بىكار تەلەپلىك — ئىللەت(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بەزىلەر قىلىۋاتقان ئىشىنى تەلەپلىك، تولۇق ئادا قىلىشقا تازا كۆڭۈلشىمەيدۇ – دە، بۇنى باشقىلار قىلسىمۇ شۇنچىلىك قىلار، دېگەن تۇيغۇدا بىكار تەلەپلىككە مۇپتۇلا بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ، ئۆزگىنىمۇ رازى قىلالمايدۇ، ئىشىدا نەتىجىمۇ قازىنالمايدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي نەتىجە قىلغان ئىشنىڭ سانىدا ئەمەس، بەلكى ساپاسىدا. بىكار تەلەپلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئىشنى ئاقسىتىش ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىش قىلمىغانغا باراۋەر.
(http://bbs.oylirim.cn)+ c+ ?9 t4 F2 i; @5 A
(http://bbs.oylirim.cn)& Q1 P. U/ k& C; c ھەرقانداق ئورۇندا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئورنى بولىدۇ. ھەر كىم ئىش ئورنىدا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. كاللىسى قۇپقۇرۇق، كۆڭلىدەمەسئۇلىيەتتىن قىلچە ئەسەرمۇ يوق، ‹‹كۈن ئۇ ياققا، پۇل بۇ ياققا›› دەيدىغان جانباقتىلار ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى تەۋە دائىرىگە (مەيلى ئۇ خۇسۇسنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ، دۆلەتنىڭ بولسۇن)زەرەر يەتكۈزىدىغان مىكروبقا ئايلىنىدۇ. بۇنداق پارازىتلىق ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى روھەن ئاجىزلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، روھىي ھالىتى چېچىلاڭغۇ، ھەسەتخور، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق، قۇرۇقگەپ ساتىدىغانلارنى بىخلاندۇرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)+ K; h1 X$ k1 A
(http://bbs.oylirim.cn)* O* S- [7 I6 J/ r$ {1 v مەيلى كىم بولسۇن، بىكار تەلەپلىكتىن قول ئۈزسىلا، ھەر قانداق ئىشنى يەكۈنلىيەلەيدۇ. ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش خىزمەتتە كەسكىن ھەم ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشنى قىلىشنىلا بىلىپ، ئۇنى تەلەپلىك، تولۇق ئادا قىلىشنى بىلمىگەن كىشى مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىدىن يىراقلايدۇ. ئادەتتە بىكار تەلەپلىك ھەر قانداق ئادەمنى خار قىلىدۇ. ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئون يىلداھېچقانداق ئىشقا مېلىكە بولماي يۈرگەنلەرنىڭ بەزىلىرى ھاياتى بىلەن بالدۇرلا خوشلىشىدىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشسىزلىق بۇرۇختۇملىقىدا ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ھاراقكەشلىك، زەھەر چېكىش، ھاڭۋاقتىلىققاگىرىپتار بولۇپ، چۈشكۈنلىشىپ، روھىي جەھەتتىن بەربات بولىدىكەن. نەتىجىدە چېچىلاڭغۇ تۇرمۇش، ئاچلىق ۋە تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چىقىدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)# N2 i6 J- n* [, s0 j e8 a(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
جەمئىيەتكە ئەمدىلا چىققان ياشلار ئۈچۈن خىزمەت ئورنىنىڭ ياخشى – يامان، يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئاددىيلا ئېيتقاندا، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ھالال چىقىپ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ،بىكار تەلەپلىكتىن ۋىجدانەن يىرگىنىشى تولىمۇ زۆرۈر. بىكار تەلەپلىك ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئۆرلەش، نەتىجە قازىنىش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، ئائىلە، نىكاھ ئىشلىرى، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلارغا زىيانلىق ئەشەددىي ئىللەت بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك راكقا ئوخشايدۇ. ئۇ ئادەمنى غەپلەت باستۇرۇپ، تويدۇرماستىن جېنىنى ئالىدۇ. شۇڭا، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئەستايىدىل، قىزغىن ھەم ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئاقىلانىلىكتۇر.