ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 36386|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىزىقىشىڭىزنى بايقاڭ ۋە يېتىلدۈرۈڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىزىقىشىڭىزنى بايقاڭ ۋە يېتىلدۈرۈڭ
(http://bbs.oylirim.cn)2 D# [8 L" E& r3 f: X, R
(http://bbs.oylirim.cn)+ a* u( c7 G" d6 Z
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
▲قىزىقىش ئىنساننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئۇل. ھەر كىمدە قىزىقىش، ھەۋەس - ئىستەك بولىدۇ ھەم شۇ قىزىقىشىدىن ھاياتىغا مەنە تاپىدۇ. شۇ قىزىقىش كۆپىنچە شۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بەلگىلەيدۇ. دىققەت قىلساق،«قىزىقىشىڭىز نېمە؟ قانداق ئارتۇقچىلىقىڭىز بار «دېگەن سو******رغا جاۋاب بەرگىنىمىزدە، كۆپىنچە قىزىقىشىمىز بىلەن ئارتۇقچىلىقىمىز بىردەك بولىدۇ. سىز نېمىگە قىزىقىسىز؟ بەزىلەر بۇنىڭغا ھە دېگەندە جاۋاب بېرەلمەيدۇ. قىزىقىشنىڭ توغرا نىشانغا يېتەكلىنىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت تەربىيەلىنىشى شۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆمۈرلۈك دەستىكىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. قىزىقىشنىڭ يۆتكىلىپ، ئۆزگىرىپ، سۇسلىشىپ يوقاپ كېتىشى ياكى كۈچىيىپ غايە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھەركىمنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارىشىغا باغلىق.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
▲يېقىندا  بىر  سىتۇدېنت ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەنىسىزلىك ۋە بېسىمدىن قاقشاپ «مۇئەللىم: ئەسلىي مەن خىمىيە دەرسىگە قىزىقمايتتىم، لېكىن ئامالسىز خىمىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن. ھازىر ئۆزۈمنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى، قانداق ئارتۇقچىلىقىم بارلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ زادى نېمە قىلىشقا بەكرەك ماس كېلىدىغانلىقىمنىمۇ بىلەلمىدىم. قىزىقىش بەك مۇھىمكەن، قىزىقىش بولسا قىزغىنلىق بولىدىكەن، قىزغىنلىق بولسا ئۆگىنىدىكەنمىز، نەتىجىمىز ياخشى چىقسا تېخىمۇ بەكرەك تىرىشقىمىز كېلىدىكەن» دەپتۇ. ئالدىنقى يىلى قىشتا تىل تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدىغان بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئۆگىنىش ۋە غايە» ھەققىدە سۆھبەتلەشكىنىم ئېسىمگە كەلدى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى سىنىدۇق. يەنى، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپى، كەلگۈسىدىكى غايىسىنى بىلمەكچى بولدۇق. ئەپسۇسكى، بۇ ياشلارنىڭ %80تىن كۆپرەكىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئوقۇغان كەسپى ئوخشىمايدىكەن. بۇ مېنى ئويلاندۇردى ۋە ئېچىندۇردى. ئېچىندۇرغان مەسىلە شۇكى، بۇ بالىلارنىڭ نىشانى، غايىسى، قىلىۋاتقان ئىشى ھەرگىزمۇ بىر نۇقتىدا ئۇچرىشالماپتۇ ھەم بۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئويلاپمۇ قويماپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
▲قىزىقىشنىڭ ئېنىق بولماسلىقى ياشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى قەدىمىنى مەزمۇت قىلارمۇ؟ شۇڭا زامانداشلىرىمغا تەۋسىيەمىز شۇكى، نېمىگە، قانداق ئىشقا قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بايقاڭ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى قىزىقىشىڭىز ئېنىق بولغاندىلا، شۇ ئىشقا نىسبەتەن ئوتتەك مۇھەببەت ۋە جەڭگىۋارلىق بولىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ھەرگىزمۇ قىزىقىشىڭىز بىلەن خام خىيالنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەڭ. ئادەم ئارزۇ - ھەۋەسلەرگە باي كېلىدۇ. نۇرغۇن ئىشنى قىلغۇسى، نۇرغۇن خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇسى كېلىدۇ. لېكىن بۇ قىزىقىشقا تەڭداش ئەمەس. قىزىقىشىڭىزنى تەربىيەلەڭ. بەزىلەر بىر ئىشنى ئەمدىلا باشلاپ تېخى نەتىجە قازانماي تۇرۇپلا، قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىپ باشقا ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. خۇددى »مايمۇننىڭ تاغدىن چۈشۈشى« گە ئوخشاش توغاچنى كۆرۈپ شاپتۇلنى، كۆممىقوناقنى كۆرۈپ توغاچنى، تاۋۇزنى كۆرۈپ كۆممىقوناقنى، توشقاننى كۆرۈپ تاۋۇزنى تاشلاپ ئاقىۋەتتە ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، قىزىقىشىڭىزنى بايقاڭ ھەم ئۇنى تەربىيەلەشكە، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت يولى سىزگە داغدام ئېچىلىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
▲ئەگەر سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىڭىز بىردەك بولمىسا، قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. ئىشىنىڭكى، قىزىقىشنى يېتىلدۈرگىلى ۋە كۈچەيتكىلى بولىدۇ. زادى قانداق قىلغاندا قىزىقىشنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ ئاۋۋال شۇ ئىشقا بولغان چۈشەنچىڭىزنى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىڭىزنى شەكىللەندۈرۈڭ. شۇندىلا بۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىڭىز ئايدىڭ بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇق كىشىدە شۇ ئىشقا نىسبەتەن مۇھەببەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ قىزغىنلىقنى پەيدا قىلىدۇ. قىزغىنلىق ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما «قىزىقمايمەن» دەپلا قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كېچىش يەنە يېڭى شەيئىگە قىزىقىش، ئاندىن زېرىكىش تەكرارلانما مەغلۇبىيەتنى، ئاخىرىدا تۇترۇقسىز ئادەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. سىز زادى نېمىگە قىزىقىسىز، ئۇنى بايقاڭ. بايقىغاندىن كېيىن قىزىقىشىڭىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئاساسلىق كوزىرغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىڭ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاينۇر دولقۇن

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:28 , Processed in 0.649867 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش