ئەنە بىلىكى كاۋاپ بولۇشقا باشلىدى، يەنە بىر بىلىكىگە ئالماشتۇرۇپ ئاپپاراتنى يۆتكىدى، ئۇ قولىنى قويۇۋەتمىسە خەتەرلىك، قويۇۋەتسە تېخىمۇ خەتەرلىك، ئەمما بۇنداق تۇيغۇلار ئۇنىڭ خىياللىرىغا كىرىپ چىقىشقا ئەسلى يات ئىدى. پەقەت كەسىپ ئىشقى، كەسپىي مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوت بولۇپ يانماقتا، كۆرۈنۈشلەر ئېكرانغا نەقىشلىمەكتە. ئۇنى تېخىمۇ ئەستايىدىل، سالماق، ئىرادىلىك، قەتئىي قىلىۋەتكەن، ئۇنىڭ كاللىسىدا «ھۇررا!» توۋلاۋاتقان تەپەككۇر پەقەت ۋەھشىي كەلكۈننىڭ ئەپتى–بەشرىسىنى، باتۇر ئەزىمەتلەرنىڭ يېڭىلمەس ئىرادىسىنى ۋە ئىناقلىق كارتىنىسىنى جاھان ئەھلىگە كۆرسىتىش. شۇ چاغدىكى تارتۇق ئىزى ھېلىمۇ ئالقىنىدا گۈل بولۇپ نەقىشلىنىپ ئۆز كەسپىي مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا.
(http://bbs.oylirim.cn). X+ a! P& c, J' ^+ d2 E      «ھەي، ھەي، 119 نىڭ ماشىنىسىنىڭ سىگىنالىمۇ نېمە؟» ئۇ، شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى، بالىلىرى كەينىدىن بارغاندا ئۇنىڭ ھېلىلا كان تېگىدىن چىققاندەك قارا-ئالا يۈزىدە پاقىراپ تۇرغان ئاپئاق چىشىنى، ئاپپاراتىنى بوينىغا ئېسىپ، قولىغا خاتىرە ئېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپلا ئوتنىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ پەخىرلىك ئوغلاننىڭ يۈرىكىنىڭ غەلىبە شادلىقى ئىچىدە تەۋرىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشتى. ئۇنىڭ قەلبىدە ھېچ بىر غۇبار يوق، ئۇ پەقەت نەق مەيداننى ۋاقتىدا تەپسىلى خەۋەر قىلىپ جامائەتچىلىكنى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرالسىلا، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلالىسىلا ئۇھ دېيەلەيدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)( U! L9 }( ~5 d: v8 T; h' j$ [8 o
(http://bbs.oylirim.cn)' K) ?  e" x9 |; |
كەتمىنىڭ ئويغىتىپ چولپان،
(http://bbs.oylirim.cn). ~/ Q# U$ R. Lقىزىغان كۆرەكلەرىڭ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مول ھوسۇل شادلىقىدىن،
(http://bbs.oylirim.cn)+ y: U6 K9 t: W* A3 bكۈلدىمۇ يۈرەكلىرىڭ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)3 \. d- f6 R* v" g: D        پىژغىرىم ئىسسىقتا كۆزىنى ئاچچىق تەر بىلەن سۇغۇرۇپ، بىپايان ئېتىز قىرلىرىدا ئېگىز–پەس دەسسەپ، ناخشىلىق چاقچىقى بىلەن دېھقاننى كۈلدۈرۈپ، كۆكسىدە ئاپپارات، ئالقىنىدا خاتىرىگە دۇردانىلار تىزىۋاتقانمۇ شۇ مۇخبىر.
(http://bbs.oylirim.cn)# i+ y7 R. B- p3 x7 n0 n5 c# F        كىملەرنىڭدۇر خۇشامەتلىرى، كىملەرنىڭدۇر گوللاشلىرى، يەنە كىملەرنىڭدۇر تەھدىتلىرى بىلەن پەرۋايى پەلەك، گاھى تاغ چوققىسى ياكى جىرالىرىدا مۈدۈرۈلۈپ، گاھى قايناق بازارلاردا قاتراپ، گاھى يىغىن زاللىرىدا قىسىلىپ يۈرۈپ ھەقىقەت ئىزلەۋاتقانمۇ شۇ مۇخبىر.
(http://bbs.oylirim.cn)- \0 u3 E1 d$ n8 K         مۇخبىر، ھەممىگە قىزىقىدۇ، ھەممىنى قېزىپ باققۇسى، بىلىپ باققۇسى، ئۇچۇر دۇنياسىنى قىزىتىپ باققۇسى، پەقەت ئىللىقلىق، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك، ئىلغارلىق، شان–شەرەپكە تولغان، تەرەققىي قىلغان، باي، باياشاد دۇنيانى يارىتىپ باققۇسى كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ زېرىكمەيدۇ، تېرىكمەيدۇ. سەگەكلىكتە ئۇلارنىڭ ئېكرانلىرى بۈركۈتنىڭ كۆزى، قەلەم دېسە ئۇلارنىڭ قەلىمى ئالماس بىسلىق نەقىشلىك قورالنىڭ ئۆزى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
         ئەنە، قاشتېشىدەك جىلۋە قىلىپ ئولتۇرغان توقۇمىچى قىزنىڭ بىگىز-بۇرەندىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ شولىسى بار، كەڭ يايلاقتا پادىچى يىگىتكە جۆر بولۇپ توۋلىشى بار. ئەنە كارىز بېشىدا چىغرىقنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازىدىمۇ ئۇنىڭ مەدىتى بار. چۆلدىكى بوستانلىقتىمۇ ئۇنىڭ زىننىتى بار. تىلسىملارغا جەڭ ئېلان قىلغان باتۇرلارنىڭ ئاۋازىدىمۇ ئۇنىڭ ھۇرراسى بار. ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئىجاد–كەشپىياتلاردىمۇ ئۇنىڭ جۇلاسى بار. ئەنە، ئەنە، ئۇنىڭ ئېكرانىدا كۆرۈنۈۋاتقىنى شەرەپ گۈلى، كۈلۈمسىرەۋاتقىنى ئۇ قېزىپ چىققان بايراقدارنىڭ چېھرى.....
(http://bbs.oylirim.cn)) V7 O% x5 A" n- I4 L         ئەنە، مۇخبىر كەلدى، مەن يەنە مۇخبىرنى كۆردۈم. تۈنۈگۈنلا ھېلىقى ئىدارىنىڭ باشلىقى ئۆزىنى قاچۇرغان، ماۋۇ شىركەتنىڭ دىرېكتورى ئۇنى قوغلىغان، دېھقان پەخىرلىنىپ دائىم دورىغان، شەرەپ قۇچقان مۇدىر. دىرېكتور، ھاكىم، خوجايىن، كەسپىي باغۋەنلەر قىزغىن رەھمەت ئېيتىپ قۇچاقلىغان مۇخبىر شۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
        مۇخبىرنى كۆردۈم، تۆرگە باشلىسا ھۆرمەت ئىگىلىرى پەستە قالمىسۇن دەپ ئىزدەيدىغان، پەگادا قالسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆز مەسلىھەتىنى بېرىۋېرىدىغان، قىزىل بولاقلارنى كۆرمەيدىغان، ئىشارەتلەرگە كۆنمەيدىغان، ئۆز نەسلىدىن تانمايدىغان، ئۆز كەسپىدىن چانمايدىغان، ياخشىلارنىڭ غېمىدە ئۇخلىمايدىغان، قەلب تۆرىدە قۇياش بولۇپ چاقنايدىغان، يۈز قەدەم يىراقتىن «سالام» دەپ، نامى ئۆلمەس «بالام» دەپ باغرىمىزغا قانماي بېسىشقا تېگىشلىك مۇخبىرنى كۆردۈم. گېزىتتە ئوقۇپ ماختاپ، رادىيودا ساقلاپ ئاڭلاپ، تېلېۋىزوردا كۆرۈپ داڭلاپ، ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان مۇخبىرنى كۆردۈم. پىچىرلاۋاتىمەن، ياق، توۋلاۋاتىمەن: سەن راستىنلا سۆيۈملۈك مۇخبىر، ساڭا بولغان ئەقىدەم مەڭگۈلۈك. مۇخبىر، سەن مەڭگۈ شۇنداق سۆيۈشكە، ھەر بىر ئادەم بېشىنى ئېگىپ ھۆرمەتلەشكە، شۇنداق قەدىرلەشكە لايىقسەن مۇخبىر. چۈنكى سەن ئۆز ئەجرىڭ، ئۆز نېمىتىڭ، ئۆز ھىممىتىڭ، ئۆز قىممىتىڭ ئارقىلىق ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ قەلبىگە، ياخشىلارنىڭ دىلخانىسىگە ئالتۇن نەقىش بولۇپ ئورنىغان سەن. ئەنە، ھەممەيلەن ئالقانلىرىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ھۆرمەت تەختىدە سېنى كۆردۈم مۇخبىر!

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 09:02 , Processed in 0.743418 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش