يېڭى قوشنام
(http://bbs.oylirim.cn)" |5 ?5 x, \6 q) n" B(ھېكايە)
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھويلىمىزغا يېقىندا كۆچۈپ كەلگەن بۇ ئايال كىشىگە تولىمۇ قىزغىن ئىدى. ھەر كۈنى سەھەر ئىشقا ماڭغاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە بولسۇن ئۇچرىغانلىكى كىشى بىلەن سالاملىشىپ ئۆتەتتى. ئۇنى مەيلى قايسى ۋاقىتتا كۆرسىڭىز شۇنداق تېتىك. ئۇ گەرچە 50 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، روھىي ھالىتىدىن بىر خىل ئۈمىدۋارلىقنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ يەنە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ ئىسمى گۈلى بولۇپ، بۇ ھويلىدىكى چوڭ- كىچىك ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۈگۈن ئىشتىن ھېرىپ كېلىپ پۇتۇمغا ئېسىلىپ يۈرگەن بالامنى بەزلەپ تاماق ئېتىشنىڭ كويىدا يۈرگىنىمدە ئىشىك قوڭقۇرىقى جىرىڭلىدى. ئىشىكنى ئاچسام بىر قاچىدا تاماق كۆتۈرۈۋالغان گۈلى ھەدە كۈلۈپ تۇراتتى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
− ۋىيەي ئۇكام ئەمدى بولغاندا تامىقىڭىز قاچان پىشىدۇ؟ قارىسام بەك ئالدىراش ئىكەنسىز، بۇنى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ،- ئۇ شۇنداق دېگەچ قاچىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)( N3 v1 o; q2 \+ U ئىيۇل ئېيىنىڭ چىڭقى چۈش مەزگىلى، ھەممىلا يەر تونۇردەك قىزىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئارام ئېلىۋاتقان بولسا كېرەك، ھويلىنىڭ ئىچى جىمجىت ئىدى. مەن، ھويلىدىكى ئۆرۈك دەرىخى ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پەمىدۇر يېيىۋاتقان گۈلى ھەدىنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز توختاپ قالدىم.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
− ھەدە، بۇ ئىسسىقتا نېمە قىلىۋاتسىز؟
(http://bbs.oylirim.cn)( @. N5 ?8 b" j& F% h8 n7 o3 w − ھە سىزمىدىڭىز؟ دېدى ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ، سىزمۇ بىلىسىز، يۇقىرى قەۋەتتىكى موماي ئۆيىدە يالغۇز. ئۇ بۈگۈن يېزىدىكى تۇغقانلىرىمىز ئەكەپتۇ دەپ پەمىدۇر يايغىلى تۇرۇپتكەن. ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بېرىۋاتىمەن. ئۇ شۇنداق دېگەچ ئالدىدىكى پەشتاما بىلەن پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى. ھەي، ئەتراپىمىزدا يەنىلا ئاق كۆڭۈل كىشىلەر كۆپ جۇمۇ دېدىم ئىچىمدە...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۈگۈن يەكشەنبە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىل بولغاچقا، قىزىم ئىككىمىز بىرلىكتە ئۆيلەرنى رەتلىگەچ كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىر يەشىككە قاچىلىدۇق.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆيلەرنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن قىزىم ئەخلەتلەرنى سىرتقا تاشلىۋېتىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. لېكىن ھايال ئۆتمەيلا قايتىپ كىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئاپا، ئۈستىمىزدىكى ھېلىقى ئاپاش ھېلىقى كۈنىمۇ ئەخلەت تۆككىلى چىقىپ كېتىۋاتسام خالتا ئىچىدىكى بوتۇلكىنى كۆرۈپ تاشلىماسلىقىمنى، بۇ بوتۇلكىلارنى يىغىپ ساتسا بولىدىغانلىقنى ئېيتىپ، پەلەمپەي ئاستىدىكى خالتىغا سالغۇزۇپ قويغانىدى. بۈگۈنمۇ بايامقى يەشىكنى كۆرۈپ: «قىزىم بۇنىڭ ئىچىدە كېرەكىسز قەغەز پارچىلىرى كۆپكەن، يىغىپ ساتسىڭىز ئاندىن ئاتا- ئانىڭىزنىڭ پۇلنى قانداق تېپىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىسىز، دەپ ماڭا كېرەكسىز قەغەزلەرنى ئايرىپ بېرىدىغان بولۇپ ئېلىپ قالدى. نېمە جاپا دەيمەن ئۇ ئاپاشقا، قارىسام دەرۋازىۋەنگە ياردەملىشىپ ھويلىدىكى چۆپلەرنى يۇلۇشۇپ ھېچ ھالى قالماپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىزىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)" F9 |- }1 ]% Z- }7 \$ x, e9 f- u − قىزىم، گۈلى ئاپىڭىز توغرا دەيدۇ. ئۇ ئويلىغان ئشلارنى مەنمۇ ئويلىماپتىمەن. تېجەشلىك بولۇشنى ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىز، باشقىلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن خالاپ ياردەم قىلىشمىز كېرەك... شۇنداق قىلىپ بۇ چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان گۈلى ھەدىدىن خېلى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)6 T- X8 L" N/ \ ئەتىياز پەسلى كېلىۋېدى، ئۇ بىنانىڭ ئارقىسىدىكى بوش يەرگە كۆكتاتلارنى تېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يالغۇز جېنىڭىزغا نېمانچە جاپا چىكىسىز دېگۈچىلەرگە ئۇ نېمە دېدى دېمەمسىز؟ مەن بۇنى ئۆزۈملا يەيدىغانغا ئەمەس، كۆپچىلىك بىلەن بىللە يېيىش ئۈچۈن تېرىۋاتىمەن. بازاردا كۆكتات كۆپ بولغان بىلەن، خىمىيەۋى ئوغۇت سالمىغان كۆكتاتنى تاپماق تەس.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھەقىقەتەنمۇ ئۈلگىنىڭ رولى چوڭ ئىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. مانا گۈلى ھەدە بۇ ھويلىغا كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان ئىلگىرى بىر - بىرىنى كۆرسە ئارانلا ئېغىزىنى مىدىرلىتىدىغان ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغانلارمۇ قىزغىن ئەھۋاللىشىدىغان، بىرەرسى ئاغرىپ قالسا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى.
(http://bbs.oylirim.cn)9 z' e# ]3 I5 U+ V% t6 ^ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنى كۆرمىدىم. ھەر ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ئەھۋال سوراپ چىقاي دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، ئۇ بىر مۇنچە كىيىملەرنى رەتلەۋاتقانىكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
− قاراڭ ئۇكام، بۇلار دوست- بۇرادەر، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بەرگەن كىيىملەر، قارىسىڭىز ھەممىسى يېڭى. ھازىر بۇرۇنقىدەك بىرىنىڭكىنى يەنە بىرى كىيىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن يېپيېڭى كىيىملەر كىيىلمەيدىكەن، لېكىن بىز بىلمەيدىغان، تونۇمايدىغان، مانا مۇشۇنداق كىيىم - كېچەكلەرگىمۇ ھاجەتمەن كىشىلەر نۇرغۇن. شۇڭا بۇ كىيىملەرنى يىغىپ يۇيۇپ ناھىيەمىزنىڭ ھەر قايسى يېزا - كەنتلىرىدىكى مېھرىبان ئانىلارغا يەتكۈزۈپ بېرەي دەيمەن، - دېدى ماڭا چۈشەندۈرۈپ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
− گۈلى ھەدە، ئۇنداقتا سىز ئاشۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ باشلامچىسى ئىكەنسىزدە؟ مەنمۇ قوشۇلاي، يەنە قانداق ئىشلار بار مەن ياردەملىشىدىغان، - دېدىم ئۇنىڭغا قايىللىق نەزەرىم بىلەن تىكىلىپ. باشقا ئىشمۇ يوق. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا بۈگۈن ئىككىمىز بۇ كىيىملەرنى يوقسۇللارغا يەتكۈزۈپ بېرەيلى. مانا شۇنداق قىلىپ گۈلى ھەدەمنىڭ ۋاستىسى بىلەن مەنمۇ بىر ساخاۋەتچى مېھرىبان ئانا بولۇپ قالدىم.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
گۈلى ھەدەم يەنىلا شۇنداق ئالدىراش يۈرەتتى. بەزىدە ئۇنى سۈت ئالغىلى ماڭغان ھالەتتە ئۇچراتسىڭىز، ئۇنىڭ قولدا بىر ئەمەس، بىر نەچچە سۈت قاچىسىنى كۆرىسىز. بەزىدە ئۇنى ھويلىدىكى كىچىك بالىلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىۋاتقان ھالەتتە كۆرسىڭىز، يەنە بەزىدە ھويلىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇشال مۇڭدىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرەتتىڭىز. مانا بۇ بىزنىڭ يېڭى قوشنىمز گۈلى ھەدەم. توغرا، ئۇ ئەمدى يېڭى ئەمەس، ئۇ كەلگىلىمۇ بىر يىل بولۇپ قاپتۇ. لېكىن ئۇ بۇ بىر يىلدا بىزنىڭ بۇ ھويلىغا تولىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.